查看完整版本: [-- بۇ قانداق كەسپى ئەخلاق - لەيلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> بۇ قانداق كەسپى ئەخلاق - لەيلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

لەيلى 2013-05-22 18:06

بۇ قانداق كەسپى ئەخلاق - لەيلى

سىتىنسا ھامۇل !4"(>Rnw  
                                                     بۇ قانداق كەسپى ئەخلاق {J#SpG 7  
\#)|6w-  
مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا ئون نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، تەربىيىلەش-ئوقۇتۇش سەنئىتى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت مەسىلىسىدە ئۆزۈمدىن تازا قانائەتلىنىپ كېتەلمىگەچكە، بوش ۋاقىت تاپساملا ئوقۇتقۇچى ئەمگىگىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى قانداق ئېچىپ بېرىش، دەرسخانىنىڭ ئەمەلى مۇھىتىنى قانداق ئىگەللەش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ساقلاش ھېسسىياتىنى قانداق يىتىلدۈرۈش ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرىمەن، شۇڭا مەن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپ ئاڭلاشنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجىربە-ساۋاق يەكۈنلەپ،ئۆزىنىڭ كەسپى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى مۇھىم ھالقا دەپ قاراپ، ئۇنى خىزمەت پىلانىمنىڭ ئالدىنقى ماددىلىرىغا كىرگۈزدۈم.                 Ax"]+pb  
يېقىندا مەكتىپىمىزدىكى بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىنىڭ تولۇقسىز 9-يىللىققا دەرسىنى ئاڭلاشقا كىردىم.ئوقۇتقۇچى ئادەتتە ئىنتايىن سىلىق-سىپايە، كەمتەر،خۇشخۇي ئايال بولۇپ،مانا ئەمدى دەرس مۇنبىرىدە تۇرغىنى چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان،سۈرلۈك، «ئەۋلىيا» سۈپەت بىر ئەنساننىڭ قىياپىتى ئىدى.نۆۋەتچى ئوقۇغۇچى ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ بولغىچە تەمتىرەپ،تولىمۇ بىئارام بولۇپ كەتتى.دەرس باشلىنىپ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن،كېچىكىپ قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى سىنىپقا كىرىشتىن قورقۇپ ئىشىك تۆۋىدە خېلىغىچە تۇردى.بىر ھازادىن كېيىن بىرسىنىڭ :«رۇخسەتمۇ؟» دەپ شۇنداق ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىرىغىنى ئاڭلاندى،ئوقۇتقۇچى پەرۋا قىلماي دەرس سۆزلەۋەردى. سىرتتىكى بالا يەنە ۋاقىرىدى، ئوقۇتقۇچى دەرغەزەپكە كېلىپ:«كىرە!» دېيىشىگىلا،ئۈچ ئوقۇغۇچى گۈپۈرلەپ سىنىپقا كىردى،ئوقۇتقۇچى: /x2-$a:<  
-نەگە بېرىشتىڭ؟ Gm`#0)VC  
بەستىلىك، كىيىملىرى رەتسىز (شەپكىسىنىڭ چېكىلىكى يېنىغا كېلىپ قالغان) بىر ئوقۇغۇچى غەلىتە ھېجىيىپ: oz.#+t%X$b  
-سۇ ئىچكىلى بارغان،-دېدى. .ei5+?V 
-سۇ ئىچكىچە سۈيدۈك ئىچسەڭچۇ، كاۋا! M6nQ17\{  
مەغرۇر كۆلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلدى ۋە ئوقۇتقۇچىغا مىقتەك قادىلىپ:«ئۆزلىرى ئىچسىلە »دېدى. F 
ئوقۇتقۇچى كىتاپنى تاشلاپ ئېتىلىپ باردى-دە،ئوقۇغۇچىنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ،بىر مۇنچە ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى.بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئاجراتقىلى چىقتى،بىراق ئوقۇتقۇچىدىن قورقۇپ يېقىن بارالمىدى،ئامال يوق ئۆزۈم ئاجراتتىم.ئۇنىڭغىچە دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى. mz>GbImVD~  
-سەن نېمىنى ئادەم بالىسى دېيىشتىن گۇمان قىلىمەن. n^lr 7(!6  
ئوقۇتقۇچى شۇنداق دېگىنىچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى.ھەي،بالىنى مىڭ بىر مۇشەقەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىدا نېمە گۇناھ؟ شۇنداق قىلىپ بىر سائەتلىك دەرس جىدەل-ماجرا بىلەن ئاخىرلاشتى. ئوقۇتقۇچى ئەنە شۇنداق ئۆز ئوبرازىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.ئوقۇتقۇچى ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن غەلبە قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن ئۇنى روھى جەھەتتىن قايىل قىلالىدىمۇ؟ $-i(xnU/nl  
«سۇ ئىچكىلى بارغان» دېسە، «ئۇكام،سوغوق سۇ زىيانلىق،مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ قايناقسۇ ئىچىپ چىقسىڭىز ياخشى بولاتتى ھەم دەرسكىمۇ كېچىكمەيتتىڭىز.»دېسە نەرى يامان؟ئازار تىز ئۇنتۇلمايدۇ،ئەگەر شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئازراق پىداگۇگىكىلىق پاراسىتى بولغان بولسا، باغۋەن ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ يۇمران كۆچەتلىرىنى سۇندۇرمايدىغانلىقىنى بېلەتتى.مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەر،ۋىجدانلىق،ساغلام پىكىرگە،ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بولۇش لازىم،ئەگەر ئوقۇتقۇچىدا بۇنداق سۈپەتلەر بولمىسا،پىداگۇگىكىلىق ماھارەت كېرەك بولمايدىغان ئورۇنلاردىن ئىش تېپىپ ئىشلىشى كېرەك. قوپال، پاراسەتسىز ئادەملەرنىڭ بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىشىگە ھەرگىز ئىشەنگىلى بولمايدۇ. j LM}hwJ8  
ئەگەر بىر دوختۇر ئۆچ-ئاداۋەتنى دەپ،مەسئۇلىيەتسىزلىك،پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ،بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزسە؛ بىر قانۇن ساقچىسى ئازغىنە مال-دۇنيانى دەپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىن ياشاش ھوقوقىنى بەربات قىلسا؛بىر يازغۇچى ئازغىنە قەلەم ھەققى ئۈچۈن كۈتۈرمىكەشلىك قىلىپ، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنى كۆمۈۋەتسە؛ بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز «ئىناۋىتى» نى دەپ ئېھتىياتچانلىق ۋە سەۋرچانلىقنى، كۆيۈمچانلىق ۋە ئەپۇچانلىقنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ يۇمران كۆچەتلىرىنى نابۇت قىلسا بۇ قانداق كەسپى ئەخلاق؟ -HU4Ow  
پىداگۇگىكىلىق پاراسەت ئوقۇتقۇچىلارنى خاراكتىر جەھەتتىن سىلىق-سىپايەباشقىلارنى ئاسان چۈشىنىدىغان،خۇشپئىېل،ئىدراكلىق،ئوخشاش بولمىغان پىكىرگە ھۆرمەت قىلىدىغان،يۇمۇرلۇق قىلىپ يىتىشتۈرىدۇ.يېزا ئوقۇغۇچىلىرى كۆپۈنچە ئەدەپسىز، قوپال كېلىدۇ.شۇڭا يېزىدا ئوقۇتقۇچى بولغان ھەر بىر شەخس ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاققا قاتتىق رىئايە قىلىشى،يەنى چاچنى بۆدرە قىلماسلىقى، ھەر خىل رەڭدە بويىماسلىقى،ئالتۇن،زىبۇ-زىننەت بويۇملىرىنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ تاقىماسلىقى،يەڭسىز، قىسقا، ئوچۇق كىيىملەرنى كىيمەسلىكى،قېنىق گىرىم قىلماسلىقى،ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال-بۇرتىنى ئۆستۈرىۋەتمەسلىكى،ئاسما مايكا،ساپما كەش كىيىپ يۈرمەسلىكى،ئوقۇغۇچىلار بار جايلاردا تاماكا چەكمەسلىكى،ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يۈرمەسلىكى لازىم.ئوقۇتقۇچىلار يەنە سىنىپنىڭ بۇسوغىسىدىن ئاتلىشى بىلەنلا ،دەرھال سۈرلۈك،يېقىنلىشىشقا بولمايدىغان «ئەۋلىيا» سۈپىتىگە كىرىۋالماي،بالىلارنىمۇ چوڭ ئادەم دەپ قاراپ،ئۆزىنىڭ ئىللىق،يۇمۇرىستىك،قايىل قىلارلىق نۇتىقى بىلەن ئۇلاردىكى قوپال خاراكتىرنى تۆگىتىپ،ئۇلارنى ئۆز قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ھەمدە باشقىلارنىڭ قەدىر-قىممىتىگىمۇ دەخلى يەتكۈزمەيدىغان، #3knKBH  
ساغلام،ۋىجدانلىق،غورۇرلۇق،ئىنسانپەرۋەر،ۋەتەنپەرۋەريېڭى ئادەم قىلىپ چىقىشىمىز لازىم، بۇ بىزنىڭ مەجبۇريىتىمىز. BjyV&1tRV!  
ئەكسىچە،ئوقۇتقۇچىغا خاس كەسپى ئەخلاق ۋە پىداگۇگىكىلىق پاراسەت ۋە ماھارەتنى ئىگەللىمىگەن،ئۆز كۆچەتلىرىنى پەرۋىش قىلمايدىغان ،ئاسرىمايدىغان نامدار «ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغىنى تۈزۈك.   YD{Ppz  

nadiraay 2013-05-23 00:13
يېقىندا مەن خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن 9- يىللىققا دەرسكە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم . بۇ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بىر قانچە قېتىم ئالماشقانلىقى سەۋەبىدىنمىكىن، ئىنتىزامى باشقىچىلا ئىكەن. ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار بىلەنمۇ ئۇرۇشۇشتىن يانمايدىكەن. بىرىنچى سائەتتە جىم ئولتاردى. مەنمۇ « ھەممەيلەن ئەسكى دېگەن بىلەن ئانچە ئەمەسكەنغۇ» دېگەن تەسىراتقا كەلدىم. ئىككىنچى سائەتتە دەرسكە كىرىپ دەرس سۆزلەشنى باشلىشىم بىلەن تەڭلا ، توت رەتتە بىردىن ئوغۇل ئوقۇغۇچى پۇتىنى ئالماپ قويۇپ گازىر چېقىشنى باشلىۋەتتى.  قارىساممۇ پەرۋايى پەلەك. دەرھاللا كۇلگەن پېتى ئالدىغا باردىم دە-، «تەڭ يېگەن تەڭ سۆيۇنەر دەپتىكەن، يالغۇز چاقساڭلار بىزنىڭ كۈردىمىز كىرىپ قالامدۇ،  ھېلى دەرس تۈگىگەندە تەڭ چېقىۋېتەيلى .» دەپلا گازىرلىرىنى يىغىۋالدىم.ئۇلارمۇ گەپ قىلماي، ئىنتىزامنى ساقلاپ ئولتۇردى. ZOBcV,K  
دېمەك  بىز ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇلارنىڭ غورۇرىنى قوغداپ قالغان ئاساستا مۇئامىلە قىلساق، ئۇلارمۇ بىزگە ئېتىبار بېرىدۇ. بىز يالغۇز بىلىمىمىزگە تايىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كەيپىياتىمىز، مۇئامىلىمىز بىلەنمۇ باشقىلارنى تەربىيەلەيدىغانلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

13379705568 2013-05-23 01:03
ھەي ئوقۇتقۇچىلار ئوبرازىڭىزنى ساقلاڭ مەسۇلىيەت ،مەجبۇرىيتمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى

ozqan 2013-05-23 09:59
لەيلى : پىكىرلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇقكەن ، ئوقۇتقۇچىلىق ماھارەت ۋە پاراسەت بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن بەكمۇ قىممەتلىك ، بۇ يازمىڭىزدا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلىق دىتىىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكى ۋە قانداق قىلغاندا بالىلار  قارشى چىقىدىغان ئوقۇتقۇچى بولماي ، بالىلار ياقتۇرۇدىغان ئوقۇتقۇچى بولالايدىغانلىقىمىز ، قانداق قىلغاندا بۇ كەسپنى جەڭگى جىدەل ئىچىدە ئەمەس ، كۆڭۈللۈك كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە شۇنداقلا بالىلارغا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش جەريانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭمۇ مېھىر مۇھەببەتكە ئېرىشىش جەريانىمىز بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەلىي مىسال بىلەن كۆپچىلىكنى قايىل قىلىدىغان ھالدا پىكىر قىپسىز .. يازمىلىرىڭىزغا داۋاملىق تەشنامىز ، ھارمىغايسىز ...

ئەكبەرنىياز 2013-05-23 11:18
بىر تۆمۈر بىر قۇلۇپنى ئاچماق بولۇپ ، كۈچەپ قايرىپمۇ ئۇنى ئاچالماپتۇ . دەل شۇ چاغدا ئورۇق بىر ئاچقۇچ كېلىپ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ، قۇلۇپنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاستا-ئاستا ئايلانغىلى تۇرۇپتىكەن قۇلۇپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ . %i) 0sE T  
بىز چوقۇم ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلب دۇنياسىغا سىڭىپ كىرەلىسەك ، ئاندىن ھەقىقىي مۇئەللىملىك سالاھىيەتنى ھازىرلىيالايمىز ، بولمىسا تۈگەشكىنىمىز شۇ !

tawpik521 2013-05-23 13:59
ئوقۇتقۇچىلىق رىسالىسىنى ھىچكىپ يازالمايدىغانلىقى بىر ھەقىقەت! بىز ئوقۇتقۇچىلار توختىماستىن تىرىشىشىمىز، ئىزدىنىشىمىز لازىم

گۈلزىبا 2013-05-25 10:05
<<ھۆرمەت ھۆرمەتنى تۇغدۇرىدۇ ، غەزەپ غەزەپنى>> دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە .

گۈلزىبا 2013-05-25 10:15
شۇنداق مەسئۇلىيەتچان ، كەسىپچان ئەمما ئاچچىقى يامانراق بىر ئوقۇتقۇچى بار ئىدى ،بىر كۈنى دىجۇرنىلىك قىلىپ سىنىپ ئارىلاۋىتىپ ، بىر سىنىپقا كىرسە شۇنداق ۋاراڭ - چۇرۇڭ ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى كۆرۈپمۇ جىم بولماپتۇ . بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ، ھەممىدىن بەك ۋارقىراۋاتقان بىر قانچە ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا قاراپ : %o l\ sO|  
- ئۇكام !!!!....ئاچاڭلا باما ؟!!..-،- دېسە ،  بالىلار  جىم بولماقتا يوق ئوپچە : ~d3|zlh  
-بار !!!!!!!!!!!...،- دەپ توۋلاپتۇ . bcUSjG>  
بۇ ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ كېتىپ : q"5\bh1"  
- ھە مەيلى ئەمىسە ئۇكام ، مېنىڭمۇ ئاچام بار .  ئىنتىزامسىزلىق قىلماي ، ئۆگىنىش قىلىڭلار ،-  دەپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتىكەن .

tutya 2013-06-04 15:24
ئىززەتلىسەڭ ھۆرمەت تاپىسەن. 3 Q~0b+k  
voFg6zoV_  
لىكىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا مۇشۇنداق ئاددى ئىشلارغىمۇ چىچىلىپ قالىدىغان ئادەت بار،،،لىكىن ئوقۇغۇچىلارنى كۇندورۇپ قۇيسا،ھۆمەتلەش ئۇياقتا تۇرسۇن  ئوقۇتقۇچىنى ئاخماق قىلىدىغان ئادەتلەرمۇ بار..ئوقۇتقۇچى ئىغىر بىسىقلىق ئادەتنى يىتىلدۇرۇش مۇھىم دەپ قارايمەن...

مەرىپەت0999 2013-06-08 17:40
ھەي! ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆتكەندە!!

ئايبىكە 2013-06-11 10:33
بىزنىڭ مىللىي كىمىلىكىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغان،مىللي مەدەنىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغان،ئاناتىلىمىزنى قوغداپ قالالايدىغان ئورۇن ھەم سورۇنىمىز مۇنبەر بولۇپ قالدى،ئۆزى خالاپ كۆتۈرگەن يۈكنىڭ ئېغىرى بولمىغاندەك  ،ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشنىمۇ يۈكسەك مەسئولىيەتچانلىق بىلەن قىلساق، سىنىپتىكى شوخ ئەزىمەتلەرنىڭ ئويۇنلىرىنى تەدبىر بىلەن يىغىشتۇرۇپ ،دەرسىمىز ئىچىگە قايتۇرۇپ كىلىلەيمىزمىكىن دەپ ئويلىدىم.

nafisaay 2014-01-27 20:49
بىر تۆمۈر بىر قۇلۇپنى ئاچماق بولۇپ ، كۈچەپ قايرىپمۇ ئۇنى ئاچالماپتۇ . دەل شۇ چاغدا ئورۇق بىر ئاچقۇچ كېلىپ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ، قۇلۇپنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاستا-ئاستا ئايلانغىلى تۇرۇپتىكەن قۇلۇپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ بۇ مىسالدىن باك سۇيۇندۇم .

nafisaay 2014-01-27 20:56
-نەگە بېرىشتىڭ؟ "bB0$>0,  
بەستىلىك، كىيىملىرى رەتسىز (شەپكىسىنىڭ چېكىلىكى يېنىغا كېلىپ قالغان) بىر ئوقۇغۇچى غەلىتە ھېجىيىپ: Ly/  
-سۇ ئىچكىلى بارغان،-دېدى. #|3,DZ|)F  
-سۇ ئىچكىچە سۈيدۈك ئىچسەڭچۇ، كاۋا! EM@EB< pRX  
مەغرۇر كۆلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلدى ۋە ئوقۇتقۇچىغا مىقتەك قادىلىپ:«ئۆزلىرى ئىچسىلە »دېدى. $=ESY>MO  
ئوقۇتقۇچى كىتاپنى تاشلاپ ئېتىلىپ باردى-دە،ئوقۇغۇچىنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ،بىر مۇنچە ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى.بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئاجراتقىلى چىقتى،بىراق ئوقۇتقۇچىدىن قورقۇپ يېقىن بارالمىدى،ئامال يوق ئۆزۈم ئاجراتتىم.ئۇنىڭغىچە دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى.  
-سەن نېمىنى ئادەم بالىسى دېيىشتىن گۇمان قىلىمە     توۋا  بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخاندىكى باللارنى باشقۇرالماي سىنىپ مۇدڭرىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىشلىرىچۇ ئاندىن ....ئوزلىرى مۇۋاپىق ھەل قىلسا دەيمەن

ياسىنجان510 2014-02-01 13:24
   ھەقىقەتەن ئادەم تەربىيىلەش سەنئەت  ئىچىدىكى سەنئەت،  ئززەت قىلساڭ  ھۆرمەت تاپىسەن.

گۈلنىھال 2014-02-01 22:35
‏يۇمشاق قۇرۇت شۇ يۇمشاقلىقى بىلەن قاتتىق ياغاچنى يەپ كاردىن چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ !؟ j:>0XP  
XPZ8*8JL  
‏يۇمشاق سۆز تاشنى يارار . /u_9uJ"-K(  
)v11j.D  
‏بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى ئوبرازىمىز بەك مۇھىم .  بىز ئوقۇغۇچىلارغا تەنقىدى تەربىيە ئىشلىگەندە ئاتا - ئانىسىنى تىلغا  ئالساقلا  تۈگەشكىنىمىز شۇ . 6`G8UDK>F  
Wv9L }@J  
‏   لىكىن ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار باركى ، ھەي ، ھەقىقەتەنمۇ خاپا قىلىدۇ ئادەمنى  . [)dIt@Y&j  
M# -E  
‏لىكىن بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارنى تەربىيەلەش بولغاچقا ، ھەر قاچان ئېغىر بېسىق بولىشىمىز كېرەك .

مىېھرىما 2014-02-02 20:18
مەنچە بالىلارنى ھاقارەتلىمەي ،ئۇرمايمۇ داۋلى قىلىپ كۆڭلىنى ئىللىتىپ، يۇمشاق گەپ بىلەنمۇ باشقۇرغىلى بولدۇ  .بۇ مېنىڭ ئۇززاق يىللىق تەجرىبەمدىن ئۆتكەن. ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ ۇ ھايۋاندىن ياخشى . چوقۇم دىلى يۇمشايدۇ. شۇڭا بالىلارغا سىلىق ،تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن تەربىيە قىلشىمىز  كېرەك. 9$U4x|n  
«سىلىق سۆز تاشنى يارار ،قوپال سۆز باشنى« دىگەن گەپ بار ەمەسمۇ؟

قاراخان 2014-02-03 00:33
بۇ تىمىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، رەھمەت سىزگە HZ}Igw.Z  

رەيھان 2014-04-21 16:57
قوپل قولنى يۇسا قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپتۇ


查看完整版本: [-- بۇ قانداق كەسپى ئەخلاق - لەيلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled