danix |
2013-05-28 12:15 |
نادىرئاي قاتارلىق ئايلارغا سۇئال ( دانىش )
نادىرئاي قاتارلىق ئايلارغا سۇئال ( دانىش ) L=EkY O%\" نادىرئاينىڭ << كېلىن بولماق ئاسانمۇ ؟ >> دېگەن شېئىرىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا قىزىپ كەتكەن مۇنازىرە مېنىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلدى . مۇنازىرىلەردىن قارىغاندا يىگىت ( ئەر )لەر بىلەن قىز( ئايال)لارنىڭ قارىشى ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ . مەنمۇ بىر ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن نادىرئاي باشلىق ئايلاردىن تۆۋەندىكى سۇئاللارنى سورىماي تۇرالمىدىم : 1 . بىر ئانا قورسىقىدا توققۇز ئاي توققۇز كۈن كۆتۈرۈپ بىر ئوغۇلنى تۇغۇپ ، بېقىپ چوڭ قىلىپ ، ئوقۇتۇپ خىزمەتچى قىلىپ قويسا ، كېلىننىڭ بالامنى ئوبدان بېقىپ بەرمىدى دەپ ، ئانىدىن ئاغرىنىشى ئورۇنلۇقمۇ ؟ دانالىرىمىز «ئانىنىڭ بىر تامچە سۈتىنىڭ ھەققى ئۇنى ھەرەمگە يەتتە قېتىم ئېلىپ بارساقمۇ ئادا بولمايدۇ » دېگەن . دېمەك بىز ئانىغا شۇنچىۋالا قەرز تۇرۇپ ئانىنى يەنى خىزمىتىمىزگە سالامدۇق ؟ كىمنىڭ خىزمىتىنى كىم قىلىشى كېرەك زادى ؟ قەرزنى ئۈزۈش كېرەكمۇ ياكى قەرزنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېلىش كېرەكمۇ ؟ vc p{Gf|^ 2 . سىز «مەنمۇ قېينئانامنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ باققان، ھېلىمۇ قىلىمەن.» دەپسىز . لېكىن ، ئۆز رازىلىقىڭىز بىلەن قىلغان ئىشقا ، مەجىبۇرىي قىلغان ئىش ئوخشامدۇ ؟ ئەسەر مەلۇم جەھەتتىن يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسىنى ، كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ . سىزنىڭ ئەسىرىڭىزدىن قېينانىڭىزغا ناھايىتى نارازى ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ . بۇنداق نارازىلىق بىلەن قىلىنغان خىزمىتىڭىز قانچىلىك بولماقچى ؟ سىز بالىڭىزنى بىر ئىشقا بۇيرىسىڭىز ، ئۇ نارازى بولۇپ ، سىزگە « ماقۇل مانا ھازىر قىلىمەن ! » دەپ ۋارقىراپ قىلغاندەك ئىشتۇ تايىنلىق . بۇنداق ۋارقىراش بىلەن قىلغان ئىشنى قانداقمۇ ئىش قىلدى دېگىلى بولسۇن ؟ بۇ بىر قۇرساق كۈپىگى ئەمەسمۇ ؟ &B[*L+-E 3. « قىزىنىڭ بالىسىنى ئوبدان بېقىپ بېرىدۇ ، مېنىڭ بالامغا ئوبدان قارىمايدۇ » دەپ قاقشىغۇچى ئايلار ، سىزنىڭمۇ ئانىڭىز باردۇ ؟ سىز ئۇنىڭ قىزى بولغاندىكىن ، قېينانىڭىز قىزىنىڭ بالىسىنى ئوبدان باققاندەك ، ئانىڭىز سىزنىڭمۇ بالىڭىزنى ئوبدان بېقىپ بېرە ، بالىڭىزنى ئانىڭىزنىڭكىگە ئاپىرىپ قويسىڭىز قانداق ؟ ياكى قېينانىڭىز ئوقۇتۇپ خىزمەتچى قىلىپ قويغان ئېرىڭىزنىڭ پۇلىغا بالىڭىزغا قارىغۇچى تەكلىپ قىلسىڭىز بولماسمۇ ؟ V:J|shRo 4 . ئانىنى كېلىن بولغۇچى تۇغقانمۇ ؟ ياكى كېلىن بولغۇچى ئانىنىڭ ئوغلىنى تۇغۇپ ، بېقىپ چوڭ قىلىپ ، ئوقۇتۇپ خىزمەتچى قىلىپ قويغانمۇ ؟ ئانىنىڭ ئوغلىغا پۈتۈن ئىگە بولىۋېلىش ھوقۇقىنى كېلىنگە كىم بەرگەن ؟ ئانا ئوغلىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ، ئۇنىڭ ئوغلىنى ئۇنىڭدىن ئايرىپ ئېلىپ كېتىش ھوقۇقىنى كېلىنگە كىم بەرگەن ؟! 'PY; 5 . توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ، بېقىپ چوڭ قىلغان ، ئوقۇتۇپ خىزمەتچى قىلىپ قويغان ئانىسى ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن كەتكەن يىگىت بىلەن ، يىگىتنىڭ ئانىسىغا بولغان قەرزىنى ئادا قىلىشقا يول قويماي ، ئۇنى ئېلىپ كەتكەن كېلىندىن كېيىن زادى قانداق بالا تۇغۇلار ؟ شۇ ۋاپاسىز يىگىت بىلەن شۇ ۋاپاسىز كېلىندىن ئۆتە ۋاپاسىز بالا تۇغۇلماسمۇ ؟ ئۇ بالا بالا بولماي ، ئۇ بىر جۈپلەرگە بالا - قازا بولماسمۇ ؟ چۈنكى بۇ ئۆتنە ئالەم ! Sk!' 2y*@& ئاخىرىدا ، شۇ ئايلارغا ، شۇ ئايلارنى ئەگىشىپ كەتمەكچى بولغان يىگىتلەرگە ئاللادىن ئىنساپ تىلەيلى ! ئۇلارنىڭ ئانىسىغا قىلغانلىرى بالىلىرىدىن ئۇلارغا يېنىپ قالمىسۇن ! ( ئامىن ) |
|