ئەبجەش خاتىرىلەر: زىيەك
ئەبجەش خاتىرىلەر زىيەك شېئىر دەپ بىرنىمىلەرنى ھەجىلەپ يۈرگىنىم بىلەن ئەمەلىيەتتە،ئۆزۈممۇ ياخشى-يامان ئەمەللىرىم بىلەن يېزىلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۆتمۈشۈم بۈگۈندىن غالىب كەلگەندە، مەن شائىرغا ئايلىنىمەن. ھەر قېتىم يېزىش ئالدىدا تۇرغان شېئىرلار مېنىڭ ئىدى، مانا ئەمدى ئۇ سىلەرنىڭ بولدى.دىمەك مەنمۇ سىلەرنىڭ بولدۇم. 4C
;y2`C ھېسيات ھەققىدىكى پەلپەتىش تەبىرلەردىن تولىمۇ زىرىكتىم، دۇنيا قاراش،ئاڭ،پەلسەپىۋى پىكىر... دىگەندەك ئابىستىراكىت ئۇقۇملاردىن شۇنچىلىك سەسكەندىمكى، ئاڭلىساملا تېنىم شۈركىنىدۇ. بولۇپمۇ كۆمۈرنى ئاق رەڭلىك دىگەنلەر پەيلاسۇپ سانىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ياشاشنىڭ ئەڭ ئەقەللي ئېھتىياجى بولمىش- تاماقمۇ گېلىمدىن شۇنچە تەستە ئۆتىدۇ. /)kx`G_
بەزىدە بۇرنۇم قاناپ،ياكى قولۇم كېسىلىپ قان ئاققان چاغدا، ئېقىۋاتقان قېنىمغا قاراپ مىكرۈسكوپ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئىلغار ئۈسكىنىلەر بولسا كۆرۈپ باققۇم كىلىدۇ.نەچچە مىڭ يىل تىپىرلاپ كۈۋەجەۋاتقان قان مۇشۇمىدۇ؟ يەنە بەزىدە بەدىنىمدىكى بارلىق قانلارنى پاك-پاكىز چىقىرىۋىتىپ،بىر تىمىممۇ قالدۇرماي ئورنىغا ھارارەتتىن پۇرقىراۋاتقان، يېپيىڭى قاننى ئالماشتۇرىۋەتكۈم كىلىدۇ.راستنى راست ئىيتىمەنكى، بۇخىل ئىلمىيسىزلىكلەرنى تەپ تارتماستىن ئوچۇق-ئاشكارە دەلىۋىرىمەن. خىجىل بولمىغىنىمدىن قىلچىمۇ بىنۇرماللىق ھىس قىلمايمەن. %wI)uJ2
d={o|Mf
قايسى شەھەر، قايسى كوچا قايسى يول ئىسىمدە يوق، نەچچە يىل ئۈلپەت-بۇرادەر بولۇپ،كىيىن تۇيۇقسىزلا يوقىغان بىر ئاغىنەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.
[;4;.V
سالام-سائەتسىزلا رەسمىيەت يۈزىسىدىن بىلىنەر –بىلىنمەس كۈلدى، مەن ئۇنىڭدىن بەتتەر بىلىنمەس ھالەتتە كۈلۈپ جاۋاپ قايتۇرغان بولدۇم،بۇ كۈلكىلەر شۇنچىلىك ئىتتىك ھالەتتە ئىلىپ بىرىلدىكى ئەگەر يەنە شۇنداق كۈلەلىگەن بولسام، بىر سېكونتتا 5 قېتىم كۈلۈپ بىرەلىشىم تامامەن مۇمكىن.ياندىشىپ ئۆتۈپ كەتتۇق،كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىغۇم بولسىمۇ قەستەن قارىمىغىنىم ھېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە. ئەمما ئۇ قارىغانىدى،نەچچە قەدەم مېڭىپلا كەينىگەئۆرۈلدىدە،ئالدىغا قانداق ماڭغان بولسا كەينىگە شۇنداق ماڭدى، يېنىمدىن ئۆتۈپ ئۈچ قەدەم ماڭدىمىكىن،كەينىگىمۇ ئۈچ قەدەم ئىلىپلا يېنىمغا كەلدى: 3:xKq4?
ـ قىشتا چىققان قۇياشنىڭ نىمە تەپتى بولسۇن ! =\oL
'>q
بۇ سۆزنىڭ سوئال ئىكەنلىكىنى ياكى ھېس بايانى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىراپ بولغۇچە يەنە شۇ قەدەم،شۇ رېتىم بىلەن كېتىپ قالدى. 3^xq+{\)
-ZyY95E< +|7N89l
دەسلىپىدە بۇرادىرىمنى ھەزىل قېلىۋاتقان چىغى دەپ ئويلاپتىمەن، كېيىنچە ئويلاپ باقسام بۇ:« ئەمدى سىلەرنى ئىزدىگەننىڭ نىمە پايدىسى، بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قايسى بىرىڭ ھالىمغا يەتتىڭ » دىگىنىكەن ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭ بىشىغا نىمە كۈن چۈشتىكىن،ھەقنى ئىيتسام ھىچ خەۋىرىم يوق ئىكەن،ھەم تا ھازىرغىچە بىلمەي كىلىۋاتمەن. C'R6mz% Q?
مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كىيىنلىك دەرستە بىر ئوقۇغۇچۇم:« ئوقتۇچى(ئوقۇتقۇچى) بىلىمىڭىزنى پەش قىلماڭ» دىگەنىدى،تىخى ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى كەتمىگەن بۇ ئوقۇغۇچىمنىڭ سۆزىگە دەسلىۋىدە غۇژژىدە پەيمانىم قىرىق گەز ئۆرلىدى،بىر ئاز تۇرۇپ يەنە ئۆزۈمنى بېسىۋالدىمدە دەرسنى داۋاملاشتۈرىۋەردىم،مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا پەرۋاسىزلىق تاكتىكىسى بىلەن سېنىپ كەيپىياتىنى تەڭشىۋالدىم. دەرستىن چۈشۈپ ئىشخانىغىمۇ كىرمەي ئۇدۇل مەكتەپتىن چىقىپ كەتتىم،يولدا كىتىپ بارغاچ ئويلاپ قالدىم،قايسى بىلىمىمگە، ئىنسانلار «بىلىم» دەپ نام قويىۋالغان ماتېرىيال دۆۋىسىنى كىمگىمۇ پەش قىلار بولغىيتتىم، كىملەرگىدۇر بىر نەرسىلەرنى دەۋىلىش ئۈچۈن ئاز كەم20يىللىق ھاياتىمنى مەردلەرچە ئاتىغان بولغىيتتىمكىن-تاڭ،ئۆزۈممۇ ئاڭقىرالماي مېيقىدا كۈلۈپ قويدۇم، ئەمما بۇ كۈلۈشۈم ھېلىقى ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشكەندىكى،ياق كۆرۈشۈپ قالغاندىكى كۈلۈشتىن روشەن پەرقلىنەتتى.
[t$ r)vX
ئىنسانلار ھاياتىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى پەرەز بىلەن مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا گۇمان بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن، بۇ ئويغا قاچاندىن بىرى كىلىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن،ياراتقۇچىسىنى تونىغان ئىنسان نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇتلەقلەشتۈرۈشكە ئاجىز،ئەمەلىيەتتە بۇ ياشاشتىكى بىرخىل تەسەللىيدىن ئىبارەت. ئەسلى بار بولغان، قوزغالمىغان تەپەككۇرنى بىراقلا يوق قىلىۋىتىپ ،ئۆزىنى«بىلمەيمەن،ئۇقمايمەن» دىگەن رامكىنىڭ ئىچىگە مەجبۇرى سۆرەپ ئەكىرىۋالدىغانلارنى ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىپ كىلىۋاتىمەن. HtiIg a 7
&1?6Q_p6c
w0lgB%97p
ھامىنى ئۆلۈپ كىتىدىغان بىزلەرنىڭ ھاياتى نىمىدىگەن غەلىتە !{+.)%d'g
ـ ئالبىرت ئېينىشتىيىن EhM=wfGKw
NN1}P'6Ha
D GcpYA.7'
بۇ پەقەت بىرلا سوئالنىڭ تۇغۇلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ،يەنى ،ياشاشتىكى ئاخىرقى مەقسەت نىمە؟ .UQ|k,,t
ئەلۋەتتەبۇنىڭغا 1000 ئادەم مىڭ خىل جاۋاب بىرىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابى بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئەمەس.بەلكى ياشاش جەريانىدىكى ئارزۇ-ئارمانلار خالاس، تۈپ مەقسەت بارلىق ئىنسانلارغا ئورتاق بولىدۇ،ياشاشتا مەقسەت بولمايدۇ،ئەگەر بولىدۇ دىسەك ياشىغىلى بولمايدۇ. بۇ سوئال خۇددى سەن نىمىشقا ئاغزىڭ بىلەن تاماق يەيسەن دىگەنگە ئوخشاشلا بىمەنە. bhIShk[
«باشلانغۇچ مەكتەپتىكى مەشىق دەپتىرىمگە ،يېزىپ قويدۇم سېنىڭ ئىسمىڭنى.» دەپ باشلايدۇ،فىرانسىيەلىك داڭلىق شائىر پائۇل ئېلوئارد ئۆزىنىڭ «ئەركىنلىك» ناملىق شېئىرىدا. $fT5Vc]B4
ئۇ ئۆزىنىڭ دۇنياسىدىكى ئەركىنلىكنى ئىستەپ ياشاپ كەلگەن، ئەمما بۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئارزۇسى،ھەرگىز ياشاشتىكى مەقسىتى ئەمەس،ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ئېرىشمەكچى بولغان «ئەركىنلىك»ىگە ئېرىشكەندە كىينكى ھاياتىنى قانداق داۋاملاشتۇرىدۇ؟ دىمەك ئارزۇ-ئارمانلار ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ، ئەمما ياشاشتىكى مەقسەتنى ھېچكىم دەپ بىرەلمەيدۇ،ئەگەر دەپ بىرەلەيدۇ دىسەك«ئۆلۈش ئۈچۈن» دىگەن سۆزدىن باشقىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ،بۇ بىمەنە جاۋابنى ھېچكىمنىڭ دىگۈسىمۇ، ھېچكىمنىڭ ئاڭلىغۇسىمۇ كەلمەيدۇ، ياراتقۇچى ئەنە شۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئوتىغا تاشلاپ،بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىپ تىرىكچىلىكىمىز ئۈچۈن سەۋەب ھازىرلاپ بىرىدۇ.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋلىشقا بولىدۇكى،ئىنساننىڭ قولىدىن سەۋەپ كەلمەيدۇ،نەتىجە كەلمەيدۇ،پەقەت بىر ئۆمۈر جەريان ئىچىدە ياشايدۇ. شۇڭىمۇ زىيادە مەغرۇرلۇق ئىنسانغا ياراشمايدۇ. ?kQY ^pU
ھەقىقەتنى قانۇنىيەت دەپ چۈشىنىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆپ ۋاقىتلاردا مەغلۇپ بولىۋاتىمىز، كىشلىك دۇنيادىكى مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىياتلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ھەقنى ياقلاش ئۈچۈن ،ئۇنى كېسىپ-پىچىپ ،قىرلاپ قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە ئۆزگەرتىۋىلىشىمىز ،ئەسلى ئۆزىمىزدىن ئىنسانلىقىمىزدىن، ساپ ئىنسان تەبىئىيىتىدىن مەجبۇرى ئايرىلغىنىمىز ئۈچۈن ،بارغانچە ئۆزىمىزگە ئوخشىماي قىلىۋاتىمىز،بۇ خۇددى تەبىئەتتىكى كەتكەن ئورمانلىقلارنى تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى رولىنى - يەرشارىنى قوغداش،ساپ مۇھىت ھازىرلاش ئالاھىدىلىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ،ئۆلە – تېرىلىشىمىزغا قارىماي كېسىپ، ياغاچ ماتېرياللىرى ياساپ، ئاخىرىدا ھاياتىمىز يەنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تەھدىت ئىلىپ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسىلىلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ۋەزخانلىق قىلغىنىمىز بىلەن باراۋەر. UH}lKc=t
zPqJeYK
«ياشىغايلا، ياشىغايلا تۈمەن مىڭ يىل ياشىغايلا...» بۇ بىز دائىم كىلاسسىك كىنو،تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئۇچرايدىغان سۆز. قاراڭ، مۇشۇ سۆزنى ئىېيتىۋاتقان ئاشۇ شاھنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا،قاراڭ ،مۇشۇ سۆزنى تولا ئاڭلاپ سەسكېنىپ كەتسىمۇ يەنىلا مەغرۇرانە ئاڭلاپ ئولتۇرغان شاھقا، ئەمەلىيەتتە ئاشۇ سۆزنى ئېيتىۋاتقان ئەمەلدارلارمۇ، ئاشۇ سۆزنى ئىشىتۋاتقان شاھمۇ، ئىنساننىڭ مىڭ يىل،تۈمەن مىڭ يىل ياشىيالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.ئەمما بۇ سۆز تاكى شاھ تەختتىن چۈشۇپ ئۆلگىچە داۋاملىشىدۇ،چۈنكى بۇ ئاللىبۇرۇن قائىدە- قانۇنىيەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىسكەنجىگە ئالغاندا،تەن ھۈجەيرىلىرىمىزگە كۆپ تەسىرى بولمىغىنى بىلەن روھ ھۈجەيرىلىرىمىز ئاستا-ئاستا ئۆلۈشكە باشلايدۇ. 0#eb] c
ئادەم ئىجتىمائىيلاشقان بولغانلىقتىن ياشاش جەريانىدا تەبئىي ھالدا ئەسلى تەبىئىيىتىدىن بارا- بارا ياتلىشىپ ماڭىدۇ،پەقەت كىشلەرنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش دەرىجىسىدە پەرق بولىدۇ، بىر ئىنساننىڭ بىر ئىنسانغا مەلۇم بىر ھەقىقەت سۆزلىشى ياكى تونۇتۇشى شۇنى چۈشەندۇرىشىمۇ شۇ ۋەجىدىن. ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر ئىنسان تائىپىدىكى كىشلەرنىڭ بىر-بىرىگە ھەق يەتكۈزۈش زۆرۈرىيىتى بولماسلىقى كىرەك.بۇ دەل ئەسلى ئىنسان تەبىئىيتىدىن بارغانچە ياتلىشىپ، ئەسلىيىتى سۇسلاپ، ئىجتىمائىيلاشقاننىڭ مەھسۇلى. tzGQo5\
I[\7Bf
لوشۈن ئەپەندى:«ھاياتلىق سەپىرىدە،كەلگۈسى تولىمۇ يىراقتا،تولىمۇ قاراڭغۇلۇقتا،ئەمما قورقماڭ،قۇرقمايدىغان ئادەمنىڭ ئالدىدا داغدام يول يېيىلىپ ياتىدۇ» دىگەن بىر ھېكمەتنى قالدۇرغانىكەن. مەن بۇخىل تەسەللىينى ئۈمىدۋارلىق ئەمەس،پەقەت قاراملىق دەپ چۈشەندىم، .ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت «يالاڭ ئاياغ سۇدىن قورقماپتۇ» دىگەن تەمسىلگە تەققاسلىنىشى مۇمكىن. كەلگۈسىنىڭ ئۇزاق بىر جەريان ئىكەنلىكىنى، تولىمۇ قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىش ھىچكىمگە يات ئەمەس، چۈنكى بۇ تۇيغۇ ھەممە ئىنسانغا ئورتاق يەنى ئىنسان ئەسلى ئۆزىدىكى ساپ بولغان تۇيغۇ بولغاچقا ،ھەممە كىشىدە ئوخشاش بولىدۇ،ئەمما كەينىدىكى سۈنئىي ياسالغان سۆز بىرىكملىرى ئىجتىمائىيلىشىشنىڭ ھاسىلاتى. ساختا تەسەلليدىن ئىبارەت،بۇنىڭ ھىچكىمگە پايدىسى يوق، بۇنى كۆرۈپ ھىچكىم قورقماس،ئۈمىدۋار بولۇپ كەتمەيدۇ. خۇددى قەدىمكى يۇناندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە كىشلەر بىلىمنى،ئەدەپ-ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىپ كىلىۋاتىدۇ، ھىلىھەممۇ ھەم شۇنداق، ئەگەر بۇنىڭ تەسرى بولغان بولسا بارلىق ئىنسانلار بۇ زامانغا يېتىپ كەلگۈچە ئالىم، مۇتەففەككۇر، شۇنىڭدەك پەرىشتە بولۇپ كىتەر ئىدى.نىمە ئۈچۈن توققۇزى تەل دەيمىز؟ نىمىشقا 10ى دىمەيمىز؟ ئەگەر 10ى تەل بولسا ئۇ ئىنسان ئەمەس پەرىشتە بولۇپ كىتەر ئىدى، سېنىڭ ھەممە نەرسەڭ توپتولۇق،كەمكۈتسىز بولسىمۇ، ئستىداتىڭ جاھانغا تارالسىمۇ ياراتقۇچى ساڭا ئاتا قىلغان روھ قەپىزىڭگە چەكسىزلىكنى سىغدۇرغىلى بولغانلىقتىن بۇ دۇنيادىكى ھېچنىمە ئۇنى تولۇقلاپ بولالمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئون- يەنى بىر پۈتۈنلۇك ئەمەس توققۇز بولۇپ ياشايسەن،توققۇز ئۈچۈن كۈرەش قىلىسەن، توققۇز ئىچىدە لەھەتكە كىرىسەن. 8P-ay<6
E~fb
#6
داۋامى بار R@jMFh;
|