查看完整版本: [-- سىز سىنىپ مۇدىرىمۇ ، ئۇنداقتا...     لەيلى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مائارىپ ۋە جەمىيەت -> سىز سىنىپ مۇدىرىمۇ ، ئۇنداقتا...     لەيلى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

لەيلى 2013-05-17 10:40

سىز سىنىپ مۇدىرىمۇ ، ئۇنداقتا...     لەيلى

[سىتىنسا ھامۇل                                                 P ^D\znvc  
                    سىز سىنىپ مۇدىرىمۇ،ئۇنداقتا... = i `o+H  
KecRjon~  
«سەن بىر سىنىپنىڭ مەسئۇلى بولدۇڭ،بىر سىنىپتا كەن دېگەندە 50 نەپەر ئوقۇغۇچى بار،‹50 ئوقۇغۇچى ماڭا تەئەللۇق،ئۇلار كىچىك،مەن نېمە دېسەم،شۇنى قىلىدۇ،نەگە باشلىسام شۇ يەرگە ماڭىدۇ›دەپ ئويلاپ قالما.بىلىشىڭ كېرەككى،ئۇلار ساڭا،ماڭا،مەكتەپكە،ھەتتا ئاتا-ئانىسىغىمۇ تەئەللۇق ئەمەس.ئۇلار مىللەتكە،ۋەتەنگە تەئەللۇق. ئۇلار كىچىك ئەمەس،ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ئالەمچە،ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش سېنىڭ ۋەزىپەڭ.ئۇلار سەن نېمە دېسەڭ شۇنى قىلمىسۇن،سەن نەگە باشلىساڭ شۇ يەرگە ماڭمىسۇن.ئۇلارنىڭ نېمە قىلىشنى،نەگە مېڭىشنى خالايدىغانلىقىنى شۇ سەبىلەرنىڭ قۇشلار تىلىدا ۋىچىرلاشلىرىدىن،پاك ۋۇجۇدىدىن،ئوتلۇق كۆزلىرىدىن ئاڭلاپ باققىن!» - خاتىرەمدىن. <kp?*xV]]  
شۇنداق،سىز بىر تەربىيىلىگۈچى- سىنىپ مۇدىرى بولسىڭىز،جۈملىدىن ئاشۇ مىليۇنلىغان سەبىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى قازماقچى بولسىڭىز،سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىڭىزدە بىر قەدەر مۇھىم بولغان تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىنى ئەمەلىيىتىڭىزدە قوللۇنۇپ بېقىڭ. *i&ks> 4N  
1.ئاسراش: سىنىپ مۇدىرى بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوغدىغۇچىسى:«سەبىلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن،بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى...» (مۇختار بوغرا). ئابدۇللا ئبدىرېھىم ئىجراسىدىكى بۇ ناخشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا قاتتىق ھاياجاندىن ۋۇجۇدىڭىز لەرزىگە كېلىپ،كۆزلىرىڭىزگە ئىسسىق ياش ئالغان بوغىيتتىڭىز؟! شۇئان قەلبىڭىزدە ئاشۇ سەبىلەرگە بولغان چوڭقۇر مېھرى-مۇھەببەت دولقۇن ياسىغان بوغىيتتى؟ شۇنىڭدىن بېرى سىز ھەر كۈنى سىنىپىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرغان بولىشىڭىز مۈمكىن.مەسىلەن: قۇرسىقىڭ ئاچتىمۇ؟ ۋېلىسپىتىڭ ساقمۇ؟ ئۆيۈڭدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ياخشىدۇ؟ كېچىكىپ قالسا، توڭلاپ كەتتىڭمۇ؟ كىيىملىرىڭ يېلىڭمۇ-نېمە؟ مەشنىڭ يېنىدا بىر دەم ئىسسىنىۋېلىپ ئاندىن ئولتۇرغىن.سالامەتلىكىڭ قانداقراق؟ دوختۇرخانىغا ئاپىرايمۇ؟ قىيىنچىلىقىڭ بولسا ئېيتقىن،دېگەندەك.ئۇلار قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئەمەلى ياردەم قىلدىڭىزمۇ؟ r 1nl!  
2.ماختاش: ياخشى بالا ماختاشتىن كېلىدۇ. مەكتىپىڭىزاە، سىنىپىڭىزدا تەربىيە ئاڭلىمايدىغان،ئۇچىغا چىققان ئىنتىزامسىز ئوقۇغۇچىلارمۇ بولىشى مۈمكىن.ئوقۇغۇچىلار قانداق تەربىيىنى ئاڭلايدۇ؟ ھە دېسە ئىنتىزامسىزلىقىنى يۈزىگە سېلىپ،ئېرىمايدىغان « ياغلىق قاپاق» قا چىقىرىۋەتسەك تەربىيە ئاڭلامدۇ؟ سىز شۇ ئوقۇغۇچىغا نەزەرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ،ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ كۆڭلىگە بۆسۈپ كېرەلىسىڭىز، پىسخىكىسىنى ئىگەللەپ،ئۇلار قورقىدىغان خاتالىقىنى تەكرارلىماي،ئارتۇقچىلىقىنى پات-پات ماختاپ تۇرسىڭىز،ئازغىنە كەمچىلىكىنى تۈگەتسىلا ھازىر ناھايتى ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى،كەلگۈسىدە ئۈمىد بارلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرسىڭىز ناچار ئوقۇغۇچىنىمۇ ياخشى ئوقۇغۇچىغا ئايلاندۇرالىشىڭىز مۈمكىن. ;3'ta!.c  
3. سۆھبەت: سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدە سۆھبەتنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ،سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق يۈز بەرگەندە،ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە،دارستە چېكىنىش يۈز بەرگەندە،ھەتتا بىر خىل مېڭىۋاتقاندىمۇ ئۇلار بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بېرىش كېرەك.سۆھبەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتىكى رولى ناھايتى زور بولىدۇ،لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا ناھايتى كۆپ ۋاقىت چىقىرىپ ئېلىپ بارغان سۆھبىتىڭىزنىڭ ياخشى ئۈنۈم بەرمەيۋاتقانلىقى سىزنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. زادى نېمە ئۈچۈن سىز ئۈنۈمسىز ئىش قىلىسىز؟ سەۋەبى،سۆھبەتلىرىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى- سىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىڭىزدە،يەنى بۇرۇن دەپ بولغان ،ئۇلار بىلىدىغان ھەقىقەتلەرنى تەكرارلاش،ئۇلارغا ۋارقىراش،ئاچچىقنى باسالماي قول تەككۈزۈپ سېلىش… بۇ ھەرگىزمۇ سۆھبەت ئەمەس،ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئىدىيىسىنى تېڭىش،ئۆزىنى كۆرسىتىش. بۇنداق سۆھبەت ئاخىرلىشىش بىلەنلا ئوقۇغۇچى يەنە خاتالىق سادىر قىلىدۇ. سۆھبەتنىڭ تەييارلىقىمۇ دەرس تەييارلىقىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر تەييارلىق بولمىسا،سۆھبەتنى كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنداق بولغاندا سۆھبەتنىڭ شەكلى،مەزمۇنى توغرىسىدا پۇختا تەييارلىق قىلغىلى،بىر دەملىك ئاچچىقنى باسالماي خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى قايىل قىلىپ،ئۇلارنى ئوچۇق-يورۇق،قىزغىن قىلىپ چىقالايدىغان سۆھبەتنىڭ چوقۇم .ۈنۈمى بولىدۇ. i^f*Em1  
تۆۋەندە مەن بىر قىسىم دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچى بىلەن ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆھبىتىنى ئايرىم-ئايرىم مۇنداق سۆزلەپ بېرەي، سىزنى قايسى خىل ئۇسۇل بەكرەك جەلپ قىلار؟             \!x~FVA  
بىرىنچى ئوقۇتقۇچى: سەن نېمە ئۈچۈن ئەدەبىيات،تارىخ پەنلىرىنى    بىلمەيسەن؟                                                 m:SG1m_6  
ئوقۇغۇچى: نەدە بىلمەيمەن،ئىمتاھاندىن ئۆتتۈمغۇ؟                   5$$Yce=k  
ئوقۇتقۇچى: نېمىشقا باشقىلاردەك يوقىرى نومۇر ئالمايسەن؟     VokIc&!Uz  
ئوقۇغۇچى:ماڭا يوقىرى نومۇرنىڭ كېرىكى يوق،ئۇنداق نومۇرنى كۆچۈرۈپمۇ ئالغىلى بولىدۇ.                               &rs   
ئوقۇتقۇچى: كېرىكى يوق دەۋاتامسەن؟ سەن زادى كىم بولماقچى! lDsT?yHS`Z  
ئوقۇغۇچى:تامچى بولساممۇ بولىدۇ. تېخنىك، ئېنژىنېر بولۇپ قالامدىمەن تېخى.                                                             7XzhKA6  
ئوقۇتقۇچى: مۇشۇ ئەپتىڭ بىلەنما؟ aQ.QkM Z  
ئىككىنچى ئوقۇتقۇچى:يوقىرى نومۇرنىڭ كېرىكى يوق دېدىڭ،شۇنداق، ئادەمنىڭ بىلىمىنى نومۇر ئارقىلىق ئۆلچىگىلى بولمايدۇ،لېكىن تۇرمۇشۇڭدىكى توسالغۇلار،تەبئەت دۇنياسىنىڭ سىرلىق قانۇنيىتى ۋە گۈزەللىكى سېنى قىزىقتۇرمامدۇ؟                                   f4 k  
ئوقۇغۇچى: ئەلۋەتتە قىزىقىمەن.بېنا سېلىشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرىنى بىلىشكە بەك قىزىقىمەن.                                           |qs8( 5z0  
ئوقۇتقۇچى:بەللى،ئۇنداقتا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە،يەنى مىسىردا،رىمدا بىنالارنى قانداق قۇرغانلىقىنى بىلمىسەڭ قانداق قىلىپ ياخشى بىناكار بولالايسەن؟ بەلكىم ئادەتتىكىدەك تامچى بولۇشنى خالايدىغان ئوخشىمامسەن؟         =Gv*yR*]t  
ئوقۇغۇچى:ياق، مەن ئەلۋەتتە ياخشى بىناكار بولۇشنى ئويلايمەن. t]IHQ8  
ئوقۇتقۇچى: ياخشى بىناكار بولۇشنى،كائىناتنىڭ      سىرلىرىنى بىلىشنى خالىساڭ،سەن بىلەن ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئۆتمۈشىگە ۋە كەلگۈسىگە ئېتىبارسىز قارىساڭ بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىنى ،تارىخىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ،قانداقسىگە ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرىغا، خىياللىرىغا،ئۈمۈدلىرىگە ۋارىسلىق قىلالايسەن؟   CP'b,}Dd?I  
ئوقۇغۇچى: مەن پەقەت پەرۋاسىز قاراپتىمەن.                         CM%Rz-c  
ئوقۇتقۇچى: بۇلارنى چوقۇم ئويلاش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىپادەڭگە قارايمەن.                                                  
ھۆرمەتلىك سىنىپ مۇدىرى، سىز چوقۇم ئىككىنچى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆھبەت ئۇسۇلىغا قايىل بولدىڭىزغۇ دەيمەن،شۇنداق،بىز ئوقۇغۇچىنى كەمسىتكىدەك ئانچە چوڭ ئادەممۇ ئەمەس،ئۇلارنى سوراققا تارتىدىغان قانۇن ساقچىسىمۇ ئەمەس،بىز تەربىيە كۆرگەن بىلىم ئەھلى، ئىلمىي- Wsb>3J  
لىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلىمىز،خالاس.                           "XQ3mi`y  
4. جازا: سىنىپ مۇدىرى خاتالىق سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا جازانى قوبۇل قىلدۇرىشى كېرەك. بۇ ھەرگىز تەن جازاسى بىرىش (سۇلاپ قويۇش، تازلىق قىلدۇرۇش) ئەمەس،بەلكى ئىلمىي جازا،بۇنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى باتۇرلۇق بىلەن تونۇيدۇ. p*j>s \  
مەسىلەن: بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇزۇن يىل سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن بىر ئوقۇتقۇچى ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنداق جازا قوللانغان. ئۈچ ئوقۇغۇچى بىر سائەت دەرسكە قاتناشماپتۇ.سەۋەبىنى سورىسا،« سۇ ئىچكىلى بارغان » دەپ تۇرىۋاپتۇ.ئوقۇتقۇچى بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن: «مەن بىلەن سۇ ئىچكىلى قايتا بارىسىلەر،بىر سائەت توشقىچە سۇ ئىچىسىلەر،قۇرسىقىڭلار ئېتىلىپ كەتسىمۇ مەيلى،مەن بىلەن يۈرۈڭلار!» دەپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭغان،ئوقۇغۇچىلار خېلى ماڭغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىنى چاقىرغان،ئوقۇتقۇچى ئاڭلىمىغان بولۇپ كېتىۋەرگەن.ئوقۇغۇچىلار قايتا-قايتا چاقىرغاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى توختىغان. ئوقۇغۇچىلار سۇ ئىچىپ بولغىچە كېچىكىپ قالغانلىقىنى،دەرس ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەنقىدىدىن قورقۇپ سىنىپقا كىرمىگەنلىكىنى،بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كېچىكمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.ئوقۇتقۇچى ئۇلارنى ئەپۇ قىلغان.ئۇ ئوقۇغۇچىلار شۇنىڭدىن كېيىن كېچىكمەيدىغان بولغان.بۇ ئۇسۇلنى ھەممىمىز قوللۇنۇپ باقساق ،پىشقەدەم سىنىپ مۇدىرلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاق ئىگەللىسەك بولىدۇ.                               p/yz`m T'w  
5. تەھدىت: سىنىپ مۇدىرى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنى تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەربىيىلىسىمۇ بولىدۇ.مەسىلەن:مېنىڭ ئىلگىركى قاراردىكى سىنىپىمدا(تولۇقسىز 2-يىللىقتا) ئۆزى چوڭ ئىنتايىن ئىنتىزامسىز بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ،پۈتۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ تەربىيە ئىشلىسەممۇ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى.ئاتا-ئانىسى بىلان سۆھبەتلەشتىم قىلچىلىك ئۆزگىرىش يوق،ئاخىرى بىر قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدا:«مەن ساڭا بىر ئايغىچە ھېچقانداق گەپ قىلمايمەن،قانچىلىك ئەسكىلىك قالساڭ قىلىۋەر،كېلەر ئاينىڭ مۇشۇ كۈندىكى سىنىپ يىغىنىدا ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا سەن بىلەن دىيىشىمەن،نېمە دەيدىغانلىقىمنى شۇ چاغدا بىلىسەن »دېدىم.بىر ئايغىچە ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن گەپ قىلمىدىم.بۇ جەرياندا سىنىپ ھەيئەتلىرىدىن سۈرۈشتۈرسەم بىر قېتىممۇ كېچىكىپ قالماپتۇ،ئېغىزچە سىناق نومۇرىمۇ ئانچە تۆۋەن ئەمەسكەن،دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەنمۇ جېدەللەشمەپتۇ،قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئاخىرى ئويلۇنۇپ چوڭ بىر خاتىرە سېتىۋالدىم-دە، Yy~xNj5OS  
خاتىرىنىڭ بىرىنچى بېتىگە: «سىزنىڭ شۇنداق ياخشى ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنى ھەرگىز ئويلىماپتىمەن،بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ خىسلىتىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن »دەپ يازدىم ھەم وقۇغۇچىلارغا بۇنى ئوقۇپ بىرىپ:« سېلەرمۇ ئىشىنەمسىلەر؟»دېدىم.ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىشىنىمىز!»دېگەن ئالقىش ساداسى ئىچىدە خاتىرىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدىم.ئۇ شۇ خىجىللىقتىن كېيىن ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇغۇچى بولدى. يۇقىرىقىلار مېنىڭ سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىدە ھېس قىلىپ خاتىرىلىگەنلىرىم.يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇسۇل-چارىلەرنى ئويلىغان بولساممۇ سىنىپ مۇدىرىلىق خىزمىتىدىن باشقا ئىشلارمۇ بەك كۆپ بولغاچقا ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلىيەلمىدىم.كەسىپداشلىرىمنىڭمۇ تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىپ،ياخشى تەجىرىبە-ساۋاقلارنى ئىگەللەپ، ئۆز كەسپىگە چوڭقۇر ئەقىدە باغلىشىنى،شۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.   K ton$%Li  

koksangun 2013-05-18 13:00
ياخشى يزىلغان تېمىكەن ، نادىرلىدىم ، يەنە مۇشۇنداق ماتېرىياللىرىڭىز بولسا كۆپچىلىكتىن ئايىماڭ.

ئەكبەرنىياز 2013-05-18 19:13
ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسۇللار ئىكەن ، داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ !!!

gulhan 2013-05-19 02:08
ئۈلگىلىك ماقالىڭىزدىن ياخشى نەپلەرگە ئېرىشتۇق. كۆپ رەھمەت. H)h^|A/vO  
  يەنە ماقالىلىرىڭىزغا تەشنا بىز...

kamalat 2013-05-19 22:16
مەنمۇ بىر سىنىپ مۇدىرى   لىكىن يۇقارقى ئۇسۇللارنى  قۇللىنىپ باقماپتىمەن ،  سىناپ باقسام بولغىدەك.ياخش   يوللانمىڭىزغا تەشەككۈر.

nadiraay 2013-05-19 23:51
كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ. داۋاملىق ياخشى تەجىرىبىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.

دوكو 2013-05-28 20:36
ناھايىتى ياخشى ئۇسۇل ئىكەن، بىزمۇ ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئوقۇغان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپلا باقساق چۇقۇم ئۇلارنىڭ ھىسسىياتىنى بىلەلەيمىز


查看完整版本: [-- سىز سىنىپ مۇدىرىمۇ ، ئۇنداقتا...     لەيلى --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled