查看完整版本: [--
«ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش نىزامى»
--]
تەۋپىق مۇنبىرى
->
قانۇن-نىزاملار
->
«ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش نىزامى»
[打印本页]
登录
->
注册
->
回复主题
->
发表主题
tutya
2010-07-22 22:46
«ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش نىزامى»
«ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش نىزامى»
گوۋۇيۇەن 2007-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆكۈزۈلگەن 198-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىزامنامە 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
1- ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش ھۇقۇقىنى قوغداش، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، ئەمگەك قانۇنى ۋە مەمۇرىلار قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.
2- ماددا ئورگان، كوللىكتىپ، كارخانا، كەسپى ئورۇن، پۇقراۋى كارخانىلار، ئىشى .ئشلىتىدىغان يەككە سودا سانائەتچىلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىلا يىللىق ئارام ئېلىشتىن (تۆۋەندە قىشقارتىلىپ يىللىق ئارام ئېلىش دەپ ئاتىلىدۇ) بەھرىمان بۇلۇدۇ. ئورۇنلار ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىشغا چۇقۇم كاپالەتلىك قىىلىشى كېرەك. ئىشچى خىزمەتچىلەر يىللىق ئارام ئېلىش مەزگىلىدە نورمال خىزمەت قىلغانغا ئوخشاش مائاش كىرىمدىن بەھرىمان بۇلۇدۇ .
3- ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇمۇمىي خىزمەت قىلغىنىغا 1يىلدىن يۇقىرى 10يىلدىن تۆۋەن بولسا، 5كۈن يىللىق ئارام ئالىدۇ؛ 10يىلدىن يۇقىرى 20 تۆۋەن بولسا، 10كۈن يىللىق ئارام ئالىدۇ؛ 20يىلدىن ئاشقان بولسا ،15كۈن يىللىق ئارام ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئارام – دەم ئېلىش كۈنلىرى يىللىق ئارام ئېلىش ۋاقتىغا قۇشۇپ ھىسابلانمايدۇ.
4- ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەر تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللاردا يىللىق ئارام ئېلىشتىن بەھرىمان بولمايدۇ؛
(1) ئىشچى خىزمەتچىلەر قانۇن بويىچە يازلىق، قىشلىق تەتىل ئارائېلىشتىن بەھرىمان بولغان بولۇپ، ئارام ئالغان كۈنى يىللىق ئارام ئېلىش كۈنىدىن كۆپ بولغان بولسا؛
(2) ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 20كۈندىن يۇقىرى ئىدارە بەلگىلىمە بويىچە مائاشىنى تۇتۇپ قالمىغان بولسا؛
(3) خىزمەت قىلغىنىغا 1يىلدىن ئاشقان 10يىلغا توشمىغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ، كېسەل رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 2ئايدىن يۇقىرى بولسا؛
(4) خىزمەت قىلغىنىغا10يىلدىن ئاشقان 20يىلغا توشمىغان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ، كېسەل رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 3ئايدىن يۇقىرى بولسا؛
(5) خىزمەت قىلغىنىغا20يىلدىن ئاشقان ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ، كېسەل رۇخسىتى ئالغان ئۇمۇمىي كۈنى 4ئايدىن يۇقىرى بولسا؛
5-ماددا ئورۇنلار ئىشلەپ چىقىرىش، خىزمەتنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەم ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ رايىنى ئويلۇشۇپ، ئىشچى خىزمەتچىلەرنى بىرتۇتاش يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرسا بۇلۇدۇ، يىللىق ئارام ئېلىش بىريىل ئىچىدە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرلسا، بۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرلسا بۇلۇدۇ، ئادەتتە يىل ئاتلىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ.
ئورۇن ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، يىللىق ئارام ئېلىشقا ئورونلاشتۇرمىسا بۇلۇدۇ. ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىشقا تىگىشلىك كۈن سانىغا قارتا، ئورۇن شۇ ئىشچى خىزمەتچىنىڭ كۈندۈلۈك مائاشىنىڭ 300% بويىچە يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققى بىرىشى كېرەك.
6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرىنىڭ كادىرلار تارماقلىرى، ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى خىزمەت ھۇقۇقى بويىچە، ئورۇنلارنىڭ بۇنىزامنامىنى ئىجراقىلىش ئەھۋالىنى تەشەبۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىشى كېرەك.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇن بويىچە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش ھۇقۇقىنى قوغداشقا تەشكىللەيدۇ.
7-ماددا ئورۇن ئىشچى خىزمەتچىلەرنى يىللىق ئارام ئېلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرمىغان ھەم بۇنىزام دىكى بەلگىلىمە بويىچە يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققى بەرمىگەن بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۈكۈمەتلىرىنىڭ كادىرلار تارماقلىرى ياكى ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى خىزمەت ھۇقۇقى بويىچە ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ۋاقىت توشسىمۇ ئۆزگەرىتمىگەنلەرنى يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققى بىرىشكە بۇيرىغاندىن سىرىت، ئورۇننى ئىشچى خىزمەتچىلەرگە يىللىق ئارام ئېلىش مائاش ھەققىنىڭ سوممىسى بويىچە قۇشۇپ تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ، مەمۇرى ۋە مەمۇرىلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلدىغان خادىملار تۇرۇشلۇق ئورۇنلار بولسا، بىۋاستە مەسئۇل بولىدىغان باشقۇرغۇچى خادىملارغا ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە جازا بىرىلىدۇ؛ باشقا ئورۇنلارغا تەۋەبولسا ئەمگەك كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ، كادىرلار تارماقلىرى ياكى ئىشچى خىزمەتچىلەر خەلىق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجراقىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
8- ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن ئورۇن ئوتتۇرسىدا يىللىق ئارام ئېلىش سەۋەبىدىن ماجرا كىلىپ چىقسا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ،مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
9-ماددا گوۋۇيۇەن كادىرلار تارماقلىرى، گوۋۇيۇەن ئەمگەك كاپالەت تارماقلىرى خىزمەت ھۇقۇقى بويىچە، بۇنىزامنىڭ يولغا قۇيۇش چارىسىنى ئايىرىم تۈزۈيدۇ .
10-ماددا بۇنىزام 2008-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ.
مەنبە؛
tanhaburkut.blogbus.com
yadekar
2010-08-01 21:30
مىنڭچە بۇ قۇرۇق گەپ ئارم ئىلىش تۇرماق ھەتتا تەتىللىرىمىزمۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى قىسقا مۇددەتلىك كۇرۇسلار بىلەن ئىگەللىنىپ يوق بولىۋاتسا . مانا ھازىر بىز نىڭ مەكتىۋىمىزدە 100نەپەر ئوقوتقوچى بار . خوتەن مائارىپ ئىنىستۇتىدا، سىفەن مەكتىۋىدە ، گۇمىدا بولوپ مەكتىمىزنىڭ كۈندىلىك ئامانلىق قوغداش ھىساۋىدا قالدۇرۇلغىنى 12نەپەر. خاتىرجەم تەتىل قىلىپ ئارام ئىلىۋاتقىنى يوق. سىزنىڭچە ئارام ئىلىش تەتىل دىگەنلەر ھازىر ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاۋىىتپتىمۇ؟
tawpek
2010-08-01 21:37
3- ماددا ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇمۇمىي خىزمەت قىلغىنىغا 1يىلدىن يۇقىرى 10يىلدىن تۆۋەن بولسا، 5كۈن يىللىق ئارام ئالىدۇ؛
بۇنىڭغا قارىغاندا بىز ئوقوتقۇچىلار يەنىلا شۈكرى دىسەك بولغۇدەك جۇمۇ.
akram
2010-08-18 13:24
بىلۋالدوق
yingiyoloqi
2010-10-18 18:03
ئاستا-ئاستا ئەمىللىشىۋاتىدۇ ...........
tawpek
2010-10-18 20:30
引用第4楼yingiyoloqi于2010-10-18 18:03发表的 : [ئىپادە] ئاستا-ئاستا ئەمىللىشىۋاتىدۇ ...........
ۋاي تاڭ جۇمۇ، بارغانسىرى چەكتىن ئىشىپ كىتىپ بارىدۇ.
ھەرنىمە بولسا كىچىنى قوشوپ يارتىپتىكەن.
ئۇيغۇرجان
2010-10-23 23:29
مەن تازا گاڭگىراپ قالىۋاتىمەن جۇما...........................................
tawpek
2010-10-25 21:04
باشقا تىلدا يىزىلغان يازمىنى كۆرگەن ھامان خەۋەر قىلىڭ.
كىيۇ كىيۇ 136257746
تىلفۇن: 13399792951
tawpek
2010-10-26 14:35
باشقا تىلدا يىزىلغان يازمىنى كۆرگەن ھامان خەۋەر قىلىڭ.
كىيۇ كىيۇ 136257746
تىلفۇن: 13399792951
ئەكبەرنىياز
2012-12-12 00:04
بۇ تۈزۈم ئىنتايىن ياخشى ئىكەن . ئەمما ئىجرا قىلىنىشىمۇ ياخشى بولسا بولاتتى !!!
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت تۇتىيا ئەپەندىم ، ھارمىغايسىز !!!
قاراخان
2014-02-24 22:29
بۇ يىلقى قىشلىق تەتىلمۇ ئۇنى بۇنى قىلىپ تۈگەپ كەتتى مانا، ئالغان ئارامنىڭ تايىنى يوق!
查看完整版本: [--
«ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئارام ئېلىش نىزامى»
--] [--
top
--]
Powered by
phpwind
v8.7
Code ©2003-2011
phpwind
Gzip enabled