ataxkiz |
2013-05-26 01:21 |
ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاتا ئانىلار يىغىنى ... ئاتەش قىز
tQBR
A/ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاتا ئانىلار يىغىنى ... SgS~ {4Zx* i*@<y/&' 3 يىللىق جاپالىق تىرىشىش ، كۆپ ئۈگىنىش ، ئۈلگە ئېلىشى نەتىجىسىدە تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىلىرىمنى ئۇزۇتۇش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن ، مۇشۇنداق پەيىتتە ئاتا _ ئانىلار يىغىنىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئېچىش زۆرۈر بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ، ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئەڭ ئاددىي ئەمما ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق ئاتا _ ئانىلار يىغىنى ئاچتىم ، دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش مەقسىتىدە بۇ يىغىننىڭ قىسقىچە تەپسىلاتىنى سۇندۇم ، كۆپرەك تەلەپ _ پىكىرلەرنى بەرگەيسىزلەر . }#n;C{z2e 1. ئالدى بىلەن ناھايىتى چىرايلىق ئارقا كۆرۈنۈش ماتىرىيالىنىڭ ئالدىغا جاپا چەكتىڭلار قەدىردان ئاتىلار ، مېھىرىبان ئانىلار دەپ يازدىم .( كۆرسەتمە ئېكراندا كۆرسەتتىم ) 70eb]\% 2. ئاتا _ ئانىلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى يازغان خەتلىرىنى تۇتقۇزدۇم ، ھەم ئۇلارنىڭ ئوقۇۋىلىشى ئۈچۈن ئازىراق جىمجىتلىق بەردىم ، گاھىي ئاتا _ ئانىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىدى . ( بۇ خەتلەرنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئالدىن يازغۇزۇپ ، ئۆزلىرى ياسىغان كونىۋىرىتقا سالغۇزۇپ تەييار قىلىۋالغان ) R
wZ]),o 3. ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغىنىمىز بويىچە ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى ئالدىن تەييارلىۋالغان << بىزنى كەچۈرۈڭلار پاسىبانلار ، بىزگە ئىشىنىڭلار مېھىرىبانلار >> تېمىسىدىكى ماقالىسىنى 50 ئوقۇغۇچىنىڭ تىلىدىن ئوقۇپ ئۆتتى . eep1I
:N 4. بۇ باسقۇچتا مەن سالام قىلىپ ، سۆزلەشكە كىرىشتىم . A}3=561F?5 1) ئاتا _ ئانىلارغا تەشەككۇر ئېيتتىم ، مۇشۇنداق ئەقىللىق ، سۆيۈملۈك ، ساپالىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ ، چوڭ قىلغىنىغا ھەم مۇشۇنداق لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئۇستاز بولۇش ئىمكانىيىتىنى ئاتا قىلغان بۇ ئاتا _ ئانىلارغا ناھايىتى كىچىك پېئىللىق ، سەمىميلىك بىلەن رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم ، ھەم ئاتا _ ئانىلارغا بىر قاتار مەدىھيە سۆزلىرىنى قىلىپ ئۆتتۈم . BEre*J 2 ) بۇرۇنقى بىزنىڭ سىنىپ ھەم ھازىرىقى بىزنىڭ سىنىپ ھەققىدە توختالدىم ( ئەلۋەتتە ھەممىسىدىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئاساس قىلدىم ) }#^
B#?O 3)سېنىپىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ھەققىدە توختالدىم . E.Jkf\ 4)ئۈچ يىلدىن بۇيان توپلىغان ، سىنىپىمىزدا ئېلىپ بىرىلغان تۈرلۈك تېمىدىكى پائالىيەتلەر ، يېتىشىپ چىققان << كاتتا رىياسەتچىللىرىمىز >> نىڭ << نەق مەيدان رەسىملىرى >> ، تەنھەركەت پائالىيەتلىرى ، مەن يېتىشتۈرۈپ چىققان ، مۇنبەردە تۇرۇپ دەرىس سۆزلەۋاتقان ئۇلارنىڭ جان _ جىگەرلىرى ، ئۇلار ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ قارىغان بالىلىرىنىڭ تۈرلۈك قىزىقارلىق ھەرىكەتلىرى ، قابىلىيىتىنى نامايان قىلغان كۆرنۈشلىرى ، بىزنىڭ بۇ ئاجايىپ قابىلىيەتلەرنى نامايان قىلىدىغان كىچچىكىنە سىنىپتىن ئىبارەت سىرلىق سەھنىمىزدىكى ھەر خىل رەسىملەر ، ۋە باشقا پائالىيەتلەر جەريانىدىكى رەسىملەر كۆرسىتىلدى ( ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ھەر بىر ئاتا _ ئانىنىڭ شۇ رەسىملەر ئارسىدىن ئۆز بالىلىرىنى ئىزلەۋاتقىنىنى ، پەخىرىلىنىش ھېىسىياتىدا ھاياجانلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ) e,Uo#T6J 5) مانىۋىر ئېمتىھاندا مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولىۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى ھەم باشقا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ نۇمۇرلىرىنىڭ بەكلا كۆرنەرلىك ئىكەنلىكى ھازىر پەقەت بالىلارغا ئىلھاملاندۇرۇشتىن بۆلەك تەنبىھلەرنى قىلىشتىن ساقىلىنىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىدى ، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىردىنبىر چىقىىش يولى ئەمەسلىكى ، بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىش لازىملىقى ، ئەمما بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتتى چىۋەر ، ئەقىللىق ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى قاتارلىقلار سۆزلىنىپ ئەڭ ئاخىرىقى ئاتا _ ئانىلار يىغىنىدا ئاتا _ ئانىلارنىڭ ئۆز بالىلىرىغا بولغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشتىم . Q|D @Yd\ 6) بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئاتا _ ئانىلار ئىشلەشكە تىگىشلىك خىزمەتلەر ( ئائىلىدە قەتىئىي كۆڭۈلسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ ، ھەر قانداق قايغۇ _ ئەلەملىرىڭىز بولسا 20 نەچچە كۈن جەريانىدا بالىڭىز ئۈچۈن ئىچىڭىزگە يۇتۇڭ ، تېخىمۇ قۇربانلىق بېرەلەيدىغان ئاتا ياكى ئانا ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلاڭ ، بالا ئۆيگە قايتقاندا ئۇلارنى بىئارام قىلىدىغان كۆڭۈلسىزلىك ئەمەس ، بەلكى سىزنىڭ كۆزلىرىڭىزدىن ئىشەنچ ، مېھىر _ مۇھەببەتنى ھېس قىلالىسۇن ، ئۇلار بۇ كۆزلىرىڭىزنىڭ كەينىدىكى ھەقىقىي كۆزلىرىڭىزنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ھېس قىلالمىسۇن ، ھەر بىر كۈن ئۇلار ئۆزىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قايتقان بولسا ، سىزنىڭ كۆزلىرىڭىزدىن ئۆزلىرى يۇقاتقان شۇ ئۈمىدنى تېپىۋالسۇن ... دېگەندەك سۆزلەرنى قىلدىم ، بۇ جەرياندا يەنە نۇرغۇن ئاتا ئانىلارنىڭ كۆزلىردىن ياش ئەگىدى ( بەلكىم مەن ئېيتىۋاتقان ئۇلار بالىلارغا بىلدۈرمەسلىككە تىگىشلىك بولغان دەرتلەر ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپ كەتكەن بولسا كېرەك ) MP4z-4Y 7) ھەر بىر پەن ئوقۇتقۇچىسى كىرىپ سۆز قىلدى . Fd[z
Dz 8)ئاخىرىدا ئاتا _ ئانىلاردىن بالىلارنى تەربىيلەش جەريانىدا بەزىدە مەسئۇلىيەتچان بولىمەن دەپ گاھىي ئاتا _ ئانىلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ سالغانلىقىم ، گاھىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىلىنى بىلىپ بىلمەي رەنجىتىپ قالغانلىقىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدىم ( ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھېچقايسىنىڭ مېنىڭ شەخسى تۇرۇمۇشۇم بىلەن پايدا _ زىيان مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقى مۇشۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم ) ، سىنىپمغا بۆلۈنگەن بالىلارنىڭ ئاتا _ ئانىلارنىڭ ناھايىتى ساپالىقلىقى بەكلا ئېسىللىقى ، مېنىڭ بىلەن شۇنچىلىك ياخشى ماسلاشقانلىقى ، تېخى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئېلىنمىغان بولسىمۇ ئۇلاردىكى ئادىمىيلىك پەزىلەتتىن مېنىڭ شۇنچىلىك دەرىجىدە رازى ئىكەنلىكىم ، مۇشۇلارنى ئويلىغاندا ئاتا _ ئانىلار ھەم ئوقۇغۇچىلاردىن سۆيىنىدىغانلىقىم قاتارلىق تەرەپلەردە توختالدىم ) $>u*}X9 9 ) ئاتا _ ئانىلاردا قىلىدىغان گەپ _ سۆزلەر بولسا ، دەپ ۋاقىت بەردىم . hHT_V2* نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار سۆز قىلدى ، كۆزلىرىگە ياش ئېلىشتى ، مېنىڭدىن بالىلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشتى ، ئايرىم كۆڭۈللىرى بارلىقىنى ئېيتتى ( ئەلۋەتتە بۇ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ، بالىلارنىڭ مۇۋاپىققىيىتى سىلەرنىڭ ماڭا قىلغان ئەڭ ئېسىل سوۋغاڭلار دەپ جاۋاپ بەردىم ) br":y>=, 10 ) يېغىننى ھەر بىر ئاتا _ ئانىنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن يۈرەك پارىسىنى بىر قېتىم كەچۈرىۋىتىپ ، ئۇلارغا مېھىرلىك بېقىشى ، ھەم قۇچاقلاپ قۇيۇشىنى تەلەپ قىلىپ (بالا ئۆزىڭىزنىڭ يۈرەك پارىڭىز ، كەچۈرسىڭىز ، ئۆز باغرىڭىزنى كەچۈرىسىز ، بەلكىم بۇ ئىلھام تۈرتكىسىدە ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ ، بالىڭىزنىڭ ياخشى مەكتەپلەرگە ئۆتەلىشىگە تۈرتكە بولۇشڭىز مۈمكىن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدىم ) ئاخىرلاشتۇردۇم ( لېكىن ئاتا _ ئانىلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىشماي جىممىدە ئولتۇرۇشتى ، مەن ئۇلارنى كۆڭلۈمنى يېرىم قىلماي قايتىشقا چاقىردىم ، لېكىن ئۇلار يۇپۇرلۇپ كېلىپ ئەتراپىمغا كېلىپ كۆز ياش قىلىشتى ، چىن قەلبىدىن گاھىي ئىشلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراشتى ، ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى خۇددىي باشلانغۇچنىڭ باللىرنىلا ئەسلىتەتتى ، ئارىمىزدا چوڭقۇر مېھىر _ مۇھەببەت ئورنىتىلغان ، گاھىي ئاتا _ ئانىلار بىلەن ئاچا _ سىڭىللاردەك ، ئاكا _ ئۇكىلاردەكلا بولۇپ كەتكەن ئىدىم ، شۇنچە سۆلەتكە ئىگە ، شۇنچە ياشتىكى ئادەملەرنى مېنىڭ ئالدىمدا ياش ئاققۇزۇشقا مەجبۇر قىلغان نەرسە نېمە ، مېھىر _ مۇھەببەت ! ئەلۋەتتە ، مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياش ئەگىدى ، ئۇلارنى قايتىشقا كۆپ قېتىم چاقىرىش ئارقىلىق ، قىيالمىغان ھالدا ئايرىلدىم ) rjp-Fw~1w بۇ مېنىڭ تۇنجى قارار ئوقۇغۇچىللىرىمنىڭ ئاتا _ ئانىللىرىغا ئاچقان ئەڭ ئاخىرىقى ئاتا _ ئانىلار يىغىنىم ، ئىشىنىمەنكى ئۇلار مېنى سېغىنىپ ئەسلەيدۇ ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى سېىغىنالايمەن ، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تولىمۇ ، تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن ) \ywXi~+kUv دۈشەنبە كۈنلىكى ئوقۇغۇچىلار كەلگەندىن كېيىن مەن يازغۇزغان خەتنىڭ زادى قانچىلىك ئۈنۈمى بولغانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپ سۈرشتۈردۈم ( بۇ خەتنى يازغۇزۇشتىكى مەقسەت ، تولۇق 3 _ يىللىق ئوقۇغۇچىللىرى بەكلا ئالدىراش ، مۇڭدىشىشقا كۆپرەك پۇرسەت بولمىغاچقا ئۇلار بىلەن ئاتا _ ئانىلار ئوتتۇرىسىدا ئارلىق پەيدا بولغان ، گاھىي سۈركىلىشلەر بولۇپ قالغان ، خەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن ئاتا _ ئانىلىرىدىن كەچۈرۈم سوراش ، شۇنداقلا ئاتا _ ئانىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ _ ئارمىنىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە يېزىلغان ) ، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئاتا _ ئانىللىرى ئائىلىگە بارغاندىن كېيىن ئېسىلىشىپ يىغلىشىپ كەتكەنلىكىنى ، لىكىن شۇنداق يەڭگىل بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىشتى ، بۇ خىل ھالەتتىن ھەم خۇش بولدۇم . y&?6FY K0}pi+= ............... ئاتەش قىز Fpa_qjL; |
|