查看完整版本: [-- قەلبىمىز مىھىر -مۇھەببەتكە تولسۇن --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> قەلبىمىز مىھىر -مۇھەببەتكە تولسۇن [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

گۈلزىبا 2013-06-03 01:28

قەلبىمىز مىھىر -مۇھەببەتكە تولسۇن

   +d>?aqI\A  
))66_bech  
h'jc4mu0  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار ، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار ، بۈگۈنكىدەك گۈزەل بىر كۈندە سىلەر بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ ، ھەمسۆھبەت بولۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرگەن ئەزىز مىھمانلار ...كەلگەن قەدىمىڭلارغا مەرھابا ! gNUYHNzDM(  
ھەممەيلەنگە مەلۇم ، ھاياتلىق يولى خىياللاردەك ئۇزۇن ، تەكلىماكان قۇملۇقىدەك چەكسىز ، ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك گادىرماچ ، تەبىئەتنىڭ ئېچىلمىغان تىلسىملىرىدەك سىرلىق يول . بۇ يولدا دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەر بىر ئىنسان ماڭىمىز ، ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئەگرى - توقايلىقلار بىلەن تولغان يولنىڭ پىرسۇناژلىرى بولغان بىز - ياشاش جەريانىدا ھەرخىل  روللارنى ئالىمىز . ^CO{86V  
بەزىلەر ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلاردەك ئالەمشۇمۇل شۆھرىتى بىلەن ئەۋلادلار يولىنى يورۇتقان مەشئەل بولسا ، يەنە بەزىلەر ئەكسىچە يوللارنى تۇتقان بولىدۇ ، يەنە بەزىلەر بىر ئۆمۈر ئاددىيلا ياشاپ ئۆتىدۇ ، مەيلى قانداق ياشايلى ، بىز بۇ ھاياتنى سۆيىمىز . مىھىر - مۇھەببەتكە تولغان ھاياتنى تىخىمۇ سۆيىمىز ، قەلبىمىزنىڭ مىھىر بىلەن مىننەتدارلىق بىلەن شادلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . vhIZkz!9  
بۇ يەردە  مىننەتدارلىق دىگەن گەپ چىقىپ قالدى ، ئۇنداقتا مىننەتدارلىق دىگەن نېمە ؟ جەمئىيىتىمىز نىمە ئۈچۈن مىننەتدارلىققا، مۇشۇ ھەقتىكى تەربىيىگە مۇھتاج بوپ قالدى ؟ "ngULpb{R  
مەن دەيمەن . مىننەتدارلىق بىر خىل گۈزەل ئەخلاق ، ئۇ باشقىلارنىڭ قەلبىگە ئىللىقلىق بىغىشلايدۇ ،دىلنى سۆيۈندۈرىدۇ  ھەمدە قەلىبلەرنى بىر-بىرىگە كۆرۈنمەس زەنجىر بىلەن چىڭ باغلايدۇ چىن كۆڭلىدىن ئۇرغۇپ چىققان مىننەتدارلىق ھەرقانداق ئادەمگە ئاجايىپ ئىللىقلىق ئاتاقىلىپ ، قەلىبلەرنى ئىللىتىدۇ . x{4{.s%+:  
ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ، جەمئىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم كىشىلەر ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويدى . تەرەققىيات نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆگىنىش ، تۇرمۇش رىتىمىمۇ تىزلىشىپ كەتتى ، ئەمما كىشىلەر ئارىسىدىكى باردى -كەلدى ئازايدى ، مىھىر -مۇھەببەت ، ئادىمىگەرچىلىك سۇسلىشىپ كەتتى ، بۇ ھاياتقا ، بۇ تۇرمۇشقا نارازى بولۇش كۆپىيىپ كەتتى .دەل مۇشۇنداق چاغدا قەلىبلەرنى مىھىر - مۇھەببەت سۇلىرى بىلەن سۇغۇرۇپ ، كۆڭۈللەرگە مىننەتدارلىق ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ ، ھاياتنى يىڭى مەنالارغا تولدۇرۇش ،دىلىڭلارنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن تولدۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ئولتۇرۇپتىمىز ، ساۋاقداشلار . 0$ JH5RC  
گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە سىلەردىن سوئال سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ ، دىلىڭلاردىكىنى بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ ، & 6'Rc#\P  
ھەممەيلەننىڭ ھاياتىمىزدا ياخشى كۆرىدىغان ، ئەزىز بىلىدىغانلىرىمىز بار ، ئۇ ئادەم بولۇشىمۇ ، نەرسە بولۇشىمۇ مۇمكىن ، ئۇنداقتا قىنى ئولتورغانلاردىن قايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىڭلارنى ، نىمە ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭلارنى ئىيتىپ بىرىسىلەر ؟ U}@xMt8@l  
....... `>)[UG!: |  
رەھمەت بالام ، xP4}LL9)  
توغرا دۇنيا مىھىر - مۇھەببەت بىلەن ، سۆيگۈ بىلەن گۈزەل ،سۆيگۈ بولغاچقا دوسىتلۇق بولىدۇ ، ياخشى كۆرۈشلەر بولىدۇ ، ئەمما بۇ سۆيگۈ تەشتەكتىكى گۈلگە ئوخشايدۇ ، ئۇنى گۈزەل ئېچىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئەجىر قىلىشقا ، بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ ، يەنى سىز سۇ قۇيىسىز ، مەن ئوغۇت بىرىمەن ، ئەمما مەلۇم كۈنلەردە قايسى بىرسىمىز پەرۋىشنى توختىتىپ قويساق بۇ گۈل قۇرۇپ كېتىدۇ ، توزۇيدۇ . h4Wt oE>i  
ئەمما  ھاياتلىقتىكى  سۆيگۈلەر ئىچىدە شۇ قەدەر ئۇلۇغ ، شۇقەدەر پاك ، شۇ قەدەر مىننەتسىز بىر سۆيگۈ بار  ، ئۇ مەڭگۈ بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاققا ئوخشايدۇ ، ھەر قانداق شارائىتتا ھەر گىز ئازلاپ ياكى تۈگەپ قالمايدۇ . >3ax  `8  
ئۇ ھەرقانداق شارائىتتا مەزمۇت قەد كۆتۈرگەن گىگانىت دەرەخكە ئوخشايدۇ ، بىزدىن ھىچنەرسە تەمە قىلمايدۇ ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزگىرىپ قالمايدۇ . 0civXZgj  
بۇ سۆيگۈ -----ئانا سۆيگۈسى . zD)/QFILy  
بۇ سۆيگۈ-----ئاتا سۆيگۈسى . w 5 yOSz  
مەلۇم بىر پەيلاسۇپ ئەگەر كىمدە كىم ئاتا- ئانىسىنى ياخشى كۆرەلمىسە ، ئاتا- ئانىسىدىن مىننەتدار بولالمىسا ئۇ ھىچكىمنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ ، ھىچكىمدىنمۇ مىننەتدار بولالمايدۇ دىگەنىكەن . 28k=@k^q  
دەر ھەقىقەت ، بىز بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق ، ھاياتلىقتىن بەھرىمەن بولدۇق ، مىھىر - مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولدۇق ، مۇ شۇ مىھىر - مۇھەببەتلەر ئىچىدە كۈندىن - كۈنگە چوڭ بولىۋاتىمىز  ، كۈچكە تولىۋاتىمىز  ، ئەمما بىز مۇشۇ بەھرىمەن بولۇشلار ئىچىدە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىمىز ، ئەينى ۋاقىتتا خۇددى ئاكىمىزدەك ياكى ئىنىمىزدەك كىلىشكەن ئاتىمىزنىڭ شەمشادتەك قەددى بارا- بارا پۈكۈلىۋاتىدۇ ، بىزدەك ياكى سىڭلىمىزدەك  ئوماق ، چىرايلىق  ئانىمىزنىڭ يۈزلىرىنى مەزگىلسىز قورۇقلار قاپلىدى ، جىسمىنى كىسەللىك چىرمىۋالدى .بىز يەنە 30يىلنى پەرەز قىلىپ باقايلى ، يەنە 30يىلدىن كىيىن سىز ئۇلارغا ھەرقانچە ئىسىل يىمەكلىكلەرنى ئەكىلىپ بەرگىنىڭىز بىلەن ئۇلار يېيەلمەسلىكى مۇمكىن . ھەتتا  30يىلدىن كىيىن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان نۇرغۇن  ساۋاقداشلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ دۇنيادا  بولماسلىقى ،تۈگەپ كىتىشىمۇ مۇمكىن ، شۇنداق تۇرسا بىز نىمىشقا ھازىردىن باشلاپ ، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسەتمەيمىز ؟ ئۇلارغا بولغان مىھرىمىزنى ، سۆيگۈمىزنى بىلدۈرمەيمىز ؟ 4 km^S9  
قىنى ھەممەيلەن ئويلاپ باقايلى ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئاشۇ جاپاكەش ئانىمىزنى ، سۆيۈملۈك دادىمىزنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى ... ? D _kQl  
ئاچچىق تولغاق ئازابى تارتىپ ، ھايات - مامات ئوتتۇرسىدا كۆرەش قىلىپ ،  بىر پارچە ئەتلىمە گۆشنىڭ ئىڭەسى بىلەن ھەممە ئاغرىقنى ، ھەممە ئازابنى ئۇنتۇغان زادى كىم ؟ . @- }*cQ4u?  
ئەنە  كىچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بوۋاق ئاچچىق چىقىراپ يىغلاۋاتىدۇ ، جاھان ئۇيقۇدا ، ئەمما  ئۇيقۇدىن بىدار ، ئۇيقۇچان كۆزلىرىنى زورلاپ ئىچىپ ، بالا پەپىلەش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتقان ، كىچە -كىچىلەپ بالا كۆتىرىۋاتقان زادى كىم ؟ +D@5zq:5  
ئەنە ، بالا  تەرەت قىلدى ،  كىيىملىرىنى ، قوللىرىنى بۇلغىۋەتتى ، ئەمما s$).Z(6  
سەسكەنمىەستىن بىر- بىرلەپ سۈرتۈپ چىققان كىم ؟. 8l_M 0F ,  
ئەنە ،سىز  مەكتەپكە كىردىڭىز  ، سىزنىڭ قەلەم تۇتقان بۇدرۇق قوللىرىڭىزغا سۆيگەن  ، سىزنى ئالىم بولسىكەن ، پەزىلەتلىك بولسىكەن دەپ تىلىگەن كىم ؟ . w9{C"K?u=  
سىز ئۈچۈن ، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن تىخىمۇ كۆپ پۇل تاپمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئەتىگەنكى شىرىن ئۇيقۇسىدىن كەچكەن  ، سىز ئورنىڭىزدىن تۇرماستا ئاللىبۇرۇنلا ئىتىزلىققا ياكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا ئىشلەش ئۈچۈن ماڭغان كىم ؟ .  V\o7KF  
ئەنە سىز چوڭ بولىۋاتىسىز ،  ئۆزى بىر قاچا دوغ ئېلىپ ئېچىشكە  كۆزى قىيماي ساقلاپ قويغان پۇللىرىنى سىزگە بەرگەن  . ئۆزى ئۆيگە چىققاندا سوغۇق سۇنى ھوزۇرلىنىپ ئىچكەن  .  سىزنى چىرايلىق يۈرسۇن دەپ ،سىزگە يىڭى كىيىم ئېلىپ بەرگەن ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۈستىدە يەنىلا شۇ دائىم كېيىۋالىدىغان كونىراپ كەتكەن چاپان ۋە ئۇچى تىشىلگىلى تۇرغان ، مايسىراپ ئەسلى رەڭگىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ، پايپاقسىز لا كېيىۋالىدىغان ئايىغىنى كەيگىنى كەيگەنلەر كىملەر ؟ =e4 r=I  
سىزنىڭ ئانىڭىز كىنولاردا چىقىدىغان ئانىلاردەك گۈزەل ئەمەس ، ئۇلاردەك  مۇلايىم ئەركىلىتىشنى بىلمەيدۇ ، بەزىدە سىزنى قوپال تىللاپمۇ قويىدۇ .يۈزلىرى ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن ، قوللىرى قاداقلاشقان ، ئەجىبا ئۇ تۇغما شۇنداقمىدى ؟ GL=}Vu`(*  
دادىڭىز كاتتا ماشىنىلاردا ئولتۇرۇپ باقمىغان ، كىيىملىرى كىرلەشكەن ، ئاچچىق تەر پۇراپ تۇرىدۇ ، سىزنى مىھىر بىلەن قۇچاقلايدىغان ۋاقىتتا ئۇنى ياكى ئىتىزغا سۇ باشلاۋاتقان ، ئىغىر ئەمگەكلەردىن ھالسىرىغان ھالەتتە كۆرىسىز ، ئەجىبا ئۇنىڭ مۇشۇ قىلىۋاتقىنى كىم ئۈچۈن ؟كىملەر ئۈچۈن ؟ )rq |t9kix  
سىز سالقىن جايلاردا ، ئازادە سىنىپلاردا دەرس ئاڭلاۋاتقىنىڭىزدا ، دوسىتلىرىڭىز بىلەن مەكتەپ مەيدانلىرىدا قىيا- چىيا سېلىپ ئويناۋاتقان پىژغىرىم ئىسسىقلاردا،ئىتىز- ئىرىق ئىشلىرىنىڭ تازا ئالدىراش مەزگىللىرىدە ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلامدىغانسىز ؟مەكتەپتىن قايىتقان چىغىڭىزدا ئۇدۇل ئاتا- ئانىڭىز نىڭ يىنىغا چىقىپ ئۇلارنىڭ قولىدىن ئىشنى ئالدىڭىزمۇ ياكى مەھەللىدىكى دوسىتلىرىڭىز بىلەن ئويۇننىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردىڭىىزمۇ ؟ بالدۇر ئۆيگە قايتىپ ، ئۇلار ئىتىزدىن كەلگەندە ئالدىغا ئىسسىق تاماق قويالىدىڭىزمۇ ياكى مەكتەپتىن كەچ قويۇپ بەردى دەپ قويۇپ ، سىرداشلىرىڭىزدىن ئايرىلغۇڭىز كەلمەي كۈننى كەچ قىلدىڭىزمۇ ؟ K#YQB3rX  
ئاتا- ئانىڭىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالام ياخشى ئوقۇپ كاتتا ئادەم بولىدۇ ، مەنمۇ بۇ جاپالاردىن قۇتۇلىمەن دەپ شىرىن خىياللارنى سۈرىۋاتقاندا ،سىز مەكتەپتە مۇئەللىم ئۆتكەن دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ ، تاپشۇرۇقلارنى ئەستايىدىل ئىشلەپ ، بىلىم ئېلىۋاتامسىز ياكى 5-6-7-8يىل ئوقۇپمۇ ساۋاتسىز ھالەتتە ، ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ، ئۇلارنى زىرىكتۈرۈپ ، ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن تىخى ئەپ ئۆتمەي ، سىنىپتا خىجىل بولماي ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇشۇپ ، شىرىن پاراڭلارنى قىلىشىپ ، سىسىق ھاجەتخانىلاردا تىقىلىشىپ تاماكا چىكىۋاتامسىز ؟ CuWJai:nQ;  
قىنى ئويلاپ بىقىڭ ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئەجرىگە شۇنداق جاۋاب قايتۇرامسىز ؟ شۇنداق مىننەتدارلىق بىلدۈرەمسىز ؟ &}r"Z?f)  
ئاتا- ئانىمىزنى ياخشى كۆرىمىز . نىمىشقا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ئۇلارغا ئىپادىلىمەيمىز ؟ نىمىشقا ياخشى ئوقۇسام ، ئۇلارنى ئىغىر ئەمگەك ، ناچار تۇرمۇش شارائىتىدىن قۇتۇلدۇرسام ، كاتتا داچىلاردا ، ئىسىل ماشىنلاردا ئولتۇرغۇزسام دەپ ئويلىمايمىز ؟ نىمىشقا مۇشۇ خىياللىرىمىزنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن . مەكتەپتىكى ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ ، ھەسسىلەپ قەدىرلەپ تىرىشمايمىز ؟ <.Ws; HN}  
كەچلەردە ئۆيگە بۇرۇن قايتىپ ، ئاتا- ئانىلارنىڭ قولىغا قول ، پۇتىغا پۇت بولالمايمىز ؟ q0iJy@?A  
نىمىشقا كىچىككىنە تۇرۇپ ، ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان تۇرۇپ ، قىز- ئوغۇللار ئارا مۇھەببەت خەتلىرىنى ، قوشاقلىرىنى يىزىشىپ يۈرۈيمىز ؟ ئەجىبا ئاتا- ئانىمىز بىزنىڭ شۇنداق قىلىشىمىز ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتامدۇ ، شۇ ئىشلىرىمىزدىن خۇش بولارمۇ ياكى خورلۇق ، نۇمۇس ھىس قىلارمۇ ؟ V5 w1ET  
ئاتا- ئانىمىز ئىغىر ئىشلارنى ئۆزى قىلىپ ، ياخشى تاماق ، ياخشى كىيىملەرنى بىزگەبىرىپ ، مەكتەپكە يولغا سالسا 9يىلدىن كىيىن ھىچقانداق نەتىجىسىزلا مانا مەن ئوقۇش پۈتتۈردۈم دەپ بىرىشتىن ئۇيالمامسىلەر ساۋاقداشلار ؟! } o%^ Mu B  
نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى كۆپچىلىك بىلىپ بولدى . قىسقىسى Mf1(4F  
ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك كىشىلىرىمىزنى سۆيەيلى ، ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى. ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئوخشاشلا ھاياتنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ھوقوقى بار ، ئۇلارنى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قىلمايلى ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ئىغىرلاشتۇرىۋەتمەيلى (ئۇلۇغ ئانا ھەققىدىكى چۆچەك ). بىز ئەخلاق- پەزىلەتلىك ، كۆيۈمچان بالا بولساق ئۇلارنىڭ يۈزى كۈلىدۇ ، دىلى كۈلىدۇ ، قىنى ئۇلارنى كۈلدۈرەمدۇق ، يىغلىتامدۇق ؟بۇ سىلەرگە قالدى . ئەمما يۈز ئىغىز گەپتىن بىر ئەمەلىي ئىش ياخشى ، سىلەرنىڭ ئاتا- ئاناڭلارغا ۋە باشقىلارغا بولغان مىننەتدالىقىڭلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرۈشنى خالايمەن . %up?70  
قەلبىمىز مىھىر - مۇھەببەتكە تولسۇن ، دىللىرىمىز مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بىلەن شادلانسۇن ، ھەممىڭلارغا تەشەككۈر ، كۆپ ئامەتلەر يار بولسۇن . "2l`XH  

گۈلزىبا 2013-06-03 01:31
مەكتەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇ ھەقتە لىكسىيە سۆزلەشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى ، كۆپچىلىكنى كەم جايلىرىمنى تولۇقلىشىپ بىرەمدىكىن دەپ مۇنبەرگە يوللىدىم ، ياردىمىڭلارنى ئايىمايدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن .  

گۈلزىبا 2013-06-03 01:38
مۇنبەر باشلىقى ، كەچۈرۈڭ . يوللاشتا تازا ياخشى مەشغۇلات قىلالماپتىمەن ، بۇ تىمام كۆكسانغۇننىڭ <<تۈگەپ كەتتى قوشنامنىڭ قىزى >>دېگەن شىئېر ىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىپ قاپتۇ ، خاپا بولماي ئۆزگەرتىۋەتسەڭلار .

ئەكبەرنىياز 2013-06-03 02:24
مەن ئۆزگەرتىپ قويدۇم . قاراپ بېقىڭە ، قانداقراق بولدىكىنە !؟ OUWK  
يەنە بىر گەپ، ئۇ شىئېرنىڭ ئاپتورى كۆكسانغۇن ئاكىمىز ئەمەس بەلكى ، كۆكسۇلتان ئاكىمىز ئىدى .  

گۈلزىبا 2013-06-03 07:51
سىزگە كۆپ رەھمەت !بەك ياخشى بوپتۇ . _!1LV[x!s  
مەن شۇنداق ئېسىمدە قالدۇرۋاپتىمەن ئەمەسمۇ ؟خىجىلمەن كۆكسۇلتان .

tursun 2013-06-04 15:21
يارايسىز گۈلزىبا...!يازمىڭىزدىن تولىمۇ ھوزۇرلاندىم...!   

tursun 2013-06-04 15:21
يارايسىز گۈلزىبا...!يازمىڭىزدىن تولىمۇ ھوزۇرلاندىم...!

مەرىپەت0999 2013-06-04 18:05
ئالدىنقى ھەپتىدە خوتەندە گۈلباھار مۇئەللىم سۆزلىگەن ئىككى يىرىم سائەتلىك نۇتۇقنى بالىلارغا قويۇپ بەرگەن ئىدىم.مانا بۈگۈنكى بۇ نۇتۇقنى مۇزىكا كىرىشتۈرۈپ دىكلاماتسىيە قىلىپ بىرىش ئۈچۈن ئاتلاندىم.رەھمەت گۈلزىبا ئەجرىڭىزگە!!قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت ،ئىجادىيىتىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولسۇن!!   

گۈلزىبا 2013-06-04 23:36
رەھمەت  سىلەرگە . بىر قىسىم جايلىرىنى گۈلباھار خانىمنىڭكىدىن ئەينەن ئالغانتىم . چۈنكى ئۇ نۇتۇق ماڭىمۇ  بەك تەسىر قىلغانتى ،مەن تىخى بۇ نۇتۇق  تىكىسىتىنى يوللاپ بولۇپ خىجىل بولۇپمۇ قالغانتىم ، سىلەرنىڭ ئىلھام ، مەدەتلىرىڭلار بىلەن تىخىمۇ تىرىشىشىم كىرەكلىكىنى ھىس قىلدىم .

kamalat 2013-06-12 19:44
قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت ،ئىجادىيىتىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولسۇن!!  

latapatlik 2013-09-26 12:02
رەھمەت سىزگە ،ناھايىتى ياخشى  يېزىلىپتۇ!

مىېھرىما 2013-10-07 21:33
ياخشى بوپتۇ كۆپ رەىمەت سىزگە

ئەنۋەرچەرچەن 2013-10-07 22:21
بەك ياخشى نۇتۇق تېكىستى بوپتۇ.

مىېھرىما 2013-10-22 22:41
يازمىڭىزغا رەخمەت   

tawpek 2013-10-22 23:41
كىچىكىپ بولسىمۇ كۆرۆپتىمەن. q;qY#wD@  
!p e!Z-,  
مەرىپەت خانىمنىڭ ئاۋازغا ئالغان نۇسخىسىنى ئاڭلاپ باققۇمىز كەلدى.

uzqak 2013-10-23 01:17
بۇ بىر ياخشى باشلىنىش ئىكەن ، بولسا داۋاملىق سۇنۇپ تۇرسىڭىز.... رەخمەت!

nigara 2014-06-19 22:29
ئەمما  ھاياتلىقتىكى  سۆيگۈلەر ئىچىدە شۇ قەدەر ئۇلۇغ ، شۇقەدەر پاك ، شۇ قەدەر مىننەتسىز بىر سۆيگۈ بار  ، ئۇ مەڭگۈ بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاققا ئوخشايدۇ ، ھەر قانداق شارائىتتا ھەر گىز ئازلاپ ياكى تۈگەپ قالمايدۇ .   P}C;%KzA  
ئۇ ھەرقانداق شارائىتتا مەزمۇت قەد كۆتۈرگەن گىگانىت دەرەخكە ئوخشايدۇ ، بىزدىن ھىچنەرسە تەمە قىلمايدۇ ، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزگىرىپ قالمايدۇ . U6R~aRJ;  
بۇ سۆيگۈ -----ئانا سۆيگۈسى .       9"mcN3x:\e  
      يازمىڭىزبەك ياخشى بوپتۇ .  


查看完整版本: [-- قەلبىمىز مىھىر -مۇھەببەتكە تولسۇن --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled