查看完整版本: [-- خىزمەت ئىزدەش ئېلانى دېگەن مانا. --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> خىزمەت ئىزدەش ئېلانى دېگەن مانا. [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەرارى 2013-06-11 17:05

خىزمەت ئىزدەش ئېلانى دېگەن مانا.

خىزمەت  سىز مىلادىيە2222-يىلى 13-ئاينىڭ32-كۈنى (ھەپتىنىڭ سەككىزى)قىزىل بولاق ناھىيە،ھوقوقدارلار يېزىسى،پۇلدارلار كەنتىىدىكى Xباي Y Z نىڭ ئارقا ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىپ تا ھازىرغىچە قايتىپ چىقمىدىڭىز.سىز يۇقاپ كەتكەندىن كىيىن  تەرەپ-تەرەپتىن ھەم سىزنىڭ تۇغقانلىرىڭىزنىڭ بىرى بولغان ۋاقىتلىق خىزمەتتىن كۆپ دېرىكىڭىزنى قىلغان بولسىمۇ،لېكىن سىزنى يەنىلا تاپالمىدى.ئۇ باشقىلارنىڭ سىزنىڭ <<ئىمتىھان>>شەھىرىنىڭ قۇشنىسى بولغان <<تۆمۈر تاۋاق>>شەھرىدە ئىكەلىكىڭىزنى ئاڭلاپ،سىزنى تېپىش ئۈچۈن <<ئېمتىھان>> شەھرىنىڭ چىقىش ئىشىكىنى تاپالماي <<بىزار بولدۇم سەندىن ئىمتىھان>>دېگەن ناخشىنى توۋلىغىنىچە ئېمتىھان شەھرىدە سىزنىڭ كېلىپ ئۆزىنى ئېلىپ كىتىشىڭىزنى ساقلاپ ئولتۇرماقتا. L*&p !  
خىزمەت،سىز بۇ ئېلاننى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال تىكەنگۈلنى ئېمتىھان شەھىرىدىن ئېلىپ قايتىپ كېلىڭ.تىكەنگۈل ھازىر سىزنىڭ دەردىڭىزدە سوپۇننى تۇز دەپ ئاشقا سالىدىغان،تۇزنى سوپۇن دەپ داسقا سالىدىغان بۇلۇپ قالغان. _*1`@  
خىزمەتنىڭ دېرىكىنى ئالغان مۇنبەرداشلارنىڭمۇ تىكەنگۈلگە ياردەم قىلىپ،خىزمەت توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تىكەنگۈلگە يەتكۈزۈپ قۇيۇشىنى سورايمىز.ئۇچۇر بەرگۈچىلەرگە <<رەھمەت خەلقىم سىلەرگە>>ماركىلىق دەرد-ئەلەملەر يەشىك-يەشىكلەپ سۇيۇنچە قىلىپ بېرىلدۇ. 7Rd'm'l)  
         ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:1234567890 W g02 A\  
         ئالاھىدە ئېلان بېرىلدى. ll`>FcQ  
           مىلادى2223-يىلى 2-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 19:32
ھا،ھا،ھا ... بەكلا ئېسىل ئېلان ئىكەن كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ئايبىكە 2013-06-11 19:38
ئېلان دېگەننىڭ قاتىلى مۇنۇ يەردىكەن.بۇ ماڭا كەچلىك تاماق بولىدىغان بولدى.ھى....ھى.....ھى......

رەيھانگۇل 2013-06-12 02:23
پاھ، پاھ... نېمانداق ئېسل ئېلان بۇ؟! قەلەم قوۋىتىڭىز ھەقىقەتەن يۇقىرىكەن جۇمۇ... SON-Z"v  
تەسەۋۇرىڭىز، تەپەككۇرىڭىز تېخىمۇ قاناتلانغاي!

tursunjan 2013-06-12 09:46
ئىلاننى قاتىل دىمەيمىز جۇمۇ . بولمىسا ئىلان ئوقۇغانلار ئۆلۇپلە كەتمىسۇن يانا       

ئەكبەرنىياز 2013-06-12 10:18
ھوشىدىن كەتسىمۇ ھېسابقۇ !!!

gulhan 2013-06-12 21:28
راستىنلا قالتىس  ئېلان ئىكەن. قەلىمىڭىزگە بەركەت بولغاي!

مەرىپەت0999 2013-06-14 13:10
بەك قېززىقكەن-ھە!!     

شەرارى 2013-06-14 15:52
ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر.

ئەكبەرنىياز 2013-06-14 15:57
سىزگە كۆپ تەشەككۈر ، ھاردۇقىمىز چىقىپلا كەتتى !!!


查看完整版本: [-- خىزمەت ئىزدەش ئېلانى دېگەن مانا. --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled