查看完整版本: [-- پۇتبولچى بارى قىز دوستىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلىدى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> خەۋەر ۋە ئۇچۇر -> پۇتبولچى بارى قىز دوستىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلىدى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۆتتاش 2013-06-14 01:33

پۇتبولچى بارى قىز دوستىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلىدى

پۇتبولچى بارى قىز دوستىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلىدى ntL%&wY  
تېڭشۈن تورى خەۋىرى :   1. Q"<[M  
پايونىيە كوماندىسىنىڭ ۋارتاسىغا ئۇرغان بىر توپى بىلەن نام قازىنىپ كەتكەن ئۇيغۇر پۇتبولچىمىز بارى يېقىندا ئۆزىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل قىز دوستىنىڭ سۈرەتلىرىنى توردا ئاشكارىلىدى، ئىككەيلەننىڭ مىللىيچە كىيىنىپ چۈشكەن سۈرەتلىرى شۇنداق يېقىشلىق بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭ قىز دوستىنى فەن بىڭبىڭ، ياڭ مىلاردىنمۇ گۈزەلكەن دەپ ماختاپ كېتىشتى. ^;\6j u2  
Hb^ovc0   
بارى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا يېشىل شەھەرنىڭ تېرىنىرىغا قاتتىق ياراپ كېتىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى يېشىل شەھەر كوماندىسىغا قوشۇلغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى يىل جەريانىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ۋاقىتلىرىنى يىشىل شەھەر كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2011-يىلىدىكى ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى بىرلەشمىسىغا قاتنىشىشى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇ ياپونىيەنىڭ كوماندىسىغا بىر توپ ئۇرۇپ، ئۇيغۇرلاردىن چىققان «ياپونغا قارشى ئاۋانگارت جەڭچى» دىگەن نامغا ئېرىشكەن. z!~{3M  
A v/y  
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە دۆلەتلىك ئولىمپىك كوماندىسىغا قوشۇلۇپ لوندۇن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، ئەمما ئۇ كوماندا ئەڭ ئاخىرىدا 12 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلمىدى. z^%`sUgP  
:O;uP_r9  
g$# JdN  
ئەمما 2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بارى كەسپىي ھاياتىدىكى «قاراڭغۇ زۇلمەتلىك دەۋر» ىنى باشتىن كەچۈردى. توختامنى ئۇزارتىش مەسىلىسىدە ئۇ يېشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن بىرلىككە كېلەلمىگەنلىك سەۋەبى بىلەن ئۇ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە تۈزۈك مۇسابىقىگە قاتناشمىدى. 2013-يىللىق كۇلۇب ئالمىشىش ۋاقتى باشلانغاندا ئۇ جىياڭسۇ شۈنتىيەن كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ يەتتە مەيدان مۇسابىقىسىگە، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى بىرلەشمىسىنىڭ ئۈچ مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بارا-بارا «قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك» تىن يورۇقلۇققا قاراپ ماڭدى wG22ffaki  
:?#wWF.  
ئۆزىنىڭ پۇتبول تېپىشتىكى ئىلھامىنى قايتا تېپىۋالغان بارىنىڭ بارلىق ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، تۇرمۇش ئىشىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، ئۇ يېقىندا بولغۇسى ئايالىنىڭ سۈرەتلىرىنى توردا ئاشكارىلاپ، پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە ئېرىشتى. بەزى پۇتبول مەستانىلىرى يەنە بارىنىڭ قىز دوستىنىڭ گۈزەللىك جەھەتتە فەن بىڭبىڭ ۋە ياڭ مىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى ئايال چولپانلارنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. kh>i#9Ie  
+gb"} cN  
مەنبە: تىڭشۈن تورى

ئەكبەرنىياز 2013-06-14 01:54
ئۇلارغا مەڭگۈلۈك خاتىرجەملىك ، ئىشلىرىغا ئۇتۇق يار بولغاي !!!

ئۆمەرجان1 2013-06-14 10:41
ناھايىتى ياخشى ئىش بۇپتۇ!  بارىنىڭ   تىخىمۇ  زۇر  نەتىجىلەرنى قۇلغا كەلتۇرۇپ، مىللىتىمىزنىڭ رۇھىنى يۇقىرى كۆتۇرىشىنى ئۇمىت  قىلىمەن.

ئايبىكە 2013-06-14 21:08
رەسىملەرنى كۆرۈپ ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ «رەنجىمە»ناملىق ناخشىسى يادىمغا يەتتى.بارىغا تاتلىق تامادا بولغان پەرىشتىلىرىمىزگە چېلىنغان ماتەم سىگنالى بولدىمۇ قانداق؟(چاقچاق)

نەجىبەتاجەمەت 2013-06-15 21:14
بەخىت يار بولسۇن !

چۇغلۇق 2014-03-31 13:12


查看完整版本: [-- پۇتبولچى بارى قىز دوستىنىڭ سۈرىتىنى ئاشكارلىدى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled