ئىخلاسىيە |
2013-06-15 18:23 |
تولۇق تىل - ئەدەبىيات زۆرۆر3-قىسىم ئىمتىھان سۇئالى
زۆرۈر 3- قىسىم كىتابتىن ئىمتىھان سوئالى
جاۋاپ تاللاش سوئالى (10×3نومۇر) 1. تېكىستلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇنلىرىغا ئائىتتۆۋەندە بېرىلگەن جاۋاپلارنىڭ توغىرىسى:( ) A. «شىراق» ناملىق تېكىستۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى روماندىن ئېلىنغان پارچە بولۇپ،تېكىستتە شىراقنىڭباتۇر،قەيسەر،ۋەتەنپەرۋەر خاراكتىرى ئۇنىڭ تىل،ھەركەت ۋە قىياپەت تەسۋىرلىرىئارقىلىق جانلىق،ئوبرازلىق،تەسىرلىك ئىپادىلەنگەن. B.«بۇ خۇددى گۈزەل باغقا كاۋاتېىرىغاندەكلا بىر ئىش» دېگەن جۈملە كەنجىنىڭ تىل تەسۋىرى بولۇپ،ئوخشىتىشقوللىنىلغان بۇ جۈملىدە كاۋا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنى كۆرسەتكەن. C.« ــ ئاسىدەم!... ــ دېدى ئۇسۈرەتكە قاراپ پىچىرلاپ،ــ بۇ سۈرەتنى نىمىشقا ئاسىدەمگە ئوخشىتىپ سىزغاندىمەن؟بىرەريۈز ئادەمنىڭ ئىچىدە يالغۇز سەنلا ئوبرازلىق ،جانلىق سىزىلىپسەن،بۇ نېمەئىش؟»جۈملىدە كەنجىنىڭ پىسخىك تەسۋىرى قوللىنىلغان. D.«ــ ئوغلۇم ... سېنى دەپ توخۇيۇڭداپ،كۆكۋاش ئېزىپ ... » بۇ سۆزنى ئېيتقۇچى ئاسىخان موماي بۇلۇپ،توخۇيۇڭداپ،كۆكۋاش ئېزىپ ئېتىلگىنى كۆجە،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىنىڭبىرى،بۇ تاماق كۈز پەسىلىدە كۆپ ئېتىلىدۇ،«كۆكۋاش»دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشى ئىملاقائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان. 2.ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغان جاۋاپلارنىڭ توغىرىسى: ( ) A.ھېكايىدە ئەكس ئەتتۈرۈلدىغىنىرىئال تۇرمۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولغاچقا ،ئۇنىڭدا تارىختىكى ھەقىقي ۋەقە،تارىخىشەخىسلەرلا يېزىلىشى كېرەك. B.ساياھەت ئەسەرلىرىدە مەشھۇرمەدەنيەت،ساياھەت،مەنزىرە ئورۇنلىرى ھەققىدىكى ساياھەت پائالىيىتى ئاساسى تېماقىلىندىغان بولۇپ،ئۇنىڭغا يازغۇچىنىڭ باھاسى، كۆز قارىشى،ھېس –تۇيغۇلىرىنى قوشۇشقابولمايدۇ. C.«بىرى تۈرتۈپ ئويغاتقاندەك قىلدى،دەرھال سەگەكلىشىپ قورقۇنچئىچىدە ئەتراپىمغا قارىدىم،ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى»دېگەن جۈملىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىنبايان،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش قوللىنىلغان. D.كۆپ ئۇچرايدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن بايان،تەسۋىر،لىرىكا،مۇھاكىمە ,چۈشەندۈرۈشقاتارلىقلار بار بولۇپ،بۇلار ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپىنچە زىچ بىرلەشتۈرۈلۈپقوللىنىلدۇ. 3.كىلاسسىكئەسەرلەر ھەققىدە تۆۋەندە ئېيتىلغان جاۋاپلاردىن خاتاسى:( ) A.چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۇلۇغ مۇتەپەككۈر،شائىر ئەلشىرنەۋايى ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان،بۇنىڭ ئىچىدە «قۇتادغۇ بىلىك»ۋە«خەمىسە»ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يىرىك نامايەندىلەر بولۇپھېسابلىنىدۇ. B.رابغۇزى «قىسەسۇل ئەنبىيا»دىن ئىبارەت ئۆز ئەسىرىنى نۇرغۇن ئەجىرقىلىپ،جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە يېزىپ ھىجىرىيە 710-يىلى ھوت ئېيىدا تاماملىغان. C.رابغۇزىنىڭ دەرسلىكىمىزگە كىرگۈزۈلگەن شېئىرى 8بېيت،16مىسىرادىنتەركىپ تاپقان،ئۇيغۇر شېئىرىيىتنىڭ غەزەل شەكلىدە يېزىلغان. D.«قىسەسۇل ئەنبىيا» چاغاتاي خانلىقى دىۋىردە مەيدانغا كەلگەن چوڭھەجىملىك نەسىرى ئەسەر بولۇپ،ئۇنىڭدا دۇنياۋى تېمىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن مەشھۇررىۋايەتلەر،ئىسلامىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا دائىر تارىخى ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ،شۇڭابۇ ئەسەر «پەيغەمبەرلەر قىسسىسى»دېگەن نام بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. 4.پەننىئومۇملاشتۇرۇش تۈرىدىكى ئەسەرلەر ھەققىدە ئېيتىلغان تۆۋەندىكى جاۋاپلاردىنتوغىرىسى:( ) A. ھايۋانلارنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار ھايۋانلارنىڭئويناش شەكلىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى يالغۇز ئويناش،ئېلىشىپ ئويناش،نەرسەئويناش دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغان. B.شىمپەنزە بالىلىرنىڭ دائىم يۇپۇرماقلارنى چايناپ ئالقىنىدىكى سۇغاچىلاپ ئوينايدىغانلىقى چېنىقىش تەلىماتىغا كۈچلۈك دەلىل بولالايدۇ. C.قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەزا ئۈچ قىرلىق تۆش سۆڭىكىدىنئىبارەت بولۇپ،قۇشلار ئۇچقاندا ھاۋانى ئىككى تەرەپكە ئايرىش رولىنى ئوينايدۇ. D.«سازاڭ بېلىق ھەققىدىكى تەسسەۋۋۇر»دا كۆلچەك ئىچىدىكى بېلىقلارنىلۇپەرلەرنى كۈچلۈك دولقۇن زەربىسىدە ئىرغاڭلايدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلالىغان. 5.ئۇيغۇرتىلىنىڭ فونتېكىسى ھەققىدە تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغىرىسى:( ) «ئوغلۇم،كىتابنىقىزغىن سۆيگىن،چۈنكى ئۇنىڭ ئىچىدە شىپالىق دورا بار،ئۇ سېنىڭ نادانلىق كېسىلىڭنىداۋالايدۇ،كىتاب ئىچىدە ئېسىل نازۇ-نېمەتلەر بار،ئۇ ساڭا مەنىۋى ئوزۇق بەخشئېتىپ،كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.كىتاب ئىچىدە بىر خىل سېھرىي كۈچ بار،ئۇ سېنىڭھاياتلىق كېمەڭنى خادا تاشلارغا سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلايدۇ.» .Aپارچىدا ئۈچ سۆز تەركىبىدىكى «ئە»تاۋۇشى«ئى»تاۋۇشىغائاجىزلاشقان. .Bپارچىدىكى ئۈچ سۆزدە سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىپ كەلگەن. .Cپارچىدىكى بىرسۆزدە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن. .Dپارچىدىكى ئۈچ سۆزگە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنيىتىگە ئۇيغۇن ھالداقوشۇمچە ئۇلانغان. 6.ئالماش،مىقدارۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان جاۋابلاردىن توغىرىسى:( ) A.«كىشىلەر شۇ چاغدىكى قەشقەرگە ئوخشاش تازا روناق تاپقان ئوتتۇرائەسىر جەمئىيىتىنى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تاپالمايدۇ.» دېگەن جۈملىدەكۆرسىتىش ئالماش ۋە ئېنىقسىزلىق ئالمىشى بار. B. «ئۆزۈمچىل قىلىققا ئوق ئات قارشى چىق» دېگەن مىسىرادا ئۆزلۈكئالمىشى يوق. C.«شۇنداقلىقىڭدىن ساقىلىڭ بىر باغ بېدىدەك بولغىچە ئۆزۈڭ لايىقتاپالماي يۈرىسەن!» دېگەن جۈملىدە مىقدار كېلىش مەنبەسى جەھەتتىن كۆچمەمىقدار،بىرىكىش ئىقتىدارى جەھەتتىن ھەركەت مىقدارى بولۇپ،ئۆزلۈك ئالماشتىن بىرىبار. D.«مەن بەكمۇ تاتلىق ئۇخلاپىتمەن، كۆپ چۈشلەرنى كۆرگەنبولساممۇ،لىكىن ئويغانسام ھەممىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن»دېگەن جۈملىدە بىرلا ئالماشقوللىنىلغان. 7.رەۋىش ۋەپېئىل ھەققىدە تۆۋەندىكىلەردىن خاتاسى:( ) A.«ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ھېكايە كاللامدىن زادىلا چىقمىدى» دېگەنجۈملىدىكى پېئىل بولۇشسىز شەكىلدە كەلگەن. B.«شەھەردىكى بارلىق كۈتۈپخانا ۋە كىتابلارنى ئارىلاپ ئالاقىدار يىپئۇچلىرىنى تەقەززالىق بىلەن ئىزدەشكە كىرىشتىم»دېگەن جۈملىدەئىسىمداش،سۈپەتداش،رەۋىشداشلارنى تاپقىلى بولىدۇ. C.«ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتنىشايلى »دېگەنجۈملىدە ھالەت رەۋىشى قوللىنىلغان. D.«سالامەتلىكىڭىز ياخشى بولمىسا دوختۇرخانىدا داۋالىنىڭ»دېگەنجۈملىدە پېئىل بۇيرۇق رايىدا كەلگەن. تۆۋەندىكىپارچىنى ئوقۇپ چىقىپ 8- ،9- تارماق سۇئالنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ «مەيلىئاتىسىنىڭ بولسۇن ياكى ئاپىسىنىڭ بولسۇن،مەلۇم جەھەتلەردىكى تۇغما تالانتنىڭبالىسىغا ئېرسىيەت بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار،بۇ بالىغا مەلۇم جەھەتلەردە زوريۇشۇرۇن ئىقتىدار ھازىرلاپ بېرىدۇ.شۇڭا،ئاتا-ئانىنىڭ مەلۇم تۇغما تالانتىئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرىدە مۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇلسا،بالىنى بۇ جەھەتتە تېخىمۇياخشى تەرەققى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. قەدىمدىن بۇياننۇرغۇنلىغان ئالىي ئەقلىي ئىقتىدار قۇرۇلمىسىغا ئىگە جەمەتلەر ئوتتۇرغاچىققان،مەسىلەن،مۇزىكانت باخ،موزارت ۋە ۋېبىر جەمەتىدىكى نەچچە ئەۋلادنىڭ ئىچىدەنۇرغۇنلىغان مۇزىكانتلار بارلىققا كەلگەن.يەنە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي-شىمالىيسۇلالىلەر دەۋىرىدىكى مەشھۇر ئالىم زۇ چوڭجىنىڭ ئوغلى زۇ خېڭ،نەۋرىسى زۇ خاۋلارنىڭھەممىسى مېخانىكا كەشپىياتچىلىرى،شۇنداقلا داڭلىق ئاسترونۇم ۋە ماتېماتىكائالملىرىدىن ئىدى.مۇنداق ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە جەمەتلەرنىڭ مەركەزلىكئىپادىلىنىش ھادىسىسى تۇغما ۋە كىيىنكى ئامىللارنىڭ ئىقتىدار ۋە تالانتقا بولغانرولىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» 8.پارچىنىڭمەزمۇنى توغىرىسىدىكى تۆۋەندىكى جاۋابلارنىڭ توغىرىسى:( ) A. بالىلارنىڭ تالانتى تۇغما بولىدۇ،سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىبولمايدۇ. B.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىكۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ تالانتلىق بالىلاركۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ،بۇ ھال بالىلاردىكى تالانتنىڭ شارائىت بىلەن بىۋاستەمۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ،ئېرسىيەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى كۈچلۈكئىسپاتلايدۇ. C.بالىلارنىڭ تالانتى مەلۇم دەرىجىدە ئېرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئەقلىي ئىقتىدار قۇرۇلمىسىغا ئىگە جەمەتنىڭ تۇغما تالانتى كىيىنكى ئامىل تەسىرىدەمۇۋاپىق جارى قىلدۇرۇلسا بالىلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. D.ئانىنىڭ تۇغما تالانتى بالىنىڭ تالانتلىق بولىشىدىكى ئەڭ مۇھىمئامىل. 9.پارچىدائىشلىتىلگەن مىساللار تالانت ۋە ئىقتىدارنىڭ تۇغما تەسىر نەزەرىيەسىنى كۈچلۈكدەلىلگە ئىگە قىلىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان كەسىپ ناملىرىنىڭ تولۇقتوغرا بولغىنى:( ) A.رەسسام،مۇزىكانت،ماتىماتىك، ئاستىرنوم B. ماتىماتىك،مۇزىكانت،ئاستىرنوم، ئارخىئولوگ C.ئاسترونوم، مۇزىكانت ،مىخانىكا كەشپىياتچىسى،ماتىماتىكا ئالىمى D.يازغۇچى، ماتىماتىكا ئالىمى،ئاستىرونوم،مېخانىكا كەشپىياتچىسى. 10.«تاغئوغرىلىرى چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى بىلەن تەڭلا،ئۇنى جۈجاڭغا دەپ قامىتىپ قويغانتۇرساق،تېخىچە ئۆلمەي،مۇقام توۋلاپ يۈرگىنىنى قاراڭلار!نېمانچە جېنى پىششىقنېمىدۇ؟خەپ،جۈجاڭغا ھەزرەتلىرىگە دەپ جېنىنى ئالغۇزمايدىغان بولسام!»يۇقىرىقىپارچە ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغىرىسى:( ) A.بۇ ئابدېكىرىم راخماننىڭ 1983-يىلى يازغان «مۇقام ئۇستازى»ناملىقدىراممىسىدىن ئېلىنغان پارچە بولۇپ،پارچىدە تىلغا ئېلىنغان«جېنى پىششىقئادەم»ئۇيغۇر12مۇقامىنى دەۋرىمىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن ئۇستاز تۇردى ئاخۇن ئاكىنىكۆرسىتىدۇ. B.بۇ خوجا داموللىنىڭ تىلماچقا دېگەن سۆزى بولۇپ،بۇنىڭدىن خوجاداموللىنىڭ قانخور،قارا نىيەت،سۈيقەستچى،مىللى مۇناپىق خاراكتىرى روشەن ئېچىپبېرىلگەن. C.بۇ راشىدىن مۇپتىھاجىنىڭ مونولوگى بولۇپ،راشىدىن مۇپتىھاجىنىڭئىككى يۈزلىمىچى،ئىپلاس خاراكتىرى يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. D.بۇ خوجا داموللىنىڭ مونۇلوگى بولۇپ،ئۇنىڭ ئىپلاس غەرىزى تىلماچقائوخشاش غورورلۇق،ئەقىللىق،شىرمەت يىگىتلىرىمىز تەرىپىدىن ئىشقا ئاشمايدۇ. Ⅱ بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سوئالى (15×2 نومۇر) 11.«بىرفىزىكنىڭ تەربىيلىنىش جەريانى»ناملىق ئەسەردە «مەن»گە بالىلىق مەزگىلىدە چوڭقۇرتەسىر قىلغان ئىككى ئىش ـــــــــــــــــــــــــــ ۋەـــــــــــــــــــــــــــــــــ دىن ئىبارەت.. 12.«مۇقامئۇستازى»ناملىق دىراممىدا تۇردى ئاخۇن ئاكىنى قۇتقۇزۇش ماھىيەتتە خەلقىمىزنىڭقىممەتلىك بايلىقى بولغان ـــــــــــــــــ نى قۇتقۇزۇش دېمەكتۇر. 13.تىلىمىزدىكىشەخىسىز پېئىللارـــــــــــــــــــــــ،ــــــــــــــــــــــــــــ،ـــــــــــــــــــــــــقاتارلىقلاردىن ئىبارەت. 14.بولۇشسىزلىقئالمىشى «ھېچ»سۆزىگە بىر قىسىم ـــــــــــــــــــــ لىرىنىڭ قوشۇلىشى بىلەنھاسىل بولىدۇ. 15.«...يېڭىدىنپارلاپ چىققان قۇياش نۇرى دېرىزىدىن ئۆي ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرگەنىدى»دېگەن جۈملىدەـــــــــــــــــــــــــــــ دىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوللىنلغانبولۇپ،جۈملىنىڭ خەۋرى شەخىسسىز پېئىلدىن ـــــــــــــــــــــــــــ قا كىرىدۇ. 16.«ئوتتۇرائەسىر ئۇسلۇبىدىكى قەشقەر»ناملىق تېكىستتىكى «ئوتتۇرا ئەسىر»ــــــــــــــــــــــــــ بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. 17.رەۋىشلەركۆپىنچە جۈملىدە ــــــــــــــــــــ نىڭ ئالدىدا كېلىپ ــــــــــــــــــــــــۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 18.ئىپىكئەسەردە ـــــــــــــــــــ ،ــــــــــــــــــــــ، ـــــــــــــــــــــــــئىبارەت ئۈچ ئامىل بولىدۇ. Ⅲكۆنۈكمە ئىشلەش سۇئالى 19.تۆندىكىماقال-تەمسىل ۋە شېئىر مىسىرالىرنى تولۇقلاڭ. (4×2 نومۇر) 1) تۆگىنىڭقۇيرۇقى بولغىچە،ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 2) يېمەيدىغانھەسەلبار،ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 3) تەركىئەدەبدىن بىرى كۈلگۈدۇرۇر،ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 4) باغ قوپاردىمتال ياغاچلىق،باش يوپۇرغاق ئالچېچەك،ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 20.«بىزمەكتەپتە تەييار بېلىققا ئېرىشىشنىلا ئويلىماي،بەلكى بېلىق تۇتۇش ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋېلىشىمىزكېرەك.» بۇ جۈملىدىكى چوڭقۇر مەنىنى تەھلىل قىلىپ شەرھىلەپ بېقىڭ. ( 4 نومۇر) 21.تۆۋەندىكىكىلاسسىك ئەسەردىن ئېلىنغان پارچىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنىيېزىڭ. (4نومۇر) گەرچە قۇياشتىنپەرۋەرش ئالەم يۈزىغە ئام ئېرور، سەھرادا قامغاغۇتىكەن،بوستاندا سەرۋۇ گۈل بېتۇر. يەشمىسى:ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 22.«سال»پېئىلىغا ئىككى جۈملە تۈزۈڭ،بىرىنچى جۈملىدە مۇستەقىل پېئىل،ئىككىنچى جۈملىدەياردەمچى پېئىل رولىدا كەلسۇن. (4نومۇر) سال(مۇستەقىلپېئىل رولىدا):ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. سال(ياردەمچىپېئىلرولىدا):ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ. 23. تۆۋەندىكىجۈملىنى ئاز دېگەندە ئىككى خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە قوشۇپ كېڭەيتىپ يېزىڭ. (3نومۇر) بىر قانچە پارچەبۇلۇت ئاسماندا يۈرمەكتە ئىدى.. Ⅳتەھلىل قىلىش سۇئالى «ــ سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قولىدىن شۇ ئىش كەلسەئىگەكىم بار،ئاسىدەمنى ئوغۇللىرىغا ئەتىلا ئۇنىتىمەن...» 24. يۇقارقىپارچىدىكى «شۇ ئىش» نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ (2نومۇر) 25.يۇقارقىپارچىدىكى «ئوغۇل» نىڭ ئىسمى نېمە؟ ئۇنىڭ خاراكتىرىنى قىسقىچە تەھلىل قىلىڭ. (4نومۇر) 26.پارچىدىكىسىكىمنىڭ قايسى تەسۋىرى؟ (2نومۇر) «... ھاــ ھاــھا!...تىلماچلىق دېگەننى مانا شۇنداق قاملاشتۇرۇش كېرەك! ئۇنداق قېرى لالمىلارنىڭئەدىپىنى بەرمەي تۇرۇپ،خەلىققە كېرەكلىك ئادەملەرنى قوغداپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس! بۇۋەسۋەسسە ئىچىدە ياقا يۇرتلاردا يۈرۈپ قان قۇسۇپ ئۆلىدۇ ئۇ ئىبلىس!» 27. يۇقارقىپارچىدىكى سۆزنى دەۋاتقان كىم؟ ئۇ قانداق ئادەم؟ (4نومۇر) 28.پارچىدىكى«خەلققە كېرەكلىك ئادەم » كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى نېمە؟ (4نومۇر) 29.بۇ پارچەكىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئېلىنغان؟«ئۇ ئىبلىس» دېگىنى كىمنى كۆرسىتىدۇ؟ (3نومۇر) 30.« مەنقەشقەردە تۇرغان چېغىمدا،قەشقەرنىڭ سىرلىق ھالىتىنى كۆزىتىشكە تېخىمۇ كۆپرەكۋاقتىمنى سەرپ قىلمىغانلىقمدىن بەكلا ئەپسۇسلىنىمەن» پارچىدىكى «سىرلىقھالەت» دېگىنى قەشقەرنىڭ قايسى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ؟ (3نومۇر) Ⅴيېزىقچىلىق سۇئالى بېرىلگەنماتېريال غا ئاساسەن يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنلاڭ. (45 نومۇر) كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا بەزى ئىش ۋە ئادەملەرگەدەسلەپكى قەدەمدىلا توغرا باھا بېرەلىشىمىز ناتايىن،لىكىن بىز ئۇچراتقان تاشقىھالەتلەرگە نىسبەتەن بىزدە دەسلەپكى تەسىر چوقۇم پەيدا بولىدۇ.بۇ مەسىلىدە شۇنىڭغائىشىنىڭكى ،تۇنجى تەسىر مەڭگۈلۈك ئەمەس،ئىنتىايىن ئاددى ئەمما تەسىرى كۈپلۈك بەزىئىشلار سىزنىڭ تۇنجى تەسىر قەلئەيىڭىزنى كۇمپەيكۇم قىلىپ،سىزنى شۇ ئىش =ۋەقە ۋەئادەملەر ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.ھازىرغىچە بولغان ھاياتمۇساپىڭىزگە نەزەر سالسىڭىز سىزمۇ بۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بولىسىز. «شۇ ئىشتىنكىيىن...»دېگەن تېمىدا بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ. تەلەپ : 1) ماتىريال مەزمۇنىنى ئاساس قىلىڭ،ماتىريالمەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتمەڭ. 2) 2)ئەسەر مەزمۇنىنى ۋە ژانېرنى ئۆزىڭىزبەلگىلەڭ (شېئىر يىزىشقا بولمايدۇ) 3) قايسى ژانېردا يازماقچى بولسىڭىز شۇژانېرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گۋدىلەندۈرۈڭ. 4) ئەسەردە ئوتتۇرغا قويۇلغان مەزمۇنئېنىق،توغرا ۋە چوڭقۇر بولسۇن. 5) خەت چىرايلىق،ئىملاسى توغرا،تىنىش بەلگىلىرىجايىغا قويۇلغان بولسۇن. 6) ھەجىمى ئىككى بەتتىن كەم بولمىسۇن. |
|