查看完整版本: [-- بىزنىڭ بويانىمىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مەكتەپ گىزىتى دىن ئۈنچى لەر -> بىزنىڭ بويانىمىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

مەھەممەتجان 2013-05-23 13:13

بىزنىڭ بويانىمىز

                                         بىزنىڭ بويانىمىز                 

                     ئەقىدەم زەپەر (غۇلجا شەھەرلىك8-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق2-يىللىق14-سىنىپ)

        ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى،ئەسلەپ تۇرىشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن قازاق مىللىتىنى ئۈلگە قىلىشقا بولىدۇ.مەنمۇ دادام تەرەپتىكى دادامنىڭ بۇۋىلىرى قاتارلىق 10 ئاتامنىڭ ئىسمىنى بىلىمەن.دادامنىڭ ئىسمى زەپەر،بۇۋامنىڭ ئىسمى مۇھەممەت،بۇۋامنىڭ دادىسىنىڭ ئسىمى سابىت داموللام، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇللا قازى ھاجىم،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئەبەيدۇللا،ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇغۇپپۇر،ئۇنىڭ ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇراخمان، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى سايىت غوجا، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھىكىم غوجا، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى ھەمىدىن غوجا.                  
بۇلارنى دەرسلىكىمىزدە بىرىلگەن توغرا ئاتىلىشى بىلەن ئاتىسام، مۇھەممەت بولسا بۇۋام بولىدۇ،سابىت داموللام بولسا بابام، ئابدۇللا قازى ھاجىم ئەجۇم بابام،ئەبەيدۇللام قاڭ بابام،ئابدۇغوپپۇر ئاغۇنۇم بولىدۇ.ئۇلارنى مەن شۇنداق دەپ چاقىرسام توغرا بولىدۇ.                                    
        مېنىڭ بۇۋامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە مېنىڭ بابام سابىت داموللام بولسا ئەينى ۋاقىتلاردا ناھايىتى دىندار،داموللام بولغان ئادەم ئىكەنتۇق. شۇ ۋاقىتلارنىڭ بىرىدە بۇ بابام ھەرەمگە ھەجىگە  بېرىپ،ئاللاھتىن ئۇچ خىل تىلەك تىلەپتىكەن.بىرىنچى تىلىكى بولسا، ئۆزىنىڭ بۇندىن بويانقى ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بەك بايمۇ ئەمەس،بەك نامراتمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ھال تۇرمۇش كەچۇرىشى. ئىككىنچى تىلىكى بولسا،ئۆزىنىڭ باللىرىنىڭ ئىچىدە بىرەسىنىڭ بولسىمۇ ناھايىتى بىلىملىك،دىندار، ئالىم سۈپەت ئادەم بولىشى. ئۇچىنچى تىلىكى بولسا،ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا كىرىپ ئاندىن تۇگەپ كېتىشى.راس دىگەندەكلا خۇدايىم تىلىگىنى  ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،سابىت داموللام بابام يۈز ياشتىن ئىشىپ  ئالەمدىن ئۆتۈپتىكەن ھەم بالىسى مۇھەممەت سابىت بۇۋام بولسا دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا ئۇتۇق قازىنىپ ،ئالې ئاگرانوم بولۇپ (يىشىل ئوغۇت مۇتەخەسىسى) دەپ نام ئالغان. يەنە ھەم سابىت بابامنىڭ ئەۋلادلىرى،جۈملىدىن بىز قاتارلىقلار  شۇنداق نورمال،ئوتتۇرا ھال بولغان تۇرمۇش كەچۇرۈپ كىلىۋاتىمىز. يا كاتتا باي يوق،ياكى بەك نامراتلار يوق، ھەممىسى دىىگۇدەك ھۆكۆمەتتىن مائاش ئىلىپ كۇن كەچۇرىدىغانلار .مانا بۇ ئۇلۇغ تىلەكنىڭ بىز ئەۋلادلاردىكى ئىپادىسى.. ھەم مەنمۇ كەلگۇسىدە شۇنداق نورمال تۇرمۇش كەچۇرسەمكەن دەپ ئويلايمەن.              
        ئاپام ۋە دادامغا كەلسەك،ئاپام بولسا يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا ئىشلەيدۇ. ئىزچىل باشقىلارنى بانكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.دادام بولسا،يەرباشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ،ئىزچىل باشقىلارنىڭ يەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ،قانۇنسىز يەر ئىشلىتىۋاتقانلارنى جازالاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.ئىككىلىسى نېمىلا دېمىگەن بىلەن جەمىيئەتكە ئازراق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتىدۇ. مەنمۇ كەلگۇسىدە شۇنداق قىلسامكەن دەپ ئويلايمەن.مانا بۇ مېنىڭ بويانىمنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى.




tursungul 2013-05-23 16:54
رەھمەت خان! ئۆمرىڭىز زىيادە بولسۇن! تارىخ ئامانەت.ئۇنى  ئۇنتۇش زالالەت.
يىلتىز ئىزدەش روھىڭىزدىن ھەممىمىز ئۈگەنسەك بولغىدەك.شۇ تاپتا ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قوللىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

ئەكبەرنىياز 2013-05-24 02:00
مانا بۇ نەزىرىيە دەرسىنىڭ ئەمىلىي ئۈنىمى ، ھارماڭلار ئەزىزلەر !!!  

تەگئات 2013-06-06 17:54
ساۋاقدىشىم ئەقىدە قوللىرىڭىز ھارمۇغاي،بۇندىن كىيىنكى بويانلىرىڭىزنىڭ خۇددى بابىڭىز تىلىگەندەك تۇرمۇشلارنى كەچۈرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.كۆز تەگمىسۇن.                  مۇئەللىمىڭىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى روياپقا كەلتۈرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.       


查看完整版本: [-- بىزنىڭ بويانىمىز --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled