查看完整版本: [-- نىكاھ ئاسىيسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئىپىك ئەسەرلەر -> نىكاھ ئاسىيسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

شەرارى 2013-06-11 16:58

نىكاھ ئاسىيسى

               مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئۇ توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى.ئۇ كىچىكىدىن يىتىملىك دەردىنى كۆپ تارتقاچقىمۇ،ئۇنىڭ بەخت-تەلىيى كېلىپ،يولدىشى ۋە قىيىنئاپا-قىيىنئاتىلىرى ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل ئىدى.ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى.ئەپسوس ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق بۇلىدىكەن.ئۇنىڭ يولدىشى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك چىقمىدى.ئۇ ئۇۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ قۇلىدىن ئىش كېلىدىغان،جىق پۇل تاپالايدىغان بۇلۇشىنى ئارزو قىلاتتى.شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ يولدىشىدىن ئانچە بەك كۆڭلى سۇ ئېچىپ كەتمىدى.دائىم تېلىفوندا كوت-كوتنى ئېچىپ باشقا ئەرلەر بىلەن پاراڭلىشاتتى.شۇ جەرياندا ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا توردا تۇنۇشۇپ،ياخشى كۆرۈپ قالغان،لېكىن يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان توردىشى بىلەن توردا قايتا تېپىشىپ قالدى. z 2jC48~  
   كونىلار<<ئۆچكەن ئوتلار قايتا ياندى>>دېگەن بۇ سۆزنى ئىنتايىن توغرا ئېيتىپتىكەن.مانا ئەمدى ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇنىڭ قەلبىدىن ئۆچكەن ئۆچكەن ئوت قايتا ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.مانا ئۇ ئاخىرى توردا بۇ يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ ئۈچ يىلنىڭ ياقى ئېيتىپ باقمىغان <<سىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دېگەن بۇ سۆزنى كۆيەك ئوتىغا چىدىماي قەلب ئىشىكىدىن چىقىرىپ تاشلىدى.يەنە تېخى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىسى بارلىقىنى ئېيتتى.ئۇ يىگىتمۇ  ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ بولغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئۇماق بىر ئۇغلى بار ئىدى.ئەزەلدىن بىر كىچىك ھاشارەتلەرنىڭ كۆڭلىگەمۇ ئازار بەرگۈسى كەلمەيدىغان،مەيلى مەكتەپ،مەيلى مەھەللە ۋە مەيلى خىزمەت ورنىدا ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈل،مۇلايىملىقى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن بۇ قىز مانا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى،قەلبىدىكى كۆيەك ئوتىنىڭ توختىماي ئازابلىشى نەتىجىسىدە،ئائىلە ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ كەلگەن ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئايالغا ھەم بىر گۇناھسىز سەبىيگە ئازار بەرمەكچى بۇلۋاتاتتى. ~<~ ~C#R  
      شەيتان ھەر قانداق چاغدا ئادەمنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ تۇرىدۇ.ئۇ يىگىت بۇ قىزنىڭ مۇھەببەت سۆزلىرىدىن ئېرىپ كېتىپ كۆڭۈل ئىچىشنى مەقسەت قىلدىمۇ ياكى ئۇمۇ بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمۇ ئاخىرى نۇرغۇن يول بىسىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى.ئۇمۇ دوختۇرغا چىقىمەن دېگەننى باھانە قىلىپ نەچچە سائەت يول يۈرۈپ ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى.مانا ئۇ ئاخىرى ئۈچ يىلنىڭ ياقى توردا پاراڭلىشىپ بىر قىتىممۇ يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان،نۇرغۇن قىتىم ئۆزىنىڭ قەلبىگە سېغىنىش ئوتلىرىنى سالغان،نۇرغۇن كېچىلەر كاللىسىغا كېرىۋېلىپ ئۇيقۇسىنى بىدار قىلغان بۇ يىگىت بىلەن كۆرۈشتى.ئۇ بۇ يىگىت بىلەن كۆرۈشكەندە گەرچە .ۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۈچ يىللىق سېغىنىش ئازابلىرىنى بىراقلا ئىچىدىن چىقىرىپ تاشلاپ،بار ئاۋازى بىلەن ۋېسال ياشلىرىنى تۆكۈپ يىغلىۋالغۇسى كەلسىمۇ،لېكىن ئۆزىنىڭ قىزلىق غوروېىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىنتايىن تۇتۇۋالدى.لېكىن مۇشۇ كۈننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۈن ئىكەنلىكىنى،بۇگۈننىڭ مەڭگۈ ئاخىرلاشماسلىقىنى،بۇگۈن ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتەتتى.ئۇلار ئىككىسى تاماق يەپ بىر ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ يىگىتنى زىيادە چىقىمدار قىلماسلىقىنى ئويلاپ  ئاددىي ياتاق ئاچقۇزدى.مانا كەچمۇ بولدى،ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆزلۈكسىز دەرىجىدە سۇقۇپ تۇراتتى.ئاخىرى شەيتان  بەختلىك ئائىلىسى،ئۆزىنىڭ ۋاپادار ھەمراھلىرى بار بولغان بۇ ئىككىيلەن ئۈستىدىن غالىب كەلدى.مانا ياتاقنىڭ چېرىغى بالدۇرلا ئۆچۈرۋېتىلدى. {jH'W)nR  
      دەل مۇشۇ پەيتتە ئۇنىڭ يولدىشى ئۇنىڭ كەچ؛قك تاماق يېگەن-يىمىگەنلىكىدىن،ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىنىڭ ئۆزگەرگەن-ئۆزگەرمىگەنلىكىدىن،قىسقىسى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى.ئەپسوس ئۇنىڭ تېلىفونى ئېتۋېتىلگەنىدى.<<بەلكىم باتارىيەنىڭ توكى قالمىغاندۇ،ھەي ئېسىت ئۇنىڭغا باتارىيىسى ئۇزاق چىدايدىغان يىڭى تېلىفون ئېلىپ بەرسەم بوپتىكەن،بىچارىنى قىيناپ قويدۇم-دە.>>دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتاتتى. Pf 
                مانا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئادىمى بىلەن ئىككى كۈننى  كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ،سۆيگىنى بىلەن خوشلاشتى.ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار دېگەندەك ئۇ يەنىلا ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.يولدىشى ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەنسىرگەن بۇلۇپ ھەتتا ئۇنى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە بارماقچىمۇ بولغان ئىدى.مانا ئۇنىڭ ئامان-ئىسەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئەمىن تاپتى.يولدىشى ئۇنىڭدىن دوختورنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سورىغان ئىدى،ئۇ ‹ئوپراتسىيە قىلىمىز دەيدۇ›دەپ يالغان ئېيتتى.شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈمۈرلۈك ھالال جۈپتىنى قىلچە تەپ تارتماستىن كۆزىنى مىرتمۇ قىلىپ قويماي ئالداۋاتاتتى.ئوپراتسىيە دېگەن گەپنى ئاڭلىغان يولدىشىىنىڭ كۆڭلىدىكى ئەنسىزلىك تېخىمۇ كۈچەيدى ھەم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ،ئۇنى باغرىغا بېسىپ كۆز يىشى قىلدى.ئەپسوس،مىڭ ئەپسوس،ئۇ ئۆز يولدىشىنىڭ قوينىدا تۇرۇپ ئەنە شۇ كۆڭلىدىكى ئادىمىنى ئويلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدى. <=D  a  
   مانا ئۇ ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگىلىمۇ ئۈچ كۈندىن ئاشتى.ئۇ كۈندە ئاشىقىنىڭ تېلىفونىنى ساقلايتتى.كوت-كوتتا ئۇنىڭ ئۆزىگە ئۇچۇر يېزىشنى ئۈمىد قىلاتتى.لېكىن ئۇ كوت-كوتنى ئاچمىدى.تېلىفونىغا يوللىغان ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى جاۋابسىز قالدۇردى.ئۇ كۈندە نۇرغۇن قېتىم تېلىفون قىلاتتى.تېلىفونى ئىتىك ئىدى.كۈنلەر شۇ تەرىقىدە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ يەنىلا ئىز-دېرەكسىز يۇقاپ كەتتى.ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئىدى.ئۇنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى. (9kR'kr  
   بىر كۈنى يولدىشىنىڭ دوستى ئۇلار ئىككىسىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى.چۈنكى ئۇلار توي قىلىپ دوستى تېخى كېلىنچەكنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.شۇڭا ئۇ كېلىنچەك بىلەن تۇنۇشۋېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.يولدىشى ئۇنىڭ چىرايلىق ياسىنىپ،دوستلىرىغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قۇيۇشنى ئېيتتى.ئۇ ئەڭ چىرايلىق كىيىمىنى كىيىپ يولدىشىنى قولتۇقلىغىنىچە دوستلىرى ساقلاۋاتقان ئايرىمخانىغا كىردى.كىردىيۇ-ئۇ ئىنتايىن چۆچۈپ كەتتى.ئۇلارنى تاماققا تەكلىپ قىلغان يولدىشىنىڭ دوستى،ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئىككى كۈن تۇرىھن مېھمانساراينىڭ خۇجايىنىڭ ئوغلى ئىدى.ئۇنىڭ توردىكى مۇھەببىتى ئۇ يىگىت بىلەن چىقىشىپ قالغاچقا ئۇلارنى بىر قېتىم مېھمان قىلغان ھەم ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى.مانا ئۇ ئەمدى نېمە قىلىشىنى،ئۆزىنى نەگە قۇيۇشىنى بىلمەي قالدى.ئۇ يىەىتمۇ ئۇنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى يېنىۋاتاتتى.بىر چاغدا ئۇ يولدىشىنى سىرتقا چاقىرىپ چىقىپ كەتتى.ئۇ ئەمدى تۈگەشكەن ئىدى.ئۇنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرجەم تۇتقان ئۆيى مانا بۇ ئىككى دوستنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئىدى.ئۇنىڭ كۆز .الدىغا نۇرغۇن قورقۇنۇشلۇق مەنزىرلەر پەيدا بۇلۇپ كېتۋاتاتتى.ئۇ ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ ئۆزىگە بېرىلدىغان جازالارنى ئويلايتتى.تۇيۇقسىز تەگكەن بىر كاچات ئۇنى خىياللار قوينىدىن ئويغاتتى.ئۇ يولدىشىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.ئۇنىڭ ئاغزى توختىماي مىدىرلاپ تۇراتتى.ئۇنى تىللاۋاتامدۇ ياكى يېنىدىكى ئۆزىنى تۇتۋالغان دوستلىرىنى تىللاۋاتامدۇ ئۇنى بىلمىدى.ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان قان بوينىغىچە ئېقىپ چۈشتى.ئۇ نېمە قىلىشنى،نېمە دېيىشىنى بىلمەيتتى.بىر چاغدا ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاكىسىنىڭ ۋارقىراپ سۆزلىگەن سۆزلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئاكىسى باشقا بېرىنى ئەمەس،ئۆزىنى تىللاۋاتاتتى.ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى،بەلكىم ،سىرتقا چېقىپ ئۆزىگە پاناھلىق جاي تاپماقچى بولسا كېرەك. bar=^V)  
سىرتتا سىم-سىم يامغۇرغا تەڭكەش قىلىپ گېزىتچى بالىنىڭ ‹گېزىت ساتىمەن،گېزىت›دېگەن ئاۋازى ياڭراپ تۇراتتى.ئۇ يامغۇردىن بىزار بولدىمۇ ياكى خېرىدار ئىزدىمەك بولدىمۇ، تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ كېتىپ قالدى.ئۇنىڭ قوينىدىن چۈشۈپ قالغان بىر پارچە گېزىت بىردەمدىلا يامغۇردا ھۆل بۇلۇپ كەتتى.گېزىتنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى چىرايلىرى ياداڭغۇ،كۆزلىرى يۇمۇلۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي قالغان ‹جەسەت تۇنۇۋېلىش ئېلانى›دىكى بىر ياش قىزنىڭ سۈرىتى خۇددى كۆز يىشى قىلۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى[]   F3]VSI6^E,  
         
jwBJG7\  

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 17:19
قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا !!! ئېسىل يازمىلىرىڭىزغا يەنە تەشنامىز !!!

gulhan 2013-06-11 17:23
ھىكايىڭىز بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ. يېزىپ تۇرۇڭ، يوللاپ تۇرۇڭ. uZ!YGv0^  
{ qNPhi  
ھىكايىدىكى يىشىم كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ...

ئەكبەرنىياز 2013-06-11 17:28
كېلەر قېتىم ئەسەر ئەۋەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ !!!

ozqan 2013-06-12 22:47
ناھايىتى ياخشى يېزىلغان ھېكايىكەن بۇ ، ئاپتور ئاخىرىنى قانداق چىقىرار دېسەم ،بۇ قىز ئۆلۈپلا تۈگۈشۈپتۇغۇ ؟! $y(;"hy  
ياشىغان بولسا تېخى ھاياتنىڭ ئۆلۈمدىنمۇ قاتتىق سىناقلىرىغا دۇچ كېلەتتى ھەقاچان ... =pH2V^<<#  
iRQ!J1SGcG  
ھارمىغايسىز ... داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ ...

شەرارى 2013-06-13 13:12
بۇ نى ئۆزۈم يازغان.مەنبەنى ئەسكەرتمىسەممۇ بۇلار؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-13 13:21
ئەگەر ئۆزىڭىز يازغان بولسىڭىز ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرىغا :  wJp 
}7 N6n Zj`  
مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم دەپ يېزىپ ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىز كېرەك . بولمىسا ئوقۇرمەن گاڭگىراپ قالىدۇ .

زۈبەيدە 2013-06-13 17:48
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ!

چوغلۇق1 2013-06-13 19:05
ياخشى يېزىپسىز.بەك  ئاسان ئاخىرلىشىپ قاپتۇ.تىرىشىڭ

خەندان 2013-12-16 16:23
مەن ئاخىرلىشىشىنى تازا ئاددى بولدىمۇ دەيمەن

نازۇكئاي 2014-08-20 23:24
ئۇنداق ئاسي بەندىلەر جەزمەن جاجىسىنى يىيىشى كېرەك .ھېكايە ناھايىتى تەبىئى چىقىپتۇ،

ھۆرىگۈل 2014-08-21 16:50
ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!


查看完整版本: [-- نىكاھ ئاسىيسى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled