تولۇقسىز ئەدەبىيات 7-يىللىق 1-ماۋسۇم سۆزلەرگە ئىزاھات
بىرىنچى بۆلەك سۈيۈملۈك ئەدەبىيات سىرلىق ــــ ①قانداقتۇر بىر سىر يۇشۇرۇنغان، مەلۇم سىرى بار ، مۆجىزىلىك؛ ② باشقىلاردىن سىرتۇتۇلغان ياكى باشقىلار بىلىپ قالسا بولمايدىغان؛ مەخپىي، يۇشۇرۇن ③ سىرىنى بىلىپبولغىلى بولمايدىغان؛ ناھايىتى ھەيۋەتلىك؛ ④ يۈزىگە تەكشى سىر سۈرتۈلگەن، سىربىلەن بۇيالغان؛ سىرلىساڭ سىرلىق ئاياغ، سىرلىمىساڭ ئىتقا تاياق . ( ماقال ) ئەدەبىيات ــــ ئەرەبتىلىدىن كىرگەن ئاتالغۇ. لاتىنچىدىكى « Liteyatura » دېگەن بىلەن ئوخشاش. لوغەت مەنىلىرى : ① بىرەر خەلقنىڭ بىرەردەۋرنىڭ ياكى بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ يازما ۋە باسما ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ( بىرپۈتۈن يىغىندىسى ) كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ② بىلىم ۋە پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە مەنسۈپبولغان باسما ئەسەرلەر ۋە كىتابلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ③ سەنئەتنىڭ تىل ياردىمى بىلەنتۇرمۇشنى تەسۋىرلەش ۋە بەدئىي ئوبىراز يارىتىش ساھەسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تەرىپىزامانىمىزدىكى ئەدەبىيات چۈشەنچىسى بىلەن ئوخشاش، بۇ خىل چۈشەنچىنى ئاتالغۇجەھەتتىن پەرقىلەندۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ ھاللاردا « بەدىئىي ئەدەبىيات» دەپ قوللىنىپئېلىنۋاتىدۇ. « بەدىئىي ئەدەبىيات » دەل ئاشۇ ئۈچىنچى خىل مەنىنى كۆرسىتىدۇ. 1. سىزگە ئىشىك ئېچىلدى ئىستەك ــــكىشىدە بىرەر نەرسىگە بولغان ئىنتىلىش ؛ تىلەك خاھىش؛ بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭداتىرىشىپ ئۆگىنىش ئىستىكى قوزغالدى. روھىي ــــكىشىنىڭ روھىغا، پىسخىكىلىق كەيپىياتىغا ، ئىچكى دۇنياسىغا ئائىت ھەم شۇلار بىلەنمۇناسىۋەتلىك بولغان؛ روھىي ئازاب، روھىي كىشەن. زەئىپ ــــ ①جىسمانىي قۇۋۋىتى كەم، قۇۋۋەتسىز، ئاجىز، كۈچسىز؛ ② سىياسي، ئىقتىسادىي، ھەربي ۋەباشقا جەھەتتىن كۈچى ئاجىز؛ كۈچسىز؛ ③ پەس، بوش، سۇس، كۈچسىز، ئاجىز؛ مەسىتخۇش ــــ ①خۇشخۇي مەست ، سەل مەست، چالا مەست؛ مەستكە ئوخشاش؛ ② ھەلەك؛ ئاۋارە؛ غەپلەت ــــخەۋەرسىزلىك، بىلمەسلىك؛ بىخەستەلىك، بىپەرۋالىق؛ غاپىللىق؛ نادانلىق؛ لاغايلاپ ــــ بىكاريۈرمەك، ئىش قىلماي ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەك؛ نامايەن ــــ ئېنىق،ئۇچۇق گەۋدىلەنگەن، رۇشەن كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان؛ نازۇك ــــ ①ئىنچىكە زىلۋا؛ ② يۇقىرى ماھارەت ھەم كۆپ ئەجىر بىلەن ئىشلەنگەن، ئىشلىنىشى نەپىس،ئېسىل؛ ③ ئۆزىگە خاس قىيىن تەرەپلىرى بولغان ، ئالاھىدە ماھارەت، بىلىم تەلەپقىلىدىغان؛ ئۇرۇنلاش ۋە بىجىرىش ئەڭ قىيىن بولغان؛ ④ سۈيۈملۈك ، يېقىملىق، ئۇماق،كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان؛ ⑤ كۆچمە مەنىسى: ئالاھىدە ئىتبار تەلەپقىلىدىغان ؛ تۈرلۈك تەسىرلەرگە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ، بىرەر تەسىرنى ئاسانقوبۇل قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتكە قارىتا سەزگۈر، ئەمما گەپ كۈتۈرەلمەيدىغان؛ ⑥سىلىق، يېقىملىق، نازاكەتلىك، ئەۋرىشىم؛ ⑦ كۆچمە مەنىسى : ئاجىز، بوش، زەئىپ، چىدامسىز؛⑧ سىرلىق، كىشىنى ھەم سۈيۈندۈرىدىغان ھەم ئەنسىرىتىدىغان؛ ⑨ ئاياللارنىڭ ئىسمى. تەسىرلىك ــــ ①تەسىر كۆرسىتىدىغان، نەتىجىلىك ، پايدىلىق؛ ② كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، كىشىدەكۈچلۈك تەسىرات قوزغايدىغان؛ ئوبىراز ــــ ① ئوبىيكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى كوفىيسى : ئوبىرازئارقىلىق تەپەككۇر قىلماق . ② يازغۇچىنىڭ كۈزىتىشى ، تاللاش ، پىششقلاش ۋەيوغۇرۇشىدىن كىلىپ چىققان تۇرمۇش مەنزىرىسى .ماھىيەت ــــ ①بىرەر نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم، تۈپ مەزمۇنى؛② نەرسە ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىچكىبەلگىلىرى، ھادىسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسدىكى ئىچكى باغلىنىش، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى،خاراكتىرى ۋە ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسى ئامىل. دەۋر ــــ ①تارىختىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەھۋاللار ئاساس قىلىنىپبۆلۈنگەن مۇئەييەن مەزگىل؛ ② كىشىئۆمرىنىڭ مۇئەييەن مەزگىلى؛③ ئېرادىن كىچىك بولغان گىئولوگىيلىك يىل بىرلىكى. بىرئېرا ( مىڭ يىل ) بىر نەچچە دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ④ شەيئىلەرنىڭھەرىكەتلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەرياندا ئۇنىڭ مەلۇم بەلگىلىرى كۆپ قېتىم قايتا –قايتا كۆرىلىدۇ. بۇ خىل بەلگىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىككى قېتىم كۆرۈلىشىگە كەتكەنۋاقىت؛ ⑤ جىسملار تەكرار ھەرىكەت قىلغانداياكى فىزىكىلىق مىقدارلار دەۋرى ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرغاندا ئۇنىڭ بىر قېتىمتەكرارلىنىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت بىر دەۋر ھېسابلىنىدۇ؛ ⑥ بىرەر ئىش- ھەرىكەت ،ۋەقە- ھادىسە بىجىرىلىدىغان بەلگىلىك ۋاقىت ؛ زامان؛⑦ كىشىنىڭ ئامىتى كەلگەن چاغ،پەيت، زامان. مۇنەۋۋەرــــ ① ئەڭياخشى، ئەڭ ئېسىل، ئالدىنقى قاتاردىكى؛② ئاياللارنىڭ ئىسمى. ئىجتىمائىي ــــ ①كىشلىك جەمئىيەتكە، كىشلەر پائالىيتىگە، كىشىلەر ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى ئائىتبولغان؛ ئىجتىمائىي فورماتسىيە، ئىجتىمائىي پەن؛ ② جەمئىيەتنىڭ، ئاممىنىڭ سىياسى مەدەنىي ۋە باشقا ئىھتىياجلىرى ئۈچۈنئىختىيارى رەۋىشتە خىزمەت قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان؛ ئىجتىمائي تەشكىلات.③ ئاممىغا، ئۇمۇمغا تېگىشىلىك، ئومۇمىي؛ئىجتىمائىي مۆلۈك. جەۋھەر ــــ ① قىممەت باھا تاشلارنىڭ ئومۇمىي نامى. ② كۆچمەمەنىسى: بىرەر شەيئىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، مېغىزى ، يادىروسى ؛ ③ كۆچمەمەنىسى : مەلۇم بىر ئىش ياكى مەسىلىنىڭ ئاساسلىق، ئەھمىيەتكە ئىگە قىسمى؛ سەنئەت جەۋھەرلىرى . ④ كۆچمە مەنىسى : مەلۇمئەجىر ، تىرىشچانلىقنىڭ مېۋىسى، نەتىجىسى؛ دوردانە ــــ ①ئېسىل چوڭ ئۈنچە- مەرۋايىت. ② ئېسىل ، بىباھا قىممەتلىك نەرسىلەر؛ مۇجەسسەم ــــجەمىلەنگەن، يىغىلغان، توپلانغان؛ جۇغلاش ــــتوپلاش، يىغىش؛ ساپا ــــ ① ساپلىق، پاكلىق ② سۈپەت ، ئۈنۈم، قەدىر-قىممەت ؛ ③ مەنپەئەت، ھوزۇر، ھالاۋەت؛ ④ پۇرژىنا ياكى بولۇتسىمان سۇلياۋئۇرۇنلاشتۇرۇلغان يۈلەنچۈكلۈك يۇمشاق ئۇرۇندۇق؛ بىمەنىلىك ــــبىمەنىلىشىش، مەنىسىزلىك؛ دۇكتۇر ــــئىلمىي ئونىۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ياكى شۇ دەرىجىلىك ئىلىمى ئونىۋانغائىرىشكەن ئالىم. ماگىستىر ــــ ①ئىلمى ئونىۋان؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر تەتقىقات ئۇرۇنلىرىدا بىر- ئىككىيىلدىن ئارتۇق ئوقۇپ لاياقەتلىك بولالىسا ، بۇ ئونىۋانغا ئىرىشەلەيدۇ. دەرىجىسىدوكتۇرلۇق ئونۋانىدىن تۈۋەن تۇرىدۇ. ② شۇ ئىلىمى ئونىۋانغا ئىرىشكەن ئادەم. ھەقىقەت ــــ ئوبيېكتىپرىئاللىق ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى توغرا بولغان ئىنكاسى.توغرىلىق؛ چىنلىق؛ ھەقىقى ئەھۋال؛ دىئالۇگ ــــ①ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسىدىكىسۆزلەر؛ ② ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسدىكى سۆھبەت. بىپايان ــــچەكسىز، پايانسىز، كۆز يەتكۈسىز. سۈكۈنات ــــ ئۈن-تىنسىز، جىمجىت تۇرغان ھالەت؛ جىمجىتلىق، سۈكۈت؛ سەھنە ــــ ①زال، كۇلۇب، مەيدان قاتارلىق ئاممىۋىسورۇنلارنىڭ سۆزلىگۈچىلەر ياكى ئويۇن قۇيغۇچىلار ئۇچۇن لايىھەلەنگەن يەردىن ئىگىزقىلىپ سېلىنغان سۇپىسى؛ ② كۆچمە مەنىسى : پائالىيەت مەيدانى، مۇنبەر؛ كومىدىيە ــــتۇرمۇشتىكى سەلبى ھادىسلەر ۋە شەخىسلەر مازاق قىلىنىدىغان كۈلكىلىك سەنئەت ئەسىرى.تراگىدىيە ــــ ① باشقەھرىمان بىلەن رېئال مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇقەررەر تۇقۇنۇشتا، باش قەھرىمانبەخىتسىزلىككە ئۇچىراپ، پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بىر خىل تىياتىر تۈرى. ②دەھشەتلىك ۋەقە، ھادىسە؛ پاجىئە؛ ئەكىس ــــ ①بىرەر نەرسىنىڭ سىلىق، يالتىراق يۈزىدە كۈرۈنگەن باشقا بىر نەرسىنىڭ تەسۋىرى .شەكىلى؛ ② زىت، تەتۈر، قارىمۇ- قارىشى؛ ③ قايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان؛ قايغۇ ــــ زار،قاتتىق زارلىنىش؛ پاجىئە ــــئېچىنىشلىق ۋەقە؛ ھالاكەت؛ مۇسىبەت؛ بەخىتسىزلىك. تەمسىل ــــ ① بىرەر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئوخشىتىش؛ ② تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ھادىسلەرنى، كىشىلەرنىڭياخشى- يامان خۇسۇسىيەتلىرىنى ھايۋان ۋە نەرسىلەرنىڭ قىلىقلىرى، تەبىيئىتى ۋەھالىتىگە سېلىشتۇرغان ھېكىمەتلىك سۆزلەر. ئەكىس سادا ــــقايتىلانغان، قايتا ئايان بولغان ئاۋاز. يۈكسەك ــــ ① ئېگىز، بۈيۈك، كاتتا؛ ② كۆچمە مەنىسى: ئالىي، يۇقىرى ، ناھايىتى چوڭ،ياخشى ، ئۇبدان. ③ ئەرلەر ئىسمى . غايىۋى ــــ ①مۇئەييەن بىر غايە ، ئىدېئولۇگىيگە ئىگە؛ مۇئەييەن بىر غايە ئىدىئولۇگىيگەئاساسلانغان : ② يۇشۇرۇن .دەقىقە ــــ ① سائەتنىڭ 60 تىن بىر بۆلىكى ، مىنۇت . ② كۆچمە . قسقىغىنە ۋاقىت ، پەيىت .كارتىنا ــــ (رۇسچە ) كىنو- فىلىم ، كىنو كارتينىسى ، مۇستەقىل بەدئىىي قىممەتكە ئىگە بولغانتەسۋىرى سەنئەت ئەسىرى . ئەدەبى ئەسەرلەردىكى مەلۇم كۈرۈنۈشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ .كىزىش ــــ مېڭىپ يۈرۈش ، ئايلىنىش ، سايائەت قىلىش ،ئارىلاش . ئىزھار ــــ بايان قىلىش ، سۆزلەش ، سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ،بىلدۈرۈش . سادا ــــ ①تاۋۇش ، ئۈن ، ئاۋاز ، ② كۆچمە : ئىنكاس ، جاۋاپ .تەلپۈنۈش ــــ ① تەمشىلىش ، ئىنتىلىش . ② كۆچمە . مەلۇمتەرەپكە تارتىماق ، ئۆزلۈكسىز سوقماق ، ( يۈرەك ، كۈڭۈل ، قەلىب ھەققىدە ) ياۋايى ــــ ①ئادەمگە كۆنمىگەن ، كۆندۈرۈلمىگەن ، تەبىئەتتە ئەركىن ياشاۋاتقان . ② ئۆزى تەبىئيىئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن . ( ئۈسۈملۈك ) ③ مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائى ھالىتىگە خاسبولغان ، قالاق ، مەدەنىيەتسىز : ④ ئىجىتمائى تۇرمۇشتىن چەتنىگەن ؛ قەبىھ، ۋەھشىي . نەزەر سېلىش ــــ كۆز سېلىش ، دىققتىنى بۇراش ، قاراش ،جەزبىدار ــــ جەلىپ قىلارلىق ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ،دىققىتىنى تارتىدىغان . ئاسىي ــــ ①گۇناھكار، گۇناھ قىلىغۇچى؛ ② خائىن، ساتقۇن. ئۈزۈندە ــــ بىراۋنىڭ قىلىغان ياكى يازغان ماقالە-ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچە. 2. شېئىر ۋە شائىر ماتا ــــ پاختايىپتىن يەرلىك تۇقۇش دوكىنى ( دەستىگاھ ) دا توقۇلغان رەخت، بۆز؛ كەشتە ــــ رەختنىڭيۈزىگە يىڭنە بىلەن تىكىپ چۈشۈرۈلگەن گۈل، تۈرلۈك رەسىم، ھەر خىل سىزىقچە ۋە شۇقاتارلىق نەرسىلەر. ھۆسىن ــــ ① چىراي، جامال، گۈزەللىك؛ ② چىرايلىق قىلىپ يېزىلىدىغان ، نەپىس ، كۆركەم، گۈزەل؛ توڭگۇز ــــ ① سۈت ئەمگۈچى ھايۋان، بۇرۇن ۋە ئېغىزتومشۇقلىرى ئۇرۇنچاق، كۆزى كىچىك، قۇلىقى چوڭ، پۇتى قىسقا تىنى سىمىز بولىدۇ.ئادەتتە چوشقا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ② كۆچمە مەنىسى : ئەبلەخ ، ھايۋان دېگەن مەنىدىكىھاقارەت سۆزى. ③ مۈچەل يىل ھېسابىدا ئون ئىككىنچى يىلىنىڭ نامى. بەخىشئەتمەكــــ ئاتا قىلىماق، ئاتىماق، بېغىشلىماق، بەرمەك. مەشئەل ــــ ①ئۇچىغا كۆيىدىغان بىر نەرسە ئۇرالغان، يۇرۇتۇش ياكى ئوت يېقىش ئۈچۈنئىشلىتىلىدىغان تاياق؛ ② يول ۋە نىشاننى كۆرستىىپ بىرىدىغان نەمۇنە، ماياك. زولمەت ــــ ① ھېچنەرسنى كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى قاراڭغۇلۇق؛②كۆچمە مەنىسى: نادانلىق،جاھالەت. گۈلخان ــــئىسسىنىش ياكى يۇرۇتۇش ، بەلگە بىرىش قاتارلىق مەقسەتلەردە ئۇتۇن سېلىپئوچۇقچىلىقتا قالانغان ئوت. قاينام ــــ ① سۇياكى سۇيۇقلۇقنىڭ چۈرگىلىمەچ بولۇپ ئايلىنىدىغان جايى؛ ② كۆچمە مەنىسى : ئىش، پائالىيەت ۋە كۈرەش ۋەشۇ قاتارلىقلاردا قايناپ تاشقان، جوش ئۇرغان ھالەت؛ تەشنا ــــ ①سۇسىرىغان، چاڭقىغان، سۇغا زار؛ ② كۆچمە مەنىسى : مۇھتاج، ئىنتىزار؛ داۋا ــــ ①كىسەلنى ساقايتىش چارىسى، دۇرا- دەرمەك؛ ② پايدىلىق ۋاستە. شىپا. ③ كۆچمە مەنىسى : ئامال،ئىلاج ، چارە. ئۈگىدەك ــــپۈتۈنلەي ئۇخلاپ قېلىش بىلەن ئويغاقلىقنىڭ ئارىلىقىدىقى ئۇيقۇ باسقۇچى؛ خامۇش ــــ ① شۈكجىم بولۇپ قالغان ؛ جىم، كەمسۆز؛ ② غەم- غۇسسىگە پاتقان، مىسكىن، ئويچان، چۈشكۈن،سۇلغۇن. ئشىق ــــ ①يارغا بولغان مۇھەببەت ، سۆيگۈ . ② زورئىشتىياق . دەشىت ــــ ئۈسۈملۈك ئۈنمىگەن ، سۇسىز ، قاقاس يەر ؛ چۆل .ئايۋان ــــھويلىنىڭ ئۈستى يېپىلغان قىسمى ، پىشايۋان. پەرۋانە ــــ ① بىرخىل ھاشارەت، بۇنىڭ كۆپ تۈردىكىللىرى دىھقانچىلققا زىيان سالىدۇ. ② كۆچمە مەنىسى :مەھلىيا، ئاشىق، مەپتۇن . تاماسىز ــــخالىس، ھېچنىمە تەلەپ قىلىماسلىق. سۇغ ــــ ①ھارارىتى ۋە تىمىپىراتۇرىسى بەلگىلىك گىرادوستىن تۈۋەن بولغان . ② ھارارىتى ،تىمىپىراتۇرىسى تۈۋەن ھاۋا . ③ سوغۇقلۇققا تەۋە يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشنەتىجىسىدە ئورگانىزىم پائالىيتىنىڭ سۇسلىشىشى . ئۆزىگە جەلىپ قىلمايدىغان ،كۈڭۈلگە ياقمايدىغان ، يېقىمسىز ، قۇپال . غەيۇر ــــغەيرىتى بار، غەيرەتلىك ، جەسۇر، قەيسەر، باتۇر. تەپەككۇر ــــ ئادەممېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققدىكىقىسمەن چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە . نىكولاي ــــ چارۇسىيە پادىشاھىنىڭ ئىسمى . لىف تولىستويــــ ( 1828- 1910 ) لىف نىكولايىۋېچ تولىستوي روسىينىڭ داڭلىق ئۇلۇغ تەنقىدىرىئالىزىمچى يازغۇچىسى . ياۋرۇپا تەنقىدىي رېئالىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىسى.1828 –يىلى روسىيەدىكى بىر پومىشچىك ئائىلىسىدە توغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى « بىرپومىشچىكنىڭ ئەتتىگىنى » ( 1856 ) ، « لىيوتسېرىن » (1857 ) پوۋېستلىرى ، « ئاننا-كارېننا » ( 1877) ناملىق رومانى ، « تىرىلىش » رومانى ، مۇھىم سەھنە ئەسەرلىرىدىن: «قارا كۈچلەر » پوۋېستلىرى ، « ئىۋان ئىۋانوۋىچنىڭ ئۆلۈمى » ، « ھاجى مۇرات » ۋە« تاسىندىن كېيىن » ھېكايسى قاتارلىقلار بار. 1910- يىلى 89 يېشىدا بەختكە قارىشىكىسەل سەۋبى بىلەن ۋاپات بولغان. 3. قىش بىلەن يازنىڭ مۇنازىرىسى قىڭغىر ــــ ① تۈزسىزىق بويلاپ يۈنەلمىگەن ، ئەگىرى . ② بىر تەرەپكە قىيسايغان ، قىڭغايغان . ③كۆچمە : ئالدايدىغان ، ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىلىگەن ، ساختا . ④ كۆچمە . بىر ئەزاسى بىر تەرەپكە قىيسايغان . تىركىشىش ــــ ①قارىشلىق كۆرسىتىش، قارىشلىشىش، ئېلىشىش؛ ② پۈتۈن كۈچى ۋە تىرىشچانلىقىنى ئىشقاسېلىش، تىرىشىش. يوقسۇل ــــ كەمبەغەل، نامرات ، يوقسۇز؛ سۈندىلاچ ــــ سۇندۇكنىكۆرسىتىدۇ. بۇ بىر خىل كىچك قۇش بولۇپ قۇرۇت قاتارلىق ئۇششاق ھاشارەتلەرنى تۇتۇپيەيدۇ. تۈكلىرى كۈلرەڭگە مايىل كىلىدۇ. تېكە ــــ ئۆچكە، ياۋا ئۈچكە، جەرەن قاتارلىقلارنىڭ ئەركىكىنىڭ پىچىلىمىغىنى. ساغلىق ــــ ئىككىچىشلىقتىن ئاشقا چىشى قوي. يېلىن ــــ ئايالكىشى ياكى سۈت ئەمگۈچى چىشى ھايۋانلارنىڭ سۈت ئاجىرىتىش ئەزاسى؛ سۈت بېزى، ئەمچەك.ئەت ــــ ①ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشى؛② بەزى مېۋىلەرنىڭ يومشاق قىسىمى؛③ يەرنىڭ ئۈستۈنكىقەۋىتىدىكى مۇنبەت، ھوسۇللۇق قىسمى. يوپۇن (يوپۇڭ)ــــ يىلىڭ ، يوپقا . نەغمە ــــ چالغۇ ئەسۋاپلىرى بىلەن ئىجىرا قىلىنىدىغانئاھاڭ .يېزىقچىلىق ئىلىھامى كەلگەندە يېزىش كېرەك تەپەككۇر ــــ ①ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى ؛ ئوبىكتىپ ۋەقەلىكھەققدىكى قىسمەن چۈشەنچە ، تەسەۋۋۇر . ② پىكىر يۈرگۈزۈش ، مۇھاكىمە . قوشۇما ــــبۇرۇننىڭ ئۈسىتىدىكى، ئىككى قاش ئارىلىقىدىكى ئۇرۇن؛ زورمۇزۇر ــــ مەجبۇرىي ھالدا، قىستاپ، زورلاپ،سەۋەپسىزلا؛ زورۇقماي ــــكۈچىمەي. تالاي ــــ جىق،نۇرغۇن، كۆپ؛ ئۇخچۇش ــــدولقۇنلاش، مەۋج ئۇرۇش. باغاشلىماق ــــباغرىغا باسماق، قۇچاقلىماق. رۇجەك ــــدېرىزىنىڭ كۆزنەك ئورنىتىلىغان جازىسى؛ پەنجىرە. قەلىبئىزھارىــــ ئىچكى روھىي دۇنياسى، ئىچكى ھىس تۇيغۇلىرى، پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەش. داڭقان پۇتى ــــقاملاشمىغان، ئېگىز- پەس؛ رومان ــــبەدئىي ئەدەبىياتتا چوڭ تىپتىكى ئىپىك ئەسەر، ھەجىم جەھەتتىن چوڭراق بولغان ، كەڭۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەلگىلىك تارىخى دەۋرنىڭ بىر پۈتۈن ئالاھىدىلىكنىئۈزىدە مۇجەسسەملەپ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلىگەن، ئىجىتىمائى تۇرمۇشنىڭ كەڭكارتىينىسىنى سىزىپ، تىپىك پىرسۇناژلار ئوبىزالىرىنى يارىتالىغان چوڭ تىپتىكى ئەسەر.ھېكايە ــــ تىپىكئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھادىسلىرى ئارقىلق جەمئىيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكىئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا كەڭ ھەم مۇرەككەپ مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان ئىپىكئەسەر. پىرسۇناژ ــــئەدەبى ئەسەرلەردە تەسۋىرلەنگەن ۋەقەگە قاتناشقۇچىلار. قەسىر ــــ ①پادىشاھلار، خانلار ياكى فىئوداللارنىڭ ھەشەمەتلىك سارىيى. ② قەلئە، قورغان. ③ئومۇمەن ھەشەمەتلىك ساراي، كاتتا ئۆي ، بىنا. سەرلەۋھىلىك ــــماۇۋزۇلۇق؛ پىچ ــــ ①ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلىتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلىغانئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە؛ ② پىچ ھالەتتىكى، يېڭى؛ ③ كۆچمە مەنىسى : مەيدانغاكەلگەن يېڭى يۈزلىنىش، خاھىش. كۆزنەك ــــ ①دېرىزىنىڭ كۆزى. ② كىيىم تىكىش ماشىنسىنىڭ يىڭنە ئۆتۈشىدىغان تاختىسىمان دىتالى③ھارۋا چاقىنىڭ يولى ئىچىگە ئورنىتىلىغان تۇرۇببا شەكىللىك دىتال. ④ سىيرىلماقازاننىڭ ئوق بىلەن تىگىشىپ تۇرىدىغان قىسمى.ستون ــــمەخسۇس بەت؛ 4 . « بۇزغۇنچى » لامپۇچكا ــــئېلىكتىر توكى بىلەن نۇر تارقىتىدىغان، شارسىمان شىشىدىن ئىبارەت يۇرۇتۇش ئەسۋابى؛ئېلېكتىر چىراغ.توك ئېقىمى ـــ ئېلېكتىرزەرىتىنىڭ ئېقىمى.قۇم قازى ــــ تولاگەپ قىلىدىغان، گېپى تۈگمەيدىغان، قۇمدەك سۆزلەيدىغان ئادەم. ۋات ــــئېلىكتېرنىڭ قۇۋۋەت بىرلىكى، ئېلىكتېر بېسىمى بىر ۋولت، ئۆتكەن تۆك بىر ئامپىربولغاندا قۇۋۋەت بىر ۋات بولىدۇ. ئۆمەللىمەك ــــئېغىزىنى مىدىرلىتىپ گەپ قىلشقا تەمشەلمەك؛ يىتىم ئاقساقال ــــئاتىكاچى، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز گەپ – سۆزلەرگە ئارىلىشىۋالىدىغان ھەممىلا گەپكەلوقما سالىدىغان. ۋىنتا ــــ ①بۇرما، رېزبا؛ ② ئايلانما رىزبىلىق چىڭىتىش دىتالى. چالۋاقىماق ــــ بىرەرسەۋەپتىن باشقىلارغا چېچىلماق؛ ئاچچىقلانماق، خاپا بولۇپ سۆزلىمەك. تەرسا ــــ گەپيىمەيدىغان ، جاھىل، كاج؛ ئىستانسا ــــ ① پويىز ياكى باشقا ترانسپورت ۋاسىتللىرىتوختايدىغان جاي ؛ بىكەت. ② ئالاقە، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانئۇرۇن؛ مۇۋەپپەقيەت ــــ بىرەرئىشتىن قولغا كەلتۈرگەن ، ئىرىشىلگەن نەتىجە، غەلبە، ئۇتۇق؛ چوقۇنۇش ــــ ①ئىتىقاد قىلىش؛ ② پۈتۈنلەي ئىشىنىش ، ئەقىدە قىلىش. ھەشەمەتچىلىك ــــ بىرەرئىشنى كاتتا، داغدۇغا بىلەن قىلىش؛ سۆلەتۋازلىق.مودا ــــ ① مەلۇم بىر دەۋىردە كىشلەرنىڭ ئالقىشىغاسازاۋەر بولۇپ ، دەۋر سۈرگەن، بازار تاپقان ھەم كەڭ تارقالغان تۈرلۈك ئادەت،كىيىم- كىچەك قاتارلىقلار؛ ② شەكىل، پاسۇن، ياڭزا. سەلبىي ــــئىجابىي بولمىغان، يامان، تەلەپكە زىت؛ شۈبھىسىز ــــھېچقانداق شۈبھىي توغدۇرمايدىغان، شەكسىز، گۇمانسىز، مۇقەررەر ، سۆزسىز؛ تەرەددۇت ــــ تەييارلىق ، ھازىرلىق . مەرى ــــ كىشىنىڭئەتراپتىكى شەيئىلەرگە بولغان بىر خىل ئوتلۇق مۇھەببىتى ، كۈچلۈك ياخشى كۈرۈشتۇيغۇسى . پاكىت ــــ ①ئىنكار قىلىغىلى بولمايدىغان ، رېئال ، بارنەرسە . ② بىرەر ئىش ، نەرسە ھەققىدەخۇلاسە چىقىرىش ، قەتئىيى بىر پېكىرگە كىلش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس ، دەللىل ، ھۆججەت . ھامما ــــ ①بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا ياكى ئانىسىنىڭ ئاچا- سېڭىللىرى . ② ئۆزىدىن چوڭلارغامۇراجەت قىلىش ، ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان سۆز . پەتىلەش ــــ ①ئۆلۈم ئۇزىلتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارنى يوقلاپ ، مەرھۇمغا قايغۇ بىلدۈرمەك . تەسەللىبەرمەك . ② ئادەتتە ھېيىت- ئايەم ، توي - مەرىكە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق- تۇققان ،ئەل- ئاغىنە ، قولۇم قوشنىلارنى يوقلىماق ، زىيارەت قىلماق . داغماللاش ــــ ①داغمال بىلەن كەپشەرلەش ② قىيناش ئۈچۈن قىززىتىلغان مېتالنى بەدەنگە ياقماق . قىززىقىش ــــ① بىرەر ساھە ، ئىش ياكى نەرسىگە ئىشتىياقباغلاش ، ھەۋەس قىلىش . ② دىققەت ئىتىبار بىرىش كۈڭۈل قويۇش ، بىرىلىش . ③ قىززىقتۇيۇلۇش ، قىززىقارلىق بىلىنىش . قىززىقسىنىش . مەستانە ــــ ①مەسىتلەرچە ، مەسىتلەرگە ئوخشاش . ② كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ، ئەقلىنى ئازدۇرىدىغاندەرىجىدە گۈزەل ، چىرايلىق . ③ بىر نەرسىگە ، ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بىرىلگەن ،ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بىرىلىگەن ، مەھلىيا شەيدا بولغان . ④ بىرەر نەرسىگە ،ئىشقا ياكى كىشىگە قاتتىق بىرىلىگۈچى ئادەم ، ھەۋەس قىلىغۇچى ، ئۆزىنى ئۇنتۇغانھالدابىرىلگەن كىشى ، ھەۋەسكار . كۇرژۇك ــــ مەلۇممەقسەت ، غايە بىلەن توپلانغان كىشىلەر توپى .5. موللاقچىلىقنى ئۆگىنىش ئاۋۇن ــــ كۆپ ، جېق ، نۇرغۇن ؛دار ئويۇنى ــــ يەرگەتىك ئورنىتىلىغان ، ئېگىز ياغاچقا چىڭ تارتىلغان ئارغامچا، ئارقانلار ئۈستىدەماھارەت كۆرسىتىش ؛ دارۋاز ــــ دارئۇيۇنى ئوينىغۇچى؛ تەڭشەك ــــ ①تىكىش ماشىنىسدا غالتەك يىپنىڭ چىڭ بوشلۇقىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان سايمان؛ ② بىرەرنەرسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ تۇرىدىغان نەرسە؛ ③ دارۋازلارنىڭ دار ئۇيۇنىئوينىغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن بادىرىسى. چاتراق ــــ ئىككىپۇتنىڭ ئارىلىقى؛ چات. پەشۋا ــــ ① پۇتپەنجىسىنىڭ دۈمبىسى ، ئالدى تەرىپى؛ ② تېپىك؛ ③ كۆچمە مەنىسى : زەربە، دەشنەم،دەككە. قاسقان ــــ ①غەلۋىر، ئەلگەك ، چاق ۋە بەزى باش كىيىمى قاتارلىقلارنىڭ چۆرىسىدىكى گەردىشى،چەمبەر؛ ② مانتا ۋە شۇ خىل تائاملارنى پىشۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ، قۇمۇشقاتارلىقىلاردىن مەخسۇس ياسالغان نەرسە ۋە ئۇنىڭ ھەر بىر چەمبىرىكى. ئەلگەك ــــيۇمىلاق قاسقانلىق ئاستىغا تۇر بىكىتىلگەن ئۇن تاسقايدىغان سايمان. قىينداق ــــ كىۋەزشادىسىنى چېپىۋالغاندىن كېيىن يىلتىز بىلەن قېپقالغان قىسمى. قىيىندى ــــرەخىت، قەغەز، خروم قاتارلىق نەرسىلەرنى قىيىپ كەسكەندە چىقىرىپ تاشلانغانكىرەكسىز قىسمى. تەلۋە ــــ ① تەمپۇرىقى ناھايىتى ئاچچىق؛ ② ئاسانلا ئاچچىقلىنىپ، خۇيلىنىپ قالىدىغان، ساراڭ، كاج؛ ③توسۇن، ھەددىدىن ئاشقان، غالجىر؛ نامازدىگەر ــــ كۈنئولتۇرۇشتىن بىر- ئىككى سائەت بۇرۇنقى ۋاقىت ئارىلىقى. سېپىل ــــبۇرۇنقى چاغلاردا ئوردا ياكى شەھەرنى دۈشمەندىن ساقلاش ئۈچۈن ئوردا ياكى شەھەرنىچۆرىدەپ ئېگىز ھەم قېلىن قىلىپ سوقۇلىدىغان تام؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە يۈرۈپ دۈشمەنتەرەپنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ئۆيلىرى ۋە ئوق ئۈزۈش ئۈچۈن ياسالغان ئۆڭكۈرلىرىبولىدۇ. خانىقا ــــ ① ئىشان سوپىلارنىڭ توپلىشىپ بىرلىكتە زىكىرىگەچۈشىدىغان، زىكىرى ئىبادەت قىلىدىغان خانىسى، ئۇرنى. ② بىر قېتىمدا كۆپرەك ئادەم ناماز ئوقۇشقا بولىدىغان قىلىپ ياسالغانچوڭ مەسچىت، جامە. ③ چوڭ مەسچىتلەرنىڭ ناماز ئوقۇلىدىغان ئادەتتە كەڭ ۋە كاتتابولىدىغان گۈمبەزلىك خانىسى. مۇناپىق ــــ تىلىباشقا دىلى باشقا سۆز ھەرىكىتى بىر- بىرىگە توغرا كەلمەيدىغان، سەمىيمىيەتسىز،ئىككى يۈزلىمىچى؛ ھارامزادە ــــ ① نىكاھسىز ئەر-ئايالدىن توغۇلغان بالا؛ ② كۆچمە مەنىسى : قۇۋ، ھېيلىگەر، مەككار،ئالدامچى؛ تاي ــــ ①ئاتنىڭ ئىككى ياشقا تولمىغان بالىسى؛ ② چوڭ- چوڭ باغلام قىلىپ چىڭداپ تېڭىلغانمال. قىيغىتىش ــــ ① ھەر تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئوينىماق؛ ئويناقلىماق،شوخلۇق قىلىماق؛ ② سىپاپ ئۇچۇرۇپ ئۆتمەك. پول ــــ كارىدۇرۋە ئۆينىڭ تاختاي ئورنىتلىغان ئاستى يۈزى؛ جىكلەش ــــتاپىلاش، قايتا- قايتا ئەسكەرتىش؛ سەرگۈزەشىت ــــ باشتىنئۆتكەن ئىشلار، ۋەقەلەر، كەچۈرمىش؛ خېمىرتۇرچ ــــ ①خېمىرنى بولدۇرۇش، كۆپتۈرۈش ئۈچۈن سېلىنىدىغان ئېچىتقۇ؛ ② كۆچمە مەنىسى : بىرەرئىش ئۈچۈن ئالدىن سېلىنىدىغان مەبلەغ؛ ئىقتىسادي ياكى ئىقتىسادىي ئاساس، ئۇل؛ ③ كۆچمەمەنىسى : بىلىم، سەۋىيە، مەلۇمات، ئۇماچ؛ داڭىق ــــ نام،ئاتاق، شۆھرەت، ئىناۋەت؛ بىھۇدە ــــ ①پايدىسىز، مەنپەئەتسىز، بىكار؛ ② ئۇرۇنسىز، ناھەق، ③ ئاساسسىز، بولمىغۇر؛ غالىپلار ــــ غەلبەقىلىغۇچىلار ، مۇۋاپىقيەت قازانغۇچىلار ، يەڭگۈچىلەر . شىبە ــــئىلىمىزنىڭ شىنجاڭ ، ۋە شەرقى شىمال رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىقمىللەتنىڭ نامى ۋە شۇ مىللەتكە تەۋە كىشى . كەرمەك ــــ ئىككىتەرەپكە تارتىپ ئارىسىنى ئاچماق ، يايماق ؛ كەڭ ، چوڭ ھالەتكە كەلتۈرمەك . بىڭسى ــــ كۈچ- قۇۋۋەت ، ئىقتىدارى ، قابىليەت ، كارامەت ،ماھارەت ، گۇمپا . شۇرا ــــ① باغ ۋە ھويلا- ئاراملارنىڭ توسماتاملىرىنىڭ بۇزۇلۇپ ئادەم ئۆتكىدەك بولۇپ قالغان كەمتۈك يىرى . ② يۇپۇرمىقى كۈلرەڭ، ئۈسىتى يالتىراق بولغان تاشلاندۇق يەر ، ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدا ياۋايى ھالەتتەئۈسىدىغان شۇرا ئائىلىسدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك . مىس- مىس ــــ① بىر ئىشنى ئالدىرىماي قىلىدىغان ،ھەرىكىتى ئاستا . ② قولىدىن ئىشكەلمەيدىغان ، بۇشاڭ . ئاپقۇر ــــ پىيالىنىڭ چوڭراق بىر تۈرى . 6 . بالىقىڭغا قېنىۋال بالام ئەللەي ــــ① بۇۋاق بالىنى ئوخلىتىشتا ئېيتىلىدىغان سۆز؛ ② بۇۋاق بالىنى ئوخلىتىشتائېيتىلىدىغان ئاھاڭلىق قۇشاق؛ ۋاللەي(ۋەللەي)ــــ ① بالىلار ئۇيۇنىنىڭ بىر تۈرى . ئوينىغۇچىلار ئىككى تەرەپ بولۇپ ئۇزۇنلۇقى60- 70 سانتىمىتىر ، دىئامىتىرى ئۈچ- تۆت سانتىمىتىر كەلگۈدەك كالتەك ۋە ئونبەش ۋەيگىرمە بەش سانتىمىتىر ئەتراپىدىكى بارماق توملۇقىدىكى بىر ياكى ئىككى بالىچۇقبىلەن تۈز مەيداندا ئوينايدۇ. ② شۇ ئۇيۇندا چوڭ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئوينىلىدىغانبالىچۇق تاياق. زارىققان ــــ ① بىرەر نەرسىگە قاتتىق مۇھتاج، تەشنا بولماق؛زار بولماق. ② ئىنتىزار بولماق ، تەقەززا بولماق، تەلمۈرمەك. تۆتقۇلاق ــــ بىرخىل ئۈسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە پاكار ئۆسىدۇ، ئادەتتە ئۈچ قۇلىقى بولىدۇ. تۆت قۇلىقىبارلىرى ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ. مەسۈم ــــ ① بىگۈناھ،گۇناھسىز، پاك، سەمىيمى؛ ② نۇمۇسچان،نۇمۇسلۇق، ئىپپەتلىك؛③ ئەرلەرنىڭ ئىسمى. چامپۇتلاش ــــ پۇتلىۋېتىش.زاكاــــ بوۋاقلارنى يۆگەيدىغان ياكى ئاستىغا سالىدىغانلاتا، يۆگەك؛ توپان ــــ ①دىننى رىۋايەتلەردە ئېيتىلىدىغان نوھ پەيغەمبەر زامانىسىدىكى ئادەملەرنىڭگۇناھلىرى ئۈچۈن ، پۈتۈن دۇنيانى باسقان سۇ تاشقىنى . ② كۆچمە كۈچلۈك دولقۇن ،تاشقىن ، ئېقىن. ③ كۆچمە . زوربالايىئاپەت . ④ ئاشلىق زىرائەتلرىنىڭ خاماندا دېنى ئايرىۋېىلىنغاندىن كېيىنقېپقالغان غول ۋە يۇپۇرماقلىرىنىڭ تۇپىغا ئوخشاش بولۇپ كەتكەن ئۇۋاقلىرى .ئۈگە ــــ ① سۆڭەكلەرنىڭئۆز- ئارا تۇتاشقان جايى؛ ② كۆچمە مەنىسى : راكىتا ، باشقۇرۇلىدىغان بومباقاتارلىقلار قىسىملىرىنىڭ ئۆز- ئارا تۇتاشقان جايى، بۇغۇمى؛ يېزىقچىلىق ۋە ئاغىزاكى ئالاقە جۇغلاش ــــ توپلاش، يىغىش؛ ئۇڭايسىزلىنىشــــبىرەر ئىش ياكى ئەھۋالغا قارىتا بىئەپلىك ھىس قىلىش؛ تەسچىلىكتە قېلىش، قېيىن ھىسقىلىش؛ ھەۋەس ــــ بىرەرنەرسىگە بولغان قىززىقىش، ئىنتىلىش، ئارزۇ- ئىستەك. ئوبىيكىت ــــ ①بىزدىن تاشقىرى ئېڭىمىزغا باغلىق بولمىغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق ماددىدۇنيا، مەۋجۇدىيەت، سوبىيكىتنىڭ ئەكىسى؛ ② كىشىنىڭ پائالىيتى، دىققەت ئىتىبارىقارىتىلغان نەرسە، ھادىسە ۋە ئادەم؛ مۇخبىر ــــگېزىت- ژورنال، رادىئو- تىلىۋېزىيە قاتارلىق مەتبۇئات ئۇرۇنلىرىغا خەۋەر، ماقالە،ئوبزور يېزىپ تۇرىدىغان كىشى؛ مەھسۇلات ــــئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملار؛ 7 . مەشرەپ ئەنئەنىۋى ــــ ئۇزاقزامانلاردىن بىرى ئەنئەنە بۇيىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ، ئەنئەنە بولۇپ قالغان ،ئەنئەنىگە ئايلانغان ، ئەنئەنىلىك .ئۆرپ- ئادەت ــــ بىرەر خەلق ياكى مىللەتكە ئورتاق بولغانۋە شۇ خەلق مىللەت ئىچىدە ئەۋلاتتىن- ئەۋلادقا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يۇسۇن،ئادەت؛ قائىدە- يۇسۇن. مەشرەپ ــــ ①كىشلەر بىر يەرگە توپلىشىپ ئېلىپ بارىدىغان ناخشا- ئۇسۇللۇق ئولتۇرۇش، يېغىلىش،بەزمە؛ ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . تۈس ــــ ① رەڭ-بۇياقلارنى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئايرىم تۈرى؛ ② تاشقى كۈرۈنۈش؛③ خاراكتىر؛④ پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغانگرامماتىكىلىق كاتىگۇرىيلەرنىڭ بىرى؛ كۆنۈككەن ــــكۆنگەن، ئادەتلەنگەن. جامائەت ــــ ①مەلۇم مەقسەت ۋە نىشان ئۈچۈن توپلانغان كىشىلەر، كۆپچىلىك، ئامما ؛ ② بىر ئىمامنىڭيىتەكچىلىكىدە ناماز ئوقۇيدىغان كىشلەر؛ قېيىتمەشرىپى ــــ مورى ئويغۇرلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپبولۇپ، تۆت پەسىل ئىچىدە خالىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ. كۆك مەشرىپىـــــبۇ قومۇل مەشرىپىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ تۇنجى قار ياققاندىن باشلاپ بۇغداي تېرىپئۆسۈپ پىشقىچە ئۆتكۈزىلىدۇ، ئۆيمۇ- ئۆي نۆۋەتلىشىدۇ. ئونېۋىرسال ــــ ① ئوخشىمىغانتۈر، ئوخشىمىغان خاراكتىردىكى نەرسىلەردىن تەركىپ تاپقان، كۆپ ياكى ھەممە نەرسىنىئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر تەرەپلىمە. ② بىر نەچچە ئىشنى قىلالايدىغان، ھەممىدىنخەۋىرى بار. پاششاپ ــــ ۋاڭئوردىسىنىڭ كىچىللىرى كۈزەت قىلىدىغان، جاڭ قاقىدىغان ساقچى ئەمەلدارى. ئۆتمۈشتەمەھەللە ياكى كۇچىلارنىڭ ئامانلىقىغا مەسئۇل يەرلىك ئەمەلدار. ئەمەل ــــ ①ماتىماتىكىلىق ھېسابنىڭ ھەر بىر تۈرى؛ ② مەنسەپ، ھوقۇق، ۋەزىپە؛ ③كۈندىلىك ئىش، پائالىيەت ، ئەمەلىيەت؛ جازا ــــ ① ئەيىپ ياكى جىنايىىتى ئۈچۈن كۈرۈلىدىغان چارە. ② ياغاچ ياكى تۈرلۈك مىتاللارنىڭ بىر- بىرىگە چېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قۇرۇلما. ③ نەرسىلەرنى تىزىپ قۇيۇش ۋە كۈتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ياسالغان قۇرۇلما . ④ كۆچمە:ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدىغان ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان بىر خىل ئادەت ،كىبىر .دەررە ــــ ئۈچ- تۆت قەۋەتلىك چەم ئارىسىغا قۇم ئېلىپتىكىلگەن ياغاچ ساپلىق پالاق؛ ئۆتمۈشتىكى مەھكىمە شەرىئىيتىنىڭ ئەدەبلەش ۋە جازاقۇراللىرىنىڭ بىر تۈرى. پوتا ــــ بەلگەباغلىنىدىغان رەخت؛ بېيىت ــــئەرەبچە- ئىككى مىسرالىق شېئىر دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرتىلىدا خەلق قۇشاقلىرىنىڭ بىر تۈرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئىككى مىسرا بىلەنچەكلىنىپ قالمايدۇ، ئومۇمەن بېيىت دېگىنىمىز مۇزىكا ئارقىلىق ئېيتىلمايدىكلاماتسىيە قىلىنىدىغان بۇغۇم، تۇراق ۋە مىسرالىرى چەكلىمىگە ئۇچىرىمايدىغانمۇئەييەن پىكىر ئىزچىللىقغا ئىگە خەلق قۇشاقلىرىدۇر. نەپىس ــــ گۈزەل،چىرايلىق ۋە نازۇك؛ مەشرەپئەھلى ــــمەشرەپكە قاتناشقۇچىلار، مەشرەپ سورۇنىغا داخىل بولغۇچى كىشىلەر؛ لاپ ئۇرۇش ــــئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىنغان، قۇرۇق يالغان گەپقىلىش؛ پو ئېتىش؛ ناماقۇللۇق ــــبىراۋغا قىلىغان نامۇۋاپىق سۆز- ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سۇراش، ئۆزرەئېيتىش. پىر ئويناشــــ ①پېرىخون، باخشىلارنىڭ دۇئا- تىلاۋەت بىلەن داۋالىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەتراپنىچۆرگىلىشى؛ ② لاغايلاپ يۈرۈش، لالمىلىققىلىش؛ دۆرە- قېتىم، نۆۋەت. سازەندە ــــ بىرياكى بىر قانچە سازنى مۇكەممەل چېلىشنى بىلىدىغان كىشى ، مۇزىكانىت ، سازچى . تەڭكەش ــــ ①تەڭلەشكەن ، تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان ، تەڭپۇڭ . ② ماسلاشتۇرۇلغان ، لايىقلاشقان ،ئوخشاش . ( ساز ۋە ناخشا ھەققىدە ) مىراس ــــ ① ئۆلگەنلەردىنقالغان مال-مۇلۇك؛ ② ئۆلگەنلەردىنكىيىنكىلەرگە قالغان ئىلمىي، ئەدەبىي، مەدەنىي، كەسپى ۋە شۇ قاتارلىقلارغا ئائىتنەرسە، بايلىق، ھۆنەر كەسىپ؛ بىباھا ــــ باھاسىز؛راۋا ــــ ①بىرەر ئىشقا مەسىلىگە قارىتا يول قۇيۇلىشى مۇمكىن بولغان ئۇرۇنلۇق توغرا ؛ ②مۇناسىپ ، لايىق، ماس؛ ③ كۆچمە مەنىسى : تەئەللۇق، تەۋە، مەنسۈپ، خاس. بەھرە ــــ ① پايدا، مەنپەئەت، نەپ؛ ② لەززەت ، مەززە، ھوزۇر؛ سەينا ــــ مەلۇمدائىرىدە قۇرشالغان ئۆي- ئىمارەتلەر ئەتراپىدىكى بوشلۇق؛ ھويلا، قورۇ. 8. ئەتلەستىكى سەنئەت زەرــــ ①ئالتۇن؛② ئالتۇن بىلەن ھەل بىرىلگەن، ئالتۇن سۈيى بىلەن سۇغۇرۇلغان، ئالتۇنرەڭگىدىكى . مۇجەسسەم ــــجەمىلەنگەن، يىغىلغان، توپلانغان؛ئۆرنەك ــــ ① باشقىلارنىڭ تەقلىد قىلىپياسىشىغا، ئىشلىشىگە ئەرزىيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈلگىسى ۋە شۇنداق ئۆلگە بولىدىغاننەرسە؛ ② باشقىلار ئەگەشسە، ئۆگەنسەئەرزىيدىغان ئىش ياكى ھەرىكەت نەمۇنىسى ياكى باشقىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغانئىلغارلىق نەمۇنىسى . ھىلال ــــ ① يېڭى چىققان ئۈچ كۈنلۈك ئاي؛ ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى . مويىنكەش ــــ تىرەمويىنى تارايدىغان كىچىك تۆمۈر ئارا؛ موكا ــــ ①توقۇمچىلىقتا رەختلەرنىڭ ئۆرۈشىگە ئارقاقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رولىنى ئۆتەيدىغاننەرسە، ئىككى ئۇچچى ئىنچىكە ئوتتۇرىسى تومراق بولغان تۇقۇش سايمىنى. ② تىكىشماشىنىسىنىڭ ئاستنىقى يىپىنى ئۈستىگە چىقىرىپ بىرىش رولىنى ئوينايدىغان كىچىكغالتەككە ئوخشاش نەرسە. ئىختىرا ــــ پەن-تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىق، كەشىپ، كەشپىيات؛ ئىجاد. ئېستېتىك ــــئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت دۇنياسى، جەمئىيەت ۋە سەنئەت ھەققىدىكى گۈزەللىك قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپئىپادىلىنىشى. پاراۋان ــــ ھەممەجەھەتتىن تۇلۇق يىتەرلىك ، كۆپ ، مول ، باياشات. ئېلېمېنت ــــ ① خېمىيەۋىئېلېمېنت؛② ئالگىبىرادا بىرلەشمىنى تەشكىل قىلىغۇچى ھەر قايسى بۆلەكلەر؛گىئومىتىرىيدە شەكىلنى ھاسىل قىلغۇچى ھەر قايسى بۆلەكلەر؛ ③ بىر پۈتۈنلۈكنى تەشكىلقىلىغۇچى مۇرەككەپ نەرسىلەرنىڭ ياكى ھادىسىلەرنىڭ تەركىبى قىسىمى؛ تۈس ــــ ① رەڭ- بۇياقلارنى بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغانئايرىم تۈرى؛ ② تاشقى كۈرۈنۈش؛ ③خاراكتىر؛④ پېئىلدا ئىپادىلىنىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگۇرىيلەرنىڭ بىرى؛ئابىستىراكتـــــپىكىر قىلىش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قېلىنغان، كونكىرىت تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەنئېنىق بولمىغان، مەۋھۇم . شەك ـــــگۇمان، شۈبھە . بەرنا ــــ ياش،نەۋقىران، گۈزەل، قەددى- قامىتى كېلىشكەن. 9. ئون ئىككى ھايۋانلىق كالىندار ئاۋىستاكالىندارى ــــ قەدىمقى پارىسلار تەرىپىدىن ئىجادقىلىنغان بىر خىل كالىندار. ئاسترونۇمــــئاسترونۇمىيە ئالىمى، مۇتەخەسسىس . شەمىسيەكالىندارى ــــ① يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ قىلىغان ھەرىكىتىنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئاساسەنتۈزۈلگەن بىر خىل كالىندار. ئادەتتەدىيلىۋاتقان شەمىسيە كۆپىنچە خەلقئارادا ئورتاق قوللىنۋاتقان مىلادىينى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدا بىر يىل 365 ياكى 366 كۈن بولىدۇ. ئۇ يەنە قۇياش كالىندارى دەپمۇئاتىلىدۇ. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى. ئىمىپىراتۇرــــ پادىشاھلىقدۆلەتلەردە پادىشاھنىڭ، ئىمىپىرىيە پادىشاھىنىڭ ئونىۋانى ۋە ئونىۋانغا ئىگە بولغانشەخىس. تەقۋىم ــــكالىندار. پاپا ــــكاتولىك دىنى جەمئىيتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى . مەككە ــــ سەئۇدىئەرەبىستاندىكى قەدىمى شەھەرنىڭ نامى ۋە شۇ شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. مەدىنە ــــ سەئۇدىئەرەبىستاندىكى قەدىمى شەھەرنىڭ نامى ۋە شۇ شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. ئابىدە ــــ مەڭگۈ تاش. قاغان ــــقەدىمقى سىيانپىيلار ۋە جۇرجانلار، تۈركلەر، مۇڭغۇللاردىكى ئەڭ ئالي مەنسەپ نامى.خان- پادىشاھ مەنىسىدە كېلىدۇ. مېلادىيە 402- يىلىدىن باشلاپ قوللىنىلغان. مەڭگۈ تاش ــــ قەدىمىقىشەھەر، مەھەللە ، مۇنارلار ۋە قەبرە، قەبىرىگاھلارنىڭ يۇلىغا ياكى ئالدىغا تىكلەپقويۇلغان ئۈستىگە ئەستلىك سۆز- ئىبارىلەر ياكى سۈرەتلەر چىكىلگەن چوڭ خاتىرەتاشلار. ئېرا ــــ خەلىقئاراگىئولوگىيە يىلنامىسىدىكى ئىككىنچى دەرىجىلىك گىئولۇگيلىك دەۋىر بىرلىكى؛ مىڭ يىلبىر ئىرا بولىدۇ. مۈچەل ــــ ① ھەربىر يىل بىر ھايۋاننىڭ نامى بىلەنئاتالغان يىل ھېسابى، ئۇ 3- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن يەنى نۇرۇز كۈندىن باشلىنىدۇ. ②كىشىنىڭ شۇ يىل ھېسابى بۇيىچە توغۇلغان يىلى؛ مۆھتىرەم ــــ ①كىشلەرنىڭ ھۆرمەت، ئىھتىرامىغا سازاۋەر بولغان ، ھۆرمەتلىك ،② ئاياللارنىڭ ئىسمى. قەيت قىلىشــــ ①تەكىتلەپ ئۆتمەك، تەكىتلىمەك؛ ② يازماق، يېزىپ قويماق؛ خاقان ــــئوتتۇرا ئەسىر تۈركىي خەلقلىرىدىكى بۈيۈك دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئونىۋانى ۋە شۇئونىۋاننى ئالغان ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە شەخىس، ئولۇغ خان؛ قورۇلتاي ــــ ①ئۆتمۈشتە موڭغۇل ۋە بەزى تۈركىي خەلقلەردە دۆلەتنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانكاتتا يىغلىشى، چوڭ يېغىن؛② دۆلەتنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن نەچچەيىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان ئومۇمى چوڭ يېغىن. مىزان ــــ ①تارازا ، جىڭ ؛ ② مىزان بۇرجى③ شەمىسيە يىل ھېسابىدا يەتتنىچى ئاينىڭ ئەرەبچەنامى. ④ سۆز- ھەرىكەت قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنى باھالاشتا ئاساسلىنىدىغان پىرىنسىپياكى ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى، نۇرمىسى ياكى قېلىپى. تىمساھ ــــ سۆرەلگۈچىھايۋانلارنىڭ بىر ئۇرۇقدېشى. چوڭلىرنىڭ بىر تەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچتىن ئالتە مىتىرغىچەكىلىدۇ. تۆت ئايغى قىسقا، قۇيرۇقى ئۇزۇن، پۈتۈن تىنىدە كۈلرەڭ، قۇڭۇر رەڭلىكقاتتىق قاسرىقى بولىدۇ. سۇ ئۈزۈشكە ماھىر ۋەھشىي كېلىدۇ. بىلىق، پاقا ، قۇشلارنىتۇتۇپ يەيدۇ، بەزىدە ئادەم ۋە ھايۋانلارنىمۇ يەيدۇ. كۆپنىچە سوپتىروپىك ۋە تروپىكبەلۋاغلاردا ياشايدۇ. خۇراپات ــــئاساسىز، ئىلمىيلىكى يوق، ساختا سۆز ۋە مۇشۇ ئاساستىكى ئىتىقاد، بۇنىڭدىنشەكىللەنگەن خىلمۇ- خىل كونا ئۆرپ- ئادەتلەر. مەھمۇد كاشىغەرىي مۇقەددىمەــــ ①ئىلىمىي، ئەدەبىي، مۇزىكا تىياتىر ئەسەرلىرى ۋە گەپ- سۆز نۇتۇق قاتارلىقلارنىڭكىرىش قىسىمى، باشلىنىشى. ② بىرەر ئىشنىڭ بېشى، دەسلەپكى باسقۇچى. خاتىمە ـــ ① بىرەرنەرسىنىڭ ئاخىرى، تۈگىشى، تاماملىنىشى؛ ② ماقالە ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەڭئاخىرىدىكى خۇلاسە خاراكتىرلىك قىسمى. ③ ئاياللارنىڭ ئىسمى. بىئوگرافىك ــــ مەلۇمشەخىسنىڭ ھايات يۇلى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى تارىخى يول بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىش. چېرىك ــــ ئەسكەر،لەشكەر. تېكىن ــــ Ⅰشاھزادە، شاھ ئوغلى. Ⅱ مىھنەتقىلمايدىغان، ئەجىر سىڭدۈرمەيدىغان. سانغۇن ــــ ھەربىيئەمەل نامى. سانغۇن سۆزىنىڭ مەنىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەل نامى ۋە شۇئەمەلگە ئىرىشكەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىمالىدا ياشىغان بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇش ۋەجەڭلەرگە قۇماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى يۇقىرى كىشلەرگە بىرىدىغان ئەمەل نامى ۋە شۇئەمەلگە ئىرىشكەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىرقى گىنىرال بىلەن ئوخشاش دەرىجە. جەدە ــــ قىزغۇچسېرىق رەڭ ( ئات ھەققىدە ). قەلئە ــــ دۈشمەنھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن ئۇرالغان قۇرغان، شەھەر؛ قۇت ـــ بەخت،تەلەي، بايلىق.مەھرەم ـــ ①پادىشاھنىڭ ئوردا- سارايلىرىدا ھەم ئەمەلدارلارنىڭ يېنىدا ھەر خىل خىزمەتلەرنىقىلىدىغان خىزمەتكار؛ ② مۇھاپىزەت خادىمى؛③ ئەر ياكى خۇتۇننىڭ شەرىئەت بۇيىچە بىر-بىرىنى كۆرۈشى مۇمكىن بولغان ئەمما نىكاھ راۋا بولمايدىغان قېرىندىشى. مۇددەرس ــــمەدىرسلەردە دەرس بىرىدىغان كىشى، مەدىرسە ئوقۇتقۇچىسى؛ ئۆلىما ــــ ئىسلامدىنىنىڭ بارلىق تەلىماتلىرىنى بىلىدىغان دىننى جەھەتتىن يۇقىرى بىلىمگە ئىگەبولغان كىشى، دىننى ئالىم. نۇپۇز ــــ ئىززەت-ئابروي، تەسىر. پەرىجە ــــ ياقىسىئۇيۇپ چىقىرىلغان، تۈگمە بىكىتىلىمەيدىغان ئىچ يانچۇقلۇق ئۇزۇن چاپان، تون. شېۋەــــ بىرمىللەتنىڭ ئورتاق تىلىنىڭ مەلۇم دائىرىگە رايۇنغا خاس تارمىقى. ئادەتتەدىئالىكتتىن كىچىك بولىدۇ. دىئالېكتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەلۇم بىر رايۇن ياكىمەھەللىۋى تىلىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ. تالىپ ــــ ①مەدىرسلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى؛ ② ئەرلەرنىڭ ئىسمى. قاپۇغــــ قەلئە.چىراغپاي ــــ ياغاچياكى مىتالدىن چىراغ قۇيۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمان. 10. پارىژدىكى « ئۇيغۇر مۇزىي » پارىژــــ فىرانسىينىڭ پايتەخىت شەھىرى. مۇزىي ــــ تارىخىۋە ئىلىمى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نەرسىلەرنى سەنئەت، تېخنىكا، تەبئەتنەمۇنىلىرىنى يىغىش، ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىش ، كۆرگەزمە قىلىش ئىشى بىلەنشۇغۇللىنىدىغان مۇئەسسەسە؛ فولىكلورــــ خەلقئېغىز ئەدەبىياتى؛ جىلىد ــــ ① بىرنەچچە كىتابتىن ئىبارەت ئەسەر، مۇقاۋىلانغان ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىر ئايرىمكىتابى، توم. ② مۇقاۋا، قاپ ، تاش. زاكونلىشىش ــــ داۋلىلىشىش،گەپ بىلەن ئۆز پىكىرىنى ئىسپاتلاش؛ مىناميوت ــــ زەمبىرەكئوقى ئېغىزىدىن قاچىلىنىدىغان ئەگرى لىنىيە بۇيىچە ئېتىش ئاساس قىلىنىدىغان بىرخىل زەمبىرەك. لېچەك ــــياشانغان ئاياللار بېشىغا سالىدىغان ئاق داكا رومال. دىئالېكت ــــ بىرتىلىنىڭ مەلۇم دائىرىدىلا قوللىنىلىدىغان ۋە ئەدەبىي تىلىدىن پەرىقلىنىدىغانئىجتىمائي ۋارىيانتى. ئۇ يەنە بىر قانچە شېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېتمولوگىيەــــ① تىلىشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى ، سۆزنىڭ كىلىپ چىقىشى، مەنبەسىنى تەتقىق قىلىدۇ. ②سۆزنىڭ مەنبەسى، كىلىپ چىقىشى، مىللەت تەۋەلىكى. ۋارىيانت ــــ ①ئەينى بىر فونېما بىر قانچە كونكىرىت تاۋۇش ئېلمېنېتى ئارقىلىق ئۆز ئىپادىسىنىكۆرسىتىدۇ. بۇ بىر قانچە تاۋۇش ئېلېمېنىتنى ئۆز ئارا مەنا پەرقلەندۈرمەيدۇ،مۇشۇنداق تاۋۇشلار فونېمىغا نىسبەتەن ۋارىيانت بولىدۇ. ② بىر خىل نەرسىنىڭ يەنەبىر خىل شەكلى. 11. كىيىنىشىمىز ۋە كىملىكىمىز رەللە بولۇشــــئىچى تىت- تىت بولۇش تاقەتسىزلىنىش، ئاچچىقلىنىش؛ مەتۇــــ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، ئەخمەق؛ داڭسىسى ــــ ئورنى،مەرتىۋىسى، دەرىجىسى. كارتىنا ــــ (رۇسچە ) كىنو- فىلىم ، كىنو كارتينىسى ، مۇستەقىل بەدئىىي قىممەتكە ئىگە بولغانتەسۋىرى سەنئەت ئەسىرى . ئەدەبى ئەسەرلەردىكى مەلۇم كۈرۈنۈشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ .كومىدىيە ــــتۇرمۇشتىكى سەلبى ھادىسلەر ۋە شەخىسلەر مازاق قىلىنىدىغان كۈلكىلىك سەنئەت ئەسىرى.مېدىيەۋاستىللىرى ــــ ئۇچۇر- ئالاقە ساھەسىدە كۆپ خىل مۇلازىمەت بىلەن تەمنىلەيدىغان سېستىماۋاستىللىرى ۋە دىتاللىرى. 12. ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر قوۋۇم ــــ ① بىرئۇرۇقتىن چىققان ، ئۆز- ئارا قېىرىنداشلىق، ئۇرۇق- تۇققانلىق مۇناسىۋىتى بولغانكىشلەر توپى؛ ئۇرۇق، ئايماق، قەبىلە؛ ② دائىم دىگۈدەك بىر مەسچىتتە نامازئوقۇيدىغان كىشلەر توپى ۋە جامائەت. تىبەت (تۈبۈت )ــــ مەملىكىتىمىزنىڭ ھازىرقى چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدە ياشىغان قەدىمىي مىللەتبولۇپ ھازىرقى زاڭزۇ مىللىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يەنە تىبەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇمىللەت تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە مەملىكىتمىز ئىچىدە ھاكىميەت قۇرغان. قامۇس ــــ مۇكەممەل،تۇلۇق لوغەت، ئىنىسكىلوپىدىيلىك لوغەت. پەلسەپە ــــ ①دۇنيا قاراش توغىرىسىدىكى تەلىمات. كىشلەرنىڭ پۈتكۈل دۇنيا توغىرىسدىكى تۈپ كۆزقاراشلىرىنىڭ سېستىمىسى. تەبىئەت بىلىملىرى بىلەن جەمئىيەت توغىرىسدىكىبىلىملەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلىشى ۋە يەكۈنى. ② كۆچمە مەنىسى : ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان پاكىتسىز، ئاساسسىز پىكىر، سەپسەتە ، قۇرۇق گەپ. پەيلاسوپ ــــ ①پەلسەپە ئالىمى، مۇتەخەسسىسى، پەلسەپە بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى. ② كۆچمە مەنىسى :دانالارچە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدىغان كىشى. دۇكتۇرــــ ئىلمىيئونىۋاننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسى ياكى شۇ دەرىجىلىك ئىلىمى ئونىۋانغا ئىرىشكەنئالىم. پىغان ــــ قاتتىقخاپا بولۇش، ئىچ پۇشۇقتىن كىلىپ چىققان نالە- پەرياد، دەرت- ئەلەم، يىغا. ئۆتەڭ ــــيولۇچىلار مەنزىل ئارىلىقىدا چۈشۈپ قۇنۇپ ئۆتىدىغان دەڭ، سارايلىرى بار جاي. گىگانىت ــــناھايىتى چوڭ ، بەسىتىلىك ، يوغان ، بۈيۈك ، ئاجايىپ ، خىسلەتلىك ، سالماقلىق .پاسپورت ــــ چەتئەلگەچىقىدىغان پۇقرالارنىڭ سالاھىيتىنى ئىسپاتلايدىغان دۆلەت تەۋەلىك گۇۋاھنامىسى،ھۆججەت؛ ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق دىپلۇماتىيە ئورگىنى تەرىپىدىن بىرىلىدۇ. ئىستانبۇل ــــ تۈركىينىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋەشۇ شەھەرنىڭ نامى. مەخسۇس تىملىق پائالىيەت بۆرە نەسىل ــــ ① بىرئەۋلاد، بىر ئەجداتقا مەنسۈپ بولغان كىشىلەر ئۇرۇقى ۋە ئۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ،زاتى ، نەسەبى ، تىگى – تەكتى . ② كىيىنىكى ئەۋلاد ③ مەلۇم بەلگە خۇسۇسىيەتلەرگەئىگە ، بىر تۈرگە مەنسۈپ ھايۋانلار گۈرۇپپىسى ، ئۇرۇقى ، سورتى . نوچى ــــ ①باشقىلارغا بۇزەك بولمايدىغان ، ھەم باشقىلارنى بۇزەك قىلىمايدىغان ؛ كۈچلۈك ،گاڭگۈڭ ، مەرد ، ② سەرخىل ، ئەڭ ياخشى . نۇسخا ــــ ① بىرتۈرلۈك نەرسىلەردىن ئېلىنىغان نەمۇنە . ② بىر خىل قېلىپ ياساش ، كۆچۈرۈش ، بېسىشئۈچۈن تەييارلانغان نەمۇنە ، ئەندىزە . ③ گۈل ، نەقىش ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تۈرى .④ تەتقىقات ئۈچۈن ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ ئەۋرىشكىسى ۋە ئۈلگىسى . ⑤ باسما ياكىيازما ئەسەرنىڭ ھەر بىر نۇسخىسى ياكى دانىسى . ⑥ بىرەر نەرسىنىڭ ئەسلسىگە ئوخشىتىپياسالغان ياكى سىزىۋېىلىنغان كۆچۆرمىسى . ⑥ رىتسىىپ خامان ــــ ①زىرائەتنى تېپىش ۋە تازىلاش ئۈچۈن تەييارلانغان مەيدان. ② شۇنداق جايغا قۇرۇتۇش،تىپىش، تازىلاش ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مەھسۇلات. ③ تېپىپ، يەنجىپ پاكىزلانغان تەييارچەش، ئاشلىق. مەڭگەن ــــبۇغداينىڭ دېنى يەنجىۋېلىنغان، ئەمما يۇمشاق سامان قىلىنمىغان غول، بەزى جايلاردامەڭگى دىيىلىدۇ. سۆڭگەچ ــــ ئادەمۋە ھايۋانلارنىڭ بەلدىن تۈۋەن، يوتىدىن ئۈسىتى قىسمى، يانپاش. مەخلۇق ــــ ①ئىنسان ۋە پۈتۈن جانۋارلارنىڭ تىرىك مەۋجۇداتلارنىڭ ئومۇمى نامى. ② بىر نەرسىگەئوخشىمايدىغان خۇنۈك ياكى ئەخلاقسىز، نىيتى يامان ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۆڭلىگەياقمىغان ئۆچ كۈرىدىغان كىشلەرنى كەمسىتىپ ئېيتىلىدۇ. يا ــــ ①قاتتىق ياغاچنىڭ ئىككى ئۇچچىدىن يىپ تارتىپ ئىگىپ، يېرىم چەمبەر شەكىلىدە ياسالغانكىچىك نەيزىسىمان، ئوق سېلىپ ئاتىدىغان قەدىمىقى ئۇرۇش قۇرالى، كامان. ② تەڭداشجۈملە بۆلەكلىرى ياكى ئايرىم جۈملە بۆلىكى ئالدىدا كىلىپ پىكىرنىڭ قىياس قىلىنغۇچىبۆلەكلىرىدىن بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ③ سۇئال جۈملە ئالدىداكىلىپ ئۆزىدىن بۇرۇنقى جۈملە مەنىسىگە نىسبەتەن قارىمۇ- قارىشى ئىكەنلىكىنىبىلدۈرىدۇ. ④ ئىككى جۈملە ئوتتۇرىسدا كىلىپ كېينىكى جۈملىدىكى ئىش- ھەرىكەتنىڭبولۇنمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆز ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ. قۇمبارخانلىرىــــ شامال، بۇران قاتارلىق تەبىئەت ھادىسلىرى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان قۇمدۆۋىلىرى. زومچەك ــــتوپ-توپ، غۇژمەك- غۇژمەك. ئىنىسكىلوپىدىيە ــــئىلىم- پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياكى بىرەر ساھە بۇيىچە كەڭتۇلۇق مەلۇمات بىرىدىغان لوغەت تىپىدىكى ئىلمى توپلام، قامۇس. كۈشەندە ــــ ئادەمۋە نەرسىلەرنىڭ ئامانلىقىغا بىخەتەرلىكىگە دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان زىيان- زەخمەتيەتكۈزىدىغان ئامىل، زىيانداش دۈشمەن.ئەبلەخ ــــقىلىمىشى، ھەرىكىتى چېكىدىن ئاشقان، قەبىھ، يارىماس، رەززىل. خاھىش ــــ ①بىرەر نەرسىنى، ئىشنى خالاش ، ئىزدەش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش، مايىل بولۇش، مايىللىقئىستەك، ئارزۇ. ② بىرەر ئىش بىرەر مەسىلە ھەققىدە يۈز بەرگەن ھادىسە ئەھۋال . تىمەن ـــ ①ساغلام ۋە سىمىز ، كۈچلۈك . ② تەمكىن ،پۇختا ، مەزمۇت . قۇۋ ــــ ① ھىيلە- نەيرىڭى تولا ، باشقىلارنى گوللاشقا ئۇستا ؛ ھىيلىگەر ، مەككار، مۇغەمبەر . ② قۇرۇپ چېكىگە يەتكەن ، بەكقۇرۇپ كەتكەن . ③ ياپىلاق قىلىپ تۇقۇلغان ئىشتانباغ . ياۋايى ــــ ①ئادەمگە كۆنمىگەن ، كۆندۈرۈلمىگەن ، تەبىئەتتەئەركىن ياشاۋاتقان . ② ئۆزى تەبىئيى ئۆسىدىغان ياكى ئۆسكەن . ( ئۈسۈملۈك ) ③مەدەنىيەتنىڭ ئىپتىدائى ھالىتىگە خاس بولغان ، قالاق ، مەدەنىيەتسىز : ④ ئىجىتمائىتۇرمۇشتىن چەتنىگەن ؛ قەبىھ، ، ۋەھشىي . مەۋجۇتلۇق ــــ ①ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، بارلىق. ② مەۋجۇدىيەت. ۋەھشىي ــــئىنسانلىق قىياپىتىنى يۇقاتقان . ئۈتۈپ كەتكەن زالىم ، قانخۇر . تېۋىنىش ــــ ①سېغىنىش ، ئىنتىلىش ، ئىلىتىماس قىلىش ، ئىلتىجا قىلىش . ② چوقۇنماق ، سەجىدەقىلىماق ، ئىتقاد قىلىماق ، ئىشەنمەك .13. ئۇر توقماق چارە ــــ ①بىرەر ئىشىنى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشيۈزىسىدىن قوللانغان ئۇسۇل، تەدبىر، ئامال؛ ② بىرەر ئىدارە- جەمئىيەت ، كوللىكتىپئۇرۇنلار ئۆز تەۋەلىكىدە يولغا قويغان قائىدە- تۈزۈم، بەلگىلىمە؛ ③ تەنبىھ، جازا. ھىيلە ــــئالداش، ساختا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىگەن ئۇسۇل؛ ساختىلىق، نەيرەڭ.چاڭگال ــــ ①پەنجە، چاڭ؛② زۇلۇم، ئاسارەت، تۇتقۇنلۇق، نەزەربەنىد، رىجىم، ئىسكەنجە؛③ ساناقسانلار بىلەن قوشۇلۇپ چاڭگاللىغلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. سەدىقە ــــ ①تىلەمچى ياكى مۇھتاجلارغا بىرىلىدىغان ئىنئام، خەيرى- ئىھسان؛② نىجاتلىق ئىزدەپئەۋلىيا- ئەنبىيالارنىڭ روھىغا ئاتاپ خۇدا يولىدا بىرىلىدىغان ئىھسان. كوسا ــــ ساقال،بۇرۇتى ناھايىتى ئاز ياكى پۈتۈنلەي چىقمايدىغان. تورغاي ــــ قاناتلىرى سۇس قۇڭۇر، قارا رەڭلىك سىزىقچىلىرىبار، تۇمشۇقى كىچىك ۋە ئۇشلۇق، قانىتى چوڭ، ئېگىز ئۇچىدىغان يېقىملىق سايرايدىغانبىر خىل قۇش. ئېلتىپات ــــكىشلەرگە ياكى بىرەر نەرسىگە قىېلىنغان ياخشى مۇئامىلە، غەمخۇرلۇق، مىھرىبانلىق،نەزەر– ئىتىبار. سۇپا ــــ① ئولتۇرۇش ياكى يېتىپ قۇپۇش مەقسەتلرىئۈچۈن ئۆي ئىچى ، پىشايۋان ، ھويلا ، باغ- ئارام قاتارلىقلارغا خىش ياكى كىسەك ۋەتۇپا بىلەن يەردىن 50- 60 سانتىمىتىر كۆتۈرۈپ سېلىنغان قۇرۇلما ، ئۇرۇن. ② ئاممىۋىسورۇنلاردىكى ئۈستى تەكشى ھەم يەردىن ئېگىزرەك بولغان جاي ياكى قۇرۇلما. ③ئىشلەپچىقىرىش، قۇرلۇش ئۇرۇنلىرىدىكى ئۈستىدە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەمئېگىزلەتكىلى ھەم تۈۋەنلەتكىلى ياكى بىر جايدىن ئىككىنچى بىر جايغا يۆتكىگىلىبولىدىغان رۇستەك. كۇرسى ــــ ①بەندىڭ ، ئۇرۇندۇق. ② قىممىتى، باھاسى. ساڭقاش ــــ تىزەكلەش،ماياقلاش. زىلچا ــــ يۇڭياكى يىپەكتىن ھەر خىل رەڭدە تىۋىتلىق تۇقۇلۇپ يەرگە سېلىنىدىغان ياكى تامغا ئېسىپقۇيۇلىدىغان ئائىلە جابدۇقى؛ گىلەم. كارامەت ــــ ①بىرەر ۋەقە ياكى ھادىسىنى ئالدىنئالا بىلىش؛ ② بىڭسى، گۇمپا، ماھارەت، كۈچ-قۇۋۋەت؛ ③ ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، ھەيران قالارلىق ئىش، مەسىلە، مۆجىزە. ④ئاجايىپ، قالتىس، ئالامەت، ھەيران قالارلىق. ⑤ ئاياللارنىڭ ئىسمى. تاپا-تەنە ــــ بىر كىمنىڭ قىلىغان ئىش- ھەرىكىتى،گەپ-سۆزلىرىدىن نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا قېلىنغان دوق؛ بىرىلگەن دەككە، دەشنەم. قىرراق ــــقاغىنىڭ قاقىلىدىغان ئاۋازىنى كۆرسىتىدۇ. تەلمۈرمەك ـــ كۆزىنىئۈزمەي قارىماق، ئۈمىد كۈتمەك. سادا ـــ ① تاۋۇش، ئاۋاز، ئۈن. ② جاۋاپ، ئىنكاس. كايىماق ــــ① خاپابولماق، ئاچچىقلانماق. ② ئاۋارە بولماق، مۇشاققەت تارتىتماق. مەرتەم ــــقېتىم، تۆۋەت . بايانئەيلەشــــ ۋەقە- ھادىسە، پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئاغزاكى ياكى يازما ئىپادىلەش، ئىزھارقىلىش، چۈشەندۈرۈش. تولۇم ـــ①قۇرسىىقىنى يارماي سويغان كالا،قوي، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ تىرىسى. ② قۇرسىقىنىيارماي سويغان كالا، قوي، ئۆچكە تىرىسىدىن پىششىقلاپ تەييارلانغان خالتا، ئادەتتەئىچىگە ئاشلىق، شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ تاغار ۋە سۇ قاچىسى ئۇرنىدائىشلەتكىلى ھەم ئىچىگە ھاۋا توشقۇزۇپ سۇ ئۈزۈشتە پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئاللا-توۋا ـــــپىغان، نالە- زار، ئازاپ- ئوقۇبەتنى كۆرسىتدۇ. دۇمبالىماق ــــ مۇشۋە تاياق قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قاتتىق ئۇرماق. پەندىيات ــــقاتتىق بىزار بولغان، تويغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئەستە ساقلاشقا تىگىشلىك نەسىھەت،ساۋاق دېگەن مەنىدىكى پۇشايمان، ئەپسۇس سۆزى. تەمە ــــ ① باشقىلارنىڭ بىرەر نەرسە ئىنئام قىلىشنى كۈتۈش،مەنپەئەتكە ئىرىشىشكە ئىنتىلىش، ② ئارزۇ، يېلىنىش، ئۈمىد. قانائەتقىلىماسلىقــــ ئازغا ياكى بارىغا كۆنمەسلىك، نەپسىنى يىغالماسلىق، كۆپكە ئىنتىلىش. نىيىتىبوزۇلۇشــــ يامان مەقسەت، مۇددىئادا بولۇش. خەزىنە ــــ ①پۇل، ئالتۇن- كۈمۈش، تىللا ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملار ساقلىنىدىغان مەخسۇسجاي. ② بىرەر شەخىس، تەشكىلات ياكى دۆلەت ئىختىيارىدىكى قىممەت باھالىق بۇيۇملار،مەبلەغ، بايلىق. ③ مەدەنىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلار. ئارامخۇدا ــــخاتىرجەم، تىنىچ. پىسەنىتقىلماسلىقــــ دىققەت قىلماسلىق، ئىبار قىلىماسلىق،نەزەر سالماسلىق، پەرۋا قىلماسلىق. ئەمىر بىرىش ـــ بۇيرۇق چۈشۈرۈش، پەرمان چۈشۈرۈش، يارلىقچۈشۈرۈش. مۇرادىغايىتىشــــ مەقىسىتىگە يىتىش، مۇددىئاسىغا يىتىش، ئارزۇسىغا يىتىش. ئۇچار گىلەم ــــ ئەرەبچۆچەكلىرىدە تەسۋىرلەنگەن ئۇچۇش ئقتىدارىغا ئىگە خاسىيەتلىك گىلەم . ياغاچ ئات ــــ ① بىرخىل گىمناستىكا ئەسۋابى، شەكىلى ئاتقا ئوخشايدۇ، دۈمبىسىدە ھالقا بولمايدۇ. ② بىرخىل گىمناستىكا مۇسابىقە تۈرى ، بۇنىڭدا تەنھەرىكەتچىلەر قۇلى بىلەن ياغاچ ئاتقاتايىنىپ، ھەر خىل ھەرىكەتلەرنى ئۇرۇندايدۇ.رەسمىي مۇسابىقىلەردە ئاياللارتوغىرىسىغا قۇيۇلغان ياغاچ ئاتنى، ئەرلەر ئۇزۇنىسىغا قۇيۇلغان ياغاچ ئاتنىئىشلىتىدۇ. ③ رىۋايەتلەردىكى ئۇچىدىغان ۋە ياغاچتىن ياسالغان ئەپسانىۋى ئات. ④بالىلارنىڭ توك ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان ئۇيۇنچۇق ئېتى، ياغاچتىن ياسىلىدۇ. جاھاننامەئەينىكىــــ جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرسەتكۈچى ئەينەك. سولايمانقالپىقىــــ رىۋايەتلەردە كىشلەر باشقا كىيىۋالسا غايىب بولۇپ باشقىلارغا كۈرۈنمەيدۇ، دەپقارىلىدىغان بىر خىل خاسىيەتلىك قالپاق. ئېچىلىڭداستىخنىمــــ چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەن بارلىق نازۇ- نىممەتلەرنى پەيدا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگەخاسىيەتلىك داستخان. قسسە ــــ ①رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلىغان بەدىئي ئەسەر، پوۋىست. ② ۋەقە- ھادىسە ۋە ئەپسانىلەربايان قىلنغان ئىپىك ئەسەر، رىۋايەت.تەسەۋۋۇر ــــ ① كۆز ئالدىدا مەۋجۇت بولمىغان شەيئىلەرنىڭكونكىرىت ئوبىرازىنى ئويلاپ چىقىش، ② سەزگۈ ماتىرىياللىرى ئاساسىدا يېڭىدىنماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى ئوبىراز يارىتىشنىڭ پىسخولۇگىيلىك جەريانى. ③ ھىسسىبىلىش باسقۇچىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەۋە بىلىش جەريانى، ئىدىراك ئاساسىدا ھاسىلبولىدۇ. ئىدىراكتىن يۇقىرى تۇرىدۇ. بىلىش نەزەريىسىدە بەزىدە ئوبىزاز دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ھاماقەت ــــئەقىلسىز، ئەخمەق، دۆت. ئىمكانبەرمەكــــ بىرەر ئىش ، مەقسەت ، تەلەپ قاتارلىقلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋۇجۇدقا چىقىرىشئۈچۈن يول قويماق، ئۇنىماق ياكى شەرت- شارائىت ياراتماق. سىنارىيچى ــــسىنارىيە يازىدىغان كىشى ياكى ئەدىب؛ سىنارىيە يازغۇچىسى. مەۋايىت ــــ ①بەزى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلارنىڭ قاپچۇقى ئىچىدە پەيدا بولىدىغان يۇملاق دانچىلەر.② شۇ خىل دانچىلەردىن ئشلەنگەن مارجان . ئالچاڭلاپ ــــ ① پۇتىنى كېرىپ، ئىغاڭلاپ مېڭىش ، ② كۈرەڭلەش ،گىدىيىش . مەسىت ــــ ①ھاراق ، نەشە ، خىروئىن قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ تەسىرىدە كەيىپ بولغان ، كەيپى بار ،كەيىپ . ② كەيىپ بولغان ئادەم . ③ كۆچمە . قاتتىق تەسىرلىنىپ ، زوقلىنىپ شادلىققاچۆمگەن ؛ شادلانغان ، خۇشال بولغان ياكى خۇدىنى يۇقاتقان ؛ قاتتىق مەستىلىگىكەلگەن . سۇلۇش ــــ ①ئۈسۈۋاتقان ياكى يېڭى ئۈزۈلگەن ۋاقىتتكى ھالىتىنى يۇقاتماق، سالپايماق،قورۇلماق،سۇلاشماق . ② كۆچمە . روھلۇق ، جوشقۇن ھالىتىنى يۇقاتماق ، سارغىيىپ رەڭگىدىن كەتمەك . بۇشاشماق . قاياشى ــــ ①ئومۇمەن بىر – بىرىنىڭ ئەھۋالىنى ، كۆڭلنىچۈشىنىدىغان ، بىر- بىرىگە ھىسداشلىق قىلىدىغان يېقىن كىشىلەر ، ئۆز خىلى . ②شەپقەتچى، نىجاتچى ، باشپاناھ . كامار ــــ① ئۇيۇلغان جاي ، تۆشۈك . ② ئۇۋا ، ئىن . ئەمىر ــــ خان ،پادىشاھ ، باش سەركەردە .14. دېۋە ۋە بالىلار دېۋە ــــ ① چۆچەك، رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىنىدىغان، ناھايىتىزور كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە غەيرى تەبىئەتلىك خىيالى مەخلۇق. ② كۆچمە مەنىسى : ناھايىتىقۇدىرەتلىك ، باشقۇرغىلى بولمايدىغان ئادەم ئىرادىسىگە بويسۇنمايدىغان نەرسە. ئول ــــ ئۇ. ساما ــــ ① ئاسمان، كۆك؛ ② ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى، مىللىناغرا ئۇسۇللىرىدىن بىرى. كۆپىنچە ھېيىت- بايراملاردا ئوپچە ئوينىلىدۇ. ③ سوپى-ئىشانلارنىڭ دىننى پائالىيەتلەردە زىكىرى- تەلقىنگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارىدىغانبىر خىل ھەرىكىتى. كۆپىنچە ئىككى قول ئالدى كەينىگە تاشلىنىپ بەل ئىگىلگەن ھالداپىرقىراپ ئوينىلىدۇ. ناتىۋان ــــ ئەھۋالىناچار، زەئىپ، كۈچسىز، نىمجان، بىچارە، ئاجىز. بەتنىيەت ــــ يامانلىقنىئويلايدىغان، نىيىتى يامان. جۇت ــــ Ⅰ ① تۇمانلىقسۇغۇق شامال؛ ② باشقا كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق، بەختسىزلىك، بالا- قازا؛ ③ باشقىلارغائوڭۇشسىزلىق، بەخىتسىزلىك ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كىلىدىغان. ④ كىيىم- كىچەك توشىمايدىغان؛ Ⅱ لىپادەرىخى ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، قوۋزاق تالاسىتوقۇمىچىلىقتا ئىشلىتىلىدۇ. يىلىتىزى بىلەن يۇپۇرمىقى دورا قىلىنىدۇ. نىدا ــــ مەلۇمھىس- تۇيغۇنى بىلىدۈرىدىغان ئاۋاز، تاۋۇش، ئاڭقاۋ ــــ ئەس- ھۇشىنى دەرھال يىغىپ ئالالمايدىغان، گەپنىدەرھال چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغان، بىخۇد، دۆت. خازان ــــ كۆزدەسارغىيىپ تۆكۈلگەن ياكى تۆكۈلۈشكە باشلىغان دەل- دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى ۋەقۇغۇن- تاۋۇز خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پىلەكلىرى. 15. داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ بابكار ـــ قولدەستىگاھىدا پاختا يىپتىن بۆز توقۇغۇچى كاسىپ، ھۈنەرۋەن. شالدام ـــئېغىزىدىن شالى ئېقىپ تۇرىدىغان ئادەم، ئېغىزىدىن ئاقىدىغان سۇيۇقلۇق. ساماۋەر ــــمەخسۇس چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرىسىدا كانايسىمان ئوتلۇقى بار،مىس ياكى قەلەيدىن ياسالغان جۆمەكلىك ئائىلە بۇيۇمى. ئۇنىڭ ئوتۇن ۋە كۆمۈرنىيېقىلغۇ قىلىدىغانلىرىدا ئوتلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان سۇ قاچىسى بولىدۇ،توك ئىشلىتىلىدىغان ساماۋەرنىڭ مۇنداق ئوتلۇقى بولمايدۇ. مىخ دارچىن ـــــدورىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ نامى. قوۋزاقدارچىنــــ دارچىننىڭ قوۋزىقى تىبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، تەرلىتىش، تارتىشىپ قالغانموسكۇللارنى بۇشاشتۇرۇش، تۇمۇرلارنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقاتېتىققۇ ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. پۇتلىكاشاڭ ــــتۇسالغۇ، كاشىلا بولىدىغان نەرسە ۋە ھادىسە. بېشەكشۈن ــــقوغۇننىڭ بىر تۈرى، بۇ خىل قوغۇننىڭ پۇسىتى تالالىق، ئېتى قېلىن، سۇلۇق ھەمناھايىتى تاتلىق بولىدۇ. كۆكچە ـــ پوستىكۆك ياكى قارامتۇل كۆك ئىچى قىزىل ياكى ئاق چىقىدىغان سۇ تەركىبى مول چۈرۈك تەمىتاتلىق بولغان قوغۇن. چاچۈرۈك ــــقوغۇننىڭ بىر تۈرى ، بۇ خىل قوغۇن ناھايىتى چۈرۈك بولىدۇ، تەسۋى ــــ خۇدانىڭ نامىنى زىكىرى قىلىپ سانىلىدىغانمارجان تاش ۋە شۇ خىلىدىكى نەرسىدىن قىلىنغان تىزىقچە. مىرشاپ ــــبۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى كىچىلىك ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى كىشى . پەسكۇيغا چۈشۈش ــــ بىرەر ۋەقە،ھادىسە، ئىش- ھەرىكەت ياكى ئادەم روھىي ھالىتىدىكى جىددىيلىك نۇرماللاشقان،ئەسلىگە كەلگەن دېگەن مەنىلەردە . ئوغىسى قايناش ــــ ئاچچىقى كېلىش،غەزىپى كىلىش . يات ــــ ①قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ، تۇغقانچىلىقى يوق . ② تۇنۇشلۇقى يوق ،تۇنۇشمايدىغان . ناتۇنۇش . ③ بىرەر نەرسىگە ياكى كىشىگە تەئەللۇق بولمىغان،مۇناسىۋەتسىز . ④ كۆچمە . مۇناسىپ ئەمەس ، راۋا ئەمەس ، ھارام ، يىراق . ⑤ كۆچمە .مۇخالىپ ، قارىشى ، يات ، زىت ، خىلاپ . ⑥ باشقىچە ئۆزگىچە ، غەيرى . ⑦ كۆچمە .دۈشمەن بولغان ، دۈشمەنگە ئوخشاش . داڭقان ــــ چۇيۇنياكى باشقا مىتالدىن قۇيۇلغان ئۈچ پۇتلۇق ، ئىككى قۇلاقىلىق قازان . ماھى شەبان ــــ قەمەرىيە كالىندارىدىكى 8- ئاينىڭ ئىسمى ، 8-ئاي . پوشكال ــــ ①خېمىرنى نىپىز يېىيىپ قىززىتىلىغان ياغقا سېىلىپ پىشۇرىلىدىغان بىر خىل يىمەكلىك .② تۇخۇم بىلەن ئۇننى چېلىپ ياغدا پىشۇرىلىدىغان يىمەكلىك . چەلپەك ــــ خېمىرنى يوپقا ئېچىپ، ياغدا پىشۇرىلىدىغان بىر خىل پوشكال . سىنچاي ــــ مىھمانلارغا ئاساسەن تاماقتىن ئىلىگىرىبىرىلىدىغان چاي . تۆرە ــــ ①خانلىق تۈۈمدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار . ② ھۆرمەت يۈزىسىدىن كىشلەرنىڭمەرتىۋىسىگە ، نامىغا قوشۇلۇپ كىلىدۇ ياكى ئىسىمنىڭ ئۇرنىدا كىلىدۇ . ③ كۆچمە. بىئۇكرات. ④ ئەرلەرنىڭ ئىسمى . سالا- سۈلھى ـــ كىلىشتۈرۈش ۋە ئۆز رايىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈنقىلىنغان دەۋەت ، بىرىلىگەن تەكىلىپ ، مەسلىھەت ، كىلىشىش . كەپكۈر ــــ پولوقاتارلىقلارنى ئۆرۈش ۋە ئۇسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چۈمۈچ قىسمى تۈشۈك، سېپى بارئاشخانا سايمىنى. پالىىنىش ـــ چەت ،ياقا يۇرۇتلارغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلىش، سۈرگۈن قىلنىش. شىرە ــــياغاچتىن تۆت پۇتلۇق، تۆت چاسا ياكى يۇمىلاق قىلىپ ياسالغان تاماق يىيىش، خەتيېزىش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جوزا- ئۈستەل. ئىسيان ــــسىنىپى، مىللى ھوقۇق مەنپەئەتلەرنى ھىمايە قىلىپ كۆتۈرۈلىدىغان قوزغىلاڭ. ئىجادىيەت ــــ① ئىجاد قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانپائالىيەت، ئىجاد. ② بىرەر ژانىر ياكى شەخىسكە مەنسۈپ ئەسەرلەر يېغىنىدىسى. مەنچىزە ـــ خېمىرنى يېيىپ، چۆپىنىڭ كەڭلىكىنى بارماقكەڭلىكىدە كىسىپ ئېتىلىدىغان سۇيۇقئاش تۈرىدىكى بىر خىل تاماق. لوزۇڭ ــــ ①كونا جەمئىيەتنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەركىبىدىكى مەنسەپ نامى . ② شۇ مەنسەپكە ئىرىشكەن شەخىس .قىرائەتخانا ئىچىرە ــــ ئىچىدە، ئارىسدا. بىگانە ــــ ① يات، ناتۇنۇش. ② مۇساپىر، غېرىب، ③ ئايرىلىغان جۇدا بولغان. سەرۋەرــــ ① يولباشلىغۇچى، يولباشچى. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى. ئۈكەرــــ چوڭئېيىق يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يەتتە قاراقچى يۇلتۇز كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىرپان ـــــ كىشىلەرنىڭئاڭ سەۋىيسىنى، مەدەنىيتىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان تەلىم- تەربىيە، مەرىپەت،مائارىپ. چاڭكەلتۈرۈش ـــــ① يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، ئەۋجىگە چىقىش. ② تۇپا- چاڭ چىقىرىش، بۇقۇناق چىقارماق.③ كۈچلۈك ئاۋاز چىقارماق، جاراڭلىق. كومپوزىتورــــ مۇزىكائەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىغۇچى كىشى. تال ــــ ①تىرەكلەر ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ ياكى چاتقال ئادەتتە مەجنۇنتال،سېرىق سۈگەت قاتارلىق كۆپ خىل تۈرى بولىدۇ. ② تەك ③ ئوزۇن ۋە ئىنچىكە نەرسىلەرنى سان- مىقدار جەھەتتىن ئىنقلاپ دانە، پايقاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ④ ئادەم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ سول تەرىپىدەبولىدۇ، ئۇ قان دانچىللىرىنى ئىشلەش ۋە بۇزۇش، تۈمۈر ماددىسىنى زاپاس ساقلاش، مايۋە ئاقسىللارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. بېلىجان ــــ كىچىكبىلىق، بىلىقنىڭ بالىسى.تەرمەچ ــــ تىرىپئېلىنغان ياكى ئېلىنىدىغان پارچە- پۇرات ئوتۇنلار. شور ــــ① ئانئورگانىك بىرىكمە، ئاق ياكى رەڭسىزكېلىدۇ. ئادەتتە خېمىيە سانائىتى ئەينەكچىلىك، قەغەزچىلىك سانائىتى قاتارلىقلارغاخام ئەشيا قىلىنىدۇ. تىببىي درىگەرلىكتە بولسا سۈرگە دۇرىسى قىلىنىدۇ. ② تەرنىڭئۈستىۋاش ياكى سىرتقا تىپىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تۇز ياكى ئاق داغ . ③ تەركىبىدەتۇز ماددىسى كۆپ بولغان، كۆپەيگەن شورتاڭ، زەي. ④ بەختسىزلىك، تەلەيسىزلىك،بىچارىلىك، بەخىتسىز تەقدىر. ⑤ تەتۈر ئوڭ كەلمىگەن، شۇم. چوقان ــــخىلمۇ- خىل قالايمىقان ئاۋاز، ۋاراڭ- چۇرۇڭ. جۇدالىق ــــ يېقىنكىشىسىدىن ئايرىلىغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش، ئايرىلىش، ھىجران. جۇغلانما ــــ ①يىغىلغان، جۇغلانغان. ② مىللى دارامەتنىڭ كېڭەيتىلىگەن تەكرا ئىشلەپچىقىرىشقائىشلىتىلىگەن قىسمى. كەچۈرمىش ــــباشتىن ئۆتكەن تۈرلۈك ۋەقە- ھادىسىلەر. ئەپسۇس ــــئۆكۈنۈش، ئېچىنىش ، پۇشايماننى بىلىدۈرىدۇ. ئاتخانا ــــ ئاتئېغىلى. نۇمۇسسىز ـــــنۇمۇسى يوق، نۇمۇس قىلىشىنى بىلمەيدىغان، يۈزسىز، ۋىجىدانسىز. موك ــــ بىرەرئىشنىڭ ناھايىتى تىز، بىردىنلا بولغانلىقنى بىلىدۈرىدىغان سۆز؛ سۈكۈت ـــــھېچقانداق سادا چىقمىغان، تىنچ، جىجىت ھالەت؛ سۈكۈنات؛ سۈر ھەيۋىسى ــــتەھدىت، قورقۇتۇش، پوپوزا، ۋەھىمە. گۈرزە ـــئۇچچىغا يۇملاق ياكى ئەگرى- بۈگىرى تۆمۈر ئورنىتىلىغان توقماق، ئۇرۇش قۇرالى. زەبەردەس ــــ ①جىسمانى جەھەتتىن بەقۇۋۋەت، كۈچلۈك، چىڭ . ② مۇستەھكەم، مەغرۇر، تىك . ③ خەۋپ-خەتەر، قېيىنچىلىقلاردىن قورۇقمايدىغان يۈرەكلىك، باتۇر، پالۋان، جەسۇر. لەكمىڭ ــــئىنتايىن كۆپ، نۇرغۇن . تىلسىمات ــــ ①سېھىر- جادۇ قىلىش؛ ② سىرىنى بىلىگىلى بولمايدىغان، سىرلىق ③ سىرى ئېچىلىمىغان،كىشلەر بىلىپ يەتمىگەن، ئاجايىپ- غارايب نەرسە ۋە شۇنداق جاي. موكا ــــ ①توقۇمچىلىقتا رەختلەرنىڭ ئۆرۈشىگە ئارقاقنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رولىنى ئۆتەيدىغاننەرسە، ئىككى ئۇچچى ئىنچىكە ئوتتۇرىسى تومراق بولغان تۇقۇش سايمىنى. ② تىكىشماشىنىسىنىڭ ئاستنىقى يىپىنى ئۈستىگە چىقىرىپ بىرىش رولىنى ئوينايدىغان كىچىكغالتەككە ئوخشاش نەرسە.ھەل ــــ① ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ياكى قوغۇشۇن،ئاليومىن قېتىشمىسىنىڭ ئۇۋىندىسىدىن ياسالغان بۇياق؛ ② بىر تەرەپ قىلىنغان ، بىرتەرەپ بولۇنغان. مىنگىشىپ ــــ ئات- ئۇلاغ ، ۋەلىسپىت ، مۇتسىكلىتقاتارلىقلارغا ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم مىنىش ، ئارتلىدۇرۇش . زەن سېلىش ــــ ئۇي-پىكىر ، خىيال ، زىھىن ، نەزەر سېلىش ، دىققەت قىلىش . گاھى ـــــ گاھ، ، بەزەن- بەزەن ، بەزى- بەزى ، ئارىلاپ-ئارىلاپ . خانىش ــــ خان ،پادىشاھ ۋە ۋاڭلارنىڭ خوتۇنى . ئەجدىھا ــــ ① ئەپسانىۋى چوڭ يىلان . ② كۆچمە . قانخۇر، ياۋۇز ، زالىم . ③ دىھقانلار كالىندارىدىكى 12 مۈچەلنىڭ بەشىنچىسنىڭ نامى .چۈشەپ قۇيۇشــــ① ئات، ئىشەك قاتارلىق ئۇلاغلارنىڭ ئايىغىنى چېتىپ قۇيۇش. ② توسىماق، چەكلىمەك. لەقۋا ــــ ①كاللىسى تىز ئىشلەپ كەتمەيدىغان ئەقلى كەم، كالۋا، دۆت. ② پالەچ، پالاكەت، زەئىپ. مەرمەرــــ بىرخىل ئاينىغان جىنىس ، ھاك تاش ، دولۇمىت ، قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايۇنلۇقئاينىش تەسىرىدە قايتا كىرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ . ئاساسى مىنرال تەركىبىكالتسىت ، تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ . تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينىغانكىرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ دانچىلىرىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ .ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ .مەرمەرنى سىىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرىنىدۇ . شۇڭا قۇرۇلۇش،ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتىرىيال قىلىنىدۇ .جىلۋە ــــ ①گۈزەل، نازاكەتلىك ھەرىكەت. ② رەڭمۇ- رەڭ تاۋلىنىش، كۆركەم كۆرۈنۈش. بالقىپتۇرۇش ــــ① كۆتۈرۈلمەك، ئېتىلىپ چىقماق، بەرق ئۇرۇپ كۆرۈنمەك. ② يارقىن نۇر چاچماق،يالتىرىماق، پارلىماق. جەمشىت ــــ ①قەدىمقى ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. ئۇيغۇرلاردا بايلىققا سىموۋۇل قىلىنىدۇ. ②ئەرلەرنىڭ ئىسمى. تەۋەللۇت ــــتوغۇلۇش، تۇغۇت. مەدداھ ــــ ① بازار ۋە كۇچا- كۇيلاردا ئادەم توپلاپ دىننىمەزمۇنلاردىكى بەزى بەندى- نەسىھەت سۆزلىرىنى ياكى تارىخى قىسسە، جەڭنامىلەرنىسۆزلەيدىغان كىشى؛②كۆچمە مەنىسى : ئاغىزى بېسىلماي گەپ قىلىدىغان، گەپنى تۇلاقىلىدىغان ئادەم، مەمەدان. قىسسە ــــ ①رىۋايەت ئۇسۇلىدا يارىتىلىغان بەدىئي ئەسەر، پوۋىست. ② ۋەقە- ھادىسە ۋە ئەپسانىلەربايان قىلنغان ئىپىك ئەسەر، رىۋايەت. تاۋاپ قىلىشــــمۇقەددەس ئۇرۇنلارغا قىلىنغان زىيارەت. پەتىلەش ــــ ئۆلۈمئۇزىلتىلغان ئۆيدىكى ھازىدارلارنى يوقلاپ ، مەرھۇمغا قايغۇ بىلدۈرمەك . تەسەللىبەرمەك . ② ئادەتتە ھېيىت- ئايەم ، توي - مەرىكە مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق- تۇققان ، ئەل- ئاغىنە ، قولۇمقوشنىلارنى يوقلىماق ، زىيارەت قىلماق .مەقبۇلكۈرۈش ــــقوبۇل قىلسا، ماقۇل كۆرسە بولىدىغان؛ ماقۇل، قۇبۇل. غەرق بولۇش ــــ ①بىرەر نەرسە ئىچىگە چۆككەن، چۈمۈلگەن، پاتقان. ② ھەددىدىن زىيادە، ھەددىدىنتاشقىرى، ناھايىتى. مېلودىيە ــــ بەلگىلىكئاۋاز ئېگىزلىكى ۋاقىت سەرپىياتى ۋە ئاۋاز مىقدارىنى جانلىق بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىقبىجىرىلگەن يەككە تاۋۇشلۇق ئاھاڭ. |