查看完整版本: [-- مەخسۇس تېما ئۈچۈن پايدىلانما --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئەدەبى بىلىملەر -> مەخسۇس تېما ئۈچۈن پايدىلانما [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nefise 2013-05-24 17:55

مەخسۇس تېما ئۈچۈن پايدىلانما

بۆرە '2J6%Gg  
;iNx@tz 4  
پۇسۇڭلىن-(1640-1715) تەخەللۇسى زى لىيۇشىيەن. لەقىمى لۇچۇەندىكى ئۆلىما. كىشىلەر ئارىسىدىكى نامى رىۋايەتچى خەلىپەت. rL3Vogw'e  
',7Z1O  
شەندۇڭ زىچۇەن(ھازىرقى زىبۇ)لىك. چىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى مەشھۇر ئەدىب. tah%jRfT&  
Nj8)HR  
بۆرە قانداق ھايۋان؟ nDw 9  
bkIA:2HX  
بۆرە گۆشخۇر ھايۋان بولۇپ ئىت ئائىلىسىگە مەنسۈپ. سىرتقى شەكلى ئىتقا ئوخشاپ كېتىدۇ. لىكىن تۇمشۇقى سەل ئۈچلۈق، ئۇزۇن، ئېغىزى چوڭراق، قۇلىقى دىڭ، قۇيرۇقى تۇز بولۇپ يانتۇ ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. تەبىئىتى ۋەھشى، چىچەن، يۇگۇرۇشكە ماھىر، كېچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. `"Pd$jW  
7B`0mK3  
«بۆرە» دە قاسساپ بىلەن بۆرىنىڭ قايسىسى كۈچلۈك، قايسىسى ئاجىز؟ ئاخىرقى يىڭىش-يىڭىلىش قانداق بولدى؟ بۇ ھىكايىغا قانداق ئىددىيە سىڭدۇرۇلگەن؟ y&]D2"I  
TA7w:<  
جىسمانىي جەھەتتىن قاسساپ بىلەن بۆرىدىن بۆرە كۈچلۈك، قاسساپ ئاجىز بولىسىمۇ قاسساپ ئۆز ئەقىل-پاراسىتى بىلەن بۆرىنى ئۆلتۇرۋىتىپ يىڭىۋالدى. بۇ ھىكايىدە ئاپتۇرنىڭ ئەقىل ئىشلەتكەندىلا ھەرقانداق ۋەھشى، كۈچلۈك رىقابەتچىنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىددىۋى ھىسياتى ئىپادىلەنگەن.  ^k=[P  
FMiYZ1^r  
سۆزلەرگە ئىزاھات: d!8`}L:=M  
'Exj|Y&  
مەڭگەن:- بۇغداينىڭ دىنى يانچىۋىلىنغان، ئەمما يۇمشاق سامان قىلىنمىغان غولى. (@~d9PvB>  
8I3"68c_a  
ئىستىلىسكىلىق ۋاستە:- ئوخشۇتۇش. يەنى مەڭگەننى تاغدەك دۆۋىلەنگەن دىيىلگەن. _da>=^hFJ  
y#o ,Vg*V  
ئانا بۆرىنىڭ پاراسىتى  ئاپتۇر ھەققىدە: v=$v*W  
F_$eu-y  
بى شۇمىن 1952-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئايال يازغۇچى. ئىچكى كىسەللىكلەر بويچە ھەربىي دوختۇر، پىسخولوگىيە دوكتۇرى. =rFgOdj  
!7]4sXL{  
سۆلەرگە ئىزاھات: مەخلۇق:- قۇرقۇنىچلىق ھايۋان.  قېرىن:- ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىنىڭ سىرتقى قېپى. تىمەن:- ساغلام. خەۋىپ:- خەتەر. تۆرەپ:- دىئالىكىتقا تەۋە بولۇپ قايمۇقۇش، گاڭگىراش دىگەن مەنىدە.  زۇمچەك- زۇمچەك.ئۇششاق – ئۇششاق  دۆڭلەر،ئىگىزلىكلەر L&H 4fy!>  
epqX2`!V  
«ئانا بۆرىنىڭ پاراسىتى» دە ئادەمدىن قالسىلا بۆرە پاراسەتلىك مەخلۇق دىيىلگەن؟ مۇئەللىپنىڭ بۇنداق دىيىشىدىكى ئاساس نىمە؟ قوشۇلامسىز؟ n.Iu|,?q  
?{ns1nW:  
ئاپتۇر قېرى ئوۋچىنىڭ ئوۋ جەريانىنى ئاڭلاپ ، بۆرە ئادەمدىن قالسىلا پاراسەتلىك مەخلۇق دىگەن.  مەن بۇ قاراشقا قوشۇلىمەن، چۈنكى بۆرە باشقا ھايۋانلارغا قارىغاندا ئاز-تولا تەپەككۇر قىلالايدۇ، شۇڭا باشقىلار ئەسەردە بۆرىنى «قۇۋ» دەپ تەرىپلەيدۇ. n@r'b{2;l  
?]+{2&&$  
«بۆرە ۋەبۇغا» دىگەن پايدىلىنىش ماتىرىيالىدا ھاياتلىق مۇناسىۋەتنىڭ قانداق باغلىنىشى تەسۋىرلەنگەن؟ ="hh=x.5J  
E(N?.i-%$  
بۇ پايدىلىنىش ماتىرىيالىدا دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر بىر-بىرىنىڭ ياردىمىدە تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالايدىغانلىقى ئەگەر بىرەرى يوقىلىپ كەتسە ھاياتلىق كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. gI a/sD2m>  
/<,LM8n  
ئات  ئات قانداق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ؟ ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇڭ؟ t ' _Au8  
Jv(9w[  
تۇياقلىقلار تىپى بويىچە ئات ئائىلىسىدىكى ئاتلار ئۆي ئېتى ۋە ياۋا ئاتلارغا بۆلۈنىدۇ. ?\[2Po]n  
k=">2!O/  
ئۆي ئېتى بۇنىڭدىن 4500يىللار ئىلگىرى ئاسىيا قىتئەسىدە كۆندۈرۈلگەن. ئات تۈرى ناھايىتى كۆپ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 110~160غىچە، ئىگىزلىكى 100~170غىچە، ئېغىرلىقى 300~600 غىچە كىلىدۇ. يايلى بوينىغا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، پۆپچىكى بار، قۇيرۇقى ئوشۇقىغىچە يىتىپ بارىدۇ، تۇياقلىرىدا تۇياق ئارلىق تۈكلىرى بار. R(_UR)G0 @  
|KEq-  
:ئۆي ئېتى بىلەن يۋا ئاتنىڭ فېزىئولوگىيىلىك تۈزۈلۈش جەھەتتىكى پەرقىنى ئېيتىپ بىرەلەمسىز؟   dMkDN aH,  
 
 ئۆي ئېتى بەدەن ئۇزۇنلۇقى 110-160 سانتېمىتىرغىچە، ئېگىزلىكى 100-110 سانتېمىتىرغىچە، ئېغىرلىقى 300-600 كىلوگىرمغىچە، ئەڭ ئېغىرلىرى 1000 كىلوگىرام، يايلى بوينىغا ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ ئەڭ ئۇزنلىرى ئۇشۇقىغىچە بولۇپ، تۇياقلىرىنىڭ ئارىلىق تۈكى بولىدۇ. ئۆي ئېتىنىڭ ئايغىرنىڭ 40تال، بايتالنىڭ 36 تال چىشى بۇلىدۇ  !YUMAp/  
 ياۋا ئات :    بەدەن ئۇزۇنلۇقى 220-280 سانتېمىتىرغىچە، ئېگىزلىكى 110-140 سانتېمىتىرغىچە، ئېغىرلىقى 200-300 كىلوگىرمغىچە، يايلى ساڭگىلىماي تىك تۇرىدۇ. قۇيرۇقىنىڭ قىلى تۈگۈنچىسىدەىن ئۈچ ھەسسە ئۇزۇن، تۇياقلىرىنىڭ ئارىلىق تۈكى بولمايدۇ  d) V"tSC,  
!|­
ياۋا ئاتنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
 
S 6e<2G=O  
ياۋا ئات 5تىن 10غىچە بىر توپ بولۇپ ياشايدۇ، 6-ئايدا جۈپ؛ىشىپ كىيىنكى يىلى 4-،5-ئايلاردا ھەر قېتىمدا بىردىن قولۇنلاتدۇ  M7D@Uj&xx(  
 
شىنجاڭدىكى ياۋا ئاتلارنىڭ تارقىلىش ئورنىنى بىلەمسىز؟   WxNPAJ6YH  
تارىختا ياۋا ئات شىنجاڭنىڭ جۇڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان ، ھازىر ئاساسەن ئىزى قالمىدى.  @S#>:o|  
  دۇنيادا ھازىرغىچە مەۋجۇد بۇلۇپ تۇرغان ياۋا ئاتلارنىڭ ئەسلى ماكانىنىڭ قەيەرلىكىنى بىلەمسىز؟    ^T}6o Ud  

مۇڭغۇلىيە جومھۇرىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ چىگرىلىنىدىغان جايلىرى 
hg8gB8Xq  
ئۆي ئېتىنىڭ ئەجدادى نىمە؟          ياۋا ئات  XhF7%KR  
[" ' 0vQ  
ئاتنىڭ ئەڭ دەسلەپ قەيەردە كۆندۈرۈلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟            ئاسىيا يايلىقى ئەزەلدىنلا ئاتنىڭ ۋەتىنىئات قاچان قولغا كۆندۈرۈلگەن؟    4500يىللار ئىلگرى ئۇيغۇرلار ئەجدادى بولغان ساكلار دۇنيادا تۇنجى بۇلۇپ ئاتنى كۆندۈرگەن lYZ5FacqC  
تېكىستتە ئۆي ئېتىنىڭ تەقدىرى قايسى بىر جۈملە سۆزگە يېغىنچاقلانغان؟ ئۇنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟
 «ئاتنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىنىشتىن باشلىنىپ، تېزگىنلەشنى قۇبۇل قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.»
ئاتنى قولغا كۆندۈرگەن ئۇيغۇرلار ئۇنى تۇرمۇشتا ۋاستە قىلىپلا قالماي، يەنە ئات ئۈستىدە ئوينىلىدىغان تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەشىپ قىلغان. سىز ئۇلاردىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟ `   $`J'Y>`  
  ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، ئات ئۈستىدە تەڭگە تاشلاش، بەيگە ئۇيۇنلىرى   'I|A*rO  

  
ئات ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە قانداق مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلەمسىز؟     Vl;GQe  
  ئات قەدىمكى زاماندىكى ئوۋ ئوۋلاش، بەيگە مۇسابىقىسىدىن تارتىپ جەڭ قىلىش، تېرىقچىلىق ، چارۋىچىلىق، قاتناش، ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قالدۇردى.   5m,{?M`  
ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان ئاتنى، بۇلۇپمۇ ئاق ئاتنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟  ئاق رەڭ ئۇيغۇرلار ئېڭىدا پاكلىق، ئامەت، ياخشىلىق، ئالىيجانابلىق، بەختنىڭ سىمۇۋۇلى دەپ قارىلىدۇ.     ` aTkIo:ms  
قاچاندىن باشلاپ شىنجاڭغا چەتئەلدىن ياۋا ئاتلار كىرگۈزۈلدى؟            1985   -يىلىدىن باشلاپ  0RY{y n3  
 
ئات ھەققىدە ماقال-تەمسىللەر     ئات جەڭگە كىرسە ئۇيقۇسى ئېچىلار.               *بايتالنى بەيگىگە سالسا ئالدىنى بەرمەس h?wNmLre  
ئات مىنسەڭ يۈگەن سال، يۈگەنسىز مىنگۈچە پىيادە قال      *ئاتا يوللۇققا ئاتتىن چۈش.         *ئاتلىق دوست يولغا يولداش  *ئات ئىزىنى تاي باسار.              *ئازغان ئات ئارغىماق بولماس. ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە يەر.             بۆرە ئۆزئىنىغا ئۇرسا قوتۇر بۇلىدۇ. fu|N{$h%X  
 8U!;  
ئۇيغۇر يېزىقلىرى B<c7&!B  
qM F'&  
تۈرك(ئورخۇن- يېنسەي،تۈرك- رونىك) يېزىقى بۇ يېزىق6-ئەسىردىن 9-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان تاۋۇشلۇق يېزىق.بۇ يېزىقتا كۆكتۇرك خانلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى پۈتۈلگەن «كۆلتېىكىن مەڭگۈ تېشى»،«تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»،«بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»، ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى پۈتۈلگەن«ئۇيغۇر قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان (مۇيۇنچۇر ) مەڭگۈ تېشى»،«توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» بار. )e.Y"5My  
5T,Doxo  
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بۇ سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئىلىپبەلىك يېزىق. 8-ئەسىردىن 15-ئەسىرگىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا قەۋملەر ئورتاق قوللانغان.چىڭگىزخان بۇ يېزىقنى مۇڭغۇل دۆلىتىنىڭ يېزىقى قىلىپ ، قوبۇل قىلغان. 16-ئەسىرگە كەلگەندە موڭغۇللار ئارقىلىق مانجۇلار، كېيىن شىۋەلەر قوبۇل قىلغان.بۇ يېزىقتا يېزىلغان«ئالتۇ يارۇق»،«قۇتادغۇبىلىك»،««ئوغۇزنامە»،«قىسسەسۇل ئەنبىيا»،«سامىتو ئاچارىنىڭ تەرجىمھالى»(شۈەنجاڭنىڭ)،«مايتىرى سېمىت» بار. 9`}Wp2  
B]dHMLzl  
خاقانىيە يېزىقى. ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا ھېچقانداق ئىسلاھ قىلىنماي، قوبۇل قىلىنغان. 10-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.«قۇتادغۇبىلىك»،«تۈركىي تىللار دىۋانى»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» قاتارلىقلار بۇ يېزىقتا يېزىلغان. R`ajll1  
|33pf7o  
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بۇ يېزىقنىڭ ئاساسى ئەرەب ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقى. 13-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە قوللىنىلغان.سەككاكى، لۇتفى، نەۋائىي،خاراباتى،زەلىلى،ئەرشى،گومنام،نىزارى، موللا بىلال،موللا مۇسا سايرامى،تەجەللى،ئابدۇقادىر داموللا قاتارلىقلار بۇ يېزىقتا ئەسەر يازغان. Nj||^k  
%cG6=`vR  
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى. بۇ يېزىق چاغاتاي يېزىقىنىڭ بىۋاستە راۋاجى.يېڭى دەۋردىكى شەكلى. %)*!(%\S*3  
#*q`/O5n  
ئۇيغۇر تىلى قايسى تىل تارمىقىغا كىرىدۇ؟ o%h"gbvMY!  
4XK*sR0-`  
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسى، تۈركىي تىللار تۈركۈمى، شەرقىي تۈرك تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. :gDIGBK,  
7{f&L '  
ئۇيغۇرلار تارىختا قانداق يېزىقلارنى قوللانغان؟ }DxXt  
@}!1Uk3u d  
ھازىرغا قەدەر مەلۇم بولغان،ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يېزىقلاردىن قەدىمقى تۈرك(ئۇرخۇن)يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، بىراھمى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، سۇرىيە يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى،كونا تىبەت يېزىقى،ئەرەب يېزىقى، خاقانىيە يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى، ئۇيغۇر يىڭى يېزىقى، سلاۋىيان يېزىقى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق30 غا يىقىن يېزىق بار. m;WUp{'  
gH Q[D|zu  
بۇيېزىقلار ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك، كەڭ قوللىنىلغانلىرى(1)قەدىمقى تۈرك يېزىقى؛(2)قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى؛(3) خاقانىيە يېزىقى؛(4)چاغاتاي يېزىقى؛(5) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت. " _jIqj6C  
J#L-Slav%  
بىزنىڭ تارىخىي يېزىقلىرىمىز ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچى ئارسلان ئابدۇللا 1955- يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغا.ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.‹‹ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›ئىستىلىستىكىسى››ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان. V2ypmkn 8&  
RV.z xPw>>  
قەدىمقى تۈرك(ئۇرخۇن) يېزىقى: W:aAe%S  
I.fV_ H^  
(1) قەدىمقى تۈرك(ئۇرخۇن)يېزىقى قانداق يىزىق؟ قاچاندىن- قاچانغىچە قوللىنىلغان؟ )?%FU?2jrn  
aP!a?xq  
بۇ تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەدىمقى خەلقلەر ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ئېلىپبەلىك يېزىق بولۇپ 6- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. zpZlA_   
oZ& ns!#  
(2) بۇ يېزىق قانداق ناملار بىلەن ئاتالغان؟ '<!/\Jz9l  
1#^[{XlAx  
بۇ يېزىق تۈركىي خەلقلەر تەرىپىدىن ئوموميۈزلۈك قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن قەدىمقى تۈرك يېزىق دېگەن نام بىلەن؛ بۇ يېزىقتا خاتىرىلەنگەن يادىكارلىقلار- مەڭگۈ تاشلار مۇڭغۇلىيىنىڭ ئۇرخۇن دەرياسى ۋە سېبىرىيىدىكى يېنسەي(ئاناساي) دەرياسى بويلىرىدىن تېپىلغاچقا ئۇرخۇن- يېنسەي يېزىقى دېگەن نام بىلەن؛ كۆكتۈرك خانلىقى ۋە ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە قوللىنىلغانلىقى سەۋەبلىك كۆكتۈرك يېزىقى ياكى ئۇرخۇن يېزىقى دېگەن نام بىلەن؛ شەكىل جەھەتتىن قەدىمقى گېرمانلار قوللانغان رۇنىك يېزىقىغا ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تۈرك- رۇنىك يېزىقى دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. k!xi (l 
=oluw|TCe7  
(3)قەدىمقى تۈرك يېزىقى تاۋۇش تۈزۈلۈش جەھەتتە قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ XU2 HWa  
7_S+/2}U*  
بۇ يېزىق خاراكتىر جەھەتتىن تاۋۇشلۇق يېزىق. ئۇرخۇن يېزىقىدا40 بەلگە(ھەرپ) بولۇپ، تۆت ھەرپ سوزۇق تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قالغان ھەرپلەر ئۈزۈك تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوڭدىن سولغا يېزىلىدۇ. ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. سۆز،سۆز بىتىكمىسى، جۈملىلەر قوش چىكىت(:) ئارقىلىق بىر- بىرىدىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. 'an{<82 i  
#Q^mdv?  
(4)مەڭگۈ تاش تاش دېگەن نېمە؟ تۈرك يېزىقىدا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلاردىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟ KofjveOiC  
kC01s  
تاشقا ئويۇپ يېزىلغان تەزكىرىيىلەر ئابىدە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلىم دۇنياسى تەزكىرىلەر پۈتۈلگەن بۇ تاشلارنى‹‹ مەڭگۈ تاش ›› دەپ ئاتايدۇ.بۇ يېزىقتا يېزىلغان مەڭگۈ تاشلاردىن‹‹ كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى››، ‹‹ تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى ››،«بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى» قاتارلىق ئابىدىلەرگە كۆكتۈرك خانلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى پۈتۈلگەن،‹‹ مۇيۇنچۇر مەڭگۈ تېشى››،‹‹توققۇز ئۇيغۇر مەڭگۈ تېشى ››قاتارلىق ئابىدىلەرگە ئۇيغۇر قاغانلىرىنىڭ تەزكىرىسى پۈتۈلگەن تاشلار(ئەسەرلەر)نى بىلىمەن. G2;Uv/vR  
cC"7Vt9b  
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى: (1)قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قانداق يېزىق؟ قاچانغىچە قوللىنىلغان؟ S&_ZQLiQ$  
HZ[&ZNTa  
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى سوغدى يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ئېلىپبەلىك يېزىق.8- ئەسىردىن15- ئەسىرگىچە قوللىنىلغان. M[ 
g|)e3q{M  
(2) چىڭگىزخان قايسى يېزىقنى مۇڭغۇل دۆلىتىنىڭ يېزىق قىلىپ قوبۇل قىلغان؟ " 8;D^  
Y)BKRS~  
قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى مۇڭغۇل دۆلىتىنىڭ يېزىقى قىلىپ قوللانغان ھەمدە« ئۇيغۇر يېزىقى »دەپ ئاتىغان.16- ئەسىرگە كەلگەندە بۇ يېزىقنى مانجۇلار مۇڭغۇللار ئارقىلىق قوبۇل قىلغان.ئۇنىڭدىن سەل كىيىنرەك شىۋەلەر قوبۇل قىلىپ ھازىرقى شىۋە يېزىقىنى شەكىللەندۈرگەن. Ko/_w_  
? 1Z\=s  
(3) قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ شەكلى قانداق؟ 7:bqh$3!s  
t9 &O0tpe  
ئوڭدىن سولغا قارىتىپ توغرىسىغا ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىلىدۇ. جۈملە ئاخىرىغا قوش چىكىت(:) قويىلىدۇ. yv$MQ~]  
lFc3 5  
(4) بۇ يېزىقتا يىزىلغان قانداق ئەسەرلەر بار؟ I,  
8d Ftp3(  
‹‹ئالتۇن يارۇق››، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ‹ۋىنا نۇسخىسى›››، ‹‹ئوغۇزنامە››، ‹‹قىسسەسۇل ئەنبىيا››، ‹‹ شۈەنجۇاڭنىڭ تەرجىمىھالى››، ‹‹مايتىرى سېمىت›› قاتارلىق ئەسەرلەر بار. JpSS[pOg  
TF{ xFb)  
خاقانىيە يېزىقى: y<#y3M!\  
(# ?~^ut  
(1) بۇ يېزىق نىمىچۈن خاقانىيە يېزىقى دەپ ئاتالغان؟ قاچانغىچە قوللىنىلغان؟ HPt"  
T=>&`aZH  
10- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان.دىنىي ئىتىقاد سەۋەبىدىن ئەرەب يېزىقى بارا- بارا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ‹‹خاقانىيە تىلى›› دەپ ئاتىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرىلەيدىغان ئاساسىي يېزىققا ئايلانغان. شۇ سەۋەبتىن بۇ يېزىق‹‹خاقانىيە يېزىقى›› دەپ ئاتالغان. e`C'5`d]  
#_Tceq5  
(2)خاقانىيە يېزىقى قاچاندى قاچانغىچە قوللىنىلغان؟بۇ يېزىقتا يېزىلغان ئەسەرلەردىن قايسىلىرىنى بىلىسىز؟ ybB/sShGM  
r5rK>  
بۇ يېزىق10- ئەسىردىن14- ئەسىرگىچە قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىيلار زىمىنىدا قوللىنىلغان. بۇ يېزىقتا يېزىلغان ئەسەرلەردىن‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، ‹‹ئەتەبەتۇل ھەقايىق›› قاتارلىق ئەسەرلەر بار. sLB{R#Pt  
OyTBgS G?a  
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى: 7gPkg63  
D'A)H  
(1)چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى قانداق يېزىق؟ t7R;RF  
PcJ,Y\"[  
بۇ يېزىق ئەرەب ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى خاقانىيە يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇلغان يېزىق. E Sb  
^[d)Hk}L  
(2)بۇ يېزىق نىمىچۈن«چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتالغان؟ Qm ;ip E  
"y>l2V,4j%  
بۇ يېزىق چاغاتاي ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن يېزىق بولغاچقا،بۇ يېزىقنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئۇنى«چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى» دەپ ئاتىغان. WG(tt.  
64`V+Hd  
(3) چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى قاچان قوللىنىلغان؟ k`kmmb>  
UiF?Nx~  
بۇ يېزىق13- ئەسىردىن تارتىپ تاكى20- ئەسىرنىڭ30- يىللىرىغىچە قوللىنىلغان. ~Ui 
 fW|1AUD,  
(4) بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلغان دائىرسى قانداق؟ h7kGs^pP  
 2o?!m2W  
بۇ يېزىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ تەۋەسىدە قوللىنىلغان. x gnt)&7T  
_U%!&_m6  
(5) بۇ يېزىق قوللىنىلغان دەۋردىكى ئەدىبلەردىن كىملەرنى بىلىسىز؟ d, 6 Z  
gO1`zP!9Z  
سەككاكى، لۇتفى، نەۋائى، خاراباتى، زەلىلى، گۇمنام، ئابدىرىھىم نىزارى، موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ، موللامۇسا سايرامى، تەجەللى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىقلارنى بىلىمەن. 2< w/GX.  
Cd"O'<^Sb  
(6) نىمىچۈن چاغاتاي يېزىقىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلدى؟ Vq -!1.v3  
7Ha +@  
چۈنكى، چاغاتاي يېزىقىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئۈچۈن ھەرپ بەلگىلەنمىگەن بولغاچقا بۇ يېزىق ئىلمىي ئىزغا سىلىشقا مۇھتاج ئىدى.‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى›› نىڭ غەلبىسى بىلەن بۇ يىڭى ئىلىپبەنى يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىسلاھ قىلىش زۆرۈر بولغاچقا بۇ يېزىقنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلدى. ?SkYFa`u*  
/}]X3ng  
(7) چاغاتاي يېزىقىنىڭ باشقا يېزىقلاردىن قانداق پەرقى بار؟ L'`W5B@  
593 D/^}D  
بۇ يېزىق قوللىنىلغان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى، دائىرسىنىڭ كەڭلىكى، بولۇپمۇ بۇيېزىقتا يېزىلغان زور ھەجىمدىكى كاتتا،نادىر ئەسەرلەرنىڭ، يادىكارلىقلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن باش ھەرقانداق يېزىقتىن پەرىقلىنىدۇ. i:ZpAo+Z{  
yOxJx7uD  
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى F'|D  
] 
(1) ئۇيغۇرلار20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن كىيىن قانچە قىتىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى؟ +D& W!m  
#O7|&DqF{  
تۆت قىتىم يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى. Q Bc\=}  
o;7!$v>uK  
(1)لاتىن ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى(1930-1950- يىللار)(2) سلاۋىيان ئىلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق(1950-1960- يىللار)(3)يىڭى يېزىق(1965-1982- يىللار)(4)كونا يېزىق(1982- يىلدىن ھازىرغىچە) XwOj`N{!H  
l Ztq_* Fl  
قۇشلار   كەپتەر (نەسىر) .36z  
s_y Y,Z:  
ئاپتور توغرىسىدا: تۇرگىنىف(1818-1883) روسىيىنىڭ مەشھۇر تەنقىدىي رېئالىزىم يازغۇچىسى.ئۇ ئوچرىكلار توپلىمى«ئوۋچى خاتىرسى»بىلەن نام قازانغان.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن«ھارپا»،«ئاتا ۋە بالا»قاتارلىق رومانلىرى بار.«كەپتەر»ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسىرى. U{"&Jj  
H5j~<@STC  
نەسىرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نىمە؟ a*0gd-e0@  
hR Y *WL  
ئاپتور ئاساسلىقى بورا- چاپقۇن يىتىپ كىلىشتىن ئىلگىرىكى بىر ئاق كەپتەرنىڭ يەنە بىر ئاق كەپتەرنى ئىزدەپ تىپىپ خاتىرجەم ماكانغا قايىتقان مەنزىرسى، كەپتەرنىڭ كۆيۈمچانلىقى، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ‹‹يەككە- يىگانە›› روھىي- ھالىتىنى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. =5a~xlBjD  
Z)Nl\e& M  
بۇيەردىكى‹‹يەككە- يىگانە››لىك ئاپتورنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى تەسۋىرىدىن ئىبارەت.ئەسەردە كەپتەرنىڭ ئادىمىيلىك روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. B9`nV.a  
AfpB=3  
ئومۇمەن،ئەسەردە كەپتەرنىڭ باتۇرلىقى ۋە ئۆزئارا ياردەم بىرىش روھى،شۇنداقلا ئاپتورنىڭ ئىنسانلارنىڭ كەپتەرگە ئوخشاش خاتىرجەم تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشى توغرىسىدىكى غايىسى ئىپادىلەنگەن. IKb 7#Ut  
/m%i"kki  
كەپتەرنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى: |d?0ZA:z  
C S"2Sd 1`  
كەپتەر تىنىچلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىنىدۇ. ymT&[+V  
#uVH~P5TM  
تۇرگىنىف بوران- چاپقۇندىكى ئاق كەپتەرلەرنى يىزىش ئارقىلىق قانداق ھىسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؟ 3N|,c]|  
#8z2>&:|  
بوران- چاپقۇندىكى ئاق كەپتەرگە ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ كەپتەرگە ئوخشاش خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرشىنى ئۈمىد قىلىدىغان غايىسى سىڭدۈرۈلگەن ھەم ئاق كەپتەرنىڭ  قەيسەرلىكى،باتۇرلىقى، ھەمراھلىرىنى قۇتقۇزۇش روھىنى مەدھىيلىگەن. %,Xs[[?i  
% zHsh  
قاناتلىقلار ساداسى            (نەسىر)           ئابدىرىھىم ئىمىر(دېھقانى) lPFT)>(+@  
ئاساسىي مەمۇنى نىمە؟ TXD\i Dq  
^$c+r%9k  
نەسىردە ئاپتور سەككىز تۈرلۈك قۇشنىڭ‹‹تىلى››ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قۇشلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلغان. |f;u5r!^=  
jXB<"bw  
بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلارنىڭ زىيانكەشلىكى،ئاچ كۆزلۈكى ۋە شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن قۇشلارنىڭ ياشاش ئورنى تارىيىپ كىتىۋاتىدۇ،نۇرغۇن قۇش تۈرلىرى زىياپەت ئۈستەللىرىدە‹‹ئىسىل غىزا››غا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ، ھەرخىل قۇش تۈرلىرى چوڭ- كىچىك قەپەسلەرگە سولىنىپ ئۆزئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىچىنىشلىق ئاھاڭدا سايرىماقتا..... Q"n| 
_@wXh-nc  
ئادەملەر ھەقىقەتەن ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان،تەبىئەتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ھۆرمەت قىلمايدىغان بولۇپ كىتىۋاتىدۇ،شۇڭا قۇشلار‹‹تىل››غا كىرىپ ئادەملەرگە ئۆزساداسىنى يەتكۈزمەكتە،ئۇلارنى قۇشلارغا ئىلمىي مۇئامىلىدە بولۇشقا دەۋەت قىلماقتا. AI}29L3C  
zBV7 b| j  
دىمەك،قۇشلارنىڭ يۈرەك سۆزىدىن ئۇلارنى ئاسراش،قوغداش،ئۆزىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراش،كۆڭۈل بۆلۈش،تەبىئەتكە قويۇپ بىرىش،ئەركىن ياشاش شارائىتى يارىتىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئوتتۇرغا قويۇلغان. nm2bBX,fh  
7KXc9:p+  
پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى        قەدىمكى تاشقا ئايلانغان قۇشلار(مەزمۇنى) *U|K~dl]K  
GZ( W6 4  
(1)ئىپتىدائىي قۇش كىچىك دىنوزاۋىردىن ئۆزگەرگەن؛(2)لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بىيپىياۋ شەھىرىدىكى تاشقا ئايلانغان كۇڭزىقۇشنى بايقاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى؛(3)جوڭگۇلۇقلارنىڭ زوق ئىلىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىش. T+7-6y+ d  
\tH^w@j47  
قۇش ۋە ئايرۇپىلان(مەزمۇنى) '|V"!R)  
O N..B} J  
ئايرۇپىلاننىڭ قۇشلارغا تەقلىد قىلىپ كەشىپ قىلىنغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ،قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىكى ھەرىكەتچانلىق ۋە جانلىقلىققا ئاساسەن ئايرۇپىلاننىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىزگە مەدەت بەرگەن. qC]6g  
da 
بۈركۈت كۆزىنىڭ ئىلھامى(مەزمۇنى)                                                                                                                                                                                o|FjNL  
y}Ji( q~  
‹‹ئىلىكتىرونلۇق بۈركۈت كۆزى››نىڭ بۈركۈت كۆزىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن. Bc{j0Su  
eU/o I}A  
يۇقارقى ئۈچ ماتىرىيالدا تۈرگە ئايرىش،سانلىق مەلۇماتلارنى كەلتۈرۈش،سىلىشتۇرۇش قاتارلىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان. ZwzN=03T  
MP LgE.n  
پېيى توزۇغان قۇچقاچ(مەزمۇنى) ffH]`N  
xU6rZ CqE  
ئوچرىكتا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئاز كۆرۈلىدىغان ئاجايىپ‹‹كۆرەش››نى جانلىق تەسۋىرلەو،ئاپتور ئۆز بىشىدىن كەچۈرگەن بۇ ۋەھىمىلىك ۋەقەنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىش ئارقىلىق بىزگە تەبىئەت دۇنياسىنىڭ سىرلىق تەرىپىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.        gl$}t H  
S\poa:D`  
قۇشلار ھەققىدە سۆزلەش:  بىرەر قۇشنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ يازماقچى بولسىڭىز ئىشنى قەيەردىن باشلاش كىرەك دەپ قارايسىز ھەم قايسى جەھەتتىن كۈچەش زۆرۈر دەپ بىلىسىز؟ j 9sLR  
IM(=j  
(1)قۇشلارنىڭ گۈزەللىكىنى تىلغا ئىلىشتا ئالدى بىلەن قۇشلارنىڭ كۆرۈنۈشى ۋە ياشاش ئادىتىنى ئەستايىدىل كۆزىتىش كىرەك؛(2)قۇشلار ھەققىدىكى بىلىملەرنى جۇغلاپ،بەلگىلىك ماتىرىياللارغا ئىگە بولۇش كىرەك؛(3)مەلۇم كۆزىتىش نوقتىسىنى تاللاپ،ئىشنى شۇ جايدىن باشلاش كىرەك؛(4)تىل ئىشلىتىشتە ئەستايىدىل ئويلىنىپ گۈزەل،جانلىق،ئوبرازلىق تىللارنى قوللىنىش كىرەك. *eEn8rAr  
m`!Vryf  
قۇش باققۇچىلارنىڭ قۇشلارغا بولغان مۇھەببىتىنى ئالىيجاناپ مۇھەببەت دەپ ئىيتىشقا بولامدۇ؟ $=ua$R4Z+  
W*Gp0pX  
ئادەملەرنىڭ قۇشلارغا ھىرىسمەن بولۇشى قارىماققا ياخشى ئىشتەك كۆرۈنىدۇ.چۈنكى،ئۇلار ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان قۇش ۋە ھايۋانلارغا زىيادە كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەم ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ باقىدۇ.لىكىن،ئۇلارنىڭ قەپەسلەرگە سولىۋالغان جان- جانىۋارلىرى ئەسلىدە تەبىئەتنىڭ ئەركىلىرى بولۇپ،بىپايان كەڭلىك ئۇلارنىڭ ھەقىقىي شادلىق ماكانى.شۇڭا،ئۇلارنى ئۆزماكانىدا ئەركىن يايراشقا قويۇۋىتىشلا ئۇلارغا بولغان ھەقىقىي ئالىيجاناب مۇھەببەت،ئۇلارغا بىلدۈرگەن ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر.  0N`'a?x  
Wg[ThaZ  
دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرىدە مىليونلىغان قۇشلار يەنىلا غايەت زور قەپەزلەردە ھايات كەچۈرمەكتە،ھەتتا بۇ قانۇن تەرىپىدىنمۇ چەكلەنمەيدۇ.بۇنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟ gMB/ ~g5b0  
$[HpY)MSRw  
بۈگۈنكى دۇنيادا قۇشلارنى قوغداش،تەبىئەتكە قويۇۋىتىش ھەقىقەتەن ئىنسانىيەت دۇنياسى بىردەك تەشەببۇس قىلىۋاتقان يۈكسەك ئادىمىيلىك(ئىنسانپەرۋەرلىك)روھ.لىكن،قانۇن بىلەن ئەخلاق ئايرىم كاتىگورىيە بولغاچقا ئىنسانىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى يۈكسەك ئەخلاقىي روھى مەجبۇرلاش دەرىجىسىدە ئىپادىلەنمەيدۇ.ئەگەر ئۇ قانۇن ماددىلىرىدىن ئورۇن ئالسا ئىدى،مەقبۇرىي ئىجرا قىلىنغان بولاتتى.ئەپسۇسكى،ھىچقانداق بىرەر قانۇن قۇشلارنى قەپەسكە سولاپ بىقىشنى چەكلەش ھەققىدە ماددا تۈزگىنى يوق.بۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى قارىشىدا ئۆگىرىش پەيدا قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. N,?D 
:qxd s>Xm  
ئاپتورلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى ئوخشاش بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇلار ئادەملەرنىڭ قۇشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق قانداق ئوخشاش تونيشنى ئوتتۇرغا قويغان؟ 2\L}Ka|v  
5c+7c@.  
قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى. قەدىمدىن ھازىرغىچە قۇشلارنىڭ رەڭگى، چىۋەرلىكى،بىجىرىملىكى، مىھنەتكەشلىكى، سايراشلىرى ئەدىبلەرگە نۇرغۇن ھىسسىيات ۋە ئىلھاملارنى ئاتا قىلدى.ئۇلارقۇشلار ۋە ئادەملەر ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى.شۇڭا قۇشلار بىلەن ئادەملەر بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،ئادەملەر بىلەن قۇشلار قەلىبداش ھەمراھلار دەپ ئىيتىمىز. oQ_n:<3X  
}hX"A!0  
مېتېئورولوگىيە فېنولوگىيىسى    بۇلۇتقا قاراپ، ھاۋا رايىنى بىلىش# ^/ ~! p" b  |- H  gKay3}w  
 
مېتېئورولوگىيە- ① يەر ئاتمۇسفېراسى، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى، خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدا بولىدىغان فىزىكىلىق جەريانلار ھەققىدىكى پەن؛ ② ھاۋارايى ۋە ئۇنى ئالدىن بېلىش مېتودلىرى ھەققىدىكى پەن. p!w}hB598  
فېنولوگىيە
- بىئولوگىيىنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلارنىڭ پەسىل ئۆزگىرىشلىرىگە باغلىق ئۆزگىرىشىلىرىنى تەتىق قىلىدىغان پەن.  j])nkm7_  
ئاپتورنىڭ ھاياتىي پائالىيىتى- جۇ يۇڭيى: جياڭسۇ چاڭشۇدىن، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى. «بۇلۇتقا قاراپ ھاۋارايىنى بىلىش» ئۇ 40 يىل ئىلگىرىكى يازغان ئەسەر بولۇپ، كۆپ قېتىم تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 40 يىل ئۆتۈپ كەتتى، پەن- تېخنىكا شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدى، ھاۋارايى ئۆلچەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە رادىئو- تېلېۋىزىيىنىڭ ئومۇملىشىىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر بولۇتقا قاراپ ھاۋارايىنى بىلىشكە تايانمايدىغان بولدى. جۇيۇڭيى ئەپەندىنىڭ «سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ھاۋا رايىنى ئۆلچەش» ناملىق يېڭى ئەسىرىدە ھاۋا رايىدىن مەلۇمات بېرىش ئىشلىرى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى تونۇشتۇرۇلدى.. ALY% h!L  
S.Fip _  
سۆزلەرنىڭ مەنىسى: تۈمەنمىڭ- ناھايىتى كۆپ، چەكسىز؛ 2) پەي- قۇش تېنىنى قاپلاپ تۇرىدىغان مۇڭگۈزسىمان نەيچىلەر ۋە شۇنەيچىلەرنىڭ ئىككى يېنىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان  يۇمشاق تۈك، موي؛ 3) قاسراق- تېرىسى، تاش پوستى؛ 4) پادا- چارۋا- ماللارنىڭ بىرگە ھەيدەپ بېقىلىدىغان توپى؛ 5) تور پاختا- پاختىدىن ياسالغان تور؛ 6) ۋىۋىسكا- ھۆكۈمەت ياكى كوللېكتىپ ئورۇنلارنىڭ نامىنىي يېزىپ ئىشىك ۋە دەرۋازا بېشىغا ئېسىپ قويىدىغان جاھاز؛ 7) بېشارەت- ئالدىن بېرىلگەن خەۋەر، ئۇچۇر، بەلگە؛ 8) بۇجغۇر بۇلۇت- ئاق پەي رەڭگىدىكى ئەڭ ئېگىزدىكى ئەڭ يېنىك، ئەڭ نېپىز بۇلۇت؛ 9) مەشۇت يىپ- پىلە غوزىكىدىن چىقىرىدىغان يىپ؛ 10) شارسىمان- شارغا ئوخشاش، شار شەكلىدىكى، يۇمىلاق؛ 11) زەڭگەر- يېىشىل بىلەن كۆڭ ئوتتۇرىسىدىكى، ئاچ ھاۋا رەڭ، ماۋى؛ 12) شايى- يىپەكتىن توقۇلغان رەخت؛ 13) گۇڭگا- ئېنىق كۆرۈنمەيدىغان، خىرە، تۇتۇق، غۇۋا؛ 14) كۈل رەڭ- ئاقۇچ قارا رەڭ؛ 15) گۈمۈرۈلمەك- ئويۇلۇپ چۈشۈپ كەتمەك، كۆمتۈرۈلمەك، ئولتۇرۇشماق، ئۈزۈلمەك؛ 16) گۈلدۈرماما- يامغۇرلۇق توپ بۇلۇتتىن ھاسىل بولىدىغان بىرخىل تەبىئەت ھادىسىسى؛ 17) مۆلدۈر- ھاۋا بوشلىقىدىن ياغىدىغان ئۇششاق مۇز پارچىلىرى؛ 18) قۇيۇن- بۇرما شەكلىدە پىرقىراپ چىققان چاڭ- توزانلىق شامال؛ 19) بىنەپشە- بىنەپشە رەڭگىدىكى، سۇس سۆسۈن؛ 20) قوتانلىشىش- گەردىش- چەمبەر، چەمبىرەك، ئايلانما شەكىلىدىكى نەرسە، دائىرە؛ 21) ياي- ئەگمەچ، گەردىش شەكىل؛ 22) ھەسەن- ھۈسەن- ئاتمۇسفېرادىكى بىرخىل نۇر ھادىسىسى، يەنى قۇياش نۇرىنىڭ ھاۋا بوشلىقىدىكى ئۇششاق سۇ  تامچىلىرى ئارىسىدىن ئۆتكەندە سۇنۇشى ۋە قايتىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدىغان رەڭلىك ياي. سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ قىزىل، ئاپېلىسىن رەڭ، سېرىق، يېشىل، كۆك، قارا كۆك ۋە بىنەپشە رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئادەتتە قۇياشقا ئۇدۇل يۆنىلىشتە پەيدا بولىدۇ. 23) شەپەق- كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ئالدىدا ئۇپۇقتا پەيدا بولىدىغان قىزىللىق.9 PX1Scvi  
wrn[q{dX  
«بۇلۇتقا قاراپ ھاۋا رايىنى بىلىش» دېگەن ماقالىدە «بۇلۇت بىزنىڭ ھاۋانىڭ تۇتۇق، ئوچۇق بولۇشىنى، شامال چىقىپ يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى بىلىشىمىزگە، ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىنى ئالدىن بىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ» دېيىلگەن. ئەگەر گەردىش، قوتانلىشىش، ھەسەن- ھۈسەن، شەپەقنىڭ ئورنى، رېڭى، شەكلىگە قاراپ ھاۋا رايى ئەھۋالىنى كۆزەتكەندە، سىزچە، تەجرىبىگە تايىنىپ ھاۋا رايىنى كۆزىتىشنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىنىڭ قىممىتى بولامدۇ- يوق؟ نېمە ئۈچۈن؟ ^B& Z  
*
j# q' a4 `, f$ wھاۋا رايىنى تەجرىبىگە ئاساسەن كۆزىتىش ئۇسۇلىنىڭ قىممىتى بار. ئەلۋەتتە، زامان تەرەققىي قىلىپ، ھاۋا رايىنى ئۆلچەشتىكى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرى بارغانسىرى راۋاجلىنىپ، ئۈسكىنىلەر ئىلغارلاشتى، ئالەم قاتنىشى، ئاۋىئاتسىيە قاتارلىقلار نازۇكلۇق دەرىجىسى يوقۇرى بولغان ھاۋا رايىنى كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى بولۇپ قالدى. بىراق، يوقىرى، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ھاۋا رايىنى كۆزىتىشنىڭ تەننەرقى ئىنتايىن يوقىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇناسىپ كەسپىي بىلىم ۋە ئىلغار ئۈسكىنىلەر بولۇشى كېرەك. «بۇلۇتقا قاراپ ھاۋارايىنى بىلىش»تە ئىشەنچىلىك تەجرىبىلەر ئاساس قلىنغان. بۇ خىل ئۇسۇل ئاددىي، قۇلايلىق، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ياكى سەپەرگە چىقىش قاتارلىقلاردا ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ھاۋا رايىنى كۆزىتىش يوقىرى پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى. ھالبۇكى، بۇلۇتقا قاراپ ھاۋا رايىنى بىلىش تۇرمۇشتىكى بىرخىل ئاساسىي ساۋات بولۇپ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ مۇلازىمەت رولى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزئارا زىددىيەتلىك ئەمەس.4 J  q) j1 o0 f( B1 r# [8 t ]jHB'Y  
تېكست مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ بۇلۇتنىڭ تۈرى، شەكلى، ئورنى ۋە ھاۋا رايى ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىمىز. 8d)F#  
بۇلۇتنىڭ تۈرى        بۇلۇتنىڭ شەكلى، ئالاھىدىلىكى        ئورنى        ھاۋا رايى ئەھۋالى \Y!Z3CK  
بۇجغۇر بۇلۇت      ئاق پەي، مەشۇت پارچىسىغا ئوخشايدۇ        ئەڭ ئېگىز       
قۇياش نۇرى بۇلۇت قېتىدىن ئۆتۈپ زېمىنغا چۈشەلەيدۇ.  2|%30i,vV  
fبۇجغۇر توپ بۇلۇت        سۇ يۈزىدىكى دولقۇنغا ئوخشايدۇ.        ناھايىتى ئېگىز       
ئادەتتە يامغۇر، قار ياغمايدۇتوپ بۇلۇت        پاختا پارچىلىرىغا ئوخشايدۇ.        2000 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە        ئىللىق قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ./ يۇقىرى توپ بۇلۇت      قوي پادىلىرىغا ئوخشايدۇ.     2000 مېتىر ئۆپچۆرىسىدە       بۇلۇتلار ئارىسىدىن زەڭگەر ئاسمان كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. v8%]^` '  
بۇجغۇر قات بۇلۇت        ئاق شايى پەردىگە ئوخشايدۇ.        ئېگىز       
ئاستا- ئاستا ئالدىغا مېڭىپ ھاۋا تۇتۇلىدۇ. `P z !H  
jيۇقىرى قات بۇلۇت        گۇڭگا، ئەينەك بىلەن توسۇپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ        تۆۋەن        يامغۇر يااكى قار ياغىدۇ.% `4 U- ^4 ? يامغۇرلۇق قات بۇلۇت        ئاسماننى قاپلاپ كېتىدۇ.        تېخىمۇ پەس        ئۈزۈلمەي يامغۇر ياكى قار يېغىشقا باشلايدۇ.) ?/ `5T- يامغۇرلۇق توپ بۇلۇت        يوغان بۇلۇت توپلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.        تېخىمۇ پەس       
بوران- چاپقۇن يېتىپ كېلىدۇ. Sej$x)Q\t  
جۇ كېجىن (1890- 1974): مەشھۇر ئالىم، مائارىپچى، جېجياڭ شاڭيۈيدىن. ئۇ جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇ ئېلىمىزنىڭ تەبىئي رايونلىرىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشى، دۆلەت زېمىنى خەرىتىسىنى رەتلەش، يەرشارى ئېلىمى بويىچە پىلانلاش، تەبىئي پەن تارىخى تەتقىقاتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان. فېنولوگىيە تەتقىقاتىدا ئىجادىي تۆھپىلەرنى ياراتقان. ئۇ يەنە ئىلىمىزنىڭ تەبىئيي بايلىقلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ ئاساسچىسى ۋە تەشەببۇسچىسى، «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات» ئىدىيىسىنىڭ باشلامچىسى. ئۇ ھازىرقى زامان ھاۋا رايى ئىلىمى ۋە جۇغراپىيە ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى. تەيفىڭ بورىنى، پەشىل شامىلى، ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشى، تەبىئىي رايونلارنىڭ ئايرىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. «جۇڭگو تەبىئي رايونلىرىنىڭ ئايرىلىشى»، «جۇڭگو تەبىئىي جۇغراپىيسىى» قاتارلىق كىتابلارنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، مەملىكىتىمىز جۇغراپىيە ۋە ھاۋا رايى ساھەسىدىكى ئۇستازلارنىڭ بىرىدۇر. + 77 @P.l8|w  
]52_p[hZ}<  
سۆز مەنىسى بىخ- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز، غول ۋە شاخلىرىدىن يېڭى ئۆسۈپ چىققان قىسمى، تېرىلغان ئۇرۇقلاردىن چىققان ئۈندۈرمە؛ 2) تومۇز- ئەڭ ئىسسىق بولغان 6- ۋە 8- ئاي ئارىلىقىدىكى مەزگىل، 24 مەۋسۇمنىڭ بىرى بولۇپ، 7- ئاينىڭ 22-، 23- ياكى 24- كۈنلىرى؛ 3) بەرگى- خازان ، خازىڭى، ساپىقى؛ 4) پىنھان- كىشىنىڭ نەزەرىدىن خالىي، كىشى نەزەرى ئاسان چۈشمەيدىغان، خىلۋەت، خالىي، يوشۇرۇن، مەخپىي؛ 5) سۇبتروپىك- يەرشارىدىكى ترپىكقا يانداش بولغان ھەمدە قىشى ئىللىق بولۇپ، ھەمىشە ئۆسۈملۈك كۆكىرىپ تۇردىغان جايلار؛ 6) مۆتىدىل- سوغۇقمۇ ئەمەسە، ئىسسىقمۇ ئەمەس، ئوتتۇرىچە، نۇرمال؛ 7) ئاينىش- ياشىرىش، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش، كۆكىرىش؛ 8) كىلىمات- مەلۇم بىر رايوننىڭ كۆپ يىللىق كۆزىتىش ئارقىلىق خۇلاسىلەپ چىقىلغان ھاۋا رايى ئەھۋالى. ئادەتتە ئۇ ھاۋا ئېقىمى، كەڭلىك گرادۇسى، دېڭىز ئورنىنىڭ يوقۇرى- تۆۋەنلىكى ۋەيەر شەكلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ 9) مېيخۇا- چىللىگۈل ئائىلىسىدىكى يۇپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، گۈلى ھەرخىل رەڭدە بولۇپ، يوپۇرمىقى خۇشبۇي پۇرايدۇ، مەنىزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ؛ 10) تاشئالما- يۇپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. مېۋىسى شار شەكلىدە سېرىق ياكى قىزىل بولىدۇ، تەمى چۈچىمەل؛ 11) قەلەمپۇر- دائىم يېشى تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى ئۇزۇن، سۇقىچاق، مېۋىسى ئۇزۇن، شار شەكلىدە. تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. گۈلى دورا بولىدۇ. ئاشقازاننى كۈچەيتىش، يەل ھەيدەش رولىغا ئىگە. ئۇرۇقىدىن قەلەمپۇر يېغى ئېلىنىدۇ. ئادەتتە ئاروماتىك دەرا (پۇراق دورىلىرى) ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ؛ 12) ئاكاتسىيە- پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ. شېخى تىكەنلىك، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق، گۈلى ئاق، پۇراقلىق مېۋىسى ياپىلاق تاشما شەكىللىك بولىدۇ؛ 13) خۇرسىتىيە دەرىخى- بىر خىل دەرەخنىڭ تۈرى؛ 14) مېرىدىئان- يەرشارىنىڭ قۇتۇپلىرى ئارقىلىق ئېكۋاتورنى تىك ھالەتتە كېسىپ ئۆتكەن پەرەزىي سىزىق  +.R-a+y3  
بىر يىل نەچچە پەسىل، پەسىللەرنىڭ مەنزىرىسى ئوخشامدۇ؟Jبىر يىلدا تۆت پەسىل بار. پەسىللەرنىڭ مەنزىرىسى ئوخشىمايدۇ.  v[|iuOU  
`
گۈل- گىياھ ھاشارەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەنزىرىنى ھاسىل قىلىشىغا ئاساسەن، بىز پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى، ئالمىشىشىنى ئېنىق بىلەلەيمىز، شۇنىڭغا ئاساسەن دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىمىز. تەبىئەت دۇنياسى بىر بىلىملىك كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تىلىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارغا پەسىل ئۆزگىرىشى ۋە ھەرخىل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ.  E+2y-B)E  
بۇرۇنقىدىن ھازىرغىچە بولغان پەرقنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى نېمە؟* q8 W! H# E* x7 d: N: C
YG8oy! Zl  
ئىنسانلارنىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گازنى كۆيدۈرۈشى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىش (پارنىڭ ئېففېكتى) شەيئىلەردىكى پەرق.1
R7  مېتېئورولوگىيىنىڭ فېنولوگىيىلىك ھادىسىلەرنى بىلىش بىلەن يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ تەبىئەت ھادىسىلىرىنى قانداق قىلىپ ئىلمىي نەزەر بىلەن كۆزىتىش كېرەك؟ 1 \5 V& a) P% s) K; f5 j *= 71/&B  
ماقالىنىڭ 1- ئابزاسىدا يەر شارىدىكى مۆتىدىل بەلباغ بلەن سۇبتروپىك بەلباغا رايونىنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىكى ئىقلىم ھادىسىلىرى جانلىق، ئوبرازلىق تىل بىلەن ئىخچام تەسۋىرلەنگەن يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساسلىقى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بولغاچقا، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى مۇئەيينە كىلىمات شارائىتى، مەسىلەن، تېمپىراتورا، سۇ، نەملىك، قۇياش نۇرى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىخلىنىشى، ئۆسۈشى، يىغىۋېلىنىشى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاش بولمىغان تاشقى شارائىتنى تەلەپ قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئوخشاش بولمىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكى يەنە ئوخشاش بولمىغان تاشقى شارائىتنى تەلەپ قىلىدۇ، مېتېئورولوگىيە فېنولوگىيىسىگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىپ، يېزائىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىقلىم ھادىسىلىرى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ قانۇنىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ. ئىقلىمنىڭ يېتىپ كېلىشى مۇئەييەن ئوبيېكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلىرى بولىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەت ۋە ئۆزگىرىشلەرنى بىلىۋالغاندىلا، توغرا ھۆكۈم چىقرىپ يېزائىگىلىكى ئلىشلەپچىقرىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. !
X% C$ v. ?6 Q0 s# ^ hB.dqv]^  
@ 3@%9E  
 تەبىئەتتىكى شەيئىلەرنى كۆزىتىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ Rk=B;  
دېھقانچىلىق ۋاقتىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ، تېرىقچىلىق ۋاقتىنى تاللاش، تېرىقچلىق رايونىنى بېكىتىش، ئورمان بەرپا قىلىش ۋە دەرەخ تۈرلىرىنى تىكىش كۈنىنى بېكىتىش، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش ... قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيىتى بار. +? 
QXz!1o+"  
مېتورولوگىيە فېنولوگىيىسىگە ئائىت ماقال- تەمسىل توپلاڭ. ئەگەر سىز توپلىغان ماقال- تەمسلە شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمىسە سەۋەبىنى تەھلىل قىلىڭ.8 N7 u1 O8 ]% J( ]0 H% j( `9 } x -!FS h8q  
فېنولوگىيەگە دائىر ماقال- تەمسىللەردىن پايدىلانغاندا، بۇ تۈردىكى تەجرىبىنىڭ تەتبىقلىنىدىغان رايونلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بەزى ماقال- تەمسىللەر بىلەن كۆزىتىلگەن ئىقلىم ھادىسىلىرى ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئورۇن ۋە دېڭىز يۈزىدىن بولغان ئېگىزلىكىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. دېڭىز يۈزىدىن بولغان ئېگىزلىك نەملىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغانسىرى ھاۋا تېمپېراتورىسى تۆۋەنلەيدۇ. فېنولوگىيە مەزگىلىمۇ كېچىكىدۇ. بەزى جايلاردا «بىر تاغدا تۆت پەسىل» ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، تاغ چوققىسىدا يىل بويى قار- مۇز، تاغ تېگىدە تۆت پەسىل روشەن بولىدۇ. بۇ، دېڭىز يۈزىدىن بولغان ئېگىزلىكنىڭ ئوخشىماسلىقدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئېلىمزنىڭ زېمىنى كەڭ سوغۇق بەلۋاغ، تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغلاردىكى ئىسسىق، سوغۇق بىردەك بولمايدۇ. يەر شەكلىدىن ئالغاندا، ئېگىزلىكتىمۇ تۈزلەڭلىك بولىدۇ. يېغىن مىقدارىدىمۇ ئىنتايىن زور پەرق بولىدۇ. شۇڭا، ئىقلىم ھادىسىسىدە بىر قەدەر زور پەرق بولىدۇ. فېنولوگىيىگە ئائىت ئەل ئىچىدىكى ماقال- تەمسىللەردىن پايدىلانغاندا، كۆپ خىل ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. oN$ZZk R  
q- Qws0\v.  
'KL(A-}!  

p\WUk@4  


مەمەتئېلى 2013-05-24 19:03
بىر-بىرسىدىن ئىسل ماتىرياللارنى يوللاپ بىزنى ناھايتى كۆپ نەپكە ئىرىشتۈرۋەتتىڭىز  مانا. اللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن!!!

ئەكبەرنىياز 2013-05-25 15:23
ھەقىقەتەن ئېسىل ماتىرياللار ئىكەن ، ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز !!!

koksangun 2013-05-26 20:45
سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن ، بۇ قىممەتلىك ماتېرىيال مەن ئۈچۈن خەزىنىگە ئايلاندى .

nafisaay 2013-06-11 13:19
ئىسل ماتىرياللارنى يوللاپ بىزنى خوش كىلۋەتتىڭىز


查看完整版本: [-- مەخسۇس تېما ئۈچۈن پايدىلانما --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled