查看完整版本: [-- لۇغەتتىن تەرمىلەر(7) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> لۇغەتتىن تەرمىلەر(7) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2013-06-25 13:08

لۇغەتتىن تەرمىلەر(7)

لۇغەتتىن تەرمىلەر(7) /4|qfF3  
چاپتىكەش(دىئال)_ شوخ، كەپسىز. چاپچا(دىئال)_ ئارا. چاپراس_ ئوڭ- سولغا ۋە ئۇزۇن-قىسقىغا كېسىشكەن؛ چەمبەرچاس. چاپسا(دىئال)_ كىچىك كۈرەك. چاپى1(پ)_ نەشىر. چاپى2(دىئال)_ شادىلىق كەڭ كارىۋات. چاتىر(دىئال)_ نۆشۈدۈر. چاچاق(دىئال)_ ئوت-چۆپلەرنىڭ پاكار ھەم شالاڭ ئۆسكەن جايى. چاچقۇن_①چېچىلغان، چېچىلڭغۇ، تارقاق. ②ئاسان ئاچچىقى كېلىدىغان ،چېچىلاڭغۇ؛ تېرىككەك، سەپرا. چاچقىرىق(دىئال)_ كالىنىڭ بويۇن قىسمىدىكى قاتتىق سىڭىر. چاچۋان_ئاياللار يۈزىگە تارتىدىغان توقۇلما نىقاب؛ چۈمپەردە. چار4(دىئال)_ئەيىب، ئېۋەن، ئالىلىق. چارا_ يۇمۇلاق، چۆچەكتىن چوڭراق، چوڭقۇر ياغاچ قاچا. چار3(رۇسچە)_ ئېمپېراتۇر(چارپادىشاھ_ رۇسىيە بىلەن بۇلغارىيىنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھى). چارپاي(پ)_ چارۋا. چاقىماق(دىئال)_ زېرىكمەك، تويماق،ۋاز كەچمەك. چاكسا(دىئال)_ بىر جىڭ ئېغىرلىققا تەڭ ئۆلچەم بىرلىكى . چامبۇل_بىر يېرى ئاق، بىر يېرى قارا، ئالا. چامچا(دىئال)- ئەرەنچە كۆڭلەك. چاناچ_ تېرە خالتا؛ تورسۇق، يۇلۇم. چاۋكا(دىئال)- ساغرىسى چىپار ئات. چايدام(دىئال)_ چۆللەردە سۇ يىغىلىپ قالىدىغان كۆلچەكلەر. چايشاپ(پ)_ كىرلىك. چەتنو_ ئامبۇرنىڭ بىر تۇرى. چەرچىن_ئۇششاق-چۈششەك. چەل(دىئال)- نەم، ھۆل. چەمپەن_ چاققان، كەپسىز؛ زېرەك، ھوشيار. چەندان(پ)_ ناھايىتى، ئىنتايىن، بەك، كۆپ. چوتار_سىلىقلانغان ماتا. چوتۇر_ پىلان، مەقسەت. چۆپچۈل_ئاددىي، قاتتىق-قۇرۇق،غورىگىل. چېتىر_تۆگىنىڭ ئۈچ يىللىق بولغان بالىسى.  چىشىمەل_①تۇغۇلۇپ 3-يىلىغا قەدەم قويغان كالا. ②يېشىغا توشمىغان چارۋا بالىسى. چىغىر2_ئىچىملىك؛ ھاراق-شاراپ. چىگرىن_ پىششىقلانغان خۇرۇم. چىندان(دىئال)_ساندەل. R\<^A~(Gl  
داۋامى: << خ >> دىن بېرىلىدۇ. =$m|M m[a  
مەنبە: <<ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>>(بىر قىسىملىق) 3y@'p(}Az  

ئايبىكە 2013-06-26 09:04
مائارىپ سىپىمىزدىكى باغۋەنلىرىمىز گە پايدىلىنىش قىممىتى بار يازما ئىكەن.قۇلىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن.

ئەكبەرنىياز 2013-06-30 10:00
ئىزچىللىقىڭىزغا ، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن تىلداش ! سىزنىڭ ئىسىل سوۋغىلىرىڭىزدىن مۇنبەر سۆيۈنىدۇ !!!


查看完整版本: [-- لۇغەتتىن تەرمىلەر(7) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled