查看完整版本: [-- لۇغەتتىن تەرمىلەر(3) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> لۇغەتتىن تەرمىلەر(3) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تىلداش 2013-06-20 11:23

لۇغەتتىن تەرمىلەر(3)

تىلىمىزدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى(3) P:GAJ->;]>  
باتىل(ئە)_ئىناۋەتسىز؛يالغان. باتىن(ئە)_ئىچ؛ كۆڭۈل، ئىچكى دۇنيا. باجىماق(دىئال)_باشقۇرماق،بېجىرمەك. باخشى2_بۈركۈت،قاچىغا،لاچىن قاتارلىقلار بىلەن ئوۋلايدىغان كىشى؛قۇشچى. باد(پ)_شامال. بادە(پ)_ مەي،ئىچىملىك. باران(دىئال)_شەپە،قارا؛ھەيۋە. بارتۇ(دىئال)_غۇجىدار. بارداق(دىئال)_سۇ قاچىسى،ئاياق. باز(پ)_يەنە،شۇنىڭدەك. باشاق3(دىئال)_پالەك. باشلام_بىر يۈرۈش ئېتىزلارغا ئەڭ باشتا سۇ كىرىدىغان ئېتىز،ئېچىق. باشنىك(دىئال)_تور دوپپا. بالدىز_ئەرگە نىسبەتەن ئۆز ئايالىنىڭ ئۆزىدىن كىچىك بولغان ئەر-ئايال ئۇرۇق- تۇغقان يېقىنلىرى،ئايالنىڭ ئىنى-سىڭىللىرى ياكى ئۆزىدىن كىچىك بولغان ئۇرۇق-يۇغقان يېقىنلىرى. بەررە(پ)_قوزا،پاقلان. بەرق(ئە)_ چاقماق،چېقىن،يېشىن. بەرنا(پ)_ياش،نەۋقىران؛گۈزەل،قەددى-قامىتى كېلىشكەن(ئەرلەرگە). بەرھەم(پ)_دەخلى،توسالغۇ،زىيان. بەرى(دىئال)_ داكا قاتارلىق رەختلەرنىڭ كەڭلىكىنى بىرلىك قىلغان،كۋادرات قىلىنغان بىر پارچىسى ياكى قاتلىمى. بەشمەرەك|(دىئال)_بەش بارماق. بەلچىر_ئىككى ئېقىننىڭ قوشۇلغان يېرى. بەلدەڭ(دىئال)_ئەپكەش. بەمەلچەك_قول بارماقلىرىنىڭ ھەر بىر ئۆگىسى،بېغىشى. قۇشلار،ئۇچار قاناتلارنىڭ چوڭ بارمىقى.بەمەلدىرەك_قامچا سېپىنىڭ تۇتىدىغان يېرى،ساپىقى.بەند(پ)_قاپىيە،رېتىم ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئۆزئارا باغلنغان شېئىرىي پارچە. بەۋا(پ)_مۇۋاپىق،لايىق،تەڭ. بەيتۇللا(ئە)_ ئاللانىڭ ئۆيى. براشۇرا(ر)_كىچىك كىتاب،كىتابچە؛رىسالە. پوختاق_ھايۋاننىڭ قول ۋە پۇت ئىلىكلىرىنىڭ يۇقۇرى قىسمى؛ يۇقۇرى بىلەك،<<ئارتقىمال>>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بودا(دىئال)_تۆگە،كالا،ئات قاتارلىق چوڭ چارۋا؛قارامال. بوداق_بىرەر نەرسىنىڭ مىقدارى،ھالىتى توغرىسىدا قىلىنغان مۆلچەر،پەرەز. بودەك1_ئالتۇن،كۆمۈش،تۇچ،مىسلار- نىشار شەكلىگە كەلتۈرىدىغان قېلىپ. بودىماق_پەرەز قىلماق، مۆلچەرلىمەك. بوغۇن1_ئەۋلاد،نەسىل. بوغۇن2_چىڭگىلىككە ئوخشايدىغان بىر ىىل ئۆسۈملۈك. بوغۇناق _ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن چاڭ- توپا. بوقتاق(دىئال)_كىچىك داۋان ياكى توغرا قىر. بوقتۇغ(دىئال)_ قولنىڭ جەينەكتىن يۇقۇرى مۈرىگىچە بولغان ئارلىقى،بىلەك. بولجا1_ يىلتىزدىن كۆكلەپ چىققان؛يىلتىزدىن كۆلەپ چىققان تېرەك. بولجا2_ مۆلچەر،قىياس. بولۇم(دىئال)_لاياقەت،ئىقتىدار،قابىليەت. بۇجۇغۇر_ تۈرۈلگەن،قورۇلغان؛بۈدۈر-بۈدۈر. بۇردا2_ئالدام،ساختا. بۇل2_ئۆزىگە ئۆتكەن نەمنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئىچىدىن بىخسىغان،ئىچىدىن، ئەسلىي ھالىتى بۇزۇلغان(بۇل بۇغداي). بۇلبۇلەك_خەرەك. بۇلغارى_ ماي تەركىبى بولغان بىر خىل يۇمشاق خۇرۇم. بۇلىماق2_يۇقىشىدىغان نەرسىگە پاتۇرماق،تۆگۈرمەك،مىلىمەك. بوجى_دۆ،ئۆمۈچۈك. بۆجىمەك_ ھەممە يېرىگە يىڭنە بىلەن گۈلگە ئوخشاش نەرسىلەرنى تىكمەك،بېزىمەك. بككەن2_لوككا،ئۆركەش. بۆكسە_پەس،تۆۋەن.بۆكمەك_ بوي ئەگمەك بويسۇنماق؛تەسلىم بولماق،ئەل بولماق.بۈجۈ_<<جىن>>. بۈگلۈك_سۇپا ئورنىدا يۆتكەپ ئىشلىتىلىدىغان ياغاچ كارۋات. بۈلدۈرگە_ قامچا بېغى،قامچا سېپى ئۇچىدىكى بوغقۇچ. بېتالدى_ئۆز ئالدىغا، ئۆز مەيلىچە؛بېكارغا،بوشقا. بېتەمتىرا_ئادىراڭغۇ. بېغىش2_تۈگمەننىڭ نۆۋىتىنى كۈتۈپ ئاپىرىپ قويىدىغان ئازراق ئازراق ئاشلىق،ئۈگۈت. بېقىمتۇل_يېشىل بىلەن سېرىق ئارىلىقىدىكى رەڭ. بېنەپتە(ئە+پ)_ ھەپتىنىڭ بازار بولمايدىغان كۈنى،بازار كۈنىنىڭ ئەكسى. بىجە_بۈدۈر. بىجى_بۇۋاقلارنىڭ بىشىنىڭ ئايپاڭ شەكلىدە چېچى چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى.بىجىقىم_ھۇرۇن،ئىنجىق،يالقاۋ؛گىجىڭ.بىچەل_ئوڭۇشسىز، قولايسىز. بىچىم_ئادەم يۈزىدىكى ياكى ئالقىنىدىكى سىزىقچىلر. بىر ئۇچقاش_بىر تۇتاش،بىر يولى،ئۈزۈلدۈرمەي.بىرۋاراقى_قەدەممۇقەدەم، بىر-بىرلەپ،پەيدىنپەي،بارا-بارا،تەدرىجى.بىزەۋتە_بىئارام،تەشۋىشلىك، بىسەرەمجان. بىزىر_بىرئاز،سەل. بىستەر_سىزغۇچ. بىسيار(پ)_كۆپ، زور،تولا.بىگانە(پ)_يات،ناتونۇش.بىۋاك(پ)_گەپكە كىرمەيدىغان،ھېيىق- مايدىغان،كەپسىز. kTQ.7mo/\'  
داۋامى<<پ>> ھەرپىدىن بېرىلىدۇ. (ئەسكەرتىش: <ئە>دىكى ئېليازمىدا تەرتىپسىزلىك بولۇپ قالغاچقا،<ب>ئالدىن يوللاندى. ) +/u)/ey  

ئەكبەرنىياز 2013-06-20 12:21
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم ، سىزنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن تۆكۈۋۈتقان ئەجرىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم ! ھارمىغايسىز !!!

nadiraay 2013-06-20 13:20
بەشمەرەك|(دىئال)_بەش بارماق. بۇ  باش بارماقنى كۆرسىتىدۇ. ئاۋۇ  دوغىلاق بارماقنى. %)&Tr`   
مەنمۇ ئازراق تولۇقلاپ قوياي: Rdj^k^V+a1  
بەندىڭ- كىچىك ئورۇندۇق } C~9 ?Y  
بودەك - سېمىز %8P6l D  
بورداش - چارۋىلارنى يەم بېرىپ سەمىرتىش. wDBU+Z  
بۇردا - كىچىك پارچە.   بىر بۇردا نان. }5B\:*yW  
بۆ - دۆ،  زەھەرلىك ئۆمىچۈك. 1IK*j +%  
بۆكۈش - رەخىتلەرنىڭ قىرغىقىنى ئىچىگە كىرگۈزۈپ تىكىش. ئىشتان پۇچقىقىنى بۆكۈش. e&Z ?I2J  
un)PW&~E  
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ھارماڭ. 5hDPX \  

ئىپارە 2013-06-20 18:19
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم  

tutya 2013-06-20 20:49
ئەجرىڭىز گە رەھمەت.

ئىشەنچ 2013-06-24 16:20
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۆپرەك كۆرسەك تىخىمۇ ياخشى بولاتتى...


查看完整版本: [-- لۇغەتتىن تەرمىلەر(3) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled