查看完整版本: [-- ئىچىمدىكى ئاچچىقنى تۆكىۋېتەي --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> كۆڭۇلدىكى سۆز -> ئىچىمدىكى ئاچچىقنى تۆكىۋېتەي [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

nadiraay 2013-05-16 14:26

ئىچىمدىكى ئاچچىقنى تۆكىۋېتەي

ئىچىمدىكى ئاچچىقنى تۆكىۋېتەي
t -u|U(n  
M/PFPJ >`  
  يېقىندىن بېرى ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشقۇدەك ئىشلار مەكتىۋىمىزدە ئارقا- ئارقىدىن يۇز بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئۈچ كۈن ئىچىدىلا  ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلغان جەرىمانە بىر تالاي. «ئىشخانىدىكى ئەخلەت چېلىكىدە قەغەز باركەن ، ھەر بىرسىدىن 100 يۇەندىن  جەرىمانە » دەپ ئىككى ئىشخانىنىڭ ئەخلەت چېلىكىدىكى نەچچە تال قەغەز پارچىسى ئۈچۈن ئىشخانىدا ئولتۇرغان 11ئادەمگە 1100يۇەن جەرىمانە قويۇلدى. (ئوقۇتقۇچىلار قەغەز بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولغاچقا ئىشخانىدا قەغەز بولىدۇ-دە. يانچۇققا سېلىپ يۇرەتتۇقمۇ؟ ئىشتىن چۈشكەچ ئاچىقىپ تۆكىۋېتەتتۇققۇ؟) سىنىپلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ بېشىنى قويۇۋالغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرالمىغان دېگەن قالپاق بىلەن يەنە كۆپلەپ جەرىمانە قويۇلدى.بەزى بالىلارنى( ساناقلىقلا) ياغلىق چىگمەڭلار دېسەك كەلگىلى ئۇنىماي ئامالسىز   رەڭلىك ياغلىق چىگىش شەرتى بىلەن  ئاران سىنىپقا ئەكىلىپ ئوقۇتۇۋاتساق،« سىنىپتا ياغلىق چىگىشكە رۇخسەت قىلغان» دېگەندەك قالپاق بىلەن يەنە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە سىنىپ مەسئۇللىرىغا  يەنە  جەرىمانە،  خىزمەت ۋاقتىدا ئىشخانىدا نەرسە يېسەڭمۇ جەرىمانە .(ياخشى ئىشلەش ئۈچۈنمۇ ماغدۇر بولۇش كېرەكتە)...   قارىسام ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىچىدىكى ئاشكارىلاش تاختىيى تۈرلۈك جەرىمانە قويۇلغانلارنىڭ تىزىملىكى بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. D*5hrkV9  
    بۇنداق بولۇۋەرسە ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئۆزىنى مائارىپقا بېغىشلاش روھى ئۆلمەمدۇ؟   بۇرۇن دەرسنى  تالىشىپ  كېتەتتۇق. ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ خالىس تەكرار قىلدۇراتتۇق. ھازىرچۇ؟  ھەممەيلەن سىنىپتىن قاچىدۇ. چۈنكى ھېلىقىدەك تەكشۈرگۈچىلەر كىرسە قۇسۇر تاپماي قالمايدۇ. جەرىمانە قويماي قالمايدۇ-دە.

ozqan 2013-05-17 11:26
نادىرە ئاي : ھەقىقەتەن ئىچىڭىزنى بوشىتىۋالمىسىڭىز بولمايدىغان ئەھۋالدا ئىكەنسىز ...                         بىچچارە ، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار ... Q0?\]2eet9  
ھەي ... بۇ سىلەرنىڭ مەكتەپ ...؟ J`M&{UP  
روھىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار ، سىزگە ئىشەنچ ، داۋاملىق تىرىشىش روھى ئىزچىل ھەمراھ بولسۇن ...

ئەكبەرنىياز 2013-05-18 15:20
بىزنىڭ شۇئارىمىز «مەكتەپ بىزنىڭ ئۆيىمىز !!!» pN6%&@) =  
نادىرە ئاي مەكتەپ سىزنىڭ ئۆيىڭىز ئەمەسما ؟

دىلخۇش 2013-05-19 00:15
ئوقۇتقۇچىلار نىمە دىگەن بىچچارە  ئالىدىغان مائاش تايىنلىق تۇرسا  ،ئۇنچە كۆپ جەرىمانە بىلەن قانداقمۇ  جان باققىلى بولسۇن                        [s +>JjvYx}\  
:6]

ئەكبەرنىياز 2013-05-19 00:26
بەزى باشلىقلارنىڭ قارىشىچە ، مۇئەللىم دېگەننى توختىماي ئىشلىتىپ ، ئانچە-مۇنچە جەرىمانە قويۇپ  تۇرمىسا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرەرمىش .

gulhan 2013-05-19 11:44
قانداق يەرلىك سىياسەت بۇ؟ 0Lb4'25.  
جەرىمانە قۇيۇش نىمە ھۇقوقى باركەن ئۇلاردا؟! n0is\ZK 0  
بۇ ئىشلاردا كۆزىمىزنى مولدۈرلىتىپ قاراپ تۇرامدۇق....

nadiraay 2013-05-19 16:15
قارىغاندا ئەكبەر مۇئەللىمگە قىززىق تۇيۇلغان ئوخشايدۇ.  مەكتىۋىمىزدە بىرەر ئاي ئىشلەپ باققان بولسىغۇ... 0 iJue &  
   «دۇشەنبە جەرىمانە تاپشۇرمىساڭ ئىشتىن توختا» دەيدۇ. 9- يىللىققا تەكرار قىلدۇرىۋاتقانلاردىنلا ئون نەچچە ئادەم بار . بىز ئىشتىن توختىساق دەرسنى كىم ئۆتەركىن؟ كىم ھەپتىدە بىر ئىمتىھان ئېلىپ ، شەنبە، يەكشەنبە دەم ئېلىشلىرىنى قۇربان قىلىپ قەغەز تەكشۈرۈپ،دۈشەنبىدىن باشلاپ يەنە تەكرارغا چۈشەركىن؟  كۆرۈپ باقارمىز. ھە دېسىلا « يېزىغا كەت» دېگەن.  يېزىمۇ ئادەم يېمەس. ئون نەچچە يىل يېزىدا ئىشلىگەن، يەنە ئىشلىسەك نېمە بوپتۇ. x#:| }pR  
  كۆڭۈل ئازادىلىكى يوق شەھەردە ئىشلىگەندىن ، ئەتىۋارلىنىپ يېزىدا ئىشلىگەن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟

ئەكبەرنىياز 2013-05-19 18:16
كونىلاردا نەگىلا بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ، دەيدىغان گەپ بار نادىرە ئاي مۇئەللىم . ماڭا بۇ ئىشلار قەتئىي قىزىقارلىق تويۇلمايدۇ ، چۈنكى ئىسنىڭ ئاچچىقىنى بەك بىلىدىغىنى مورا ئەمەسمۇ !؟ تۇنجى قېتىملىق ناھەقچىلىك ئادەمنى ئەنە شۇنداق ئازاپلايدۇ ، ئەمما ئىنسان دېگەن ئۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالىدىكەن . بۇ دۇنيا بىزنى نېمىگە كۆندۈرمىگەن . ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت مۇئەللىمنىڭ « شوجاڭ دېگەن » دەيدىغان بىر پارچە ساتىراسى بولىدىغان ، پات-پات شۇ ساتىرانى ئوقۇپ قويىمەن . بولسا سىزمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىڭ !!!

ئوتقاشئەرقۇتى 2013-05-19 18:20
      جەرىمانەئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس !بۇ خىل ئوسولدائوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدابېغىشلاش روھىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئىقىتىسادنى ئاساسلىق ھەركەتلەندۇرگۈچ  قىلغان مائارىپ خۇددى خۇمارى(يىنىكى تاماكا ،ئېغىرى خروئېن) كۈچلۈك بەڭگىگە ئوخشاپ قالىدۇ. \J6j38D5  
     ئىقتىسادنى ئاساسى باشقۇرۇش ئوسولى قىلغان مەكتەپ مۇدىرى ئىقتىدارسىز ،ئىقتىسادى مەنپەئەتنى ئاساسى خىزمەت مەقسىتى قىلغان ئوقۇتقۇچى كاززاپ ھىساپلىنىدۇ .ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈستۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرلىرى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى ۋاقىدا كۆرسىتىپ بېرىشى ئولاربىلەن سەمىمى پىكىرلىشىشى .سەۋەنلىكنى تۈزىتىشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ روھىنى ،بېغىشلاش روھىنى ،ئوقۇتقۇچىلىق مەسئولىيەت تويغۇسىنى ئويغۇتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك ئەلۋەتتە !

danix 2013-05-22 16:34
   بەزىلەر « ئاناينى ئانىي تاپمىسا ، قىيامەتتە سورىغى بار » دەپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ . مېنىڭچە ، « ئاناينى ئانىي تاپسا ، قىيامەتتە سورىغى بار » dp*u9z~NA  
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  99 قىسىلچاقتىن ئۆتۈپ ، قولىغا تەگكەن ، داڭزىدا بار پاڭزىدا يوق ، شۇ ئازغىنە مائاشىنى ھەر خىل يولسىز باھانىلار بىلەن تۇتقۇچىلار قىيامەتتە شۇ تۇتقان پۇللارنىڭ گۆرىدە دوزاق ئوتىغا تۇترۇق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ قويۇشى كېرەك !  

يۇلگۇن 2013-06-07 02:27
تولىمۇ ھەيران قالدىم  بۇنداق ئىشلارمۇ بارمۇ تېخى؟ hs$GN]  
بىراق سىلەرنىڭ چىداشلىق كۈچىڭلارغا تېخىمۇ ھەيران قالدىم؟

nadiraay 2013-06-18 17:50
دۈشەنبىگىچە تاپشۇرمىساڭ يېزىغا كەت دېگەن . بىر قىسىملىرى تاپشۇرۇپتۇ. ئەمما بىر قىسىم خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا سىلەر ئۆزۈڭلار تاپشۇرۇڭلار دەپتىكەن. دۈشەنبە كۈنى ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈشتىن كېلىپ مەكتەپ مۇدىرىنى خېلى تەرلىتىپتۇ.

akqolpan 2013-09-03 17:10
ھەممە يەردە قازاننىڭ قولىقى تۆت ئىكەن . بىز بىچاە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەردىمىز تولا، جاپايىمىز تولا، جاپاغا چۇشلۇق قەدرىمىزنى قىىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ ھە؟

tawpek 2013-09-22 21:30
بىزدە ئەڭ يامىنى ئوقوغۇچىلارنىڭ مەسچىتكە بىرىپ قىلىشى. 9vvx*rD  
#nPQ!NB/  
بىر ئوقوغۇچى ئۈچۈن سىنىپ مۇدىرى 200 دىن 2000 گىچە. تەربىيە قىلغانلىق خاتىرىسى ۋە مەسئۇلىيەتنامىلەرمۇ نۆلگە ھىساپ. 9#MBaO8_"  
[J4gH^Z_  
170 كوي سىنىپ مۇدىرلىق پۇلى باتتى. ئەخلاق تەبىيە بۆلۆم 170 نومورلۇق ئۆلچەم چىقىرىپ بىر كوينى بىر نومورغا چىگىپ قويدى. &N\jG373  
Xy$3VU*  
سىنىپقا ئىلمى بۆلۆمدىن خالىغانچە ئۈسۈپ كىرىپ ماتىرىيال تەكشۈرىدۇ. [k;\SXDZo  
ئوقوغۇچىلار ئالدىدا تەكشۈرۈشنى قوبول قىلىشقا مەجبۇرمىز. ئالدىقى ماۋسۇم ئاخىردا ھەممىنى كۆرسەتسەم دەرىس تەييارلىق دەپتىرىدىن ئوقوغۇچىلارنىڭ ماقالىسىنى ئوقوپ تۈزىتىمەن دىگەن گەپنى تىپىڭ دەپ جىنىمنى چىقاردى. $4 S@  
A Sk|A!  
چۈنكى شۇ ۋاقىتتا بىر ئوقوغۇچى ماقالەم بوپتۇمۇ دەپ ئەكەپتىكەن ھەممىگە ئوقوپ بىرىپ تەكلىپ ئىلىۋاتقانتىم، ئەرۋاھىم ئۇچۇپ شۇيەردىلا تىللاپ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئالدىدىلا سىنىپتىن قوغلاپ چىقارغىنىم ئۈچۈن..................... rp!oO>F  
v{ 0=  
ECrex>zr%  
كەنىتتىمۇ نەچچە مىڭ دىھقانغا باش بولىدىغان قەنىت باشلىقى دىگەنلەرنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىكەن لىكىن مەكتەپتە ئۇنداق بولمىغاچ ئوقوتقۇچىنى پۇشتىغا ئىلمايدۇ دە.

nadiraay 2013-09-23 13:12
كالېندارلىق پىلانغا ئالغاندا يېزىقچىلىق دەپ يازمىغانمۇ؟

ئادىلە5 2013-09-24 11:01
        

مىېھرىما 2013-09-24 14:54
نادىرەئاي  سىز خاپا بولغىدەك ئىش بوپتۇ . چۇنكى مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى. مەن ئويلايمان سىزنىڭ مەكتەپ مودۇرىڭىز بىر قابىليەتسىز باشقۇرۇش سەنئىتى يوق كالۋا بىرنىمكەن. پۇل تۇتۇپ مەكتەپنى تەرتىپكە سېلىش ياكى ئادەم باشقۇرۇش شۇنداقلانىڭ ئىشى . پۇل تۇتمايمۇ بارلىق ئىشنى ئۆز يولدا رەتكە سالغىلى بولدۇ . شۇڭا كۆڭلىڭزگە بەك ئەپ كەتمەڭ سالامەتلىك بىزلەر ئۈچۇن تېخمۇ مۇھىم .

مىېھرىما 2014-01-03 22:44
قازاننىڭ قۇلقى ھەممە يەردە تۆتكەن دە! بىزمۇ قوساق كۆپىكىگە تولۇپ كەتتۇق.

ياسىنجان510 2014-01-20 14:55
ئەكبەر نىياز ئەپەندىنىڭ پىكرىنى قوللايمەن،توغرا دەيدۇ.

گۈلنىھال 2014-01-20 15:56
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆتكەن !  بىزدىن پۇل تۇتمايدۇ ، خىزمەتنى نومۇرغا ھېسابلاب ، نومۇر تۇتىدۇ ، لىكىن ، نومۇر تۆۋەن بولسا يەنە شۇ ئۈنۋانغا ، يەنى پۇلغا تاقىشىدىغان گەپكەن !

گۈلخان 2014-01-20 16:41
ئەكبەر نىياز مۇئەللىمگە «قىزىقارلىق»تۇيۇلمىغانغا قارىغاندا ، بۇ مۇئەللىمنىڭ مەكتىپىىدە جەرىمانە ئېلىش ئىشلىرى  ئادەتتىكى ئىش ئوخشايدۇ. |]J>R  
چېكىدىن ئاشقان تۈزۈملەر ئوقۇتقۇچىلارنى ھالسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ.«ئاشۇ بالىلار »دەپ چىشىنى چىشلەپ ئىشلەۋاتقانلار ئاز ئەمەس.

ئاچچىقگۈل 2014-01-21 12:25
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت، xIxn"^'  
بولدۇممۇ، چېكىمەن ھەسرەت- نادامەت...

نىگارە 2014-03-05 17:09
       دەردىڭىزنى تۆكىۋالغىنىڭىز ياخشى بولدى،ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.   ‹‹ئاتقا مىندىڭمۇ  ئاغرىدى دېمە›› بىز    ئۈمىدۋار  بولايلى، بىزنىڭ ئەجرىمىزنى بىر ئاللا بىلسە،ئۆزىمىزگە يۈز كېلەلىسەكلا  خەق نېمە دېسىمۇ يەنىلا  ۋىجدانىمىزغا يۈز كېلەلەيمىز.  

شەبنەم117 2014-03-31 11:52
ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇئاشى خۇددى سېغىن كالىنىڭ ئەمچىكىدەك كىم كېلىپ ساغسا بولىۋىرىدىغان بولۇپ قالدى سېغىڭلار !سېغىڭلار!قانچىلىك ساغاكەنسىلەركىن قېنى

رەيھان 2014-04-21 18:42
نىمە بولۇپ كەتتى شياۋجاڭ باج ئىدارىسىدىن كەلمىگەندۇ؟ خۇداغا شۈكرى بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇنداق ئىشلار يوق


查看完整版本: [-- ئىچىمدىكى ئاچچىقنى تۆكىۋېتەي --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled