查看完整版本: [-- لۇغەتتىن تەرمىلەر(6) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> لۇغەتتىن تەرمىلەر(6) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2013-06-24 11:15

لۇغەتتىن تەرمىلەر(6)

لۇغەتتىن تەرمىلەر(6) R$">  
جاجا(جانلىق تىل)_①جازا،②چارە-تەدبىر،ئىلاج. جاراستان(دىئال)_ نەق مەيدان،كۆپچىلىكنىڭ ئالدى،ئامما ئارىسى. جارجات_ئاياللارنىڭ كۆڭلەك كىيىشىگە مۇۋاپىق توقۇلغان بىر خىل نېپىز يۇڭ رەخت. جارۇپ(پ)_سۈپۈرگە. جارۇپكەش(پ)_تازىلىق ئىشچىسى. جاز_چوم. جازىبە(ئە)_ تارتىش كۈچى. جاغ1_باشنىڭ چىش ئورناشقان قىسمى(جاغ سۆڭىكى). جاغال_ قىزغۇچ سېرىق. جاك1_ كۈلتۈك. جاك2_ جاغالماي، قاغا قاتارلىقلرنىڭ سايرىشىدىن چىققان ئاۋاز. جالاق2(دىئال)_بۇيرۇق، باشقۇرۇش. جالغاي_①توخۇنىڭ قانات بىلەن ئۇستىخاننى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۈگىسى. ②دەرەخلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى شاخلىرى. جاللاپ(ئە)_تېرە، يۇڭ ئېلىپ-ساتقۇچى، مويچى. جاما2(دىئال_ زەي سۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن چېپىلغان ئېرىق، زەيكەش. جايلىماق2(دىئال)_تىغلىق نەرسىلەرنى تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە سۈركىمەك، ئىتتىكلەتمەك(بىلىمەك). جەپسەك_تېرىنىڭ تۈكى چۈشۈپ كەتكەن يېرىگە يىڭنە بىلەن پەيدا قىغان تۈك. جەدە_ قىزغۇچ سېرىق رەڭ. جەرراھ(ئە)_ ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى تاشقا كېسەل دوختۇرى. جەللە_ ئوتتۇرسىغا تېرە كېرىلگەن، مىس تەخسىلىك بىر خىل داپ. جەندىر_تۆمۈرگە بۇرما چىقىرىدىغان ئەسۋاپ. جوغدا_ئۇچار- قۇش ياكى باشقا ھايۋانلارنىڭ كوكۇلىسى. جوغداي_تۆگىنىڭ بوينى ۋە تىزىنىڭ ئۈستىدىكى ئۇزۇن يۇڭلار. جوغدۇن(دىئال)_ تېتىك،تىمەن، شوخ. جوغدىيەك_ مېكىياننىڭ پۆپۈكى. جوقا_تاغ جىلغىسى. جولاپ_ شېكەر قىيامى بىلەن مۇز سۈيىنىڭ ئارىلاشمىسى. جومباق_ قاملشمىغان، سەت(ئاياللارھەققىدە). جون_ ھايۋانلارنىڭ ئىنچىكە بېلىنىڭ ئۈستى قىسمى. جوھۇت(ئە)_①يەھۇدىيلار.②دىنسىز، كاپىر، ياۋۇز، قەبىھ . جۇۋا2(دىئال)_ ئاشلىق بازىرى. جۆنىمەك_يولغا چىقماق، كەتمەك. جۈسۈنلۈك_تەقى-تۇرقلۇق، بەستلىك. جى(دىئال)_ ۋەسىقە، ھۆجەت، تىلخەت. جىس(دىئال)_خىلۋەت، قورقۇنۇچلۇق؛ سوغۇق چىراي، يىرگىنىشلىك. جىڭگۇك_ ئورۇق، ئاۋاق. جىڭگىل_ بۈدۈر،بۇجۇغۇر. جىلە2_ھايۋانلارنى باغلاش ئۈچۈن ئىككى تال قوزۇققا تارتىلغان تانا. جىۋەك_جۇغى كىچىك، ۋىجىك، كۆرۈمسىز. جىۋجىل(دىئال)- ئەپچىل، چاققان، چىرايلىق. جىيرەن_ سېرىققا مايىل قىزىل. }!WuJz"  
داۋامى: << چ >> ھەرپىدىن بېرىلىدۇ. z:08;}t  
مەنبە: << ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>>(بىر قىسىملىق) r90R~'5x9  

ئەكبەرنىياز 2013-06-25 22:56
ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنگەي ، ناھايىتى ئېسىل سوۋغىلارنى ئەۋەتىۋاتىسىز ، بۇنىڭدىن بەكلا سۆيۈنىۋاتىمىز ! قەلەملىرىڭىزگە يەنىمۇ غەيرەتلەر يار بولغاي !!!


查看完整版本: [-- لۇغەتتىن تەرمىلەر(6) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled