查看完整版本: [-- قاباھەتلىك چۈش --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> باشقا ئىجادىيەتلەر -> قاباھەتلىك چۈش [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاتلىق~ 2013-06-04 21:22

قاباھەتلىك چۈش

                                                                 قاباھەتلىك چۈش k>g _Z`%<  
                                                                     (ھېكايە) E`uY1B[c  
     ئۇسساپ كەتتىم... f V'ZsJ N  
     دەرھال تۇرۇبىدىكى سۇنى شاررىدە چۈشۈرۈپ بىرئاز ئوتلىغاندىن كېيىن سۇنى شالاققىدە تۆكۈۋەتتىم.خۇددى ئاشپەز ئۇستام مەنتەڭ تۆككەندەك،خۇددى قەلبىمدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسىنى تۆكۈۋەتكەندەك.بىردەم تۇرۇپ يەنە ئۇسساپ كەتتىم. o_^?n[4  
     تۇرۇبىنى يەنە ئاچتىم،سۇ چىقمايۋاتاتتى.خۇشياقسائاچىدىغان،خالىغان ۋاقىتتا ئېتىپ قويىدىغان «سۇ» چىقمايۋاتاتتى. چېلەككە قارىدىم،چېلەكتە پەقەت ئازىراقلا سۇ قالغانىدى.سۇ چۆمۈچىنى قولۇمغا ئالدىم-دە،ئاۋايلاپ ئازىراق سۇ ئېلىپ ئىچتىم.ئۇسسۇزلۇقۇم ئازىراق بولسىمۇ بېسىلغاندەك بولدى.سۇنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان لەززىتىدىن ھۇزۇرلىنىپ كەتتىم.شۇ سۇنىڭ شېرىن لەززىتى بىلەن خۇددى ئانام بۆشۈكتە تەۋرىتىپ قويۇۋاتقاندەك ھۇزۇرلىنىپ ئۇخلاپ كېتىپتىمەن. pv Gf\pu  
     بىر ۋاقىتلاردا ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقاپ ئويغىنىپ كەتتىم.چېلەكنىڭ ئاستىدا پەقەت ئازىراقلا لاي ئارىلاشقان سۇ قالغانىدى.تەشنالىقتا بۇ سۇنىمۇ تاقەتسىزلىك بىلەن ئىچىۋەتتىم.بىراق بۇنىڭغا چاڭقىغان باغرىم ھەرگىزمۇ قانمىدى. 65aK2MS@  
     سۇ بارمىكىن دەپ ئىزدەپ ئۆيۈمنىڭ ھەممە يېرىنى قېزىۋەتتىم.چىنە-پىيالىلەرنىڭ ھەممىسى قۇپقۇرۇق.شۇنچە ئىزدىدىم،ئەپسۇس... نەتىجە ئوخشاش بولۇپ چىقتى. #kaY0M  
     بارا-بارا ئۇسسۇزلۇققا چىدىيالمايلا قالدىم،بولالماي سىرتقا چىقتىم.قىززىق... سىرتتىكى ئېرىق ئۆستەڭلەر خۇددى سېھىرلەنگەندەك ،ئىچىدە بىرەر تېمىممۇ سۇ يوق.يۈگۈرگىنىمچە سۇ ئىزدەپ ماڭدىم،يولدا نېمىلەرگىدۇر پۇتلىشىپ يىقىلدىم.ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرۇشقا پەقەتلا ماجالىم يەتمىدى.ماڭماي دېسەم بۇ خىل ئازاپ بەكلا دەھشەتلىك بولىدىكەن. 7OJ'){R$  
     بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن مېڭىپ بىر دەريا بويىغا كەلدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە بۇ سۈيى ئەلۋەك،زۇمرەتتەك سۇلار توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان دەريا ئىدى.ئەپسۇس...تولىمۇ ئەپسۇس،دەريادا بىرەر تېمىم سۇ يوق.بۇ قانداق بولغىنى؟ئەمدى مەن دەريا ئىچىدىكى ئاقىرىپ كەتكەن قۇمنى سىقىمداپ دەھشەتلىك نالە قىلىشقا باشلىدىم.بۇ ۋاقىتتا ئالدىمدا سۇ ئەمەس ئوت دېڭىزى پەيدا بولدى.«سۇ...سۇ...» ئەمدى مەن قەتئي چىدىيالمىدىم.ئەتراپتىن مېنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى.«سۇ...سۇ...سۇ...» بۇ ئاۋازلار باشقا ياقلاردىنمۇ ئاڭلاندى ۋە بارغانسىرى كۈچەيدى.ئەسلىدە سۇغا تەشنا بولغان مەنلا ئەمەس پۈتۈن يۇرتتىكىلەر ئىدى.بۇنى شۇ چاغدىلا بىلدىم.ئۇلارنىڭ ئەلەملىك نالىسى،ئاھۇ-زارى پۈتۈن كائىناتنى لەرزىگە سالدى. m4l& eEp  
     شۇ تاپتا دوزاخ ئازابىنى تارتىۋاتاتتىم،بار ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ ۋارقىرىدىم: s pp f  
     _ئاھ خۇدا،ماڭا بىر تېمىم بولسىمۇ سۇ ئاتا قىلغىن. 2h1vVF3  
     دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بەتبەشرە مەخلۇق قاقاقلاپ كۈلۈۋاتاتتى. .@@?Pj?)  
     _ھا...ھا...ھا،سۇ؟سەن سۇ تىلەۋاتامسەن؟ھا...ھا...ھا... تىلە،كىم ساڭا سۇ بېرەركىن؟سۇنى قانچىلىك خارلىغىنىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭما؟مانا سۇ دېگەن شۇنچە شۇنچە قەدىرلىك.ھا...ھا...ھا،يەنە سۇ دەۋاتامسەن؟دەيتتى ئۇ مەسخىرە ئارىلاش قاقاقلاپ كۈلۈپ. w"cZHm  
     ئاخىرى بولالماي يىقىلدىم.ئالۋاستى ماڭا قاراپ ھىڭگاڭ چىشلىرىنى چىقىرىپ كېلىۋاتاتتى.مەن ئاجايىپ قورقتۇم. nwF2aR NV  
     _ياق...ياق،ئۇنداق قىلما،سەندىن ئۆتۈنەي،مېنىڭ ئۆلگۈم يوق...ئۇنداق قىلما،مەندىن نېرى تۇر...ياق... 4O)1uF;  
     _بالام،نېمە بولدى،تۇرىڭە ئورنىڭىزدىن،نېمە بولدىڭىز؟ }:KE j_~.  
     خۇداغا شۈكرى،ھاياتكەنمەن.شۇ تاپتا كاللام تولىمۇ ئېغىر. GycSwQ ,  
     كۆز ئالدىمدا 50 يىلدىن كېيىنكى ھاياتلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى...

gulhan 2013-06-04 21:56
سەھىپىسى قىسقا ، مەزمونى چوڭقۇر چىققان ياخشى ھىكايە ئىكەن. S~;4*7+?:  
  ئىختىيارسىز كىتابخاننى ئۆزى ئىسراپ قىلۋەتكەن سۇ ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ. =F]FP5V  
ھىكايىنىڭ باش قىسىمى جەلىپكار باشلىنىپتۇ، نەسىر تىلىدەك. hRrn$BdLX  
s'E2P[:  
كىچىككىنە تەكلىپ: vdx0i&RiL  
«خۇددى ئاشپەز ئۇستام مەنتەڭ تۆككەندەك،خۇددى قەلبىمدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسىنى تۆكۈۋەتكەندەك.بىردەم تۇرۇپ يەنە ئۇسساپ كەتتىم.»  بۇ قۇرلاردا مەنا زىتلىقى بارمۇ _ قانداق؟  
} z _  
   تىرىشچانلىق، ئىزچىللىق يار بولسۇن سىزگە!

گۈلزىبا 2013-06-05 00:58
بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ ،ئۈلپەتنىڭ (ئورفات)نىڭ <<تۇرمۇش >>ناملىق نەسىرىنى ئويلاپ قالدىم .  مۇنداقچە ئېيىتسام ، يازمىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، مەنە چوڭقۇركەن . ئەمما ژانىرى نەسىر مۇ ياكى ھىكايىمۇ ؟ ھىكايىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئامىللارنى تازا بىلەلمىدىممۇ يە ؟

ئەكبەرنىياز 2013-06-05 09:09
گۈلخان ھەدەمنىڭ مەسلىھەتى ئورۇنلۇق ! ئويلىشىپ باقارسىز !!! ew#T8F[  
ھارماس قەلەملىرىڭىزگە يەنىمۇ بەركەت تىلەيمەن !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-05 14:59
ياخشى يېزىپسىز !بۇ چۈش «مەن»نىڭلاچۈششى بۇلۇپلا قالماي ،توختاۋسىز بۇزغۇنچىلىق ،پاراكەندىچىلىككە ئوچراۋاتقان ،ئاناتەبىئەتنىڭ ئەركىسى «ئىنسانىيەتنىڭ  »چۈششى !

ozqan 2013-06-10 11:45
تاتلىق : سىز بىر ئۈمىد بار قەلەم ئىگىسىكەنسىز ، بۇ ئەسىرىڭىزنى سېمۋوللۇق مەنىدە ، ھەم ئۆز مەنىسىدە چۈشىنىشكە بولىدىكەن ، كىتابخاننى خىلمۇ-خىل تەپەككۈر بوشلۇقىغا باشلىيالايدىغان ئەسەرلەرنى يېزىش ئانچە ئاسان ئەمەس ، داۋاملىق تىرىشىڭ ....


查看完整版本: [-- قاباھەتلىك چۈش --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled