查看完整版本: [-- ئۇزچاق بىلەن تۇردى توختى مۇئەللىمنىڭ  سوھپىتى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئۇزچاق بىلەن تۇردى توختى مۇئەللىمنىڭ  سوھپىتى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

uzqak 2013-05-29 18:10

ئۇزچاق بىلەن تۇردى توختى مۇئەللىمنىڭ  سوھپىتى

ئۇزچاق بىلەن تۇردى توختى مۇئەللىمنىڭ  سوھپىتى 21 ViHV  
  گەر ساڭا يار بولسا ئىدراك ئەقىل ،   <>]1Y$^Y  
شامچىلىك بولسىمۇ يورۇتۇپ ئۆت دىل . &-=K:;x  
ئىنساننىڭ بىلىمدىن ئاشار قىممىتى ، ;@9e\!%  
بىلىم ئال ، ياشىسۇن ساڭا ئەل مايىل. Z2#`}GI_m  
مەيلى ئۆت قۇتۇلماي  قايغۇ ھەسرەتتىن، I(n }<)eF  
ۋە ياكى پۈكۈلسۇن جىسمىڭ كۈلپەتتىن . x/xb1"  
ئاۋامنىڭ قۇچۇقى بىر ئىللىق قۇياش، qU-!7=}7  
ھامىنى بەھرىمان قىلۇر لەززەتتىن. .... g_vm&~U/'  
ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىننىڭ بۇ مىسرالىرىنى ھەر بىر قېتىم ئوقۇغۇنىمدا بۇ قۇرلارنىڭ ۋەزىنىنى ئۆز ئەمىليىتىدە كۆرسىتىپ تىرىشچانلىق بىلەن ياشاۋاتقان نۇرغۇن كىشلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ. شۇ كىشىلەر ئىچىدە 4jGLAor|  
تەرىپلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئۇستازىم  بار. گەرچە مەن ئۇنىڭ قولىدا بىۋاستە تەربىيلەنمىگەن بولساممۇ ئۇنىڭ يازمىلىرىدىكى «مائارىپ،ئىنسانىلىق ، مەدەنىيەت ،  تارىخ »  ھەقققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىدىن  بەھىرلىنىپ كېلىۋاتقان  شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. W$'0Dc  
«بىز نېمە قىلىۋاتىمىز؟بالىلىرىمىز نىمە  قىلىدۇ؟ » «مۇستەقىل دۇنيا قاراش – يېڭىلىق يارتىىش روھىنىڭ ئاساسى» « مائارىپ تەرەققىيادى ۋە ئۇقۇتۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزۋاتقان ئامىللار » «ئە جداتلىرىمىز ياشىغان زېمىن» 88l,&2q  
« ئەخلاقى ساپا ،بىلىم سەۋىيە ، خاراكتېر پەزىلەت ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت»  «ئۇيغۇرلاردا خاراكتېر ئالاھىدىلىك(مىللىيەت) » «تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى»« ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ زەئىپلىكى »  « ئۆزىنى ئىتىراپ قىلىش‹‹ بېغىشلاش بولمىسا،تەربىيەمۇ ، مائارىپمۇ بولمايدۇ»« ئۈزىنى تۇنۇش،ئۈزىدىن ھالقىشنىڭ ئاساسى»  دېگەندەك كۆپ قىرلىق ئەسەرلىرى بىلەن  ھەر قايسى مۇنبەرلەردە مۇنبەرداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بۇ پىشقەدەم ئۇستاز ،ئۇزۇن يىللاردىن بويان ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى تورداشلىرىغا ئۈنسىز بېغىشلاپ. ئىلغار ئىدىيەسى ، ئۆزگىچە قاراشلىرى بىلەن ئوقارمەنلىرىنى زەرەتلەپ كەلدى. شەرىق ئېلىنىڭ دانىشمىنى ،ئەخلاق ئىلىمىنىڭ ئاتىسى لوقمان ھەكىمنىڭ : « بارچە يۈكنى كۈتۈردۈم ، ئەمما بۇرۇچتىن ئېغىراراق يۈكنى كۆرمىدۈم .»  دىگىنىدەك تۇردى توختى مۇئەللىم  بۇرۇچتىن ئىبارەت  بۇ ئېغىر« يۈكنى » ھەقسىز ، تەماسىز  ، خالىسانە ھالدا كۈتۈرۈپ كەلدى.شۇ سەۋەپتىن تۇردى توختى مۇئەللىم بىلەن سوھپەت ئۆتكىزىش ئىستىگىدە  قولۇمغا قەلەم ئالدىم. H^ BYd%-  
b\giJ1NJB  
ئۇزچاق :ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم  مۇئەللىم ؟!  مەن سىزنىڭ بۈگۈنكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىزغا ۋە بىزنى قىزغىنلىق بىلەن قوللىغانلىقىڭىزغا رەخمەت ئېيتىمەن دىدار غەنىمەت  . سىزنى تورداشلار  مۇنبەرلەرگە يوللىغان يازمىلىرىڭىز بىلەن  مەۋھۇم دۇنيادىلا تونۇپ كېلىۋاتىدۇ ، رېئاللىقتىكى سىز  كىم ؟   كۆپچىلىككە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز قانداق ؟  !r e1EL  
$r79n-  
تۇردى توختى : ئۇزچاق ياخشىمۇ سىز؟ مىنىڭ سىزگە ۋە تورداشلارغا سۆلەپ بەرگۈدەك ئالاھىدە تەسىراتىممۇ يوق ئىدى.مەن تورغا ماقالە يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن،بۇنىڭغا چۈشلۇق قېرىداشلارغا ياخشى ئەسەرلەرنى سۇنالمىدىم،بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇزلىنىمەن.قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تور يۈزىدە مىنى قوللىغان قېرىنداشلارغا،شۇنداقلا بارلىق تور ئەھلىگە ھۆرمىتىمنى بىلدىرىمەن. QVtM.oi!Q  
P^i.La,  
مەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھيىسىدىن،1982-يىلى تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ،ئاقسۇ دارىمۇئەلىمىننىڭ تەنتەربىيە كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان،1985-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئانا مەكتىۋىم يۇرچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىگە تەقسىم قىلىنىپ،2011-يىلى مەكتەپلەرنى قوشىۋاتقانغا قەدەر شۇ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى،مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدىم.ئارىدا 1992-1994-يىلغىچا ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتوتىنىڭ سىياسى-مائارىپ كەسپىدە بىلىم ئاشۇردۇم.مەكتەپلەرنى قوشىۋەتكەندىن بۇيان ناھيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئىشلەپ كىلىۋاتىمەن.مەن كىچىكىمدىنلا كىتاب ئۇقۇشقا ھېرىسمەن ئىدىم.كىيىن يازغان ماقالىلىرىمدا كىتاپ ئۇقۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىمنىڭ زور ياردەملىرى بار دەپ قارايمەن. >emcJVYV`[  
Fo}7hab  
ئۇزچاق : بۇندىن 7  يىل ئىلگىرى مېنى قىزىقتۇرغان ئالاھىدە بىر تەرپىڭىز بار ئىدى. تورغا چىققان نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ رېئاللىقتىكى سالاھىتىنى يۇشۇرۇپ ،ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا سىز ئۆز ئىسمىڭىز بىلەن  مۇنبەرلەرگە تېما يوللىدىڭىز. بۇنىڭ ئالاھىدە بىر سەۋەب بارمۇ؟   نىمە ئۈچۈن توردا ئەسەر ئېلان قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىڭىز؟ o@k84+tn(  
WG5W0T_  
تۇردى توختى : ئۆز ئىسىمىم بىلەن تورغا چىقىشتا باشقا ئالاھىدە سەۋەپمۇ يوق.مەن رىياللىقنى ھەم ئەمىلياتچان بۇلۇشنى كۆپرەك ئۆزەمگە مىزان قىلىپ كەلدىم دەپ قارايمەن.تور مەۋھۇم دۇنيا بولسىمۇ بۇ دۇنيادا يانا ئوخشاشلا رىيال ئادەملەر پالىيەت قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدە ئاساسەن ئۆز قېرىداشلىرىم بار.مەن مۇشۇ نوقتى ئويلاپ ئۆز ئىسىمىم بىلەن تورغا چىقىشنى قېرىداشلارغا بۈلدۈرگەن ساداقىتىم ھەم ھۆرمىتىم ھىساپلاپ ئۆز ئىسىمىم بىلەن تورغا چىقىشنى لايىق كۆرگەن.مىنىڭچە قانداق ئىسىم بىلەن تىزىملىتىش تور دۇنياسىدىكى قېرىداشلارنىڭ ئەركىن تاللىشى.قانداقلا ئىسىم بىلەن تورغا چىقمايلى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ،قېرىداشلارنىڭ مەخپىيىتى ۋە شەخسىيىتىگە دەخلى يەتكۈزمىسەكلا قېرىداشلارمۇ بىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قىلىدۇ.بۇنىڭدىن بىزگە باشقىچە قولايسىزلىقلار شەكىللەنمەيدۇ دەپ قارايمەن. 98=la,^$  
|B^G:7c  
تورغا ماقالە يېزىشىمدىكى سەۋەپ بولسا تور دۇنياسى بىر قەدەر ئەركىن،توردا ماقالە-ئەسەرلەرنى كۆردىغان كىشىنىڭ سانىمۇ خېلىلام كۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تورداشلار بىلەن ئەركىن مۇنازىرلەشكىلى بولىدۇ.بۇنداق ئەركىن مۇنازىرە ئادەمنىڭ كۆپلەپ ماتىريال كۆرىشىگە تۈرۈتكە بۇلۇپ،ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.سىز ئويلىمىغان تەرەپلەردىكى مەسىلىلەرنى تورداشلار ئوتتۇرىغا قۇيۇدۇ،سىز بۇنىڭغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن تەييارلىقلەرنى قىلىسىز،بۇ مىنىڭچە بىر جانلىق ئۈگۈنۈش پۇرسىتى.بۇ تەرەپلەردىن قارىغاندا ، مەتبۇئاتتا بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر ھازىرلانمىغان.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن توردا ماقالە ئىلان قىلىشنى بىر خۇشاللىق ئىش دەپ قارايمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دۇنياسىدا تۈرلۈك كەسىپتىكى،خىلمۇ –خىل دۇنيا قاراشتىكى كىشىلەر،ساپاسى يۇقىرى زىيالىلار خېلى كۆپ تولاشقان بۇلۇپ،توردا مەشخۇلات قىلغاندا ئادەمنىڭ ئىجدىمائى بىلىمى زور دېرىجىدە ئاشىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن. >NM\TLET~  
Y*LaBxt Q  
ماقالىلىرىمنىڭ ئارىدىكى تور توختاش مۇناسىۋىتى ۋە بىر قىسىم تور بېكەتلىرنىڭ توختىتىلىشى شۇنداقلا كومپىيۇتېرىمنىڭ پورماتلىنىپ كىتىشى مۇناسىۋىتى بىلەن يوقاپ كەتكەنلىكى راست.مەن شۇ چاغدا ھەقىقەتەن ئەپسۇزلانغان.شۇنداقتىمۇ تورلاردىكى ئىزداش ماتۇرلىرىغا تايىنىپ خېلى كوپ ماقالىلىرىمنى تېپىۋالدىم،يانا بىر قىسىم ماقالىلىرىمىنى ھازىرغىچە تاپالمىدىم.بۇنىڭلىق بىلەن مىنىڭ توردا ماقالە ئىلان قىلىش قىزغىنلىقىم سۇسلىشىپ قالغىنى يوق،چۈنكى تور دۇنياسىدا مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۋاتقان قېرىداشلىرىم ھەم ماقالىلىرىمنى ئۇقۇۋاتقان دوستلىرىم ،تەكلىپ- پىكىرلەرنى بىرىۋاتقان ئېزىزلىرىم ھېلىھەم بار. )/|6'L-2  
I%lE;'x  
سىز ئۆزىڭىز ئىشلىگەن ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ›› ھەققىدىكى قول يازمىڭىزدا مۇنداق قۇرلارنى يېزىپسىز  . «ساي ئوتتۇرا بۇ-كەلپىن ناھيىسىنىڭ يۈرچى يېزىسىغا جايلاشقان يۈرچى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ ئامىباپ ئىسىمى ، بۇ ئىسىم كەلپىندىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان،كىشىلەر ھېلىھەم سېغىنىش بىلەن پەخىرلىنىپ تىلغا ئېلىشىدىغان، ئەڭ ‹‹مۆتىۋەر››ئىسىملارنىڭ بىرسى» «مەكتەپ 1971-يىلدىكى كۆچۈشتە يۈرچى كېنىت تەۋەسىدىكى گىيا ئۇنمەيدىغان ‹‹غىڭ ساي››غا يېزىدىكى كەڭ دېھقان ئاممىسىنى ھەركەتلەندۈرۈپ سېلىنغان بولغاچقا شارايىتى بەك ناچار،تۇپراق،سۇ مەسىلى ئىنتايىن قىيىن،كۆكەرتىش ئىشلىرى بەكمۇ جاپالىق بولۇپ،بۇ مەكتەپ ئۈچۈن يۈرچى يېزىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈزۈلمەي قان- تەرى سىڭگەن.كۆكەرتىش  ئەمگىگى جەريانىدا(1977-يىلى) مەكتەپنىڭ مۇننەۋەر ئۇقۇغۇچىسى ئابدۇللا مەپىزنى يار بېسىۋېلىپ،قىممەتلىك ھاياتىنى ‹‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ››نىڭ كۆكەرتىش قۇرلىشى (شۇ مەسۇمنىڭ قېننى ئىچمىسە كۆكەرمەيدىغاندەك) مەڭگۈگە ئېلىپ كېتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ كۆكەرتىش ئىشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايتتى،چۈنكى بۇ سايلىقتا ئاپتاب بىلەن قەھرىتان سوغۇقتىن باشقا نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى،نەچچە ئون مۇئەللىم بار ئىدى.» Q8qz*v]{  
«بىز يېڭى ئورۇنغا يوتكىلىپ چىققان بولساقمۇ بىزنىڭ يۈرەك-باغرىمىز يانىلا ‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ›بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان،مەن قېرىداشلارنىڭ يېڭى ئورۇندا ‹ساي ئوتتۇرا مەكتەپ›روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىشىغا چۇڭقۇر ئىشىنىمەن!شۇنداقلا بۇ ئانا مەكتەپنىڭ پات يېقىندا ئەسلىگە كىلىشىگىمۇ ئىشنىمەن،چۇنكى ئۇ ھازىرمۇ بىزنىڭ روھىمىزدا بىز بىلەن بىرگە ياشىماقتا» <@uOCRb V  
!; v~^#M]~  
بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاقىتتتىكى ھېسىياتىڭىز بىلەن ئورتاقلاشساق دەيمەن، .$rC0 
{nMAm/kyj  
تۇردى توختى : ساي ئوتتۇرا مەكتەپ مىنىڭ ئانا مەكتىۋىم،شۇنداقلا مەن ساي ئوتتۇرا مەكتەپتە 26يىل ئۇقۇتقۇچىلىق قىلدىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مىنىڭ بۇ مەكتەپكە بولغان ھۆرمىتىم ھەقىقەت يۇقىرى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ماقالىدا تىلغا ئېلىنغىنىغا ئوخشاش ساي ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ شارايىتى ھەقىقەتەن جاپالىق ئىدى.بۇ زېمىنغا كەڭ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن،ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇ زېمىن ئۈچۈن توككەن تەرلىرى ھەقىقەتەن كۆپ،ھەرقانداق ئادەمنىڭ قايىللىغىنى قوزغايدۇ. P0GeZ02]  
d- E4~)Qy  
مەن سىز كۆرسەتكەن يازمىدىكى مەزمۇنلارنى يېزىۋاتقان چاغدا بىر تەرەپتىن قېرىداشلىرىمنىڭ يۈرچى ئوتتۇرا مەكتىۋىگە قىلغان ئەجرىلىرىنى،ئاقۇزغان قان-تەرلىرىنى،جاپالىق شارايىتتا ئېلىپ بارغان ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش پالىيەتلىرىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىچىلىرىنى ئويلىسام،يانا بىر تەرەپتىن مەدىنىيەت ھادىسىسى بولغان مەكتەپلەرنىڭ قۇشىۋېتىلىپ،ئۆزەمنىڭ كىندىك قېنى تۆكەلگەن ئاشۇ ئېزىز مەھەللەمنىڭ(يېزامنىڭ) مەدىنىيەتتتىن ياتلىشىپ،بۇيۇن قىسىپ،مۇڭلىنىپ قالغان ھالەتلىرىنى ئويلىدىم،ئۆزەم بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرىمنى،مىنى تەربىلەپ ئۆستۈرۈشتە ئۆزىنىڭ بىلگەنلىرىنى مەن ئۈچۈن ئاتا تەربىيەسىنىڭ ئورنىدا ئايىمىغان چوڭلارنى،ماڭا كۇيۇمچانلىق تەربىيىسىنى بىرىپ،ئادەم بۇلۇشنىڭ قايدىلىرنى ئۆگەتلەن ئانامنىڭ ئورنىدىكى ئانىلىرىمنى،مەكتىۋىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق كىشىلەرنى شۇنداقلا بۇ ئېزىز زېمىننىڭ كەلگۈسىنى ئويلىدىم،شۇنداقلا ئاتا-ئانا تەربىيەسىنىڭ ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىم بولغان تەربىيە ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ،مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئورۇنلىرىدا قەد كۈتۈرىشىنى ئارزۇ قىلدىم.بۇ نوقتىدا مەندىن باشقا ھەرقانداق ئادەم قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ شۇنداق ئويلار بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن بولاتتى دەپ ئويلايمەن.مەن بۇ ئەرزىمەس يازمام ئۈچۈن يۈرچى ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئىلگىرى – كىيىن ئۇقۇغان نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تېلفۇن ۋە ئىنكاسلىرىنى تاپشۇرۋالدىم،شۇنىغا قاراپ ئۆزەمنىڭ بۇ ئەسلىمىنى يېزىپ قالدۇرغىنىمدىن سۇيۇندۇم. Oejq@iM"(  
0GXO&rCG  
ئۇزچاق : يازمىلىرىڭىزنىڭ تەرەقىياتىنى مۇنداق خۇلاسلەپ باقتىم . دەسلەپ 2000- يىللىرى ئەتراپىدا ئەسەرلىرىڭىزدە «مەكتەپلەردىكى مەسىللەر» نى ئاساس قىلدىڭىز. كېيىنچە «مائارىپ ئادىللىقى » ھەققىدە توختالدىڭىز، كېيىن « مەدەنىيەت تارىخىمىز ھەققىدە » توختالدىڭىز. 2010 يىللىرىغا كەلگەندە «ئۆزلۈك ۋە ئۆزىنى تۇنۇش ھەققىدە » توختالدىڭىز . ئاندىن ئاخىرىدا پىسخىكا ئۆگىنىشنى تاللىدىڭىز . بۇلار ئوتتۇرسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ % _M2N.n  
UlovXb  
تۇردى توختى : بۇ سۇئالنى ياخشى سوراپسىز،مەن ئۆزەممۇ يازمىلىرىمنى سىز ئايرىغاندەك باسقۇچلارغا ئايرىپ باقمىغان ئىكەنمەن،بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم سىزگە تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن. qr(`&hB-L  
@R2at  
مەن بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن ئۆزەمنىڭ بىر ئىنسان،ئاندىن كىيىن بىر ئۇقۇتقۇچى ئىكەنلىكىمنى ئوترىغا قۇيىمەن.مەن ئىنسان بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئادەملەر بىلەن ئىجدىمائى مۇناسىۋەتلەردە بۇلۇپ شۇ ئىنسانلار توپى ئىچىدە ياشايمەن،ئۇقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مائارىپ خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈچۇمنىڭ يىتىشىچە ياشلارنى تەرەبىلەشكە ئۆزەمنىڭ بارلىغىنى ئاتىغان،باشقىچە دىگەندە مىنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ خىزمىتىم يانىلا ئادەم تەربىلەش،ئۇنى چۈشىنىش ۋە ئادەملەر بىلەن مۇناسىۋىتلىشى خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى نوقتىنى جىپسىلاشۇرساق بۇنىڭدىن يانىلا ئىنسان پالىيىتى مۇناسىۋەتلىرى كىلىپ چىقىدۇ.بۇنىڭدىن مىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ۋە ئىنسانلىق بۇرۇچىمدا بىردەكلىك بارلىغىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.بۇ مەندىكى ۋە بارلىق ئۇقۇتقۇچىلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك دەپ قارايمەن. 3Rv7Qx  
4FMF|U  
ئەمدى سىز دىگەن مەسىلىگە كەلسەك مىنىڭ يۇقارقى باسقۇچلاردا يازغان يازمىلىرىمنىڭ مۇناسىۋىتى قۇيۇق،چۈنكى يازمىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئىنسان پالىيىتى ئۇستىدە ئىزدىنىشنى ئۈزىگە مەقسەت قىلغان. W?RE'QV8  
` $5UHa2/  
مىنىڭچە مەيلى مائارىپتىكى مەسىلىلەر بولسۇن،مەيلى مائارىپ ئادىللىقى بولسۇن،تارىخ ياكى مەدىنىيىتىمىز بولسۇن،مەيلى پىسخىكا ئوگۇنۇش جەريانلىرى بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەدىنىيەت ھادىسىدى ئىكەنلىەىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس.ئىنسانلارنىڭ ياراتقان بۇ مەدىنىيەت ھادىسىلىرىنى قانچىكى ئەتراپلىق چۈشىنەلىسەك بىز ئۇقۇتقۇچى بولغان كىشىلەرنىڭ ،پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەشتە شۇنچە پايدىسى بار دەپ قارايمەن،مەن مۇشۇ رىياللىقنى چىقىش قىلىپ،سىز ئايرىغان باسقۇچلار بۇيۇچە ئىزدىنىپ باقتىم دەپ ئېيتىيالايمەن،بۇ بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاقۇزۇشتا،ئۆزنى چۈشىنىشتە،ئۆزىنى قۇبۇل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان جەريانلار ھىسابلىنىدۇ. -V 
^>$P)=O:v  
ئۇزچاق : يىقىندىن بويان يازغان يازمىلىرىڭىزدا  «ئۆگىنىش ئۇسۇلنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە » توختالدىڭىز . ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يەتكۈزۈشتە  قانداق توسالغۇلار بار؟ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىتىشنىڭ ئەھمىيىتى نىمە؟ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىز بىلەن ئورتاقلاشساق. #;tT8[Ewuw  
udqS'g&  
تۇردى توختى : ئۈگىنىش ئادەمنىڭ ئۆمۈرىنىڭ بېشىدىن تاكى ئاخىرغىچە سىڭىپ كەتكەن بۇلىدۇ.بۇ دىگەنلىك ئادەم ياشاش جەريانىدا نۇرغىنلىغان بىلىملەرگە ئېتىياچلىق بولىدۇ.مۇشۇ بىلىملەرنى ئۈگىنىش، قۇبۇل قىلىش جەريانىدا تۈرلۈك-تۈمەن ۋاستىلەرنى قوللىنىپ بېقىشى مۇمكىن.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاشۇ ۋاستىلەر ئىچىدىن بىلىمنى ھەم تىز،ھەم توغرا ئىگىلىيەلەيدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.بۇ ئېيتىماققا ئاسان بولغىنى بىلەن ئەمىليەتتە بۇنداق ئۇسۇلنى تېپىپ چىقىش ئانچە ئاساسن ئەمەس. d+L#t  
[IBQvL  
مىنىڭچە ئۈگىنىش ئۇسۇللىرىنى يەتكۈزۈتە تۈۋەندىكى تەرەپلەر توسقۇنلۇق رولنى ئوينىشى مۇمكىن.بىرسى بىلىم ئۈگەتكۈچىنىڭ ئۆزى ئۈگەتمەكچى بولغان بىلىمنى قانداق ئۈگىتىش قابىليىتى يېتەرسىز،ئۆزىنىڭ كەسپىگە پۇختا بولماسلىق ۋە ئۇنىڭدىكى يەتكۈزۈش رېتىمىنىڭ قالايمىقان بۇلۇپ،نىمىنى،قانداق ئۇسۇلدا يەتكۈزىشنى ئاخىرغىچە ھىس قىلالماسلىق مەسىلىلىرى،شۇنداقلا ئۇنىڭ خارەكتىرى بىلەن ئىگىلىگەن بىلىمى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ماس كەلمەسلىك مەسىلىسى.يانە بىرى  بولسا بىلىم قۇبۇللىغۇچىنىڭ قىزىقىشى،پۇزۇتسىيىسى ۋە شۇ بىلىمگە بولغان ئېتياجىنىڭ ئانچە روشەن بولماسلىقى . E@)\Lc~  
]> ! 
يۇقارقى ئىككى مەسىلىنى كونكىرىتلاشتۇرساق يانىلا شۇ ئىككى مەسىلە دائىرىسىدىن چىقىپ كىتەلمەيمىز دەپ ،قارىغانلىغىم ئۈچۈن بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە كونكىرىتنى توختالمايمەن.مىنىڭ بۇ يەردە دىگەنلىرىم نورمال ئادەملەرگە قارتىلغان بۇلۇپ،تۇغما ئىختىدارسىز كىشىلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. hXL|22>w<  
*MM#Z?mP  
توغرا بولغان ئۈگىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئەھمىيىتى مىىڭچە تۈۋەندىكە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.1)ۋاقىت ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ بىلىم ئىگەنلىگىلى بۇلىدۇ.2)ئۈگەنگەنلىرىنى ئەمىليەتتە ئىشلىتىش ئىقدىدارى ئاشىدۇ.3)كۆپ قىسىم زېھنى قۇۋتىنىڭ ئىسراپ بۇلۇپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.4)ئادەمنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ،ئۇتۇق تۇيغۇسىنى كۈچلەندۈرىدۇ 5)خارەكتىر پەزىلىتى،ئەخلاق پېزىلىتى ۋە ئادىمىلىك نىزامىنى كۈچلەندۈرىدۇ. xp \S2@<  
f4t.f*#  
ئۇزچاق ؛ ئادەم ھايات مۇساپىسىگە قايرىلىپ قارىغىنىدا ئۆز-ئۆزىدىن رازى بولغان ئىزلار ۋە بىھۇدە ئۆتكەن كۈنلىرىدىن مەيۈسلەنگەن چاغلار كىشنى ئويغا سالىدۇ. مۇساپىڭىزدا سىز رازى بولغان ۋە شۇ سەۋەبلىك قولغا كەلتۈرگەن 2!&pEqs  
C 0C0GqN,  
 نەتىجىلىرڭىزنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى خالامسىز؟ بىھۇدە ئۆتكەن كۈنلىرىڭىز ھەققىدە ئۆز-ئۆزىڭىزگە نېمىلەرنى دېگۈڭىز كېلىدۇ؟ w 
19u =W(  
تۇردى توختى : بۇ نوقتىدا مىنىڭ، باشقىلارغا بىلدۈرگۈدەك ھايات مۇساپەمدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىم كۆپ ئەمەس،مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن قىلغان ئەجرىمدىن ۋە ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش جەريانىدىكى پالىيەتلىرىمدىن ئازراقلا مەمۇن بولالايمەن دەپ قارايمەن،شۇنداقلا مەن تەربىلىگەن ئۇقۇغۇچىلار مەندىن ئاز-تولا رازى بولغان بولسا مەن ئۇقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدىن سويۇنگەن بولاتتىم. +++pI.>(*Q  
`ii xq9xi  
بىھۆدە ئۆتكەن كۇنلىرىدن ئەپسۇسلانمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك،ھەم ۋاختىمىنى ھەممىسىنى مەنىلىك ئىشلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈپ بىھدىلىككە ئورۇن قالدۇرمىدىن دەپ ئېيتىيالايدىغان ئادەم بولىشىمۇ ناتايىن.ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغان سىرى ئادەم بىھدە ئۆتكەن كۈنلىرىگە ھەقىقەتەن ئۆكىنىدىكەن. '5.\#=S1  
D_D,t8_Y  
بىھۆدە ئۆتكەن كۈلىرىمنى پۇشايمان بىلەن ئەسكە ئالغان چېغىمدا ،ئۆزەمگە ھاياتنىڭ تولىمۇ قىممەتلىك ھەم تولىمۇ قىسقا بولدىغانلىغىنى ئەسكەرتىپ تۇرىمەن.بۇ ئەمىليەتتە ھازىر باشلىساڭمۇ كىچىكمەيسەن دىگەن تەسسىلى بولسا كېرەك. Ej(2w Q  
<e"J4gZf&  
ئۇزچاق :  مۇشۇ زىيارەت مۇناسۋېتى بىلەن  ئوقۇتقۇچىلارغا  دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق بولارمۇ؟ q?  z>  
تۇردى توختى : مىنىڭ مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەسىپداشلارغا دەيدىغىنىم ،ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ خارەكتىرىنى تۇلۇق چۈشىنىپ،كىمنى،قانداق تەربىلەشنى،نىمە ئۈچۈن تەربىلەشنى ھەقىقى تۇنۇپ يىتىپ،ئۆزىنىڭ بارلىغىنى مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلسا دىگەن مەڭگۈ يېڭى پېتىدا تۇرىدىغان كونا گەپتىن ئىبارەت بۇلۇپ،بۇ گەپنىڭ ۋەزىنىنى چۈشىنىپ،مەجبۇريىتىنى ئادا قىلالىغان ئۇقۇتقۇچىلار ھەقىقى ئۇقۇتقۇچى بولالايدۇ دەپ قارايمەن. $Xf(^K  
;)/@Xx  
ئاخىردا كەسىپداشلار ۋە تورداشلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەتلىرىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە،سۆھبەت جەريانىدا قېرىنداشلارغا تۈزەكرەك بىر نەرسە دەپ بېرەلمىگەنلىكىمدىن ئۆزرە سورايمەن. k=n "+  
?l6jG  
  s zq+@2:  
تۇردى توختى مۇئەللىم : زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلغانلىقىڭىزغا مۇنبەرداشلار نامىدىن رەخمەت ئېيتىمەن. sBW3{uK  
تۇردى توختى  : سىزنىڭ ماڭا مۇشۇ پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەنلىكىڭىزگىمۇ كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ;sQbn|=e"  
ئۈزچاك : «  كىشى گەر ئۆز شامىنى ياندۇرماس، 4F#%f#"  
يورۇقلۇق نىشانىنى ئەسلا كۆرەلمەس .» L,M+sN  
دېگەندەك ئۆز شامىڭىزنى ياندۇرۇش يولىدا باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىزدىن بەركەتلەر ياققۇسى! تېنىڭىزنىڭ سالامەت، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى   تىلەيمەن! ;h=S7M9 .  
  :YvbU Y  
KTmaglgp  
OgMI  

mamatjan74 2013-05-29 18:46
ئۇزچاق مۇئەللىم،كۈندىلىك خاتىرىڭىزنىڭ 51-سانىغا،51-قېتىملىق ئوقۇتۇش تەجرىبىڭىزگە،51-قېتىملىق يېتەكلىشىڭىزگە تەشنامىز.

مەمەتئېلى 2013-05-29 19:06
ئۇزچاق مۇئەللىم، مېنىڭچە سىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىڭىزىدىن ھەممە تەۋپىقداشلار زور مەنىۋى ئۇزۇقلارنى ئالغان ئىدى. بۇ سۆھبەتتىنمۇ نۇرغۇن ھاسىلاتلارغا ئىرىشكۈدەكمىز.  مىللى مائارىپىمىز يۇلىدا ماڭغان ھەر بىر قەدملىڭىزدىن گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاي!

ئەكبەرنىياز 2013-05-29 20:18
ئۇستازنىڭ ئەجرىگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز ئۇستاز !!! jc3ExOH  
سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بىزنى يېڭى -يېڭى تونۇشلارغا ئىگە قىلىدۇ !

kamalat 2013-05-29 23:28
مىللى مائارىپىمىز يۇلىدا ماڭغان ھەر بىر قەدملىڭىزدىن گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغاي!ئەجرىگە كۆپ رەھمەت

tawpek 2013-09-12 22:48
تۇردى مۇئەللىمنىڭ رەسىمى  يۇقمىدۇ،  مۇنبىرىمىزگە ئەزامىدۇ؟


查看完整版本: [-- ئۇزچاق بىلەن تۇردى توختى مۇئەللىمنىڭ  سوھپىتى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled