查看完整版本: [-- ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان سوئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى دەرىس دىتاللىرى -> ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان سوئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nadiraay 2013-06-21 20:03

ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان سوئالى

شايار ناھىيىلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەىبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان سوئالى

ئىسىم-فامىلىسى  __________     يىللىق ئايرىمىسى_____     ئېرىشكەن نومۇرى___

1. تاللاپ جاۋاب بېرىڭ:         (20 نومۇر)
1) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىپبەسى____ئاساسىدا شەكىللەنگەن.
ئا:چاغاتاي ئۇيغۇر ئېلىپبەسى     ب: لاتىن ئېلىپبەسى   س: ئەرەب ئېلىپبەسى  د: قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى
2)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا مەنە پەرىقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە بولغان فونېمىدىن ____ بار .
ئا: 8          ب:24       س:32            د:30
3) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرى:
ئا:ئە، ئۆ، ئۈ     ب: ئا، ئە، ئو،ئۇ     س:ئا، ئو، ئۇ    د: ئې، ئى، ئۆ
4)ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار ___ دىن ئىبارەت.
ئا: ئا، ئە، ئې، ئى   ب:   ئا، ئە، ئو، ئۇ       س: ئې، ئۇ، ئى، ئۈ    د: ئو، ئۇ، ئۆ،ئۈ
5)ئەسلىي ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىدە سوزۇق تاۋۇشلار _____ جەھەتتىن ماسلىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
ئا:تىل ئورنى     ب:لەۋ ھالىتى     س:تىل ئورنى ۋە لەۋ ھالىتى   د:يۇقىرى، تۆۋەنلىك
6)«ۋە» باغلىغۇچىسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى «يۇ،دە،ھە» يۈكلىمىلىرى سۆزلەرگە قوشۇلغاندا ئالدىدىكى سۆزلەردىن _____  ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ.
ئا: پەش«،»   ب: چېكىت «.»   س:  سىزىق «_»   د:  سىزىقچە«-»
7)ئۇرغۇ ____   دەپ  بۆلۈنىدۇ.
ئا: سۆز ئۇرغۇسى ۋە جۈملە ئۇرغۇسى.    ب: بوغۇم ئۇرغۇسى ۋە سۆز ئۇرغۇسى
س: بوغۇم ئۇرغۇسى ۋە جۈملە ئۇرغۇسى.   د: سۆز ئۇرغۇسى ۋە بۆلەك ئۇرغۇسى.
8) يېزىقتا ھەم تەلەپپۇزدا «ۋ» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدىغان تاۋۇشلار:
ئا: پ،ژ      ب: پ،ب       س: ب،ي       د:ژ، ي
9) ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋاقىت:  
ئا: 1949-يىلى.   ب: 1954-يىلى  س: 1978-يىلى     د:   1983-يىلى.
10)تىل تاۋۇشلىرىنى خاتىرلەيدىغان بەلگە  ___  دېيىلىدۇ.
ئا:  تاۋۇش       ب: ھەرىپ       س: سۆز         د:  جۈملە
2. توغرا-خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىڭ:   (     20  نومۇر    )
1) ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە تەۋە.(       )
2) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى لاتىن يېزىقى ئاساسىدا شەكىللەنگەن.(       )
3) ئىملا قائىدىسى توغرا يېزىش قائىدىسى دېگەنلىكتۇر.(        )
4) بىرلا مۇستەقىل مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەر تۈپ سۆز دېيىلىدۇ.(            )
5) ئىملا قائىدىسى ئەدەبىي تىل بىلەن دىيالېكىت ۋە شىۋە ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئازايتىدۇ.(        )
6) تىلىمىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلار لەۋ ھالىتىگە قاراپ تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلار، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار، تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشلار دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.(       )
7) «ئىسىم »  دېگەن سۆزگە «ى» قوشۇمچىسى ئۇلانسا  ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.(         )
8) بىرىككەن سۆزلەر قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ.(          )
9) بايان جۈمىلىلەرنىڭ ئاخىرىغا چېكىت «.» قويۇلىدۇ.
10) نوتۇقتا ھەر قانداق جۈملە بەلگىلىك ئىنتۇناتسىيەگە ئىگە بولىدۇ.(       )

3. بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ:  (  20نومۇر    )
1) ئورخۇن - يېنسەي يېزىقىدا يېزىلغان (                      )  يادىكارلىقلىرى بار. بۇ يېزىقنىڭ يەنە  (                        ) دېگەن يەنە بىر ئاتىلىشىمۇ بار.
2)تاۋۇشلارنى تەلەپپۇز قىلغاندا ئۆپىدىن چىققان ھاۋا ئېقىمىنىڭ توسالغۇغا ئۇچىراش -  ئۇچىرىماسلىقىغا ئاساسەن (            )  تاۋۇشلار ۋە (                  )   تاۋۇشلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
3 ) «ئاچقۇچ » سۆزى تەلەپپۇزدا (                  )   دېيىلىدۇ.
4) ئىملا قائىدىسى تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى (                     ) ئۈچۈن ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ.
5) جۈپ سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا (             )  قويۇلىدۇ.
6)دەرىجە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسا ، كەينىدىن (                )  قويۇلىدۇ.
7)باغلىغۇچىلار ۋە تىركەلمىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئالدى، كەينىدىكى سۆزلەردىن (                )  يېزىلىدۇ.
8)يۈكلىمىلەر ئومۇمەن ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى سۆزلەرگە (                   )  يېزىلىدۇ.

4.ئىملاسىنى تۈزىتىڭ. (   20  نومۇر   )  
تەلەپ: ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىپ، تىنىش بەلگىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇپ كۆچۈرۈڭ.
ئەتىگەنتىن بېرى جىمجىت تۇرغان تەھرر ئىشخانىسىدىكى تېلېفون تويوقسىز جىرىڭلاپ كەتتى قايسىدۇر بىر ئەسەرنى باش چۆكۇرۇپ تەھررلەۋاتقان پەرۇق قولىدىكى قەلەمنى شرە ئۈستىگە تاراققىدە قويۇپ تورۇپكىنى قولىغا ئالدى
تەھرىر بۆلۈمما پەرۇق دېگەن تەھررنى چاقىرۋېتىڭ   تورۇپكىدىن جىددىي ھەم قوپال بىر ئاۋاز ئاڭلاندى  پەرۇق ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن قارشى تەرەپكە سۆزلىدى
مەن پەرۇق  سىز كىم
مەن پارتكومدىكى جالال
جالال ۋالىيمۇسىز  ئەھۋالىڭىز
بولدى  ئەھۋال سوراشنى قۇيۇپ مىنىڭ گېپىمنى ئاڭلاڭ  سىلەرنىڭ گېزىتتىكى بۈگۈنكى ئەدەبىيات بېتىدە بېسىلغان بەزىلەر ناملىق يىكايىنىڭ ئاپتۇرى قەيەرلىك  ئۇ نېمە ئىش قىلىدۇ  سىز ئەشۇ بەتنىڭ تەھرىرى ئىكەنسىز  ئېيتىڭە  نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق يىكايىنى گېزىتكە بېرىسىز گېزىت دېگەندە ياخشى ئەدەم ياخشى ئىشلارنى تەشۋىق قىلمامدۇ سىلەر قايسى ئىدىيە بىلەن نېمىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاشۇ يىكايىنى گېزىتكە چىقاردىڭلار
5. ماتىرىيال ئوقۇش.(   20  نومۇر   )
تەلەپ: بىرىلگەن ماتىرىيالنى تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلغان ھالدا توغرا، راۋان، مەنىلىك، ئۇرغۇلۇق ، رىتىملىق، ئاھاڭدارلىقى بىلەن ئوقۇش كېرەك.ئوقۇش جەريانىدا بىر سۆز توغرا تەلەپپۇز قىلىنمىسا 0.2 نومۇردىن تارتىلىدۇ. بىر سۆزدە دۇدۇقلاش ياكى قايتا ئوقۇش كۆرۈلسە  0.2 نومۇر تارتىلىدۇ. باشتىن - ئاخىر بىر خىل تەلەپپۇزدا ئوقۇلسا 3تىن 5 كىچە نومۇر تارتىلىدۇ.

ئايبىكە 2013-06-21 20:26
تىل-ئەەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىنى سىنىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان ياخشى چىقىرىلغان سۇئال ئىكەن .يازما ئىگىسى ئەجرىنىڭ ساۋابىنى بەرسۇن.

uzqak 2013-06-21 21:44
ھارماڭ ئەزىز ، قاراتمىلىقى بار تېمىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا مەشىق دەرسى لايىلەشتە ياخشى پايدىلانما بولغۇدەك... داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىز!

ئەكبەرنىياز 2013-06-21 23:14
ھەقىقەتەن ئېسىل ماتىريالكەن ، بىزمۇ ئۆزىمىزنى سىناپ باقساق بولغۇدەك !!!ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

nadiraay 2013-06-21 23:35
ئاۋال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىناپ باقماقچى .ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى 90 دىن، قالدى ئوقۇتقۇچىلار 80دىن تۆۋەن بولسا لاياقەتسىز.  

نەجىبەتاجەمەت 2013-06-26 21:18
جاۋابىنى يوللۋەتسىڭىز  

nadiraay 2013-06-27 00:00
ئاۋال ئۆزىڭىز بىر ئىشلەپ جاۋابىنى ئېيتىڭ. مەن تەكشۈرۈپ باقاي.

چېچەك 2013-10-19 14:35
مەنمۇ ئۆزۈمنى سىناپ باقايچۇ

ئارزۇ 2013-11-28 23:12
مەنمۇ  سىناپ باقاي

32094 2013-11-30 00:08
مەنمۇ ئۆزۈمنى سىناپ باقاي ،يەنە مۇنداق سوئاللارنىڭ داۋاملىق يوللىنىپ تورۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھسداەىقكل 2014-02-16 15:13
ھارماڭ ئەزىز ، قاراتمىلىقى بار تېمىكەن. ئوقۇغۇچىلارغا مەشىق دەرسى لايىلەشتە ياخشى پايدىلانما بولغۇدەك... داۋاملىق سۇنۇپ تۇرغايسىز!


查看完整版本: [-- ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھان سوئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled