查看完整版本: [-- يېڭى دەرسلىك تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نېمىلەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئوقوتوش ۋە ئىزدىنىش -> يېڭى دەرسلىك تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نېمىلەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-24 18:54

يېڭى دەرسلىك تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نېمىلەر

يېڭى دەرسلىك تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتمەكتە wI5(`_l{G  
21-ئەسىردىكى پەن-تېخنىكىنڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى ۋە ئىقسادنىڭ يەر شارىلىشىش خىرسىسى ئالدىدا جەمىئىيىتىمىز ياشلارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئۇنۋىرسال قابىلىيەتكە ئىگە كىشلەردىن بولۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. جەمىيىتىمىزنىڭ پۇقرالاردىن كۈتكەن بۇ تەلىپى تىل-ئەدەبيات ئوقۇتۇشنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلىگىنى تۇنۇتتى. شۇنىڭ بىلەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش دەۋرىنىڭ تەلىپىگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاراكتىرىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلدى. يېڭى دەرسلىكنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. o[aP+O Md  
يېڭى دەرسلىكنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ھەم ئونۋىرساللىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرتەرەپلىمە ئۆسۈپ يىتىلىشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. @?n~v^  
ئىلگىركى تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدە نەزىرىيىۋى بىلىملەر ئالدىدا ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك مىساللار كەينىدە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىنى سېستىمىلىق چۈشۈنۈۋېلىشى ئاسانراق ئىدى، ھەمدە ئۇيغۇرتىلى ھەپتىدە ئىككى سائەت ئۆتۈلگەچكە ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلى توغرىسىدىمۇ مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلغىلى بۇلاتتى. بىراق بۇ دەرسلىكلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئونۋىرسال ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە دەۋرگە ماسلىشىشتا يەنىلا مەلۇم يىتەرسىزلىكلەر مەۋجۈت بولغاچقا دەرسلىكلەر ئۆزگەرتىلدى. RRb>]oD  
ئۇنداقتا ئۆزگەرگەن دەرسلىك بىزدىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. FrsXLUY  
1)تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى دەرس مۇنبىرىدە گاھىدا بىر ئارتىس گاھىدابىر رىجىسورغا ئوخشاش رول ئوينىشى كېرەك. چۈنكى تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى «مەشرەپ»،«نۇرۇزنامە»،«گۈل نىمىشقا قىزىل»،«ۋەتەن رىشتىسى»،«غۇنچەم»،«غېرىپ-سەنەم›› قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتۈش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى چوقۇم ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتالايدىغان، ھەرخىل ئاۋازلارنى ماس ھالدا دوراپ ئوقۇيالايدىغان شۇنداقلا يۇقارقى دەرسلەرگە تەلەپ بويىچە مۇۋاپىق سورۇن ھازىرلاپ ئوقۇغۇچىلارنى شۇ دەرستىكى شۇ ئىش پائالىيەتنى بىۋاستە قىلدۇرۇش، ئۇرۇنلىتىش ئارقىلىق شۇ خىل مۇھىتقا باشلاپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئۇستا رېجىسور بولۇش تولىمۇ مۇھىم. 'F%h]4|1  
2) دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى يىتەكچى ئۇرۇندا ئوقۇغۇچى ئاساسىي ئۇرۇندا، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بۇلۇش ھەم ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە سەل قارىماسلىق كېرەك. + 
يەنى يېڭى دەرسلىكتىكى «نان»، «قاشتېشىغا مەدھىيە»، «دوستلۇق ھەققىدە»، «خامېليون»، «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» دېگەن تېكىستلەردە ئوقۇتقۇچى ئازراقلا يول كۆرسىتىپ يىتەكچىلىك قىلسا بۇ دەرسلەردىكى نۇرغۇن مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزلىكىدىنلا ئوقۇغۇچىلار ھەل قىلالايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئۆزىگىلا تايانماي ئوقۇغۇچىلارغا بىر قىسىم سۇئاللار ئاساسىدا ئالدىن تەييارلىق قىلىپ كېلىش ئۈچۈن تاپشۇرسا ياكى گۇرۇپپىلارغا ھەم، ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا ئىزدىنىپ كىلىشكە بۇيرۇپ ئۇلارنىڭ سەللا تىرىشسا، ئىزدەنسە چوقۇم ياخشى جاۋاپلارنى تاپالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ھەم تەڭ ئىزدىنىپ كېلەيلى، سىلەر قانداقراق قارايسىلەر، ئاراڭلاردا مەندىنمۇ ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇدىغانلار بار دىگەنگە ئوخشاش ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ئاساسىدا ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش كېرەك. چۈنكى تۇلۇقسىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسىياتى تۇراقسىز، غۇرۇرى كۈچلۈك، قىزىقىشى كۆپ خىل بولغاچقا باشقىلارنىڭ زەربىسىنى  ھەم سوغۇق مۇئامىلىسىنى ئاسان قۇبۇل قىللالمايدىغان قانچىكى ماختىسا، رىغبەتلەندۈرسە شۇنچە ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ھەم ئىزدىنىپ ئۈگىنىدىغان بولغاچقا  بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى، ئەدەبىياتنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھەل قىلالىغۇدەك مەسىلىلەرنى ئۆزلىرىگە ھەل قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭمۇ بوش ئەمەسلىكىنى تەبئي تۇنۇتۇپ باشقا پەنلەرنىمۇ ياخشى ئۈگۈنۈشكە ئاساس سېلىشقا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. a"{b}UP  
3) ئوقۇتقۇچى ئۆزىدە گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى تۇلۇق يىتىلدۈرگەن ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش كېرەك. d" =)=hm!  
چۈنكى تىل-ئەدەبىيات ئوبراز ئارقىلىق ئىجتىمائى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈدىغان ئاڭ فورماتىيەسى بولغاچقا ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇشتا      قانداق ئادەم بۇلۇش، قانداق ياشاش، كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئاتا-ئانىسىنى،چوڭلارنى قانداق ھۆرمەتلەش،ئۆزىدەقانداق ئىسىل-ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئۈگۈتىدۇ، شۇنداق بولغان ئىكەن بۇ بىلىملەرنى يەتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي بولغان ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئۆزىدە كىيىنىش، گەپ-سۆز، ئەدەپ-ئەخلاق، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈش، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش، ئۆرۈپ-ئادەت، قائىدە-يۇسۇن قاتارلىق بىر قاتار جەھەتلەردە ئۈلگە بولغان ئاساستا دەرسكە كىرىشىپ كېتىش كېرەك. يەنى يېڭى دەرسلىكتىكى«دوستلۇق ھەققىدە»،«دېرىزە»، «ئادەمنىڭ ئالىيجانابلىقى ئۇنىڭ روھىيىتىدە»، «پەزىلەتلىك شەھەر باشلىقىنىڭ سۈپەتلىرى»،«ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلەشنىڭ زۆرۈرلىگى» قاتارلىق دەرسلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم ياشاش جەريانىدا ئۆزىدە قانداق پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىگىنى باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، ھەقىقى دوستلۇق قانداق بولىدۇ؟ ئۇنى قانداق قەدىرلەش، ۋاپادار بولۇش، ئادەمنىڭ قانداقلىقى، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىدە بولماستىن بەلكى قەلبىدە، ئىچكى دۇنياسىدا بولىدىغانلىقى ئادەم بولغان ئىكەن ئۇ رىئاللىقتا قانداق ياشىغاندا ھەقىقى ئادەمدەك ياشىغىلى بولىدىغانلىقىدەك بىر قاتار ئەخلاقى پەزىلەتلەر تەكىتلەنگەن، ئادەم بۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈگۈتۈلگەن بۇ ئەسەرلەرنى ئۆتۈشتە ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالدى بىلەن ئۈلگە بولۇپ دەرسكە كىرىشكەندە ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. rMoz+{1A  
4. ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكار ئۆتكۈزمەي كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياخشى ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. $3S`A]xO  
چۈنكى ئۆزگەرگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىگىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەم بىر قىسىم تېكىستلەرنى ئۆتۈشتە بىز تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ھەقىقەتەن قىينىلىۋاتىمىز. ھەتتا بەزى دەرسلەرنى  ئۆتۈشتە ھەم بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئالدىن بىر ھەپتە، بىر ئاي،ھەتتا بىر مەۋسۈم تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەرنى بىر قانچە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بىر يەرگە كېلىپ يەكۈن چىقىرىش، پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن سوراش ئاساسىدا ھەل قىلىمىز. يەنى دەرسلىكتىكى «پولات قانداق تاۋلاندى» ناملىق روماندىن پارچىنى ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم دۇنياۋى نادىر ئەسەر، سابىق سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ يازغۇچىسى ئوستوروۋېسكىنىڭ «پولات قانداق تاۋلاندى» ناملىق رومانىنى «ئانا يۇرت» رومانىدىن ئېلىنغان پارچىنى ئۆتۈش ئۈچۈن ئاتاقلىق يازغۇچى زوردون سابىرنىڭ ئۈچ قىسىم رومانى« كەلىلە ۋە دىمىنە»، «تومسېيىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى» «سۇ بويىدا» قاتارلىق رومانلاردىن ئېلىنغان پارچىلارنى ئۆتۈشتىمۇ چوقۇم مۇناسىۋەتلىك رومانلارنى ئالدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئوقۇپ مەزمۇنىنى ئىگەللەش بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپ بۇ ئارقىلىق شۇ دەرسكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ۋە سۇئاللارنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈلدىكىدەك ئەتراپلىق يەتكۈزۈش تەلىپىگە يېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇغۇچىلارنىمۇ يۇقارقى ئەسەرلەرنى ئالدىن ئوقۇپ كىلىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى كەلگۈسىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن، كىچىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. شۇڭا مەشھۇر كىشىلەرنىڭ پۈتۈن-پۈتۈن رومانلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق، بىلىم جۇغلانمىسىنى ئاشۇرۇپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ تۇلىمۇ زۈرۈرلىگىنى تۇنۇتۇپ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تەبىئى ھالدا كىتاپ ئوقۇشقا يىتەكلەشكە ئەھمىيەت  كېرەك. F@KtRUxE  
5. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدىكى ئىككىنچى ئاتا-ئانلىق رولىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك. I%jlM0ZUI"  
ئوقۇغۇچىلار مەيلى ئائىلىدە ياكى مەكتەپتە بولسۇن ئاتا-ئانىسىغا قارىغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىنى مۇھىم بىلىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن ئوقۇتقۇچى بىلىم بەرگەندىن باشقا يەنى تىل- ئەدەبىيات دەرسلىگىدىكى «ئانا»، «بالا مېھرى»، «مېنىڭ ئاكام»، «كەچكۈزدىكى غېرىپلىق» قاتارلىق دەرسلەرە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا ئاتا-ئانىنىڭ قەدرىگە يېتىش، ھۆرمەتلەش، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ھەقىقى ئادا قىلىش، ئۇلارنىڭ تارتقان جاپاسىنى چۈشۈنۈپ يىتىش، ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر ئۆمۈر پەرزەنت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغانلىقى، پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانا ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى ھەم مەجبۇرىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى پەرزەنتلەر ھەرقانچە قىلساقمۇ بىز يەنىلا قەرىزدار ئىكەنلىكىمىزنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەر ئىكەنلىگىنى شۇڭا ئۇلارنى قەدىرلەش، ھالىغا يىتىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ھەم شۇنداقلا بىر تۇققانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى بىر تۇققانلار بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، ھالىغا يېتىش، ياردەم بىرىش، قىينچىلىققا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چوقۇم قېرىنداشلىق مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلىش لازىملىقى توغرىسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار، كۆيۈمچان، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، قېرىنداشلىق مېھرى-مۇھەببىتى كۈچلۈك، شەرمى-ھايالىق بۇلۇپ تەربىيلەش مەخسىتىگە يىتەلەيمىز. جەمىيىتىمىز ھازىر ئەخلاقى تەربىيەنى ئاساسى ئۇرۇنغا قۇيۇپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگۈسىدە جەمىيەتكە ياراملىق، غۇرۇرلۇق،ئىقتىساسلىق ئىزباسارلارنىڭ      كۆپلەپ چىقىشىدىن ئۈمۈد كۈتكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەربىيلىنىشكە خۇددى ئاتا- ئانىسىغا ئوخشاش پوزۇتسىيەدە بولۇپ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. .IsOU  
6) تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى يېزىقچىلىق دەرسلىرى ۋە ئونۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. wkY$J\J  
چۈنكى يېزىقچىلىق دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ مۇستەققىل پىكىر قىلىش، تەپەككۇر قىلىش، ئىزدىنىش، ئۈگۈنۈش، تەتبىقلاش، مەسىلىلەرگە باھا بىرىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ. ئەدەبىيات دەرسلىگىدىكى «قىسقا خەۋەر يېزىش»، «تۇنۇش شەيئىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى يېزىش » ئۆزى ئۇچرىغان ۋەقەلىكلەرنى تاللاپ ماقالە يازدۇرۇش ھەم قايسىڭلار تېز، قىزىقارلىق قىسقا ھېكايىلەرنى سۆزلەپ باقىسىلەر، سىلەر ھاياتىڭلاردا پۇشايمان قىلغان ۋاقىتلىرىڭلار بارمۇ؟ مەڭگۈل ئىسىڭلاردىن چىقمىغۇدەك ئىشلارنى بېشىڭلاردىن ئۆتكۈزگەنمۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن بولغان مەزمۇنلارنى تاللاپ يېزىقچىلىق تاپشۇرۇقىنى بىرىش، بەرگەندىمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ياخشى يازغان جايلار بىلەن يىتەرسىزلىكلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىش ھەم رىغبەتلەندۈرۈش سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئىتقدارىنىڭ ئۆسۈشىگە ئاساس سېلىش ھەم ئونۋىرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەم ئەمىلىيەتچانلىق ئالاھىدىلىگىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىقمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە بىلىمىنىڭ جۇغلىنىشىغا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. s w50lId  
7) يۇقارقىلاردىن باشقا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بىز ئۆزگەرگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرۈش تەلىپىنى ئۇرۇندىيالمايمىز.ھەم شۇنداقلا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش، دەرسخانا تىلىنىڭ يۇمۇرلۇق، چۈشۈنۈشلۈك، ئاممىباب، ئوبرازلىق توغرا بۇلۇشى، ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇرتىلىدا پىششىق بىلىمگە، مۇكەممەل ئەدەبىيات نەزىرىىيىسى، يېزىقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆزىمىزدە ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە ماتېماتىكا، فىزىكا، خېمىيە، جۇغراپىيە، تارىخ، بىئولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم بىلىملەر بىلەنمۇ تۇنۇش بۇلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. دىمەك بىزنىڭ ئونۋىرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈش ھازىرقى يېڭى دەرسلىكنىڭ بىزدىن كۈتكەن تەلىۋىدۇر. xxG>Leml  
دىمەك، تىل-ئەدەبىيات ساپاسى ئونۋىرساللىققا ئىگە بولغاچقا، تىل –قابىلىيىتى، ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش قابىلىيىتى، تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي يەنە ئەخلاق، ئىستېتىك، زوقلىنىش، ئىندوۋۇداللىق بىلەن كىشىلىك قىممەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار تىل-ئەدەبىيات ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ئاساسى تىل-ئەدەبىيات ساپاسىغا ئىرىشكەندىلا باشقا پەنلەرنى ئۈگۈنۈشكە مۇستەھكەم ئاساس سېلىپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سالالايدۇ. U^Iq]L   
لېكىن،شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ۋە ئىمتاھان تۈزۈمىدە تىل-ئەدەبىيات دەرسىنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مۇھىم ئورنى تېخى ھەقىقەتەن ئەمىلىلەشكىنى يوق. بىرقىسىم ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئوڭاي، ماتېماتىكا دەرسىدىن قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئەمما تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە بىر نەچچە سائەت قاتناشمىساقمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق دەيدىغان قاراش ھېلىمۇ مەۋجۈت. مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولىشىچە، نۆۋەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەل تىلىنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان ۋاقتى، تىل-ئەدەبىيات ئۈگۈنۈش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىتتىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. جۇڭگۇدا تىل-ئەدەبىيات، سەل قارىلىدىغان، ئىسمى بار جىسمى يوق، ئوقۇغۇچىلار بىزارلىق ھېس قىلىدىغان دەرسكە ئايلىنىپ قالغان. ئەلۋەتتە، مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي مۇھىتتا تىل-ئەدەبىيات دەرسى قانداقمۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرالىسۇن؟بۇ مەسىلە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىشى كېرەك. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا تىل-ئەدەبىيات مەسىلىسى مائارىپ مەسىلىسى بۇلۇپلا قالماي يەنە پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە تىگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر. جەمىيەتتىكى بارلىق كىشىلەر بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلسە ۋە ھەل قىلسا، ئۇنىڭدىن كېيىن تىل-ئەدەبىيات ئىسلاھاتىدا ئۈمۈد بولىدۇ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىدە ئۈمد بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە تېخىمۇ ئېغىر ۋە مۈشكۈل. شۇڭا ئۆزىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ?[.g~DK,  
{5SJ0'.B2g  

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-26 21:19
دوستۇمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يوللاپ قويدۇم،پايدىلانغۇدەك تەرەپلىرى بارمىكىن،تاڭ؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-30 09:13
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ماقالىكەن ، ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت !!! مۇمكىن بولسا دوستىڭىزنىمۇ بۇ مۇنبەر قىزغىن قارشى ئالىدۇ ، ئويلىشىپ باقارسىز !!!

تەشنا005 2013-07-23 00:11
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ماقالىكەن .

ئايبىكە 2013-07-23 00:13
ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۈن.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-23 21:57
ياخشى باھالىرىڭلارغا رەخمەت.

نۇرى 2014-01-20 21:10
ئۆرنە ك قىلىشقا بولىدىغان تەرەپلەر كۆپكەن.

مىېھرىما 2014-01-20 21:25
پايدىلىنىش قىممىتى باركەن رەھمەت.

بابۇر0725 2014-02-19 19:56
ھەقىيقەتەن مۇكەممەل تەھلىل يۇرگۈزۈلگەن ماقالىكەن شۇغۇنىسى شۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى بارلار قانچىلىكتۇرھە؟


查看完整版本: [-- يېڭى دەرسلىك تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نېمىلەر --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled