خوتۇنۇڭغا ھەرگىز پايپاق سوۋغا قىلما
خوتۇنۇڭغا ھەرگىز پايپاق سوۋغا قىلما
بىز كۇلۇپتا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئىدۇق. بىز دىگىنىم مەنسەپدار ئاسىم بەي ھەمدە مەنسەپ پەشتىقىغا ئەمدىلا قەدەم بىسىۋاتقان كەمىنە ئىدى. ئاڭلىسام سېنى ئۆيلەنمەكچى دەيدىغۇ؟-دەپ سورىدى شېرىكىم.مەن ئۈندىمەي بىشىمنى لىڭىشتتىم.-ساڭا پەقەت بىرلا مەسلىھەتىم بار. خوتۇنۇڭغا قەتئىي قىممەت باھالىق پايپاق سوغا قىلىپ سالما. ئۇ شۇنداق دىگەندىن كېيىن ئۆز ھاياتىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. ....مەن پۈتۈن ئۆمرۈمدە كەمتەر، ئىتائەتكار بىر خوتۇن ئېلىشنى ئارزۇلاپ كەلدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن 15يىل كۈتۈپ ئاندىن كۆڭلۈمدىكىدەك بىر قىزنى تاپتىم. ئۇنىڭ ئىسمى سەبىھە بولۇپ، 21ياشتا ئىدى. ھۆسۈن-چىرايى بىر قاراشتا ئۇنچە كۆزگە تاشلانمىسمۇ، ماڭا يېقىپ قالدى. مەن ھەر قېتىم<ساڭا شۇنداق سوغىلارنى قىلايكى....> دېيىشىم بىلەن ئۇ دەرھال:-كېرەك ئەمەس، ئەزىزىم!ھەممە نەرسەم بار،-دەپ جاۋاپ قايتۇراتتى. مەن ئۆزۈمنى ئۇنتىغاندەك دەرجىدە بەختىيار ھىس قىلاتتىم. مانا ھەقىقىي ئۆمۈر يولدىشى دېگەن. پۇلنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ، لەۋ، كىرپىك بوياقلىرى دېگەندەك نەرسىلەردىن مۇستەسنا.....ئوسما، سۈرمە، ئۇپا-ئەڭلىكلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ. گىرىم بويۇملىرىغا بىھۇدە پۇل سەرىپ قىلىشنىڭ نېمە كېرىكى؟- دەيتتى بۇ ھەقتە سورىسام. كوچىلاردا سۆيۈملۈك سەبىھەم ھەققىدە ئويلاپ ماڭاتتىم ۋە ئۇنى بىرەر نەرسە بىلەن خۇرسەن قىلىشىم لازىم، دەپ قارايتتىم. ماركىسىدا جان ئالغۇچى بىر جاناننىڭ سۈرىتى بار پايپاق سېتىۋالدىم. ئەرزىمىگەن پۇلغا كېلىدىكەن.....-ۋاي....ۋاي، نېمە قىلاتتىڭىز ، ئاۋارە بولۇپ؟ ئۇ ئەنە شۇ سۆزلەرنى قىلدى ۋە باشقا گەپ قىلمىدى. بىر ئاي كۈتتۈم، نىمىشقىدۇر ئۇ پايپاقنى كىيمىدى. خاپا بولۇپ كىيمىگەننىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن، رەھمەت. ئەمما ئايىغىم ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدىكەن، ھېچقىسى يوق كومىسىنى كىيۋېرمەن. ئامرىقىمنى دۇككانغا ئېلىپ بېرىپ ئەڭ قىممەت ئاياغ تاللىدىم. توغرا، باھاسىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ئارقىغا تارتىشىپ كەتتى. لېكىن خوتۇنۇم بۇنىڭغا ئەرزىيدۇ.....ئەمما يېڭى پايپاق بىلەن ئايىغىنى بىر ئاي ئىچىدە پەقەتلا بىر قېتىم چايغا بارغاندا كىيدى، خالاس. سەۋەبىنى سورىدىم. بىلەمسەن، ئەزىزىم، ئايىغىم شۇنداق چىرايلىقكى، كۆڭلىكىم ئۇنىڭغا قىلچە.............. ئاشۇ كۈنىلا يېڭى كۆينەك سېتىۋالدۇق. بىر ھەپتىدىن كېيىن يېڭى شىلەپە، يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن يېڭى پەلتۇ. باھاسىنىغۇ ئېيتىپ ئولتۇرمايمەن. ئاڭلاپ ھوشۇمدىن كەتمىگىنىمنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. ئەتىسى قارىسام خوتۇنۇم تاش ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ: ئەزىزىم، مەن ساڭا باشقىلارنىڭ خوتۇنىدەك پالانى نەرسىنى ئېلىپ بەر، دېگەن ئەمەسمەن. شۇنداقمۇ؟ شۇنداق-دېدىم گەپنىڭ نېمىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەي. ھەممىسىنى ئۆزۈڭ خالاپ ئېلىپ بەردىڭ، توغرىمۇ؟ ئەمدى ئۆزۈڭ ئويلا..... يەنە نېمە گەپكى دەپ، پۇت-قولۇم تىترەشكە باشلىدى.خەيرىيەت، گەپ كىيىملەرگە ماس ھالدا چاچ ياستىش ئۈچۈن ساتىراشخانغا بىرىش توغرىسدا ئىكەن. كېيىكى ھەپتىدە گەپ ئەزىز رەپىقەمنىڭ سۈپىتىگە ماس يېڭى ئۆي ھەققىدە بولدى: قەدىرلىكىم، بىلسەنكى، سىنىڭ بىر سوم پۇلۇڭنى بىھۇدە سەرىپلىگەندىن كۆرە ئۆلگۈنۈم ياخشى!ئەمما ئۆزۈڭ ئويلاپ باق. شۇنچە پۇل سەرىپلەپ ئېلىپ بەرگەن نەرسىلىرىڭنى كىيىپ، مۇشۇ ئۆيدىن چىقىپ يۈرسەم ھەر-ئىككىمىز كۈلكىگە قالمايمىزمۇ؟ بۇنىڭغا رازى بولدۇم.كېيىن قەرىزگە يىپيېڭى چەتئەل ماشىنىسدىن بىرنى سېتىۋىلىشقىمۇ كۆندۈم. ساڭا غەمخور، سېنى سۆيگەن، سېنى ئاۋايلايدىغان، ئارتۇقچە تەلەپلەر بىلەن بېشىڭنى ئاغىرتىشنى خالىمايدىغان ئادىمىڭ ئۈچۈن ھەر ئىشنى قىلساڭ ئەرزىيدىغۇ...................... ئايلار ئۆتتى. سۆيۈملۈك سەبىھەم بىر كۈنى ماڭا باشتىن-ئاياغ نازاكەت ۋە دىققەت بىلەن شۇنداق نەزەر سالدىكى، يۈرىكىم ئارقىغا تارتىشىپ كەتتى. قەدىرلىكىم، ماڭا ناھايىتى كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلدىڭ. زورلاپ يۈرۈپ نازىنىن خانىمغا ئايلاندۇردۇڭ، ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگۈنۈشكە مەجبۇر قىلدىڭ. ھەر قېتىم سەندىن بىر نەرسىنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغىنىمدا يۈرۈكىمنى چاڭگاللاپ تۇرىمەن. ئاخىر، مېنى بىلسەنغۇ........... بۇ گەپلەرنىڭ ھاجىتى يوق، مەن سېنى بىلىمەن،-دېدىم ھاياجان بىلەن. ئەمدى سەندىن ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىلتىماسىم...._دېدى سەبىھەم. قانداق ئىلتىماس، ئېيىت سۆيۈملۈكۈم؟ مېنىڭچە ، بىز ئاجىرىشىپ كەتكىنىمىز ياخشى! چۈنكى، سەن ناھايىتى قېرى، كۆرۈمسىز ئادەمسەن، ئەقلىڭنىڭ زەئىپلىكىنىغۇ ئېيىتمىساممۇ بولدى، يىغىپ ئىيىتقاندا، ماڭا ماس كەلمەيسەن! سوت ئۆي بىلەن ماشىنىنى ئۇنىڭغا قالدۇردى.ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جۈپ پايپاقتىن باشلانغان ئەمەسمۇ. شۇڭا ساڭىمۇ يەنە بىر قىتىم تەكرارلايمەن، خوتۇنۇڭغا زىنھار پايپاق سوغا قىلما......
مەنبە:تەرمىلەر.
يارغول مەنبە: |