查看完整版本: [-- مېيىپلارغا يادەم بېرىش پىلانى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پىلان خۇلاسىلەر -> مېيىپلارغا يادەم بېرىش پىلانى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

natiwan 2013-06-20 23:28

مېيىپلارغا يادەم بېرىش پىلانى

مېيىپلارغا يادەم بېرىش پىلانى
1. مېيىپلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن كۈچلۈك بولغان رەھبەرلىك گۈرۈپپىسى قۇرۇپ، بۇ خىزمەتنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۇردۇق.
   2. ئىىشچىلار ئۇيۇشمىسى  ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەزمۇنى مول،    مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش      پائالىيتىگە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئىشتىن سىرىتقى پائالىيتىنى جانلاندۇرۇش، ئىشچى-  خىزمەتچىلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردۇق ۋە قوللاش خىزمىتى ئېلىپ باردۇق.
  3. ھەرقايسى سىنىپلاردىكى مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ياكى مېيىپ كىشلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە قارىتا غەمخورلۇق قىلىش ، ماددى جەھەتتە ياردەم، مەنىۋى جەھەتتە پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىپ ئۆز-ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ناچار خاھىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالدۇق.
4.مەكتەپ بۇيىچە بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ بۇ پائالىيەتنى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە قىلدۇق.
5. مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆز تەۋەسىدىكى ۋە باشقا رايۇنلاردىكى قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغان ئامما ۋە ئاپەتكە ئۇچىرىغانلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقى ئېغىر بولغان ئوقۇغۇچىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات قىز ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق.
6. يۇقىرىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، مەكتەپ تەشۋىق قىلىش، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئەمەلىي ھەركەتلىرى ئارقىلىق مېيىپلارغا ياردەم بېرىدىغان ئادەتنى شەكىللەندۇردۇق.
7. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا مېيىپلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش بويىچە ئىئانە توپلاش پائالىيتى ئويۇشتۇرۇپ، مېيىپلارغا ماددى جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەتنى يېتىلدۇردۇق ھەمدە يىغىلغان ئىئانە پۇلنى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بەردۇق.
مېيىپلارغا ئىللىقلىق يىتكۈزۈش خىزمىتى ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەت بولۇپ، مەكتىۋىمىز بۇ خىزمەتلەرنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ناھىيە بويىچە مۇشۇ خىزمەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپ بولۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز.
ئارال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

ئەكبەرنىياز 2013-06-21 00:47
بۇ پىلانمۇ ياكى خۇلاسىمۇ بۇرادەر !؟ ناخشىنى خاتا قويۇپ قويدىمۇ ما ئاداش؟ (چاخچاق )  

تۆتتاش 2013-06-21 10:59
باركەنسىز بۇرادەر،ئۇنداق ئاسانلا تەۋپېقتىن يوقاپ كەتمەڭ جۇمۇ.

natiwan 2013-06-21 11:06
خۇلاسە ئىدى بۇ ئەسلىدە بىخەستىلىك سەۋەپلىك مۇشۇنداق تېمىسى ئۆزگىرىپ قاپتۇ دېسە، كەچۇرۇڭلار

natiwan 2013-06-21 11:08
مەن بارغۇ، ئۇنداق تېز ئايرىلمايمىز تەۋپىقتىن، بولمىسا توغرا يولدى چىقىپ كەتكەن بولمايمىزمۇ ؟


查看完整版本: [-- مېيىپلارغا يادەم بېرىش پىلانى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled