3-قىسىمدىن ئىمتىھان سۇئالى لالە118
I. جاۋابنى تاللاش سوئالى: :( پەقەت بىرسىلا سۇئالنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن سىز توغرا دەپ قارىغان سۇئالنىڭ ھەرىپ بەلگىسىنى تاللاپ جەدۋەلگە يېزىڭ ) (2نۇمۇردىن جەمىئىي20 نومۇر)
1. «دولان ياشلىرى» دىكى كەنجىنى مىللىي مەدەنىيەتتىن ياتلاشتۇرۇپ، « ياۋايى تەبىئەتلىك ئادەم» گە ئايلاندۇرۋەتكەن نەرسە:
A. ئاسىدەگە بولغان مېھرى- مۇھەببىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى
B. ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۇنى دولان ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىشكە زورلىشى
C. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىكى خاتا- ساختا ئەقىدىلەر
D. كەنجىنىڭ مەتياغا بولغان خاتا چۈشەنچىسى ۋە ئۆچلۈكى
2. « مانا بۇ قورقۇنچلۇق قىيقاس- چوقان، ۋەھىمىلىك خەۋەر كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا چوگىر، مۇز تاغ، خانتەڭرى چوققىلىرىدىن ھالقىدى.» دېگەن جۈملىدە قوللىنلغان ئىستىلىستكىلىق ۋاستە.
A. سۈپەتلەش، ئوخشتىش
B. مۇبالىغە، ئوخشتىش
C. سۈپەتلەش، مۇبالىغە
D. جانلاندۇرۇش، ئوخشتىش
3. «نېچە زەرۇرت ئارا قالغان چاغى، چىن دېمەس ئەرسەڭ، دېمە يالغان داغى» دېگەن مىسرادا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنى توغرا ئېيتىپ بېرەلىگىنى:
A. ئۆزۈڭگە پايدىلىق دەپ قارىساڭ، سۆزلىمىسەڭمۇ بولىدۇ.
B. راست گەپ قىلىش، ھەرگىزمۇ يالغان سۆزلىمەسلىك.
C. ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇش، پەزىلەتنى ئۆزىگە يار قىلىش.
D. ئادەمنىڭ قانداقلىقى، مىجەز- خۇلقى ئۇنىڭ سۆزىدىن ئايان بولىدۇ.
4. ئەلشىر نەۋائىينىڭ « ئەدەپ- ئەخلاق توغرىسىدا » ناملىق شېئىرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ:
A. غەزەل شەكلىدە يېزىلغان.
B. مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان.
C. مۇرەببە شەكلىدە يېزىلغان.
D. مۇسەددەس شەكلىدە يېزىلغان.
5. « ئۇش تۈگەتتىم بۇ كىتابنى، ئەي يارەنلەر، ئەر يۈزى» دېگەن مىسراغا ئالاقىدار ئېيتىلغان قاراشلاردىن خاتاسى:
A. بۇ مىسرا لۇتفىنىڭ غەزىلىدىن ئېلىنغان.
B. بۇ مىسرا رەبغۇزىنىڭ غەزىلىدىن ئېلىنغان.
C. بۇ مىسرادىكى « كىتاب»- « قىسسەسۇل ئەنبىيا» نى كۆرسىتىدۇ.
D. بۇ مىسرادىكى « ئۇش» دېگەن سۆزنى « بۈگۈن، ھازىر، ھازىرلا» مەنىسىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ.
6. « پارىژغا ساياھەت» ناملىق ئەسەردە بىر قەدەر تەپسىلىي يېزىلغان ۋەقەلەرنى توغرا ئېيىتىپ بېرەلىگىنى:
A. سېنا دەرياسى، سىنا دەرياسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرى
B. زدپەر دەرۋازىسى، زەپەر دەرۋازىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى
C. سېنا دەرياسى، بۈۋى مەريەم چېركاۋا
D. قىزىنىڭ تىزىغا قايناق سۇ تۆكۈۋېلىشى، فىرانسىيەلىك ئايالدىن يول سوراش
7. شىمپەنزە بالىلىرىنىڭ يوپۇرماقلارنى چايناپ ئالقىنىدىكى سۇغا چىلاپ ئوينىغانلىقى:
A. كەلگۈسى ئۈچۈن ماھارەت يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن.
B. ھېچقانداق مەقسەت- مۇددىئا يوق
C. قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن.
D. جەڭ ماھارىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن.
8. ئېينىشتىيىننىڭ ئۈستىلىدە تاماملانماي قالغان قوليازمىسىنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلىگىنى:
A. ئالەمنىڭ تارتىش كۈچى.
B. ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى.
C. بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزەرىيەسى.
D. ئېلېكترونلۇق تېزلەتكۈچ نەزەرىيەسى.
9. قۇشلارنىڭ قۇيرۇقىنىڭ رولىنى توغرا ئېيتىپ بېرەلىگىنى:
A. قۇشلارنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ بېرىش.
B. قۇشلار ئۇچقاندا ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى يېڭىش.
C. قۇشلارنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ھەركىتىنى كونترول قىلىش.
D. قۇشلار ئۇچقاندا، بەدىنىنىڭ تەكشىلىكىنى ساقلاپ بېرىش.
10. « ھەربىر ئادەم ئۆزىدىن چوڭلارغا خىزمەت قىلىش، ئۆزىدىن كىچىكلىرىگە مېھىر- شەپقەت كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن مىسرالاردا:
A. «ئۆزىنى سورىغان شەھەر ئاپتۇ» دېگەن پىكىر ئىپادىلەنگەن.
B. بۇ مىسرالاردا بەلگىلەش ئالماشتىن بىرىسى، ئۆزلۈك ئالماشتىن ئىككىسى بار.
C. شېئىرىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىدىن سېلىشتۇرۇش قوللىنىلغان.
D. ئاق كۆڭۈل ئادەمنىڭ چوڭلار بىلەن كىچىكلەر ئارىسىدا جاپا تارتىدىغان ئەھۋالى ئىپادىلەنگەن.
II. بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ.(1دىن جەمىئىي 15 نۇمۇر بېرىلىدۇ)
1.–مەن بىلىمەن،-دېدى ئۇ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ،- ناخشا بىلەن ئۇسسۇلنى يامان كۆرىدىغان ئادەم مەھەللىمىزدە يالغۇز بىرسىلا! سىز ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭ، ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىكى يوق....» دېگەن جۈملىدىكى دىيالوگ( ) نىڭ سۆزى بولۇپ: « ناخشا –ئۇسسۇلنى يامان كۆرىدىغان» كىشى ( ) . بۇ دىيالوگ( )نىڭ ( ) ئەسىرىدىن ئېلىنغان.
2. «- ئەي تېگە پەس، ئىپلاس! شاھىمىز ئالدىدا قىلغان ۋەدەڭگە ئەمەل قىلمىدىڭ، بىزنى ئالدىدىڭ...» بۇ پارچە ( ) ناملىق ئەسەردىن ئېلىنغان. ئاپتورى( ). پارچىدىكى « ۋەدە بەرگۈچى» ( ).
3. ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىملار ھايۋانلارنىڭ ئويناش شەكلىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى ( ) ئويناش ۋە ( ) ئويناش، ( ) ئويناش دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلگەن.
4. شەيئىلەرنىڭ ۋە ھەركەتنىڭ ( ) نى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى مىقدار دەپ ئاتىلىدۇ.مىقدارلار باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىش خۇسۇسىيىتىگە قاراپ( ) مىقدارى،( ) مىقدارى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
5. رەۋىشلەر جۈملىدە ئىسىمغا بېقىنىپ ( ) ۋەزىپىسىدە،( ) بېقىنىپ ھالەت ۋەزىپىسىدە كېلىدۇ.
III. ئۇيغۇر تىلى باغچىسى:
1. تۆۋەندىكى ئالماشنىڭ قايسى تۈردىكى ئالماش ئىكەنلىكىنى ئايرىپ يېزىڭ.(0.5 تىن 10 نۇمۇر)
قانداقتۇر، ئۆزۈم، بۇ، كىم، ئۆزلىرى، ھەممە، ھېچ يەرگە، مەن، ئاللىقاياقلار، سەن، ئاۋۇ، قانداق، ھەرجاي، ھېچقانداق
شەخىس ئالماشلىرى: بەلگىلەش ئالماشلىرى:
كۆرسىتىش ئالماشلىرى: بولۇشسىز ئالماشلىرى:
سوئال ئالماشلىرى: ئېنىقسىز ئالماشلىرى:
ئۆزلۈك ئالماشلىرى:
2. تۆۋەندىكى پېئىللارنىڭ شەخسىز پېئىلنىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدىغانلىقىنى ئايرىپ يېزىڭ.
ئوقۇغان، ئۇقۇغانسېرى، سىزمايدىغان، يېزىپ، ئوقۇش، ئۆگىنىش
ئىسىمداش:
سۈپەتداش:
رەۋىشداش:
IV. سۇئاللارغا جاۋاب بىرىڭ:
1. «320 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ تۆمۈر مۇنار بۈگۈنكى كۈندە پارىژنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغانىدى...7000 توننا پولات سەرپ قىلىنغان بۇ غايەت زور تۆمۈر مۇنارنىڭ ئىككىنچى پەشتىقىنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 115 مېتىر بولۇپ، بۇ يەردىن پارىژ شەھىرنىڭ مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولاتتى.» (3دىن 15 نومۇر)
تەلەپ:
1) بۇ پارچىدا تىلغا ئېلىنغىنى قايسى تۆمۈر مۇنار.
2) پارچىدا نېمىشقا بۇنداق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلىتىدۇ؟ بۇنىڭ رولى بارمۇ؟
3) جۇڭگونىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشى قايسى؟ شىنجاڭنىڭچۇ؟
4) بۇ پارچە كىمنىڭ قايسى ئەسىرىدىن ئىلىنغان.
5) بۇ پارچە ئېلىنغان كىتاب قايسى؟
2. « كىچىكىدىن تارتىپ ئاچ-توق، يېلىك- يوپۇق ئۆسكەن، قىشتا مۇزلاپ، يازدا كۆيۈپ چېنىققان، كۈرمىڭ مۇشەققەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن، ئىرادىسى قەيسەر، قوقماس، باتۇر شىراق ھېلىمۇ چىشىنى چىشلەپ، ھەممىگە بەرداشلىق بېرىپ، سەپنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. ائۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىماقتا: ۋەتەنپەرۋەر ئەجدادلىرىمىز، شىر يۈرەك خاقانلىرىمىز زامان- زامانلاردىن بېرى بىزلەرگە ئاتا مىراس بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ تۇران زېمىنىنى يات- يېغىلارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىدىن باتۇرلۇق بىلەن قوغداپ كەلگەن....ئاھ ۋەتىنىم! ئوغۇزلىرىم، ساكلىرىم، ساكلىرىم! خاتىرجەم بولۇڭلار، ئەمدى سىلەرگە خەۋپ- خەتەر يېتىپ بارالمايدۇ.»
(3دىن 15 نۇمۇر بېرىلىدۇ.)
1) بۇ پارچىدىن شىراقنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟
2) بۇ پارچىدە ئاپتۇرنىڭ شىراققا بولغان قانداق ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن؟
3) شىراقنىڭ شۇقەدەر جەسۇر قىلىپ يېتىلدۈرگەن نەرسە نېمە؟
4) شىراقنىڭ شەخسىيەتسىز خارەكتىرىنى بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا قانداق جارى قىلدۇرىمىز؟
5) يۇقىردىكى پارچىدە پىرسوناژنىڭ قايسى تەسۋىرى قوللىنىلغان؟
V. يېزىقچىلىق تەلىپىنى ئورۇنداڭ.
تەلەپ: 1) « ئىناقلىق ھەققىدە» بىر پارچە مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىڭ .دوستلۇق، ئىناقلىقنىڭ رولى، ئەھمىيىتى بايان قىلىنغان بولسۇن. 2) كۆز قاراش ئېنىق، ئابزاسلىرى ئايرىلغان، سۆز-جۈملىلىرى راۋان، باش- ئاخىرى ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. 4) خەت شەكلى چىرايلىق، ئىملاسى توغرا، مۇۋاپىق جايلىرىغا تىنىش بەلگىلىرى قويۇلغان بولسۇن.35 نۇمۇر بېرىلىدۇ.
|