查看完整版本: [-- تاللىما3-،5-قىسىمدىن ئىمتىاھان سۇئالى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> ئۇيغۇرتىلى -> تاللىما3-،5-قىسىمدىن ئىمتىاھان سۇئالى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئىخلاسىيە 2013-05-23 16:42

تاللىما3-،5-قىسىمدىن ئىمتىاھان سۇئالى

جاۋاپ تاللاش سۇئالى
1. ئۇيغۇرتىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى: (          )
A.«دادىسى كىچىك قىزىنىدوختۇرغا ئاپىرىپ،چىشىنى تارتقۇزىۋەتكەندىن كىيىن،ئۆيگە كېتىۋاتقاچ سوراپتۇ:
   _ قىزىم،چىشىڭىز يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟
   _ بىلمەيمەن، چىشىم دوختۇرنىڭ يېنىدا قالغانتۇرسا! » دېگەن بۇ يۇمۇردىكى تاۋۇشلارنى،تاۋۇشلارنىڭ بىرىكىش-ئۆزگىرىشجەريانلىرىنى ۋە سۆز مەنىسى ھەم سۆز مەنىسىنىڭ ئىپادىلىنىش يوللىرىنى تەتقىققىلساق،بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا قىسىمىغا تەۋە بولىدۇ.
B.ئاخىرقى بۇغۇمى«چە»بولغان سۆزلەرگە ياكى «چە» قۇشۇمچىسى ئۇلىنىپ كەلگەن سۆزلەرگە قۇشۇمچەئۇلاشتا،«چە» بۇغۇمىدىكى «ئە» تاۋۇشى ئىناۋەتكە ئېلىنىپ،قۇشۇمچىلارنىڭ تىل ئالدىسۇزۇق تاۋۇشلۇق شەكلى ئۇلىنىدۇ.
C.ئۇچۇق بۇغۇم بىلەنئاياقلاشقان بەزى سۆزلەرگە بىرىنچى،ئىككىنچى شەخىس قۇشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا،قۇشۇمچەئالدىغا بىر «ي»تاۋۇشى قۇشۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.ئۈچىنچىشەخىس قۇشۇمچىسى ئۈچۈن ئوخشاشلا «سى»شەكلى قۇشۇلىدۇ.
D.ئۈزۈك تاۋۇش بىلەنئاياغلاشقان سۆزلەرگە قۇشۇمچە ئۇلىغاندا،سۆزنىڭ ئاخىردىكى ئۈزۈك تاۋۇشتا بولىدىغانئۆزگىرىش ھەم تەلەپپۇزدا ھەم يېزىقتا ئىپادىلىنىدۇ.
2.لېكسىكىلىق چۈشەنچىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىن خاتاسى:(         )
A.«قارا،بەگلەرنىڭ ئۇلىھەق-ئادالەتتۇر،توغرا بەگكە قارا يۇقمايدۇ»دېگەن جۈملىدە شەكىلداش سۆزدىنئىككىسى،ئادەتتىكى لۇغەت تەركىبىگە تەۋە سۆزدىن ئۈچى قوللىنىلغان.
B.«قايسى ئەلدە گەپتولا،بەرىكەت ئاز،قايسى ئەلدە ئىش تولا،بەرىكەت ساز»دېگەن جۈملىدە قارمۇ-قارشىمەنىلىك سۆزدىن بىر جۈپ قوللىنىلغان بۇلۇپ،جۈملىدىكى بارلىق سۆزلەر بىردىنچۈشەنچىنى ئىپادىلىگەن.
C.«پادىشاھ سەلتەنەتدەرىخىنى سىياسەت سۈيىدە يۇغۇرۇپ تۇرمىسا،ھېچقانداق مېۋىگە ئىگە بولالمايدۇ»دېگەنجۈملىدىكى«مېۋە»دېگەن سۆز كۆچمە مەنىدە قوللىنىلغان
D.«ئىشلىگىن_چىشلە،ئەجرىڭقەنتىنى چاق،
بول دەۋر پويىزىغا ئۇپرىماس چاق».دېگەن مىسرالاردىكى«چاق»دېگەن سۆزنى بىر قانچە خىل مەنە بىلدۈردىغان ئوخشاش بىر سۆز دەپ قاراشقابولمايدۇ.
3.جۈملە بۆلەكلىرى ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
A.«ياخشىلارنىڭ ھۈنىرىسۆزىدە»دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسىمۇ،خەۋرىمۇ ئىسىم سۆز تۈركۈمىگە تەۋە.
B.«ناداننىڭ دوستىنى دوستسانىما»دېگەن جۈملىنىڭ ئىگىسى سۈپەت،خەۋرى پېئىل بۇلۇپ،چۈشۈم كېلىشتە كەلگەن بىرئىسىم تولدۇرغۇچى بولغان.
C.«ئەلنىڭ گېپىدىنيامانلىق ئاختۇرما»دېگەن جۈملە تەركىبىدە ئۈچ ئىسىم بۇلۇپ،بىر ئىسىمئېنىقلىغۇچى،ئىككى ئىسىم ھالەت ۋەزىپىسىدە كەلگەن.
D.ساغلام بولاي دېسەڭ كۆپيېمە،ئىززەت تاپاي دېسەڭ كۆپ دېمە»دېگەن مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ھەر ئىككىئاددى جۈملىنىڭ خەۋىرى بۇيرۇق پېئىل بولغان،ئەمما ئاۋالقى ئاددى جۈملىنىڭ ئىگىسىئېنىق ئېيتىلغان،كىيىنكى جۈملىنىڭ ئىگىسى يۇشۇرۇن كەلگەن.
4.تۆۋەندە بېرىلگەن تۇراقلىق ئىبارىلەردىن تەمسىللەرنىڭ تۇلۇق گۇرۇپپىلانغىنى:(           )
چۈجىنىكۈزدە سانا،چۆچۈرىنى پىشقاندا.
ئادەمنى نۇمۇس ئۆلتۈرەر،توشقاننى قۇمۇش.
پارچە بۇلۇتتىن يامغۇر كۈتمە.
ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
ئاق قويدىن قارا قوزىمۇ تۇغۇلىدۇ.
قاغا بالام ئاپئاق،كىرپە بالام يۇمشاق.
A.①②④⑥           B.②③④⑤                  C.①③⑤⑥                   D.①③④⑤
5. تۆۋەندىكى پارچىغا ئائىتئۇچۇرلاردىن خاتاسى: (                )
يۇرت كاتتىلىرى:
 _ موچۇنباي،بىزدىن كۈتىدىغان تەلىپىڭنى ئېيت ، ئورۇنلايلى ، بولمىسا ، بىزدە قىيامەتلىك قەرزبۇلۇپ قالمىسۇن،_ دەپتۇ.
_ بۇرادەرلىرىم ، مېنى ئۇكام قاغىباي بىلەن بىركۆرۈشتۈرۈپ قويساڭلار،ئۇكامنىڭ دىدارىنى بىر كۆرسەم،ئۆلسەم رازى ئىدىم ھەمسىلەردىنمۇ ئۇ ئالەم –بۇئالەم رازى بولاتتىم،_ دەپ موچۇنباي نۇرسىز كۆزلىرىگە ياشئاپتۇ.
A.بۇ پارچە «تۇغقانچىلىقرىشتى »ناملىق فانتازىيىلىك چۆچەكتىن ئېلىنغان بۇلۇپ،چۆچەكتە تۇغقاندارچىلىق،قوشنىدارچىلىقۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاساسى تېما قىلىنغان.
B.پارچىنىڭ بىرىنچىدىئالوگىدىن يۇرتداشلىق،قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تولىمۇ ئۇلۇغلۇقىنى ،يۇرتداشۋە قوشنىلارغا يار-يۆلەك بۇلۇشنىڭ قەرز ۋە مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقابولىدۇ.
C.پارچىنىڭ ئىككىنچىدىئالوگىدىن موچۇنباينىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ تۇغقانچىلىق رىشتىنىڭئۇلۇغلۇقىنى تۇنۇپ يەتكەنلىكىنى ، قېرىداشلىق مېھرىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى ئۇرۇندائىكەنلىكنى ھېس قىلغانلىقنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
D.پارچە ئېلىنغان ئەسەر«تۇغقانچىلىق رىشتى»ناملىق تۇرمۇش چۆچىكىدىن ئېلىنغان بۇلۇپ ،چۆچەك بىزنىئادىمىيلىك پەزىلەتكە،ئىناق-ئىتتىپاقلىققا ، تۇغقانلىق رىشتىنى مەڭگۈ قەدىرلەشكەدەۋەت قىلىدۇ.
6.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغىرىسى: (         )
A.ئالەمنىڭ يارىلىشئەپسانىلىرى قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ئالەم ۋە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بۇلۇشى ھەققىدىكىئىزدىشلىرىدۇر.
B.ئەپسانىلەردىكىپىرسۇناژلار ئادەملەر ، رىۋايەتلەردىكى پىرسۇناژلار ئىلاھلاردۇر.
C .خەلق چۆچەكلىرىدىكىئوبرازلار ناھايىتى جانلىق ، قىزىقارلىق يارىتىلغان بولغاچقا،ئۇلارنىڭ روھى ھالەتئۆزگىرىشىلىرى،مەنزىرە،شارائىت تەسۋىرلىرى تەپسىلى يېزىلىدۇ.
D.خەلق داستانلىرىنىڭھەجىمى بىرقەدەر چوڭ بۇلۇپ ، ئۇنىڭدا مۇكەممەل ھىكايە سۇژىتى ۋە پىرسۇناژلارئوبرازى يارتىلغاچقا، باشتىن-ئاخىر نەسىرى شەكىل قوللىنلدۇ.
7.«كۆۋرۈك بويىدىكى بوۋاي»ناملىق ھېكايىدىكىدۈشمەننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇررغان ئەسكەر بوۋاينىڭ يېنىغا كەلگەندە ۋە ئۇنىڭدىنئەھۋال سورىغاندا بوۋاينىڭ سۇلغۇن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرىدۇ.بۇ كۈلكە: (             )
A.بوۋاينىڭ ئەسكەرگەبولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردۇ
B.بوۋاي سەپەرداشقائېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن بولىدۇ
C.بوۋاينىڭ يۇرتىغابولغان مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدۇ
D.بوۋاينىڭ سەپەرھاردۇقىنىڭ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ
8.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغىرىسى:  (           )
A .پىروزا ئەسەرلىرىدەتۇرمۇش چىنلىقىغا ئەمەل قىلىنشى ،رىئال تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ئۆز قانۇنىيىتى بويىچەئەينەن ئەكىس ئەتتۈرۈلىشى،تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرقانداقماتىرياللار پىروزا ئەسەرلىرىنىڭ تېما دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك.
B.«يۇمىلاقپىرسۇناژلار»نىڭ خاراكتىرى مۇرەككەپ بۇلۇپ،كۆپىنچە ئىككى بىسلىق،ئۆزگىرىشچانشەخىسلەرنى كۆرسىتىدۇ.
C.بىرىنچى شەخىس تىلىدائەسەر يازغاندا،ئەسەرنىڭ چىنلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ،ئەسەر بىلەن ئۇقۇرمەننىيېقىنلاشتۇرغىلى بولسىمۇ،ھېسسىياتنى ئەركىن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.
D.پىروزىنىڭ پىروزابولالىشىدىكى سەۋەپ _ ئۇ بىر خىل ئىجادىي ئەمگەكتۇر،ئەمما بۇ ئەمگەك بايانچى تىلبىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
تۆۋەندىكىتېكىستنى ئۇقۇپ 9- ،10-سۇئاللارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاڭ
تەپەككۈرىڭىز قايسى تىپقا تەۋە
ئەنگىلىيە كامبىرىج ئونۋېرستىتىنىڭ پىروفىسورىئېدۋارد دېبۇنۇ گورزىنتال تەپەككۈرنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى.ئۇ مۇنداققارايدۇ:بەزىدە تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى دائىملىق ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىپكەتكىلى بولمايدۇ،بۇنداق چاغدا باشقا نۇقتىلاردىن ئويلىشىپ،ئايلانما ياكى تەتۈريۆنىلىشلىك تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ كۆرۈش لازىم.
مەلۇم شىركەت بىرئاسمان-پەلەك بىناغا كۆچۈپ كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر باش قېتىنچىلىقغا دۇچكەلدى.ئەينى چاغدا بىناغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان لىفىت بەك ئاز بولغاچقا،خادىملار ئىشقاچىقىش ۋە ئىشتىن چۈشۈشتە ئۇزاق ساقلاپ كېتەتتى،شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكارلارنىڭنارازىلىقىنى قوزغىدى.
   شىركەت لىدىرى لىفىت يىتىشمەسلىك مەسىلىسىنىھەل قىلىش ئۈچۈن ، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى.بىر دەملىك بەس-مۇنازىرىدىن كىيىن،كۆپچىلىكنىڭ پىكرى مۇنداق تۆت نۇقتىغامەركەزلەشتى:
  1.لىفىتنىڭ چىقىش – چۈشۈش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشياكى ئىشقا چىقىش چۈشۈشنىڭ باس- باس مەزگىلىدە لىفىتنى پەقەت ئادەم كۆپ چۈشىدىغانقەۋەتلەردىلا توختايدىغان قىلىش.
  2.ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ئىشقا چىقىش،ئىشتىنچۈشۈش ۋاقتىنى ئىلگىرى –كىيىن ئورۇنلاشتۇرۇپ،لىفىتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىلىشئېھتىماللىقىنى ئازايتىش.
  3.بارلىق لىفىت ئىشىكلىرىگە ئەينەك ئورنىتىش.
  4.يېڭىدىن بىر لىفىت ئورۇنلاشتۇرۇش.
بۇ مەسىلىدە سىزقايسى لايىھەنى تاللايسىز؟ پىروفېسسور ئېدۋاردنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا،بىرىنچى،ئىككىنچى ياكى تۆتىنچى لايىھە بولسا،ئۇنداقتا تەپەككۈر ئۇسۇلىڭىز تىك يۆنىلىشلىكياكى ئەنئەنىۋى تىپقا تەۋە بولىدۇ. ۋېرتىكال تەپەككۈر دائىملىق تەپەككۈر ئۇسۇلىغاتەۋە بولىدۇ،بۇنىڭدا مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى نەزەر-دائىرە تار بۇلۇپ قالىدۇ.گورزىنتالتەپەككۈردا بولسا تەپەككۈردىكى قېلىپنى بۇزۇپ تاشلاپ ، يېڭى تەپەككۈر  بوشلىقى ياراتقىلى بولىدۇ.بۇنىڭدا دائىمئۆزگىچە ئۈنۈملۈك تەپەككۈر ئۇسۇلى مەيدانغا كېلىدۇ.
9.ئېدۋاردنىڭتەپەككۈر قارىشى بويىچە بولغاندا: (             )
A. تۇرمۇشتامەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە ئەگىپ ئۈتۈپ كەتمەي،مەسىلىگە تىك ،دادىليۈزلىنىپ،ئىلگىركىلەرنىڭ تەپەككۈر ئەندىزىسىدىن ئۈنۈملۈك  پايدىلىنىپ ھەل قىلىش كېرەك.
B.ۋېرتىكالتەپەككۈر دەل ئېدۋارد تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەپەككۈر قارىشىدۇر.
C.مەسىلىلەرنى ھەلقىلىشتا دائىملىق ئۇسۇللارغا كۈڭۈل بۆلۈپ،نۆۋەتتىكى مەسىلىنىڭ ئۆزىنىلا چىقىشنۇقتىسى قىلۋېلىش بىردىنبىر ئۇسۇل ئەمەس. تەپەككۈر بوشلىقى يارىتىشقا ھەرگىز سەلقاراشقا بولمايدۇ.    
D.مەسىلىنى ھەلقىلىشتا ئەڭ ياخشىسى نەزەر دائىرىنى بىر نۇقتىغا يىغىش كېرەك،چېچىۋېتىشقا،كېڭەيتىۋېتىشكەبولمايدۇ.
10.شىركەت لىفىتيېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا: (          )
A.ئۈچىنچى خىللايىھەنى تاللىسا مۇۋاپىق بولىدۇ
 B.بىرىنچى خىل لايىھەنى تاللىسا مۇۋاپىق بولىدۇ
C. ئىككىنچى خىللايىھە نى تاللىمىسا ھەرگىز بولمايدۇ
 D.تۆتىنچى خىل لايىھەنى تاللاش كېرەك
11.«تۆۋەندىكىقاراشلاردىن «چار خوراز »ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئېيتىلغان قاراشلاردىنخاتاسى:(              )
A.ھېكايە سۇژىتى سۇژىت بۆلەكلىرىگە ئىگە بۇلۇپلا قالماستىن بەلكىسۇژىتقا تەۋە بولمىغان ئامىللارغىمۇ ئىگە
B.چار خورازنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتقانلىقى كىشىنىڭ غەزىپىنىكەلتۈرسە،سابىرنىڭ تىراگىدىيىسى كىشىنى سەسكەندۈردۇ
C.ئەسەرنىڭمۇقەددىمە قىسىمىدىكى ئاپتورنىڭ مۇھەرىرگە ئاتاپ يازغان خېتىدىكى تاققا-تۇققاسۆزلەر ئەسەرگە كۈلكە بېغىشلاش رولىغىلا ئىگە دەپ قاراشقا بولمايدۇ                   
D.مەزكۇر ئەسەر نۇقۇل ھالدا ئاپتۇرنىڭ سوبىكتىپ سوبىكتىپ ئارزۇسىئاساسىدا مۇبالىغەلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ ، ھېچقانداق تۇرمۇش ئاساسى يوق.
12.«قاراچېكەتكە»ھېكايىسىدە ئاپتۇرنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگەن ئىجتىمائىي رىئاللىققا تۇتقانپوزىتسىيىسىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلىگىنى: (            )
A.ئەسەردە مىڭ سۇلالىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغان
B.ئەسەر ئاخىردا چىڭ مىڭ بەخىتكە ئېرىشتى .بۇ ئاپتورنىڭ شۇ دەۋىرگەبولغان رازىمەنلىكىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈردۇ
C.شۇرايۇندا چېكەتكە كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ،زىرائەتلەرگەە زىيان يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنچېكەتكە سېلىقى سېلىنغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان.
D.ئەسەرۋەقەلىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋىردە يۈز بەرگەن دەپ يېزىلغان بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە چىڭسۇلالىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ زورلۇق-زومبۇلۇق ۋە چىرىكلىكتە چېكىدىن ئاشقانلىقىيېزىلغان.
13.«چېلەككەمىنىپ كەلگەن ئادەم»ناملىق ھېكايىدە سىمۋول بىلەن رېئاللىق زىچ بىرىكىپكەتكەن.ئەسەردىن ئېلىنغان تۆۋەندىكى جۈملىلەردىن رېئاللىققا  تەۋە بولغىنى : (               )
A.كۆمۈرچېلىكىمگە مىنىپ كۆمۈرخانىغا قاراپ يول ئالدىم.
B.ئۇ پەرتۇقىنى يېشىپ،مېنى ئۇرۇپ ئۇچۇرۋەتمەكچى بولدى.
C.مەنمۇز تاغلار ئارىسىغا ئۇچۇپ كۆزدىن مەڭگۈ غايىپ بولدۇم.
D.كۆمۈر قالاپ بولۇندى،چېلەكتە كۆمۈر يوق.
14.تەبىئەتھادىسىلىرى ئەپسانىلىرى ھەققىدە ئەڭ كۆپ تارقالغانلىرى:(            )
A.ئاسمانۋە يەر ھەققىدىكى ئەپسانىلەر
B.تاغ ۋە دېڭىز ھەققىدىكى ئەپسانىلەر
C.قۇياشۋە ئاي ھەققىدىكى ئەپسانىلەر
D.جەننەتۋە دوزاخ ھەققىدىكى ئەپسانىلەر
15.«ساداقەت»ھېكايىسىھەققىدە توغرا ئېيتىلغىنى : (                )
A.مىرابوۋاي ئەسەردىكى بىردىنبىر باش پىرسۇناژ ،چۈنكى مىرا بوۋاينىڭ ۋۇجۇدى پاك ساداقەتنۇرلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان.
B.ئەسەر ئاپتورى ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا تۆھپىسى زوريازغۇچى،ئۇنىڭ «ئانا يۇرت»رومانى يېڭى ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى گۈلزار مۇكاپاتىغائېرىشكەن.
C.ئەسەرنىڭژانىرى ھېكايەبۇلۇپ ،3-شەخىس تىلىدا،رومانتىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا  يېزىلغان.
D.ئەسەردە قاراياغاچقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلىك لىنيىسى ئاساسى ئورۇنداتۇردۇ.
سۇئال.بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى
1.«ئاق،ئۆستىڭىم،ئاق!»دىگەنماۋزۇدىكى «ئاق» دېگەن سۆزـــــــــــــ سۆز بۇلۇپ،ماۋزۇدىكى «ئاق»سۆزى  ــــــــــ دېگەن مەنىنى بىلدۈردۇ.ماۋزۇداقوللىنىلغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ــــــــــــــــ دۇر.
2.مۇدىرنىزىملىقئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ــــــــــــــ  دىنيېزىش كۆپرەك ئۇچرايدۇ..
3.«... روزىمەتتىزلىرىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇردى - دە ، ئۈستىۋېشىدىكى توپىنىمۇ قاقماي كەنتتەرەپكە يول ئالدى» بۇ پارچىدا پىرسۇناژلارنىڭ  ــــــــــــــ تەسۋىرى قوللىنىلغان.
4.«ئاش تېپىلور،سۇ تېپىلور،تۇغقان تېپىلماس،
بىر تۇتام پاختابىلەن بويۇڭ يېپىلماس» بۇ سۆزنى ـــــــــــــ ئېيتقان ، پارچىدىكى مىقدار ــــــــمىقداردۇر.پارچە ئېلىغان ئەسەر ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ ـــــــــــ  تۈرىگە كىرىدۇ.
5.لەتىپىنىڭ تىغئۇچى ئۇنىڭ يېشىمىدىكى ـــــــــــــ گە مەركەزلەشكەن. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتنىڭكۈلكە قوزغايدىغان ژانېرلىرى ئىچىدە لەتىپىلەرنىڭ ــــــــــــــ ،               ـــــــــــــــ لىقى ئىنتايىنكۈچلۈك.
6.«كوچىلار سېرىقيۇپۇرماقلار بىلەن تولغان ، دەريالار غەمكىن،ئاستا،شاۋقۇنسىز ئاقماقتا،باغلارنامرات بالىلاردەك يالىڭاچلانغان،غۇلجا ئاسمىنىدا ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرقىيادنامىلىرى:ئاچچىق شامال،سىم-سىم يامغۇر ماھارەت كۆرسەتمەكتە».
يۇقارقى پارچىدائىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ــــــــــــــ قوللىنىلغان.ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ـــــــــــ ،ـــــــــــــــــــــ ، ـــــــــــــــ قوللىنىلغان.
سۇئال.تۆۋەندىكىلەرنى ماس تەلەپ بويىچە ئىشلەڭ
1. تۆۋەندىكى ماقال-تەمسىل ۋە شېئىرى پارچىنى ماستەركىبلىرى بىلەن تۇلۇقلاڭ
1) ئەسكىچاپان يامغۇردا ياخشى،..................................................
2)تېشىدەكئىچىمۇ ، ئىچىدەك تېشى،
،......................................................
3)بۆرىنىڭخىرىس قىلغىنىدىن،......................................................
4)موللامنىڭئالدىدا تىلىڭنى يىغ.................................................................
2.تۆۋەندىكىلەرنىڭ فولكلورنىڭ قايسى تۈرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايرىپ بېقىڭ 
1)كېمىرئۆيلەر ــ تۇرپان رايونىنىڭ مۇھىتى ،كىلىماتى ،كۆپ خىل مەدەنىيەت مۇجەسسەملەنگەنمىللى ئەنئەنىسى.
2)ئۇيغۇرخەلق چۆچەكلىرى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن قالسىلا كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
3)ئۇيغۇرلاردا 3،7،9،40 قاتارلىق سانلار مۇقەددەس سان دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن: يەتتە نەزىر، قىرقى نەزىر، مەرتەم-مەرتەم ئۈچ مەرتەم دېگەنگەە ئوخشاش.
4)«ئاتا يوللۇققا ئاتتىن چۈش » دېگەن ئىبارىدە چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ زۆرۆرلىكى قەيتقىلىنغان
3.تۆۋەندىكىسۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئىزاھلاڭ
① تېكىن («بۆكۈ تېكىن» دىكى)                                                          
②سۇقلەت
③ مىفولوگىيە
④ مەدداھ
4.ئەسەر نامىبېرىلگەنلىرىنىڭ  ئاپتورىنى،ئاپتور ئىسمىبېرىلگەنلىرىنىڭ دەرسلىكىمىزگە كىرگۈزۈلگەن تىكىسىت نامىنى يېىنىغا يېزىڭ
① ئىساك باشۋېس سىنگېر
② «ئەمىر گۆر ئوغلى»
③ پاتىمەنىڭ كۆڭلىكى
④ ۋاڭ مېڭ
سۇئال ئىقتىدار سۇئاللىرى
1. تۆۋەندىكىجۈملە شەكلىگە تەقلىد قىلىپ جۈملە تۈزۈپ بېقىڭ
بىلىم ـئوزۇقتۇر،ئۇنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن رىزىق قىلىشىڭ،ئاۋام ئۈچۈن مەئىشەت قىلىشىڭ مۈمكىن.
بىلىم ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئەقىل ـچىراغدۇر،دىلى كور كىشى ئۈچۈن چىراغ بەلكى ناشايان بىر ۋاستە
ئەقىل ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
2.تۆۋەندەبېرىلگەن پارچىنى ئوقۇپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىڭلار
  «ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ». ھەقىقەتەنشۇنداق،ئۆزىنى سورىغان،ئۆزىنى بىلگەن كىشى باشقىلارنى ،ھەتتا ئالەمنىبىلىش،چۈشىنىش،ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىش بەختىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ.ناۋادا بۇ سىرلىققەسىرنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىغا ئېرىشەلمىسە غاپىللار دەرياسىغا غەرق بۇلۇپ كېتىدۇ.
1) نېمەئۈچۈن «ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ» دېگەن جۈملە قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان؟ بۇجۈملىنىڭ جۈملە بۆلەكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىڭ
2) پارچىداتىلغا ئېلىنغان «سىرلىق قەسىر »،« ئالتۇن ئاچقۇچ» دېگەنلەر نېمىگە قارىتىلغان؟
3.بىرپارچە بار،بۇ  ھايۋاناتلار توغىرىسىدىكىچۆچەك ياكى مەسەل بولىشى مۈمكىن.سىزنىڭ  بۇئىككى ژانېرنى ئايرىشتىكى ئاساسلىنىدىغان نەزەرىيىۋى ئاساسىڭىز بارمۇ؟
4. .تۆۋەندىكىتەلەپنى ئورۇنلاڭ
«باھار» دېگەن سۆزنى ئەسلى ۋە كۆچمە مەنىدە كەلتۈرۈپ ئىككى جۈملە تۈزۈڭ
①ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
②ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
تەھلىل سۇئالى
تۆۋەندە بېرىلگەنپارچىنى ئەستائىدىل ئۇقۇپ چىقىپ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەرنى ئورۇنلاڭ
...«خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەندىن كېيىكى بەشىنچى كۈنى ،چاشكا ۋاقتى ،ئىلى جىياڭجۈن مەھكىمىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ما جىياڭجۈننىڭ قوش شىپاڭلىقخىلۋەت خانىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامباللار ۋە جىياڭجۈن تەرىپىدىن ئالاھىدەچاقىرتىلغان ئىلى مەھكىمە شەرئىينىڭ قازى كالانى موللا قمبەر ئاخۇنلۇق،مۇپتى،ئىلىئۆلىمالىرىنىڭ پىشىۋاسى ئاتالغان مۇددەرس مەسئۇت ئاخۇنلار بىلەنتولغانىدى.ناھايىتى ئاز جەم بولىدىغان مۆتىۋەرلەرنىڭ بۇ سورۇنى بۈگۈن خېلىلا مۇھىمبىر ئىشنىڭ مۇزاكىرى قىلىندىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى...»
1)بۇيەردە تىلغا ئېلىغان خۇش خەۋەر قايسى خۇش خەۋەرنىكۆرسىتىدۇ؟ بۇ خەۋەرنىڭ تۆھپىكارى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
2)بۇ سورۇندا قايسى مۇھىم ئىش مۇزاكىرەقىلىنماقچى؟سىز مۇزاكىرىگە قويۇلغان بۇ ئىشنىڭ قانداق بۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟نىمەئۈچۈن؟
3)«چاشكا ۋاقتى» دېگەننى سىز قايسى ۋاقىت دەپچۈشىنىسىز؟«مۇددەرس»دېگەن سۆز قايسى لۇغەت تەركىبىەە تەۋە؟
4)ئەسەرئاپتۇرنىڭ ئۇيغۇر  ئەدەبىياتىغا قوشقانتۆھپىسى ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟
5) بەزىلەر بۇئەسەرنىڭ باش پىرسۇناژىنى چاسا پىرسۇناژ دەپ تەھلىل قىلدى،سىزنىڭچە بۇ ئەدەبىياتنەزەريىسىگە ئۇيغۇنمۇ؟
تەپەككۈر قىلىش  سۇئالى                                                                (10نومۇر)
ئىنسانھازىرلاشقا تىگىشلىك بىلىم ،ئەقىل،ئىقتىدار ،ئەخلاقتىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭمۇناسىۋىتى ۋە قايسىسىنىڭ ئىنسان يۈكسەكلىكىدە مۇھىم ئورۇندا تۇردىغانلىقى توغىرىسىدا  مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ كىچىك بىر پارچە يېزىڭ.
يېزىقچىلىقسۇئالى
بېرىلگەنماتىريالنى ئۇقۇپ چىقىپ يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنلاڭ
ئادەمبىلەن تەبئەتنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشى نېمىدىگەن تەس-خە! ئادەم بىلەن تەبئەتنىڭئىناقلىقى ناھايىتى قەدىمقى زامانلاردىن باشلاپلا بىر-بىرىگە باغلىنىپكەتكەن.شۇنىڭدىن كېيىن خېلى ئۇزاق مەزگىللەرگىچە بۇ خىل ئىناقلىق مىلودىيىسىئۆزگەرمەي كەلگەنىدى. ياپيېشىل تاغلار قاچاندىن باشلاپ تاقىرلىشىپ كەتتى؟كۆ ئاسمانقاچاندىن باشلاپ ئىس – تۈتەك بىلەن تولدى؟قاچاندىن باشلاپ دەريا ياقىسىدا تۇرۇپمۇدەريانىڭ ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان سۈزۈك رھڭگىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلۇپقالدى؟
ئەنەشۇنىڭدىن باشلاپ ھەرخىل كېسەللەر ئىنسانلارغا ئارقا-ئارقىدىن چېپىلىشقاباشلىدى.ئادەملەر ئۆز قىلمىشى ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشى كېرەكمۇ – قانداق؟
يۇقارقىماتىريالنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرگەن ئاساستا ، ئىنسان بىلەن تەبئەتنىڭ مۇناسىۋەتمەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ژانېر ئالاھىدىلىكىنى گۋدىلەندۈرۈپ بىر پارچە ماقالايېزىڭ
تەلەپ:
1) نۇقتىئىنەزەر(مەركىزى ئىددىيە)نى ،ژانېرئالاھىدىلىكنى ، ماۋزۇنى ئۆزىڭىز بەلگىلەڭ(شئېردىن باشقا ژانېردا بولسۇن)
2) ژانېر ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنسۇن.
3) خەت چىرايلىق،ئىملاسى توغرا،تىنىش بەلگىلىرىمۇۋاپىق قويۇلغان،سۆز-جۈملىلىرى راۋان بولسۇن.
4) سالاھيىتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۇچۇقيازماڭ

ئەكبەرنىياز 2013-05-24 02:10
ناھايىتى ئەتراپلىق چىقىرىلىپتۇ ، قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا !!!
سىزنىڭ بۇ مۇنبەردىن تېگىشلىك مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا ، سانسىزلىغان ئېسىل ، ھەمدەمچى دوستلارنى تۇتۇپ ، قولنى- قولغا تۇتۇشۇپ مىللىي مائارىپىمىز ئۈچۈن كۆزلىگەن مەنزىللىرىڭىزگە يېتەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىم كامىل ، مۇۋاپپىقىيەت مەڭگۈ تىرىشچانلارغا ، مىننەتسىز ئەجر قىلغۇچىلارغا مەنسۈپ بولغاي !!!
 

koksangun 2013-05-26 20:50
تولىمۇ ياخشى چىقىرىلغان سۇئاللاركەن ، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ھەممىمىز بەھرلىنىدىغان بولدۇق ، رەھمەت سىزگە !

ediqut 2013-05-26 22:48
تەشەككۈر!

ئىخلاسىيە 2013-05-27 12:06
ھۆرمەتلىك ئۇستازلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر -تەكلىپ ۋە باھالىرى مەن ئۈچۈن تولىمۇ بىباھادۇر.بىرلىكتە ئەجىر قىلىشقا نىسىب بولار.


查看完整版本: [-- تاللىما3-،5-قىسىمدىن ئىمتىاھان سۇئالى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled