查看完整版本: [-- يارغۇنچاق ئۇيۇنى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> يارغۇنچاق ئۇيۇنى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-06-12 20:32

يارغۇنچاق ئۇيۇنى

يارغۇنچاق ئۇيۇنى &zy% _U2%  
ئىزچىل ـــ ① ھەمىشە بىر خىل داۋام قىلىدىغان، داۋاملىشىپ كەلگەن، دائىملىق، ئۆزگەرمەس. ② بىر تەخلىتتە، بىر يۈنىلىشتە، بىر خىل رەۋىشتە، ھەر قانداق چاغدا، ھەر قانداق جايدا بىر خىل باشتىن- ئاخىر ئېغىشماي. ③ بىرەر يولدىن ئېغىشماي ماڭىدىغان، دائىم بىردەك. ④ ئۆز- ئارا مەنتقىلىق باغلىنىشى بولغان مەلۇم قانۇنىيەت، پېرىنسىپلارغا باشىتىن- ئاخىر بىردەك ئەمەلىيلەشكەن، باشتىن- ئاخىر بىردەك ھەل قېلىنغان، مۇنتىزىم، سېستىمىلىق. 5r 4~vK  
مەدەنىي مىراس ـــ مەدەنىيەتكە ئائىت بولغان، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى، ئىلىم- مەرىپەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئالدىنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن بايلىقلار، يادىكارلىقلار. r~T!$T b  
تۈگمەن ـــ ئاشلىقتىن ئۇن تارتىش قۇرۇلمىسى. ئىككى دانە يۇمىلاق، يېسى تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاستىنقى تېشى ھەرىكەتلەنمەيدۇ، ئۈستۈنكىسى سۇ كۈچى بىلەن ياكى شامال كۈچى ۋە توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. سۇ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغىنى سۇ تۈگمىنى، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغىنى توك تۈگمىنى، شامال كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغىنى شامال تۈگمىنى دەپ ئاتىلىدۇ. >4wigc  
مىلادىيە ـــ خەلقئارادا ئورتاق قوللنىلىدىغان كالىندار. d>F7i~W  
كۆچمەن ـــ ① كۆچۈپ يۈرىدىغان، كۆچۈپ يۈرۈشنى ئادەت قىلغان. ② بىرەر جايدا تۇرماي، ئۇ يەردىن- بۇ يەرگە كۆچۈپ يۈرىدىغان ئادەم. QmSj6pB>  
دان ئايرىش ـــ دانلىق زىرائەتلەرنى تۈرلۈك قۇرال- سايمانلاردىن پايدىلنىپ، دېنى ۋە پاخىلىنى ئايرىش ئىشى. >b\|%=(x!*  
يانجىش ـــ ① ئىزىش، مىجىش، ئۇۋاقلاش. ② يوقىتىش. I \1E=6"  
ئۈندۈرمىسى ـــ ① ئاشلىق دانلىرىدىن ئۈنۈپ چىققان ئاق بىخ، مايسا. ② مەيدانغا كىلىش، پەيدا بولۇش ئالدىدا تۇرغان بىرەر ھالەت ياكى بىر ئىش- مەسىلە؛ ھامىلە.   ~N9k8eT  
ئىجابىي ـــ ① قوبۇل قىلىنغانلىقى، ماقۇل تېپىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان. ② ماقۇللايدىغان، ياقىلايدىغان، ماقۇللاشقا، ماختاشقا سازاۋەر بولغان، ياخشى، پايدىلىق. ③ ياخشى خىسلەت، پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان، ئۈلگىلىك. _)vX_gCi  
ھەدىيە قىلىش ـــ باشقىلارغا بىرەر نەرسە ياكى سوۋغا تەقدىم قىلىش، تارتۇقلاش. Bkq4V$D_  
خالىي ـــ ① ئىچى ئادەم ياكى نەرسىلەر بىلەن بەنىد بولمىغان بوش، بىكار. ② كىشى نەزىرىدىن، كۆزدىن يىراق، چەت، خىلۋەت. ③ ھېچكىم يوق، يالغۇز، ئايرىم. ④ ھېچكىم يوق يەر، خىلۋەت يەر، دالدا جاي. IG}yGGn  
ياپسا ـــ ئارىلىقىدا بوشلۇق قالمىغان، زىچ، دەل، ھىم، جىپسا، ئۇدۇل، توغرا. [ %LGiCU]  
سىغدىلىپ ـــ ئىتتىرىپ تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، زىچلاشتۇرۇپ، قىستىلىپ. Fi+ DG?zu  
ئۆتۈشمە ـــ ① ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، بىر- بىرىنىڭ ئاستى ياكى ئۈستىدىن ئۆتىدىغان قايچىلاشما. ② كىيىمنىڭ تۈگمىسى ئېتىلگەندىن كېيىن پەش، گىرۋەكلىرىنىڭ ئۆز- ئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان قىسمى.   o}waJN`yI  
ئۈگۈت ـــ ① ئۇن تارتىش ئۈچۈن پاكىزە تازىلانغان ئاشلىق. ② جۇۋازغا سېلىپ ياغ تارتىشقا تەييارلانغان مايلىقدان، يۈك. L1` ^M  
چاڭگال ـــ ① پەنجە، چاڭ. ② زولۇم، ئاسارەت، تۇتقۇنلۇق، نەزەربەنىد، رىجىم، ئىسكەنجە. ③ ساناق سانىلار بىلەن قوشۇلۇپ چاڭگاللىغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ. CPsl/.$tC  
ئۇدۇللۇق ـــ ① تۈز، ئۇدۇل، توغرا ھالەت. ② لازىم بولغۇنىچە، تاپقىنىچە، ئۇتتۇرلۇق، بىر تەرەپتىن. uUBUUr  
تەقلىد ـــ ① باشقىلارغا ئەگىشىش، ئوخشىتىش، دوراش، ئوخشاتما. ② ئۇيغۇرتىلى سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى. يەنى كىشىنىڭ ئاڭلاش سىزىمى، كۆرۈش سىزىمى ۋە ھىسسىي سىزىمىگە تەقلىد قىلىنغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. ?o] NV  
خامپا ـــ تۈگمەننىڭ تارتىلغان ئۇن چۈشۈپ تۇرىدىغان تۈگمەن تېشىنىڭ ئالدىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان چوڭقۇر جاي. bVoU|`c  
ئەجداد ـــ بۇرۇن ئۆتكەن نەسىل، نەسەب، ئاتا- بۇۋىلار. qoj^_s6  
خاسلىق ـــ  ① خاس بولغان ھالەت، مەخسۇسلۇق. ② بىرەر شەيئىنىڭ باشقا شەيئىلەردىن پەرىقلىق بولغان ئايرىم ئالاھىدە خاراكتىرى. ③ شەخسىنىڭ تۇراقلىق بولغان پىسخىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ يېغىندىسى. mn]-rTr  

ئەكبەرنىياز 2013-06-12 22:38
مۇنبەرنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن ! جاپا چېكىۋاتىسىز ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ !!!

ئەكبەرنىياز 2013-07-08 14:17
بۇ سەھىپىگە بەكرەك كۈچىسەك بولغۇدەك مۇنبەرداشلار !!!

ئايبىكە 2013-07-08 14:33
سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىنى يىغىپ توپلام قىلساق، ئېسىل پايدىلانمىدىن بىرى ۋۇجودقا كەلگۈدەك.


查看完整版本: [-- يارغۇنچاق ئۇيۇنى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled