查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

xarap 2013-06-19 00:12

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرى


ئۇيغۇر مىللىتى ئاتابوۋىلىرىدىن تارتىپ ئۆزىنىڭ قىز-ئاياللىرىنىڭ يۈزىنى پەقەت كۆزنىلا ئوچۇق قۇيدىغان دەرىجىدە ياپقۇزمىغان. ھازىر دۆڭكۆرۈكتە بۇنداق كىيىنگەنلەر قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. مەن بىر نەچچە قېتىم ئاشخانىدا يۈزى ئورالغان ئايالنىڭ ئەرلەر بىلەن ئولتۇرغاندا، باشقىلارغا يۈزىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىگىنىنى كۆردۈم. بۇ قانداق ئادەت ؟ ئاياللار تاماقنى ئەركىنمۇ يىيەلمەمدۇ ؟ كىچىكىمدىن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋالنى ئۇچراتمىغانتىم. مىللەت ۋە دىن ئوخشىمىغان ئىككى ئۇقۇم، يۈزىنى تولۇق ئوراش ئەرەبلەرنىڭ ئۆرۈپ ئادىتى، ئويغۇرلارنىڭ ئەمەس. ئەرەپ دىگەنلىك مۇسۇلمان دىگەنلىك ئەمەس،ئەرەب دىگەنلىك ئۇ بىر مىللەت نامى. شۇڭا دىن سەۋەبلىك مىللەتىنىڭ خاسلىقى(ئاياللارنىڭ يۇزىنى ئوراپ بەدىنىنى ئوچۇق قۇيۇپ ئۇينايدىغان ئەرەب ئۇسۇلى) تاشلىنىپ قالمايدۇ. مەسلەن خۇيزۇ مەسچىتلىرى جوڭگو كىلاسسىك قۇرلۇش ئوسلوبىدا سېلىنغان. ئوخشىمىغان مىللەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزگە خاس ئۆرۈپ ئادەتلىرى بار. ھەربىر شەخسنىڭ كىيىمنى قانداق كىيىش ئەركىنلىكى بولىدۇ، ھېچكىم ئۇنى توسۇۋالالمايدۇ. دىننىڭ نىگىزلىك ماھىيتى ئېتىقاد قىلغۇچىنى(مۆھمىنلەرنى) ياخشىلىققا دەۋەت قىلىش، ئۆزئارا مىھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈش، رەھىمدىللىك ۋە ئەخلاق پەزىلەتتە نامايەن بولىدۇ. ھەرگىزمۇ قانداق كىيىنىش،يۈزىنى ئوراش ئورىماسلىق،باشقىلارنىڭ ئىشىغا چات كىرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشىق-مەشۇق بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئۆتكۈزمەسلىكىنى مۇنازىر قىلىش ئۈستىدە ئەمەس. سىزنىڭ بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ئوقۇشىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ قىيامەتتە جەننەت ئەھلىدىن بولىشىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ(مەن ناماز ئوقۇغانلارنى ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىمەن). ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولسىڭىز كۆپرەك ۋاختىڭىزنى ئۆز ئىشىڭىزغا ئاجىرتىڭ، نامراتلارغا كۆپرەك ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ،دۇرۈس بولۇڭ، پىرىنسىپىچان بولۇڭ. ناماز ئوقىيالمىغىنىڭىز سىزنىڭ دوۋزاخقا كىرىشىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ،قىيامەت كۈنى سىزدىن سوراق قىلىندىغىنى سىزنىڭ نىمە يەپ-ئىچكىنىڭىز ئەمەس، سىزنىڭ نىمە قىلغىنىڭىز ، قانچىلىك ساۋاپ ئىشلارنى قىلغىنىڭىز دىن سوراق بىرىسىز. مەنچە ھەدىسلەرنى قارغۇلاچە يادىلاشنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئەمىلىي ھەركىتىڭىز دە ئىپادىلەپ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە باراۋەر(مىللەت-ئېرىق ئايرىماي، يۇقىرى تۆۋەن پەرىقسىزھالدا) كۆپرەك نەپ يەتكۈزۈشنى ھەقىقىي ئېتىقاد دەپ قارايمەن.
مەنبە:ئەلكىن تورى


tursungul 2013-06-19 18:31
نورماللىق ئىچىدىكى بىنورماللىقنى كۆرىۋاتامدىم ياكى بىنورماللىق ئىچىدىكى نورماللىقنى كۆرىۋاتامدىم؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-19 19:48
مەنمۇ ھېچ بىلەلمىدىمغۇ !؟  

ياسىنجان510 2013-12-25 15:02
بۇ مىللەتتىكى يەپرىقىچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ياسىنجان510 2013-12-25 15:08
مۇنبەر باشلىقى ئەكبەر نىياز ئەپەندىگە:مېنىڭ يازمىلىرىم بۇ مۇنبەرگەيوللانمايۋاتىدۇ، سەۋەبىنى چۈشۈنەلمىدىم.ماڭابىر جاۋاپ بېرەلەرسىزمۇ،ياخشى يزمىلىرىم يوللانمايۋاتىدۇ.

ياسىنجان510 2013-12-25 15:12
يوقىرقى سۆزدە ئىملا خاتالىقى كۆرۈلدى‹تەپرىقىچىلىك›دەپ  ئوقۇشۇڭلارنى سورايمەن.


查看完整版本: [-- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ-ئادەتلىرى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled