ئە.نىياز:«كېلىن بولماق ئاسانمۇ؟»دىن تارقاۋاتقان بۇس
«كېلىن بولماق ئاسانمۇ ؟» دىن تارقاۋاتقان «بۇس» vT7g< ئوبزور v شىئېر - شائىرنىڭ يۈرىكى ، شىئېر -ھەققانىيەت ، ئادالەت ئۈچۈن كۆرەشكە تەييارلىنىپ يالىڭاچلانغان شەمشەر ! شىئېر -ئاۋامنىڭ شادلىق كۈلكىسى!!!بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا شائىرلار يېرىم ئەۋلىيا دەپ تەرىپلىنىشكە ھەقلىق !!! V1utUGJV چىن مەنىسىدىن ئالغاندا شائىرلىق يولى - چەكسىز كەتكەن ئازاپلىنىش ۋە مىننەتسىز تەقدىم قىلىش يولىدۇر !!! شۇڭا ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شىئېرنى مىڭ ئادەم ئوقۇسا مىڭ خىل ھوزۇر ئالىدۇ ! بىر ئادەم مىڭ قېتىم ئوقۇسا مىڭ خىل ھېس-ھاياجانغا چۆمىدۇ ! ;%zC@a~{ بۈگۈنمۇ ئادىتىم بۇيىچە شىئېرسىراپ كەتكەن تەشنالىقىمدا مۇنبەرنى ئېچىپ مۇنبەر شائىرەسى نادىرەئاينىڭ نادىرلانغان تېمىسى « كېلىن بولماق ئاسانمۇ ؟ » نى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇشقا باشلىدىم ! قارىماققا بۇ شىئېرنىڭ ماۋزوسىلا بىر ئېسىل ھېكمەتتەك تويۇلدى . چۈنكى ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە كېلىن بولماقنىڭ تەسلىكىنى ھەممە بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ . چۈنكى ھازىرقى كېلىنلەر زىيالى بولسا خىزمەتنىڭ ، ئائىلىنىڭ ، بالىنىڭ ، ئەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك ،ئەگەر دېھقان بولسا ئېتىز-ئېرىقنىڭمۇ ، ئەرنىڭمۇ ، ئائىلىنىڭمۇ ، بالىنىڭمۇ ھۆددىسدىن تەڭ چىقىشى كېرەك، ئەلۋەتتە ! بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ! شۇلارنى ئويلاپ بەكلا ھاياجانلانغان بولسام كېرەك ، شىئېرنى تېز-تېز ئوقۇشقا باشلىدىم . بىر قېتىم ئوقۇپ بولۇپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم . يا مەن خاتا ھېس قىلىۋالدىممۇ قانداق ؟ دېگەن ئويدا قايتا بىر قېتىم ئوقۇپ باقتىم . شىئېرنىڭ قاپىيەسى ، بۇغۇم ، ئاھاڭدارلىق جەھەتتىكى بەدىئىيلىك ھالقىلىرىدا قىلچە نۇقسان يوق . ئەجىبا مەندىكى بۇ تۇيغۇ يالغانمۇ ؟ ! o8z)nOTO; ھە، ئەمدى بىلدىم . شىئېرنىڭ ئىدىيىۋىلىكى جەھەتتە زور خاتالىق باركەن ئەمەسمۇ !؟ نېمىشقا بۇنداق يېزىلىپ قالغاندۇ ؟ ياكى مىنىڭ ئىدىيەمدە قاتماللىق بارمۇ ؟ دېگەن سۇئاللار ئارامىمدا قويمىدى . ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ئەگەر بۇ ھەقتىكى ھاسىلاتلىرىمغا قىزىقسىڭىز ، قېنى مەرھەممەت قىلىڭ ، شىئېرنىڭ مەنا قاتلىمىغا بىرلىكتە شۇڭغۇپ باقايلى !!! شىئېرنى ئوقۇپ 7-كوبلىتقا كەلگەندە خۇددى تويدىكى ئەڭ گۈزەل قىز ئۇسۇل ئويناۋاتقاندا كېيىمى سېلىنىپ كەتكەندەك ، بىر خىل ئاچچىق تۇيغۇ ۋۇجۇدىمىزنى چىرماشقا باشلايدۇ . ئەنە قاراڭ : 2z\;Q8g){r قىز بالىسىن باقىسەنۇ ئاي- يىللاپ، u~F~cDu بىرەر ئېغىز ۋايساپ قوياي دېمەيسەن. !wh&>3~ بىراق كېلىن قويۇپ قويسا بىر كۈنلا، T PYDs+U يىغلىدى دەپ نەچچە تېلفۇن قىلىسەن. بۇ قانداق گەپ ؟ ئاتا-ئانا قىزنىڭ بالىسىنى باققانلىقى ئۈچۈنلا كېلىننىڭ بالىسىنىمۇ بېقىشى كېرەككەندە ؟ بولمىسا بۇ ئادىللىق بولمايدىكەندە ؟ چوڭلارنى سەن ئۇنداق قىل ، بۇنداق قىل دېسەك، « ئادىللىق نەدە ؟ » دەپ زاكونلىشىپ ، ئۇلاردىن ئاغرىقچىلىق قىلساق توغرا بولىدىكەندە ؟ بىر ئادەمنىڭ 7بالىسى بولسا 14نەۋرىسىنى ھەر بىرىنى 2كۈندىن جەمئىي 28كۈن ئاجرىتىپ قارىسا ئاندىن ئادىللىق بولىدىكەندە !؟ بۇ قانداق قاراش ؟ ئاتا-ئانىسى بىلەن ، ئايالى ، بالىلىرى بىلەن ھەق- ناھەقچىلىق دەۋاسى قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ ؟ 2]t i!< ئەمدى تۈۋەندىكى مىسرالارغا قاراپ باقايلى : !buz سىردىشى بول،مۇڭدىشى بول ،ئانا بول، kso*} uh0 كېلىن كۆڭلى سۇ ئىچكۈدەك ئانا بول. ^o eJKjJ قېرىپ قالدىڭ ،پۇت-قولۇڭنىڭ كۈچى يوق، ngyY كۆڭلى يۇمشاق، مېھرى ئىللىق ئانا بول . بۇ قانداق مەنتىقە ؟ «قېرىپ قالدىڭ ئەمدى ھېچقانداق ئىشنى مېنىڭسىز قىلالمايسەن ،شۇڭا گەپنى سېلىق قىل ! بولمىسا ئۇ ئىشلارنىمۇ قىلىپ بەرمەيمەن . » دېمەكچىمۇ ؟ «خاتا قىلساممۇ ماڭا يېلىنىپ - يالۋۇر ! چىرايلىرىڭنى پۈرۈشتۈرۈپ مېنى تەنقىدلىمە» دېمەكچىمۇ ؟ كونىلاردا شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ دەيدىغان گەپ بار . ئويلاپ باقايلى ، چوڭلار بالىلىرىغا قەستەن تەنبېھ بېرەرمۇ ؟ شۇنداق قىلىۋالغىنىدىن ئۇلار خۇشال بولۇپ كېتەرمۇ ؟ =2 jhII تېخىمۇ ھەيران قالغان مىسرالىرىم تېخى ئاستىدا : گەر چۈشەنسەڭ كېلىنىڭنىڭ كۆڭلىنى lG"H4Aa> ئايىمايدۇ ئۇ سىنىڭدىن بارىنى. %Fft
R1" ئەگەر كۆڭلى سۇ ئىچمىسە ئۆيۈڭدە، $H*/;`,\[ ئەتە-ئۆگۈن تاشلاپ كېتەر ھەممىنى . بۇ مىسرالارغا مۇنداق دېگۈم كەلدى : ئەگەر قېيىن ئانىلار سەۋەنلىكلەرگە يەنە « كوتۇلدىسا » تاشلاپ كېتىدىغان ئوخشىمامسىز ھەممىنى ( بالىڭىزنىڭ ئۆمۈرلۈك شادلىقىنى ، ھالال جۈپتىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان ئۆمۈرلۈك ئەقىدىسىنى ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك قان-تەر تۆكۈپ بەرپا قىلغان ئىللىق ماكانىڭىزنى ، تاتلىق - تاتلىق مىنۇتلارنىڭ شاھىدى بولغان روزىغارىڭىزنى ...) ؟؟؟ ياق ، ياق ، مەن خاتا ئويلاپ قاپتىمەن ، ئەسلى كېلىن بولغۇچى ھەممىنى تاشلاپ كەتمەيدىكەن ئەمەسمۇ ، بەك چېچەنكەن! تاشلاپ كېتىدىغىنى- ئوغلى ئۈچۈن بارلىقىنى پالۋان كەبىي جاسارەتلىك ، مەرت ، ھەقىقىي ئەركەك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا ئاتىۋەتكەن ، ئەمدىلىكتە بولسا ھالىدىن كەتكەن ،ئوغلى ئۈچۈن ئۆزىدىن كىيىن قالسا ، ئۆزىدەك كۈيۈمچان بىر ھەمدەمچى تەربىيلەپ بەرمەك بولۇپ «سەت » كۆرۈنۈۋاتقان ئاجىزە ئىكەن . بۇ ئىدىيىنى تۈۋەندىكى مىسرالار ناھايىتى ئېنىق ئىزھار ئېتىپتۇ ، ئەمەسمۇ ! پەرۋانە بوپ خىزمىتىڭ قىپ تۇرسىمۇ، O@&+} D> كۆز ئالايتىپ ، دەشنام بېرىپ تۇرىسەن. l(:kfR~AC شۇنداق قىلساڭ قېرىغاندا ھېچكىم يوق، %ROwr[Dj= ئاچچىق ياشنى ئەلەم بىلەن تۆكىسەن . بىردىنبىر يۆلەنچۈكى بولغان ئوغلى ئەگەر ئانىسىدىن تېنىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ياشىسا ئۇ ئوغۇل قانچىلىك خۇشاللىق تاپار ؟ تەنھا قالغان ئانا نىمىلەرنى ئويلار ؟ بىزدە ئاتا قارغىشى پوق ، ئانا قارغىشى ئوق دەيدىغان بىر گەپ بار ، غېرىبسىنىپ ئولتۇرۇپ غايىبانە ھالدا سىلەرمۇ ،سىلەرمۇ تارتىپ قالارسىلەر بىر كۈنى ! دەپ زارلىنىپ ياش تۈكۈپ قالسا ،(قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ دېسىغۇ تاما شا شۇ يەردە) بۇنىڭ قىساسى بولماسمۇ ؟ بىر كۈنلىرى تاشلاپ كەتكەنلەرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇلارنى تاشلاپ كەتسە ( سەكراتقا چۈشكەندە ) ئۇلار نىمىلەرنى ئويلار ؟ (S9f/i^ كونىلاردا « يەتتە يىل قېيىن ئانا خىزمىتىنى قىلالىغان كېلىن دەۋزەخ يۈزى كۆرمەيدۇ » دەيدىغان بىر گەپ بار ! بەلكىم بۇ كېلىنلىكنىڭ تەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ دېيىلگەن گەپ بولۇشى مۇمكىن . ئەمدى بىز بۇ ھېكمەتلىك سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى ئويلاپ باقايلى ! ئانا ئۆز ئوغلىنى كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلغان ، شۇڭا ئوغلىنىڭ تۇرمۇشتا نېمىلەرگە ئامراق ، نېمىلەرگە ئۆچ ، قانداق ئادەتلىرى بار ، ھەممىنى تولۇق بىلىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، تۇرمۇشتا يۈرەك -پارىسىنىڭ ئۆزىدىن كېيىن قالسا قىينىلىپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ . بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئانىنىڭ كېلىنىگە بەزىدە قاتتىق ، بەزىدە يۇمشاق تەربىيە بېرىپ كىيىنكى كۈنلەردە چىقىدىغان ۋابا كەبىي ئائىلە زىددىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئىمكانقەدەر توغرا چۈشىنىش كېرەك ، ئەلۋەتتە ! ھەر قانداق بىر ئىشنى 7يىل ئۇدا قىلسا(ئىسسىق كۆڭلى بىلەن ) شۇ ئىشتا ئۇستاز بولغىلى بولىدۇ ! بەلكىم يۇقارقى ھېكمەت شۇ تەرەپنى نەزەرگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن . كېلىن يەتتە يىل بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۈگەنسە ( ئىسسىق كۆڭلى بىلەن ) ئۇ ئۇ دۇنيادا ئەمەس مۇشۇ دۇنيادىمۇ جەننەت راھىتىدەك راھەتلەرنى سۈرەلىشى مۇمكىن . چۈنكى ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە ، يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال ئەمەسمۇ !؟ يەتتە يىلدا ئەلۋەتتە بىر كېلىن يەكچەشمىنىڭ شەھرىدە بىر كۆزىنى تۇلۇق قىسىۋالىدىغان ماھارەتنى يىتىلدۈرۈپ بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن كىيىنكى چاغلاردا «شەھەر»دىكى «يەكچەشمىلەر»نىڭ يامان كۆزدە قارىشىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ ئەمەسمۇ !؟ بەزىدە يامان نىيەت بىلەن قىلىنغان سىلىق سۆز ئادەمنى ئاسان ھاڭغا ئىتتىرسە ، ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان قاتتىق سۆز (گەرچە كېلىنگە خۇشياقمىسىمۇ )كېيىنكى ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلاردىن كېلىنىنى ساقلاپ قالىدۇ ، ئەمەسمۇ ؟ =m
tY شۇڭا بۇ شىئېرنىڭ يۇقارقى مىسرالىرىغا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ : xJhU ئانىلارنى تاشلاپ كېتىدىغان ۋاپاسىز ئوغۇللارنىڭ چىقىشىغا ھەرگىز يول قويمايلى !چۈنكى ئۆز ئانىسىغا ۋاپا قىلماي تاشلاپ كەتكەن ئەردىن كېلىدىغان ۋاپامۇ تايىنلىق !؟ Ix8$njp[ ئەگەر شىئرنىڭ يۇقارقى مىسرالىرىدىكى «بۇس» بولمىغىنىدا ئىدى ، شىئېرنىڭ باشقا مىسرالىرى گوياكى دۇنيا بۇيىچە ئوخشىغان ئېسىل تاماق ، 5مىليارت ئىنسان يېيىشكە ئىنتىلىدىغان ئەڭ ئېسىل تاماق بولاتتىكەن !!! 1r9 f[j~ LU2waq}VA I.V:q!4*
X0$@Ik
2013-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى . مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم . . |