查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى (خىمىيە) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> قىزىكا-حىمىيە -> ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى (خىمىيە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئەنۋەرچەرچەن 2013-05-15 19:18

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى (خىمىيە)

[][]
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(1)
ئوكسېدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسى
تاللاش سۇئاللىرى(ھەربىر سۇئالغا 3تىن جەمئىي 30نومۇر)

1.تۆۋەندىكى خىمىيىۋى رېئاكسىينىڭ تىپى ھەققىدە ئېيتىلغان بايانلاردىن توغرىسى    (         )

A.پارچىلىنىش رېئاكسىيىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوكسېدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسى بولىدۇ.

B.بىرىكىش رېئاكسىيىلىرىنىڭ ھەممىسى ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش بولمىغان رېئاكسىيە بولىدۇ

C.ئالمىشىش رېئاكسىيىلىرىنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش بولمىغان رېئاكسىيە بولىدۇ

D.ئاددىي ماددا قاتناشقان ياكى يېڭى ئاددىي ماددا ھاسىل بولىدىغان رېئاكسىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدىسزلىنىش تىپىدىكى سىقىپ چىقىرىش رېئاكسىيىسى بولىدۇ

2.تۆۋەندىكىلەردىن ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسىگە كىرىدىغان ،لېكىن سۇ ئوكسىدلىغۇچىمۇ،ئوكسىدسىزلىغىچىمۇ بولمىغىنى                                         (          )

A.SO3+H2O=H2SO4            B.2Na2O2+2H2O=4NaOH+O2

C.2F2+2H2O=4HF+O2            D.2Na+2H2O=2NaOH+H2

3.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى                                                    (                   )

A.يۇقۇرى ۋالىنتلىق ئېلېمىنىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرىكمە چوقۇم كۈچلۈك ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتگە ئىگە بولىدۇ

B.كاتىئۇندا پەقەت ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتى ،ئانىئۇندا پەقەت ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتى بولىدۇ

C.يوقاتقان ئېلىكتىرۇن قانچە كۆپ بولسا ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ

D.كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى بىلەن كۈچلۈك ئوكسىدسىزلىغۇچى ئوتتۇرىسىدا چوقۇم ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدىسزلىنىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشى ناتايىن

4.تۆۋەندىكى جەريانلاردىن ئوكسىدلىغۇچى قوشۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغىنى(   )

A.Ag+ Ag   B.S2O32- S4O62-    C.CuOCu    D.Cr2O72-CrO42-

5. مېتاللارنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىكى كېرەكسىز ئېرىتمە تەركىبىدە %2-%5كىچەNaNO2 بولىدۇ،ئۇ بىرخىل زەھەرلىك ماددا.كىشىلەر NH4Clئېرىتمىسى ئارقىلىق كېرەكسىز ئېرىتمىنى بىرتەرەپ قىلىش ئارقىلىقNaNO2 نى زەھەرسىز ماددىغا ئايلاندۇرغان.بىرىنچى باسقۇچتا :

NaNO2+NH4ClNaCl+NH4NO3 ،ئىككىنچى باچقۇچتا:NH4NO2=N2+2H2O تۆۋەندىكىسى ئىككىنچى باسقۇچتىكى رېئاكسىيىگە ئائىت بايانلار  (1)NH4NO2ئوكسىدلىغۇچى     (2)NH4NO2ئوكسىدسىزلىغۇچى    (3)NH4NO2پارچىلىنىش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىدۇ

(4)پەقەت ئازوت ئېلېمىنىتىنىڭ ۋالىنتىدا ئۆزگىرىش بولغان  (5)NH4NO2ھەم ئوكسىدلىغۇچى ھەم ئوكىدسىزلىغۇچى.بۇلاردىن توغرىسى      (         )

A.(1)(3)    B.(1)(4)      C.(2)(3)(4)     D.(3)(4)(5)

6. NO3-+Zn+OH-+H2ONH3+Zn(OH)42- نى تەڭلەشتۈرگەندىن كېيىن،H2Oنىڭ خىمىيىۋى ئۆلچەش سانى     (               )

A.2      B.4           C.6        D.8

7.2Fe2++Cl2=2Fe3++2Cl-،HClO+HCl=Cl2+H2O،2Fe3++Cu=2Fe2++Cu2+،Fe+Cu2+=Fe2++Cu لەرگە ئاساسەن ئوكسىدلىغۇچىلارنىڭ ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىق تەرتىۋىدىن توغرىسى               (                    )

A.Fe3+>HClO>Cl2>Fe2+>Cu2+      B. HClO > Cl2 > Fe3+ > Cu2+ > Fe2+

C. Cl2 > HClO > Fe3+ > Cu2+ > Fe2+ D. Fe3+ Cu2+ > Cl2 > HClO > Fe2+

8.ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا ،ئېرىتمىدە تۆۋەندىكى رېئاكسىيىلەر يۈز بېرىدىغانلىقى مەلۇم:

(1)16H++10Z-+2XO4- =2X2++5Z2+8H2O؛ (2) 2A2+B2=2A3++2B-؛

(3) 2B-+Z2=2Z-+B2 بۇنىڭدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى   (  )

A. رېئاكسىيەZ2+2A2+=2A3++2Z- يۈز بېرىدۇ

B. Zئېلېمىنتى (1)،(3) رېئاكسىيىلەردە ئوكسىدسىزلانغان

C.ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈكتىن ئاجىزلاپ بېرىش تەرتىۋىXO4-،Z2،A3+،B2

D.ئوكسىدىسزلاش خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈكتىن ئاجىزلاپ بېرىش تەرتىۋىZ-،B-،A2+،X2+

9. ئامىنو ھىدروكسىد(NH2OH) بىرخىل ئوكسىدسىزلىغۇچى بولۇپ ،بىرقىسىم ئوكسىدلىغۇچىلارنى ئوكسىدسىزلايدۇ.30.00Ml،0.049mol/L لىق ئامىنو ھىدروكسىنىڭ كىسلاتالىق ئېرىتمىسىنى يېتەرلىك مىقداردىكى تۆمۈر سۇلفات ئېرىتمىسى بىلەن رېئاكسىيىلەشتۈرۈپ(Fe3+نى Fe2+غا ئۆزگىرىدۇ)،ھاسىل بولغان Fe2+نى24.50mL،0.020mol/L لىقKMnO4 ئېرىتمىسى بىلەن دەلمۇ-دەل رېئكسىيلەشكەن .رېئاكسىيە تەڭلىمىسى

2KMnO4+6FeSO4+4H2SO4=3Fe2(SO4)3+K2SO4+4H2O+2MnO2

بولسا يۇقۇرقى رېئاكسىيىدىكى ئامىنو ھىدروكسىدنىڭ ئوكسىدلانغان ھاسىلاتى    (             )

A.N2     B.N2O     C.NO     D.NO2

10.Cl270لۇقNaOH نىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئۆزلىكىدىن يۈرۈيدىغان ئىككى ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسىگە كىرىشكەن،رېئاكسىيە تاماملانغاندىن كېىن NaClOبىلەنNaClO3 نىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتىنىڭ 4:1بولىدىغانلىقى ئۆلچەنگەن بولسا،ئېرىتمىدىكى NaClبىلەن NaClOنىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتى      (        )

A.11:2     B.1:1   C.9:4     D.5:1

بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ(20نومۇر)

11. (8نومۇر)كىراخماللىق كلىي يودىد ئېرىتمىسىگە ئاز مىقداردا NaClOئېرىتمىسى تېمىتىپ ھەمدە ئۇنىڭغا ئاز مىقداردا سۇلفات كىسلاتا قۇيغاندا ئېرىتمە دەرھال كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى ___________________________________،مۇناسىۋەتلىك رېئاكسىيە تەڭلىمىسى_______________________________؛يۇقۇرىدىكى كۆك رەڭلىك ئېرىتمىگە يېتەرلىك مىقداردا Na2SO3ئېرىتمىسى تېمىتقاندا كۆك رەڭ تەدرىجى يوقاپ كەتكەن .بۇنىڭ سەۋەبى _________________________؛مۇناسىۋەتلىك رېئاكسىيىنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىسى_________________________________________.

12.(6نومۇر) قىززىق سۇيۇق سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىدە  g11.4 FeSO4 نى ئېرىتىپ ،بۇنىڭغا 50mL،0.5mol/Lلىق KNO3 ئېرىتمىسى قوشقاندا ئېرىتمىدىكىFe2+ نىڭ ھەممىسى Fe3+غا ئۆزگىرىدۇ،KNO3مۇ تولۇق رېئاكسىيىلىشىپ بولىدۇ ھەمدە NxOyگازى ھاسىل بولىدۇ

FeSO4+KNO3+H2SO4 →□K2SO4+Fe2(SO4)3+NxOy+H2O

(1) x ۋە y نىڭ قىممىتىنى ھېساپلاڭ:x=______________،y=_____________

(2)يۇقۇرىدىكى رېئاكسىيە تەڭلىمىنى تەڭلەشتۈرۈڭ

(3)يۇقۇرىدىكى رېئاكسىيە تەڭلىمىنى تەڭلەشتۈرگەندىن كېيىن ئېلىكتىروننىڭ يۆتكىلىش يۆنىلىشى ۋە يۆتكەلگەن ئېلىكتىرۇننىڭ سانىنى كۆرسىتىڭ.

(4) رېئاكسىيىدىكى ئوكسىدلىغۇچى______________،ئوكسىدسىزلىغۇچى________

13.(6نومۇر) نىفىت خىمىيە سانائىتىدىكى ھىدروگىن قوشۇش مەشغۇلاتىدا ،ئەگەر ھىدروگىن گازى تەركىبىدە CO،CO2قاتارلىق ئارىلاشمىلار بولسا ،كاتالىزاتۇرنى زەھەرلەيدۇ،شۇڭا ئۇلارنى چوقۇم چىقىرىۋېتىش كېرەك.(1) ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا ،كۈمۈش نىترات ئېرىتمىسى ئارقىلىق ئاز مىقداردىكى COنى ئېنىقلاش،بۇنىڭ پىرىنسىپى كۈمۈش ئەينەك رېئاكسىيىسىنىڭ پىرىنسىپى بىلەن ئوخشاش بولۇپ،كۈمۈش ئاجرىلىپ چىقىدۇ.كۈمۈش نىترات ئېرىتمىسى بىلەن COنىڭ رېئاكسىيە تەڭلىمىسىنى يېزىڭ ____________________________________

(2)سانائەتتە ئادەتتە مېتانلارشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق،ئازمىقداردىكى كاربوننىڭ ئوكسىدلىرى(CO،CO2)لار چىقىرىۋېتىلىدۇ.بۇنىڭ ئۇسۇلى :بەلگىلىك تېمپىراتۇرىدا،كاتالىزاتۇر مەۋجۇت شارائىتتا ،كاربوننىڭ ئوكسىدلىرىغا ھىدروگىن گازىنى كىرگۈزۈپ،مېتان ۋە ئاسانلا چىقىرىۋەتكىلى بولىدىغان سۇغا ئايلاندۇرىلىدۇ،COنى مېتانلاشتۇرۇش رېئاكسىيىسىنىڭ خىمىيىۋى تەڭلىمىسى_______________________________________________.

(3)يۇقۇردىكى ئىككى رېئاكسىيەدىكى COنىڭ رولى  ئايرىم-ئايرىم ھالدا_____،_____.

A.ئوكسىدلىغۇچى                         B. ھەم ئوكسىدلىغۇچى ھەم ئوكسىدسىزلىغۇچى

C.ئوكھىدسىزلىغۇچى                       D.ئوكسىدلىغۇچىمۇ،ئوكسىدسىزلىغۇچىمۇ ئەمەس















ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(2)
ئىئونلۇق رېئاكسىيە       خىمىيىۋى رېئاكسىيىدىكى ئېنىرگىيە ئۆزگىرىشى
تاللاش سۇئاللىرى ( ھەربىرىگە 3تىن 33نۇمۇر)

1.تۆۋەندىكى ماددىلاردىن توكنى ئاسان ئۆتكۈزىدىغىنى   (               )

A.سۇيۇقلاندۇرۇلغان ناترىي خىلورىد                     B.كالىي نىترات ئېرىتمىسى

C.مس سۇلفات كىرىستالى                                  D.سۇسىز ئېتانول

2.مەلۇم قاتتىق ماددا Aتوك ئۆتكۈزمەيدۇ،لېكىن سۇيۇقلاندۇرۇلغان ياكى سۇدىكى ئېرىتمىسىدە توك ئۆتكۈزىدۇ،تۆۋەندىكىA ماددا توغرىسىدا ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى      (                )

A.نائېلىكتىرولىت    B.كۈچلۈك ئېلىكتىرولىت  C. ئىئونلۇق بىرىكمە    D.ئاجىز ئېلىكتىرولىت

3.تۆۋەندىكى ئىئونلاردىن ئېرىتمىدە كۆپ مىقداردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغىنى   (           )

A.H+,Ca2+,Cl-,CO3-             B.Na+, Fe3+,SO42-,OH-

C.K+,Na+,OH-,Cl-              D.Cu2+,Ba2+,SO42-,Cl-

4.تۆۋەندىكىلەردىن كۈچلۈك كىسلاتالىق ئېرىتمىدە بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان ھەمدە ئېرىتمىسى رەڭسىز ،سۈزۈك بولىدىغىنى       (                )

A.NH4+,Al3+, SO42-,NO3-        B. K+, Na+,AlO2-,HSO3-

C. K+, NH4+,MnO4-, SO42-       D. Na+, K+, NO3-, HSO3-

5.سۇدىكى ئېرىتمىسىدە كۆپ مىقداردا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان،ناترىي ھىدروكسىد قوشقاندىن كېيىن چۆكمە ھاسىل قىلىدىغان،تۇز كىسلاتا قوشقاندا گاز ھاسىل قىلىدىغان ئىئونلار گورۇپپىسى                                                                                        (         )

A. Ba2+, Na+,Br-,HCO3-         B. Fe3+, K+,I-, NO3-

C. Na+,Mg2+, Al3+, SO42-        D. K+, Al3+,OH-,HCO3-

6.تۆۋەندىكى رېئاكسىيىلەرنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسىدىن توغرىسى              (               )

A.كالىتسىي كاربوناتنىڭ ئاتسىتات كىسلاتادا ئېرىشى:CaCO3+2H+=Ca2++CO2+H2O

B.سۈزۈك ھاك سۈيىگە تۇز كىسلاتا قوشۇش:Ca(OH)2+2H+=Ca2++2H2O

C.مىس پارچىسىنى سۇيۇق نىترات كىسلاتاغا سېلىش:Cu+ NO3-+4H+=Cu2++NO+H2O

D.ناترىي ھىدروكاربونات ئېرىتمىسى بىلەن فورمىئات كىسلاتانىڭ ئارىلاشمىسى:

HCO3-+HCOOH=HCOO-+CO2+H2O

7. تۆۋەندىكى رېئاكسىيىلەرنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسىدىن توغرىسى              (               )

A.ئاليۇمىن سۇلفات ئېرىتمىسى بىلەن ناترىي ھىدروكاربونات ئېرىتمىسى: Al3++3HCO3-=3CO2+Al(OH)3

B. Ca(ClO)2ئېرىتمىسىگە SO2گازى كىرگۈزۈشCa2++2ClO-+SO2+H2O=CaSO3+2HClO

C.تۆمۈر()-سۇلفىدقا تۇز كىسلاتا قوشۇش:S2-+2H+=H2S

D.ناترىي بىلەن سۇغۇق سۇنىڭ رېئاكسىيىسى:Na+2H2O=Na++H2+2OH+

8. تۆۋەندىكى رېئاكسىيىلەرنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسىدىن توغرىسى              (               )

A.ئارتۇق مىقداردىكى خىلور گازىنى تۆمۈر()-يودىد ئېرىتمىسىدىن ئۆتكۈزۈش

     3Cl2+2Fe2++4Br-=6Cl-+2Fe3++2Br2

B.ئاز مىقداردىكى كاربون()-ئوكسىدنى ناترىي مېتا ئاليۇمىنات ئېرىتمىسىدىن ئۆتكۈزۈش

    CO2+H2O+AlO2-=Al(OH)3+HCO3-

C.تەڭ ماددا مىقدارىكى ئاممۇنىي ھىدروسولفىت ئېرىتمىسى بىلەن ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسىنىڭ ئارىلاشمىسى NH4++ HSO3-+2OH-=SO32-+NH3+2H2O  

D.ماگنىي ھىدروكاربونات ئېرىتمىسىگە ئارتۇق مىقداردا ھاك سۈيى قوشۇش

   Mg2++2HCO3-+Ca2++2OH-=CaCO3+2H2O+MgCO3

9.تۆۋەندىكى خىمىيىۋى رېئاكسىيە ئىسسىقلىقىغا ئائىت بايانلاردىن خاتاسى   (             )

A.ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان رېئاكسىيىلەرنى قىزدۇرۇش ھاجەتسىز

B.خىمىيىۋى رېئاكسىيىدە چوقۇم  ئېنىرگىيە ئۆزگىرىشى بولىدۇ

C.خىمىيىۋى رېئاكسىيىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئىسسىقلىق سۈمۈرىدىغان رېئاكسىيە قىزدۇرغاندىلا ئاندىن يۈرىدۇ

D.خىمىيىۋى رېئاكسىيىنىڭ ئىسسىقلىق ئېففېكتى رېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىلارنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ

10. C2H2نىڭ كۆيۈش ئىسسىقلىقىنىڭ a kJ/molئىكەنلىكى بېرىلگەن،تۆۋەندىكى تېرموخىمىيىۋى تەڭلىمىلەردىن توغرىسى   (             )

A.   2C2H2(g)+5O2(g)4CO2(g)+2H2O(l);ΔH=-akJ/mol

B.   2C2H2(g)+5O2(g)4CO2(g)+2H2O(g);ΔH=-akJ/mol

C.   C2H2(g)+ O2(g)2CO2(g)+ H2O(l);ΔH=-akJ/mol

D.   C2H2(g)+ O2(g)2CO2(g)+ H2O(g);ΔH=-akJ/mol

11.لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان پېچتا رېئاكسىيەΔH=-392kJ/mol   C(s)+O2(g)=CO2(g); يۈز بېرىدۇ،پېچقا سۇ ھورى كىرگۈزگەندە تۆۋەندىكى رېئاكسىيىلەر يۈز بېرىدۇ:

C(s)+H2O(g)=CO(g)+H2(g)     ΔH=+131kJ/mol

CO(g)+O2(g)=CO2(g)         ΔH=-282kJ/mol

H2(g)+O2(g)=H2O(g)         ΔH=-241kJ/mol

يۇقۇرىدىكى رېئاكسىيىلەرگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلغاندا،پېچقا سۇ ھورى كىرگۈزگەندە (         )

A.يېقىلغۇنى تېجىگىلى بولمايدۇ،لېكىن پېچتىكى ئوتنى قىسقا ۋاقىتتا ئۇلغايتقىلى بولىدۇ

B.گەرچە پېچتىكى ئوتنى ئۇلغايتقىلى بولمىسىمۇ،لېكىن يېقىلغۇنى تېجىگىلى بولدۇ

C.ھەم پېچتىكى ئوتنى ئۇلغايتقىلى بولىدۇ،ھەم يېقىلغۇنى تېجىگىلى بولىدۇ

D.ھەم پېچتىكى ئوتنى ئۇلغايتقىلى بولمايدۇ،ھەم يېقىلغۇنى تېجىگىلى بولمايدۇ

بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئالى (جەمئىي 17نومۇر)

12. (11نومۇر)بىر بوتۇلكا سۈزۈك ئېرىتمە بار بولۇپ،بۇ ئېرىتمىدە ئېھتىمالNH4+،K+،Na+،

Mg2+،Ba2+،Al3+،Fe3+،Cl-،I-،NO3-،CO32-،SO42- بار .بۇ ئېرىتمىدىن ئېلىپ تۆۋەندىكىدەك تەجرىبە ئىشلەنگەن:

(1) سىناق قەغىزى ئارقىلىق ئېنىقلىغاندا كۈچلۈك كىسلاتالىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگەن بولسا ،________________ئىئونلار بولمايدۇ.

(2)ئېرىتمىدىن ئازراق ئېلىپ ،ئازراق CCl4ۋە بىرنەچچە تامچە يېڭىدىن تاييارلانغان خىلورلۇق سۇ تېمىتىپ،چايقىتقانداCCl4 قەۋىتى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ ئىپادىلىگەن بولسا________يوق.

(3)يەنە ئازراق ئېرىتمە ئېلىپ،ئاستا-ئاستا ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى تېمىتقاندا،ئېرىتمە كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتتىن ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتكە ئۆزگەرگەن،تېمىتىش جەريانىدا ۋد تېمىتىپ بولغاندىن كېيىن چۆكمە ھاسىل بولمىغان بولسا،__________لار بولمايدۇ.ئىشقارلىق ئېرىتمىدىن ئازراق ئېلىپ قىزدۇرغاندا، نەمدەلگەن قىزىل لاكمۇس سىناق قەغىزىنى كۆك رەڭگە ئۆزگەرتىدىغان گاز ھاسىل بولغان.

(4)يۇقۇرىدىكى ئىشقارلىق ئېرىتمىدىن يەنە ئازراق ئېلىپ ناترىي كاربونات ئېرىتمىسى قۇيغاندا ،ئاق رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولغان بولسا__________نىڭ بارلىقىنى؛___________نىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.

(5)يۇقۇرىدىكى تەجرىبە ئەمەلىيىتىن ھۆكۈم قىلغاندا :ئەسلىدىكى ئېرىتمىدە چوقۇم بولىدىغان ئىئونلار_________________________________چوقۇم بولمايدىغان ئىئونلار__________________بار-يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغان ئىئونلار_____________________________________

13.(6نومۇر)(1) NaHSO4ئېرىتمىسىگە ئېرىتمە نىيترال خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگىچەBa(OH)2 ئېرىتمىسى تېمىتىلغان،يۈز بەرگەن رېئاكسىيىنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسى_______________

(2)يۇقۇرىدىكى نىيترال ئېرىتمىگە داۋاملىق Ba(OH)2ئېرىتمىسى تېمىتىلغاندا يۈز بەرگەن رېئاكسىينىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسى____________________________________

(3) NaHSO4ئېرىتمىسىگە ئېرىتمە ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلىگۈچە Ba(OH)2 ئېرىتمىسى تېمىتىلغان،يۈز بەرگەن رېئاكسىيىنىڭ ئىئونلۇق تەڭلىمىسى_____________________

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(3)
ناترىي ۋە ئۇنىڭ بىرىكمىلىرى
تاللاش سۇئاللىرى (3تىن جەمئىي 30 نومۇر)

1.ناترىينىڭ تۆۋەندىكى ئىشلىتىلىشلىرىدىن ناترىينىڭ خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغىنى (                 )

A.ناترىي پېرئوكسىد ئېلىش            B.ئاتوم رېئاكتۇرىنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزگۈچىسى قىلىش

C.تىتان مېتالى تاۋلاش                       D.يۇرۇتۇش زەنجىرىدە ئىشلىتىلىشى

2.ناترىيغا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن توغرىسى  (               )

A. 2.3gناترىي بىلەن97.7g سۇ رېئاكسىيىلەشكەندىن كېيىنكى ئېرىتمىدىكى ئېرىگۈچىنىڭ ماسسا ئۈلۈشى %4تىن چوڭ بولىدۇ.

B.ناترىي مىس سۇلفات ئېرىتمىسى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ھاسىل قىلغان كۆك رەڭلىك چۆكمىنىڭ يۈزىدە داغلار ھاسىل بولىدۇ،بۇ مىس مېتالى ئاجرىلىپ چىققانلىقتىن بولىدۇ.

C.ھاۋانى ناترون ھاك بىلەن بىرتەرەپ قىلغاندىن كېيىن ناترىي بىلەن رېئاكسىيىلەشتۈرۈپ ،ناترىي پېرئوكسىد ئېلىنىدۇ

D.ناترىي،كالىيلار سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن يېنىك مېتاللار،شۇڭا ناترىي،كالىي قېتىشمىسى شامغا ئوخشاش يۇمشاق بولىدۇ.

3.تۆۋەندىكى ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ئىككى ماددا رېئاكسىيلەشكەندە،رېئاكسىيە شارائىتى (تېمپىراتۇرا،رېئاكسىيلەشكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى)ئۆزگەرتىلسە،ھاسىلاتنىڭ تۈرى ئۆزگەرمەيدىغىنى     (                   )

A.Na O2 B. NaOH CO2 C. Na2O2 CO2 D.NaCl 和浓H2SO4

4. Na2Oبىلەن Na2O2 غا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن توغرىسى   (                   )

Na2OAبىلەن Na2O2نىڭ ھەرئىككىلىسى HClبىلەن رېئاكسىيىلىشىدۇ،شۇڭا ئىككىلىسى ئىشقارلىق ئوكسىد

Na2OBبىلەنNa2O2 بەلگىلىك شارائىتتا بىر-بىرىگە ئايلىنىدۇ

Na2OCبىلەن سۇنىڭ رېئاكسىيىسى بىرىكىش رېئاكسىيىسى،ئەمماNa2O2 بىلەن سۇنىڭ رېئاكسىيىسى ئوكسىدلىنىش-ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسى بولۇپ ،Na2O2ئوكسىدلىغۇچى،H2Oئوكسىدىسىزلىغۇچى

Na2O2Dنەپەسلىنىش نىقابىدا ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىگۈچى قىلىنىدۇ،لېكىن Na2Oقىلىنمايدۇ.

5.تۆۋەندىكى Na2O2ھەققىدە ئېيتىلغان بايانلاردىن خاتاسى   (                   )

Aناترىي پېرئوكسىد ئاچ سېرىق رەڭلىك قاتتىق ماددا ،ھاۋادا ئۇزاق قۇيۇلسا ئاق رەڭلىك قاتتىق ماددىغا ئۆزگىرىدۇ

Bناترىي پېرئوكسىدنىڭ ئىسسىقلىققا نىسبەتەن تۇراقلىقلىقى ناترىي ئوكسىدتىن كۈچلۈك

Cناترىي پېرئوكسىد ئارقىلىق ئاقارتىلغان تۇقۇلما،مەڭگەن قاتارلىقلار كۈننىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپ  كېتىدۇ.

Dناترىي پېرئوكسىدنى تۇيۇنغان ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسىگە سالغاندا ،كۆپ مىقداردا گاز ھاسىل بولۇش بىلەن بىرگە ئاق رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولىدۇ.

6.بەلگىلىك تېمپىراتۇرىدا،تۇيۇنغان كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئېرىتمىسىگە بەلگىلىك مىقداردىكى ناترىي پېرئوكسىدنى سېلىپ تولۇق رېئاكسىيلەشتۈرگەندىن كېيىن ئەسلىدىكى تېمپىراتۇرىغا كەلتۈرگەن،تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى    (                    )

A.ئېرىتمىدىكىNa+ نىڭ قويۇقلۇقى ئارتىدۇ       B.ئېرىتمىدىكىOH- نىڭ سانى ئۆزگەرمەيدۇ

C.ئېرىتمىنىڭ pHقىممىتى چوڭىيىدۇ   D.ئېرىتمىدىكىNa+ نىڭ سانى ئازىيىدۇ،O2ھاسىل بولىدۇ

7.ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا ،تۆۋەندىكى ئېرىتمىلەردىن يېتەرلىك مىقداردىكى CO2نى ئۆتكۈزگەندە،ئېرىتمىدە روشەن ھادىسە كۆرىلىدىغىنى  (                    )

A.تويۇنغان Na2CO3ئېرىتمىسى                          B. NaOH نىڭ سۇيۇق ئېرىتمىسى

C.تويۇنغان NaHCO3ئېرىتمىسى                          D. CaCl2ئېرىتمىسى

8.ئاق رەڭلىك NaHCO3 كۇكۇنىغا Na2CO3نىڭ ئارىلىشىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇسۇلى    )

Aقىزدۇرۇپ گاز ھاسىل بولغال-بولمىغانلىقىنى كۆزىتىش

Bتۇز كىسلاتاغا سېلىپ ھاسىل بولغان گازنىڭ سۈرئىتىنى سېلىشتۇرۇش

Cسۈزۈك ھاك سۈيىگە سېلىپ چۆكمە ھاسىل بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى كۆزىتىش

D. CaCl2ئېرىتمىسىگە سېلىپ چۆكمە ھاسىل بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى كۆزىتىش

9.ناترىي پېرئوكسىد بىلەن يېتەرلىك مىقداردىكى NaHCO3نى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن،ھىم قاچىدا تولۇق قىزدۇرۇپ،ھاسىل بولغان گازنى چىقىرىۋېتىپ سۇۋۇتقاندا قېپقالغان قاتتىق ماددا    

A.Na2O2,Na2CO3              B. Na2CO3

C. Na2CO3 ,NaOH             D. Na2CO3 , Na2O2,NaOH

10. 200تا،11.6گىرام CO2بىلەن H2Oنىڭ ئارىلاشما گازىنى يېتەرلىك مىقداردىكىNa2O2 بىلەن رېئاكسىيەلەشتۈرگەندە رېئاكسىيىدىن كېيىن قاتتىق ماددىنىڭ ماسىسىسى 3.6گىرام ئارتقان بولسا،ئەسلىدىكى ئارىلاشمىنىڭ ئوتتۇرىچە فورمۇلا ئېغىرلىقى   (                 )

A.5.8         B.11.6         C. 23.2         D.46.4

بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى (جەمئىي 20نومۇر)

11.(8نومۇر) (1) Na2CO3قاتتىق ماددىسىغا ئارىلىشىۋالغانNaHCO3نى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئۇسۇلى_____________،رېئاكسىيە تەڭلىمىسى_____________________

(2) NaHCO3ئېرىتمىسىگە ئارىلىشىۋالغان Na2CO3نى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئۇسۇلى_____________،رېئاكسىيە تەڭلىمىسى____________________

(3) NaClئېرىتمىسىگە ئارىلىشىۋالغان Na2CO3نى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئۇسۇلى_____________،رېئاكسىيە تەڭلىمىسى_____________________

(4) NaOHئېرىتمىسىگە ئارىلىشىۋالغان Na2CO3نى چىقىرىۋېتىشنىڭ ئۇسۇلى_____________،رېئاكسىيە تەڭلىمىسى_____________________

12.(8نومۇر)تۆۋەندىكى ئەسۋاپلاردىن پايدىلىنىپ ناترىي پېرئوكسىدنىڭ ساپلىقى تەكشۈرىلىدۇ.رەسىمدىكى A ، B ، C ، D ، E ، F لار ئەينەك نەيچىلەرنىڭ ئېغىزلىرى:
















①         ②             ③              ④

(1) ئەسۋپ①②③④لەرنىڭ ئۇلىنىش ئېغىزلىرىنىڭ ئۇلىنىش تەرتىپى______________

(2)ئەسۋاپدىكى رېئاكتىپ__________،دىكى رېئاكتىپ__________،ئەسۋاپ كە________________تولدۇرۇلىشى كېرەك.دىكى رېئاكسىيە_________________

(3)ئەگەر  ناترىي پېرئوكسىد ئەۋرىشكىسىدىنag ئۆلچەپ ئېلىنىپ،VmL(نورمال ھالەتتە)گاز ھاسىل بولغان بولسا،ئۇھالدا ناترىي پېرئوكسىد ئەۋرىشكىسى تەركىبىدىكىNa2O2 نىڭ ماسسا ئۈلۈشى____________________________________.

13.(4نومۇر)amol NaHCO3بىلەنbmol NaOHدىن تەركىپ تاپقان قاتتىق ئارىلاشمىنى ھىم قاچىدا 250قىچە قىزدۇرۇپ،تولۇق رېئاكسىيىلەشتۈرگەندىن كېيىن ،گاز چىقىرىۋېتىلگەن.سۇۋۇتۇپ قېپقالغان قاتتىق ماددىنىڭ ماسىسىنى ئۆلچىگەندەWgكەلگەن بولسا a،bئارقىلىق ئىپادىلەنگەنW نىڭ ئىپادىلىنىش ئىپادىسىنى يېزىڭ.

1)当a>b时,W=————————————————

2)当a时,W=————————————————





ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(4)
ئىشقارىي مېتال ئېلېمىنىتلار
تاللاش سۇئاللىرى (3تىن جەمئىي 24نومۇر)

1.تۆۋەندىكى ئىشقارىي مېتاللار ھەققىدىكى بايانلاردىن توغرىسى  (               )

A.ئىشقارىي مېتاللارنىڭ ھەممىسى كىرسىندە ساقلىنىدۇ

B.قاتتىقلىقى كىچىك،زىچلىقى كىچىك،سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى تۆۋەن

C.ھاۋادا قىزدۇرۇلسا ھەممىسى ھەرخىل ئوكسىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ

D.ئىشقارىي مېتاللار سۇ بىلەن رېئاكسىيىلەشكەندە ھەممىسى سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەيدۇ

2.پىلاتىنا سىم ئارقىلىق يالقۇن رېئاكسىيىسى ئىشلىگەندىن كېيىن،ھەرقېتىم  (           )

A.سۇ بىلەن 2-3قېتىم يۇيۇۋېتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك

B.سۈزگۈز قەغەز بىلەن سۈرتۈۋېتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك

C.تۇز كىسلاتا بىلەن يۇيۇپ،يەنە سۇ بىلەن چايقىۋېتىپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك

D.تۇز كىسلاتا بىلەن يۇيۇپ،يەنە كۆيدۈرۈپ يالقۇنى ئىسپىرت لامپىسىنىڭ يالقۇنى بىلەن ئوخشاش بولغاندا ئاندىن ئىشلىتىش

3.لىتىينىڭ خۇسۇسىيىتىگە دائىر ئېيتىلىشلاردىن خاتاسى     (              )

A.ئۇ بىرخىل ئاكتىپ مېتال              B.سۇغۇق سۇغا سالغاندا سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەيدۇ

C.سۇغۇق سۇغا سالغاندا دەرھال كۆيىدۇ       D.ئۇنىڭ ھىدروكسىدى ئېرىشچان ئىشقار

4.رۇبىدىي بىلەن يەنە مەلۇم بىرخىل ئىشقارىي مېتالنىڭ قېتىشمىسىدىن 7.8گىرامىنى سۇ بىلەن تولۇق رېئاكسىيىلەشتۈرگەندە 0.20گىرام ھىدروگىن ھاسىل بولغان .قېتىشمىدىكى يەنە بىرخىل مېتال (        )

A.Li       B.Na         C.K         D.Cs

5.تۆۋەندىكى ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى سېلىشتۇرۇشلاردىن توغرىسى  (               )

A.ئىسسىقلىققا تۇراقلىقلىقى: Na2CO3> NaHCO3>H2CO3

B.سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى: K>Na>Li                   C.ئېرىش دەرىجىسى:NaHCO3>Na2CO3

D.ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتىLi+>Na+>K+

6. 1L  1.0mol/Lلىق NaOHئېرىتمىسى ئارقىلىق0.8mol CO2 نى سۈمۈرۈپ ھاسىل بولغان ئېرىتمىدىكىCO32-،HCO3- نىڭ ماددا مىقدارى قۇيۇقلۇقلىرىنىڭ نىسبىتى (                )

A.1:3     B.1:2         C.2:3        D.3:2

7.ھاۋادا بەلگىلىك ۋاقىت قۇيۇلغانKOH قاتتىق ماددىسىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ،تەركىبىدە %2.8سۇ،%37.3 K2CO3 ،قالغىنىنىڭKOH ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.ئەگەر بۇ ئەۋرىشكىدىن 1گىرامنى 1.825گىرام ھىدروگىن خىلورىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇزكىسلاتاغا سېلىپ تولۇق رېئاكسىيىلەشتۈرگەندىن كېيىن،ئېشىپ قالغان كىسلاتا 3.1گىرام ماسسا ئۈلۈشى %6.1 بولغان KOHئېرىتمىسى ئارقلىق دەل نىيتراللانغان بولسا،ھورلاندۇرۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىنكى قاتتىق ماددىنىڭ ماسىسىسى (            )

A.3.725g     B.0.409g       C.3.316g      D.1g

8. 0.1L  1mol/Lلىق سۇدا ئېرىتمىسىنى ئاستا-ئاستا 0.1L  1.25mol/Lلىق تۇز كىسلاتا ئېرىتمىسىگە تېمىتىش؛0.1L  1.25mol/Lلىق تۇز كىسلاتا ئېرىتمىسىنى ئاستا-ئاستا 0.1L 1mol/Lلىق سۇدا ئېرىتمىسىگە تېمىتىش،ئىككى خىل مەشغۇلاتتا ھاسىل بولغان CO2گازىنىڭ ھەجىم نىسبىتى  (                  )

A.5:2       B.2:5     C.2:1         D.1:1

بوش ئورۇن تولدۇرۇش سۇئاللىرى  (17نومۇر)

9.(4نومۇر) A،B،C،Dدىن ئىبارەت تۆت خىل بىرىكمە بار بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يالقۇن رېئاكسىيىدىكى رەڭگى بىنەپشە رەڭلىك.A،B،Cلار تۇز كىسلاتا بىلەن رېئاكسىيەلەشسە ھەمىسى Dنى ھاسىل قىلىدۇ.تەڭ ماددا مىقداردىكىB بىلەن CرېئاكسىيەلەشسەA نى ھاسىل قىلىدۇ.ئەگەر Bنىڭ ئېىرتمىسىدىن بىرخىل رەڭسىز،پۇراقسىز گازنى مۇۋاپىق مىقداردا ئۆتكۈزگەندە Aھاسىل بولىدۇ،ئارتۇق مىقداردا ئۆتكۈزگەندە Cھاسىل بولىدۇ.A____،B_____،C____،D_____

10.(7نومۇر)خۇدېباڭ سۇدا ئىشلەش تېخنىكىسىنىڭ باسقۇچىلىرى تۆۋەندىكىچە:







تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ:(1)يۇقۇرىدىكى سۇسپېنزىيە NaHCO3بىلەنNH4Cl نىڭ ئارىلاشمىسى بولسا،ئۇھالدا بىلەندە يۈز بەرگەن رېئاكسىيىنىڭ ئومۇمىي تەڭلىمىسىنى يېزىڭ. _________________________________________________

(2)بۇ رېئاكسىيىدىن ئوخشاش شارائىتتاNaCl نىڭ ئېرىش دەرىجىسى NaHCO3 نىڭكىدىن _____بولىدۇ.

(3)مەشغۇلات بىلەن نى ئالماشتۇرۇشقا بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى_________________

(4) مەشغۇلات نىڭ مەشغۇلاتى_____________________________________،

مەشغۇلات نىڭ مەشغۇلاتى________________________________________.

11.(6نومۇر)بەلگىلىك مىقداردىكى NaHCO3بىلەنNaOHدىن تەركىپ تاپقان قاتتىق ئارىلاشماA نى ھىم قاچىدا  قىزدۇرۇپ،تولۇق رېئاكسىيىلەشتۈرگەندە V1L (V1≠0)گاز ھاسىل بولغان.رېئاكسىيىلىشىپ بولغاندىن كېيىن قېپقالغان قاتتىق ماددا Bغا ئارتۇق مىقداردا تۇز كىسلاتا قوشۇپ رېئاكسىيلەشتۈرگەندە V2L CO2ھاسىل بولغان.(گازلارنىڭ ھەجمى نورمال ھالەتتە ئۆلچەنگەن)

(1)B نىڭ تەركىبى______

A.Na2CO3NaOH  B. Na2CO3NaHCO3  C. Na2CO3 D.NaOH

(2) Aتەركىبىدىكى NaOH بىلەن NaHCO3 جەمئىي _______mol. NaOHبىلەن NaHCO3نىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتى______

ھساپلاش سۇئالى (9نومۇر)

12. 300ml   KOHئېرىتمىسىدىن بەلگىلىك مىقداردىكى CO2گازىنى ئۆتكۈزۈپ تولۇق رېئاكسىيەلەشتۈرگەندىن كېيىن،تۆۋەن بېسىم،تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا ئېرىتمىنى ھورلاندۇرغاندا ئاق رەڭلىك قاتتىق ماددىغا ئېرىشكەن.تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ:

(1) CO2نىڭ مىقدارىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئېرىشىلگەن ئاق رەڭلىك قاتتىق ماددىنىڭ تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ.ئاق رەڭلىك قاتتىق ماددىنىڭ قانچە خىل تەركىبى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ.

(2)ئەگەر 2.24L(نورمال شارائىتتىكى )CO2گازى ئۆتكۈزۈلسە 11.9گىرام ئاق رەڭلىك قاتتىق ماددىغا ئېرىشكىلى بولسا،بۇ ئاق رەڭلىك قاتتىق ماددىنىڭ تەركىبىدە قايسى ماددىلار بارلىقىنى،ھەرقايسىسىسىنىڭ ماسىسسىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى ھېساپلاڭ.KOHئېرىتمىسىنىڭ ماددا مىقدارى قويۇقلۇقىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى ھېساپلاڭ.


ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(5)
ماددا مىقدارى    گازلارنىڭ مول ھەجمى
تاللاش سۇئالى (3تىن جەمئىي 30نومۇر )

1. 6.02×1023دانەO نى ئۆز ئىچىگە ئالغان H2SO4نىڭ ماددا مىقدارى  (               )

A.1.00mol     B.0.50mol      C.0.25mol     D.0.125mol

2.ئەگەر 1گىرام Cl2  nدانە Cl2مولىكۇلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا ،ئۇھالدا ئاۋاگادرو تۇراقلىق سانىنىڭ ئىپادىلىنىشى  (                )

A.35.5n      B.1/35.5n     C.71n       D.1/71n

3.تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى  (                  )

A.مول بولسا ھەم مىكرو زەررىچىنى ھەم ماسىسىنى ئىپادىلەيدىغان بىرلىك

B.رېئاكسىيىدىن ئىلگىركى ماددىلارنىڭ «ماددا مىقدارى»نىڭ يىغىندىسى رېئاكسىيىدىن كېيىنكى ماددىلار«ماددا مىقدارى»نىڭ يىغىندىسىغا چوقۇم تەڭ بولىدۇ.

C.ناترىي ھىدروكسىدنىڭ مول ماسىسسى 40گىرام

D.ئارگون گازىنىڭ مول ماسىسىسى سانلىق قىممەت جەھەتتە ئۇنىڭ نىسپىي ئاتوم ماسىسىغا تەڭ

4.تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى  (             )

A.  6.02×1023 دانە C-12ئاتوم سانى ئاۋاگادرو تۇراقلىق سانىدىن ئىبارەت

B. 1 مول ئوكسىگىننىڭ ماسىسسى 32گىرام

C. ھىدروگىن ئاتومىنىڭ مول ماسىسى 1.008گىرام

D.  4.9gسۇلفات كىسلاتانىڭ ماددا مىقدارى 0.05mol

5. NAئارقىلىق ئاۋاگادرو تۇراقلىق سانىنى ئاپادىلىسەك،تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى(      )

A. 1L،1mol/Lلىق تۇز كىسلاتا ئۆز ئىچىگە ئالغان ھىدروگىن خىلورىد مولىكۇلىسىNA بولىدۇ

B.نورمال شارائىتتا،11.2Lكاربون( )-خىلورىد ئۆز ئىچىگە ئالغان مولىكۇلىنىڭ سانى0.5NA بولىدۇ

C.مىس بىلەن گۈڭگۈرتنىڭ رېئاكسىيىسىدە، 1mol Cuيۇقاتقان ئېلىكتىرۇننىڭ سانى2NA بولىدۇ

D. 80gئامونىۇ نىترات ئۆز ئىچىگە ئالغان ئازوت ئاتومىنىڭ سانى2NA بولىدۇ

6. NAئارقىلىق ئاۋاگادرو تۇراقلىق سانىنى ئاپادىلىسەك،نورمال شارائىتتا ،mg O2بىلەنN2 نىڭ ئارىلاشما گازى ئۆز ئىچىگە ئالغان مولىكۇلىنىڭ سانىb دانە بولسا،ئۇ ھالداng بۇ ئارىلاشما گازنىڭ ئوخشاش شارائىتتىكى ھەجمىL(                  ) بولىدۇ

A.
     B.      C.       D.

7.ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش بېسىمدا،1ھەجىم ئازوت بىلەن 3ھەجىم ھىدروگىن رېئاكسىيىلىشىپ 2ھەجىم ئاممىياك ھاسىل قىلىدۇ.ئازوت بىلەن ھىدروگىننىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاددى مولىكۇلا شەكلىدە بىرىككەنلىكى مەلۇم بولسا،ئۇلارنىڭ قوش ئاتوملۇق مولىكۇلا ئىكەنلىكىنى ۋە ئاممىياك مولۇكىلىسىنىڭ خىمىيىۋى فورمۇلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئاساسى  

ئاۋاگادرو قانۇنى ماسىسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىئاتوم سانى ياكى مولىكۇلا سانى پەقەت پۈتۈن سان بولىدۇۋالىنىت پىرىنىسىپى

A. ①③       B. ②③        C. ②③④    D. ①②③

8.تۆۋەندىكى ھەرقايسى گۇرۇپپىلاردا،ئىككى گازنىڭ ممولىكۇلا سانى چوقۇم ئۆزئارا تەڭ بولىدىغىنى   (                  )

تېمپىراتۇرىسى ۋە ھەجمى ئوخشاش بولغان O2بىلەنN2

ماسىسسى ئوخشاش،زىچلىقى ئوخشىمايدىغانN2 بىلەنC2H4

ھەجمى ئوخشاش،زىچلىقى ئوخشاش بولغان COبىلەنC2H4

بېسىمى ئوخشاش،ھەجمى ئوخشاش بولغان N2بىلەن  O2  

A. ①②③④   B. ②③    C. ②③④    D. ①②③

9.تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى   (                 )

ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش بېسىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ زىچلىقلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ

ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش بېسىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ زىچلىقلىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماسسىلىرىنىڭ نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ

ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش بېسىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ ھەجىملىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ

ئوخشاش تېمپىراتۇرا،ئوخشاش ھەجىمدىكى ئىككى خىل گازنىڭ بېسىملىرىنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ ماددا مىقدارى نىسبىتىگە تەڭ بولىدۇ

A. ①②③④    B. ①④     C. ③④    D. ②③④

10.تۆۋەنىدىكىلەرنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ

(1)           1mol CH3+ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىكتىروننىڭ سانى10NA بولىدۇ

(2)           36g D2O2ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىكتىروننىڭ سانى 10NA بولىدۇ

(3)           نورمال شارائىتتا،2.24L CO2بىلەنSO2 نىڭ ئارىلاشمىسىدىكى ئوكسىگىن ئاتومىنىڭ سانى 0.1NAبولىدۇ

(4)           100Ml،1mol/Lلىق ئاممىياكلىق سۇدا، NH3.H2Oنىڭ سانى0.1NA بولىدۇ

(5)           100mL،1mol/Lلىق Na2CO3ئېرىتمىسىدە0.1NA دانەCO32- بار

(6)           12.4gئاق فوسفۇر ئۆز ئىچىگە ئالغانP-P بېغىنىڭ سانى 0.4NAبولىدۇ

(7)           30gسىلىتسىي()-ئوكسىد ئۆز ئىچىگە ئالغانSi-O بېغىنىڭ سانىNA بولىدۇ

(8)           نورمال شارائىتتا، 22.4L NO2گازىنىڭ مولىكۇلا سانى NA،ئۇنىڭ ماسىسى46g بولىدۇ

(9)           نورمال شارائىتتا،ھەجمى تەڭ بولغانSO2 بىلەنSO3 نىڭ مولىكۇلا سانى ئوخشاشلا NA  بولدۇ

(10)      H3PO4نىڭ مول ماسىسسى بىلەن NAدانە H3PO4 مولىكۇلىسىنىڭ ماسسىسى تەڭ بولىدۇ

(11)      23gناترىي ھاۋادا تولۇق كۆيگەندە يۆتكەلگەن ئېلىكتىرۇننىڭ سانىNA بولىدۇ.

(12)      يېتەرلىك مىقداردىكىCu پاراشۇكى بىلەن1mol H2SO4 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇيۇق H2SO4 نى قىزدۇرۇپ تولۇق رېئاكسىيىلەشتۈرگەندە ،نورمال شارائىتتا11.2L گاز ھاسىل بولىدۇ.

بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ  (جەمئىي 12 نومۇر)

11.(4نومۇر)0.2molئاددىي ماددا AXبىلەن1.2mol B2 تولۇق رېئاكسىيىلىشىپ0.8mol AB3نى ھاسىل قىلغان بولسا ،AXنىڭ خىمىيىۋى فورمۇلىسى___________________.

12.(8نومۇر)بەلگىلىك مىقداردىكى سۇيۇق ھالەتتىكى بىركمەXY2 بەلگىلىك مىقداردىكىO2 دا پۈتۈنلەي تولۇق كۆيگەن.

رېئاكسىيە تەڭلىمىسى:   (g)   XO2(g)+2YO2    XY2(l)+3O2(g)

سۇۋۇتقاندىن كېيىن،نورمال شارائىتتا ھاسىلاتنىڭ ھەجمىنى ئۆلچىگەندە672ml ،زىچلىقى 2.56g/Lكەلگەن بولسا،(1)رېئاكسىيىدىن ئىلگىركىO2 نىڭ ھەجمى____________

(2)بىرىكمەXY2 نىڭ مول ماسىسىسى____________________

ھېساپلاش سۇئالى(8نومۇر)

13. 4mlئوكسىگىن گازى بىلەن 3ml NXHY (y>x)نىڭ ئارىلاشما گازى1.01×105Pa ،120دا كۆيدۈرۈپ تولۇق رېئاكسىيىلەشتۈرگەندىن كېىىن،ئەسلىدىكى تېمپىراتۇرا ۋە بېسىمغا كەلتۈرگەندە رېئاكسىىدىن كېيىنكى ماددىلارنىڭN2،O2، سۇ ھورىنىڭ ئارىلاشما گازى ئىكەنلىكى ھەمدە رېئاكسىيىدىن كېيىنكى ئارىلاشما گازنىڭ زىچلىقنىڭ رېئاكسىيىدىن ئاۋالقى گازنىڭ زىچلىقدىن كىچىك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەنگەن .

(1) NXHY بىلەن O2 نىڭ رېئاكسىيىسىنىڭ خىمىيىۋى تەڭلىمىسىى _______________

(2)           NXHYنىڭ خىمىيىۋى فورمۇلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىڭ

























ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(6)
ماددا مىقدارى قويۇقلۇقى
تاللاش سۇئاللىرى(3تىن جەمئىي 27نومۇر بېرىلىدۇ)

1.نورمال شارائىتتا،1ھەجىم سۇدا 700ھەجىم ئاممىياك گازى ئېرىپ ھاسىل قىلغان ئېرىتمىنىڭ زىچلىقى0.9g/cm3 بولسا،بۇ ئېرىتمىدىكى ئېرىگۈچىنىڭ ماددا مىقدارى قۇيۇقلۇقى(سۇنىڭ زىچلىقى1g/cm3)          (                          )

A.18.4mol/L     B.20.4mol/L   C.31.25mol/L     D.33.1mol/L

2. 300mlمەلۇم قۇيۇقلۇقتىكى ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسىدە 60گىرام ئېرىگۈچى بولسا،1mol/Lلىق ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى تەييارلاش ئۈچۈن ،ئەسلىدىكى ئېرىتمە ۋە سۇنىڭ ھەجىم نىسبىتى(        )

A.1:4      B.1:5         C.2:1         D.2:3

3.سىغىم كولبىسى ئۈستىگە تېمپىراتۇراقۇيۇقلۇقسىغىمىبېسىمشىكالا ىسىزىقىكىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىقتىن ئىبارەت ئالتە تۈرنىڭ ئىچىدە   (                 )يېزىلىدۇ.

A.③⑤   B. ③⑤⑥     C.②④   D. ②④⑥

4. 100ml،0.3mol/Lلىق سۇلفات كىسلاتا بىلەن 300ml،0.25mol/Lلىق سۇلفات كىسلاتانى 500mlلىق سىغىم كولبىسىغا قۇيۇپ،ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ،شىكالا سىزىقىغا كەلتۈرگەندە بۇ ئېرىتمىدىكىH+ نىڭ ماددا مىقدارى قۇيۇقلۇقى (         )

A.0.21mol/L     B.0.42nol/L    C.0.56mol/L  D.0.26mol/L

5. 0.5mol/Lلىق ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسىدن 250mlتەييارلاش ئۈچۈن،قوش پەللىلىك تارازامېنزۇركائىستاكانئەينەك تاياقچەۋارۇنكا  500mlلىق سىغىم كولبىسىدورا قۇشۇقى  250mlلىق سىغىم كولبىسىرېزىنكە قالپاقلىق تېمىتقۇچ تېگىلچە قاتارلىق ئەسۋاپلاردىن لازىم بولىدىغىنى(    )

A.③④⑥⑨              B.④⑦⑧⑨

C. ①③④⑦⑧⑨              D. ①②④⑤⑧⑨

6.بەلگىلىك قۇيۇقلۇقتىكى ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسىنى توغرا تەييارلاش ئۈچۈن،تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلاردىن توغرىسى   (               )

A.ئۆلچىگەندە،ناترىي ھىدروكسىد قاتتىق ماددىسىنى تارازا تەخسىسسىگە قۇيۇلغان قەغەز ئۈستىگە بىۋاستە قۇيۇپ ئۆلچەش

B.ئۆلچەپ ئېلىنغان ناترىي ھىدروكسىد قاتتىق ماددىسىسنى سىغىم كولبىسىغا سېلىپ،ئاز مىقداردا سۇ قۇيۇپ ئېرىتىش

C.ناترىي ھىدروكسىد قاتتىق ماددىسىنى ئىستاكاندا ئېرىتىپ بولغاندىن كېيىن،ئېرىتمىنى دەرھال سىغىم كولبىسىغا يۆتكەش

D.ئىستاندا ئېرىتىلگەن ئېرىتمىنى سۇۋۇغاندىن كېيىن نەم ھالەتتىكى سىغىم كولبىسىغا يۆتكەش

7.ئېرىگۈچى Aنىڭ ماسسا ئۈلۈشى5x ۋەx بولغان ئېرىتمىسىنى تەڭ ھەجىمدە ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئېرىتمىدىكى ئېرىگۈچى Aنىڭ ماسسا ئۈلۈشى3x دىن كىچىك بولغان بولسا،Aئېھتىمال(     )       ①H2SO4    ②C2H5OH     ③NH3     ④CH3COOH

A. ②③     B. ①    C. ②        D. ②③④

8.مەلۇم تېمپىراتۇرىدا ،ag  MgSO4.7H2O  bgسۇدا ئېرىتىلىپ تۇيۇنغان ئېرىتمە (زىچلىقى dg/cm3)تەييارلانغان،تۆۋەندىكى قاراشلاردىن توغرىسى   (        )

A.مۇشۇ تېمپىراتۇرىدا ،MgSO4نىڭ ئېرىش دەرىجىسى

B.مۇشۇ تېمپىراتۇرىدا،تۇيۇنغان MgSO4 ئېرىتمىسىدىكى ئېرىگۈچى MgSO4 نىڭ ماسسا ئۈلۈشى

C.مۇشۇ تېمپىراتۇرىدا،تۇيۇنغان MgSO4ئېرىتمىسىدە، c(Mg2+)=

D.يېتەرلىك مىقداردىكى بۇ تۇيۇنغان ئېرىتمىگە 1.2گىرام MgSO4سالسا 2.46گىرام MgSO4.7H2Oكىرىستالى ئاجرىلىپ چىقىدۇ.

9.بەلگىلىك ماددا مىقدارى قۇيۇقلۇقىتىكى ئېرىتمە تەييارلاشتا،تەييارلانغان ئېرىتمە قۇيۇقلۇقىنى چوڭايتىۋېتىدىغان مەشغۇلات  (                 )

A.ئېرىتىپ بولغاندىن كېيىن ئېرىتمىنى سىغىم كولبىسىغا يۆتكىگەندە،ئىستاكاننى چايقىغان سۇنى سىغىم كولبىسىغا قۇيماسلىق

B.سىغىمنى مۇقىملاشتۇرغاندا شىكالا سىزىقىغا ئۈستىدىن قاراش

C.ئېرىتكەندە ئېرىتمىنى ئۆي تېمپىراتۇرىسىغىچە سۇۋۇتماستىن سىغم كولبىسىغا قۇيۇش

D.ئېرىتمىنى سىغىم كولبىسىغا يۆتكىگەندە ئېرىتمىنى سىغىم كولبىسىنىڭ سىرتىغا تۆكۈۋېتىش

بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئالى (23نومۇر)

10.(12نومۇر)18.4mol/Lلىق قۇيۇق سۇلفات كىسلاتادىن100ml قۇيۇقلۇقى1mol/L بولغان سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسى تەييارلاشتا،مەشغۇلات تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

A.مېنزۇركىدىن پايدىلىنىپ ml________قۇيۇق سۇلفات كىسلاتانى ئاستا-ئاستا تەخمىنەن50ml سۇ قاچىلانغان ئىستاكاننىڭ دىۋارىنى بويلىتىپ قۇيۇش ھەمدە ئەينەك تاياقچە بىلەن ئۈزلۈكسىز قۇچۇپ تۇرۇش.

B.تەخمىنەن 30mlسۇ بىلەن ئىستاكان ۋە ئەينەك تاياقچىنى چايقاپ ،ھەرقېتىم چايقىغان سۇنى سىغىم كولبىسىغا قۇيۇش.

C.سۇيۇلدۇرۇپ بولغان ئېرىتمىنى ئېھتىيات بىلەن سىغىم كولبىسىغا قۇيۇش.

D. 100ml لىق سىغىم كولبىسىنىڭ ھىملىقىنى تەكشۈرۈش

E.سىغىم كولبىسىنىڭ شىكالا سىزىقىغا________ قالغانغا قەدەر  داۋاملىق سۇ قۇيۇش

F.سىغىم كولبىسىنىڭ ئېغىزىنى مەھكەم ئېتىپ،سىغىم كولبىسىنى ئوڭ-دۈم قىلىپ چايقىتىپ ،ئېرىتمىنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇش

G. _____________ئارقىلىق سىغىم كولبىسىغا سۇ تېمىتىپ،سۇيۇقلۇقنىڭ پېتىنقى يۈزىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قىسمىنى شىكالا سىزىقى بىلەن دەل ئۇدۇل قىلىش

(1)يۇقۇرقى باسقۇچلاردىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭ

(2)توغرا بولغان مەشغۇلات تەرتىۋى(ھەرپ بەلگىسىنى يېزىڭ)_________________

(3) Aباسقۇچتىكى مەشغۇلاتنى ئېلىپ بېرىشتا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ:10 مىللىلىتىرلىق مېنزۇركا، 50مىللىلىتىرلىق مېنزۇركا،  100مىللىلىتىرلىق مېنزۇركا، 500مىللىلىتىرلىق مېنزۇركالاردىن _________

ھېساپلاش سۇئالى (11نومۇر)

11. 38%لىق قۇيۇق تۇز كىسلاتا(ρ=1.19g/ml )دىن 1:4 (ھەجىم نىسبىتى) بولغان سۇيۇق تۇز كىسلاتا ئېرىتمىسى تەييارلانغان

(1)سۇيۇق تۇز كىسلاتا(ρ=1.04g/ml )نىڭ ماددا مىقدارى قۇيۇقلۇقىنى ھېساپلاڭ.

(2) تەييارلانغان سۇيۇق تۇز كىسلاتادىن پايدىلىنىپ ،500ml،0.1mol/Lلىق تۇز كىسلاتا ئېرىتمىسى قانداق تەييارلىنىدۇ؟







ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(7)

تاللاش سۇئاللىرى (3تىن جەمئىي 27نومۇر)

1.تۆۋەندىكى ماددىلاردىن ئەركىن ھالەتتىكى خىلور ئىئونىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغىنى(       )

A.سۇيۇق ھالەتتىكى كالىي خىلورىد                    B.سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگىن خىلورىد

C.خىلورلۇق سۇ                                            D.ناترىي خىلورىد ئېرىتمىسىى

2.يېڭىدىن تەييارلانغان خىلورلۇق سۇنىڭ تەركىبىدىكى خىپپوخىلورىد كىسلاتانىڭ قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن،تۆۋەندىكىلەردىن ماس كەلمەيدىغىنى  (              )

A.ئازراقAgNO3 كىرىستالى سېلىش                  B.ئازراق NaHCO3پاراشۇكى سېلىش

C.ئارتۇق مىقدارداCaO قۇشۇش                               D.ئاز مىقداردا CaCO3قۇشۇش

3.خىلور گازىنى بىنەپشە رەڭلىك لاكمۇس سىناق ئېرىتمىسىدىن ئۆتكۈزگەندە كۆرىلىدىغان ھادىسە

A.ئېرىتمە قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ                     B.ئېرىتمە كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ

C.ئېرىتمە قىزىل رەڭ ئىپادىلىمەيدۇ  D.ئېرىتمە ئاۋۋال قىزىل رەڭ ئىپادىلەپ كېيىن رەڭسىزلىنىدۇ

4.بەلگىلىك شارائىتتا،ئاددىي ماددىلارنى بىۋاستە رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئالغىلى بولىدىغىنى  (                    )

A.FeBr3    B.FeCl2       C.CuS        D.FeI3

5.تۆۋەندىكى قاتتىق ماددىلارنى ھىم قاچىغا سېلىپ،ھاۋاسىز مۇھىتتا قىزدۇرغاندا،خىمىيىلىك ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغىنى ھەم سۇۋۇتقاندا ئەسلىدىكى قاتتىق ماددىغا ئايلىنىدىغىنى (         )

A.NH4Cl     B.NH4I    C.碘片       D。红磷

6.بازارلاردا سېتىلىۋاتقان «84»دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنىڭ ماركىسىغابۇ رەڭسىز سۇيۇقلۇق ،ئىشقارلىق خۇسۇىيەتكە ئىگەئىشلەتكەندە سۇ قۇيۇپ سۇيۇلدۇرۇش كېرەكقاچا-قۇچا،كىيىم-كېچەكلەرنى دېزىنفېكسىيىلەيدۇ،رەڭلىك كىيىملەرنى ئاقارتېۋېتىدۇ،دەپ يېزىلغان،ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبى  (                 )

A.Cl2      B.SO2       C.NaClO      D.KMnO4

7.خىلورلۇق سۇغا مۇناسىۋەتلىك بايانلاردىن توغرىسى  (                  )

A.خىلورلۇق سۇ پەقەتCl2 بىلەنH2O نى ئۆز ئىچىگە ئالغان

B.يېڭىدىن تەييارلانغان خىلورلۇق سۇ قىزىل رەڭلىك لاكمۇس سىناق قەغىزىنى ئاۋۋال كۆكەرتىپ ئاخىرىدا رەڭسىزلەندۈرىدۇ

C.خىلورلۇق سۇغا يۇرۇقلۇق چۈشۈرۈلسە گاز كۆپۈكچىلىرى ھاسىل بولىدۇ،بۇ گاز خىلور گازى

D.خىلورلۇق سۇنى ئۇزۇن قۇيۇپ قۇيۇلسا pHكىچىكلەيدۇ،ئاقارتىش خۇسۇسىيىتى يۇقاپ كېتىدۇ

8.ئاقارتىش پاراشۇكى ھەققىدىكى بايانلاردىن توغرىسى  (               )

A.ئاقارتىش جەۋھىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىCa(ClO)2 بىلەنCaCl2

B.ئاقارتىش جەۋھىرى ھاۋادا ئۇزۇن قۇيۇلسا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ

C.ئاقارتىش جەۋھىرى ئېرىتمىدە ئىشقارلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ

D.ئاقارتىش پاراشۇكىنى ئىشلەتكەندە قۇيۇق تۇز كىسلاتا ئىشلىتىلىدۇ

9.ھىدروگىن خىلورىد گازىغا خىلور گازىنىڭ ئارىلاشقان-ئارىلاشمىغانلىنىقىنى ئېنىقلاشتا،قوللىنىشقا بولىدىغان ئۇسۇل  (              )

A.قۇرغاق رەڭلىك لاتىدىن پايدىلىپ ئېنىقلاش  

B.قۇرغاق كۆك رەڭلىك لاكمۇس سىناق قەغىزىدىن پايدىلىپ ئېنىقلاش

C.نەمدەلگەن كىراخماللىق كالىي يودىد سىناق قەغىزىدىن پايدىلىنىپ ئېنىقلاش

D.گازنى كۈمۈش نىترات ئېرىتمىسىدىن ئۆتكۈزۈش

بوش ئورۇننى تولدۇرۇش سۇئاللىرى (23نومۇر)

10.(6نومۇر)ئۆي تېمپىراتۇرىسىدا،ئاددىي ماددا A،B،Cئايرىم-ئايرىم ھالدا قاتتىق ماددا، سارغۇچ يېشىل رەڭلىك گاز،رەڭسىز گاز  بولۇپ،مۇۋاپىق رېئاكسىيە شارائىتىدا،ئۇلار تۆۋەندىكى سىخىمىدا كۆرسىتىلگەندەك رېئاكسىيىلىشىدۇ.يەنەE نىڭ رەڭسىز ئېرىتمە ئىكەنلىكى مەلۇم.تۆۋەندىكىلەرگە جاۋپ بېرىڭ:

















(1)A__________،B_________،C___________،D___________

(2)رېئاكسىيە 1نىڭ خىمىيىۋى تەڭلىمىسى__________________________

(3)رېئاكسىيە 3نىڭ رېئاكسىيە تەڭلىمىسى _________________________

(4)رېئاكسىيە 4نىڭ رېئاكسىيە تەڭلىمىسى ________________________

11.(5نۇمۇر)(1)يېڭىدىن تەييارلانغان خىلورلۇق سۇنى فېنولفىتالىن ئېرىتمىسى تېمىتىلغان سۇيۇق ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسىگە ئاستا-ئاستا تېمىتقاندا ،ئەڭ ئاخىرقى بىرتامچە خىلورلۇق سۇنى تېمىتقاندا ئېرىتمىنىڭ قىزىل رەڭگى تۇيۇقسىز يۇقاپ كەتكەن ،بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل بولىدۇ:

1________________________________________________

2__________________________________________________

(2)ھىم قاچىدا،يېتەرلىك مىقداردىكى بىروم ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى بىلەن تولۇق رېئاكسىيىلەشكەن،تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا بىرومنىڭ پەقەت ى ناترىي بىرومىدقا ئايلانغانلىقى،يۇقۇرى تېمپىراتۇرىدا ى ناترىي بىرومىدقا ئايلانغانلىقىنى ئېنىقلانغان.تۆۋەن تېمپىراتۇرىدىكى رېئاكسىيىنىڭ تەڭلىمىسى________________________________،

يۇقۇرى تېمپىراتۇرىدىكى رېئاكسىيىنىڭ تەڭلىمىسى___________________________.

12.(12نومۇر)تەجرىبىخانىدا خىلور گازى بىلەن تۆمۈر مېتالىنى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق سۇسىز تۆمۈر خىلورىد ئېلىنىدۇ،بۇ بىرىكمە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولۇپ،نەملىكتىن ئاسان يىمىرىلىدۇ،100تا سۇبلىماتسىيىلىنىدۇ.تۆۋەندىكىسى ئىككى ئوقۇغۇچى لاھىيىلىگەن تەجرىبە قۇرۇلمىسى بولۇپ،سولدىكى قۇرۇلما ئوخشاش،لېكىن ئوڭ تەرەپتىكى مەھسۇلاتنى يىغىۋېلىش قۇرۇلمىسى ئوخشىمايدۇ،ئايرىم-ئايرىم ()ۋە ()ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.تۆۋەندىكى سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىڭ.(1)دىكى رېئاكسىيىنىڭ تەڭلىمىسى______________________

(2)دىكى رېئاكسىيىنى باشلاشتىن ئىلگىرى قۇرۇلمىدىكى ھاۋانى چىقىرىۋېتىش لازىم.بۇنىڭ مەشغۇلاتى _________________________________________________.

(3)دىكى رېئاكسىيىنىڭ تەڭلىمىسى_________________________________

(4)قۇرۇلما  ()نىڭ يېتەرسىزلىكى_______________________________

(5)قۇرۇلما ()نىڭ يتەرسىزلىكى___________________________________

ئەگەر بۇ قۇرۇلما ئارقىلىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىلسا،چوقۇم تۈزىتىشكە تېگىشلىك  تەدبىر

___________________________________________________











ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى بويىچە مەخسۇس مەشىق(8)
تاللاش سۇئالى (3تىن جەمئىي 30نومۇر )

1.تۆۋەندىكى گالوگنلار ھەققىدىكى بايانلاردىن توغرىسى  (               )

A.ئۇلارنىڭ ئاددىي ماددىلىرىنىڭ سۇ بىلەن بولغان رېئاكسىيىسىنىڭ ئومۇمىي تەڭلىمىسى X2+H2O=HX+HXO

B. HXسۇدا ئاسان ئېرىيدۇ،ئۇنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى كۈچلۈك كىسلاتا

C. HXئادەتتە NaXبىلەن قويۇق H2SO4نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ

D. F،Cl،Br،Iتەرتىۋى بويىچە ئۇلارنىڭ ئاددىي ماددىلىرىنىڭ ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتى تەدرىجى ئاجىزلايدۇ،ئانىئونلىرىنىڭ ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتى تەدرىجى كۈچىيىدۇ

2.تۆۋەندىكى ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن خاتاسى  (                 )

A.زەررىچىلەرنىڭ رادىئوسى:I- < Br- < Cl- < F-

B.تۇراقلىقلىقى:  >HCl>HF HI>HBr

C.ئوكسىدسىزلاش خۇسۇسىيىتى: I- < Br- < Cl- < F-

D.ئوكسىدلاش خۇسۇسىيىتى:I2 > Br2 > Cl2  > F2

3.ئاستاتىن ئاتوم رەت نومۇرى ئەڭ چوڭ بولغان گالوگىن ئېلېمىنتى ،گالوگىنلارنىڭ خۇسۇىيىتىدىكى دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشكە ئاساسلانغاندا،ئاستاتىن ۋە ئۇنىڭ بىرىكمىلىرىنىڭ خۇسۇىيىتى ھەققىدە ئېيتىلغان بايانلاردىن خاتاسى  (               )

A.ئاستاتىن ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا ئاق رەڭلىك قاتتىق ماددا

B. NaAtنىڭ  سۇيۇقلىنىش نۇقتىسى يۇقۇرى

C.ئاستاتىن سۇدا ياخشى ئېرىيدۇ،كاربون()-خىلورىدتا تەستە ئېرىيدۇ

D. AgAt سۇدىمۇ،سۇيۇق نىترات كىسلاتادىمۇ ئېرىمەيدۇ

4.يود خىلورىد (ICl )نىڭ خۇسۇسىيىتى گالوگىنلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ،ناھايىتى كۈچلۈك خىمىيىۋى ئاكتىپلىققا ئىگە.IClنىڭ Zn،H2Oلار بىلەن بولغان رېئاكسىيىسى تۆۋەندىكىدەك:2ICl+2Zn=ZnCl2+ZnI2 ؛ICl+H2O=HCl+HIO

تۆۋەندىكى بايانلاردىن توغرىسى  (              )

A. Znبىلەن IClنىڭ رېئاكسىيىسىدە ،ZnI2ھەم ئوكسىدلانغان ھاسىلات ھەم ئوكسىدسىزلانغان ھاسىلات

B. Zn بىلەن ICl نىڭ رېئاكسىيىسىدە ، ZnCl2 ھەم ئوكسىدلانغان ھاسىلات ھەم ئوكسىدسىزلانغان ھاسىلات ئەمەس

C. H2O بىلەن ICl نىڭ رېئاكسىيىسىدە ، ICl ھەم ئوكسىدلىغۇچى ھەم ئوكسىدسىزلىغۇچى

D. H2O بىلەن ICl نىڭ رېئاكسىيىسىدە ، ICl ئوكسىدلىغۇچىمۇ، ئوكسىدسىزلىغۇچىمۇ ئەمەس

5. A،B،C،Dدىن ئىبارەت تۆت دانە گاز يىغىۋېلىش بوتۇلكىسىغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا Cl2،H2،HCl،HBrدىن ئىبارەت تۆت خىل گازنىڭ بىرخىلى قاچىلانغان.Dبىلەن Aنى ئارىلاشتۇرۇپ ،يۇرۇقلۇق چۈشۈرگەندە پارتلايدۇ؛BبىلەنA نى ئارىلاشتۇرغاندا بوتۇلكىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك سۇيۇقلۇق تامچىسى ھاسىل بولىدۇ .ئۇنداقتاC غا قاچىلانغىنى  (       )

A.HCl        B.Cl2         C.HBr           D.H2

6.تۆۋەندىكى ئۆزگىرىشلەردىن خىمىيىۋى ئۆزگىرىشكە كىرىدىغىنى   (           )

A.بېنزول ئارقلىق، بىروملۇق سۇدىن بىرومنى ئېكىستىراكىتلاش

B.ھىدروگىن فىتورىد ئارقىلىق ئەينەكنى ئويۇش

C.يودنىڭ سۇبلىماتسىيىلىنىشى      D.  يودتىن يود تىنىكتۇرۇسى ئېلىش

7.سۇيۇق بىروم قاچىلانغان بوتۇلكىغا ئازراق سۇ قۇيۇپ قۇيۇشتىن مەقسەت  (            )

A.بىروملۇق سۇ ئېلىش                                  B . ھاۋادىن ئايرىۋېتىش    

C.سۇيۇق بىرونىڭ ھورلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

D.سۇيۇق بىروم بىلەن سۇنىڭ زىچلىقىنى سېلىشتۇرۇش

8. A،Bئىككى ئېرىتمىنى ئۆزئارا ئارىلاشتۇرغاندا سېرىق رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولغان.Aدىن HClگازىنى ئۆتكۈزگەندە ،سۇيۇق نىترات كىسلاتادا ئېرىمەيدىغان ئاق رەڭلىك چۆكمە ھاسىل بولغان،Bغا خىلورلۇق سۇ تېمىتقاندا ،بېغىر رەڭلىك ئېرىتمە ھاسىل بولغان،ئۇنداقتاA،B لار ئايرىم-ئايرىم ھالدا (      )

A.AgNO3 H3PO4              B. AgNO3 NaBr

C. AgNO3 Na2S              D. AgNO3 KI

9.تۆۋەندىكى ماددىلاردىن كىراخمال ئېرىتمىسىنى كۆك رەڭگە ئۆزگەرتەلەيدىغىنى (          )

A.كالىي يودىد ئېرىتمىسى           B.خىلورلۇق سۇ قوشۇلغان كالىي يودىد ئېرىتمىسى

C.خىلورلۇق سۇ قوشۇلغان كالىي بىرومىد ئېرىتمىسى        D.يود تىنىكتۇرىسى



ئەكبەرنىياز 2013-05-18 15:09
بەك ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللىغىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇشالمەن ، كۆپ رەھمەت !!!

ئەنۋەرچەرچەن 2013-06-22 17:15
كەڭ كەسىپداشلارنىڭ تارتىنماي پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.باشقىلارنىڭمۇ تەبىئىي پەنگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللىرى بولسا ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن.


查看完整版本: [-- ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نۇقتىلىرى (خىمىيە) --] [-- top --]


Powered by phpwind v8.7 Code ©2003-2011 phpwind
Gzip enabled