دېڭىز ھېسلىرى
دېڭىز ھېسلىرى
رازىيە تىلئەخمەت(غۇلجا شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 14-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى)
قارايمەن ئولتۇرۇپ دېڭىز بويىدا، ھەيۋەتلىك مەۋج ئۇرۇپ چىققان دولقۇنغا. قەلبىمگە خۇشاللىق بەخش ئەتكۈچى، دېڭىز ئۇ ئاشۇنداق گۈزەل بىر دۇنيا.
دېڭىزنىڭ زېننىتى رەڭدار بېلىقلار، پىلتىڭلاپ ئۈزۈشۈپ ئوينار ھەرياندا. قەلبىمگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەر ھەم، ئۈمۈدتە باقىمەن شۇدەم ھەريانغا.
بۇيەردە ياشايدۇ كىتلار،لەھەڭلەر، گاھىدا تولىدۇ كۈچلۈك خىرىسقا. ئاجىزلار يەم بولار كۈچلۈكلىرىگە، شۇ سەۋەپ ئوخشاتقۇم كېلەر تۇرمۇشقا.
ئۆزىنى تەڭداشسىز چاغلىغان لەھەڭ، خاتىرجەم يۈرەلمەس يېتىپ كەلسە كىت. غوجامغا غوجا بار،چامغۇرغا ئورا، باتۇرلار ھەممىنى قىلىدۇ جىمجىت.
بۇيەردە خۇشاللىق بۇيەردە قايغۇ، بۇيەردە كۆرىسەن ھەممە-ھەممىنى. دېڭىز ئۇ ئاشۇنداق قاينام بىر دۇنيا، خالىماس ئۇ مەڭگۈ،مەڭگۈ جىملىقنى. |