查看完整版本: [-- ئاياللارمۇ تاقا-تۇقا دىيەلەيدۇ. --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> ئاياللارمۇ تاقا-تۇقا دىيەلەيدۇ. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەرارى 2013-06-11 19:26

ئاياللارمۇ تاقا-تۇقا دىيەلەيدۇ.

مەن تېما يوللاش ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقتىم.چىقسام توربىدا سۇ يوق.سۈيى يوق دەريانىڭ بىلىقىنى ئەكىلىپ قورۇما قورۇش ئۈچۈن،سىمونت زاۋۇتىغا ماي ئالغىلى باردىم.بارسام تەۋپىق  مۇنبىرى  ئىنتايىن قىزىپ كېتىپتۇ.سۇلىرى شارقىراپ قۇيۇلۋاتقان شاقىراتمىنىڭ ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ھېلىقى گاس يىگىت ئۇسۇل ئويناۋېتىپتۇ.ئىچىم پۇشۇپ ئېتىزلىقتىكى تېخى ئۈنمىگەن قۇناقلارنى كۆتۈرۈپ،كاراKOخانىغا  لەغمەن قىلغىلى كەلدىم.توۋۋا دەيمەن،ئاشخانىغا كىرسەم داڭلىق تېۋىپ شىلەيلې جۇباجيىنىڭ قۇرسىقىدىكى ئۈسمىنى ئالغاچ،گاڭنام ستايغا دېسكو ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. <ئەكبەر مۇئەللىم>   بولسا تېمىلارنى تەستىقلاپ بۇلالماي،يەر ئاستى يۇلىغا كىرىپ،مىترودا تورغا چىقۋېتىپتۇ.گۈلخان بولسا تېلىفون پۇلى تۆلەيمەن دەپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ،مۇنبەرداشلارنىڭ تېمىسىغا ئىنكاس يازۋېتىپتۇ.تۆتتاش بولسا تېما يوللاپ ھېرىپ كېتىپ توردا ئارام ئېلۋاتسا،قۇلاقنى يارغۇدەك جاز مۇزىكىلىرى ئاڭلىنۋاتقان }^IwQm*i  
دېسكۇخانا ئىچى ئىنتايىن جىمجىت بولغاچقا،<ئايبىكە>نىڭ ئاۋازىنى پەقەت ئاڭلىيالماپتۇ.<ئوتقاش ئەرقۇتى>مۇنبەرداشلار بىلەن ناھايتى تۇمۇز ئىسسىق كۈنى قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ قار تېيىلىپتۇ.<شەبنەم>قاردا تېيىلىپ ماڭالماي،قۇياش نۇرىدىن دالدىلىنىش ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇپ قاردا چاي قاينىتىپتۇ.  مانا بۇ قايناپ كەتكەن مەشرەپ سورۇنىدىكىلەر كىم دېسەڭلار،مۇنبىرىمىزدىكى تېكىستى يوق ناخشا ئېيتىدىغان چۇلپانلار ئىكەن.سورۇندىن تاراپ ئېتىزلىققا بارسام،چىشلىرى ئاپئاق ھەم ئورۇق بىر چۆمۈلە دىنازاۋۇرنىڭ بىر تال پاچىقىنى قۇلىدا تۇتقىنىچە سۈمۈرۈپ-سۈمۈرۈپ يىگىلى تۇرۇپتۇ.تۇرۇپ يىيىشنى ياخشى كۆرۈدىغان مۇنبەرداشلار مارۇژنى يەۋېتىپتۇ.تېما يوللىيالايدىغان مۇنبەرداشلار ئۇسسۇل ئويناۋېتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مۇنبەرگە چىقىپ تېما يوللىدىم.ئىنكاس يېزىپ قۇيارسىلەر. }ty"fI3&iY  
|LXrGyk^  
 #a|6Q 8  
+YGw4{\EL  
1qB!RIau  
hQd@bN8  
iylBK!ou  
STFQ";z$  
Z1)jRE2dl  
مۇنبەرگە چىقىپ تېما يوللاي دەپ 1-يولنىڭ بىكىتىدە ماشىنا ساقلاپ تۇرسام،تېراكتۇر كەلگەنتى،شۇ ھارۋىغا چىقىپ سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن ئاشخانىغا كىردىم،ئاشخانىغا كىرىپ كالىنى باغلاپ چىقتىم.ئۇ باغلىغان چىۋىننى ئاران دېگەندە كۆتۈرۈپ چىقىپ قەپەزگە سۇلاپ،كۆكتاتلىققا ئاپېرىپ پەمىدور تېرىدىم.باشقىلار تېرىغان جىدەل-ماجرانى يىغىشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆي خىزمەتچىسى تەكلىپ قىلدىم.خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۇتمىسا بولمايدۇ.نېمىشقا دېگەندە تۇتسىمۇ سىمىزراق چاشقان تۇتمىسا،ئۇ پاقىغىمۇ مۈشكۈلدە.شۇڭا ئادەم بۇلۇش ئۈچۈن ئاۋۋال قويلارنىڭ ئېغىلىنى تازلاش لازىم.شۇنداق كايىپ ئۇنى <تىرىكتاپ>دېسەم،<تاپمايمەن قانداق قىلاتتىڭ،قۇلۇمدىكى تاپان تۇز>دەيدۇ.قانداق بولسا بولمامدۇ،بېرىپ قۇملۇقتىن بېلىق تۇتىمەن دەپ تۇمۇز سۇغۇقتا،يەلپۈگۈچۈمنى كۆتۈرۈپ،گۈللەر ھۆپپىدە ئىچىلىپ كەتكەن گۈللۈكتە قار تىيىلىپ ئوينىدىم.مۇز ئۈستىگە ئوت چىچىپ،گۈرۈلدەپ كۈيۋاتقان سۇ بىلەن شارقىراپ ئېقىۋاتقان ئوتنى ئۆچۈردۈم.مۇنبەرمۇ قىززىپ كېتىپتۇ.شارقىراپ يېغۋاتقان يامغۇر ئارىسىدىن نۇر چىچىپ تۇرغان قۇياشنى كۆردۈم.چەكسىز كەتكەن بۈك-باراقسان ئورمان،رەڭمۇرەڭ ئىچىلىپ كەتكەن گۈللەر بىلەن قاپلانغان بۇ قۇملۇقتا بىرەر گىياھمۇ كۆرۈنمەيتتى.شۇڭا مەن دەرھال مۇنبەرگە چىقىپ تېما يوللىدىم.ئىنكاس يېزىپ قۇيارسىلەر Ef,7zKG  
uv~qK:Nw(  
?d>P+).  
pr[B$X .V  
 BdE`p{  
5 CY_Ay\  
E.H,1 {  
  ]@ Sc}  
                                 بۇ تاقا-تۇقىنى چۈشىنەلەمسىز PcNf TB{  
n }9Msen  
 يەنە دىسەم يەنە شۇ گەپ.كومپيوتېرغا چىقىش ئۈچۈن مۇنبەرنى ئاچتىم.چىقسام باشقۇرغۇچى  باشقۇردىغان مۇنبەرلەر ھېچقايسىسى يوق.ئامال قانچە.بېنزىنىمنىڭ موتسىكىلىتى تۈگەپ قىلىپ،دەرەخ بۇيىدىكى يول ئاستىدا ئارام ئېلىپ ئولتۇرسام،ئۇچاقتىكى ئاشخانىغا قۇيۇلغان سۇنىڭ ئىچىدىكى قازان قايناپ،تېشىپ كەتتى.ئۆرۈكتىكى مەي بۇلۇپ پىشىپ كەتكەن شاخلارنى مەززە قىلىپ يەپ ئولتۇرسام،باشقۇرغۇچىلارنى باشقۇردىغان مۇنبەر كېلىپ <توۋۋا شەرارى،قويدىكى ئېغىللار ھەجەپمۇ سەمىرىپ كېتىپتۇ،بۇ ئوتلارغا قانداق قوي يىگۈزدىڭىز؟>دەپ سورىدى.<ۋوي،بۇ ئۇسسۇلغا مۇقام ئوينىغان ئارتىسلار،ئۇيۇنغا چىقىپ،چەتئەل قۇيۇپتۇ.>دىدىم مەن.بۇ چاغدا ئادەمدىن  چىققان بىر دەرۋازا كېتىۋاتقان بىر ئىتنىڭ پاچىقىنى چىشلىۋېلىپ،نېفىت كولاپ يەر چىقىرىپتۇ.دۇختۇردىكى دۇختۇرخانىلار بىماردىكى بالنىستلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن پايپىتەك بۇلۇپ كېتىپتۇ.بوراندا تۇقسۇن بەك قاتتىق چىققاچقا،لەغمەندە ئاشخانا تارتىپ ئولتۇردۇم.ئۇ خاتا جاۋابقا سۇئال بەرگەچكە،ئۇ مۇئەللىم ئۇ پاچاقنىڭ ئادىمىنى راسا سالدى.كىيىملەرگە يىيىپ قويغان ھويلىلار قۇرۇپ كېتىپتۇ.شۇڭا ئوتتىكى ئېتىزلارنى پاكىزە ئېلۋىتەيلى.بولمىسا بۇ نامرات ئىنتايىن ئەر بۇلۇپ زېرىككەنلەرنى بەكمۇ ئادەم قىلۋېتىدۇ.شەھەر ئىلىش ئۈچۈن كىيىمگە كەلدىم.ماشىنىدا نۇرغۇن يوللار ئۆچرەت بۇلۇپ كېتىپتۇ.گۈللەردەكە رەڭگارەڭ ئىچىلىپ كەتكەن تەشتەكلەر،ياغنىڭ كۆزىنى يەيدىكەن.ئىشخانىدىكى كارىدورلار ئىنتايىن جىمجىت بۇلۇپ يوللىغان تېمىلار ئىنتايىن كۆپ ئىكەن.5-ئاينىڭ1-كۈنى بايراملارنىڭ ئەمگەكچىسى،بارلىق دېھقاندىكى ئېتىزلار زالغا يىغىلىپ،يىغىننىڭ كەنتىنى ئاچىمىز.پۇلۇمدىكى يانچۇقلىرىمنى كۆرۈپ تىلەمچىلەردىكى كوچىلارنىڭ تۆتلىرى كۆز بۇلۇپ كەتتى.مەن بۇ بۇۋاققا گىرىپتار بولغان كىسەلنى دۇختۇرخانا بىلەن ماشىنىغا ئاپىرىپ كەلدىم.بۇنى كۆرۈپ دوستلارغا چىقىۋاتقان مۇنبەرلەر بەك خۇشال بولدى.ئۆچىيدىكى قۇرساقلىرى ئۈزۈلۈپ كېتەي دەپ قالدى.دوستلار بۇ ئىنكاسقا تېما يېزىپ قۇيساڭلار. kYI( 
)D" G3g.  
U Qi^udGFD  
Y#SmZ*zok  
zI2KIXcc  
LL$, 
x@ s`;qz  
Y?vm%t`K  
lPFdQ8M  

ئايبىكە 2013-06-11 19:36
ھا......ھا.....ھا.......يازمىڭىزغا مىڭلارچە ئاپىرىن.ھەقىقەتەنمۇ تىل بايلىقىڭىزنىڭ موللىقىدىن،تەسەۋۋۇر كەپتىرىڭىزنىڭ سامادا ئەركىن ئۇچىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم. {!g.255+  
بۇ تاققا-تۇققىدا مەنمۇ بار ئىكەنمەن تېخى.ھى......ھى.......ھى......

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 19:40
ھا،ھا،ھا، بۇ تېخىمۇ قىزىقكەن ، كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!! Nq6CvDXi  
ھاردۇقۇم چىقىپلا قالدى . ھەراست ، بۇنى زامانىمىزدىكى ئۈچ يالغاندا قىرىق يالغان دەپ ئاتامدۇق !؟ b7j#a#  
نادىرلاشقا بىر بىلەت كەتتى دوستلار !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-11 22:22
ھا..ھا...ھا ...بەكمۇ  ئىسىل تاققا- تۇقىكەن بۇ.ئەمدى تەۋپىق مۇنبىرىدە چولپان بۇلۇپ كىتىدىغان بولدىڭىزدە !ياخشى چىقىپتۇ .مۇنبەردە ،قىزىقچى كەمتى ئەمدى بۇبوشلۇقمۇ تۇلۇدىغان بوپتۇدە !قارىشى ئالىمىز  ئىزچىللىق ياربولغاي !   

gulhan 2013-06-12 21:37
بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ، تازا كۈلۈپتىمەن.  تىل بايلىقىڭىز، تەسەۋۇرىڭىزغا كۆز تەگمىسۇن ئىلاھىم.

ozqan 2013-06-12 22:13
شەرارى : قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا : ?.T=(-  
راستلا بۇنداق تاققا-تۇققىلارنى قىزلار يازسىمۇ شۇنداق قاملاشتۇرىۋېتىدىكەن-ھە ؟ ?znSA >  
قانداق ئادەملەر يازالايدىغاندۇ؟  دەپتىكەنمەن ، بۇنداق تاققا - تۇققىلارنى ... Tkd4nRo~  
بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز ، ھارمىغايسىز ...

شەرارى 2013-06-13 13:10
دوستلارنىڭ مېنى ئىلھاملاندۇرغىنىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

naznin 2013-06-13 17:29
تەسەۋۋۇرغا تولمۇ باي ئىكەنسىز ،بىر-بىرگە شۈنچىلىك ماس كەلگەن جۈملىلەرنى بۇنچە قاملاشتۇرۇپ يازماق ئۇڭاي ئەمەس جۇمۇ.تىل ماھارىتىڭزگە ئاپرىن .

شەرارى 2013-06-14 15:51
رەھمەت سىزگە.

مەمەتسالى 2013-06-15 20:10
قىزىقارلىقكەن ، كۆپ رەھمەت !

nadiraay 2013-06-15 22:13
ئەبەي تاققا-تۇققا ئاران بىرنى يادلاپ يۇرەتتى، سىز بىراقلا بىر نەچچىنى يېزىۋېتىپسىز. ئەبەيجان  ئەمدى سىزگە شاگىرىتلىققا كىرەرمىكىن؟     

ئەنۋەرچەرچەن 2013-07-29 13:05
ئەبەي تاققا-تۇققا ئاران بىرنى يادلاپ يۇرەتتى، سىز بىراقلا بىر نەچچىنى يېزىۋېتىپسىز. ئەبەيجان  ئەمدى سىزگە شاگىرىتلىققا كىرەرمىكىن؟    

kamalat 2013-07-29 13:30
بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ، تازا كۈلۈپتىمەن.  تاققا-تۇققىلارنى قىزلار يازسىمۇ شۇنداق قاملاشتۇرىۋېتىدىكەن-ھە ؟ PF5;2  
تىل ماھارىتىڭزگە ئاپرىن .

tawpek 2013-09-02 19:09
ئەجەپھۇزۇرلاندىم،شەرارىكىيۇ كىيۇدا بولساچاقىرىپ  كەلسەم  بولغۇدەك.  تولىمۇ  كىچىكىپ  كۆرۆپتىمەن pUtd_8  
^wesuW@=  
"[(&$ I  
مەكتەپتە پائالىيەت  بولسا ئوقوغۇچىلارغا يادلىتىپ سەھنىگە ئىپ چىقسام بولغۇدەك.

kaqur 2013-09-02 20:31
تاقا - تۇقىلار تېخى تاقا - تۇقا دېگەن نام بىلەن ئاتالماي تۇرۇپ، ئەبەيكاممۇ تاقا - تۇقىلىرىنى سۆزلىمەي تۇرۇپ، نەچچە ئاكام بىلەن مۇنبەرلەردە داڭقان - پۇتى پاراڭلار ئوينايتتۇق... شۇ داڭقان پۇتىلار بۈگۈنكى تاقا - تۇقىغا ئاساسكەنغۇ ئەمدى بىلسەم


查看完整版本: [-- ئاياللارمۇ تاقا-تۇقا دىيەلەيدۇ. --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled