查看完整版本: [-- ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە قانداق قارايسىز؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> پەرزەنىت تەربىيسى -> ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە قانداق قارايسىز؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نۇرلالە 2013-05-24 10:11

ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە قانداق قارايسىز؟

ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە قانداق قارايسىز؟ L!rw[x  
      شاڭخەيدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3–يىللىقىدىكى بىر  ئوغۇل ئوقۇغۇچى بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن، مەكتەپ ئۇنىڭ  ئۆلۈمىنىڭ خاراكتېرىنى «تاساددىپىي ئۆلگەن» دەپ بېكىتكەن. «ئەمگەك گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇ  ئوقۇغۇچىنىڭ ئانىسى چىن خانىمنىڭ بۇندىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى كەچتە ئوغلى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم  پاراڭلاشقانلىقىنى بىلگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىن  خانىم ئوغلىنىڭ سىنىپ مەسئۇلىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل  قىلغان بولۇپ، سىنىپ مەسئۇلى يەنە ئوغلىنىڭ شۇ سىنىپتىكى  ھېلىقى قىز بىلەن بولغان «ئىشى»نى ئېيتقان. چىن خانىمنىڭ  سۆزىگە ئاساسلانغاندا، سىنىپ مەسئۇلى شۇ كۈنى، بۇ ئوقۇغۇچى  «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن»لىكى ئۈچۈن، «ئۇنىڭ ئىتتىپاق  ئىزنىكىنى مۇسادىرە قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتقان. چىن خانىم:   مەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلاپ–ئارىلاپ ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا  ئىككى–ئۈچ يىل بولغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېنىكرەك بىر  تەرەپ قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنىدىم»دېگەن. ئون  نەچچە ياشلىق بىر بالىنىڭ تۇيۇقسىز بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ  ئۆلۈشى، «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن»لىكى ئۈچۈن جازاغا  ئۇچرىغانلىقىدىن بولغانمۇ -يوق، بۇنىڭغا ئىسپات يوق. لېكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن» لىكىنى قوپاللىق بىلەن چەكلىگەنلىكى بولسا پاكىت. ئوقۇتقۇچىنىڭ «ياخشى نىيەت» بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ «بالدۇر مۇھەببەتلەشكەن»لىكىنى چەكلىگەنلىكى، روشەنكى  «مۇھەببەتلىشىش»نى يامان ئىش دەپ قارىغانلىقىدا . نۇرغۇن  كىشىلەر «مۇھەببەتلىشىش»نى «جىنىس» بىلەن باغلاپ قاراپ،  ناھايىتى تەبىئىي ھالدا ئۆسمۈرلەرنىڭ «مۇھەببەتلىشىش»ىنى  چوڭلارنىڭ«جىنسىي ھەۋىسى»بويىچە چۈشۈنىدۇ.«جىنسىي ھەۋەس»نىڭ «پاك بولمىغان»بىر تەرىپى بولغانىكەن، ئۈرلەرنى ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماسلىقمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ  ئەخلاق مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىدۇ. مۇشۇنداق ئەقلىي يەكۈن  چىقىرىش مەنتىقىسى، ھازىرقى زامان پىسخولوگىيەسىدىن  قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى زور بىر خاتالىق . گىئوتىنىڭ «ئۆسمۈر ۋېيتنىڭ دىلخەستىلىكى»نى ئوقىغان  كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇم، ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشى  بىر خىل ئەركىن ئىندىۋىدوئاللىقنىڭ ھەقىقىي ئىپادىلىنىشى  بولۇپ، روھنىڭ يېقىنلىق كۈچىنىڭ قىزغىن ئىنتىلىشىدە، FO!]P   
  جىسمانىي نەپسىگە زادىلا ئورۇن بولمايدۇ . بۇمۇ  ئەپلاتوننىڭ «يېمەك– ئىچمەك توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىدە «مۇھەببەت ئىستىكى»نى مۇھاكىمە قىلغان چاغدا نېمە ئۈچۈن    مۇھەببەت ئىلاھىنى ئىنسانلار بەختىنىڭ مەنبەسى قىلغانلىقىدا. سوقرات مۇھەببەتنى گۈزەللىك ئوبيېكتى ئىچىدە  ئۇرۇق تارقاتقۇچى، ئىنسانلار مۇھەببەت ئارقىلىق ياخشىلىق ۋە مەڭگۈلۈككە يېقىنلىشىدۇ، دەپ قارىغان. ئۆسمۈرلەرنىڭ بارلىق ھېسسىياتى ئىچىدە، مۇھەببەت ئەڭ پاك، تىنچ، چىن،  دوستانە، گۈزەل بولىدۇ. ھەقىقىي مۇھەببەت ئۆسمۈرلەرنىڭ ئادىمىيلىق، ياخشىلىق تەربىيەسى جەھەتتە بارلىق قۇرۇق ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرۈشتىن ئېشىپ چۈشىدۇ.               0o+6Q8q  
         19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ئامېرىكا پىداگوكى خول «بالىلارنىڭ  يالغان ئېيتىش ھادىسىسى» (1890– يىلى) دېگەن كىتابتا،  بالىلارغا چوڭلارنىڭ نۇقتىنەزەرى ۋە بىر تەرەپلىمە ئەخلاق  قارىشى ئارقىلىق قاراش ھەرىكىتىنى قوللىمايدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن . ئۇ بالىلارنىڭ «سەمىمىي»لىك مەسىلىسىنى  مۇھاكىمە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ، يالغان ئېيتىشنى  ئاددىي ھالدا بىر خىل خاتالىق دەپ قارىماي، بەلكى ئۇنى بىر  خىل مۇرەككەپ ھەرىكەت شەكلى دەپ قاراش كېرەك، ئۇنىڭ مەنىسى  بالىلارنىڭ يېتىلىش باسقۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ   پەرقلىق بولىدۇ . كۆپ ساندىكى ئەھۋاللاردا، «يالغان ئېيتقان»بالىلار جازالاشقا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىشكە مۇھتاج. خولنىڭ كۆرگىنى بالىلارنىڭ ئۇ خىل تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن  «ئەپسانىلەرنى ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى ۋە بالىلارنىڭ nyBJb(5"B  
  «ھېلىقىدەك ھەممە ۋاقىت ، ھەممە جايدا ، كەمكۈتىسىز ھالدا سەمىمىيلىكنى ساقلايدىغان ، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇش»نى قانداق ئىزدەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت. بالىلارنىڭ يالغان ئېيتىشى ئويۇن ئويناشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇ ئىنسانلار  تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئۇ خىل يېقىملىق  پاكلىقنى ئىپادىلەيدۇ . ئۆسمۈرلەرنىڭ «مۇھەببەتلىشىش»ىمۇ  ئاددىي ھالدا ئەيىبلەشكە ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق چۈشىنىشكە مۇھتاج . خول ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ مائارىپ پىسخولوگىيە  تەتقىقاتى ئامېرىكا مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ نەزەرىنى  ئىنتايىن زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ 20–ئەسىرنىڭ  بېشىدىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنى يۈكسەلدۈرگەن. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە چوڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن بولۇپ، مائارىپ  ئۇلاردىن چوڭلار بىلەن پەرق قىلمايدىغان توغرا ئىدىيەنى ، چوڭلارغا ئوخشاش گېزىت– ژۇرناللاردىكى ماقالىلەرنى ئۆگىنىشنى، چوڭلارغا ئوخشاش سىياسىي شوئارلارنى توۋلاشنى،  چوڭلارغا ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق تەنقىد ۋە ئۆز–ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەتىجىدە، ھەمىشە، بالىلار {P{bOe  
ۋە ئۆسمۈرلەر بالدۇر يېتىلىپ، قاقباش، بايلىق ۋە مەرتىۋىگە  قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان، ھىلىيگەر، مۇغەمبەر بولۇپ،  ھەقىقىي ئوي–پىكىرى ۋە ھىسسىياتىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن  يوشۇرۇشقا ماھىر بولۇپ كېتىدۇ. ئۆسمۈرلۈك بىر ئادەمنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ئەڭ زور، ياشلىق ھاياتىي كۈچىگە ئەڭ باي، ھېسسىياتى ئەڭ ھەقىقىي مەزگىلى بولۇپ، دەل خول ئېيتقاندەك، ياش–ئۆسمۈرلەر ئۇرۇق سېلىش،  بىخ چىقىرىش، كۆچەتزارلىقتىن چوڭ ئېتىزلارغا  كۆچۈرۈش......نى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بۇ باسقۇچتىكى بالىلارغىمۇ  ، چوڭلارغىمۇ ئوخشىمايدىغان يېتىلىش (بالىلارغا  قارىغاندا)تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق. بۇ مەزگىلىنى  بالىلىقنىڭ داۋاملىشىشى ياكى ئالىي مەكتەپ يېشىدىن نۇقۇل  ھالدا بىر نەچچە يىلنى كېمەيتىۋېتىش دېيىش دەل نۇرغۇن  ئىللەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈپ خاتالىق، بىز  بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتىمىز». «مۇھەببەتلىشىش»نىڭ ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ نورمال يېتىلىشى  داۋامىدا مەلۇم رولى بولىدۇ، بۇ خىل ھېسسىيات ئېھتىياجىغا  ئائىلە باشلىقلىرى، ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكلىشى،  قوپاللىق بىلەن جازالىماي، تېخىمۇ مۇھىمى ھۆرمەتلىشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك. ;cPy1  
" Jt.lL ]5  

ئەكبەرنىياز 2013-05-24 13:48
پىشمىغان مېۋە ئاچچىق دەپتىكەن كونىلار ، كۆپ رەھمەت !!!

gulbar 2013-05-24 21:22
ئىقتىسادنىڭ كۇنسايىن ئىشىپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى كۇنسايىن يىڭىلىنىۋاتىدۇ ، مەسلەن ئىلىپ ئىيتايلۇق ، بىز ئالىي مەكتەپكە چىققان ۋاقىتتا كومپىيوتىر دىگەن نەرسىنى بىلگەن ، تۇتقان ، ئىشلىتىش دىگەن سۆزدىن ئىغىز ئىچىش تەس ئىدى ، لىكىن ھازىرچۇ 1 ياشلىق بالىنى كومپىيوتىر ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويسا كونۇپكا بىلەن ھەپىلەشسە 3-4 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئۆزى بىمالال ئۆز دائىرىسى ئىچىدىكى مەشخۇلات ئىلىپ بارالايدۇ ، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئىقتىسادنىڭ بالىلار يىتىلىشىگە ئىلىپ كەلگەن رولى چوڭ دەپ قارايمەن ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ھىسيات ئامىلى بولغان يىتىلىش تەبئىي قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ دەپ قارايمەن .(بۇ مىنىڭ شەخسەن قارىشىم) ، ئۇلار ھازىرقى ئىجدىمائىي مۇناسىۋەت ھالقىسىنى كىچىكىدىن چۇشەنگەن بولغاچقا بالدۇر يىتىلىش بۇ بالىلارغا بالدۇر يىتىپ كىلىدۇ ، لىكىن مىنىڭچە بۇ بالدۇر يىتىلىش بالىلارغا نىسبەتەن يامان ئىش دەپ قارىمايمەن ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇچرايدىغان تۇرمۇش ، دۇچ كىلىدىغان ۋەزىيەت ھازىرقىدەك نەچچە ھەسسە ئارتۇق ، بىز بۇ بالدۇر يىتىلىشتىن ئۇنۇملۇك ساقلىنىش يەنى ئوقۇتقۇچى ئەھۋالنى كۇزۇتۇش ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەش ، قارشى تەرەپتىن پايدىلىنىپ ئۇگىنىشكە قىزىقتۇرۇش ، كەيپىياتىنى تەڭشەشنى ئۇگىتىشىمىز كىرەك . ئامرىكىدا بولسا بالىلار 12 ياشتىن ئاشقىچە مۇھەببەتلەشمىسە ئۇلار بالىدىن گۇمان نەزىرىدە قارايدىكەن ، ھەم بالىلارنىڭ ھىسياتىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن ، گەرچە بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۇ ھالغا بىرىپ يەتمىسىمۇ ، بىز بالىلىرىمزنىڭ بالىلىق ھىسياتى بىلەن ئويناشماي ئۇلار بىلەن ياخشى بولغان پىكىرلىشىش سەھنىسى يارىتىپ ئۇلارغا ياخشى بولغان پىسخىك ھالەت شەكىللەندۇرۇلسە ياخشى دەپ قارايمەن . @6mBqcE'?  
مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس ، خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا تۇزۇتۇپ بىرەرسىلەر .

ئەكبەرنىياز 2013-05-25 22:53
مەكتەپتىكى مۇھەببەت ،  قالدۇرىدۇ  جاراھەت . Gi "941zVl  
دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن ، يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت .

ياسىنجان510 2013-12-23 00:13
بالدۇر ئېچىلغان گۈل ،بالدۇر توزىيدۇ.

nadiraay 2013-12-23 13:49
مېنىڭچە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا بالىلاردا مۇھەببەتكە قىزىقىشنىڭ بولۇشى  نورمال ئەھۋال. گەپ ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا. مەن بالىلارنىڭ نورمال مۇھەببەتلىشىشىنى ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىمايمەن. ياخشى ياماننى پەرىق ئېتىشكىمۇ پايدىسى بار .

قىز 2014-02-12 23:14
nadiraay:مېنىڭچە ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا بالىلاردا مۇھەببەتكە قىزىقىشنىڭ بولۇشى  نورمال ئەھۋال. گەپ ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا. مەن بالىلار .. (2013-12-23 13:49) 
;Efcw[<  
مەنچىمۇ بۇ نورمال ئەھۋال .

ئەكبەرنىياز 2014-02-12 23:19
بۇ تېمىدا ئازادە مۇنازىرىلىشىپ باقساق بولاتتى دوستلار !!!

شەبنەم117 2014-04-02 09:56
مەنمۇ  بالدۇر مىۇھەببەتلىشىشىشنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن .ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە. بۇنىڭغا بىز ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىر توغرا پوزىتسىيەدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلمىساق يۇقارقى بالا يولۇققاندەك پاجىئەلەرگە ئۇچرايدىغان بالىلار كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن.بىزمۇ بۇنداق ئەھۋاللارغا كۆپ ئۇچراپ تۇرىمىز مىنىڭچە ئوقۇتقۇچى  ئۈچۈن ئېيتقاندا مۇھەببەت مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلە شۇڭا بۇنداق مەسىلىگە يولۇققاندا ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلىشقا ،ۋە بېسىم ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .يۇگۈرۈپ بېرىپلا بالىنىڭ ئاتا -ئانىسىغا چېقىشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس ،ئامال بار ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن كۆپ سۆھبەتلىشىپ ،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە بۇ ئىشنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك بولمىسا ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن يالتايمايدۇ ھەتتا باشقىچە ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

گۈلنىھال 2014-04-02 11:44
بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنغۇدەك ئىش بوپتۇ . Uu:v4a  
4"(zi5`e  
مەكتەپلىرىمىزدە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ساناپ تۈگىتىش مومكىن ئەمەس . ,wo"(E!4e  
بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى ؟

ozqan 2014-04-02 12:33
بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس ، ئەمما ، بالدۇر مۇھەببەتلىشكەنلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىجەز-خاراكتىرىگە ماس ھالدا بىر تەرەپ قىلىش چارىسنى تېپىش بەكمۇ مۇھىم . HYmUxheN2  
ئەگەر توغرا ھەل قىلىنماي قالسا ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ھاڭ بىز ئويلىغاندىكىدىنمۇ چوڭلاپ كېتىدۇ . Fh $&puF2  
قانچە بېسىم قىلغانچە قارشىلىق شۇنچە ئاشىدۇ .مۇۋاپىق ئۇسۇل تېپىشتا  شۇ بالىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئەھۋالىغا قاراپ كونكىرىت  ئىشقا كونكىرىت مۇئالمىلە قىلىش ئاساسىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك .

ھاتەھاتەم 2014-05-20 12:50
ياخشى تېمىكەن.بىز دائىم قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى نورمال دوستلۇقنى پەرىق قىلالماي ،ئۇنى خاتا چۈشىنىپ،بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى يېتىدۇرۇپ قويىمىز.بەزى قىز -ئوغۇل ساۋاقداشلار ئىنتايىنيېقىن ئوتىدۇ،ئۇلار خۇددى ئاكا -سىڭىللاردەك مۇناسىۋەتنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىدۇ.بۇخىل مۇناسىۋەت بىز تەسساۋۇر قىلغاندەق قىز ئوغۇللار ئوتتۇرسىدىكى ئىشىق -مۇھاببەت ئەمەس.يىقىن ئوتكەن قىز-ئوغۇللارغا قاراپلا بەزى ئوقۇتقۇچىلار ،ئاتا-ئانىلار پىرىنسىپقا كۇترۈپ،ھە دىسە تەنقىدى تەربىيەنى كۈچەيتىۋىتىپ ئەكىس تەسىر بېرىپ قويۇپ ،توغرا يولغا باشلىيالمايقالىدۇ.مۇھەببەت دىگەننىڭ ئوزى مەڭگۇلۇك تېما.يىچكىم قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئازىر بالىلارنىڭ بىلىدىغان نەرسىلىرى بەك كۆپ،كورىدىغىنىمۇ كۆپ،شۇڭا ئۇلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا بالدۇر يېتىلىدۇ.ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىدا مۇھەببەتلىشىدىغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ .بۇ خىل ئەھۋالغا لايىغىدا ،ئەستايىدىل  مۇئامىلىدە بۇلۇپ،توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.مىنىڭ سىنپىمدىكى بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن مىنى ئىزدەپ كىلىپ،قىزىنى ئوقۇتمايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا،قىزىغا ئىشىنىش كېرەكلىگى توغرا تەربىيەدىن كېيىن چۇقۇم توغرا يولغا قايتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ،مەن قىزىڭىزغا ئىشىنىمەن،سىز قىزىقىزغا مەنچىلىك ئىشەنمەيدىكەنسىز دىگەن بىر سۆزنى قىلسام،بەك خوش بۇلۇپ كەتتى ھەم قىزىنى مەكتەپكە ئىۋەتىپ،ئۇقۇتتى.شۇ ئوقۇغۇچۇم ئۆزلىگىدەن يېنىمغا كىرىپ ،ماڭا ۋەدە بەردى ھەم ۋەدىسىدە تۇرۇپ ياخشى ئوقۇپ كىلىۋاتىدۇ.

ئاچچىقگۈل 2014-05-21 18:49
‹‹ 15 ياشقا كىرگۇچە مۇھەببەت ھېسسىياتى ئويغانمىغان بالا--دۆت بالا.›› |UO;St F  
yLOLv6g~e  
                                                                 ماكسىم گوركى


查看完整版本: [-- ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە قانداق قارايسىز؟ --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled