مەھەممەتجان |
2013-06-15 02:55 |
ھەدەمنى سېغىندىم
ھەدەمنى سېغىندىم j eF1{ % 'JY*K:- (راسىت ئىشلار خاتىرىسى) tVQfR*= FV^CSaN[R مەھەممەتجان ساۋۇت(غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ) >R3~P~@30 D4'"GaCv kH*
l83 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن غۇلجا شەھەر شىنخۇا غەربىي يول 13-كوچا(دۆڭمەھەللە 13-كوچا)دىكى مەھەللىداشلار كۈنەس ناھىيىسىنى نىشانلاپ يولغا چىقتۇق.شەھەرنىڭ بۇرۇختۇرمىچىلىقىدىن زىرىككەن بالىلار تاڭ سەھەردە يولغا چىققان پېتى توختىماي مېڭىپ،ئىلىدىكى گۈزەل سەيلىگاھلارنىڭ بىرى بولغان ناراتتىننمۇ ھالقىپ،كۈنەس يايلاقلىرىنىڭ ئەڭ چېتى يەنى بايىنبۇلاقنىڭ ئېتىكىگە كەلگەندىلا ئاران ماشىنىلىرىنى توختىتىشتى.ئەمدى يەنە توختىماي ماڭساق،ئېتىكىدىن ئۈستىگە بىرەر سائەتلەردە چىققىلى بولىدىغان ئېگىز تاغدىن ئارتىلىپ،بايىنغۇلۇن مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ تەۋەلىكىگە كىرىپ كېتەتتۇق. pVn6>\xa سەپەرداشلار بىلەن قازاق ئۆيلىرىدىن بىرنى ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئېلىپ،ئېلىۋالغان يېمەك – ئىچمەك ماتىرىياللىرىمىزدىن پايدىلىنىپ،قورساقنى ئەستەرلەشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كېتىشتۇق.ئادەتتە،ئۆيلىرىمىزدە خىزمەتتىن ھېرىپ – ئېچىپ كېلىپ يەنە ‹‹ئۇھ››دەپ قويماي تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئايالىمىزنىڭ قانچىلىك ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكى بىلەنمۇ ھېساپلىشىپ ئولتۇرماي،بىرەر تال چوكىنى جوزىغا ئەكىلىشنىمۇ ئەرلىك غۇرۇرىغا ئالىدىغان بىز ئەرلەر ھازىر قازان بېشىدا باشقىچىلا جانلىنىپ كېتىشكەن ئىدۇق. 2Vr F~+ قۇرساقلىرىمىزنى تۇيغۇزىۋالغاندىن كېيىن تاغدىكى زۆرۈر پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولغان تاغ چوققىسىغا چىقىشتا بەسلەشمەكچى بولۇشتۇق.سەپەرداشلار يانتۇلۇق دەرىجىسى ئادەتتىكىچە،ئەمما قويۇق قارىغايلار بىلەن قاپلانغان تاغ باغرىدىكى شاقىراتمىنى كۆزلەشتى،مەن بولسام،يانتۇلۇق دەرىجىسى يوقىرىراق،ئەمما،بىر تۈپمۇ قارىغاي يوق تاغ چوققىسىنى نىشانلىدىم.ھېرىش،ھالسىزلىنىش،يەنە كۈچەش،پۇتلار ماغدۇرسىزلىنىش،يەنە جاھىللارچە ئالغا ئىنتىلىش داۋامىدا بىرەر سائەتلەرچە تىركىشىش ئارقىلىق ئاخىر تاغ چوققىسىغا چىقالىدىم،چوققىدا يەنە بىر پارچە كەڭرى تۈزلۇك بولۇپ،نىرىسىدىلا يەنە بىر چوققا ‹‹قېنى،يامان بولساڭ ماڭا ياماشمامسەن›› دېگەندەك قىلىپ،ماڭا مەغرۇرلۇق بىلەن گىدىيىپ قاراپ تۇراتتى.ئېگىزلىك كىشىگە تېخىمۇ گۈزەل تۇيغۇلارنى بېغىشلايتتى،پەسلىكتە تاغ ھاۋاسىغا ماسلىشالماي ماڭا بوتنىغاندەك جىمىپ قالغان تېلىفۇنۇممۇ ئېگىزلىككە چىقىپلا باشقىچە جانلىنىپ كەتتى.يېقىنلا يەردە قوي بېقىۋاتقان بىر قازاق قېرىندىشىم مېنى كۆرۈپ ،ئېتىنى ئاستا ھەيدەپ يېنىمغا كەلدى،جارقىن ئىسىملىك بۇ قازاق يېگىتى بىلەن بىر دەم مۇڭداشقان بولدۇق،ئۇ ماڭا تاغدا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بارغانسىرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقى،ئانچە – مۇنچە بۆرىنى ئۇچرىتىپ قالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا،ئېيىق قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئاساسەن قالمىغانلىقىنى،ئەمما،سۇغۇر،بورسۇق(قاشقا ئوغلاق)قاتارلىقلارنىڭ بىرقەدەر كۆپلىكىنى سۆزلەپ بەردى.ئاڭغىچە جارقىننىڭ قەيەرلەردىندۇ پەيدا بولغان يەنە بىر ھەمراھى جارقىننى چاقىرىپ،نىرىراقتىكى تاغ باغرىدىكى قويلارنى كۆرسىتىپ،بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن،ئۆزى ئاستا مەن تەرەپكە كېلىپ،مەن بىلەن سالاملاشتى،قەيەردۇبىر يەرلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان بۇ يېگىتتىن مەن:سىز ئۇيغۇرمۇ،قانداق،-دەپ سورىدىم.ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:ياق،-دەپ قويدى.بىز تەبىئىيلا يەنە تاغ پارىڭىغا چۈشۈپ كېتىشتۇق.ئۇ ماڭا بىز تۇرىۋاتقان بۇ ئورۇننىڭ ئومۇمىي نامىنىڭ قاراساي دەپ ئاتىلىدىغانلىقى،بىز تۇرىۋاتقان بۆلىكىنىڭ بولسا قىزىل ساي دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى،كۆرۈنۈپ تۇرغان قارشى تەرەپتىكى چوققىنىڭ ‹ئاقىرقا››دېيىلدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.بىز ئۇياقتىن-بۇياقتىن پاراڭلىشىپ خېلىلا چىقىشىپ قېلىشتۇق.مەن ئۇنىڭدىن ‹‹تۇرسۇنجان››دېگەن ئىسىم ئۇيغۇرلاردا كۆپ قويۇلىدۇ،ئۆزىڭىزنىمۇ دەسلەپتە ئۇيغۇرلارغا ئوخشاتتىم،ئۇيغۇرلار بىلەن تۇغقاندارچىلىقىڭلار بارمۇ قانداق،- دەپ سورىدىم،ئۇ ماڭا قاراپ،مىجەزىڭىز بەكلا چىقىشقاق ئىكەن،بايامنىڭ ياقى پاراڭلىشىپ،سىزنى يېقىن كىشىلىرىمدەك كۆرۈپ قالدىم،شۇڭا،سىز سورىمىغان بولسىڭىزمۇ بۇ ‹‹سىر››نى سىزگە دەپ بەرمەكچى بولۇپ تۇراتتىم،ـ دەپ سۆزىنى باشلىدى:مېنىڭ دادام قازاق،ئىسمى دادامنىڭ ئىسمى بايسۇلتان،ئەسلى كۈنەس ناھىيىسىنىڭ نارات يېزىسىدىن.دادام ياش ۋاقتىدا كەڭسۇ 5-كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق تۇراخان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن كۇچا ناھىيەسىدىن چىققان قەمبەرنىسا ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزغا ئۆيلىنىپتىكەن.ئۇلار ناھايىتى ياخشى ئۆي تۇتۇشۇپتۇ.دەسلەپتە بىر قىز تۇغۇلۇپتۇ،ئىسمىنى خالىدەم قويۇشۇپتۇ،تۆت يىل ئۆتۈپ مەن تۇغۇلۇپتىمەن،ئىسمىمنى تۇرسۇنجان قويۇپتۇ.مەن ئالتە ئايلىق بولغاندا ئاپام ئاغرىق سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كېتىپتۇ.مەن ئېسىمنى بىلگەن ۋاقىتلاردا ھەدەم بىلەن بىللە تۇرىۋاتتاتتۇق.ئاپامنىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتىم،ھەدەمگە بولسا،بەكلا ئامراق ئىدىم،بىز ئانىمىزنىڭ مۇھەببىتىنى بىر – بىرىمىزدىن ئالاتتۇق.كوچا دېگەن يەردىن كېلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلەر بىزنى يوقلاپ كېتەتتى.مەن بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئاپامنىڭ كوچادىكى ھەدىسى يەنى مېنىڭ چوڭ ئاپام كېلىپ:خالىدەم بىر مەزگىل بىزنىڭ ئۆيدە تۇرسۇن،مەن يەنە ئۆزەم ئەكىلىپ قويىمەن،- دەپ ھەدەمنى ئېلىپ كېتىشتى.ئۇلارنى دادام بىلەن يەنە نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى بىلمەيمەن،ئەمما،شۇنىڭدىن كېيىن يا ئۇ ئۇيغۇر توغقانلىرىمىز،يا ھەدەم بىزنىڭ ئۆيگە قەدەم بېسىپ باقمىدى.ئۆيدە دادام ئىككىمىزلا قالدۇق.مەن گەرچە مەندىن تۆت ياشلا چوڭ بولسىمۇ،ئەمما،ئاپام ئورنىدا كۆرىدىغان ھەدەمنى كۈندىلا سېغىناتتىم،چۈشلىرىمدە كۆرەتتىميۇ،ئويغانساملا يۈتتۈرۈپ قوياتتىم.دادام بولسا،تېخىمۇ غېرىپسىنىپ كەتتى.كېيىن داداممۇ ئاغرىق سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كەتتى.مەن چوڭداداملارنىڭ (دادامنىڭ ئاكىسى) قولىدا چوڭ بولدۇم.ھازىر ھەدەمنىڭ بىزنىڭ ئۆيدىن كەتكىلىگە توپتۇغرا 23 يىل بولدى.ئەمما،مەن ھەدەمنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم،ھەرقېتىم ئائىلىمىزنىڭ نوپۇس دەپتىرىدىكى ئىسمىغا،كىچىك ۋاقتمىمىزدا چۈشكەن رەسىمىمىزگە قاراپ كېتىمەن،تۇيۇقسىزلا كېلىپ قالسىكەن دەپ ئويلايمەن.ئۆزەم ئىزدەي دېسەم،كۇچا دېگەن چوڭ ناھىيەكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپامنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ بىلمەيمەن،شۇڭا،كۇچانىڭ قەيىرىدىن،كىملەرنى ئىزدەشنى بىلمەيمەن.ئەمما،ھەدەمنىڭمۇ مېنى سېغىنۋاتقانلىقىغا،ئۇنىڭ بىلەن ھامان بىر كۈنى كۆرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن،گەرچە ھەر ئىككىلىمىزنىڭ بالىلىقىمىزدىكى بىر – بىرىمىزگە تونۇش چىرايلىرىمىزدا مەلۇم ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ،بىز ئۇچرىشىپلا قالساق بىر – بىرىمىزنى تونىيالايمىز.تۇرسۇنجان كۆزئالدىمدىكى بەھەيۋەت تاغلاردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئاجايىپ بىر مۇڭ بىلەن ھېكايىسىنى تۈگەتتى.مەن ئۇنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلاپ تەبىئىيلا ئۇنىڭغا ھېسداشلىقىم كەلدى.ھەمدە ئۇنىڭدىن يوقۇرىقى بايانلىرىڭىزنى رەسىمىڭىزگە قوشۇپ تورغا چىقىرىپ قويۇشۇمغا قانداق قارايسىز،-دەپ سورىغىنىمدا ئۇ:مەيلى.ھېچقانداق پىكرىم يوق.مۆمكىن بولسا،ھەدەم بىلەن كىچىك ۋاقتىمدا چۈشكەن رەسىمنىمۇ تورغا چىقارسىڭىز ياخشى بولاتتى،بىراق،ئۇ رەسىم كەڭسۇ چارۋىچىلىق فىرمىسىدىكى ئۆيىمىزدە،10 يىلچە بولدى،ئۆزەممۇ ھازىر يازلىقى موشۇ قارا سايدا،قىشلىقى كەڭسۇ چارۋىچىلىق فىرمىسىدا تۇرىۋاتىمەن،مېنىڭ ھەدەمنى ئىزدەش،تورلارغا چىقىش شارائىتىم كەمچىل،ھەدەم ياكى ئاپامنىڭ باشقا تۇغقانلىرى توردىكى بايانلارنى كۆرۈپ،شۇ سەۋەپ بىلەن بولسىمۇ،ھەدەمنى تېپىۋالسام ئەجەپ ئەمەس،ـ دېدى ماڭا ئۈمىدتە قاراپ. تۇرسۇنجاننىڭ كۆزلىرىدىن يېنىۋاتقان سېغىنىش ۋە مۇڭ يۆرىكىمنى ئەزمەكتە ئىدى.ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىرى تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئەمما،ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىۋاتاتتى.بىز خوشلاشمىساق بولمايتتى.ئۇ ئېتىنى دېۋىتىپ قويلىرىنى يېغىش ئۈچۈن ماڭدى،مەن بولسام،ئېغىر خىياللار بىلەن ئېگىزلىكتىن پەسكە چۈشۈشكە باشلىدىم... ,*+F*:o(m ^{DXin 1O` mcP]k8?C تۆۋەندە تۇرسۇنجانغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بېرىلدى.(رەسىملەرنى يوللىيالمىدىم،يوللىيالايدىغانلار بولسا،ئەۋەتىپ بېرىمەن) |
|