ئەكبەرنىياز |
2013-06-16 04:43 |
دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى
دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى
قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرنى قانداق تاللاش، دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قانداق ئوزۇقلىنىشتىكى ئوزۇقلىنىش تەرتىپىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئۇنداقتا، دىئابېت بىمارلىرىنىڭ توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش تەرتىپى قانداق بولسا ياخشى بولىدۇ؟
ئاۋۋال سەي-كۆكتات يېيىش كېرەك . نېمە ئۈچۈن دىئابېت بىمارلىرى تاماق يېگەندە ئاۋۋال سەي-كۆكتات يېيىشى كېرەك؟ چۈنكى سەي كۆكتات تەركىبىدە ئوزۇقلۇق تالالىرى مول بولۇپ، ئاۋۋال سەي-كۆكتات يېگەندە تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى بولۇپ، سەي-كۆكتاتتىن كېيىن يېمەكچى بولغان ئاساسىي تاماق (主食) نىڭ مىقدارىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.
ئاساسىي تاماق ئازراق سۇيۇق، كۆپرەك قورغاق بولىدۇ ئاساسىي تاماق تەركىبى ئاساسلىقى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى (碳水化合物) بولۇپ، ھەر خىل ئۇن تاماقلىرى، گۈرۈچ تامىقى، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاساسىي تاماق تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇلار قارىماققا ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ، ئەمما دىئابېت بىمارلىرى ئۈچۈن قايسى خىل ئاساسىي تاماقنى يېيىشنىڭ پەرقى يەنىلا چوڭ. ئاساسىي تاماقنى تاللاشتا، چوقۇم ئازراق سويۇق، ئەمما كۆپرەك قورغاق تاماقلارنى تاللاش كېرەك. تائام تالاسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش، مەسىلەن، گۈرۈچ تاماقلىرى. بۇ خىل قارا ئاشلىقلارنىڭ ئاشقازاندىكى ھەزىم بولۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغانلىقتىن، قەنت شېكىرى كۆرسەتكۈچى بىر قەدەر تۆۋەن ھەم قان شېكىرىگە بولغان تەسىرىمۇ ئاستا بولغانلىقتىن، دىئابېت بىمارلىرىنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قاننىڭ ئۆرلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىدۇ. گۆش تۈرىنى چەكلىمەسلىك كېرەك . كۆپ ساندىكى دىئابېت بىمارلىرى گۆشنىڭ تەركىبىدە ماي مىقدارى كۆپ بولىدۇ دەپ قارىغاچقا، دائىم گۆش يېمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش ئىلمىي ئەمەس. دىئابېت بىمارلىرى گۆش يېسە بولىدۇ، ئەمما كۆپ ياغلىق ۋە يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى كېرەك. شۇڭا، گۆش تىپىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي تاماقتىن كېيىن يېيىش كېرەك. دىئابېت بىمارلىرى مەلۇم مىقدارىكى ئاساسىي تاماقنى يېگەندىن كېيىن، يېمەكچى بولغان گۆش مىقدارىمۇ تەبئىي ئازلايدۇ (بىمار ئاللىبۇرۇن تويۇنۇپ بولغاچقا گۆشنى كۆپ ئىستېمال قىلالمايدۇ) ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىق، گۆشنى پىشۇرۇشتىمۇ سۇس بولغان پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. مەسىلەن، سۇس ئوتتا پىشۇرۇش، سۇدا پىشۇرۇش دېگەندەك. مايدا پىشۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا شۇرپا ئىچىش كېرەك شورپىنى ئەڭ ئاخىرى ئىچىش كېرەك. چۈنكى ئاۋۋال شورپا ئىچكەندە، ناھايىتى تېزلا تويۇنوش ھېس قىلغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي باشقا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئارقىلىق ئاچلىقنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قاننى كونترول قىلىشىغا پايدىسىز.
مەنبە : ئەلداۋا مۇنبىرىدىن ئېلىندى . |
|