ئەنۋەرچەرچەن |
2013-06-24 18:44 |
بىلىم ئىگىلىكى بىلەن مائارىپ مۇناسىۋىتى (ئەنۋەرچەرچەن)
بىلىم ئىگىلىكى بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا $KiCs]I+ چەرچەن ناھىيىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ .+9hm| ئەنۋەر تۇرسۇن 2/LSB8n| دۇنيا ئىقتىساد ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ھۆججىتىدە ئامىرىكا زوڭتۇڭى دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىش دوكلادى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا تۇنجى قېتىم «بىلىم ئىگىلىكى»دىگەن ئوقۇم قوللانغاندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بىلىم ئىگىلىكى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ،بىلىمنى ئاساس قىلغان يېڭى ئېگىلىك ھەققىدە تەتقىقات،ئىزدىنىش،مۇھاكىمىلەر كەڭ قانات يايدى.نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار 21-ئەسىرنى بىلىم ئىگىلىكى ئەسىرى،بىلىم ئىگىلىكىنى 21-ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئوقۇم دەپ ھېساپلىدى. U0~_'&Fe مەن بۇ ماقالىدە بىلىم ئىگىلىكى ئوقۇمى،ھازىرقى زامان مائارىپى توغرىسىدا نۇقتىلىق توختۇلۇپ،بىلىم ئىگىلىكى ۋە مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ بىرقاتار كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. 3Vb4z
Zsl بىلىم ئىگىلىكى ئوقۇمى 8+zW:0"[ بىلىم ۋە بىلىم ئىگىلىكى ئوقۇمى توغرىسىدا دۆلەت ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئومۇميۈزلىك قوبۇل قىلدى.بىلىم ئىگىلىكى بىلىم ۋە ئۇچۇرنى ئىشلەپچىقىرىش ،تەقسىم قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئاساسىغا ئورنىتىلغان ئىگىلىكنى كۆرسىتىدۇ. D'"
T'@ بايلىق يارىتىدىغان بارلىق ئامىل ئىچىدە بىلىم ئەڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بولۇپ،باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرى بىلىمگە تايىنىپ يېڭىلىنىدۇ،بىلىمگە تايىنىپ قوراللىنىدۇ.شۇڭا بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدىكى بىلىمدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىنى يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتى ،سانائەت ئىگىلىكى جەئىيىتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئامىلىغا سېلىشتۇرغاندا ،ئۇ،چەكسىزلىكى،يېڭىلىنىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى ۋە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىشچانلىقى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. XH%L] بىلىم ئىگىلىكى كۆپ ھاللاردا ئۇچۇر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنى ئۇچۇر دەۋرى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. L$ZjMJ مائارىپ كەسپى ،پەن-تېخنىكا كەسپى،ئۇچۇر كەسپىدىن ھاسىل بولغان ئەقلىي كۈچ كەسپى (بىلىم كەسپى)جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي كەسپى بولۇپ قالدۇ،بىلىم ئاساسلىق ئىستىمال بۇيۇمىغا ئايلىنىدۇ.بىلىم ئىگىلىكى دەۋرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بىلىم ۋە كەشپىياتنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا قارىغاندا پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكى ۋە ئونۋېرسال دۆلەت كۈچىگە قوشىدىغان تۆھپىسى بارغانسېرى زورىيىپ بارىدۇ. h3ygL" k بىلىم ئىگىلىك بىلىمنى ئاساس قىلىدىغان ئىگىلىك بولغانلىقى ئۈچۈن،مائارىپ ۋە ئۆگىنىش قىلىش ئۇنىڭ ئۇل قورۇلىشىغا ئايلىنىدۇ.شۇڭا ئۆۈمۈرلىك مائارىپ ،ساپا مائارىپى ،ھەممە باپ مائارىپىنى ئاساس بەلگە قىلغان ئومۇميۈزلىك مائارىپ بىلىم ئىگىلىكىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.ئۆگىنىش قىلىش شەخسلەر ياكى تەشكىلاتلارنىڭ تەرەققىقىلىشىدىكى زۆرۈر ھەم ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە بولغان چوڭقۇر تەسىرى گەۋدىلىك ھالدا بىرقانچە جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. ,6)N. ئۇچۇر ۋە بىلىم بازار رىقابىتىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى بولۇپ،ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىۋاستە بايلىققا ئايلاندى. }V?m
=y [ ئىنسانىيەت 21-ئەسىرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىلىم ،تېخنىكا ۋە ئۇچۇرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بولغان تۆھپىسى بارغانسېرى زورىيىپ،ئىقتىساد ۋە ئىقتىمائىي تەرەقىياتنىڭ مۇھىم ھالقىسىغا ئايلاندى.21-ئەسىر پۇرسەت بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ،ئۈمىد بىلەن كىرزىس گىرەلىشىپ كەتكەن دەۋر.كۈنسىرى تەرەققى قىلىۋاتقان بۇ جەمىئىيەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى ئالدىن مۆلچەرلەش يەنىلا مۈشكۈل،ئەمما بىر نۇقتا گۇمان قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئايدىڭ،ئۇ بولسىمۇ كەلگۈسىدىكى بارلىق ئىشلار كەلگۈسى ئەۋلادلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ قانداق بولىشى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ قانداق تەربىيىلىنىشىگە باغلىق.كىم ياشلارنى قولغا كەلتۈرەلىسە كەلگۈسى شۇنىڭغا مەنسۇپ،مانا بۇ مۇتلەق ھەقىقەت .دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇنياۋى خىرىس ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرگە قارىتا مۇنداق ئورتاق تونۇشقا كەلدى ،بارلىق پۇقرالارنىڭ ئەقىل پاراسىتى دۆلەت ھەتتا دۇنيانىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلار بايلىقنى بەلگىلەيدۇ.نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئىنسانلار مەدەنىيەت تارىخى بىزگە شۇنى جاكارلايدۇكى:مائارىپ گۈللەنسە ئىنسانلار روناق تاپىدۇ ،مائارىپ ئىنسانلارنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا ھېچقانداق نەرسىنى ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان ھەل قىلغۇچ رولغا ئىگە.ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۈزلۈكسىزلىكى ئۇنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھەم مەڭگۈلۈك تېمىغا ئايلاندۇردى. دۇنيا ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ،ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئىلگىركى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېز.دىمۇكىراتىيىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشى يېڭى ھەم مۇھىم سىيياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىايتى ئۈچۈن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېڭى پۇرسەتلەرنى بېرىۋاتىدۇ.مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ،نوپۇسنىڭ جىددىي كۆپىيىشى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئېغىر مەسىلىگە ئايلاندى.ئىقتىسادنىڭ توختاپ قېلىشى ،باي ۋە كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىشى ،چوڭىيىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولىشى ئادەمنى چۆچىتىدۇ.ئىنسانىەيتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا پايدىلىق بولغان دۇنيا قاراش ۋە قىممەت قارىشى تىكلەپ،پەن-تېخنىكىنى توغرا ئىگىلەپ ۋە توغرا قوللىنىپ،ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. oV|O`n 21 -ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ پەيتلەردە كىشىلەر ئىنسانىيەت جەئىيىتى تەرەقىياتىنىڭ مائارىپقا قانداق يېڭى تەلەپلەرنى قويىدىغانلىقىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىۋاتىدۇ. w:&""'E كەلگۈسى جەمىئيەت قانداق مائارىپقا مۇھتاج؟ |;ztK[( ئىقتىساد ،تەبئىي مۇھىت ۋە جەمىئيەتنىڭ ئۆزگىرىشى كۈنسىرى تېز بولىۋاتقان ھەم جىددىي ھالەت كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان ،دۇنيا مۇھىتى مائارىپنىڭ رولى ۋە مائارىپ سېستىمىسىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ L^J4wYFTO ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىساد،مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئاساسەن ھازىرقى مائارىپ تۈزۈلمىسىدە قانداق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر؟ +8Xjk\Hi بۇلار كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىۋارىنى قوزغايدىغان ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان قىزىق مەسىلە بولۇپ قالدى.بۇنىڭدىكى مەقسەت كەلگۈسى جەمىئيەتكە لايىق كېلىدىغان مائارىپ لاھىيسىنى تۈزۈپ چىقىپ،دۇنيا مائارىپ تەتقىقاتى دۇچ كەلگەن ئاساسىي مەسىلىلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىش، بۇ جەمئىيەتنى يۈكسەك مەدەنىيەت دۇنياسىغا ئېلىپ كىرىشتىن ئىبارەت. z.vQ
1~s ئىشلەپچىقىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشى ئىدىلوگىيە كاتىگورىيىسىدىكى پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.شۇڭا دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر جۈملىدىن ئېلىمىزمۇ مائارىپ خىزمىتىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ^y+k6bE بۇنىڭ كونكىرت ئىپادىسى پۈتكۈل جەمىئيەت كۆڭۈل بۆلۈشكە ،چۈشىنىشككە ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بىرقىسىم پىرىنسىپلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇ. mm/\\my 1. مائارىپنى ھەقىقىي تۈردە ھەممىدىن ئاۋال تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئىستىراتىگىيىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. M2$/x`\-~ 2. مائارىپ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي قىممەت قىممەت ئۆلچىمىنى ئۆگىنىش ۋە تەربىيىلىنىش ئاساسىي مەقسەت،شەخسنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق نىشانى .ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى تەشەببۇس قىلىشىغا ۋە ئىزدىنىشىگە تېگىشلىك پۇرسىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ot0teNF 3. مائارىپ مەيلى مۇنتىزىم مائارىپ ياكى غەيرىي مۇنتىزىم مائارىپ بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئوقۇش ئېلىپ بېرىش يولى بىلەن ئومۇميۈزلىك بىلىم تارقىتىدىغان جەمىئيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ،ئىلىم-پەننى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ،ئىجاد قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان ۋاستە بولىشى لازىم. _O`prX.:B0 4.ئادىل بولۇش،ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇش ۋە ئەلا سۈپەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ نىشان مائارىپ ئەمەلىيىتىدە ئاساسىي يېتەكچىلىك ئورنىنى ئىگەللىشى،بۇ ئۈچ نىشاننى قانداق قىلىپ ماسلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەتقىق قىلىش مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولىشى كېرەك. 2/-m-5A
5.ھەرقايسى رايۇنلارنىڭ ئىقتىساد ،جەمئىيەت ،مەدەنىيەت تەرەپلەردىكى ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا ھەرخىل مائارىپ ئۇسۇلىن قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.ئەمما بارلىق ئۇسۇللار خەلقئارا جەمىئيەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن ھەم ھەممە ئېتىراپ قىلغان قىممەت قارىشى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ،يەنى كىشىلىك ھوقۇق،كەڭ قورساقلىق ۋە ئۆزئارا چۈشۈنىش ھاسىل قىلىش ،دىمۇكىراتىيە بىلىمدىن تەڭ بەھرىمان بولۇش ،نامراتلىقتىن قوتۇلۇش ،پىلانلىق تۇغۇت ،ساغلاملىق قاتارلىقلارنى ئەتراپلىق ئويلىنىش. d
Ojly,! بىلىم ئىگىلىكى بىلەن مائارىپنىڭ مۇناسىۋىتى بىلىم ئىگىلىكى بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ يېڭىلىنىش ،پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپنىڭ يۈكسەك تەرەققى قىلىشىنى ئاساس قىلغان ئىگىلىك .پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتىگىيىسى ھازىرقى دۇنيادىكى ئىجتىمائىي ،ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى مەركەزلىك ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. LjKxznn o ھەرقايسى كارخانە ۋە كەسىپلەردە بىرقەدەر يوقۇرى بىلىم ۋە تېخنىكىنى ئىگىلىگەن ئىقتىساسلىق خادىملارنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاپ ،ئەمگەكچىلەرنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ساپاسىنى بىر بالداق يوقۇرى كۆتىرىشىمىز لازىم. w,%"+tY_ يوقۇرى تېخنىكا ۋە يوقۇرى سېلىنما بىلىم ئىگىلىكىنىڭ بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى.نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسى يەنىلا بىرقەدەر تۆۋەن ،ئونۋېرسال دۆلەت كۈچى تېخى كۈچلۈك ئەمەس.شۇڭا بىلىم ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا سەپنى قىسىقارتىپ ،مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،مالىيە كۈچى ،ئادەم كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ،ئىقتىساد ۋە تېخنىكا تەرەققىياتىغا قارىتا زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان تېخنىكا ۋە كەسىپلەرنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ،پۈتكۈل ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى يوقۇرى كۆتىرىش لازىم.بىلىم ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ماسلىشىپ زور بىر تۈركۈم يوقۇرى ساپالىق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم.بىلىم ئىگىلىك دەۋرىدە بىلىم تېمىسىدىكى ئەمگەكچىلەر ئىجتىمائىي ئەمگەك كۈچىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلىنىدۇ .ئىقتىساسلىق خادىملار بولمىسا بولمايدۇ .زور بىر تۈركۈم يوقۇرى ساپالىق ئىقتىساس ئىگىلىرى بولمىسا يېڭى بىلىمنى ئىگىلىگىلى بولمايدۇ.بىلىم ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىجابىي خارەكتىرلىك پەن-تەتقىقات ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن ،يەنە يوقۇرى ساپالىق باشقۇرغۇچىلار ۋە تەدبىر كۆرسەتكۈچىلەرگە مۇھتاج.ھالبۇكى نۆۋەتتە ئېلىمىزدە بۇ جەھەتتىكى ئىختىساسلىق خادىملار ئىنتايىن كەمچىل.شۇڭا يوقۇرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ ،بىلىم ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنبى ئاچقۇچ قىلىپ ھەم سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشالايدىغان بىر تۈركۈم يوقۇرى ساپالىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېزلىك بىلەن يېتىشتۈرۈپ ،ئېلىمىزنىڭ بىلىم ئىگىلىكىنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇپ ،ئېلىمىزدىكى دۇنيادىكى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز لازىم. K,4Ig! dc$zW^i u`ir(JIj] rwWOhD)RU
|
|