تىلداش |
2013-06-21 12:51 |
لۇغەتتىن تەرمىلەر(5)
لۇغەتتىن تەرمىلەر(5) ~,3+]ts='\ تاپ4_ چىدام، تاقەت، بەرداش. (تاپ1_جەسەت، تاپ2_قۇر، تاپ3_ۋاقىت، تاپ5_يوقالغاننى بايقاتماق). تاتق_تەم، لەززەت. (<<تاتلىق>>تىن پەرقلىنىدۇ). تاتىراڭ_قېتىپ كەتكەن، قۇرغاق؛ ھېچ نەرسە ئۈنمىگەن. تاخسا(دىئال)_ تېيىز. تاران2(دىئال)_ خامراق تولانغان شوينا، يىپ. تارىغاي_ دانىمۇدانە، شالاڭ. تاشا(دىئال)_ سىرت، باشقا. تاماق4_ مىلتىقنىڭ ئوق سېلىنىدىغان جايى. تاشلىق4_ خاما. تاشما_ئىلغا. تاقا2_بىر جۈپ ئەتلەس ياكى بەقەسەمنىڭ ھەر بىر بۆلۈكى. تاناي(دىئال)_ سۇ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلىنغان نور ياكى ئۈستى يېپىق ئېرىق. تاۋىماق(دىئال)_ تەڭ كۆرمەك. تاۋىدا_ ھەددىدە، چاغلاپ؛ نورمال. تەئەددى(ئە)_ ئاچچىق، دوق،ھەيۋە؛ زەھەرخەندىلىك. تەئەسسۈپ(ئە)_ ئېچىنىش؛ ئەپسۇس. تەپ1(پ)_ ئادەملەردە بولىدىغان تۈرلۈك قىزىتمىلارنىڭ ئومۇمىي نامى. تەپچە_ كېۋەزنىڭ غوزىسى تېرىلىپ، يوپۇرماقلىرى چۈشۈپ بولغاندىن كېيىنكى ئېتىزدا قېلىپ قالغان شادىسى. تەپچىك_يىڭنە بىلەن قولدا تىكىلگەن بىر خىل تىكىش. تەرەڭ(پ)_ قاتتىق تارتىلغان؛يۈزلەشكەن ياكى بوش جايلىرى قالدۇرۇلماستىن كېرىلگەن. تەرك(ئە)_ تاشلاش. تەركىن(دىئال)_ توختام، تۇرغۇن. تەسكەن2_ تىلغا چىقىدىغان بىر خىل ئۆسمە. تەشكۈت(دىئال)_ لاپقۇت، ھەمكارلىق. تەققاس(ئە)_ ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش. تەكە(دىئال)_ بالدۇر پىشىدىغان شاپتۇل. تەكەللۇم(ئە)_ سۆھبەت،گەپ-سۆز. تەگمىش(دىئال)_ تەگكىنى؛ تەگكەن، مىراس. تەڭلىمات_ گۈللۈك چوڭ كىگىز. تەلقىن(ئە)_ دىنىي ۋەز، نەسىھەت، تەلىم. ئاشىقلار ئاھاڭلىق ئوقۇيدىغان نەزم، ھۆكمەت. چۈشەندۈرۈش، ئىزاھ . تەنە(پ)_ ئۆسۈملۈكنىڭ غول ۋە يىلتىز قىسمى. تەنناز(ئە)_ تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، ئۆزىگە زىننەت بەرگەن. تەھتىسارا(ئە)_ تۇپراق ئاستى،يەر تەكتى. تەھسىن(ئە)_ ياخشى تەرىپلەش، ماختاش. بەللى، ئاپىرىن. تەھقىر(ئە)_ خورلاش، كەمسىتىش. تەھلىكە(ئە)_ ھالاكەت،خەۋپ-خەتەر، ۋەھىمە؛ تەشۋىش. تەيپۇن_ ئىدىقۇت ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ نامى. تورسۇق_چاناچ. تورغا_قارا ئۆي تەرمىسىنىڭ سىرتىغا يېپىلغان كىگىز. تورغۇت1_ مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. تورغۇت2(دىئال)_ ياغ قاچىلايدىغان بىر خىل قاچا. تورقا_ياۋا كەندىر چىگىسى. تورۇشەن_ ياۋا توڭغۇزنىڭ بالىسى(كۈچۈكى).تورۇنقاي_ئۈچەي مېيى. توسۇن_كۆندۈرۈلمىگەن،شاش. توغرىقا_ خېمىرنى كۆپتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان شاخار(توغراقتىن ئېلىنىدۇ). توۋرا_ ئات-ئۇلاقلارنىڭ تۇمشۇقىغا كەيدۈرۈپ، بېشىغا ئېسىپ،بوغۇز بېرىدىغان باغلىق خالتا، تورسۇق. تۇت(پ)_ ئۈجمە. تۇتاتقۇ(دىئال)_ كۆيدۈرۈپ ھىد پەيدا قىلىدىغان نەرسە(ئىسرىق ماتىريالى). تۇتال1_ باھاسى ئوخشاش كېلىدىغان نەرسە بىلەن تۆلىنىدىغان تۆلەم. تۇتال2_ ئەسقاتماق،دال بولماق،موھىم رول ئوينىماق؛ تۆرەلمە پەيدا بولماق(ئات،كالا،قويلاردا). تۇپى(دىئال)_ خىلمۇخىل.تۇش1_باراۋەر،تەڭ.تۇش2_تامان،تەرەپ.تۇغ2_تۇغان.تۇغۇش_جۈرئەت، دادىللىق. تۇغيان(ئە)_ تاشقىن. ئىچكى تۇيغۇ دۇلقۇنلىرى، ھاياجان.ئىسيان. تۇلغا(دىئال)_ قازان ئاسىدىغان ئۈچ پۇتلۇق ئوچاق. تۇماغا_ئۆگىتىلگەن بۈركۈت، لاچىنلارنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ كۆزىنى توسىدىغان تېرە بۆكچە. تۇنجا_ دەريا ۋە ئۆستەڭ ياقىلىرىدىكى قىش كۈنلىرى بىلىقلار قىشلايدىغان يېپىق كۆلچەك. تۇيۇق2_ سەزگۈ،تۇيغۇ. تۆرەل_بىلىق تۇخۇمى. تۆرپە(ئە)_ ئاجايىپ ئەتىۋارلىق. تۆرۈك1_ يۇمىلاق(جوزا،ياغاچ). تۆرۈك2_(دىئال)_يول ئۇقمايدىغان، قائىدە چۈشەنمەيدىغان، كاج، گىرى، جاھىل. تۆشۈك2_ئۆينىڭ سۇپرا، تاختا قاتارلىق تاماق سايمانلىرى ئورۇنلاشقان جايى؛ ئاش-تاماق ئېتىش ئىشى ۋە ماھارىتى. تۈگە_ئاقلانغان تېرىق، سۆك. تۈگۈر2(دىئال)_ بىخ. تۆڭۈلمەك(دىئال)_ئۈمىدئۈزمەك.تېكىن1_شاھزادە،شاھ ئوغلى. تېكىن2_مېھنەت قىلمايدىغان،ئەجىر سىڭدۈرمەيدىغان.تېكىنەك_تاقا مىخنىڭ ئۇچىنى قايتۇرىدىغان تۆمۈر ئەسۋاپ. تېگىمەك(دىئال)_ ئىگە بولماق، ئېرىشمەك. تىرگەن_ قېلىن، ئىگىز قىر. تىرنا2_بىلىقنىڭ يىڭنىدەك كىچىك ۋاقتى. تىرىباران(پ)_ئوقياغدۇرۇش، ۋەيران، بىتچىت. تىرىجان_ بىلىقنىڭ تۇخۇمدىن يېڭىدىن چىققان بالىسى. تىكىر2_ دۆ. تىڭ1_ بوز(يەر). تىڭ2_ئاۋاز،ئۈن، شەپە. تىيىن1_ئون داچەن قىممىتىگە ئىگە چوڭ مىس پۇل،تومپۇر. ]awu7}C9Z داۋامى << ج >> دىن بېرىلىدۇ. r#hA kOw مەنبە:<<ئۇيغۇر يىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>>(بىر قىسىملىق) +LFh}-X{_
|
|