查看完整版本: [-- ئالىپ ئەرتۇڭا(ئىزاھاتلار) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئاتالغۇلارغا ئىزاھات -> ئالىپ ئەرتۇڭا(ئىزاھاتلار) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tawpek 2013-06-12 20:30

ئالىپ ئەرتۇڭا(ئىزاھاتلار)

Q96"^Hd  
13.ئالىپ ئەرتۇڭا bH7 lUS~  
كلاسسىك ـــ ① پەن، سەنئەت ۋە ئەدەبىيات ساھەلىرىنىڭ مەشھۇر بولغان ھەم شۇ ساھەدە باشقىلارغا نەمۇنە ياراتقان، ئىتىراپ قىلىنغان ئەربابى. ② كلاسسسىكلار تەرىپىدىن يارىتىلغان خەلقنىڭ ئىپتىخارىغا ئايلانغان نەمۇنە بولىدىغان. 1dl@2CVS  
پاساھەت ـــ چىرايلىق ۋە يېقىملىق سۆزلەش قابىلىيتى، نۇتۇقنىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك ۋە گۈزەللىكى. -%g$~MZ?'  
ئۆزلۈك ـــ ① ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيتى، تەبئىي ھالىتى، ۋۇجۇدى ۋە بارلىقىغا ئائىت، ئۆزىگە خاس. ② ئىش- ھەرىكەت باشقا بىرىگە ئۆتمەي بەلكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى ئۈستىگە چۈشىدىغان، تەۋە بولىدىغان. ③ بىر- بىرىگە يېپىشىپ، بىر- بىرىنى ياخشى تۇتۇپ تۇرىدىغان، بولۇشى بار.   p1blPBlp  
ئالىپ ئەرتۇڭا ـــ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ئادەملەر توغرىسدىكى رىۋايەتلەرنىڭ بىرى بولغان « ئافراسىياپ » رىۋايىتىدە تەسۋىرلەنگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئېپۇسى ۋە ئىپۇستىكى باش قەھىرىمان. ئەينى دەۋىرلەردە تۈرك ( ئۇيغۇرلار ) لارنىڭ ئولۇغ خاقانى ئافراسىياپ دەپ ئاتىلاتتى . بۇ « قاپلانغا ئوخشاش كۈچلۈك، باتۇر ئەر » دېگەن مەنىدە. مەھمۇد كاشىغەرىيىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ناملىق ئەسىرىدە ئافراسىىياپنىڭ « ئالىپ ئەرتۇڭا » دېگەن ئۇيغۇرچە نامى بارلىقى قەيىت قىلىنغان. « قۇتادغۇبىلىك» تە تاجىكلارنىڭ ئۇنى ئافراسىياپ دەپ ئاتايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئالىپ ئەر تۇڭا ئەجداەلار نەزىرىدىكى بىر قەھىرىمان شەخىسنىڭ سىموۋۇلى. قەدىمقى دەۋىردە خەلق ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن. قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ تىگى- تەكتىنى مۇشۇ رىۋايەتتىكى شەخىسكە باغلاپ، ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغان. $r'PYGn  
پەلەك ـــ ① يەردىن گۈمبەز، قازان شەكىلىدە بولۇپ كۆرىنىدىغان ھاۋا بوشلۇقى، ئاسمان. ② تەقدىر- قىسمەت. Sp2 
تۇزاق ـــ ① ھايۋان ياكى قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن تۆمۈر ياكى ياغاچتىن ياسالغان بىر خىل قسىماققا ئوخشاش قۇرۇلما، قاپقان. ② بىراۋنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر، ئىشلىتىلگەن ۋاستە، ھىيلە-مىكىر. qpCNvhi  
بەگ ـــ ① بۇرۇنقى مەمۇرىي ئەمەل ۋە شۇنداق ئەمەل ئالغان كىشى. ② مۇراجەت ۋە ھۆرمەت سۆزى. ③ كىشى ئىسملىرىنىڭ كەينىدە كىلىپ ھۆرمەت نامىنى بىلدۈرىدۇ. a  St  
بانىدۇر ( باھانە )  ـــ ② بىرەر ئىشتىن باش تارتىش مەقسىتىدە كۆسىتلىگەن ئۇرۇنسىز سەۋەب، ئۆزرە. ② باشلانغۇچ سەۋەب. 0|^/e -^  
تىيەتلىك ـــ ئوقلانغان، قارىغا ئېلىنغان، ئۇدۇللانغان، ئوق سېلىپ ئېتىلدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن. A'=,q  
زەئىپ ـــ ① جىسمانىي قۇۋۋىتى كەم، قۇۋۋەتسىز، ئاجىز، كۈچىسىز. ② سىياسى، ئىقتىسادىي، ھەربى ۋە باشقا جەھەتتىن كۈچى ئاجىز، كۈچسىز. ③ پەس، بوش، سۇس، كۈچىسىز، ئاجىز. _>LI[yf{  
زەپەرـــ ① ( زەپە )  چىغىرىتماقگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غۇللۇق ئۈسۈملۈك . گۈلى ئاچ قۇڭۇر رەڭدە بولۇپ دۇرىغا ئشلىتىلىدۇ . ②( زەپە ) شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى . ③ قولغا كەلگەن نەتىجە ، غەلىبە ، مۇۋاپىقيەت . ④ ئادەمنىڭ ئىسمى . :=J^"c  
ياقا يىرتىش ـــ باشقىلار ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش، ئاۋارە بولۇش، جاپا چىكىش. &{5v[:$  
پەرياد ئۇرۇش ـــ دۇچ كەلگەن قاتتىق خاپىلىق، دەرد- ئەلەم، روھىي ئازاب تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان نالە- زار، يىغا. xyvG+K&  
ئۆكسۈپ ـــ ئۆپكىدىمەك. \GFFPCi4 D  
ئۆرتىلىش ـــ دەرد- ئەلەم بىلەن قىينىلىش، ئازابلىنىش. Z{".(?+}1  
ياۋۇز ـــ ئۆتۈپ كەتكەن رەھىمسىز، شەپقەتسىز، قەبىھ، رەزىل، يىرتقۇچ. waYH_)Zx  
ئەردەم ـــ ئەدەب- ئەخلاق، تەرتىپ قائىدە، ئېسىل پەزىلەت. wBbJ \  
پەزىلەت ـــ ① كىشلەردە بولىدىغان ئىجادىي خىسلەت، ياخشى سۈپەت، ياخشى خۇسۇسىيەت. ② ئاياللارنىڭ ئىسمى. sgRD]SF  
چىرىدى (چىرىش )  ـــ ① مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ تەسىرى بىلەن بۇزۇلۇش، كىرەكسىز ھالغا كىلىش، ئىشتىن چىقىش، سېسىش. ② ئاينىش، بۇزۇلۇش، ھالاكەتكە يۈز تۇتۇش. <.N33 7!  

gulhan 2013-06-12 21:56
بەكمۇ پايدىلىق يوللانما  بوپتۇ. يەنىلا  سىز  مۇنبەرنىڭ خاسلىقى ئۈچۈن كۈچ  چىقىرۋاتىسىز.

ئەكبەرنىياز 2013-06-12 22:36
ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ماتىريال بوپتۇ . ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

nadiraay 2013-06-15 11:20
ئەسلى داستاننى تاپالماي قانچىلىك جىددىيلەشكىنىمنى بىلمەيسىز. بولسا ئۇمۇ قوشۇپ يوللانغان بولسا، مەندەك ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇپ باقمىغانلار تېخىمۇ سۆيۈنۈپ كېتەركەنمىز. ھېلىمۇ كۆپ رەھمەت.


查看完整版本: [-- ئالىپ ئەرتۇڭا(ئىزاھاتلار) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled