تۇلۇق 2-يىللىق تىل -ئەدەبىيات ئىمتىھان سۇئالى
سۇئال: سۇئالنىڭ تەلىپىگە ئويغۇن جاۋابنىڭ ھەرىپ بەلگىسىنى تاللاڭ (جەمئى 20 نومۇر)
1. فونتىكىلىق چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغىرىسى( )
A.«زېرەكلىك بىلەن كىشى تىلىكىگە يېتىدۇ،ئىچىڭنى بېزە،سىرتىڭنى بوياپ پارقىراتما»دىگەن جۈملىدىكى تۆت سۆزدە«ئا،ئە»تاۋۇشى«ئې،ئى»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى سۆزدىكى«ئە»تاۋۇشى«ئې»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.
B.«بىلىملىك كىشى ئىشنىڭ ئېپىنى بىلىدۇ،دېمەككى ھەممە ئىشلىرىدا پۇشايمانغا قېلىش نادانلارنىڭ ئادىتىدۇر»دىگەن جۈملىدە بەش سۆزدىكى «ئا،ئە»تاۋۇشى«ئې،ئى»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى سۆزدە«ئە»تاۋۇشى«ئې»تاۋۇشىغا ئاجىزلاشقان.
C.«پادىشاھنىڭ مۇھەببىتى خەلقنىڭ كۆڭلىدە ئورۇن تۇتسا،خەلق پادىشاھتىن ھېچنىمىنى ئايىمايدۇ»دىگەن جۈملىدە تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىش ھادىسىسى ئۈچ ئورۇندا ،تاۋۇشلارنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىر ئورۇندا كۆرۈلگەن بۇلۇپ،جۈملىدىكى ئىككى سۆز تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەم تىل ئورنى ھەم لەۋ ھالىتىدىن ماسلىشىپ كەلگەن
D .«ئاقىل كىشى ئىختىلاپتىن قاچىدۇ،ئىتتىپاقلىققا مۇلايىملىق ئىشىكىنى ئاچىدۇ»دىگەن جۈملىدىكى ئۈچ سۆزگە ئۇلانغان قۇشۇمچە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنيىتى بويىچە،ئىككى سۆزگە ئۇلانغان قۇشۇمچە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭداشلىق قانۇنيىتى بويىچە ئۇلانغانغان.
2.ئەدەبىيات نەزەريەسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغىرىسى( )
A. ھازىرقى ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدا تارىخى رومانچىلىقنى يۈكسەك پەللىگە يەتتى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرسەك خاتالاشقان بولمايمىز B.تارىختا ئۆتكەن ھەرقانداق ئادەمنى يازسا تارىخى رومان ياكى تارىخى ئەسەر بولىۋېرىدۇ C.تارىخى رومانلاردا تارىخى چىنلىقلا بولىدۇ،بەدىئى چىنلىق بولمايدۇ،چۈنكى بەدىئى چىنلىق قۇشۇلسا،تۇقۇلما بۇلۇپ قېلىپ،تارىخى چىنلىققا تەسىر يېتىدۇ D.ئەنئەنىۋى پىروزىچىلىقتا«بىلەرمەنلەرچە كۆرۈش بۇلۇڭى»دىن بايان قىلىش كۆپرەك ئۇچىرايدۇ.
3.سۆز مەنىسى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:( )
A.سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەن كۆچمە مەنىسى ئوتتۇرسىدا مۇئەييەن باغلىنىش بولىدۇ.
B.«ئۇ ئوچاقتىكى ئوتنى بىر قۇر چۇخچىلىۋېتىپ،سىرىتقا چىقىپ قوتاندىكى ماللارغا ئوت سېلىپ بەردى»دىگەن جۈمىلىدىكى «ئوت» دىگەن سۆز ئاۋۋال ئەسلى مەنىدە،كېيىن كۆچمە مەنىدە كەلگەن.
C.«مېنىڭ بېشىم ئاغىرىۋاتىدۇ» دېگەن جۈملە بىلەن«ماقالىنىڭ بېشىنى باشلىيالمىدىم»دېگەن جۈملىلەرنىڭ تەركىبىدىكى «باش» دېگەن سۆزلەر شەكىلداش سۆزلەر ئەمەس.
D.سۆزنىڭ كۆچمە مەنىدە كەلگەنلىكىنى سۆزلەر يەككە تۇرغاندا بىلگىلى بولمايدۇ،يەنى ئۇنىڭ كۆچمە مەنىسى كونكىرېت جۈملىدە روشەنلىشىدۇ.
4.«يالغان سۆزلەشنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى،كىشىنى ئابرۇيىدىن ئايرىپ،ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ»دىگەن جۈملە تۈزۈلۈشى جەھەتتىن
A. كۆپ بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈمىلە
B. ئارلاش مۇرەككەپ جۈملە
C.بايان جۈملە
D . تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە
5.تۆۋەندىكى پارچىلار ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغىرىسى( )
A.«قۇياشنىڭ ئوتتەك تەپتى يېنىپ غەرب تەرەپكە قىيسايغان ئىدى،ئالدىمىزدىكى سىنا دەرياسى يىنىك تىن تارتىپ،جىمجىت ئاقماقتا»بۇ پارچىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن تەسۋىر،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن ئوخشىتىش، سۈپەتلەش،مۇبالىغە قوللىنىلغان
B.«نىچۈن ئۇزاق چاغلاردىن بىرى بىزگە كۈن نۇرى تەگمەس؟نىچۈن ئاسمىنىمىز ھامان تۇمانلىق،ھامان بۇلۇتلۇق،ھامان تۇتۇق؟»بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن لىرىكا،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن رىتورىك خىتاپ،تەكرارلاش،ئوخشىتىش قوللىنلغان
C. «تېرە ئادەمنىڭ سىرتقى گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان،ئىچكى روھى كەيپىياتنىى كۆزىتىدىغان كۆزنەكتۇر»بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن چۈشەندۈرۈش،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش قوللىلغان.
D.«بوۋاقنىڭ تېنى كۆك مۇز ئۈستىگە تۇنجى ياغقان قاردەك ئاق ۋە سۈزۈك ئىدى،ئاقلىقىدىن بوۋاقنىڭ تېنىدىن گويا قۇياش ئاستىدىكى ئاق مۇزنىڭ چاقنىشىغا ئوخشىشىدىغان بىرخىل نۇر تارقىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.»بۇ پارچىدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىن تەسۋىر بىلەن بايان،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش،سېلىشتۇرۇش،سۈپەتلەش قوللىنىلغان
6.«خۇشخەۋەر يەتكۈزۈلگەندىن كىيىنكى بەشىنچى كۈنى چاشكا ۋاقىتى،ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ماجىياڭجۈننىڭ قوش شىپاڭلىق خىلۋەتخانىسى يۇقىرى دەرجىلىك ئامباللار ۋە جىياڭجۈن تەرىپىدىن ئالاھىدە چاقىرتىلغان ئىلى مەھكىمە شەرئىنىڭ قازىكالانى موللا قەمبەر ئاخۇنۇم،مۇپتى،مۇددەرىس مەسئۇت ئاخۇنلار بىلەن تولغانىدى»
تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە بۇ پارچە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن خاتاسى( )
A. بۇ پارچىدىكى خوشخەۋەر _ئاق ئۆستەڭنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك چېپىلىپ پۈتكەنلىك خەۋىرىنى كۆرسىتىدۇ.
B.پارچە تىيىپجان ھادىنىڭ تارىخى ھېكايىسى«ئاق،ئۆستىڭىم،ئاق»ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىنغان
C. ئۆستەڭ پۈتكىنى بىلەن ھىكايە ۋەقەلىكنىڭ ئاخىردا قاش دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆستەڭگە چىقمايدۇ.
D. ئۆستەڭ چېپىشقا مەسئۇل كىشى خەلقپەرۋەر،ئەل-يۇرت سۆيەر كىشى.ئۇنىڭ نامى ھېلىھەم ئىلى دىيارىدا ئېقىپ تۇرغان«ئاق ئۆستەڭ»نامى بىلەن تۇتاش.
7.«ساداقەت»ناملىق ھېكايىدە ئېيتىلغان توغرا جاۋاپ( )
A. ھېكايىدە پىرسۇناژلار ئوبرازى ئىككى لىنيەلىك ۋەقەلىك ئارقىلىق سۈرەتلەنگەن.بىرى،قاراياغاچقا مۇناسىۋەتلىك،يەنە بىرى يارىغا مۇناسىۋەتلىك
B. ھېكايىگە«ساداقەت»ماۋزۇسىنىڭ قۇيۇلۇشى يارى بىلەن ھۆرلىقانىڭ بىر-بىرىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ساقلىشى،بىراق ۋەسلىگە يىتەلمەسلىكىدەك تىراگىدىيىلىك كۆرۈنۈش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك
C.بۇ ھىكاينىڭ ئۇسلۇبى،ۋەقەلىكنى ئىپادىلەش شەكلى،تىلى ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ھېكايىلەردىن پەرقلەنمەيدۇ
D.بۇ ھېكايىدە ۋاپا،ساداقەت كۈيۈمچانلىق ئۇلۇغلىنىپ،ساداقەتسىزلىك،شۆھرەتپەرەسلىك تەنقىد قىلىنغان ۋە بۇخىل روھى ئىللەتنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان روھى زىيانلىرى ،تىراگىدىيەلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
8.«روزمەت خوشال»ناملىق ئەسەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن خاتاسى: ( )
A. ئەسەردىكى روزىمەت تۈز،ساددا،ئاقكۆڭۈل دىھقان،ئۇ ھەممىلا ئىشقا كۈلۈپلا يۈرىدىغان شەخىس بولغاچقا،ئۇنىڭغا بۇ لەقەم سىڭىپ قالغان،ھېكايىنىڭ ئارتۇقچىلىق ھېكايىنىڭ تىلى ئاددى خەلق تىلى،ئۇنىڭدا يەرلىك شىۋىلەر،ماقال-تەمسىل،ئىديوملار بىر قەدەر كۆپ،سەھرا تۇرمۇشىغا خاس پۇراق بار.
B.بۇ ھېكايىنىڭ مەزمۇنى قاتلاملىق،ۋەقەلىكى كۆپ لىنيەلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە
C.بۇ ھىكايە بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىغا تەۋە
D.ھېكايە ئاپتۇرى جالالىدىن بەھرام مەھسۇلاتلىق يازغۇچى،ئۇنىڭ بۇ ھىكايىسى ئۇنىڭ خوتەندە تۇرۇپ خوتەن دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنىچكە كۆزەتكەنلىكنىڭ مەھسۇلى
9.«چار خوراز»ناملىق ئەسەر ۋە ئاپتورى ھەققىدىكى بايانلارنىڭ توغىرىسى( )
A.«ساراڭ»نىڭ ئاپتورىنىڭ«مەن»گە ئەسەر ئەۋەتىشى بۇھېكايىدە يېزىلىش ماھارىتى ئەمەس بەلكى ۋەقەلىكنىڭ ھەقىقى بۆلىكى يەنى تۈگۈندۇر.
B.«چارخوراز»نى ئەمەلىيەتتە ئەسەردىكى ئاساسلىق پىرسۇناژ دىيىشكە بولىدۇ،چۈنكى ئۇ ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ مەركىزىدە،زىددىيەت تۇقۇنۇشنىڭ تۈگۈنىدە ياتىدىغان پىرسۇناژ بۇلۇپ،ئۇ ئەسەردىكى قىلقلاندۇرۇلغان سىمۋوللۇق پىرسۇناژ.
C. ھېكايىدە بايان قىلىش جەھەتتە ئەنئەنىۋى بايان قىلىش ئۇسۇلى قوللىنلغان
D.مەمتىمىن ھۇشۇر ئىجادىيىتىدە ئاساسلىق ئۇرۇن تۇتىغان ژانېرلار ھىكايە ،نەسىر،شىئېر
10.گارسىيا ماركوزنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسىرى ۋە ژانېرى توغىرىسىدا توغرا ئېيتلغان تۈر:( )
A.«ھېچكىم خەت يازمىغان پولكوۋنىك» پوۋېست B.كېلمانجارۇ تېغىدىكى قار پوۋېست C.سەيشەنبە كۈنى چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىدا ھېكايە D.يۈز يىل غېرىپلىق رومان
Ⅱسۇئال.بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى 20 )نومۇر)
1.«پىروزا»دىگەن سۆزـــــــــــــ تىلىدىن كىرگەن بۇلۇپ،بۇئاتالغۇ ــــــــــــــــ، ـــــــــــــــ، ـــــــــــ قاتارلىق ژانېرلارنىڭ ئوموملاشتۇرۇلۇپ ئاتىلىشىدىن ئىبارەت.
2.ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى فوستېر پىرسۇناژلارنى ــــــــــــــــ پىرسۇناژ ۋە ــــــــــ پىرسۇناژ دەپ ئىككىگە ئايرىغان.
3.بۈگۈنكى دەۋىر پىروزىچىلىقىدا پىروزىنىڭ جېنى ــــــــــــــــــ دەپ قارىلىدۇ.
4.«چىلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم» ناملىق ئەسەر ـــــــــــــــــــــ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ـــــــــــــــــــــــــــ ئەدەبىيات ئېقىمىدا يېزىلغان.
5.ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتىمىزدا ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ كۆرۈش بۇلۇڭىدىن يېزىش كۆپرەك ئۇچىرايدۇ.
Ⅲسۇئال.تۆۋەندىكىلەرنى ماس تەلەپ بويىچە ئىشلەڭ (جەمئى12نومۇر)
1. تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىللەرنى ماس تەركىبلىرى بىلەن تۇلۇقلاڭ(4نومۇر)
1) دادام مازارغا شەيىخ،..................................................
2)توقماقنىڭ بېشىدىن قورققىچە......................................................
3)ئۆردەكنىڭ گۆشىنى يىمەكچى بولساڭ،......................................................
4)ئىككى ياخشى بىر بولسا،تىنىچلىق تىلەيدۇ؛.................................................................
2.تۆۋەندىكى سۆز ۋە بىرىكملەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ(4نومۇر)
1)مىسۋاك :
2) چالغا:
3)گۇڭ:
4)بەختى كىسىلىش:
3.تۆۋەندە بېرىلگەن ئەسەرلەرنى ماس تۈرلىرى بويىچە ئايرىڭ(4نومۇر)
«ئاق،ئۆستىڭىم ،ئاق» «چار خوراز» «ئوربىتا» «قارا چىكەتكە» «ساداقەت» «سەيشەنبە كۈنى چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتىدا» «دانكو» «ئىلى يولى تاغلىق يول» «چېلەككە مىنىپ كەلگەن ئادەم»
يۇقىرقىلاردىن تارىخى تېمىدىكى ئەسەرلەر:
يۇقارقىلاردىن مۇدىرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان ئەسەرلەر:
يۇقارقىلاردىن ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋىردە ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان ئەسەرلەر:
يۇقارقىلاردىن رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئەسەرلەر:
Ⅳسۇئال ئىقتىدار سۇئاللىرى (جەمئى 11 نومۇر)
1. تۆۋەندىكى جۈمىلىگە تەقلىد قىلىپ ،بېرىلگەن جۈمىلىلەرنى ئىجادى تۇلۇقلاڭ (4نومۇر)
دادا،مەن ئۆزۈمنى يۇپۇرماق ھېسابلىسام،سېنى گويا يىلتىز كۆرىمەن،چۈنكى يىلتىزسىز يۇپۇرماق بولمايدۇ؛
دادا،مەن ئۆزۈمنى كېپىنەك ھېسابلىسام، ــــــــــــــــــــ ، ــــــــــــــــــــــــــ؛
دادا،مەن ئۆزۈمنى قېيىق ھېسابلىسام ــــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــــــــــــــــ؛
2.«كىتاب»دىگەن سۆزنى ئىگە قىلىپ تەركىبىدە تەڭداش باغلىنىشتا كەلگەن سۆزلەر بولغان،جانلاندۇرۇش قوللىنىلغان بايان جۈمىلىدىن بىرنى تۈزۈڭ (4نومۇر)
3.تۆۋەندىكى جۈمىلىنى ئۇقۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي،مەنىداش سۆزلەر بىلەن مەزمۇنى ۋە تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولغان بىر جۈمىلە تۈزۈڭ (3نومۇر)
ئۆزگىلەر توغىرىسىدا ئىغىۋا قىلىش ــ مەكروھدۇر ۋە بىئەدەپلىكتۇر.
تۈزۈلگەن جۈمىلە:
Ⅴتەھلىل سۇئالى (جەمئى 17نومۇر)
1.تۆۋەندىكى تىكىستنى ئۇقۇپ،سورالغان سۇئال تەلىپىنى ئورۇنلاڭ
ئۆستەڭگە قۇيۇلغان تار بىر تال ياغاچنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ئىككى ئۆچكە تەڭلا كېلىپ قاپتۇ.
ــ سەن توختاپ تۇر،ئاۋۋال مەن ئۆتۈۋالاي،ــ دەپتۇ ياغاچنىڭ بۇ تەرىپىدىكى ئۆچكە.
ــ ياق① سەن توختاپ تۇرغىن②مەن ئاۋۋال ئۆتۈۋالاي،③دەپتۇ ياغاچنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئۆچكە.
ــ ياق،ئاۋۋال مەن ئۆتىمەن!
ــ نىمە ئۈچۈن سەن ئۆتەتتىڭ،مەن ئۆتىمەن!
ــ مەنمۇ ساڭا يول بەرمەيمەن④
شۇنداق قىلىپ ئىككىسى ياغاچنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىۋېلىپ بىر-بىرىنى ئىتتىرىشكە ۋە ئۈسۈشكە باشلاپتۇ.ئاخىرى ھەر ئىككىسى يىقىلىپ كېتىپ، سۇنىڭ ئىچىدە تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ.
1) يۇقىرىقى تىكىسىت قايسى ژانېرغا كىرىدۇ؟ شۇ خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ (3نومۇر)
2) تىكىسىتتە قايسى خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلغان؟ (2نومۇر)
3) تىكىسىتتىكى نۇمۇر قۇيۇلغان ئورۇنلارغا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە قايسى گۇرۇپپىنى قويسا مۇۋاپپىق بولىدۇ؟ (2نومۇر)
4) تېكىستتىكى ئىككى ئۆچكىنىڭ ئۆلۈمىدىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ (2نومۇر)
5) پارچىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان ماقال-ياكى تەمسىلدىن بىرنى يېزىڭ. (بىرنومۇر)
2. تۆۋەندىكى پارچىنى ئۇقۇپ تەلەپلەرنى ئۇرۇنلاڭلار
«...ئۇ شۇنچە ئۇزاق يىللاردىن بېرى گاھى 10-15يىلدا،گاھى بەش-ئالتە ئايدا يېڭىلىنىپ قالىدىغان كونا-يېڭى قوشنىلىرىدىن ھەقىقەتەن رازى.ئۇلار موماينى ئۆز مومىسىدەك، ئانىسىدەك كۆرۈپ ھۆرمەتلەپ ،كۆڭلىنى ئىزدەپ كەلدى.كۈندە دىگۈدەك سۇنۇلۇپ تۇرىدىغان ئوخشىتىپ ئېتىلگەن بىر چىنىدىن قوشنا ھەققىنى موماي يەپمۇ بولالمايدۇ...مومايمۇ نۆۋىتىدە چىنىلەرنى قۇرۇق قايتۇرمايدۇ...
1) يۇقارقى پارچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى خىل ئادەت-ئەنئەنىلىرىنىڭ ئىزناسىنى كۆرەلىدىڭىز؟بۇ نۇقتىدا بۈگۈنكى ئۆزگىرىشلەرگە باغلاپ پىكىر قىلىپ بېقىڭ. (3نومۇر)
2) فولكلور ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزگە ئاساسەن بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىزنىڭ قايسى خىل فولىكلور تۈرىگە تەۋە بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ بېقىڭ (2نومۇر)
3) فولىكلورنىڭ بۇ تۈرىدە سىز يەنە قايسى كونكىرىت ئادەتلىرىمىزنى بىلىسىز؟ (2نومۇر)
Ⅵيېزىقچىلىق سۇئالى (20نومۇر)
ھاياتتا ھەممە نىمىڭىز كەم بولسا،مەسىلەن:بىرەر كۆزىڭىز،بىرەر پۇتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز بولىۋېرىشى،يەنىلا نورمال ھايات كەچۈرەلىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما ئىشەنچىڭىزدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز بولمايدۇ،چۈنكى ئىشەنچ ئادەمگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ،ئىشەنچنى يوقاتقان ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىشى مۈمكىن.ئەلۋەتتە ئۇنداق كىشىلەر ئاسانلا مەغلۇپ بولىدۇ. شۇڭا سىز ھاياتقا تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قاراڭ...
ماتېريالنى ئۇقۇپ،«ھايات ۋە ئىشەنچ» دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ
تەلەپ:
1) ماتىريال مەزمۇنى ئاساسىدا نۇقتىئنەزەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ
2) شئېر،دىراممىدىن باشقا خالىغان ژانېردا يازسىڭىز بولىدۇ.
3) ئەسەرنىڭ مەزمۇنى بېرىلگەن ماۋزۇ بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇشى،ژانېر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولىشى لازىم
4) خېتىڭىز چىرايلىق،ئىملايىڭىز توغرا،بەت يۈزى پاكىزە بولىشى،ھەجىمى مۇۋاپىق بولىشى لازىم.
5) ئەسەردە ئادەم ئىسمى ۋە سىنىپ ئىسمى،ئۇقۇتقۇچى ئىسمى ئېنىق يېزىلسا بولمايدۇ.
|