查看完整版本: [-- سۇنىڭ ھاسىل بولۇشى(يۇمۇر) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۆل ئىچىش -> سۇنىڭ ھاسىل بولۇشى(يۇمۇر) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nadiraay 2013-06-23 23:10

سۇنىڭ ھاسىل بولۇشى(يۇمۇر)

سۇنىڭ ھاسىل بولۇشى(يۇمۇر) ~frPV8^DP  
rR),~ @]sL  
مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇردى، بىر كۈنى ئەنئەنىۋى مائارىپ دېدۇق، بىر كۈنى ساپا مائارىپى دېدۇق، بىر كۈنى نىشانلىق ئوقۇتۇش دېدۇق. دەل شۇ نىشانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بويىچە دەرس ئۆتۈلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەكتىۋىمىزدىكى بىر پېشقەدەم خېمىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرسىنى تىڭشاپ، باھالىغۇچىلار ئۇنىڭغا «دەرسنى ناھايتى ياخشى ئۆتتى. دەرس مەزمۇنى% 95تىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلەشتى ئەمما دەرستە ھېسيات ئىپادىلەنمىدى.» دېگەن باھانى بېرىپتۇ.   كېيىنكى قېتىمدا يەنە شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى تىڭشاشقا توغرا كەپتۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يادىدىن  ئالدىنقى قېتىملىق ساۋاق كەتمىگەچكە «سۇنىڭ ھاسىل بولۇشى»نى   سۆزلىگەندە: o{S}e!Vb  
ـ ئېھ ھېدروگىن بىلەن  پاھ  ئوكسىگىننى قوشساق  ۋاي- ۋۇي سۇ ھاسىل بولىدۇ،- دەپتۇ. E :'  
LS2ek*FJO  
مەنبە: ئۆزۈم

ئەكبەرنىياز 2013-06-23 23:19
ھا، ھا، ھا ، بەك قىزىقكەن ، كۆپ رەھمەت نادىرەئاي ! ئەمدى ھاردۇقۇم چىقتى !!! tmY-m,U  
قېنى ئەگىشىدىغانلار بارمۇ دوستلار !؟

nadiraay 2013-06-23 23:22
ئوقۇغۇچىلارغا ئىملىق سۆزلەرنى سۆزلىگەندە بۇ يۇمۇرنى ئېيتىپ بېرىۋىدىم نەچچىسى كۈلۈپ قورسىقىنى تۇتۇتىۋالغان.

ئىشەنچ 2013-06-24 15:20
بەك قىززىقىكەن ....

ئايبىكە 2013-06-24 23:48
ھەقىقەتەن ئىملىق سۆزلەر ھەققىدىكى دەرسنىڭ باشلاپ كىرىش نۇقتىسى بۇلالىغۇدەك.  =FZt  
ئوقۇپ تازا كۈلۈپتىمەن.ھا...ھا...ھا......ھى....ھى.....ھى........ھۇ......ھۇ...ھۇ...... 8'c_&\kdv  
ئوف .ئاخىرى كۈلۈپ بولدۇم.ئوف.

نەجىبەتاجەمەت 2013-06-29 14:47
ۋاي ئالامەت قىزىق يۇمۇركەن دېسە .....ھاھاھا،،،

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-18 14:50
دەرس ئاڭلىغاندا ئۇنداق-مۇنداق پۇتاقلارنى ئىزدەپلا يۈرىدىغانلارمۇ بار

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-18 14:50
مەنمۇ مۇشۇ يۇمۇرنى قوللىنىپ سۇنىڭ ھاسىل بولىشىنى سۆزلەپ باقايچۇ

ئايبىكە 2013-07-18 15:17
ھەر قېتىم كەيپىياتىم بۇزۇلسا ،ئۇشبۇ يۇمۇرنى ئەسلەپ قالىمەن.

nadiraay 2013-08-27 19:22
كۆپچىلىككە  رەھمەت.


查看完整版本: [-- سۇنىڭ ھاسىل بولۇشى(يۇمۇر) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled