مەشھۇر ئەسەرلەر ئۈچۈن پايدىلانما
مەشھۇر ئەسەرلەر ئۈچۈن پايدىلانما
.;8T* (مەشھۇر ئەسەرلەردىن بالىلار ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى تاپالمايدىكەن، شۇڭا بۇ ماتېرىيالنى تەييارلاپ بەرگەنىدىم، كەسىپداشلارمۇ پايدىلانسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم) yZE"t[q#O پولات قانداق تاۋلاندى رومان نىكولاي ئوستروۋېسكى yCy4t6`e nw){}g l ئاپتۇرنى تونۇشتۇرۇڭ؟ نىكولاي ئوستىروۋىسكى (1904~1936)ئۇكرائىنادىكى نامرات ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2"*7HS 03Pa; n l نىمە ئۈچۈن مەشھۇر ئەسەر دېيىلىدۇ؟ t84(k zcC @AYO )Y8 بۇ ئەسەر روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى ۋەزىيتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. پاۋىل كورچاگىن ئۆز ئوبرازى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىزىلگۈچى خەلىقنىڭ ئەركىنلىك ئازاتلىققا بولغان ئىنتىلىشنى ئىپادىلىگەن ھەمدە پۈتكۈل كىتاپخاننىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشغا سازاۋەر بولغان شۇڭا مەشھۇر ئەسەر دەيمىز. yNMnByg3? ;`Eie2y{M l پاۋىل كورچاگىن قانداق ئوبراز؟ پاۋىل كورچاگىن روھى ياش ئەۋلاتلارنى نىمىگە ئۈندەيدۇ؟ ھازىر دەۋىردە پاۋىل كورچاگىن روھىدىن ئۆگىنىش ئەھمىيەتلىكمۇ؟ iTJS
W `oQ)qa_ ئەسەردە يارىتىلغان پاۋىل كورچاگىن روھى ئىنقىلابى غايىچىلىك تۈسى ۋە قەھرىمانلىق جاسارىتى بىلەن تولغان، قەيسەرلىك، قەتئىيلىك، قەھرىمانلىق، چىدامچانلىق، تەقدىم قىلىش، باتۇرلۇق، ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كىشىلىك خىسلەت ئۆزىگە مۇجەسسەملەشكەن روھ بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. پاۋىل كورچاگىن روھى ياش ئەۋلاتلارنى ياخشىلىققا،گۈزەللىككە رىغبەتلەندۈرىدىغان، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان، گۈزەل جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغان ئالىيجاناپ روھقا ئىگە بۇلۇشقا ئۈندەيدۇ. *<?or"P oxT..=- ئەلۋەتتە ئەھمىيەتلىك. جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرىمۇ جىددى مەنىۋى خىرىسقا، غايە ھەققىدە قايتا ئويلىنىشتەك پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. ھەمدە ئۆزىدە ساغلام كىشىلىك خىسلەت، غەيرات بىلەن تىرىشىش، تەقدىم قىلىش روھى بىلەن تەلەپ قويغاندىلا گۈزەل ھايات ياراتقىلى بۇلىدۇ. بۇ روھ - پاۋىل كورچاگىن روھى. شۇڭا ھازىرقى دەۋىردىمۇ پاۋىل كورچاگىن روھىنى ئۆگىنىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك. 7 \)
OWp oo sbf#V l پاۋىل كورچاگىن ئوبرازىدىكى سىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن تەرەپ قايسى؟ VbR/k,Co .XD7};g
ماڭا پاۋىل كورچاگىننىڭ جاپا-مۇشەققەت،ھېرىش-چارچاشتىن قورقمايدىغان ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ قىلچە باش ئەگمەسلىكتەك قەيسەر روھى تەسىر قىلدى. {.c(S
w}Eo `tZu~
n l ئەسەرگە نىمە ئۈچۈن پولات قانداق تاۋلاندى دەپ ماۋزۇ قويغان؟ P&PP X#% )X*?M?~\ ئەسەردە پاۋىل كورچاگىننىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش، ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرىپ تاۋلىنىش جەريانى گەۋدىلىك تەسۋىرلەنگەن. بۇ جەريان يۈكسەك دەرىجىدىكى سىمۋوللۇق تۈسكە ئىگە. كورچاگىننىڭ پىشىپ يىتىلىش جەريانى پولاتنىڭ تاۋلىنىشىغا تەقلىد قىلىنغان، شۇڭا ئەسەرگە شۇنداق ماۋزۇ قويۇلغان، كورچاگىن پولاتتەك ئىرادىگە ئوبراز. VxD_:USIF 3I!xa*u l يول ياسىغۇچىلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى؟ قىيىنچىلىققا نىسبەتەن قانداق روھنى نامايان قىلدى؟ 2kg Z9cg,#(D يول ياسىغۇچىلار ئىنتايىن ناچار تۇرمۇش شارائىتىدا يىمەك ئىچمەك ۋە ماددى لازىمەتلىكلەرنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەم بۇلۇش، كۈز يامغۇرى، پاتقاق، ناچار ئەمگەك شارائىتى، باندىت، ئەكسىئىنقىلابچىلارنى يوقىتىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدۇ. z@!z Q Vp $@m)8T بۇ قىيىنچىلىقلار ئالدىدا يول ياسىغۇچىلار، بۇلۇپمۇ ئاكتىپلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىرادە ۋە تەڭداشسىز قەيسەر روھقا، قىيىنچىلىق بىلەن كۆرەش قىلىپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماسلىقتەك ئىنقىلابى قەھرىمانلىق روھىنى ئىپادىلەيدۇ. Y|ONCc |~'D8 g:Ak l پاۋىل قانداق ئەھۋال ئاستىدا ھاياتنىڭ قىممىتىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭقۇر ئويلايدۇ؟ ml7nt0{ $lkd9r1 پاۋىل كىسىلى ساقايغاندىن كىيىن ئىنقىلابى قەھرىمانلارنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يېڭى ھاياتقا يۈزلىنىش ۋە ئىنقىلابى قەھرىمانلارنى سېغىنىش ھىسياتى ئىچىدە ھاياتنىڭ قىممىتى ئۈستىدە ئويلىندۇ. چۈنكى پاۋىلنىڭ ئۆزى ھايات-ماماتلىقنىڭ سىزىقىنى كۆپ قىتىم باشتىن ئۆتكۈزگەن. بۇ بىر ئابزاس ئەقلىيە سۆز ئۇنىڭ شانلىق ھاياتىنىڭ تەسۋىرى، شۇڭا ئۇ شۇنداق چوڭقۇر ئويلانغان. F\m
L||_Jsu كەلىلە ۋەدىمىنە مەسەل-چۆچەكلەر توپلىمى V\axOz! !\{&^,y «كەلىلە ۋە دىمىنە» دىگەن بۇ كىتاپ قەدىمقى ھىندى ئەدەبى تىلى بولغان سانسىكىرت تىلىدا مىلادىيە4- ئەسىردە رەسمىي كىتاپ بۇلۇپ شەكىللەنگەن. ئۇ مەزگىللەردە بۇ كىتاپ «بەشنامە» دەپ ئاتىلىدىغان مەسەل-چۆچەكلەر توپلىمى ئىدى. zGz^T jF}z
v كىتابتا ھەرخىل ئۇچار- قاناتلار ۋە ھايۋانلار پىرسۇناژ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بولغان ئىشلار ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار جەمئىيتىدىكى ئىشلاردۇر. كىتاپتا سەمىمىي دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، نادانلىق، تەدبىر، مۇكاپات ۋە جازا دىگەندەك تېمىلار بويىچە ئاجايىپ ھىكايىلەر بىر- بىرىگە ئۇستىلىق بىلەن گىرەلەشتۈرگەن. T-7'#uB.m sPNX) l «ۋاپادارلىق ۋە ئىناقلىق ھەققىدە ھىكايىلەر» دە قانداق مەزمۇن بايان قىلىنغان؟ < 4DWH :" ZH بۇ ئەسەردە ھەسەل ھەرىسىنىڭ مىننەتسىز ئەمگىكىگە، ئۇلارنىڭ ساداقەت ۋە پاكلىقىغا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەملەر ئارىسىدىكى بىر قىسىم ساداقەتسىزلىك، ۋىجدانسىزلىق، باشقىلار بىلەن ئەپ ئۆتمەسلىك، ئېچىنارلىق ئىللەتلىرى قاتتىق پاش قىلىنغان شۇنداقلا ھايات پەلسەپىسى ناھايىتى جانلىق ھالدا چۈشەندۈرۈلگەن. y:!MWZ sg12C l سۆزلەرنىڭ مەنىسنى چۈشەندۈرۈڭ: b2
~~!C *BVkviqxz ھادىسە:-كىشىلىك تۇرمۇشتا يولۇقىدىغان ئىشلار، روزىغار:-تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، پارە-پارە:- بۆلەك قىلىنغان، ئۇششاق قىلماق، دەرۋىش:- راھەت پاغەتتىن قول ئۈزۈپ، ئىستىقامەت بىلەن كۈن كەچۈرىدىغان ئادەم، غەۋغا:- غەلۋە، پاراڭ، ئىنايىتى:- شەپقەت، پاسىبان:- قوغدىغۇچى، تاۋابىئات:- قەۋمۇ – قېرىنداش، كاساپەت:- ئىش بۇزغۇچى، بەدبۇي:- سېسىق، بىئەدەپ:- ئەدەپسىز، جەمشىت:- پادىشاھنىڭ ئىسمى، بارگاھ:- ۋاقىتلىق تۇرىدىغان جاي. -tT{h4 x]%e_
l تىكىستنىڭ ئاۋۋالقى قىسمىدا «ئادەملەر پادىشاھلىق ئىشلىرىنى ھەسەل ھەرىسىدىن ئۈگەنگەن ۋە بېرىپ-بېرىپ كامالەتكە يەتكەن»دىگەن بىر جۈملە سۆز بار، سىز بۇقاراشقا قوشۇلامسىز؟ >]"5K<-1
قوشۇلىمەن، چۈنكى ئىلگىرىكى پادىشاھلار بۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن دۆلەت ئىشلىرىغا ئۆرنەك ئالغان ئىكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تۇرارگاھلىرىدىن ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە بولغان ئىكەن. بىزمۇ ئۇلارنىڭ خىسلەتلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلىشىمىز لازىم. Y',s|M1})\ f(DGC2R
< «توم سويېرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى» بالىلار رومانى مارك تىۋېن H;s0|KRgJ 6+IOJtj بۇ ئەسەر1876- يىلى نەشىر قىلىنغان. كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان. نۇرغۇن قىتىم كىنو- تىلىۋىزىيە فىلىمى ۋە كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىنىپ، چەكسىز ئىستىتىكىلىق سىھرىي كۈچ بىلەن پۈتكۈل دۇنيادىكى ياش- ئۆسمۈرلەرنى رام قىلىۋالغان ۋە ئۇلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئادىللىق، پاكلىق، باتۇرلۇق، سەمىمىيەت كىشىلەرنى مەڭگۈ ئالغا بىسىشقا ئۈندەيدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ. دوستلۇق، ئادىمىيلىك، ئەخلاق پەزىلەت بولسا ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئۆزئارا تۇتىشىپ ۋە ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىدىكى مەڭگۈلۈك كۆۋرۈك دىگەن قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. N##T1 Qm) '2z o
l مارك تىۋېن(1835-1910) 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئامىرىكا رېئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر iUA2/ A BmU
Eo$w ۋەكىلى.ئۇ مىسسۇرى شىتاتىنىڭ فىلورىدا كەنتىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسم- فامىلىسى ساموئىل لانگورىن كىلېمېنتىس بولۇپ، مارك تىۋېن ئۇنىڭ ئەدەبى تەخەللۇسى. ئۇنىڭ‹‹شىتات باشلىقى››،‹‹ئارتور خانلىق ئوردىسىدا تۇرۇشلۇق كونىنكىنكون شىتاتىدىن بولغان ئادەم›› قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. Mim 9C]h( i1vBg}WHN l سىز ئاپتورنىڭ توم سويىردىن ئىبارەت بۇبەدىئىي ئوبرازنى نىمە مەقسەتتە ياراتقانلىقىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟ D.qbzJz N3vk توم سويىر- يىقىنقى زامان دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى‹‹كەپسىز بالىلار››نىڭ ئوبرازى.ئاپتور توم سويىر ئوبرازىنى تۆۋەندىكى ئىككى خىل مۇددىئا ئاساسىدا ياراتقان. (1) ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ئەسلەش.(2) جەمئىيەتنىڭ كەپسىز بالىلارغا بولغان دىققەت ئىتىبارىنى قوزغاپ، كىشىلەرنى قانداق قىلىپ بالىلار ئۈچۈن ئازادە تەربىيە مۇھىتى يارىتىپ بىرىشكە، بالىلارنى قانداق قىلىپ ساغلام يىتىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش. B_`A[0H D8`,PXtV l توم سويىر قانداق بالا، ئۇنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىگە ھەۋىسىڭىز كىلەمدۇ، نىمە ئۈچۈن؟ lDp5aT;DsM e[915Q _ توم سويىر تۇغۇلىشىدىنلا كەپسىز، چاقچاق خۇمار، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، جۈرئەتلىك، تەۋەككۇلچىلىك روھىغا باي بالا. Ow//#: K+T`'J4 l ئىجتىمائى شارائىت توم سويىرنىڭ روھى دۇنياسىغا قانداق تەسىركۆرسەتكەن؟ 3p!R4f)GN .&r]
?O ئامىرىكا ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائى تۈزۈلمىسى، ئىجتىمائى رىئاللىقى، دىنىي ئاسارەتنىڭ يامراپ كىتىشى توم سويىرنىڭ قەلبىدە ئەينى ۋاقىتتىكى رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش،تۈزۈلمىدىن بىزار بولۇش، ئەركىنلىك ئىزدەش ئىستىكىنى بىخ سۈرگۈزىدۇ ۋە تەرەققى قىلدۇرىدۇ. 22tY%Y9 (nBJ,v) l تەۋەككۇلچىلىك روھى قانداق روھ؟ WHE*NWz>q fM
S- تەۋەككۇلچىلىك روھى- تېگى تەكتىدىن ئىيىتقاندا يىڭىلىق يارىتىش، ئىزدىنىش روھى. ئادەمدە تەۋەككۇلچىلىك روھى بولغاندا ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا مەلۇم دىرىجىدە يىڭىلىق يارىتىپ بىرقاتار ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ ياكى مەغلۇپ بولۇپ تەجرىبە- ساۋاققا ئىگە بولىدۇ. بۇئارقىلىق كىيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن خىمىر تۇرۇچ ھاسىل قىلىدۇ. V3@^bc! Ih,~h[ l ئەسەردە قايسى مەنزىرە تەسۋىرلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ خۇشال كەيپىياتى نامايەن قىلىنغان؟ 9QY)<K~a >-)i_C2 ئەسەردە ئورمان مەنزىرسى ۋە ئورمانلىقتىكى دەل- دەرەخ، ئۇچار قۇش، قۇرت- قوڭغۇزلار ھەركەتلىرى بىرقەدەر تەپسىلىي ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.بۇ مەنزىرە ئادەمنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.بۇ مەنزىرلەردىن بالىلارنىڭ ئاسارەتلىك تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇپ ئەركىن تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى، تەبىئەتنى، تەبىئىي مۇھىتنى قىزغىن سۆيۈش ھىسسىياتى، تەبىئەت بىلەن ئۇچراشقاندىكى قىزغىن كەيپىياتى بايان قىلىنغان. {Qw,L;R @*%.V. l ئالدىنىقى پارچىغا سىلىشتۇرغاندا، بۇنىڭدا تومنىڭ روھى ھالىتىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغان؟ ,qvz:a R_@yj]%H= ‹‹دېڭىز قاراقچىسى بولغىلى مېڭىش›› دىگەن پارچىدا تومنىڭ يالغۇزلۇق، غىرىپلىقتىن قورقۇش، تۇرمۇشتىن، ھاياتتىن بىزار بولۇشتەك روھى ھالىتى بايان قىلىنغان.كىيىنكى پارچىدا تومنىڭ دوستلىرى بىلەن قىچىپ چىققان چاغدىكى خۇشاللىقى، دوستلىرىغا بولغان كۆيۈمچانلىقى، خۇشال كەيپىياتى بايان قىلىنغان. :_Ng`b/ _Dk;U*2 بۇنىڭدىكى سەۋەپ: ئۇنىڭ يالغۇزلۇق، غىرىبلىقنى خالىماسلىقىدا.ئۇنىڭ بالىلارغا خاس ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىدە. FirmzB Il5 KtV_DjH: «سۇ بويىدا» رومان شىنەيئەن 0Y!Bb2m }B0V$ رومانىنىڭ ئاپتۇرى شىنەيئەن(1296~1371)بولۇپ، لوگۇئەنجوڭ(1330-1400)بىلەن بىرلىشىپ يازغان، بۇ كىتاپ يۇئەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى مېڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە خەنزۇ ئېغىز تېلىدا يىزىلغان بولۇپ. 12 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىتىلغان. جوڭگو تۆت چوڭ مەشھور ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. ‹سۇ بويىدا› رومانىدىكى ۋەقەلىك توپىلاڭچىلارنى ئادالەت يولىنى تۇتۇپ، خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن جان پىدا قىلغانلار قاتارىدا كۆرسۇتۇپ، توپىلاڭچىلار ئۈچۈن شەخسىي ئىناۋىتىنى ۋە نوپۇزىنى تىكلىگەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە قەھرىمان، باتۇر شەخس سىياقىنى پەيدا قىلغان جوڭگودىكى تۇنجى چوڭ ھەجىملىك دىخانلار قوزغىلىڭىنى مەدھىلەنگەن تارىخى رومان. كىتاپتا تەسىرلىك ۋەقەلەر ئارقىلىق، لىياڭشەن تېغىدىكى 108ئەزمەتنىڭ قوزغىلاڭ باشلىنىشىدىكى، تەرەققىياتىدىكى ھەم ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىكى كىشلىك ھايات سەزگۇرەشتىلىرىنى يېزىش ئارقىلىق زالىملار زۇلىمىغا ئىسيان كۆتەرگەنلىكى ئىپادىلىگەن . 4H1s"mP< ‹سۇ بويىدا› رومانى ئاساسى مەزمۇنى شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى شۇنخې يىللىرى (1119---1121)نىڭ ئالدى -كەينىدە يۇن جوۋ شوۋجاڭ ناھيىسىنىڭ ئەتراپىدىكى لىياڭشەن كۆلىدە قوزغانغان سۇڭجىئاڭ قوزغىلىڭىنى ئاساسى تېما قىلىنغان. NO9Jre KUuwScb\ l ئاپتور ھەققىدە: شى نەيئەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن يازغۇچى.ئۇخەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قىسسە،ھېكايىلارغا ئاساسەن ‹‹ سۇ بويىدا ›› رومانىنى يېزىپ چىققان. lWOB!l l l روماندا تەسۋىرلەنگەن ئىجتىمائىي رېئاللىق: شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ شۈەنخې يىللىرى(1119-1125) پارتلىغان سۇڭ جىياڭ باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى تەسۋىرلەنگەن قەھرىمانلىق رومان. T8qG9)~3 _G'. VSGH روماندا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ جەمئىيەتتىكى قاراڭغۇلۇق ۋە چىرىكلىك،بولۇپمۇ ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە ‹‹ئەمەلدارلارباي،پۇقرالار نامرات›› بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى ھەقىقىي يۇسۇندا يورۇتۇپ بېرىلگەن. ]bS\*q0Zf( B`KpaE] چاۋگەي قاتارلىقلارنىڭ پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ ھارام يىغقان مال- دۇنياسىنى تارتىۋالغانلىقى پارىخور،نەپسانىيەتچى ئەمەلدارلارغا بولغان غەزەپ- نەپرەت ۋە قارشىلىقىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن.يەنە كېلىپ بۇخىل قارشىلىق ئۇلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قوزغىلاڭ كۆتۈرشىگە يول ئېچىپ بەرگەن. w@oq.K *4.f*3* روماندا ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ئىسيان كۆتۈرۈش يولىغا مېڭىشىدىكى كەچۈرمىشلىرى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەققەنىيەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىش روھى مەدھىيلەنگەن. 1hRC
Bwx
[v
IO l ‹‹سۇ بويىدا››رومانىنىڭ نىڭ بۈيۈك تۆھپىسى قايسى؟ ~%sDQt\S oTfEX4 t { شۇنچىۋالا كۆپ پىرسۇناژنىڭ ئوبرازىنى،يەنى108 پالۋاننىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە يىگىرمىسىنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى روشەن،مەڭگۈ ئەستىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە تەسۋىرلەپ بەرگەن. }RM?gE 9$Hgh7'hvs l لۇدا جىن بوۋاي ۋە ئۇنىڭ قىزىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتمەكچى بولغاندا ،لى جۇڭنىڭ ئاران دېگەندە ئىككى سەر كۈمۈشنى چىقارغىنىنى كۆرۈپ لۇدا نىمىشقا‹‹تازا پىخسىق ئوخشىمامسىز›› دەيدۇ؟ لۇدا جىن بوۋاي ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ماڭدۇرۋەتكەندىن كىيىن،ئاندىن جېن قاسساپ بىلەن ھىسابلاشقىلى بارغان.ئۇ ئىشلارنى نىمىچۈن مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ بۇ تەپسىلاتلار پىرسۇناژنى يارىتىشتا قانداق رول ئوينىغان؟ >Axe7 Ho\z^w+T` لۇدا ھىلىقى ئىككى سەر كۈمۈشنى ئىلىشنى خالىماي،لى جۇڭغا تاشلاپ بىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پىخسىقلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئەينى چاغدا جىن بوۋاي ۋە ئۇنىڭ قىزىغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن، لۇدا ئۆزىنىڭ يىنىدىكى بەش سەر كۈمۈشنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا بىرىۋىتىدۇ.ئۇنى ئاز كۆرۈپ يەنە شى جىن بىلەن لى جۇڭدىن پۇل ئۆتنە ئىلىپ جىن بوۋاي بىلەن قىزىغا بىرىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئوبدان كۈن ئىلىشىغا ياردەم قىلماقچى بولىدۇ.شى قىن ئەل كىزەر ئەزىمەتلەرگە خاس ھالدا ئو سەر كۈمۈشنى چىقىرىدۇ.لى جۇڭ بولسا «يېنىنى ئاختۇرۇپ ئىككى سەر كۈمۈش چىقىرىدۇ»، لۇدا ئۇنىڭ پىخسىقلىقىدىن ئاغرىنىپ، ئۇنىڭ پۇلىنى ئالماي تاشلاپ بىرىپ ئۇنى ئوسال قىلىدۇ.لۇدا بايلىقنى دوست تۇتمايدىغان،مەردلىكنى قولدىن بەرمەيدىغان ئادەم بولغاچقا، ياخشى ئىشنى ئاخىرغىچە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، شۇڭا لى جۇڭنىڭ مىجەزى ئۇنىڭغا ياقمايدۇ. ..n-&(c32 Zb}=?fcL;@ بىراق، لۇدا قانداقلا بولسۇن سىپاھبەگلىكتىن كىلىپ چىققان بولغاچقا، مىجەزى قوپال بولسىمۇ، لىكىن ئىشنى خىلىلا ئىنچىكە قىلىدۇ(بۇ يىرى لى كۇي بىلەن ئوخشىمايدۇ).ئۇ ئالدى بىلەن جىن بوۋاي بىلەن قىزىنى يولغا سىلىۋىتىپ،ئاندىن جېن قاسساپنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن ھىساب ئالغىلى بارىدۇ.بۇنداق قىلىشتا ئۇ جىن قاسساپنىڭ جىن بوۋاي ۋە ئۇنىڭ قىزىنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.ئەينى چاغدا ئۇنىڭ جىن قاسساپنى ئەدەپلەپلا قويۇش خىيالى بولۇپ،ئۆلتۈرۈش نىيىتى يوق ئىدى. z+wBZn{0I Z;Tjjws l مەۋلۇت سوۋغىسىنى قولغا چۈشۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بىھۇش دورىسىنى سېلىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى بولۇپ،ۋۇيۇڭ قاتارلىق b/2t@VlL =SLJkw&w6 ئەزىمەتلەر ئىشلارنى ناھايىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرغانلىقتىن، ياڭ جى شۇنچە ئېھتىياتچان تۇرۇقلۇقمۇ ئاخىر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشكەن.بۇنىڭدىكى سىرنى نىمىچۈن ئەڭ ئاخىرىدا دەيدۇ؟ بۇنىڭدىن ۋەقەلىكنى جەلپ قىلارلىق قىلىپ يېزىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋىلىڭ. H%sbf&
gi "y5c)l(Rg ‹‹مەۋلۇت سوۋغىسىنى پەم بىلەن قولغا چۈشۈرۈش››قىسمىنىڭ يېزىلىشىدىكى ئۇستاتلىق ئۇنىڭدىكى‹‹ پەم ›› دە. ئەگەر ئالدى بىلەن ۋۇيۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەخپىي پىلانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولسا، ئۇنىڭدىكى جەلىپكارلىق سۇسلىشىپ يوققا چىققان بولاتتى.ھېكايىنى جەلىپ قىلارلىق يېزىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقىش ھەم ئەقىلگە مۇۋاپىق يېزىش كېرەك.سىرنى ۋاقتىنچە ئېچىۋەتمەي، ئاخىرىدا ئايان قىلىش دائىم قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. z^=9
%tLJ .PxtcC.K l ئەسەر تەھلىلى: ‹‹سۇبويىدا››رومانىدا پالۋانلار توپلىنىپ ئىسيان كۆتۈرۈشتىن ئىلگىرى ۋەقەلىك ئومومىي شەخىسلەر بىرلىك قىلىنىپ،چاتما شەكىلدە قاتلاممۇ-قاتلام راۋاجلىنىدۇ.ئادەتتە بىرياكى بىرگۇرۇپپا شەخس نوقتىلىق تەسۋىرلىنىدۇ.ئالدىدا سۆزلەنگەن شەخسلەر بەزىدە ۋاقتىنچە يوقاپ كىتىدۇ، بەزىلەر كىيىن مۇۋاپىق ئورۇندا ئوتتۇرغا چىقىدۇ.نۇ روماننىڭ ئالدىنقى70بابىدا باتۇر- ئەزىمەتلەرنىڭ بەس- بەستە لىياڭشەن كۆلىگە توپلانغانلىق جەريانى ئىنتايىن جانلىق يىزىلغان.جاھاندىكى ئەزىمەتلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىشىدەك سۈر-ھەيۋە شەكىللەنگەن بولۇپ108ئەزىمەت لىياڭشەن كۆلىگە توپلانغاندىن كىيىن ھىكايە شەخىسلەرنى ئەمەس،ۋەقەلىكنى مەركەز قىلىپ راۋاجلىنىدۇ.ئالدى بىلەن لىياڭشەن كۆلىدىكى باتۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ تۇڭ گۈەننى ئىككى قىتىم يەڭگەنلىكى،گاۋ چىيۇنى ئۈچ قىتىم مەغلۇپ قىلغانلىقى يىزىلىدۇ،ئاندىن ئۇلارنىڭ خاندانلىقنىڭ ئەل بولۇش يارلىقىنى قوبۇل قىلىپ،لىياۋغا يۈرۈش قىلغانلىقى،فاڭ لانى يوقاتقانلىقى،مۇشۇ جەرياندا باتۇرلارنىڭ تەدرىجى ئەجەل بوسۇغىلىرىغا بىرىپ،ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى يىزىلىدۇ. #O `nQ +=;F vb سۇ بويىدا رومانىدا نۇرغۇن قەھرىمانلار ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە كىشىنى قىزىقتۇرىدىغانلىرىدىن ۋۇ سۇڭ،لىن چۇڭ،لۇ جىشىن،لى كۇي،سۇڭ جىياڭ قاتارلىقلار بار.بۇلارنىڭ ئىچىدە سۇڭ جىياڭنىڭ ئوبرازى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،ئۇ ئاتالمىش‹‹ساداقەتمەنلىك››نىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى.ئۇ‹‹مەردلىك››نى قولدىن بەرمىگەچكە،‹‹بىشى كىتىشتىن قورقماي››چاۋ گەينى قۇتقۇزىدۇ.ئۇ مەردلىكنى قولدىن بەرمەيدۇ،بايلىقنى دوست تۇتمايدۇ،نامرات،ئاجىزلارغا يار- يۆلەكتە بولىدۇ،نۇرغۇن باتۇرلارغا ياردەم بىرىدۇ،بىراق ئۆزى لىياڭشەن كۆلىگە بىرىشنى خالىمايدۇ.ئۇ بۇنداق قىلىش‹‹يۇقىرىدا تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە،تۆۋەندە ئاتىنىڭ تەلىمىگە خىلاپلىق،ساداقەتسىزلىك،ۋاپاسىزلىق قىلغانلىق››دەپ قارايدۇ.كىيىن ئۇ لىياڭشەن كۆلىگە بىرىپ،ئۇلارنىڭ ئاتامانىغا ئايلانغان بولسىمۇ،لىكىن خانىدانلىقنىڭ ئەل بولۇش يارلىقى چۈشۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.‹‹كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىگرىغا بىرىپ ئىشلىسەممۇ بىرەر مەنسەپ تۇتۇپ،تارىختا ياخشى نامىم قالسا ئارمىنىم يوق››دەيدۇ.سۇڭ قىياڭ يەنە:‹‹پېقىر سۇڭ جىياڭ قانداقمۇ خانىدانلىقتىن يۈز ئۆرۈي؟ پاسىق ئەمەلدارلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى بىلەن چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزدۈم،شۇڭا مۇ كۆلنى پاناھ قىلىپ خانىدانلىقنىڭ كەچۈرۈم ئىلان قىلىپ ئەل بولۇش يارلىقى چۈشۈرۈشىنى كۈتۈۋاتىمەن››دەيدۇ.شۇڭا لىياڭشەن كۆلىدىكى‹‹مەردلەر سارىيى››نى ‹‹سادىق مەردلەر سارىيى››غا ئۆزگەرتىپ،‹‹تەڭرى يولىنى تۇتۇش››دىگەن تۇغنى ئاسىدۇ.بۇلار‹‹سۇ بويىدا››ئاپتورىنىڭ ئىدىيىسىنى بىۋاستە ئىپادىلەپ بىرىدۇ.سۇڭ جىياڭ ئۆلۈش ئالدىدىمۇ:‹‹مەن ئۆمرۈمدە‹ساداقەتمەنلىك›نى تەشەبۇس قىلىپ كەلدىم،قىلچە يامان غەرەزدە بولمىدىم.بۈگۈن خانىدانلىق ماڭا ئۆلۈشنى بۇيرىغانىكەن،خانىدانلىق مەندىن يۈز ئۆرۈسىمۇ،مەن خانىدانلىققا بولغان سادىقلىقىمدىن يانمايمەن!››دەيدۇ. %0= |WnF- 2z&HT SI «ئانا يۇرت» تارىخىي رومان زوردۇن سابىر * UBU? BWz*!( تالانىتلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر(1937-1998)نىڭ بۇ تارىخىي رومانىدا 1940-يىللاردا يۈز بەرگەن «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان.ئەسەردە ئىنقىلابنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى،ئەگرى-توقاي، مۇرەككەپ مۇساپىلىرى، تۈرلۈك پىرسۇنازلار ئوبرازى يۈكسەك ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.ماۋزىدۇڭنىڭ«ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پۈتۈن جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن يۈكسەك باھاسى تارىخىي پاكىتلار بىلەن دەلىللەنگەن. مۇختەر باي ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىلغان توقۇلما ئوبراز.ئۇ قوپال، شۆھرەتپەرەس، شەخسىيەتچىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ياماندىن قورقمايدىغان،مىللىي ئەنئەنىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، غۇرۇرى،ئار-نومۇسىنى ئەلا بىلىدىغان ئوبراز. ئەسەردىكى ئاساسلىق پىرسۇناژ- نۇرى. ئۇ گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئوقۇمۇشلۇق، ئەلنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلىدىغان، ئەلنىڭ بەختى ، ئەركىنلىكى ئۈچۈن، ھەرقانداق خېيىم- خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغان، باتۇر، تەدبىرلىك ئوبراز. OG/R6k. U")bvUIL l زوردۇن سابىرنىڭ ھاياتى پائالىيىتى B]0`b1t -h8A<
داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر 1937- يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ يېڭى تام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1957- يىلى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن مەكتپىنى پۈتكۈزۈپ، «ئىلى گېزىتى» ئىدارىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. شۇ يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا بېرىپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغان. ئوقۇشى تاماملانغاندىن كېيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1964- يىلى غۇلجا شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېلىپ، بۇ مەكتەپتە تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە مۇھەررىر بولغان. 1981- يىلى بېيجىڭغا بېرىپ، لۇشۈن نامىدىكى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا بىلىم ئاشۇرغان. شۇ يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە يۆتكىلىپ كېلىپ كەسپىي يازغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. مۇشۇ يىللاردىن تارتىپ ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىغان. 1987- يىلى تەكلىپ بىلەن سابىق غەربىي گېرمانىيىگە بېرىپ، ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇشتا بىر مۇنچە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئىلمىي لېكسىيە سۆزلىگەن. بۇ لېكسىيىسى «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە قىسقىچە بايان» دېگەن نام بىلەن مەخسۇس كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان. زوردۇن سابىر يەنە 1988- يىلى تەكلىپ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ زىيارەتتە بولغان. تۆھپىكار يازغۇچى زوردۇن سابىر 1998- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى كېسەللىك بىلەن ئۈرۈمچىدە 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «دولان ياشلىرى» (1979)، «خەيىرلىك ئىشلار» (1982) پوۋېستى، «ئىزدىنىش»، «ئابرال شاماللىرى» (1984- يىل) قاتارلىق رومانلىرى، «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيىسى، «شەبنەم»، «ساداقەت»، «ئارچا ياپرىقى»، «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»... قاتارلىقلار بار. $hn#T#J3 $yLsuqB} l رومان ھەققىدە bK<'J=#1 }p]8'($ «ئانا يۇرت» بىر تىرىلوگىيە. بۇ روماننىڭ ھەجىمى خېلىلا چوڭ. ئاپتور بۇ ئەسەرنى بابلارغا ئايرىمىغان، ئايرىم- ئايرىم ماۋزۇمۇ قويمىغان. «- ۋاي ئوغرى!...» دەپ باشلىغان پېتى «گويا تۆكۈلگەن قانلار پاجىئەنى مەقسەت قىلغاندەك، ئەزىز قۇربانلار تىرىكلەرنى يانلىرىغا چىللاۋاتقاندەك، ھەممىلا ئادەمنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقۇسى كەلگەنىدى. لېكىن، قويۇق ئورمانلار كەينىدىن- كۈنچىقىتشتىن ئاستا باش كۆتۈرۈۋاتقان قۇياش ئىنسانلارنى ھاياتقا، ياشاشقا- بەختكە چىللىماقتا ئىدى!» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان. دېمەك، يازغۇچى بۇ روماننى سۇۋارى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ شەكلى سۇۋارى يېزىلغىنى بىلەن، مەزمۇنى يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان دەرىجىدە دولقۇنلۇق، ئوقۇغان كىشىنى گاھ سۆيۈندۈرىدىغان، گاھ كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرىدىغان، گاھ چوڭقۇر ئۇھ تارقۇزىدىغان، گاھ بۇقۇلدىتىپ يىغىلىتىۋېتىدىغان دەرىجىدە ھەيران قالارلىق ماھارەت يېزىپ چىقىلغان. شۇڭا، بۇ رومان ئوقۇرمەنلەر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلار تەرىپىدىن بىردەك يوقىرى باھاغا، قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولغان.
4&&((H
«ئانا يۇرت» رومانىنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ، ۋەقەلىكى مۇرەككەپ، پېرسۇناژلىرى كۆپ. بۇ ئەھۋال ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخى ھەققىدە مۇئەييەن بىلىم ئاساسى يوق ئوقۇغۇچىلارنىڭ روماننى ئوقۇپ چۈشىنىشىدە روشەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روماننىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى ئوقۇرمەننى كۈچلۈك جەلپ قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر بەدىئىي لەززەت ئىچىدە 20- ئەسىردىكى ئاشۇ شانلىق تارىخىمىز ۋە ئاشۇ تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشەلەيدۇ. بولۇپمۇ روماننىڭ گۈزەل بايان شەكلى، پېرسۇناژلارنىڭ خاسلاشقان تىلى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس روشەن مىجەز- خاراكتېرى، قىزىقارلىق ۋەقە ۋە تەپسىلاتلار، چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلەر، ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئاجايىپ- غارايىپ بىر بىپايان بەدىئىي ئالەمگە تۇيدۇرماي ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. ئوقۇرمەنلەر ئاشۇر بىپايان بەدىئىي ئالەم ئىچىدە ساددا- سەمىمىي، ئەمما قوپال دېھقانلارنى، باتۇر، شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنى، قورقۇنچاق ساتقۇن جانباقتىلارنى، دانا يولباشچىلارنى، مەككار سىياسىئونلارنى كۆرىدۇ، رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى، دەھشەتلىك ئۇرۇش قىسسىلىرىنى، ئەركىنلىك ئىستەكلىرىنى، زوراۋانلىق سەپسەتىلىرىنى، ھايات ھەقىقەتلىرىنى، خەلق ئىنقىلابلىرىنى، پىداكارلىققا ئوقۇلغان مەدھىيىلەرنى، ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارىتىلغان نەشتەردەك تەنقىدلەرنى ئوقۇيدۇ. Xg_M{t ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شانلىق ئىنقىلاب ھەققىدە يېزىلغان بىر پارچە نادىر روماننى ئوقۇش چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، يوقىرىقىدەك ئاجايىپ- غارايىپ بەدىئىي ئالەم ئىچىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارغا مۇيەسسەر بولۇش ھەم رەڭگارەڭ پېرسۇناژلار بىلەن سىردىشىش، تونۇشۇش بەزىلىرىگە ھەۋەس ۋە مۇھەببەت، بەزىلىرىگە غەزەپ ۋە نەپرەت، يەنە بەزىلىرىگە ھەسرەت- ئېچىنىش بىلەن مۇئامىلە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش كەم ئۇچرايدىغان ئامەت.
Fr`"XH قىسقىسى، «ئانا يۇرت» رومانى ئېپوس خاراكتېرلىك نادىر تارىخىي رومان. بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى روماننىڭ نەشرىيات تەرىپىدىن يېزىلغان كىرىش سۆزىدە ئېيتىلغاندەك: «ئاجايىپ يارقىن تارىخىي ۋە بەدىئىي چىنلىق تۇيغۇسى، مۇرەككەپ ھېس- تۇيغۇلارغا باي ئىنچىكە تەسۋىرلىرى، يېقىلىق بەدىئىي ئۇسلۇبى، راۋان، مەنىلىك تىل سەنئىتى بىلەن بىر پۈتۈن دەۋرنىڭ تارىخىي ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىزىپ بەرگەن»لىكىدە. 4l <%Q2 يازغۇچى بۇ رومانىدا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى دەۋر تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى»نىڭ پارتىلىشىدىن تارتىپ ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان بىر پۈتۈن جەرياننى ھەم تارىخىي يوسۇندا، ھەم بەدىئىي يوسۇندا تەسۋىرلىگەن. روماننىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنىقىلابى»غا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم ۋەقەلەردىن باشقا، يەنە 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى باشقا مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرمۇ يانداشتۇرۇلۇپ تەسۋىرلەنگەن. ماكان جەھەتتە ئۇ يالغۇز ئىلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، دەۋر جەھەتتە ئۇ 40- يىللارنىڭلا تارىخى بولۇپ قالمىغان. ئۇنىڭدا ھەممە دەۋرلەر ئۈچۈن ئورتاق بولغان چوڭقۇر پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. روماندا يازغۇچى باش قەھرىمان نۇرىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، ئىنقىلابنىڭ جەڭگىۋار، مۇرەككەپ جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ جاپالىق، ئەمما ئۆزگىچە تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. يازغۇچى روماندا تارىخىي رېئاللىقنىمۇ، تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ، ئۇيغۇر يېزىلىرىغا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلەرنىمۇ ئوخشاشلا ناھايتى كۆڭۈل قويۇپ تەسۋىرلەپ، ئەسەرنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئېپوسقا- ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى مۇرەككەپ تارىخنىڭ ھەقىقىي بەدىئىي خاتىرىسىگە ئايلاندۇرغان. I'Ui` :A
*سىزنىڭچە مۇختەر باي قانداق ئادەم؟ ئۇنىڭ سۆز- ھەركەتلىرىگە زوقىڭىز كېلەمدۇ، نېمە ئۈچۈن؟ V\5ZRLawP مۇختەر باي مەزكۇر تېرىلوگىيىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان پېرسۇناژ. بۇ پېرسۇناژنىڭ تارىخىي پروتوتىپى يوق. ئاپتور ئۇنى رومان ۋەقەلىكىنىڭ ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن توقۇغان. بۇ توقۇلما پېرسۇناژنىڭ خاراكتېرى شۇ قەدەر چىن يارىتىلغانكى، ئوقۇرمەننىڭ ئېسىدىن ئۇنتۇلغۇسىز ئوبراز سۈپىتدە ئورۇن ئالىدۇ. مۇختەرنىڭ سۆزلىرى تولىمۇ قوپال، غەلىتە ھەۋەسلىرى كۆپ، تومپاي، شۆھرەتپەرەس، ئەمما باتۇر، قارام، مەرد، ھەق- ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك ئادەم. ئۇنىڭ ھەربىر ئىشى، ھەربىر ھەرىكىتى، ھەربىر سۆزى كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز بەدىئىي لەززەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاققا يات سۆز- ھەرىكەتلىرى، بىمەنە ئارزۇ- ھەۋەسلىرى ئوقۇرمەننىڭ تەنقىد تۇيغۇسىنى قوزغىسا، ئومۇمنىڭ ئىشى ئۈچۈن ھېچنىمىسىنى ئايىمايدىغان، مەردلىكنى ئەلا بىلىدىغان، قورقۇمسىز پەزىلىتى ئوقۇرمەننى چوڭقۇر سۆيۈندۈرىدۇ. مۇنداق ئېيتقاندا، مۇختەر بايدىن ئىبارەت بۇ پېرسۇناژ ئۆزىنىڭ ساددا، نادان، قوپال مىجەزى بىلەن باتۇر، مەردانە، ئوچۇق- يۇرۇق خاراكتېرى بىلەن ئوقۇرمەننىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقىقىي تۇرمۇش چىنلىقىغا ئىگە، جېنى بار پېرسۇناژ. |:7O سىز ئاپتورنىڭ مۇختەر بايدىن ئىبارەت بەدىئىي (توقۇلما) ئوبرازنى نېمە مەقسەتتە ياراتقانلىقىنى قانداق چۈشەندىڭىز؟ 8eCC
=Az: ئاپتور روماندا ئىلى ۋادىسىنى ئاساسلىق پائالىيەت سەھنىسى قىلغان. چۈنكى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئىلىدا باشلانغان ھەم غۇلجىنى مەركەز قىلغان. شۇنداق بولغاچقا، روماندا ئەينى يىللاردىكى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ خاراكتېرىگە، بولۇپمۇ ئىلىدىكى دېھقانلار قاتلىمىنىڭ خاراكتېرىگە ۋەكىل بۇلالايدىغان چىن ھەم مۇكەممەل بىر بەدىئىي ئوبرازنى يارتىش ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. مۇشۇنداق تۇرمۇش ئاساسى بار ئوبرازنى ياراتقاندىلا، روماننىڭ ۋەقەلىك تەرەققىياتى تەبىئىيلىككە ئىگە بولاتتى ھەم بەدىئىيلىكى يۈكسىلەتتى. شۇڭا، يازغۇچى مۇختەر بايدىن ئىبارەت ئۆزگىچە بەدىئىي ئوبرازنى يارىتىشقا ئالاھىدە زور كۈچ سەرپ قىلغان ھەم ئاخىرقى ھېسابتا كۆزلىگەن بەدىئىي ئۈنۈمگە يەتكەن. nd_+g2x' *خەتنە توي جەريانىدىكى پائالىيەت، سالام- سەھەت، كىيىنىش، تارىنىش قاتارلىقلاردىن مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟ ~4IkQ|, بۇلاردىن مۇكەممەل يېزا تۇرمۇش مەدەنىيىتىمىزنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق گۈزەل ئادەتلەر، كۆركەم كىيىنىشلەردىن خەلقىمىزنىڭ يېزا تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقلىقىنى ھەم ئادىمىيلىك پەزىلەت، كىشىلىك ئەخلاق، گۈزەللىك قارشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن يۈكسەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ ئۆم- ئىتتىپاق ياشاشنى ئەلا بىلىدىغان، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى قەدىرلەيدىغان، گۈزەللىككە ھېرىسمەن خاراكتېرىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. qS1byqq78l *بەيگە ئۆتكۈزۈش ۋە ئوغلاق تارتىشىش- خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە ئادىتى. سىز مۇشۇ پارچىدا تەسۋىرلەنگەن بەيگە ئۆتكۈزۈش ۋە ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتىگە ھەۋەس قىلدىڭىزمۇ، نېمە ئۈچۈن؟ 6AD#x7drj بەيگە ئۆتكۈزۈش ۋە ئوغلاق تارتىشىش خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى مىللىي تەنتەربىيە ھەرىكىتى، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك ئالاھىدە ئۆرپ- ئادىتى. مەزكۇر پارچىدا ئۆتكۈزۈلگەن بەيگە ۋە ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتى ئوقۇرمەننى بىر نەچچە جەھەتتىن زوقلاندۇرىدۇ: ① بۇ ئىككى پائالىيەت ئوخشاشلا ئەرلىك جاسارەتنى نامايەن قىلىپ، باتۇر، قارام، رىقابەتچان، پەم- پاراسەتلىك مىللىي خاراكتېرنى شەكىللەندۈرىدىغان ئالاھىدە پائالىيەت. ② چوڭ- كىچىك، ئەر- ئايال بارلىق كىشىلەرگە خۇشاللىق، قىزىقىش، ئۈمىدۋارلىق پوزىتسىيە ئاتا قىلىدىغان ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە پائالىيەت. ③ بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى خاسلىققا ئىگە قىلىدىغان فولكلور قىممىتىگە ئىگە ئاممىۋى پائالىيەت. ④ يېتىلىۋاتقان ياش- ئۆسمۈرلەردە ياراملىق ئەركەكلەردىن، باتۇر ئەزىمەتلەردىن بولۇش غايىسىنى ئۇرغۇتىدىغان تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە پائالىيەت. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئېيتقاندا، بەيگە ئۆتكۈزۈش بىلەن ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى ھەقىقەتەن قوزغايدۇ. %P@V7n 36iDiT_ l مۇختەر باينىڭ مىجەز- خاراكتېرىدىكى ئۆزگىچىلىكنى ئۇنىڭ قايسى سۆز- ھەرىكەتلىرىدىن ئېنىق ھېس قىلدىڭىز؟ CNP!v\D lqdil l\ مۇختەر باي سۆز- ھەرىكىتىدە خاسلىق ئىنتايىن كۈچلۈك پېرسۇناژ. پۈتكۈل تېرىلوگىيىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇ بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇكەممەل يارىتىلغان ئوبراز. مەزكۇر پارچىدىمۇ ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى روشەن ئىپادىلىنىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەر بار. مەسىلەن، سەھەردە تۇرۇۋېلىپ خوتۇنىغا «تەرەتكە ۋاقتىدا سۇ بەرمىدىڭ!» دەپ ۋارقىرىغان پېتى ھويلىغا چىقىۋېلىپ، ھۇجرىلىرىدا ئۇخلاۋاتقان ئۆيلەنگەن ئىككى ئوغلىنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ تىللاپ ئويغىتىشلىرى، ئوغلاقنى ئابدۇمەرگە تارتقۇزۇپ قويغىنىغا كېچىچە ئۇيقۇسى كەلمەي تىرىكىپ چىقىشلىرى، مەزىن ئەزاننى ۋاقتىدا توۋلىمىدى دەپ بېزەپ تىللاشلىرى، زىياۋۇدۇنغا بۈگۈنكى ئوغلاق تارتىشىشتا قانداق قىلىش لازىملىقى ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرغان بۇيرۇقلىرى، ھېۋزىباينىڭ ئۈچ نەۋرىسىنىڭ خەتنە تويىغا مەھەللە ئەرلىرىنى باشلاپ ئاتلىق ماڭغان چاغدىكى قىياپىتى... قاتارلىقلاردىن مۇختەرنىڭ خاراكتېر خاسلىقى چاقناپ تۇرىدۇ. ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، تەلىم- تەربىيە ئوبيېكتى نەزەرگە ئېلىنىپ ھەم سەھىپە چەكلىمىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ پارچىنى روماندىن ئالغاندا سۆز- جۈملىلىرىدىكى بىر قىسىم سۆز- جۈملىلەر قىسقارتىلىپ دەرسلىككە كىرگۈزۈلدى. شۇڭا، مۇختەرباينىڭ سۆز- ھەرىكىتىدىكى خاسلىقنى ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر روماننى تولۇق ئوقۇغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ]c/k%]o~ l5;
SY «مىڭ بىر كېچە» ژانېرى: چۆچەك ، مەسەل ، ئەپسانىلەر توپلىمى uUmkk #POVu|Y;h قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ دۇنياغا مەشھۇر ئەدەبىي ئەسىرى. بىر ئادەمنىڭ قولىدىن چىقمىغان. بەلكى ئۇ، ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدىكى مەدداھلارنىڭ پىششىقلاپ ئىشلىشىنىڭ مەھسۇلى. ئۇ تەخمىنەن 8-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئەرەبىستاندا بارلىققا كېلىپ، تەكرار پىششىقلىنىش ئارقىلىق، 16-ئەسىردە ئاندىن بىرپۈتۈن كىتاب بولغان. ئۇنىڭ مەنبەسى «ھەزار ئەفسەنە» («مىڭ ھېكايە») دېگەن پارىس ھېكايىلەر توپلىمى. ئۇنىڭدا گۈزەل، پاك مۇھەببەت ۋە نىكاھ مەھدىلەنگەن، ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تەۋەككۈلچىلىك ۋەقەلىرى بايان قىلىنغان، رەزىللىك قاتتىق قامچىلانغان، چىنلىق، گۈزەللىك ھەم ياخشىلىق كۈيلەنگەن، خەلقنىڭ بەختكە بولغان ئىنتىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەيش-ئىشىرەتلىك تۇرمۇشى ۋە زوراۋانلىقى پاش قىلىنغان،خەلقنىڭ قارىشلىقى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭدا ساددا رېئالىزم بىلەن ئاجايىپ ۋە ئۆزگىرىشچان رومانتىزىم بىرلەشتۈرۈلگەن. بەددىيلىك جەھەتتىن قارىغاندا- ھېكايە ئىچىدە ھېكايە بولۇش ئۇنىڭ مۇھىم بىر بەدىئىي ئالاھىدىلىكى. $F&m('aB8
ئۇنىڭدا قەدىمقى يېقىن شەرق، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ چۆچەك-رىۋايەتلىرى، مەسەل-ھېكايىلىرى توپلانغان. ئاجايىپ-غارايىپلىققا، فانتازىيەلىك ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە، نەپىس ھەم تەسىرلىك بولۇپ، ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ كەلگەن P6G&3yPt 'aV/\a:* l يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسى: دەسمايە(مەبلەغ،قول ئىلكىدىكى نەرسە)، تىللا(ئالتۇن تەڭگە)، YmwUl>
@{ *Rx& |