查看完整版本: [-- بوستان چاچ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى -> بوستان چاچ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

eltugh 2013-05-30 23:54

بوستان چاچ


بوستان چاچ
خوپ ياراشقان سەرۋى قامەتكە،
قاپقارا سۇمبۇل ، ئۇزۇن چىچىڭىز.
تارىماق ئەجەپ ئىغىر كەلدىمۇ،
جەلىپكار بوستاننى نىچۈن كەستىڭىز؟

سۇمبۇل چاچلار بوستان چاچقا ئالمىشىپتۇ،
تەبىئىيىلىك سۈنئىيىلىككەبوشىتىپ ئورۇن.
ناز –كەرەشىمەڭ تارتالماس ئەمدى زوقۇمنى،
قەلبىمدىن سۇمبۇل چاچقا بوشاتتىمئورۇن.

ئەسلى ئۇ چىچىمغا كۆيگەنكەن دېمەڭ،
مەن كۆيگەن دىيانەتلىك ئۇيغۇر قىزىغا.
ئەسلىنى ئۇنتۇغان دەۋر مودىسى،
سىغمايدۇ ھەرگىزمۇ قەلبىمبىغىغا.

ئەكبەرنىياز 2013-05-31 11:05
ئەسلى ئۇ چىچىمغا كۆيگەنكەن دېمەڭ،
مەن كۆيگەن دىيانەتلىك ئۇيغۇر قىزىغا.
ئەسلىنى ئۇنتۇغان دەۋر مودىسى،
سىغمايدۇ ھەرگىزمۇ قەلبىم بېغىغا .

بۇ كوبلىت بەكلا ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-06-01 16:58
بەلەن يېزىپسىز.ئەڭ ئاخىرقى مىسرا تەنتەكلىك قىلىپ سەپتىن قىچىپ كىتىپتۇمۇ نىمە      

ياپراق 2014-03-19 21:47
چېچىمنى چۇشۇرۋەتكىنىمدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم .

چۇغلۇق 2014-03-27 18:41
سۇمبۇل چاچلار بوستان چاچقا ئالمىشىپتۇ،
تەبىئىيىلىك سۈنئىيىلىككەبوشىتىپ ئورۇن.
ناز –كەرەشىمەڭ تارتالماس ئەمدى زوقۇمنى،
قەلبىمدىن سۇمبۇل چاچقا بوشاتتىمئورۇن.

مۇشۇنداق دەيدىغان ئەركەكلەرگە ئاپىرىن.

مىېھرىما 2014-03-27 22:33
خوپ ياراشقان سەرۋى قامەتكە،
قاپقارا سۇمبۇل ، ئۇزۇن چىچىڭىز.
تارىماق ئەجەپ ئىغىر كەلدىمۇ،
جەلىپكار بوستاننى نىچۈن كەستىڭىز؟

بۇ كۇپلىتنى بەكلا ياقتۇردۇم.سىزگە ئامەت تىلەيمەن.


查看完整版本: [-- بوستان چاچ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled