查看完整版本: [-- بېسىقماس چوقان --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> بېسىقماس چوقان [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەھەممەتجان 2013-06-18 22:34

بېسىقماس چوقان

بېسىقماس چوقان
                            

ساتىرا





نىجات ئابدۇرىشىت زەپەر (غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق2-يىللىق14-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)  



  

قوشنىمىز داۋۇتكام سېمىز،
(ھېلىىمۇ ھايات).      
كۈنلىرى باياشات ئۆتۈۋاتىدۇ،
ئۆزىنىڭ بىر ئوبدان ھۈنىرى بىلەن،
ئائىلىسىنى بېقىۋاتىدۇ.
ئەسلىدە خەق بىلەن كارىم يوق ئىدى،
دەۋەلمىسام ئىچىم ئاداۋاتىدۇ.
ئاڭلاپ قويۇڭ شىكايىتىمنى،
مەنلا ئەمەس،ئەقلى بارلار قاقشاۋاتىدۇ:
داۋۇتكام              
بۇرۇندىن تارتىپ تاھازىرغىچە،
تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالاتتى.
بالىلىرى يوق بىر جۈپ ئەر-خوتۇن،
تۇرمۇشتا شۇنداق غېرىپ ئۆتەتتى.
داۋۇتكامنىڭ ئايالى پاتەم،
ئاجىز،ئورۇق كېسەلچان بولغاچ،
كاپالەتنى ئالار ئاسانلا،
داۋۇتكامغا باھانە بولغاچ .
داۋۇتكامدا ئەسلا يوق ھۈنەر،
كوچا چىڭداپ مېڭىپلا يۈرەر.
‹‹ھۈنەرلىك›› دەپ يازغان دېمەمسىز،
ئەمدى بىلىسىز ئۇ قانداق‹‹ھۈنەر››.
داۋۇتكامغۇ ئوبدانلا كىشى ،
كۆزلىرى يوغان,قاپقارا قېشى.
ئىقتىسادقا ناھايىتى چىڭ ئۇ ،
سورىسا پۇل،ئاغراتتى بېشى.
داۋۇتكام ئۇ كارامەت ئادەم ،
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئېتەتتى.
پارتىيە توغۇرلۇق سوئال سورىساڭ،
ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سۆزلەپ كېتەتتى.
‹‹پارتىيە مېنىڭ نۇرلۇق قوياشىم،
پارتىيە ئانام ، پارتىيە گۈلۈم.
تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى بەردى ئۇ،
بولمىسا تالىق ماڭا بىر ئۆلۈم››.
شۇنداق سۆزلەرنى قىلغىنىدا،
قاراپ كېتەتتۇق ئۇنىڭ ئاغزىغا .
ھۇجۇدىمىزدا ھاياجان ئىسى،
شۇڭغۇپ كىرەتتۇق ۋەتەن باغرىغا .
دەيتتى ئۇ يەنە ،            
‹‹ۋەتەن مۈلكى جېنىڭدىن ئەزىز .
قىلما خىيانەت بولمىغىن كەپسىز،
ۋەتەن گۈلدۇر، ۋەتەن ئانىمىز.
بىز ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر قەرز››.
ئېغىزىدىن پاساھەت تۆكۈلگەن بىلەن،
ئۆز گېپىگە قىلمايتتى ئەمەل .
دائىم زىياپەتكە ماڭار ئىدى ئۇ،
بېلىغا ئالتۇندىن باغلايتتى كەمەر.
كاپالەت پۇلىنى ئالار چېغىدا،
كەمىرىنى ئالاتتى،تىقاتتى قايان،
ئەسكى ئىشتان،قىزىل چاپان كىيىپ.
دادۈيدە ھالىنى قىلاتتى بايان:
‹‹يەيدىغىنىم خەقلەردىن ئاشقان،
ئايالىم كېسەل قاپارتىما تاشقان.
ئۆيۈمگە كىرسە يامانلاپ قاچار،
ھەتتاكى ئاشۇ بەدرەڭ چاشقان.››
ئۇ زارلىنىپ ئالاتتى پۇلنى،
شۇنداق ئېلىپ چىڭدايتتى ئۇلنى.
ئايالى سورىسا بېرىڭچۇ پۇل دەپ،
قوقاق سالاتتى (قوغلايمەن!    
سەن كېسەل تۇلنى.)
ئايالى پاتەم قورقاتتى شۇنداق،
بۇنىڭسىزمۇ ئۇ قىلاتتى قانداق.
ھېلىمۇ مۇشۇنداق ئېرى بوپتىكەن،
بولمىسا تۇرمۇش ئۆتەتتى قانداق.
داۋۇتكام گەپ بىلەن شەھەر ئالىدۇ،
ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ قالىدۇ.
ئۇنىڭمۇ ئۆزىدەك يارەنلىرى كۆپ،
سانىسا ئېزىقار كۆزلەر تالىدۇ.
سۆزلىسەڭ سۆزلىگىن بۇمۇ بىر‹‹ھۈنەر››،
داۋۇتكامنى دورىساڭ نەپ-پايدا ئۈنەر.
قورقمىساڭ قەدەم ئال خىيانەت يول بۇ،
يالغان سۆزلەپ دائىما ۋىجدانىڭ تۈگەر .
يېقىندا تېلىېۋىزورغا چىقىپ كەلدى ئۇ،
ئىسراپچىلىققا قارشى نەمۇنىچى بوپ.
بوينىدىكى قىپقىزىل لەۋھە ياراشقان ،
ساپسېرىق خەتلىرى جايلىشىپتۇ خوپ.
بۇنىڭغا ھەق راست دەپ تۇردۇق،يوق چارە،
گەرچە يۈرەك بولسىمۇ پارە.
‹‹خەقتىن ئاشقىنىنى قويماي يەپتىكەن،
تېلېۋىزورغا چىقىپتۇ دەپ››تاپتۇق بىر چارە.
تېلېۋىزورغا چىققاننىڭ خاسىيىتىدە،
ئۆيلىرى بېزىلىپ يېڭى تۈس ئالدى.
ھەممە نەرسە يىپيېڭى خوتۇنى كونا ،
ئۇنىمۇ ئالماشتۇرۇپ يېڭىدىن ئالدى.
داۋۇتكام سېمىزرەك يوغانراق بېشى،
بۇنداقلارنىڭ ئۇنتۇلماس ھەتتا ئىچ-تېشى.
بېسىقماس چوقانلار ياڭرايدۇ دائىم،
ئادىل باھا بېرىپ بېقىڭ،ئۇ قانداق كىشى؟

ئايبىكە 2013-06-18 23:09
ماڭىدىغان يوللىرىڭىزغا كەڭرىلىك بولسۇن.

ئەكبەرنىياز 2013-06-18 23:33
ناھايىتى ئېسىل چىققان ساتىراكەن ، كۆپ رەھمەت !!!  

nadiraay 2013-06-19 11:57
ياخشى يېزىلىپتۇ. ھارمىغايسىز.


查看完整版本: [-- بېسىقماس چوقان --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled