ئەكبەرنىياز |
2013-06-16 04:21 |
قەنتلىك دىئابىت كېسىلىنى داۋالاشتىكى 5 ئەڭگۈشتەر
قەنتلىك دىئابىت كېسىلىنى داۋالاشتىكى 5 ئەڭگۈشتەر
قەنتلىك دىئابىت كېسىلى ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئەگەشمىلىرى ئادەمنى چۆچىتىدۇ. مەسىلەن: قەنتلىك دىئابتتا ھەرخىل ياللۇغلىنىش، كىتونلۇق كىسلاتا بىلەن زەھەرلىنىش، يۇقىرى ئوسموسلۇق ھوشسىزلىنىش، قان گلۇگوزىسى تۆۋەنلەش، مېڭە قان تومۇر ھادىسىسى، كور بولۇش، چىش كېسەللىكى، يۈرەك كېسەللىكى، يۈرەك تومۇر تىقىلمىسى، تۇيۇقسىز ئۆلۈم، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، ئۆت ياللۇغى، ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەت، بۆرەك زەئىپلىشىش، جىنسىي ئاجىزلاش، پۈتۈن بەدەن قان تومۇرلىرى قېتىشىش، پۇتلار يىرىڭلاپ چىرىش قاتارلىق ئەگەشمىلەر قوشۇلۇپ كېلىپ، بىمارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ ياكى ئۇلارنى ناكار قىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا قەنتلىك دىئابىت كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىۋېتىدىغان ئامال يوق، لېكىن ئەگەر بىمار مۇۋاپىق داۋالانسا، (تۆۋەندىكى بەش نۇقتىنى ئاساس قىلىپ داۋالىغاندا) ساغلام ھالەتتە 70-80 يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. كېسەل ئەگەشمىلىرى كۆرۈلمەيدۇ ياكى ئاز كۆرۈلىدۇ، دىققەت قىلمىسا بىمارنىڭ ئۆمرىگە، سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 5نۇقتاتۆۋەندىكىدىن ئىبارەت 1.ئۆگىنىش ئۆگىنىش دېگىنىمىز، بىمارنىڭ قەنتلىك دىئابىت توغرىلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە قارىتىلغان بولۇپ، قەنتلىك دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ بۇ خىل كېسەللىك توغرىسىدىكى بىلىمى قانچە كۆپ بولسا، ئۇنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ، ساغلام ياشىيالايدۇ. دۇنيادا قەنتلىك دىئابىت كېسىلىنى داۋالاپ ئۈزۈل-كېسىل ساقايتىۋېتىدىغان «ياخشى» ياكى «ئالىي دەرىجىلىك دورا» يوق. بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشتا بىمارنىڭ ئۆزى كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، بىمار ئۆگىنىش ئارقىلىقلا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلالايدۇ. 2. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش, مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش دېگىنىمىز، بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمال ھالەتتە ساقلاشقا قارىتىلغان. 2-تىپلىق قەنتلىك دىئابىتنىڭ مۇھىم كېسەللىك سەۋەبى سىېمىزلىك بولۇپ، سېمىز بىمارلار مۇۋاپىق ئۇزۇقلنىش ۋە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىقمۇ قەنتلىك دىئابىت كېسىلىنى تورمۇزلىيالايدۇ، پۇل خەجلەپ دورا سېتىۋېلىپ يېيىشنىڭ ياكى ئوكۇل ئۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇۋاپىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاددىي ئۇسۇلدا ھېسابلىغاندا: ئېگىزلىكىدىن 105نى ئېلىۋەتكەنگە تەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدىن 10% نى ئېلىۋەتسە ياكى قوشۇپ قويسىمۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ چېكى بولىدۇ.* ئوزۇقلىنىشتا بىزنىڭ پرىنسىپىمىز، تاماق ۋاقتىدا يېيىلىشى، نورمىلىق بولۇش كېرەك. ھەر قانداق نەرسىنى يېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئوزۇقلۇق پەيدا قىلىدىغان ئومۇمىي ئېنېرگىيە (قۇۋۋەت) مىقدارى ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. بىمارنىڭ كۈندىلىك يەيدىغان ئاشلىقى (ئاق، قارا ئۇن، گۈرۈچ، پۇرچاق) قاتارلىقلار 250~300 گرام، گۆش 100 گرام، كۆكتات 500~750 گرام، سەي قورۇشقا 50 گرام ئەتراپىدا ماي ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. كېسەللىك ياخشى تورمۇزلانمىغان ۋاقىتتا مېۋە يېمەي تۇرسا بولىدۇ. 3.مۇۋاپىق تۈردىكى تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش تەنھەرىكەت يۈرەك ۋە ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئەتراپ توقۇلمىلىرىنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. قان گلۇكوزىسىنىڭ ئىشلىتىلىشنى ياخشىلايدۇ، مۇسكۇللارنى كۆچەيتىدۇ، ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ، قاندىكى زىيانلىق بولغان ماي ماددىلىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، پايدىلىقىنى يۇقىرىلىتىدۇ، قان بېسىمىنى نورماللاشتۇرىدۇ، كەيپىيات ۋە ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىكنى، بىئاراملىقنى تۈگىتىپ، ئىرادىنى مۇستەھكەملەيدۇ، سۆڭەكلەر چۈرۈكلىشىش ۋە سۇنۇش قاتارلىق ئەگەشمىلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەر ھەپتىدە 5~7 قېتىمغىچە، ھەر كۈنى يېرىم سائەت 1سائەتكىچە ھەرىكەت قىلىش مۇۋاپىق، ئاستىراق يۈگۈرۈش ياكى تېز مېڭىش ياخشىراق. 4. قان گلۇكوزىسىنى ئۆلچەش داۋاملىق مەزگىللىك ھالدا ئاچ قورساق ۋە تاماق يەپ 2-سائەتتىكى ياكى تاماق يېيىش ئالدىدا قان گلۇكوزىسىنى ئۆلچەپ تۇرۇش، ئاچ قورساقتىكى گلۇكوزا مىقدارىنى L/mmol6~4، تاماقتىن كېيىنكى L/mmol8~6 ئەتراپىدا ساقلىغاندا، بىمارنىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ، ئەگەشمە كېسەللىكلەر كېلىپ چىقمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر 3 ئايدا 1 قېتىم GHbA1C نى، بىرەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم رېنتگېن ۋە ئېلېكتروكاردىئوگراف بىلەن تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. GHbA1C (گلۇكوزىلاشقان ھىمۇگلوبىن A1C) يېقىنقى 3-2 ئايلىق قان گلۇگوزىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. 5. دورا بىلەن داۋالاش يۇقىرىقىدەك 3 نۇقتا بويىچە داۋالىغاندا قان گلۇكوزىسى يۇقىرىقىدەك ساندا بولسا ھېچقانداق دورا ئىشلىتىشنىڭ ئورنى يوق. ئەگەر ئۇ ئۆلچەمگە يەتمىسە، ئەھۋالغا قاراپ مەخسۇس قەنتلىك دىئابىت كېسىلىنى داۋالايدىغان دوختۇرلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچسە، دورا بىلەن داۋالىنىش جەريانىدا داۋاملىق تەكشۈرتۈپ دورا ئۈنۈمىنى كۆزىتىپ تۇرسا بولىدۇ. قان گلۇكوزىسىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار «ياخشى دورا»، «يامان دورا» دەپ ئايرىلمايدۇ، تەسرى قىلىش رولىغا قاراپ 5 تۈرگە ئايرىلىدۇ، ھەر خىل مەلۇم بىر بىمارنىڭ ئىشلىتىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. مەخسۇس بۆلۈم دوختۇرلىرى سىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ سىزگە بېرىشكە تېگىشلىك دورىنى يېزىپ بېرىدۇ. دورىلارنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىدەك: w7 R/ U%. 5سولفونتلورىئاس (磺脲类 Sulfonylureas。Su) تىپىدىكى دورىلار D860 (达美康)، مىندىئاب (大美吡) ئامارىلىي (亚莫利) قاتارلىق دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى ئاشقازان ئاستى بېزىنى غىدىقلاپ ئىنسۇلىننى ئاجراتقۇزۇش. بۇ خىل دورىلار ياش ھەم سېمىز بىمارلارغا ماس كەلمەيدۇ، كۆپ مىقداردا ئىچىلسە قان گلۇكوزىسى تۆۋەنلەپ كېتىشنى ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك. بېگۋانىدېس (双胍类 BG.Binguanies) تىپىدىكى دورىلار: بۇ خىل دورىلار دىئافورمىن (Diaformin 二甲双呱,格华止 Metformin) فىنفورمىن (苯乙双胍 phenformin) قاتارلىقلار بولۇپ، جىگەر گلۇكوزىسىنىڭ قانغا كىرىشىنى توساش، گلۇكوزىنىڭ غەيرىي يوللار بىلەن پەيدا بولۇشىنى تورمۇزلاش، ئەتراپ توقۇلمىلىرىنىڭ گلۇكوزىنى سەرپ قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق روللىرى ئارقىلىق قان گلۇكوزىنى تۆۋەنلىتىدۇ. جىگەر ۋە بۆرەك فۇنكسىيىسى ناچارلار، يۈرەك زەئىپلىشىش، ئۆپكە كېسەللىكلىرى بولۇپ، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بارلار ئىشلەتسە لاكتاس كېسلاتاسى بىلەن زەھەرلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل دورا ھازىر 2-تىپلىق قەنتلىك دىئابىت كېسىلىنى داۋالاشتا ئەڭ ئالدى بىلەن تاللىنىدىغان دورا بولۇپ، يېنىك دەرىجىدە ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىراق ئاز ۋاقىت ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆنۈپ قالىدۇ. بۇ خىل دورا قان گلۇكوزىسىنى تۆۋەنلىتىشتىن باشقا سېمىزلەرنى ئورۇقلىتىدۇ. ۋاستىلىك ھالدا قاندىكى ماينى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىنسۇلىن ئىشلىتىۋاتقان بىمارلارغا قوشۇمچە بېرىلسە قان گلۇكوزىسىنى تېخىمۇ ئوبدان تۇراقلاشتۇرىدۇ. جىگەر ۋە بۆرەكنى بىۋاسىتە زەخىملەش ئەكس تەسىرى يوق. تاماقتىن ئىلگىرى-كېيىن ۋە ئوتتۇرىدا ئىچسىمۇ بولىدۇ. كۈنىگە 2~0.75 گرامنى بۆلۈپ ئىچىشكە بولىدۇ. كۈنىگە 2گرام ئىچسە رولى ئەڭ كۈچلۈك گلىكوزىدازا فېرمېنتىنى كونتروللىغۇچ دورىلار بۇ خىل دورىلار (ئاكاربوسى 阿卡波糖) كىچىك ئۈچەيدە گلىكوزىدازا فېرمېنتىنى رىقابەتلىشىش ئارقىلىق تورمۇزلاپ قەنتنىڭ ئۈچەيدە پارچىلىنىپ شۈمۈرلۈشىنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق تاماقتىن كېيىنكى قان گلۇكوزىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. قورساق كۆپتۈرۈش قاتارلىق ئەكس تەسىرى بار بولۇپ، ياشانغان بىمارلارغا مۇۋاپىقراق كېلىدۇ. تاماقنىڭ ئالدىدا ئىچسە ياكى بىرەر كاپام تاماقتىن كېيىن چايناپ يۇتسىمۇ بولىدۇ. 50 مىللىگرامدىن 3 ۋاخ ئىچىپ كۈچى يەتمىسە 100مىللىگرامدىن 3ۋاخ ئىچىشكە بولىدۇ. 50 مىللىگرامدىن باشلاپ ئىچسە ئەكس تەسىرى ئاز كۆرۈلىدۇ.
ئىنسۇلىنغا قوشۇپ ئىشلەتسە، قان قان گلۇكوزىسى ئانچە كۆپ داۋالغىمايدۇ، قان قان گلۇكوزىسى تۆۋەنلەش ئاز كۆرۈلىدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تېزلەتكۈچى دورىلار: بۇ خىلدىكى دورا نوۋونورم (诺和龙 Novo Norm) دىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ قانغا كىرىشىنى كۈچەيتىدۇ. دورا ئىچىپ يېرىم سائەت تەسىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بىر سائەتكە بارغاندا ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. 92% تى چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىلىدۇ. بۆرەك جىگەرلەرگە نىسبەتەن ئەكس تەسىرى يوق. ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرغۇچى دورىلار: بۇ خىل دورىلاردىن Avandia(罗格列酮,文迪雅) قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇ بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئۇنىڭ قان گلۇكوزىسىنى، قاندىكى ماينى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، جىگەر فۇنكىسىيىسىنى ياخشىلايدۇ، ياللۇغنى قايتۇرۇش رولى بار. بۇ خىل دورىنى ئىشلىتىش ھازىر چەكلەندى. ئىنسۇلىن (يى داۋسۇ) ئىنسۇلىن نورمال ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە ئۆزىگە مۇۋاپىق ھالدا ئاجرىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان قان گلۇكوزىسىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھورمون بولۇپ، قەنتلىك دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بەزىلىرىگە چوقۇم ئوكۇل قىلىپ تۇرۇپ ئۆمرىنى ئۇزارتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇ تېگىشلىك بولسا چوقۇم ئىشلىتىش، تېگىشلىك بولمىسا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئۇ «بەدەن ئۆگىنىپ قالىدىغان» زەھەر ئەمەس، بەلكى بىمارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان بىباھا گۆھەر.
مەنبە : ئەلداۋا مۇنبىرىدىن ئېلىندى . |
|