查看完整版本: [-- غېنى باتۇر نۇرى ئۈچۈن ياش تۆكتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> غېنى باتۇر نۇرى ئۈچۈن ياش تۆكتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2013-06-14 01:56

غېنى باتۇر نۇرى ئۈچۈن ياش تۆكتى

......قار لەپىلدەپ ياغماقتا ، بۇ نويابىر سوۋغىسى ، تۇنجى قار ، دەرەخ شاخلىرىدا لىرىكا بىلەن يۇغۇرۇلغان تىل سەنئىتىنىلا ئىپادىلىيەلەيدىغان قار گۈللىرى پەيدا بولدى . قىز شىنىل ، شەپكە كىيگەن ، قاملاشقان .چىرايلىق يىگىتنىڭ سول بېلىكىدىن قولتۇقلىۋالغان ، يىگىتنىڭ ئوڭ قولى چاپان يانچۇقىدا ، سول قولى قىز ئۈچۈن جەينەك بىلەن بىلەكتىن تۇتقۇچ ياسىغان .. لىكىن ئۇنىڭ خىيالى باشقا بىر قىزدا . ئۇ تۈنۈگۈن كەچتە خادىكتە مەست بولوپ قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۆز كۆڭۈل ئازاپلىرىنى ئاشكارلىغان پەرىخەنى كۆرۈپ قالدى . ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان ، ھەربىيچە كىيىملىرىنىڭ تۈگىمىلىرى ئېچىلغان . ئۇ نۇرىنى كۆرۈپ دەرھال يېنىدا ئولتۇرغان سۇلايمانوفنىڭ  مۆرىسىگە بېشىنى قويىۋىلىپ ، چىرايلىق كۆزلىرىنى ئاسمانغا قارىتىپ قاقاھلاپ كۈلدى . ئىنسان كۆپ ھاللاردا دەرت -ئەلەملىرىنى كۈلكە بىلەن ئىپادىلەيدۇ -دە !  >;%QW  
نۇرى قىزنىڭ كۈلكىسىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئەلەم ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدى ، ئۇ نېمىشقا نۇرىدىن قاچىدۇ ، ئاشۇ سۇلايمانوفنىڭ ھېلىقىدەك رەززىللىكى سەۋەبىدىن قىزلىق شەنىگە داغ چۈشكەنلىكى ئۈچۈنمۇ ؟ نۇرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىش ، ھەتتا دادىسىنىڭ ، كىچىككىنە ئوغلى خەمىتنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن ، پەرىخەنىڭ ئۆزىگە بولغان ساپ مۇھەببىتىنىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى .  مانا بۈگۈن زەيتۇنە بىلەن ئاخىرقى قېتىم سەيلە قىلىۋاتىدۇ ، ئۇ زەيتۇنەدىن ئەپۇ سورىماقچى ، ئەھۋاللىرىنى زەيتۇنەگە تولۇق ئېيتماقچى ، ئۇنىڭ خىيالى پەرىخەدە ، ئۇ كۆڭلىدە ياتلىشىشىنى قارار قىلغان قىز بىلەن بىللە سەيلە قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن پەرىخەدىن ئىچىدە كەچۈرۈم سورىماقتا .   ITi#p%  
-زەيتۇنە، مۇھىم گېپىم بار سىزگە دەيدىغان !   TBba3%  
-ياق ، @PhAg  
بۈگۈن ھەر قانداق مۇھىم گەپ مەنئى قىلنىدۇ ، بىز مۇنۇ گۈزەل تەبىئەت بىلەن سۆزلىشىمىز ! - قىز ئەركىلەپ،خۇمارلاشقان يوغان ، قاپقارا كۆزلىرى بىلەن يىگىتكە« يالت»قىلىپ قاراپ قويدى - دە ، بېلىكىنى تېخىمۇ چىڭىراق سىقتى . ,# .12Q!  
-لىكىن بۇ گەپ ! ... [;F!\B-  
-تىنىچ، «لىكىن»  مۇ مەنئى قىلىنغان ! قاراڭە ئاۋۇ سۆگەت شېخىغا ، ئاشىق -مەشۇقلار سۆزلىشىۋاتىدۇ ، قار بىلەن يوپۇرماق قوشۇلسا ھەجەپمۇ چىرايلىق گۈل پەيدا بولىدىكىنا ، قىز تولىمۇ ھاياجانلانغان ، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى ھىسىياتلىق لېرىكا ،شېئر -مىسرالىرى ئىدى .  نۇرىنىڭ قەلبىدە يەنە ي تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ھەۋەس دۇلدۇلى تىپچەكلىدى . ئۇنىڭ قىزنى قۇچاقلىغۇسى ، ئەرلىك نەپسىنى قاندۇرغۇسى كەلدى . ئۇ بىر دەقىقەق پەرىخەنى ئۇنتۇدى ، مۇھەببەت ئىنسابنى يەڭدى ، تەبىئىي ھىسيات كۈچى ياسالماي دىيانەت رامىكىسىنى بۇزدى . ئۇ يانچۇقىدىكى ئالىقىنىغا ئېلىۋالغان نازۇك ، سىلىق قىز  قولىنى سىقىپ قويدى ، قىز ئۇنىڭ بىلەكلىرىگە ئىقككى قولى بىلەن يامىشىپ مەست بولغان ھالەتتە ؛ QMrH%Y  
-بىر شېئىر يېزىڭە ، بۈگۈنكى كۈن مەڭگۈلۈك خاتىرە بولوپ قالسۇن ! - دېدى .   Yl$ @/xAa  
ئۇ قىزنى تېرەك دالدىسىغا ئاستا تارتتى ، ئەتىراپقا قارىدى-دە ، نازۇك بېلىدىن تۇتتى ، قىز ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سالدى . ئۇلا بىر تەنگە ئايلاندى ، نەدە تۇرغىنىنى ،نىمە قىلىۋاتقىنىنى تامامەن ئۇنتۇدى. دۇنيادا گويا شۇلاردىن باشقا ھىچنىمە مەۋجۇت ئەمەستەك ، گويا يەرشارىدىكى تۇنجى ئىنسانلار - ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھاۋا ئانىمىزنىڭ مۇز تەلبىدە تۇنجى قېتىم ئۇچىرشىپ ، ئىنسان خوشلىقىنىڭ بىرىنچى پەللىسىنى - جىنسى قوشۇلۇشنى پەيدا قىلغىنىدەك ..... . :eB+t`M  
- نېمىشقا بۇنداق ئوغۇرلىقچە ... بىزگە توسقۇنلۇق يوققۇ ، نۇرى ... gSyBoY  
نۇر قىزنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلارپ شېئىر ئوقۇدى ؛   ui|6ih$+  
ئاپئاق قار سۆيمەكتە يېشىل ياپراقنى ، b E40^e  
قالدۇرۇپ بىر ئىللىق سۆيگۈ-پىراقنى . o8%o68py  
قار دەيدۇ، ئەل كۆرسۇن ،پىنھان نە كىرەك ، FYefn3b  
نە ھاجەت ئۆچۈرمەك نۇرلۇق چىراقنى . R" CF xo  
...ھا-ھا-ھا!...-قىز قاقاھلاپ كۈلدى ...   h 
-ھە-ھە، يەنە ئوقۇڭ ! - قىز ئەمدىلا يىگىت قوينىدىن قوللىرىنى بوشىتىۋىدى ، «پاڭ» قىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى . ;4/ n~  
-ئە....ئە....-دېدى نۇرى كەينىگە سەنتۈرلۈپ ، ئۇ تېرەككە يۆلىنىپ قالدى . ئۇنىڭ شىنىلىنىڭ كۆكىرەك تەرىپىدىن قېپقىزىل قان چىقماقتا ئىدى . ئۇ تامدەك تاتىرىپ ئوڭ قولى بىلەن بېلىكىدىكى تاپانچىسىنى تۇتتى ،لىكىن ھىچنىمە قىلالمىدى.   6U%d3"T  
قىز بار ئاۋازى بىلەن چېرقىردى . يېنىدىكى ھويلىدىن تاتارلار يۈگۈرۈپ چىقىتى . !,5qAGi0  
يېرىم سائەتتىن كېيىن سوۋىت گوسپىتالىدا نۇرى كارۋاتتا ئوڭدا ياتاتتى ، ئۇنىڭ يېنىدا ئەڭ داڭلىق دوختۇر ھاكىم جاپپارۇف دوختۇرلار، سېستىرالار بىلەن پايپىتەك بولماقتا ئىدى . ~ Hj c?*  
-ساقايتىسەن دوختۇر ، ساقايتىمىساڭ ئېتىۋىتىمەن ! - دەپ ۋارقىردى بىر دەمدىلا پەيدا بولغان غېنى باتۇر تاپانچىسىنى يالاڭاچلاپ ئۈستەلگە قويۇپ . aYHs35  
- ئوق يۈرەكنىڭ يېنىدىن تېشىپ ئۆتكەن ، قان بەك جىق كەتكەن ، قان سالمىساق بولمايدۇ ! EUH9R8)  
-مانا مەندىن ئال  ،  چىلەكلەپ ئالساڭمۇ يېتىدۇ ! - دېدى باتۇر بىلەكلىرىنى تۈرۈپ . HTMo.hr  
-ئالمۇتۇغا ،مۇسكىۋاغا ئايرۇپىلان بىلەن يۆتكەيلى ! - دېدى ئابلا باي تىتىرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن دوختۇرغا يېلىنىپ ، - قىزىم تېخىچە ھوشىغا كەلمىدى !.... C$LRX7Z`o  
- قىزىڭىز ئۆلمەيدۇ، ھەممنى قىلغان شۇ قىزلار ! - دېدى غېنى باتۇر ۋارقىراپ ، - يۈز قىزنى يۇغۇرسا نۇرىنىڭ بىر تىرنىقى يارالمايدۇ . ئۆلمە نۇرى ، ئۆلمە باتۇر يىگىت ! ئۆمرىدە ياش تۆكمىگەن غېنى باتۇرنىڭ بورتۇپ چىققان يوغان قوي كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى مۆلدۈرلەپ تۆكۈلدى ! hg'eSU$J  
\RFA?PuY  
مەنبە: مەرھۇم يازغۇچىمىز زۇردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» رومانى. QAZs1;lU  

ئەكبەرنىياز 2013-06-14 02:08
تارىختىكى نۇرغۇن تەڭداشسىز باتۇرلار ساھىبجاماللارنىڭ قۇلىدا جان بەرگەن . بەلكىم نۇرىدىن ئىبارەت بىر غايىۋى ئوبراز  ئاشۇنداق بىر شارائىتتا ئۆلۈشى زۆرۈر بولۇپ قالغاندۇ !؟

تۆتتاش 2013-06-14 02:14
نۇرى غايىۋى ئوبرازما؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-14 02:35
ئەلۋەتتە ، روماننى سەللا دىققەت قىلىپ ئوقۇسىڭىز بۇنى بىلمەك تەس ئەمەس ، بۇرادەر ! :inVwc  
ماڭا بۇ رۇماندا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر يېرى بار . ئۇ بولسىمۇ مۇختەر باينىڭ نۇرىنىڭ ئاپىسىنىڭ تۇپراق بېشىدا بىر كېچە قونۇپ ، يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان گەپلىرى ئىدى . ئەلۋەتتە ، بۇ مىنىڭ 2000-يىللىرى بۇ رۇماننى تۇنجى ئوقۇغان ۋاقلىرىمدىكى تەسىراتلىرىم . ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ رۇماننى ئىككى قېتىم ئوقۇپ بولدۇم ، ھەر قېتىم ئوقۇغاندا يېڭىدىن يېڭى تەسىراتلارغا ئىگە بولۇپ تۇردۇم  . باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى قانداقكىن !؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-15 01:39
قارىغاندا بىزدىن باشقىلار بۇ رۇماننى ئوقۇماپتۇ-دە ، تۆتتاش بۇرادەر !؟ %y)hYLOJ  
ياكى ئىنكاس يېزىش خوشياقمىدىمىكىن ؟

چوغلۇق1 2013-06-15 10:11
نۇرى ئۈچۈن بىزمۇ ياش تۆكتۇق.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا قۇربان بولغان باتۇرلار ئازمۇ دەيسىلەر؟ئىنقىلاب ئۈچۈن، شۇنداقلا بىزنىڭ ئازادلىقىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن ئەزىمەتلەر ياش ھاياتىنى،ئىسسىق قىنىنى تەقدىم قىلغان ئەمەسمۇ!بۇ روماننى قايتا-قايتا ئوقۇغانمەن.نۇرى قىز سەۋەبىدىن ئۆلمىدى بەلكى ئازادلىق ئۈچۈن قۇربان بولدى.

altikin 2013-06-15 18:32
مەنمۇ بۇرومانى ئوقۇپ چىققان  لىكىن يىڭى چىققان نوسىخىسىدا ئۆزگىرىش بەك كۆپ ئىكەن .تۇنجى نوسخىسىنى بەك ئوقۇغۇم بار ئىدى ،پەقەت تاپالمىدىم. "`a,/h'  
چۇنكى مىنىڭ ئىككىلا بۇۋام مۇشۇ ئىنقىلاپنىڭ تىرىك شاھىتلىرى (جەڭچىلىرى)ئىدى. ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم،نۇرغۇن ئىشلار ئۇلارنىڭ ئىدىيىسدىن ئۆتمىدى.

ئەكبەرنىياز 2013-06-15 20:40
تارىخىي رۇمان ئەدىبىيلىك بىلەن تارىخنىڭ بىرىكمىسى ئۇنىڭغا سىياسى خاھىشچانلىق  قوماندانلىق قىلىشى كېرەك ، شۇنداق بولغاچقا تارىخنىڭ نەق ئۆزى تارىخى رومان بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىدىيىسىدىن بەزى نۇقتىلار ئۆتمىگەن بولۇشى مۇمكىن ! مەن يېڭى نەشىرىنى ئوقۇپ باقمىغاچ قانداقلىقىنى بىلەلمىدىمغۇ !؟

ئۇدۇنلۇق 2013-06-16 21:52
مەنمۇ بۇ ئەسەرنى ئوقۇغۇلى ئون يىلدىن ئېشىپتۇ.مىنىڭچىمۇ نۇرىنىڭ ئوبرازى غايىۋى ئوبراز.ئونىڭ ئۆلىمى ئىنقىلاپنىڭ كىيىنكى تەقدىرىگە سىموۋىل قىلىنغاندەك بىلىنىدۇ ماڭا.

bahadir 2014-05-06 15:51
نۇرى تىخى بۇ يەردە ئۆلمەيدۇ،ئۇنى سۆۋىتكە ئاچىقىپ داۋالايدۇ،ئاخىرىدا ئىچىمىزدىكى خائىنلارنىڭ ئوقىدا ئارمان بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدۇ. h]VC<BD6S  
بەك ياخشى رومان بۇ ! {OS[0LB  
ئەپسۇس ھازىرقى نەشىرى ئۆزگەرتىلىپتۇ!!!

bahadir 2014-05-06 15:53
مەن ئۇدۇنلۇق بۇرادىرىمنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. /6 y;fx  
نۇرىنىڭ ئۆلىشى،ئىنقىلاپنىڭ «ئۆلىشى»

قەدىر 2014-05-06 18:01
نۇرى ئانايۇرت رومانىدا مۇۋاپىقىيەتتلىك يارتىلغان ئوبراز

gulbar 2014-05-06 23:19
مەن تور بەت ئارلاپ يۇرۇپ ئۇيغۇرچە كىتاپلار-كىتاپلار بىلوگىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم، ئۇ يەردە «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ ئەسلى نۇسخىدىكى ئىلكىتاپ نۇسخىسىنى بار ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بەزى تارىخلىرىمىزغا ئائىت خەنزۇچە ماتىرياللارنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم، تارىخى كىتابلارمۇ بار ئىكەن، مەن كونا نۇسخىدىكى «ئانا يۇرت» رومانىنىڭ ئىلكىتاپ نۇسخىسىنى تىلغۇنۇم ئارقىلىق ئوقۇپ چىقىۋاتىمەن.

نۇرلالە 2014-06-04 11:55
نۇڭرى رىئال ئوبراز بۇ توغرىسىدا مەن بىر ماقالە ئۇقۇغان .

bahadir 2014-06-05 10:31
مەن نۇرى بىلەن ئابدۇراخمان قاھارنىڭ«ئىلى دولقۇنلىرى»رومانىدىكى نادەمنى بەكلا ئوخشىتىمەن.

تارانچى 2014-06-05 15:45
يەرلىك ئالاھىدىلىك،تۇرمۇش پۇرىقىمۇ بەك قويۇق...


查看完整版本: [-- غېنى باتۇر نۇرى ئۈچۈن ياش تۆكتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled