تىلداش |
2013-06-21 12:44 |
لوغەتتىن تەرمىلەر(4)
لوغەتتىن تەرمىلەر(4) djy: پاپاخ_مويى، تۈكى سىرتىغا تىكىلگەن ئۇزۇنچاق تەلپەك. پاتاق_ ئاق قوناقنىڭ يانچىلغاندىن كېيىن قالغان دان شەكلى. پارامۇش(پ)_ ئۇنتىغان، ئېسىدىن چىقارغان ھالدا؛ سەزگۈر بولمىغان، دېلىغۇل ھالەتتە. پالتۇك(دىئال)_پەگانىڭ نېرى چېتى؛ ئۆي ئىشىكىدىن سۇپىغىچە بولغان پەس جاي. پالچىق_ سۇ يىغىلىپ قالغان جايدىكى پاتقاق، سۇيۇق لاي؛ ئات-ئۇلاغ ياكى پىيادىلەر كېچىپ ئۆتىدىغان سۇ بار كېچىك؛ ئېرىق، ئۆستەڭ. پالقان(دىئال)_ ئاياغنىڭ سوڭىغا ئورنىتىلغان قەلەي. پاۋان(جانلىق تىلدا)_ ئوۋچى؛ مەرگەن. پايسۇق(دىئال)_ پۇسۇققىدە، تۇيۇقسىز، تاسادىپىي. پايناپ_ يۇقۇرى ئېقىن، سۇنىڭ بېشى؛ سۇ تەستە چىقىدىغان، سۇغا قېرىق. پەتتە_ ۋەكىللەرنىڭ مەيدىسىگە تاقايدىغان ۋەكىللىك بەلگىسى؛ لېنتا. نىكاھ خېتى. سەللىنىڭ مۈرىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان قىسمى؛ ئۇچى. پەجمۇردە(پ)_ غەمكىن، سۇلغۇن، تىتىلغان، زەخمىلەنگەن، بۇزۇلغان. پەدەڭ(دىئال)_ تاماق يەيدىغان سىرلىق قاچا. پەرەك_ بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئارىسىدىكى كۆمۈرچەك سۆڭەك. پەرت1(ئە)_ يەككە، يالغۇز؛ تەنھا. كلاسسسىك لىرىكىدا بىر بېيىتتىن ئىبارەت كىچىك مۇستەقىل شېئىر. پەغەز_ ئۇچۇپ كەلگەن كەپتەرلەر قونىدىغان قونداق. پەۋەس_ توشۇپ كەتكەن، لىق. پوراچ_ ياغاچ كومزەك. پورەك(دىئال)_ زاغرا. پوكۇن_سۆزلىگۈچىگە نامەلۇم بولغان ئادەم ياكى نەرسە. پۇرجا(دىئال)_ پۇرسەت، ۋاقىت. پۇرقەت(ئە)_ ئۆزىگە ئەزىز ۋە سۆيۈملۈك دەپ ھېسابلانغان كىشى ياكى نەرسىدىن ئايرىلىش؛ جۇدالىق، ھىجران. پۈتمەك4_ ئىشەنمەك (باشقىلارنىڭ سۆزىگە). پۈكە(دىئال)_ مەلۇم بىر يەرگە ياكى يەر پاسىلىغا ئورنىتىلغان بەلگە ياكى دۆڭ. پۇگەت_پوتۇلكىنىڭ پۇرۇپكىسى. ئوقنىڭ مىشىكى. پېتلە(دىئال)_ غۇژمەك؛ توپ، دۆۋە. پىر(پ)1_ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم، قېرى كىشى. تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ يېتەكچىسى، رەھبىرى. پىراۋەدى(دىئال)_ ھەممە ئىشنى ئالا قويمايدىغان، يامان. پىرىق2_پوستى سولىشىپ، تەركىبىدىكى شىرنىسى تەمسىز سۇغا ئايلانغان (ئۈزۈم ھەققىدە). پىسق(ئە)_ كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا قىلىنغان غەيۋەت. پىشقىن_ ھاك. پىشماق2_ سۇيۇقلاققا چىلاپ ھۆل قىلماق، چۆمۈلدۈرمەك. پىنە_ تېرىق دېنىنىڭ سىرتقى پوستى، قاسرىقى. دان ئالالمىغان، پۈچەك. پىنەك_ نەشە. داۋامى<< ت >> ھەرپىدىن بېرىلىدۇ. |!xfIR>=F مەنبە: << ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>>دىن e2-70UvW^
|
|