natiwan |
2013-06-20 20:31 |
نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى ۋە نۆۋەتچىلىككە قۇيۇلدىغان تەلەپ
نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى ۋە نۆۋەتچىلىككە قۇيۇلدىغان تەلەپ
1. نۆۋەتچىلىككە سەپلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە قوغداش خادىملىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا نۆۋەتچىلىك ئورنىغا كېلىشى كېرەك. كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىك ئەتىگەن سائەت 8:30 دە نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ، كەچ سائەت 5:30 دا نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. كېچىككەن ۋاقتى شۇ كۈنلۈك باش نۆۋەتچى تەرىپىدىن خاتىرىگە ئېلىنىپ، تەتىل ئاخىرىدا بىخەتەرلىك خىزمىتى ئىشخانىسىغا يوللىنىدۇ. 2. نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ ئېلىش رەسمىيىتى كۈندىلىك نۆۋەتچىلىك جەريانىدا باش نۆۋەتچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىككى قېتىم چۇقۇم ئېلىپ بېرىلىشى، ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان نۆۋەتچىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئالىدىغان نۆۋەتچىلەر بىرلىكتە مەكتەپ ئىچىدە ئايلىنىشقا تىگىشلىك جايلارنى تۇللۇق ئايلىنىپ، مۈلۈك ۋە ماددى بۇيۇملارنى كۆرۈپ تەكشۈرۈپ، بۇزۇلغانلىرىنى خاتىرلەپ ئىمزا قويغۇزۇپ، نۆۋەتچىلىكنى ئۆتكۈزۈپ ئېلىش كېرەك. 3. كۈندۈزلۈك نۆۋەتچىلىك جەريانىدا 3 نەپەر نۆۋەتچىنىڭ چۈشلۈك تاماق يىيىش ۋاقتى 11:30 دىن 1:40 قىچە بولغان ئارلىقتا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا 2 ئادەم خىزمەت ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ، بىر نەپەر ئادەم ئالمىشىپ تاماق يىيىشكە بارىدۇ. يۇقارقى ۋاقىتتىن بۇرۇن ۋە كېيىن تاماققا بېرىشقا ۋە نۆۋەتچىلىك ئورنىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ. كېچىلىك نۆۋەتچىلەر نۆۋەتچىلىك ئورنىغا كەچلىك تامىقىنى يەپ كېلىدۇ. ئارلىقتا تاماققا بېرىشقا ۋاقىت ئاجىرتىلمايدۇ. خىلاپلىق قىلىنسا نۆۋەتچىلىك ئورنىدىن ئايىرلغان ۋاقتى سەۋەپسىز قىلىنىپ خاتىرىگە ئېلىنىدۇ. 4. نۆۋەتچىلەر نورمال ئوقۇتۇش ۋاقتىدا (8:00-12:00گىچە، 1:30-5:30 گىچە، 6:30-8:30 غىچە) ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنىڭ دەرۋازىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك. ھەر قانداق كىشىنىڭ ئاغىزاكى ياكى يازما ئىسپاتى ئىناۋەتسىز. 8:30دىن كېيىن بازار ئىچىدە ئۆيى بار ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا ھەر قانداق ئوقۇغۇچىنى سىرتقا چىقىرىشقا بولمايدۇ. يۇقارقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقىرۋىتىپ، بىخەتەرلىك ۋە باشقا ۋەقە يۈز بەرسە مەسئۇلىيەتنى شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچىلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. 5. نۆۋەتچىلىك ئورنىغا ھاراق ئىچىپ كېلىشكە بولمايدۇ. نۆۋەتچىلىك ئورنىدا ئۇخلاشقا، نۆۋەتچىلىككە مۇناسىۋەتسىز پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا، نۆۋەتچىلىك ئورنىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ. ھاراق ئىچىپ نۆۋەتچىلىك ئورنىغا كەلسە ئىناۋەتسىز قىلىنىپ 3كۈن سەۋەپسىز قىلىنىدۇ. 6. نۆۋەتچىلەر نۆۋەتچىلىك جەريانىدا تولدۇرۇشقا تىگىشلىك جەدۋەللەرنى تۇللۇق تولدۇرۇپ، سىرتتىن كىرگەنلەرنى، ماشىنا ۋە نەرسىلەرنى تىزىملاش، ناتۇنۇش، گۇمانلىق كىشىلەرنى كىرگۈزمەسلىك كېرەك. 7. ھەر قانداق ئادەمنىڭ باھانە كۆرسىتىپ، شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچىلىك ئورنىغا كەلمەسلىككە بولمايدۇ. باشقا ئورۇندا ئىشلەيدىغان جۆرىسى، بالىسى قاتارلىقلارنى ئورنىغا تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ.( مەكتىۋىمىزنىڭ خىزمەتچىسى بولسا بولىدۇ). 8. مەكتىۋىمىزنىڭ نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى مەكتەپ مۇدىرى پەرھات ئەيسا ۋە ياچېيكا شۇجىسى يولۋاس مەمتاۋلا ئالمىشىپ نازارەت قىلىدۇ. قىشلىق تەتىل ۋە چاغان بايرىمى مەزگىلدە نۆۋەتچىلىك تۈزۈمىگە، بىخەتەرلىككە، مۇقۇملۇققا خىلاپ مەسلە كۆرۈلسە، ئىككى نەپەر نازارەتچى رەھبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ. ئارال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى
|
|