تىلداش |
2013-06-19 17:46 |
لۇغەتتىن تەرمىلەر(1)
ئانا تىل لۇغىتىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتى(1) CL.JalR`b &)JQ6J_|\ ئاداسقا_ئاتا-ئانىدىن تەۋەرۈك قالغان نەرسىلەر. ئارقۇ__ئوردا قاراۋۇلى. ئاراتۇر_ناتىق. ئارقىش_كارۋان،قوشۇن ئارقا سەپ-تەمىنات خىزمىتى. ئازازۇل(ئەرەپچە)_جىن-ئالۋاستى،بىشەم،ئۇرۇشقاق،ئۇششۇق،ئۆكتەم.(تىلىمىزدا <<ھازازۇل>>شەكلىدە ئۆزلەشكەن). ئاژۇن_دۇنيا،جاھان. ئاسسىغ_پايدا،نەپ،مەنپەئەت. ئاسقا_تاشلىق يەر. ئاشقۇدا_ئاپقۇر،چوڭ چىنە. ئاغۇ_ئوغا. ئاغى_ئۇسۇل،چارە،تەدبىر،ئامال،باھانە سەۋەپ. ئاقاۋا_سۇ ھالقىپ ئۆتىدىغان توسما. ئاقتۇرما_تۇرۇپ. ئالىپتە_چىرايلىق،كۆركەم، يېتىلگەن. ئانت_قەسەم. ئانجىرغا_ئورۇق،ئاۋاق،يېگىنى چىرايىغا چىقمايدىغان. ئاۋۇغاي_ئاۋاق،ئورۇق. ئاۋاپ_ئالدامچى. ئاۋاقتا_سولاق، تۈرمە،زىندان. ئاۋۇشقا_قېرى،بۇۋاي،چال. ئايا_ھەي. ئاياش-ئادىت_ئەر بۇرادەرلەرنىڭ قارشى تەرەپنىڭ ئاياللىرىنى ئاتىشى(چاقىرىشى). ئايلۇ_ قارانچۇق. ئايلاق_پېسە كېسەللىكى(ئادەتتە <<ئايلاققا كەتكىن>> دەيدىغان ھاقارەت-قارغىش سۆزىدىكى <<ئايلاق>>نى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا بۇ سۆزنى قەلەيمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ!). Oi AZA< (تەۋسىيە: ئۆزىمىز بىلسەكمۇ بالىلارغا ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۇنتۇمايلى!) lT#&\JQ
داۋامى<< ئە >>دىن بېرىلىدۇ. مەنبە:<<ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى>>(بىر قىسىملىق) ئسكەرتىش:تىرناق ئىچىدىكى<<ئەرەپچە،پارسچە،روسچە>> لارنىڭ باش ھەرپى،<<دىئالىكت>>نىڭ<<دىئال>>قىسمى قىسقار- تىلىپ بېرىلدى. ( NWT/yBx
|
|