查看完整版本: [-- ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulnar 2013-06-01 02:09

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

2013 - يىللىق تولۇق 3- يىللىقلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز {\ e}43^9N  
  e'6?iLpy  
EAfSbK3z  
   ساۋاقداشلار !  بىزنى خوش دېيىشكە مەجبۇرلايدىغان  بۇ مىنۇتلار ئاخىر يېتىپ كەلدى . مانا بۇ ۋاقىتنىڭ قانۇنيىتى، مانا بۇ ھايات ، سىلەر تېخى تۆنۈگۈنلا بىلىمگە تەشنا بولۇپ ، چاڭقىغان قەلبىڭلارنى ئىلىم بۇلاقلىرىدا سۇغىرىش ئۈچۈن ھايات شاماللىرىنىڭ ئۇچۇرشى بىلەن مەكتىپىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدىڭلار .ئۇلۇغ ئارزۇ - مەقسەتلەرنى كۆڭۈللەرگە پۈكۈپ كەلگەن ئىلىم-پەن تەشنالىرى ئىدىڭلار . دەرسخانىدا گۆدەك ، سەبىي، مەسۇم چىرايىڭلار بىلەن ئىلتىجالىق كۆزلىرىڭلارنى تىكىپ ئولتۇرغان بوتا كۆزلەر ئىدىڭلار . مانا بۈگۈن ئۇچرۇم بولۇش ئالدىدا تۇرۋاتىسىلەر. RoTT%c P_  
H1]\B:  
  مەكتەپ ــ ئالتۇن بۈشۈك . سىلەر بۇ ئالتۇن بۈشۈكتە ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلارنىڭ ئانىلارغا خاس ئىللىق مېھرىدىن ، ئالەمچە سۆيگۈسىدىن قدلبىڭلارنى ئادىمىلىك سۈيىدە سۇغىرىپ ، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق،تىرىشچان ھەم شىجائەتلىك ئاقكۆڭۈل ھەم ھىممەتلىك بولۇپ تەبىيەلەندىڭلار.روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام  چوڭ  بولدۇڭلار . v\Hyu1;8  
{x: IsQZ  
  مەكتەپ ــ بۈركۈت ئۇۋىسى . سىلەر ئەنە شۇ ئۇۋىدا ئۇستازلارنىڭ بىر تالدىن، بىر تالدىن  دان بېرىشى بىلەن ئاستا-ئاستا يېتىلىپ قانىتى قاتقان بۈركۈت بولدۇڭلار .مانا ئەمدى ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەڭ ساماغا پەرۋاز قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر .مانا بۇ رېئاللىق . بۈركۈت ئاسمان شاھى، ئۇنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى شۇنچىلىك يۇقۇركى3000مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتە ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ يەردىكى چۆجىنى كۆرەلەيدىكەن .بىزمۇ سىلەرنىڭ بۈركۈتتەك ئىگىز ئۇچۇپ ، يىراقنى كۆرەلىيدىغان ،يىراققا نەزەر سالالايدىغان ، ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز . ke0W?  
l.BNe)1!22  
   ساۋاقداشلار ! سىلەر ئەجداد ۋارىسى ، مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ كارۋىنى ھەم كۆۋرىكى، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئۈمۈد چىرىقى . كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ تۈۋرىكى، بىزنىڭ پەخرىمىز ھەم ئىپتىخارىمىز . سىلەرنىڭ زىممىڭلاردىكى مەسئۇلىيەت تولىمۇ ئېغىر ، تولىمۇ شەرەپلىك ، گەپ سىلەرنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتكە بولغان تونۇشۇڭلاردا ، قانداق يول تاللاپ مېڭىشىڭلاردا ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىمىمىز مەھمۇد كاشىغەرى : ‹‹ قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ›› دېگەن. دېمەك، قايسى يولدا مېڭىش ، قانداق ئىز قالدۇرۇش سىلەرنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭلار ، ئالغا ئىنتىلىش روھىڭلار ، ئۈمۈدۋارلىقىڭلار ، ياشاش نىشانىڭلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بىزنىڭ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۈمۈدسىز، چۈشكۈن روھىي ھالىتىڭلارنى كۆرگۈمىز يوق . چۈنكى بىزگە خەلق ئۈچۈن يۈرىكىنى مەشئەل قىلالايدىغان دانكو ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان شىراق كېرەك، مەن سىلەرنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزۈڭلاردىن ، ئىشەنچكە تولغان چېھرىڭلاردىن مۇنبەردە جان كۆيدۈرۈپ دەرس سۆزلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ ،ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىۋاتقان بىمارنى ئوپراتسىيە قىلىۋاتقان دوختۇرنىڭ ، دېڭىز ئاستىدىن بايلىق ئىزدەۋاتقان غەۋۋاسنىڭ سۈرلۈك سوت مەيدانىدىكى سوتچىنىڭ ، تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغاقتا ، قار- يامغۇردا قورالنى مەھكەم تۇتۇپ ، قارغاي كەبى تىك تۇرۇپ ۋەتەن چىگرىسىنى قوغداۋاتقان جەڭچىنىڭ يەنە نۇرغۇن ، نۇرغۇن كەسسىپ ئەھلىنىڭ سىماسىنى كۆرگندەك قىلىۋاتىمەن. بىز ئىشىنىمىز ، سىلەر چوقۇم كەلگۈسىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا بىر كىشلىك ئورۇن ئىگىللەپ قىممىتىڭلارنى نامايەن قىلىسىلەر. تۆھپەڭلار ، نەتىجەڭلار بىلەن بىزگە شەرەپ گۈلى تاقايسىلەر . m ";gD[m  
0#JBz\  
   ئاخىردا تولۇق 3-يىللىقتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ۋاكالىتەن  سىلەرگە بەخىت ، خوشاللىق ، نەتىجە تىلەيمەن . يولۇڭلار ئاق بولسۇن ! دىلىڭلار پاك بولسۇن ! باسقان قەدىمىڭلاردىن خۇش پۇرىق گۈللەر ئۈنسۇن !!! `FwAlYJK  
Go|65Z\`7M  
رەھبەرلەرگە، ساۋاقداشلارغا ، ئۇستازلارغا  كۆپتڭن – كۆپ رەخمەت  !!! ~iWSc8-  
2?j1~]DvZ  
  }>w4!  
بۈگۈن مەكتىپىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن تولۇق 3- يىللىقلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا  خىزمەتدىشىمنىڭ سۆزلىگەن سۆزىنى يوللاپ قويدۇم . كەسسىپداشلار مۇۋاپىق پايدىلنارسىلەر ،تەكلىپ پىكىرلەر بولسا بېرەرسىلەر . s__g*%@B b  
2013-يىلى 5-ئاينىڭ 31- كۈنى s 

ئەكبەرنىياز 2013-06-01 12:45
بەكلا ئېسىل نوتۇق بوپتۇ بۇ ! كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-01 15:59
نۇتۇق بەك ياخشى چىقىپتۇ ،ئۇقۇش پۇتتۇرش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كگلگۈسىنىڭ پارلاق ،پات ئارىدىكى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن !

gulhan 2013-06-02 14:50
ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

koksangun 2013-06-02 23:36
ھېسسىياتقا تولىمۇ باي ،پايدىلىنىش قىممىتى زور تېما بوپتۇ ، گۈلنارغا كۆپ رەھمەت !

koksangun 2013-06-02 23:37
ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز...

yar130 2013-06-03 17:28
بەك ياخشى نوتۇق بوپتۇ ،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېما بوپتۇ !

مەرىپەت0999 2013-06-04 10:37
دىللارنى لەرزىگە سالغۇدەك نۇتۇق بوپتۇ -ھە!بەكمۇ تەسىرلەندىم.

r.muhemmet 2013-06-12 19:46
نۇتۇق ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ...  eW%L$I  
ئالىي مەكتەپ ئمتىھانى ئاخىرلىشىپ،  سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارزۇ تولدۇرۇش باسقۇچىغىمۇ كىرىپ  قالدى ....

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-21 09:29
  مەكتەپ ــ بۈركۈت ئۇۋىسى . سىلەر ئەنە شۇ ئۇۋىدا ئۇستازلارنىڭ بىر تالدىن، بىر تالدىن  دان بېرىشى بىلەن ئاستا-ئاستا يېتىلىپ قانىتى قاتقان بۈركۈت بولدۇڭلار .مانا ئەمدى ھەر قايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەڭ ساماغا پەرۋاز قىلماقچى بولىۋاتىسىلەر .مانا بۇ رېئاللىق . بۈركۈت ئاسمان شاھى، ئۇنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى شۇنچىلىك يۇقۇركى3000مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتە ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ يەردىكى چۆجىنى كۆرەلەيدىكەن .بىزمۇ سىلەرنىڭ بۈركۈتتەك ئىگىز ئۇچۇپ ، يىراقنى كۆرەلىيدىغان ،يىراققا نەزەر سالالايدىغان ، ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز .

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-21 09:31
‹‹ قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ›› دېگەن. دېمەك، قايسى يولدا مېڭىش ، قانداق ئىز قالدۇرۇش سىلەرنىڭ ھاياتقا تۇتقان پوزىتسىيەرىڭلار ، ئالغا ئىنتىلىش روھىڭلار ، ئۈمۈدۋارلىقىڭلار ، ياشاش نىشانىڭلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بىزنىڭ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۈمۈدسىز، چۈشكۈن روھىي ھالىتىڭلارنى كۆرگۈمىز يوق . چۈنكى بىزگە خەلق ئۈچۈن يۈرىكىنى مەشئەل قىلالايدىغان دانكو ، ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان شىراق كېرەك،

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-21 09:31
ئېسىل پىكىرلىك نۇتۇق بوپتۇ.

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-21 09:32
ئەمدىلا ئىمتىھاننى ئاخىرلاشتۇرۇپ،ئارزۇ تاللاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى كۆڭلىنى ئاۋاندۇرىدىغان نۇتۇق بوپتۇ.

tawpek 2013-08-30 11:21
بىزدە مۇشۇ ئىشقا ھەقىقەتەن سەل قارىلىدۇ. K H>Sc3p  
,( j>)g2Ob  
ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق بىر يىغىلىش نۇتىقى ھەقىقەتەن زۆرۆركەنتۇق. E=;BI">.  
`[X6#` <  
داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭ.

ياسىنجان510 2014-01-02 21:16
بۇ نۇتۇق تېكىستى مەزمۇنى چۇڭقۇر ياخشى نۇتۇق تېكىستى بولۇپ تەييارلىنىپتۇ ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

بابۇر0725 2014-02-17 01:18
بەكلا تەسىرلىك تەربىۋىىيلككە ئىگە ياخشى يېزىلىپتۇ


查看完整版本: [-- ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن سۆز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled