ئەكبەرنىياز |
2013-05-18 16:46 |
نۇتۇق ھەقىقەتەن ياخشى سۆزلىنىپتۇ ، ئەرك ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت !!! 7>XDNI ئەمما ئويلاپ قالدىم : ui q^|5Z 1. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قېچىشىنىڭ سەۋەبى نوقۇل ئاتا-ئانىلارنىڭ، جەمىيەتنىڭلا سەۋەنلىكىمۇ ؟ ياكى بولمىسا ئوقۇغۇچىلارنىڭلا سەۋەنلىكىمۇ ؟ نۇتۇق سۆزلىگەن خانىم ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بۇ نۇقتىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەن باشقا كەسپداشلارنىڭ قارىشى قانداقكىن ؟ zDhB{3-Q1{ 2. زەن سېلىپ ئاڭلايدىغان بولساق بۇ نۇتۇقتا بىر قىسىم لوگىكىلىق قائىدىلەرگە چۈشمەيدىغان كېسەل جۈملىلەرنى ئاڭلايمىز . مەسىلەن : نوتۇقنىڭ بېشىدا بالا تەربىيلەش ئانىلارنىڭلا مەسئولىيىتى ئەمەس دېيىلگەن . قېنى ئويلاپ باقايلى ، ھازىرقى ئاتىلارنىڭ ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىشى بالا تەربىيلەش ھېسابلانمامدا ؟ ئۇلۇغ ھەزرەت ئەلشىر نەۋائىي مۇنداق دېگەن «باشقىلارغا ئېغىزىڭ ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ئەمىلىي ئىش-ھەركىتىڭ ئارقىلىق نەسىھەت قىل ! » ھاياتلىق بولغاندىلا ياشاش نىشانى بىرىنچى كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ . ئۇنداقتا ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىچىك جەمىيەت ھۆجەيرىسىنى ھاياتلىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىدىغىنى زادى نىمە ؟ ئەلۋەتتە ئىقتىساد ئەمەسمۇ !؟ رىقابەت، خىرىسقا تولغان ھازىرقى جەمىيەتتە ئەنە شۇ ئائىلە ھاياتلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىقتىسادىي شارائىتنى ھازىرلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاتىلارنى سەن بالا تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ مەسئولىيەتنى ئانىلارغىلا يۈكلەپ قويدۇڭ دەپ ئاغرىقچىلىق قىلىنسا ئانچە ئادىللىق بولماس !؟ h$eEn l} يەنە مەسىلەن : بۇ يەرگە كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئۇلۇغ دېيىلدى . بۇ قانداق گەپ ؟ ئەجىبا ، ئۇيەرگە كېلەلمىگەن ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەسما ؟ مېيىپ ، ئاغرىق ، سىرتتا ئىشلەش سەۋەبى بىلەن ئۇ يىغىلىشقا (بىر قېتىملىق ) كېلەلمىگەن ، (ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ باشقا ھامىيلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئوقۇۋاتقان بالىلار) ...ئاتا-ئانىلار زادى بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ ؟ v>z tB,,9 بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلىگۈچى نىمىشقا قىسمەنلىكنى ئومۇمىيلىق ئۈستىگە دەسسىتىپ قارار چىقىرىدۇ ؟ ئاخىرىدا بولسا يەنە باشتا دېگەن گېپىنى ئىنكار قىلىپ ھېلىقى بالىغا ھېچقىسى يوق بالام ، سېنىڭ ئاتا-ئاناڭ سېنى باقىمەن دەپ بۇ جايغا كېلەلمەپتۇ ، ئوقۇتقۇچىڭنى بولسىمۇ مەيدانغا تەكلىپ قىلغىن دەپ باشتىكى ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئۆزى ئىنكار قىلىدۇ ؟ !Z
VU,b> يەنە مەسىلەن : 3(C\.oRc بوۋا-مومىسىنى باشلاپ كەلگەن بالىلارغا نىسبەتەن ، سىلەرنىڭ بوۋا-موماڭلار مىڭبىر جاپادا ئاتا-ئاناڭلارنى بېقىپ قاتارغا قوشتى ، ئەمدى ئۇلارنىڭ راھىتىنى كۆرىمىز دەپ تۇرۇشىغا سىلەر توغۇلدۇڭلار دېيىلدى ، بۇ يەردە يوشۇرۇن ھالدا ئوقۇغۇچى ئۆزىنى بىر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغاندەك ھېس قىلىپ قالماسمۇ ؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ توغۇلۇشى ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكىمۇ ، بالىلار چوڭلارنىڭ راھىتىنى بوغۇپ قويدىمۇ ؟ بالا بېقىشتىن مەقسەت ، بالىنىڭ راھىتىنى كۆرۈشمۇ ؟ ھەقىقىي راھەت زادى قانداق بولىدۇ ؟ دېگەندەك بىر قاتار كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان سۇئاللار پەيدا بولىدۇ . بۇ يەردە بىر ئىشنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ . مىنىڭمۇ بالام بار ئۈچ ياش بولۇشقا ئاز قالدى . ئايالىم خىزمەت سەۋەبى بىلەن باشقا شەھەردە ، ئانام بىر قوللۇق بالامنى تەربىيلەۋاتىدۇ . ئۇ بىرەر قېتىم بالاڭنى بېقىپ ھېرىپ كەتتىم دەپ باقمىدى . ئانامنىڭ دائىم دەيدىغان گېپى : -ئوغلۇڭ بەكمۇ چىچەن ، ئۇ بۈگۈن ..... قىلدى ، ....دېدى دەپ ماختاپ كېتىدۇ ، ئاخىردا بولسا مۇشۇ نەۋرەمنىڭ مىجەزى مېنى تارتقان ، خۇدايىم بۇيرۇسا ئۇ چوڭ بولغاندا مېنىڭ يۈزۈمنى ، جەمەتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىپ ياراملىق ئادەم بولىدۇ !- دەيدۇ . 4DZ-bt' ئانا، بەكلا جاپا تارتىپ كېتىۋاتىسەن دېگىنىمدە، ھەر قېتىم ئۇنىڭ جاۋابى بىرلا ئۇ بولسىمۇ ، - نەۋرەمنى بېقىپ ياراملىق قىلىپ تەربىيلەش مىنىڭ ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىق ئىش ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوينىسام ئۆزۈمنى كىچىك بالىغا ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەنمەن . سەن خاتىرجەم ئىشىڭنى قىلىۋەر ! D}8EER b مىنىڭچە ، يۇقارقى بايانلاردىن چوڭلارنىڭ ھەقىقىي راھەت ھېسابلايدىغان نەرسىنىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىگە ئەقىللىق ئوقۇرمەن جاۋاب تېپىپ بولدى ! rZ8`sIWQt شۇنداق تۇرۇقلۇق يىغىلىشقا كېلەلمىگەن ئاتا-ئانىلارنى يوشۇرۇن ھالەتتە ۋاپاسىز دەۋېلىشنىڭ ، ياكى بولمىسا راھەت كۆرەلمەيۋاتقان بوۋا -مومىلارنى خاس ماددىي جەھەتتىكىلا راھەتنى قوغلىشىدىغانلار دەپ گۇناھكار قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ ؟ بۇنىڭغىمۇ مەيلى دەپ تۇرايلى ، نوتۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاتا-ئانىسى بۇ يىغىلىشقا كېلەلمىگەن بالىلارغا تەسەللىي بېرىشنى مەقسەت قىلىپ دېيىلگەن مۇنۇ گەپلەرگە قاراپ باقايلى ! ئاتا-ئانىسى بۇ يەرگە كېلەلمىگەن ساۋاقداشلار سىلەرنىڭ ئاتا-ئاناڭلار سىلەرنى بېقىش كويىدا بۇ يەرگە كېلەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما ئۇلارمۇ سىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشى سىلەر ئۈچۈن ! بۇ جۈملىلەر باشتا دېيىلگەن « بۇ يىغىلىشقا كەلگەن ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئۇلۇغ !!!» دېگەن گەپ بىلەن زىتمۇ قانداق ؟ ھەم بوۋا-موماڭلار سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنى تارتىۋاتىدۇ ، دېگەن گەپتىكى يۇشۇرۇن ئىپادىلىنىۋاتقان ئاتا-ئاناڭلار ۋاپاسىز (سىلەرنى چوڭلارغا تاشلاپ قويدى ) دېگەن ئىدىيە بىلەن زىتمۇ قانداق ؟ Q.K,%(^;a قىسقىسى ، بۇ نوتۇقنىڭ يۇقارقى كېسەل جۈملىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈۋەتسە ئۇنىڭ تەسىرچانلىقى يەنىمۇ بىر ھەسسە ئاشامدىكىن دەيمەن !؟ ھىسسىيات بۇقتىسىدىن ئالغاندا بۇ بىر كاتتا يىغىلىش بوپتۇ ، ھەتتا مەنمۇ (گەرچە ئۇ سورۇندا بولمىساممۇ ) نەچچە قېتىم يېشىمنى سۈرتتۈم . نېگىر بالىنىڭ ھىكايىسى ، ئاتىسى ئاغرىپ قالغان ئۇقۇتقۇچىنىڭ ھىكايىسى ، بالىسى كۆيۈپ يارىلانغان ئانىنىڭ ھىكايىسى ،ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى قاتارلىق بايانلارنى ئاڭلىغىنىمدا يۈرىكىم تىترەپ كەتتى ، كېچىسى تاغدىن ئالتۇن ئېلىپ چىققان بالا ھەققىدىكى بايانلارنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا ئۆزۈمنىڭ تالاي ۋاقىتلارنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمگە ئېچىنىپ تەگسىز ئەسلىمىلەر قوينىغا غەرق بولدۇم . n ; {76Q ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بۇ نۇتۇقنىڭ نۇقسانىغا قارىغاندا ئۇتۇقى نەچچە ھەسسە زور بوپتۇ . بالىلىرىمىزغا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق مىننەتدار بولىدىغان بىر يۈرەك تەقدىم قىلىش ھازىرقى جەمىيەتنىڭ ، مىللەتنىڭ ، ئائىلىنىڭ جىددىي تەقەززاسى !!! |
|